• 2010-06-05

    ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى 伊斯兰教在新疆的传播

    ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى 伊斯兰教在新疆的传播

          ئىسلام دىنى7-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن. 8-ئەسىرلەردە ئەرەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى ۋە غەربىي دىيارنى بويسۇندۇرىدۇ. 10-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىدۇ. بۇ ئىسلام دىننىڭ غەربىي يۇرتقا تارقىلىشىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بىرىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھۆكىمرانلىق كۈچىگە تايىنىپ ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تارقىتىدۇ. كىيىن جۇشىيەندىنىڭ 7-يىلى(960-يىلى) بۇ ئەلدىكى 2 يۈز مىڭ ئۆيلۈك تۈرك ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار دۆلىتى بىلەن ئۇدۇن بۇددا دۆلىتى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ. قايتا- قايتا تىركىشىش ئارقىلىق سۇڭ سۇلالىسى زوڭ جىڭدىنىڭ 3-يىلى (1006-يىلى) قاراخانىلار قۇشۇنى ئۇدۇننى ئىگىلەيدۇ. ئىسلام دىنىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇددا مەركىزى ئۇدۇنغا كېڭىيىدۇ.

         كېيىنكى دەۋرلەردە غەربىي دىيارنى ئىدارە قىلغان كىدانلار، موڭغۇللار ھەر قايسى دىنى مەزھەپلەرگە كەڭ قوللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. چېڭگىزخان چوڭ سەركەردىسى جەبەنى نايمان خانى كۈچلۈكنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتكەندە ئىسلام دىنى ۋە باشقا دىنلارنى ئوخشاشلا قوغداش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن. شۇ سەۋەپتىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە غەربىي يۇرتتا ئىسلام دىنى بىلەن بىللە بۇددا دىنى ۋە خىرىستىئان دىنلىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. تېنچلىق شارائىتىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى جەنۇپ ۋە شىمالغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. جەنۇپتا چەرچەن قاتارلىق جايلارغا، شىمالدا ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. ئېلى دەرياسى بويىدىكى ئالمالىق (قورغاس) ھاكىمىيىتى ئىسلام دىنىنىڭ شىمالدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولۇپ قالغان. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىكى تۇغلۇق تۆمۈر بولسا شىنجاڭ رايونىدىكى ئىسلام دىنىغا ئالدى بىلەن بەيئەت قىلغۇچى شۇنداقلا موڭغۇللار ئارىسىغا ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچى موڭغۇل خاندۇر. ئۇ 160مىڭ ئۆيلۈك موڭغۇلنى ئىسلامغا كىرىشكە ئاتلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى كۈسەن بۇددا كۈچلىرىدىن غالىپ كېلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا كۈسەننىڭ شەرقىغە قاراپ كېڭەيگەن. ئوغلى قەدىرخان خوجانىڭ كۈچى بىلەن ئىدىقۇتنى ئىگىلەپ ئىسلام دىنىنى تۇرپان رايونىغا كېڭەيىتكەن. 16-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى قۇمۇل رايونىغىمۇ تارقىلىپ بولغان.

           ئىسلام دىنىنىڭ غەربىي يۇرتتا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار رايونىدا تارقىلىشى ئاخىرى بېرىپ بۇددا دىنىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھاكىمىيەت ئونىدا تۇرىشىغا خاتىمە بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ يەرلىك خەلقنىڭ بىردىن بىر ئېتىقادىغا ئايلاندى ھەم شۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

          مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرى ئارىسىدا تېز تارقىلىشقا باشلىدى. چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرگەندىن كېيىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇسۇلمان خۇيزۇلارمۇ بۇ رايونغا كۆچۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكى رايونلاردىكى بۇرۇن شەكىللەنگەن ئىسلام ئېتىقادىدىكى دىنىي مەزھەپلەر، دىنىي تۇرمۇش شەرىئەتلىرى قېلىپلاشتى. كېيىنچە سالالار ۋە دوڭشىياڭ دېگەندەك مۇسۇلمان مىللەتلەرمۇ شىنجاڭغا كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۆزبېك، تاتارلارمۇ شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

          شىنجاڭ رايونىدىكى ئىسلام دىنىدا تاجىك مىللىتى شىئە مەزھىپىنىڭ ئىچىدىكى ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغاندىن باشقا كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار سۈنىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. فىقھە تەتقىقاتى جەھەتتە سۈنئي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىگە مەنسۇپ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلام دىنىدىكى سوپىزمنىڭ تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ. سوپىلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئىشانلار» دەپ ئاتالغان. خۇيزۇلاردا بولسا «门宦» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى زامانلاردىكى ئىسلام دىنىدا دىنىي  پەرىزلەرنى، سۈنئەتلەرنى ۋە تۇرمۇشتىكى دىنىي  يوسۇنلار چوقۇم ئادا قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارالغان. بۇ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە تەدرىجىي ئەنئەنىگە ئايلاندى. ھەرقايسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ روزى-رامىزان، ھېيت-بايراملىرى، ئەدەپ-ئەخلاق، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئادەتلىرىمۇ نىسبەتەن مۇقىملاشتى. شۇنداقلا ھەربىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلدى.

    «شىنجاڭ ئېنسكلوپېدىيىسى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى