• 2008-12-15

    قوش نىكاھلىق ئائىلەم

    قوش نىكاھلىق ئائىلەم تەقدىر-قىسمەت دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن تېخى تۈنۈگۈنلا قونچاق ئويناپ يۈرگەندەك قىلىۋىدىم ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئۆينىڭ ئېگىسى ،ئىككى بالىنىڭ ئانىسى يەنە تېخى بىر كۈندەشلىك بۇلۇپ قالغىنىم قىززىق. بۇندىن ئون يىل بۇرۇن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ۋە رەھمەتلىك دادامنىڭ باي بولمىسىمۇ بىلىملىك،ئەخلاقلىق ئائىلە كىلىپ-چىقىشى ياخشى دەپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ھازىرقى يولدۇشۇمغا ياتلىق بولغان ئىدىم .ئۈزەممۇ ئىشچان مىجەزىم ئۇچۇق بولغاچقا يولدىشىمنىڭ ئۈيىدىكىلەر ماڭا شۇنداق ئامراقلىق قىلاتتى،مىنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى،يەنە تېخى نىلوپەرنىڭ ئۇرۇقىدەك بىر تال كېلىنىم دەپ تەرىپلەپمۇ قوياتتى. يولدۇشۇم ئەخلاقىق مەسئۇلىيەتچان بىر ئەر ئىدى،گەرچە بۇرۇندىن تۇنۇشمىساقمۇ نىكاھنىڭ ئسسىقچىلىقى بىلەن بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدۇق،ئۇ ماڭا تولىمۇ كۈيۈنەتتى،مىنى ھۆرمەتلەيتى،دائىم مىنى خان دەپ چاقىراتتى.كۈنلىرىمىز گەرچە باياشات بولمىسىمۇ ئىنتايىن خاتىرجەم بەخىتلىك ئىدۇق. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۈتۈۋەردى،اللەنىڭ مال-دۇنيا بەرگۈسى كەلسە اللەغا ئاسانكەن،اللەنىڭ ئىنايىتى ھەم ئاتا-ئانىمىزنىڭ دۇئاسىنىڭ بەركىتى بىلەن يولدۇشۇمنىڭ قىلغان تىجارىتى يۈرۈشۈپ يۇرتىمىزدىكى بايلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ قالدۇق.مانا ھازىر بىر ئوغلىمىز بىر قىزىمىز بار ،ئىسىل بېزەلگەن ئۈيىمىز، ماشىنا دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەل اللەغا شۈكرى تىنىمىزمۇ ساغلام. تۇرمۇشىنىڭ بېيېشىغا ئەگىشىپ سىرىتتا ئاشنا تېپىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس،يولدۇشۇم بىر ياخشى مۇسۇلمان ھەم ئەخلاقلىق مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر قاتارىدىن بولغاچ سىرتتا بىرەرسىنى تېپېۋالارمۇ دىگەندەك ئەندىشە خىياللاردىن خالى ئىدىم .يولدۇشۇم بىرە چاقچاق قىلىپ كىشىلەر بۇرۇن بېيىسا ماشىنىسى بىلەن بايلىغىنى ئىپادىلەيتى ھازىر بىيىسا نەچچە خۇتۇن ئېلىپ ئىپادىلەيدىغان بۇلۇپتۇ،مەندە مۇشۇ خۇتۇن كامكەن بىرەنى ئېلىپ قويايمىكىن دەپ چىشىمغا تىگىپمۇ قوياتتى. ھايات ئادەمگە ھەمىشە كۈلۈپ بېقېۋەرمەيدىكەن ،ئىنسان دىگەن بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە يىغلاپ ياشايدىكەن ،يىغلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن بولسا كېرەك. تەتىل مەزگىلى بولغاچ باللىرىم تۈنۈگۈن يولدىشىمنىڭ يېزىدىكى ئاچىسىنىڭ ئۈيىگە كەتكەن ئىدى،ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن يولدۇشۇم سۈكۈت ئىچىدە يەرەە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى،مەن ئۇنىڭدىن _«ماڭا دەيدىغان سۈزىڭىز بارمۇ قانداق؟