• 2010-06-05

    ئوخشاش تارىخىي نەزەردە يېزىلغان ئىككى بۈيۈك ئەسەر

    ‹‹ قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› ۋە ‹‹پارما مۇناستىرى››رومانلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما مۇلاھىزە ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن كۆپلىگەن كىتابخان كلاسسىك ئەسەر ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››نى ئوقۇغان، ئەمما فرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى ستېندالنىڭ ‹‹پارما مۇناستىرى›› رومانىنى ئوقۇمىغان بولۇشى مۇمكىن. ‹‹قىزىل ۋە قارا›› بىلەن قوشكېزەك بۇ ئەسەر ستېندالنىڭ تەنقىدىي رېئالىزم ئۇسلۇبىدىكى يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى. ئۇنىڭدا ۋاتېرلو جېڭىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى 20 يىللىق تارىخ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. ئاپتور ياش ئاقسۆڭەك فابلىسنىڭ زىددىيەتلىك قەلبى، ئۇنىڭ ئەگرى – توقاي مۇھەببەت سەپىرى ۋە ھاياتىدىكى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى يارقىن تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەينى دەۋردىكى ئىتالىيە، فرانسىيە، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىنى ئەينەكتە كۆرسەتكەندەك نامايان قىلغان. فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمگە بولغان تەنقىد نۇقتىسىدا شەرقلىق سەنئەتكار ساۋ شۆچىن بىلەن غەربلىك سەنئەت ئۇستازى ستېندالنىڭ ئىجادىيىتى ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىققا ئىگە. ئوخشاش تارىخىي نەزەردە يېزىلغان بۇ ئىككى بۈيۈك ئەسەر ئىدىيە ۋە مەزمۇن جەھەتتىن مەھكەم جىپسىلىشىپ، فېئودالىزمنىڭ ماتەم كۈيىنى بىرلىكتە ياڭراتقان. ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› فېئودالىزمنىڭ چۈشكۈن دەۋرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى. ‹‹پارما مۇناستىرى›› فېئودالىزمنىڭ قايتا تىرىلىشقا جانسىز ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نامايەندىسى. ھەر ئىككى ئەسەرنىڭ بېشارەتلىك خۇسۇسىيىتى تولىمۇ روشەن. خۇددى ئېنگلىس ئېيتقاندەك: ‹‹بىر خىل يېڭى ئىلگىرىلەش بىز مۇقەددەس بىلگەن بەزى كونا سەنەمنىڭ قەبرىسىگە دەسسەپ ماڭىدۇ››. ئىككى روماننىڭ ئورتاق نۇقتىسى دەل مۇشۇ يەردە! ئاقسۆڭەكلىك خۇسۇسىيەتنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىشى ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››نىڭ باش قەھرىمانى جيا باۋيۈ بىلەن ‹‹پارما مۇناستىرى››نىڭ باش قەھرىمانى فابلىس فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تىپىك ئەۋلادى. لېكىن ئۇلار فېئوداللارنىڭ نەق ئۆزى بولماستىن، ئۆزگىرىۋاتقان فېئودال ئاقسۆڭەكلەردۇر. نېمە دېگەن بىلەن، ئۇلاردا زامانغا يارىشا ئىدىيە، يېڭى جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەلۇم ئىنتىلىش ئامىللىرى بار. جيا باۋيۈ ئاپتورنىڭ خىيالىي دۇنياسىدىن يۇغۇرۇلغان تىپىك پېرسوناژ. ساۋ شۆچىننىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن بۇ پېرسوناژ ئاپتورنىڭ قايغۇ – ھەسرىتى، خىيالى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ھاپاشلىغان پېتى جۇڭگودىكى فېئوداللىق قەسىرلەرنىڭ 2000 يىللىق قېلىن تاملىرىغا بەنت بولغان ھالدا پىغانلىق ياشلىرىنى تۆككەچ ياشايدۇ. رۇڭگۇ قەسىرىنىڭ قېلىن تاملىرى تاشقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى قەسىر ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ. نەتىجىدە جيا باۋيۈنىڭ يۈرىكى قەسىردىكى تېتىقسىز تۇرمۇشتىن قاتتىق سىقىلىدۇ. ئۇ ھاياتىدا قانداقتۇر بىرەر ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىدۇ. رۇڭگۇ قەسىرى بىلەن ‹‹پارما مۇناستىرى››دىكى تۇرمۇش بىر – بىرىگە نەقەدەر ئوخشىشىپ كەتكەن – ھە! رۇڭگۇ ئېسىلزادىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك قەسىرى. ئۇ يەردە ياشىغۇچىلار خاننىڭ تۇغقىنى بولغاچقا، مەئىشەتلىك تۇرمۇشتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ. مانا شۇنداق ئالاھىدە شارائىتتا ئۆسكەن جيا باۋيۈنىڭ توققۇزى تەل بولۇپ، چوڭ – كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئۆگىتىپ قويغان. شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭدا رېئاللىقتىن قاچىدىغان، رېئاللىق بىلەن پات – پات توقۇنۇشۇپ قالىدىغان، خام خىيالغا باي، ئېھتىياتچان خاراكتېر شەكىللەنگەن. بۇنداق غەيرىي خاراكتېر ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىكى يېڭىلىق بىلەن زۇلمەتلىك رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. فابلىسنىڭ كەچمىشلىرى جيا باۋيۈنىڭكىگە ئوخشاش رومانتىك ھەم سېھرىي تۈسكە باي، يەنە كېلىپ ئۇمۇ ئاقسۆڭەكنىڭ بالىسى. ئۇ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي دەۋرىدە تۇغۇلغان، ‹‹ئۇنىڭ پىشانىسىگە ماركىز دېل دونگونىڭ ئىككىنچى بالىسى بولۇش پۈتۈلگەن››. ئەينى چاغدا فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى بىلەن ماركىز دېل دونگو خانىمى ۋە سىڭلىسى بىلەن قەلئەگە بېكىنىۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە ماركىزنىڭ سىڭلىسى ئاكىسىنىڭ دۈشمىنى بىلەن توي قىلىدۇ. ماركىز خانىممۇ فرانسۇز ئوفىتسېرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، نەتىجىدە يېڭى بىر جان فابلىس دۇنياغا كېلىدۇ. ئەسلىدىنلا ئاسىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان فابلىس گەرچە ئاقسۆڭەكنىڭ بالىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىشانىسىگە ئوخشىمايدىغان بىر تەقدىر پۈتۈلگەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەشەمەتلىك ئاقسۆڭەك قەسىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭغا ئىزچىل تەسىر قىلسىمۇ، ھۆرلۈككە تەشنا مىجەزى غالىب كېلىپ، ئىتالىيانلارنىڭ ھەشەمەتلىك قەسىرى، پايانسىز دالا ئۇنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىۋالىدۇ – دە، فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ جەڭگاھلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىدىكى ئورتاقلىقلار فېئودالىزمنىڭ ئېغىر كىشەنلىرى باش قەھرىمانلارنى ئۆز ئىسكەنجىسىدە مەھكەم قىسىپ تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختاۋسىز يۇلقۇنۇپ، تىنماي ھەرىكەتلىنىدۇ. جيا باۋيۈ دادىسى ۋەكىللىكىدىكى فېئودال ئەخلاقنىڭ ئاسارىتىگە مەھكۇم، فابلىس فېئودالىزمغا ئەشەددىي سادىق تۇغقانلىرىنىڭ ۋەھشىيانە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. جيا باۋيۈنىڭ دادىسى فېئودالىزمنىڭ سادىق مۇرىتى بولۇپ، ئىنتايىن شەخسىيەتچى ئادەم. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى فېئودال ئەخلاق – قائىدىلەرنى ئەمىر – مەرۇپ قىلىش بولۇپ، ئەمەلدارلىقنىمۇ تۈزۈك قاملاشتۇرالمايدۇ. جيا قەسىرى ئەيش – ئىشرەت ۋە مەئىشەت بىلەن زىيادە چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلۈككە پاتقان بىر دۇنيا بولۇپ، جيا باۋيۈنىڭ پىشانىسىگە بەختسىز بەگزادىلىك پۈتۈلگەن. 