• 2008-12-28

    ئـاشـنا قىزلار....

    ئـاشـنا قىزلار.... <گۈل-سەنەم> ھاياتتا ئادەم ھەر خىل خىياللارغا مۇپتىلا بۇلىدىكەن، توۋا دەيمەن، مەن بەزىدە مۇشۇ ئېرىمنى بىرەر ئاشنا تۇتىۋالسىكەن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،.....ھە! جىم تۇرۇڭ! ساراڭمۇ سەن، دەپ ھەممە دوستلىرىم سىزدەكلا چىراينى پۈرۈشتۇرۇپ، «قېنى ياقام، توۋا، ھەي كاللاڭدا سۈيىڭ بارمۇ؟ » دەپ، ھەيران قېلىشقان. ھەي... مىنىڭ ئويلاۋاتقىنىمنى بىلسە ئىدى كاشكى، مىنى توغرا چۈشەنگەن بۇلاتتى دەيمەن. دىمىسە دەرت بولغان، دىسە گەپ بولغان، شۇڭا تەپ تارتمايلا :« ھە، نوچى خۇتۇننىڭ ئېرى ئوينايدۇ، مېنىڭمۇ ئېۋۇ نوچى خۇتۇنلاردىن بىر يېرىم كام بولمىغاندىكىن، ئوينىسا ئوينىمامدۇ، نەگە بارالايتى ئويناپ ،يەنە مۇشۇ ئۆيگە مىيوۋ مۈشۈكتەك يېنىپ كىرىدۇ-دە » دەپ چالۋاقاپ قويغىنىم بىلەن، ئېرىم بۇ ياخشى كوڭلىمدىن بەك تەسىرلىنىپ كىتىپ: « <مۈشۈكۈم گۆش يىمەيدۇ،گۆش يىسە بوش يىمەيدۇ > دىگەندەك ئوبدانلا ئويناپ قۇيارمۇ-يە؟ۋاي خۇدايىم» دەپ ... بۇنداق خىيالىنى قىلىپلا يەنە قورقۇپ كېتىمەن. شۇ زامان بىلگەن ئايەتلەرنى تېز-تېز ئوقۇپ، ئاللادىن ئېرىمغا ئىنساپ تىلەپ، ئاندىن ئارام تاپىمەن. مۇشۇ ھاراق ئىچمىگەن، تاماكا چەكمىگەن ئەر كىشى دىگەن يا سىرتتا 4 ~ 5 تال ئاغىينىسى يوق، ھەممە ئىشلانى زىل - زىۋىرلايدىغان بۇلىدىكەن.مەن بۈگۈن بىر دەردىمنى تۈكۈۋالاي:ئېرىمنىڭ تەققى - تۇرقى كېلىشكەن. ئېگىز بوي، بۇغداي ئۆڭ يىگىت، تۇرمۇشى بەك تەرتىپلىك، ۋاقىت قارشى ياخشى، شۇڭا ۋاقىت قارشى سۇسلاپ كەتكەن، ۋەدىسدە تۇرمايدىغان ئادەملەنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئىشتىنمۇ كېلىدۇ - دە، ئالدىراپ ئۆيگە كېلىپ ئىشىككە مىقتەك تىكىلىپ تۇرىدۇ، مەن ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يۈرىگى جايىغا چۈشەمدىكىن، ئاندىن ئىتىدىغان تامىقىمنى دەپ بېرىپ پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تېلۋزۇر كورىدۇ، تاماقنى ئىتىپ ئالدىغا ئەكەلسەم، يەپلا قاچىسنى جايىغا قۇيىدۇ. يەنە كىلىپ ئۆيدىكى يوقلىما ئىنتايىن ئېغىر. ئىشتىن سەل -پەل كىيىن قالدىممۇ، بولدى ، سۇئال سوراق باشلىندۇ. ئىشەنمەمدىكىن دىسە « ئاللا سىزدەك ئېتقادلىق تىرىشچان ئايالنى ماڭىلا ئۇچراشتۇرغان » دەپ خوشمۇ بوپ قۇيىدۇ بولمىسا، ھەي خۇدايىم، ياسىنىشىمغا، گىرىم قىلىشىمغا، بىر كىيىمنى 3 كۈندىن كەم كىيىشىمگە رۇخسەت يوق، بەك خوش بوپ كەتسەم چۇقۇم بىرەر ئەر خىزمەتدىشىم چاخچاق قىلدى، شۇڭا خوشالىقىمدا ھېجاراپ قالارمىشمەن. خاپىراق كۆرۈنسەمغۇ ئىش بار « سىز مىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قاپسىز؟ ئۆيدە چىرايىڭىز ئېچىلمايدۇ؟ » « بولدى،تويلارغا بارماڭ ، ھازىرقى تويلارنىڭ مەقسىتى ئادىمگەرچىلىك ئەمەس، پۇل يىغىش، ئۇنىڭدىن كىرىپ كىتابىڭىزنى ئۇقۇپ ئەسىرىڭىزنى يېزىڭە ،بىزمۇ ئوغلىمىزنىڭ سۈننىتىنى قىلساق، تۇيىنى قىلىپ خەقنى كايىتىپ يۈرمەيمىز، »...« ھەي، ئاۋۇ دوستىڭىزنىڭ ئۆيى يوقمۇ ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتىدە 3 كەلدى » ...بۇنداق گەپلە ساماندەك. شۇڭا دوستلىرىم بىرەر يەرگە باردىغان ئىش بولسا :« بولدى ماۋۇ بىچارە مەھبۇسنى قىينىمايلى، ئۇ زىندانىدىن قىمىرلىيالمايدۇ ...» دەپ زىتىمغا تىگىدۇ. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مۇشۇ ئېرىممۇ بىرەر ئاشنا تۇتۇۋالغان بولسا، مەن سەل ئەركىن بۇلۇپ قالارمىدىم-يە؟. ئۇرمىغاندىكىن، تىللىمىغاندىكىن، ھاراق تاماكىدا بولمىغانكىن،دەرت تارتتىم، بەك چارچىدىم دىسەممۇ بەلكىم باشقىلارغا بۇ دەرت ئەمەستەك، مەن ئارتۇق ئويلاپ كەتكەندەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مەن راست گەپ قىلسام راستلا بەك چارچىدىم. بەزىدە مەن ماشىنا ئادەممۇ-يە،دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.. ھەي ئاشنا قىزلار! خەقنىڭلا ئېرىنى ئازدۇرۇپ يۈرمەي ماۋۇ ئېرىمنىمۇ بىر بىرەر ئاي ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلسەڭلار بۇلامدىكىن، پۈتۈن چىقىمى مانا ئۆزۈمدىن. مەن بىرەر ئاي بولسىمۇ ھودۇقۇپ، جىددىلەشمەي، ئىشتىن چۈشۈپ ئىۋۇ دوستلىرىمنىڭ ئۆيدە بىرەر يېرم دەم پاراڭلىشىپ،ھال-مۇڭ بولۇشۇپ،كەچ قالماي ئۆينى تېپىپ، ئۆزۈمنىڭ خالىغان تامىقىمنىمۇ ئىتىپ يەپ، بالام بىلەن بىرەر كۈن بىللە سىرىتلاردا ئايلىنىپ ... ئانامنىڭ ئۆيىگە شامالدەك بېرىپ بوراندەك كەلمەي ......ئىش قىلىپ بىر ئاي دەم ئېلىۋالاي،ئۆزەمنىڭ ئۆيى بولغانكىن تۈگىمەس ئۇششاق-چۈششەك بۇيرۇقلاردىن خالى ئازادىرەك ياشاپ باقاي دەيمەن! قېنى بۇ ئاشىنا قىزلار... ئەمما ساياھات تۈگىگەندە ئەكىلىپ قۇيسىلەر جۇمۇ. بۇ ساياھەتكە ئېرىمنى كۆندۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس تېخى... ھورمەتلىك ئۇقۇرمەنلەر،يۇقۇرقىلار، مەن جەمىيەتتە ئۇچراتقان ئىشلار ،ئىلمى مۇنازىرە قىلايلى، ئاخىرىدا سىلەرگە بۇ ئائىلە توغرىسىدا يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرىمەن. سىلەر ھەممە ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى دەپلا ئويلامسىلەر-يە؟





