• 2008-12-15

    ئايالنىڭ ئىرىدىن باشقا ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشى،

    سۇئال؛‹سۇئال سورىغۇچى بىر مۇسۇلمان ئايال›بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆز ئىرىنىڭ غەيرىدىكى بىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قالسا يوللۇق بولامدۇ،ياخشى كۆرۇپ قىلىش ئىنساننىڭ ئىخىتىيارىدىكى ئىش بولمىسا،ئىرادە ۋە قەلىبنىڭ ئىشى توغۇرسىدا ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرى ئوتتۇرسىدا ئادىللىق قىلىشقا تىرىشىپ،ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن ‹ئى ئاللا مانا بۇ مىنىڭ كۇچۇم يىتىشچە تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇشۇم،كۇچۇم يەتمىگەن ئىشتا مىنى كەچۇرىۋەتكىن،›دەپ ئاللادىن تىلىگەن تۇرسا،باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قىلىش ئايالنىڭ ئىرادىسىگە تەئەللۇق ئىش بولمىسا،ئايالنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولمىغان ئىشتا ئۇنىڭ نىمە گۇناھى بار؟ جاۋاب‹جاۋاب بەرگۇچى دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى،دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى›ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاس،ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت ۋە سالام بولسۇن،بۇ سۇئالغا تەپسىلى جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن زامانىمىزدىكى بىر ئالىمنىڭ سۆيگۇ-مۇھەببەت توغۇرسىدىكى بىر سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتكۇم كىلىۋاتىدۇ،بىرسى ئۇنىڭدىن سۆيگۇ ھالالمۇ ھاراممۇ دەپ سورىغان ۋاقتىدا ئۇ؛‹ھالال سۆيگۇ ھالال،ھارام سۆيگۇ ھارام›دىگەن ناھايتى قاملاشقان بىر جاۋابنى بەرگەنىكەن.بۇ جاۋاب قانداقتۇ بىر چاقچاق،ياكى مەسخىرە بولماستىن بەلكى ھەممىگە تونۇشلۇق رىئاللىقنى يورۇتۇپ بەرگەن بىر جاۋاب بولغان،ھالالمۇ ئىنىق،ھاراممۇ ئىنىق،ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۇبىھىلىك ئىشلاربار،ئايالنىڭ ئۆز ئىرىنى ياخشى كۆرۇشى،ئەرنىڭمۇ ئۆز ئايالىنى ياخشى كۆرۇشى،بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئىلىشقا ۋەدىلىشىپ شەرئى قائىدە بويچە چاي ئىچۇرۇپ بولغان قىز بالىنى ياخشى كۆرۇشى ۋە بىر قىز بالىنىڭمۇ تىگىشكە ماقۇل بولۇپ چايلىقنى قوبۇل قىلغان ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۇشى مانا بۇلار ئىنىق ھالال سۆيگۇلەردۇر.ئەمدى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بىر ئەرنىڭ باشقا بىر توي قىلىپ بولغان ئايالنى ياخشى كۆرۇپ،داۋاملىق شۇ ئايالنى ئويلاپ،ئۇنىڭ ئىرى بولغان نورمال ھاياتىنى بۇزۇشى،ئەگەر ئۇنى بۇزمىغان تەقدىردىمۇ ئاخىردا ئۇ ئايالنى ئىرىگە خىيانەت قىلدۇرۇپ،تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،كاللىسىنى قايدۇرۇپ،كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ،ئىرى بىلەن بولغان بىر ياخشى ھاياتتىن قاچىدىغان قىلىپ قويۇشى ئاللا چەكلىگەن ئىنىق ھارام ئىشنىڭ قاتارىدىندۇر،بۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى قىلغۇچى گۇناھكار بۇزۇقتىن تولۇق ئادا جۇدالىقىنى بىلدۇرگەن بۇزۇق،گۇناھ ئىشتۇر،بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەللەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بىر ئايالنى ئىرىدىن بۇزغان ئادەم بىزدىن ئەمەس››.شۇنىڭدەك يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرىدىن باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ داۋاملىق ئۇنى ئويلىشى،بارلىق ئەسيادىنى شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىرى ۋە ئۆمۇرلۇك جۇپتىدىن يۇز ئۆرۇشى،ئۇ ئەر بىلەن ئىچپەش تارتىشىپ،شەرىئەت رۇخسەت قىلمىغان،بىر بىرىگە قاراش،يالغۇز بىللە تۇرۇش،بىرى بىرىنى تۇتۇش،سۆيۇش،،،تەك ئىشلارغا بىرىلىشى،ئاخىردا تىخى بۇنىڭدىنمۇ ئۆتۇپ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ خەتەرلىك گۇناھ بولغان زىناغا چۇشۇپ قىلىشى قەتئى ۋە ئىنىق ھارام ئىشلارنىڭ قاتارىدىن. قۇرئان كەرىم بىزگە ئۆزىنىڭ ئىرىدىن باشقا بىر ياشنى ياخشى كۆرۇپ قالغان،بۇ ناتوغرا سۆيگۇ ئۇنى دىن ۋە خەلىق ياخشى كۆرمەيدىغان نۇرغۇن ناچار قىلىقلارنى قىلىشقا ئىتتەرگەن بىر ئەرلىك ئايالنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن،بۇ ئايال ئەزىزنىڭ ئايالى ئۇ ياش بولسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يۇسۇپ سىددىق ئىدى.ئۇ ئايال بۇ ياشنى پۇتۇن ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سىلىپ ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان،ھەتتا ئۇنىڭدىن تەپتارتماستىن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان،ئىرىگە ئوچۇق ئاشكارە خىيانەت قىلىشتىنمۇ قورقۇپ قالمىغان ئىدى،بۇ پاك ياش ئۇنىڭ چەكتىن ئىشىپ قۇتىرغان تەلەپلىرىگە ئۇنىمىغان ۋاقتىدا بۇئايال شەھەرنىڭ يۇقرى تەبىقىدىكى ئاياللىرىنىڭ ئالدىدا‹‹ئۇ(يەنى زۇلەيخا)مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۇچۇن مىنى ئەيىبلىگەن ھىلىقى ئادەم،مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنى تەلەپ قىلدىم،لىكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى،ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ،چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ دىدى،››دەپ ئاشكارا جار سالغىنىدەك ئۇنى قاتتىق جازالاپ،ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن قىلىپ قويۇش ئۇچۇن ئۇنى تۇرمىگە تاشلىغان ئىدى.بۇ ياش نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ،نىمىشقا شۇنداق چىڭ تۇرىدۇ؟نىمە ئۇچۇن ئۇ ئايالنىڭ ئازدۇرۇشىغا ماقۇل دىيىشتىنمۇ تۇرمە ھاياتىنى ئەلا بىلىدۇ،چۇنكى زىنا،پاھىشە ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە ئىغىر جىنايەت ھىسابلىنىدۇ،بولۇپمۇ ئىرى بار ئايالغا نىسبەتەن تىخىمۇ شۇنداق،شۇنىڭ ئۇچۇن ئىرى بار تۇرۇپ زىنا قىلغان ئايالنىڭ جازاسى توي قىلمىغان بويتاقنىڭ جازاسىدىن تىخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئەمدى موشۇ سۇئالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ دەل ئۆزىگە كىلىپ سۆزلىگەندە،مەن دەيمەنكى سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى،كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى،ۋە ئاخىرقى نەتىجە ۋە تۇگۇنلىرى بولىدۇ،ئۇ بىر جەريانسىز شۇنداقلا يۇز بىرىدىغان ئىش ئەمەس،ئۇ- قاراش،ئۆزئارا سۆزلىشىش،يوقلىشىش،بىر بىرىگە خەت ئەۋەتىش،ئۇچىرشىش،،،قاتارلىق بىر قاتار جەريانلاردىن كىيىن شۇلارنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدە پەيدا بولىدۇ،مانابۇلار سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىش،ۋە يىتىلىش جەريانلىرى،بۇ ئىشلارنىڭ ھەمىسى تامامەن شۇ شەخىسىسنىڭ ئىرادىسى،ئىختىيارى دائىرسىكى ئىشلار بولۇپ،ئىنسان بۇ ئىشلارنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە،شۇڭلاشقا بۇ بىر قاتار ئىشلارنى ئۆزى خالاپ قىلىپ،بۇ جەرياندا ئاشىقلىق،سۆيگۇ مۇھەببەتنى ئۆزى پەيدا قىلىپ،ئاخىردا مەن پالانىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم،بۇمىنىڭ ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس،چۇنكى مەن يۇرىكىمگە ئىگە بولالمايمەن،بۇ تامامەن مىنىڭ ئىرادەمنىڭ سىرتىدىكى ئىش،مەندە نىمە گۇناھ دىسە،بۇ تازا كۇلكىلىك ،بىمەنە بىر ئىش بولىدۇ،بۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرۇپ قىلىپ،پۇتۇن ۋۇجۇدى شۇنىڭ بىلەن باغلىنىپ،ئۇنى ئويلىمىسا،كۆرمىسە تۇرالمايدىغان ھالغا كىلىپ قالغان بولسا،مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئادەم ئۆزى كەلتۇرۇپ چىقارغان،ئۇ بۇنىڭدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كىرەك.بارلىق ئاشىقلىقلارنىڭ ئىشى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس،بەلكى نەفسى شەھۋەتلىرىگە بىرىلىپ كەتكەن،جىنايەت پاتقىقىغا پىتىپ،ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ كەتكەن بارلىق ئاسىلارنىڭ ئىشىمۇ مانا موشۇنىڭغا ئوخشايدۇ،قۇرئان كەرىم بۇ تۇرلۇك ئادەملەرنى قۇلاقلىرىدا پەردە بار،قەلبى پىچەتلەنگەن،كۆزلىرى پەردىلەنگەن دەپ سۇپەتلىگەن،مانا بۇلار ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىش قىلماسلىقدا ئەركىنلىك بىرىلگەن نۇرغۇن ئىشلارنى زورلاپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن يىتىپ بارغان نەتىجە،كىلىپ چىققان ئاقىۋەت. خۇلاسىلىگەندە،ئىرى بار ئايال چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىرىنى ياخشى كۆرۇش،ئۇنىڭغا رازى بولۇش،ئۇنىڭغا پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىش بىلەن كۇپايە قىلىشى لازىم،ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىنى باشقا بىر ئەرگە تىكمەسلىكى،ئۇنىڭدا باشقا ئەرلەرگە قارىتا غەيرى تۇيغۇلارنى قوزغاپ قويۇشى مومكىن بولغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى،خۇسۇسەن بەزى بىر ئامىللار تۇپەيلىدىن ئۇنىڭدا ئاشۇنداق بىر تۇيغۇلارنىڭ بىخلىرى ئۇنگىلى،نوتىلىرى ئاشكارا بولغىلى تۇرسا ئۇ دەرھال ئىشنىڭ بىشىدىلا بۇ تۇيغۇلارنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئامىللارنى دەرھال يوق قىلىشقا ئالدىراپ،ئىشلارنىڭ ھەل قىلىش قىيىن بولۇپ قالىدىغان دەرىجىگە يىتىپ بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى لازىم،باشقا بىر ئىنسانغا قارىتا ھىسيات شاماللىرى چىقىشقا باشلىسا ئۇ بۇنىڭغا دەرھال قارشى تۇرۇشى،ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىشى،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇش،سۆزلىشىشتەك ئۇنىڭ بۇخىل شامالىرىنى تىخىمۇ قوزغاپ،كۇچلۇك بورانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشى لازىم،ماقال تەمسىللەردە ‹‹كۆزدىن يىراق كۆڭۇلدىن يىراق كۆڭۇلدىن يىراق››دەپ سۆزلەنگەن. ئايال ئۆزىنى قەلبىنى مەشغۇل قىلىدىغان مۇھىم،ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە قالايمىقان خىيال قىلىدىغان،بوش ۋاقىت ۋە ئورۇن بەرمەسلىكى كىرەك،بوش بىكارلىق نۇغۇن ھاۋايى ھەۋەسلەرنىڭ يامراپ كىلىشىدىكى باش سەۋەب.مانا موشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن كىيىن ئايال ئاللاھقا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىرى ئۇچۇنلا قىلىپ بىرىش،قالايمىقان ھىس تۇيغۇلاردىن ئۇنى يىراق قىلىشنى تىلەپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشى لازىم،ئەگەر ئۇنىڭ ئىرىغا بولغان ئىخلاسى،راسىت ،چىن ،سەمىمى بولىدىغانلا بولسا ئاللا ھەرگىزمۇ ئۇنى ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئازگاللىرىغا ئىتتەرمەيدۇ،ئەگەر ئايال راستىنلا ئاشۇندا بىر تۇركۇم بولمىغۇر ھىس تۇيغۇلارنىڭ قورشاۋىدا قىلىپ،ئۇنىڭدىن چىقىشقا قەتئى ئامال قىلالمىسا،ئۇ بۇنى يۇشۇرىشى،ئۇنىڭغا قارشى قەتئىلىك بىلەن بوشاشماي كۆرەش قىلىشى لازىم،ئاللا خالىسا ئۇ ھەرگىزمۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلغۇچىلارئىرىشىدىغان ئەجىردىن مەھرۇم قالمايدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەردىمۇ ئىرى بار ئايال بولۇش سەۋەبىدىن ياكى قۇدا باجىلىق سەۋەبىدىن ئۆزى ئىلىشقا مومكىن بولمايدىغان بىرەر ئايالغا قارىتا غەيرى ھىسيات پەيدا بولۇپ قالسا ئۇمۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە قارشى ئاللا يولىدا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى،داۋاملىق كۆرەش قىلىشى لازىم،سەھى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹‹مۇھاجىر دىگەن ئاللا توسقان ئىشنى تاشلىغان كىشى،مۇجاھىد دىگەن ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە قارشى كۆرەش قىلغان كىشىدۇر››تامام.



    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قىرىندىشىم ھەمىشە دۇمكۆمتۇرۇلگەن قاچىدا ھىچنىمە بولمىسىمۇ قاراپ بىلىپ باققىمىز كىلىدۇ.بۇ .ئنسانىيەت دۇنياسىنىڭ سىرى،ئالتۇن دورا ئەمەس لىكىن زاپاس مىقدارى بەك ئاز بولغاچقىلا قىممەتلىك.مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچەسىز كىرىشىمىزنى چەكلىگەچكىلا كىرپ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم،ئاللا ھەممىىمىزگە تەۋرەنمەس ئىتىقاد ئاتا قىلسۇن.