60تىن ئارتۇق چۆرە – دېدەك ئۇنىڭغا خۇددى سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ جيا قەسىرىنىڭ شانۇ – شەۋكىتى بارغانسېرى توزۇشقا باشلايدۇ، زاۋاللىق تۇمانلىرى يېقىنلاشقان مۇشۇنداق پەيتتە، جيا باۋيۈمۇ فېئوداللىق كىشەنلەرنى قەتئىي ئۈزۈش قارارىغا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كېيىنكى مۇھىتنىڭ باش قەھرىماننى قسىتىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇقەررەر رېئاللىق ئىدى. فابلىسنىڭ ھاياتى جيا باۋيۈگە ئوخشاش بىرلا قەسىرگە مەھكۇم قىلىنمىغان. جياباۋيۈنى قىينايدىغىنى ھاياتتىكى تېتىقسىزلىق، يەڭگىلتەكلىك ھەم كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان شەكىلسىز بويۇنتۇرۇق. فابلىس ھاياتنىڭ تۈرلۈك كۈلپەتلىرىنى راسا تېتىغان. ئۇنىڭ دادىسى ماركىز دېل دونگو جاھىل فېئودال ئاقسۆڭەك بولۇپ، يېڭى ئىدىيە ھەم فرانسىيە ئىنقىلابىغا چىش – تىرنىقىغىچە ئۆچ، مال – مۈلكى ھەم ھاياتى بەدىلىگە ئىمتىيازى بىلەن مەنپەئىتىنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلاردىن. ئۇنىڭچە بولغاندا ئاچ كۆزلۈك، رەھىمسىزلىك، شەخسىيەتچىلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاق. ئۇنىڭ ۋارىسى كىچىڭ ماركىز ئاسكانىئومۇ دادىسى بىلەن بىر قېلىپتا بولۇپ، دادىسىغا ئوخشاش سۈيىقەست، رەزىللىكتىن ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈمىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان شەخس. فابلىس ھاممىسىغا ئەگىشىپ تالاي مۈشكۈلاتنى باشتىن كەچۈرىدۇ. قەلئەدىكى ئۆيىدىن تارتىپ كاپىتالىزم بىخلىنىۋاتقان ئىتالىيان قەسىرلىرىگىچە، فرانسىيە فېئودالىزمى بىلەن بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ مەيدانلىرىغىچە سەرسان – سەرگەردانلىق، پادىشاھلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردىسى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كاتتا مېھمانسارايلىرى، قەلئەدىكى تۈرمە، چېركاۋدىكى ئېپىسكوپلۇق ھاياتى قاتارلىقلاردا فابلىسنىڭ بېشىدىن تۈرلۈك – تۈمەن قىسمەت ئۆتىدۇ. بۇلار ياۋروپانىڭ 18 – ئەسىردىكى جانلىق كارتىنىسى، ئەلۋەتتە. ئىككى قەھرىماننىڭ ھايات كەچمىشلىرى جان تالىشىۋاتقان فېئودالىزمنىڭ غالجىرلىقلىرىنى ھەم يېڭىلىق ئالدىدىكى ئامالسىز ھالىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مۇھەببەتتىكى ئەگرى – توقاي قىسمەتلەر ھەر ئىككى روماننىڭ باش قەھرىمانى ئوخشاشلا ئەركىن مۇھەببەتنى ئىزدەيدۇ. مۇھەببەت ھەر ئىككىلا ئەسەردە سۇژىتنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىنغان. ئەركىن مۇھەببەت يولىدىكى ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق بىر خىل دېموكراتىك تەلەپنىڭ ئىنكاسى. باش قەھرىمانلارنىڭ ئەركىن سۆيگۈ يولىدىكى كۈرەشلىرى تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمگە ئۇرۇلغان پەشۋا بولۇپ، فېئوداللىق ئەخلاقىي – نىزاملارغا نىسبەتەن ئوچۇق – ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان قەست ھېسابلىنىدۇ. جيا باۋيۈنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ناھايىتى پاك، ئەركىن ئىنسان. شۇڭا ئۇ ئاياللار دۇنياسىدا ياشاشنى ياقتۇرىدۇ. ئۇ چىقىشقاق، مۇلايىم بەگزادە بولغاچقا، تاشقى دۇنيادىن خالىي قەسىرگە بەنت بولغان دىدەك – چۆرىلەر ئۇنىڭغا تەبىئىيلا مەھلىيا بولىدۇ.جيا باۋيۈمۇ خۇددى فابلىسقا ئوخشاش يەڭگىلتەك سۆيگۈدىن چىن سۆيگۈگە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇ لىن دەييۈنى ئۇچراتقانغا قەدەر شياڭ يۈن، باۋچەي دېگەندەك قىزلارغا مەھلىيا بولۇپ باققان. لىن دەييۈ جيا باۋيۈگە ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ سېھرىي كۈچىنى قايتا ھېس قىلدۇرىدۇ، لىن دەييۈ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جيا باۋيۈنىڭ باۋچەي بىلەن توي قىلىشىنى ھەرگىزمۇ روھنىڭ قوشۇلۇشى ياكى پاك سۆيگۈنىڭ ۋىسالغا يېتىشى دېگىلى بولمايدۇ. جيا باۋيۈ بىلەن لىن دەييۈنىڭ مۇرادىغا يېتەلمەسلىكى ئەركىن مۇھەببەتنىڭ فېئوداللىق ئەنئەنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جيا باۋيۈ بىلەن باۋچەينىڭ كۆڭۈلسىز