• 2008-12-15

    ئەر ئايال ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە

    سۇئال(سورىغۇچى ئامرىكىدىن بىر مۇسۇلمان قىزچاق)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم،مەن ئىسلامنىڭ ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىگە قارىتا نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن،نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھارام(قانۇنسىز،چەكلەنگەن)دىسە،يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئەر ئايالنىڭ ئالاقىسى ۋە ئارلىشىشىغا قارىتا ھىچقانداق چەكلىمە يوق دىيىشىدۇ؟ جاۋاب؛ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيەلەش ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە بەخىت ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن، قەدىرلىك سىڭلىم بىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىز ئۇچۇن سىزگە كۆپ رەھمەت،بىز ئاللادىن سىزنى ئەڭ توغرا يولغا يىتەكلەپ قويۇشىنى،سىزنى داۋاملىق ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان قىلىشىنى تىلەيمىز، ئىسلام ئەر ئاياللارنىڭ ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە ئەخلاقى ئۆلچەملىرنى تولۇق ئىجرا قىلغان ئاساستا نورمال ئالاقە قىىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ،ئۇگىنىش،ياخشى ئىشلاردىن ئىبارەت ئىسلام رۇخسەت قىلغان،توغرا ئىشلاردا ئەر ئاياللارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ،بىرلىكتە ئىشلىشىنىڭ ھىچقانداق خاتاسى يوق،ئىككى جىنىس ئارىسىدىكى ئالاقىگە قارىتا تۆۋەندە مەشھۇر ئالىم دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى مۇنداق پەتىۋابىرىدۇ؛ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئەر ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە پۇتۇنلەي بىكارمۇ قىلىۋىتىلمەيدۇ،بەلكى تىخى پايدىلىق بىلىملەرنى ئىگەللەش،خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرى،ئاللا يولىدىكى زۆرۆر كۆرەش،ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى جىنىسنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قىلىشى ۋە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدىغان ياخشى ئىشلار،يۇكسەك نىشانلاردا ئۇ تەشەببۇس قىلنىدۇ،لىكىن بۇ دىگەنلىك ئاللا بىكىتىپ بەرگەن چەكتىن ھالقىپ كىتىش ياكى ئىككى جىنىسنى ئۆزلىرىگە خاس تەبىئىتىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە چاقىرغانلىق ئەمەس،بارلىق مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىش ھەركەتلەردە ئەر ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنى ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى،ئىسلامنىڭ ئەدەب ئەخلاق،قائىدە يۇسۇنلىرىنى چىڭ تۇتقان بولىشى ۋە ئىجرا قىلغان بولىشى لازىم،ئەرئايال ئۆزئارا ئالاقىدە تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىشى كىرەك؛ 1،ئەر ئايال ھەر ئىككىلى تەرەپ بىربىرىدىن كۆزىنى پەس قىلىشى يەنى تىكىلىپ قارىماسلىقى،بىربىرىگە شەھۋەت بىلەن كۆز سالماسلىقى كىرەك،ئۇلۇغ ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹مۇئىمىنلەرگە ئىيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن،تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن،لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن،(تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى،ئەرلىرىدىن،ئاتىلىرىدىن،يا قىيىن ئاتىلىرىدىن،يا ئوغۇللىرىدىن،يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن،يا ئۆز قىرىنداشلىرىدىن،يا قىرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن،يا ھەمشىرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن،يا دىنداش ئاياللاردىن،يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن،يا خوتۇنلارغا ئىھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر،(يەنى قىرى دەلدۇش بولغانلىقتىن جىنسى شەھۋىتى يوقلار)دىن،يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان(يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن)بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن،زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۇرۇش ئۇچۇن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن،ئى!مۇئىمىنلەر بەخىتكە ئىرىشىشىڭلار ئۇچۇن ھەممىڭلار ئاللاغا تەۋبە قىلىڭلار،(سۇرە نۇر31-ئايەت) 2،مۇسۇلمان ئاياللار چوقۇم مۇسۇلمان ئاياللارغا لايىق كىيىنىشى كىرەك،ھەممەيلەنگە مەلۇمكى مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىنىش ئۆلچىمى،كىيىم ئۇلارنىڭ يۇزى بىلەن قولىدىن باشقا پۇتۇن بەدىننى ياپقان بولىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدىننى ئىنىق سۇرەتلەپ بىرىدىغان دەرىجىدە تار،بەدىننى ئەينەن كۆرسىتىپ بىرىدىغان دەرىجىدە نىپىز بولماسلىقى كىرەك، 3،ئىسلامنىڭ ئومومى ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان بولۇشى كىرەك،ئايالنىڭ گەپ سۆز ۋە يۇرۇش تۇرىشى ئەستايىدىل سۇرلۇك بولىشى،شەيتاننىڭ رەزىللىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنى تارقىتىشىغا تۇترۇق بولۇپ بىرىدىغان سۇيۇقلىق ۋە غىلجىڭلىقتىن خالى بولىشى ۋە يەنە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتمىگەن بولۇشى لازىم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ھەرقانداق بىر ئايال خۇشپۇراق ئىشلەتسە ۋە ئەرلەرجامائىتىنىڭ قىشىدىن ئۆتسە،ئاندىن ئۇ ئەرلەر ئۇنى پۇراپ قالسا ئۇ ئايال زىناخوربولىدۇ،›› 4،ئەرئايالنىڭ ئىككەيلەننىڭ ئۇلاردىن باشقا ھچقانداق ئادەم يوق ئورۇندا بىرلىكتە يالغۇز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ،چۇنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ھالەتتە ‹‹ئۇلارنىڭ ئۇچىنچىسى شەيتان بولۇپ،ئۇ ئىككىسىنى گۇناغا يىتەكلەيدىغانلىقىنى›› ئىيتقان،بۇ ھۆكۇم ئەرنىڭ تۇغقانلىرىغا نىسبەتەنمۇ ئوخشاشلا كۇچكە ئىگە،چۇنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ئاياللار بىلەن يالغۇز تۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار››دىگەندە،ساھابىلەر(ئاللا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن)ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئەرنىڭ تۇغقانلىرى توغۇرسىدا نىمە دەيسەن؟دەپ سورىغان،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلۇم››يەنى ئۆلۇمنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ،دىگەن،چۇنكى ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئەرنىڭ ئۆيىگە كۆپ كىرىپ چىقىدىغان،ئۇزۇن تۇرىدىغان،ئۇنىڭ ئۇستىگە باشقلار ئۇلاردىن گۇمان قىلمايدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ گۇناغا چۇشۇپ قىلىش خەتىرى تىخىمۇ چوڭ بولىدۇ، 5،ئاخىرىدا بىز شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى ئەر ئاياللارنىڭ ئالاقىسى بىرخىل ئىزىدىن چىقىپ كەتكەن،چەك چىگراسىنى يوقاتقان ئالاقە بولماستىن بەلكى زۆرۇر بولغاندا ئىلىپ بىرىلىدىغان،ئەقىلگە مۇۋاپىق ئالاقە بولىشى كىرەك،ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى،ئاياللىق رولىنى ۋە مۇسۇلمان ئەۋلادلارنىڭ ئۇستازى،تەربىيچىسى بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قىلىشىغا بولمايدۇ.