    评论

  • سەخۇلا
  • نەقىل:
    سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى مەن بەك چۈشەندىم.مەنمۇ بەزىدە يولدۇشۇمنى سىرتلارغا چىقىپ،ئاغىينىلىرىنى ئىزدەپ،ئانچە-مۇنچە ھاراق-شاراپ ئىچىپ، نورمال ئەردەك بولۇپ باقسا،دەپ ئويلاپ كېتىمەن.ئەمما ئۇنداق قىلمايدۇ.ئوتىمۇ،سۈيىمۇ بار بولسىكەن،دەيمەن.دوستلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئولتۇرۇپ كېلىڭ،دېسەم چىقمايدۇ،مەن يالغۇز قېلىپ باقسام دەيمەن بەزىدە.
    -----------------------------------------------------------------------------------------------------
    نورمال ئەرلەر ھاراق ئىچەمدىكەن؟ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھاراق ئىچكەن ئادەم ساراڭ بولمىغان تەغدىردىمۇ ساق ئادەم ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا شەرتى توشمايدىغان ساراڭ.
    يالغۇز قېلىشىنى بەكمۇ ئازۇ قىلسىڭىز ئۇنىڭ يولى ناھايىتى ئاددى، ئاقرىشىپ كىتىڭ.
  • 新疆那边的女孩子长的好美,眼睛很好看。小时候妈妈说要嫁我到新疆,因为那边的女女好看呵呵
  • سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى مەن بەك چۈشەندىم.مەنمۇ بەزىدە يولدۇشۇمنى سىرتلارغا چىقىپ،ئاغىينىلىرىنى ئىزدەپ،ئانچە-مۇنچە ھاراق-شاراپ ئىچىپ، نورمال ئەردەك بولۇپ باقسا،دەپ ئويلاپ كېتىمەن.ئەمما ئۇنداق قىلمايدۇ.ئوتىمۇ،سۈيىمۇ بار بولسىكەن،دەيمەن.دوستلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئولتۇرۇپ كېلىڭ،دېسەم چىقمايدۇ،مەن يالغۇز قېلىپ باقسام دەيمەن بەزىدە.
    iplas回复قەھۋە说:
    你好
    2009-02-02 11:35:39