تويى فېئودالىزمنىڭ يېڭى كۈچلەر ئالدىدىكى غالجىرانە تىپىرلاشلىرىنى ئايان قىلغان. فابلىسمۇ جيا باۋيۈگە ئوخشاش مۇھەببەتنىڭ ئەگرى – توقاي كوچىلىرىدا قاترىغان، ھىجران ۋە ۋىسال دەردىنى يەتكۈچە تارتقان. ئۇنىڭ ساھىبجامال ھاممىسى جىيەنىگە مەھلىيا بولىدۇ، كەينىدىنلا بۇ كېلىشكەن يىگىت بىر تالاي سەمىمىي ئاياللارنىڭ ھېسداشلىقىغا نائىل بولىدۇ. جەڭ مەيدانىدىكى سودىگەر ئايالنىڭ ۋاپادارلىقى، ئىشرەت دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ناخشىچى مارېتتا بىلەن بولغان خۇپىيانە سۆيگۈ قىسسىسى، ئەڭ ئاخىرىدىكى سۆيۈملۈك قىز كېلىلىيەنىڭ چىن مۇھەببىتى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ھاياتىدا خۇددى چولپان يۇلتۇزدەك بىر – بىرلەپ چاقناپ ئۆچىدۇ. بەئەينى دالىدىكى يېگانە گۈلدەك تەنھا ياشايدىغان، پاك، مەسۇم، ساھىبجامال قىز كېلىلىيە شۇ كەمگىچە ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي يۈرگەن فابلىسنىڭ قەلبىدە قايتىدىن پاك سۆيگۈنىڭ ئوتىنى يالقۇنلىتىدۇ، ئۆزىنى تۇرمۇشنىڭ چاكىنا قېلىپلىرىدىن بىر چەتكە ئېلىپ، تەنھا ياشايدىغان بۇ خانقىزنىڭ قىسمىتى لىن دەييۈگە بەك ئوخشايدۇ. يەنە كېلىپ دەييۈ ياشايدىغان قەسىر بىلەن كېلىلىيە تۇرىدىغان قەلئە ئوخشاشلا سىرتقى دۇنيادىن خالى. دەرۋەقە، ساپ مۇھەببەتنىڭ كۈچى قەسىرلەرنىڭ ھەر قانداق قېلىن تاملىرىدىنمۇ تېشىپ ئۆتۈپ، ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ. كېلىلىيەنىڭ قەلئەگە مەسئۇل دادىسى قاتتىق قول كىشى بولغاچقا، قىزىنىڭ سىرت بىلەن بولغان باردى – كەلدىسىنى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ. كېلىلىيە تاسادىپىي پۇرسەتتە قەلئەدىكى مەھبۇس فابلىسنىڭ بىگۇناھ ھەم ئالىيجاناب يىگىت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رەزىل سىياسىي كۈرەشنىڭ بىچارە قۇربانى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى بويسۇنماس بىر خىل جاھىل كۈچ ئۆزىنىڭ ھەم دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇنى مەھبۇس بىلەن بىر رىشتىگە مەھكەم چاتىدۇ. ئەركىن دۇنيادىكى رەڭگا رەڭ ھاياتنىڭ پەيزىنى قانغۇچە سۈرگەن فابلىس مەھبۇسقا ئايلانغاندىن كېيىن، كېلىلىيەدىكى ئوتلۇق سۆيگۈنىڭ تەپتىنى، ھاياتنىڭ مەنىسىنى، تۇرمۇشنىڭ كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان ياۋۇزلۇقلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىدۇ. بېشىغا ھەر قاچان ئۆلۈم خەۋپى كېلىدىغان ئاشۇ ياۋۇز تۈرمىدە فابلىس كېلىلىيەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان بولغاچقىلا، ئۇ جاينى ھاممىسىنىڭ ھەشەمەتلىك قەسىرىدىن ئەۋزەل بىلىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇنداق مۇدھىش مۇھىتتا مۇھەببەتتىن كۆڭۈللىرىگە تەسەللى تاپىدۇ. كېلىلىيە پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزى ياقتۇرمايدىغان، ھەتتا نەپرەتلىنىدىغان ماركىز كىرىشنېسىغا ياتلىق بولىدۇ. ئىككى ئەسەردىكى ئوخشاش تۈگەللىمە جيا باۋيۈ بىلەن فابلىس مۇھەببەتتە ئوخشاشلا ئاچچىق پاجىئەنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، روھى جىسمىدىن ئاجراپ كەتكەن مۇردىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار تەقدىر بىلەن توختاۋسىز ئېلىشىش جەريانىدا مەيلى سەلتەنەتلىك جيا قەسىرى بولسۇن ۋە ياكى ھەيۋەتلىك ماركىز قەسىرى بولسۇن، فېئودالىزم قورغىنىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇقەررەرلىكتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. فېئودال سىنىپلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى كۈرەشنى دېمەيلا قويايلى، جەمەت ۋارىسلىرىنىڭ كەينى – كەينىدىن ھالاكەتكە يۈزلىنىشى بىلەن بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن ھەيۋەتلىك قەسىرلەر ۋە كاتتا ئىمتىيازلارمۇ گۇمران بولىدۇ. جيا قەسىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئىمتىيازىنىڭ سىمۋولى بولغان گۈي خىيەنىڭ بالدۇر ئالەمدىن ئۆتۈشى، جيا باۋيۈنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى... مانا بۇلار جيا قەسىرىنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمدى ماركىز دېل دونگوغا كەلسەك، ئاتا – بالا گەرچە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، غايەت زور مال – مۈلۈكنىڭ مىراسخورى بولغان چوڭ ئوغۇل ئاسكانىئونىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن دېل دونگو جەمەتىنىڭ ھالاكىتى باشلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولغان يالغۇز ئوغۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ جەمەتتە ھېچقانداق ئۈمىدى قالمايدۇ. جيا باۋيۈ بىلەن فابلىسنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۇ ئىككى بەگزادىسى ئۆزى تەۋە قاتلامنىڭ ئاسىيلىرى ھەم قۇربانىدۇر. قەھرىمانلارنىڭ تەبىئىتى روشەن ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە. چۈنكى ئۇلار ھەم ئىمتىيازدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، ھەم ئۆزگىرىشنى خالايدۇ. جيا باۋيۈ تەتۈر مۇقامنى قاملاشتۇرۇپ توۋلايدۇ، فابلىسمۇ قولىغا قورال ئېلىپ قېرىنداشلىرى ۋەكىللىكىدىكى زۇلمەتلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىن ئىنسان تەبىئىتىدىكى پىنھان چوڭقۇرلۇقنى تولۇق كۆرۈۋالىمىز.جيا باۋيۈ ئۆزىگە نائېنىق بولغان غۇۋا كەلگۈسىگە ئاتلىنىدۇ، يۈرىكى سەكپارە بولغان فابلىس مۇناستىردا ئۆزىنىڭ ماتەم قوڭغۇرىقىنى چالىدۇ. باش قەھرىمانلارغا قۇچاق ئېچىپ تۇرغىنى مەۋھۇم بىر غايىۋى بوشلۇق بولۇپ، بۇلار كۈچلۈك كىنايە تۈسىنى ئالغان. ئاپتورلارنىڭ يېشىمنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەقسىتى، فېئوداللىق جەمەت تۈزۈمىگە بولغان ئاچچىق مەسخىرىسىدۇر. باش قەھرىمانلار دەۋر بىلەن سىغىشالمايدۇ ھەم ۋىسالىغىمۇ يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھىتى كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر خىل بۇرۇختۇملۇق. ئۇ ئەمەلىيەتتە چىرىپ كاردىن چىققان فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ جاراھەتلىرىدۇر. چۈنكى ھەر ئىككى جەمەتنىڭ ۋارىسى تۈگەش بىلەن تەڭ فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ ئۆلگەن بولىدۇ. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ تەقدىرى خارابلاشسا، جەمئىيەت پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟! ئومۇملاشۇرغاندا، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› بىلەن ‹‹پارما مۇناستىرى››نىڭ ئاپتورلىرى خۇددى گېرمانىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ كانت ئېيتقاندەك ‹‹رېئاللىققا ئەقلىي مۇئامىلە قىلغان›› بۈيۈك يازغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىلغان تەنقىدىي رېئالىزملىق بۇ ئەسەرلىرى فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ يىمىرىلىش جەريانلىرىنى، يېڭى بىخنىڭ ھامان كونا شاختىن ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقىنى، پېرسوناژلار خاراكتېرىدىكى ئىككى ياقلىمىلىق ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىدىكى پىنھان سىرلارنى ۋە فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا يارقىن نامايان قىلغان. شۇڭا بۇ ئىككى بۈيۈك ئەسەرنى ئوخشىمىغان ئىككى مەدەنىيەت، يەنى شەرق – غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان نەمۇنە، شۇنداقلا فېئودالىزمنىڭ ھالاكىتىگە چېلىنغان بىر جۈپ قوڭغۇراق ساداسى، دېيىشكە بولىدۇ.