نىمە گەپ بولسا دەۋىرىڭ» دىدىم. ئۇماڭا قاراپ تۇرۇپ _«زەينەپ مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن،ھەم شۇنداقلا سىزگە ئىشىنىمەن،مەن سىزگە بىر ئىشنى دىمەكچى سۈزۈم تۈگىگىچە تاقەت قىلىپ ئاڭلاڭ بولامدۇ؟» دىدى. مەن _«ئەلۋەتتە بولىدۇ» دىدىم. ئۇ _«يەنە شەرتىم شۇكى ،مەندىن ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلمايسىز؟»دىدى. مەن _«نىمە دەپ سىزدىن ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلغۇدەكمەن،مىنى شۇنداق ۋاپاسىز كۈرۈپ قالدىڭىزما؟»دەپ بىرمۇنچە قايناپ كەتتىم .خىيالىمدا ئۇنى سودىدا زىيان تارىتقان بولسا شۇنداق دەۋاتسا كېرەك ،دەپ ئويلاپتىمەن. بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئۇ مەندىن« سىياسى جىنايەت بىلەن ئېتىلىپ كەتكەن مۇھەممەدنىڭ ئايالىنى تۇنۇمسىز ؟»دەپ سورىدى. مەن_«ھەئە تۇنۇيمەن،ئۇ بىر غەيرەتلىك ،ئەخلاقلىق ئايال» دىدىم. ئامىنەنىڭ يولدىشى ئېتىلىپ كەتكەن بىر نەچچە يىل جەريانىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرگىننى،باشقىلار ياخشى دەپ تۇنۇشتۇغان ئەرگە ياتلىق بولغان بولسىمۇ ئۇ ئەرنىڭ دائىم چىكىۋېلىپ كەيىپچىلىكتە ئۇنى ئۇرۇپ قانچىلىك ئازار بەرگەچكە ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ كەتكىنىنى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ بولسا بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكىنىنى بىلىسىز،گەرچە ھازىر تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ ئەرسىز بىر ئۆيدەياشىماقنىڭ يەنە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن تارقاتقان سۆز-چۆچەككە چىدىماقنىڭ تەسلىگىنى بىلىسىز. مەن جىممىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتىم،دىمىسىمۇ ئامىنە نۇرغۇن جاپا تارتقان ئىدى،بىرىنچى قېتىم تەككەن يولدىشى ئېتىلىپ كەتكەن ئىككىنچى قېتىم قىلغىنى يولدىشىم دىگەندەك قىلغان ئۈچىنچى قېتىم قىلغىنى بولسا ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىۋېلىپ ئۇنى تاشلىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. يولدىشىم بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن ئىنتايىن تەسلىكتە_« شۇ ئامىنەنى ئابابەكرى قاتارلىق بىر نەچچەيلەن بۇنداق يالغۇز يۈرسە سۆز-چۆچەك، پىتنىگە قالىدۇ،ئۇئايالنى بۇنداق تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ،ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىزنىڭ ئايالى ھېلىمۇ كۆپ جاپا تارىتتى ئۇنى ئىككىنچى خۇتۇنلۇققا ئالساڭ دەپ نىكاھلاپ قويدى،مەن زەينەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندا بىرگەپ بولسۇن دىسەم ئۇلار زەينەپ ئوڭلۇق دىيانەتلىك ياخشى ئايال ئۇمۇ ئامىنەنىڭ پىتنىگە قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ دەپ ،ئون كۈننىڭ ئالدىدا نىكاھلاپ قويدى،شۇ ۋاقىتتا دەي دىسەم قورقتۇم ئويلىنىش ئارقىلىق يەنىلا دىيىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم»دىدى. ئۇ سۆزىنى دەپ بولۇپ مىنىڭ چىرايىمغا ۋە مارجاندەك تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمغا قاراپ توختاپ قالدى. مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن ھە،بۇ مىنىڭ چۈشۈم ئەمەستۇ؟ ،ئالدىمدىكى مىنىڭ يولدۇشۇم باللىرىمنىڭ دادىسىمۇ؟ مەن بارلىغىم بىلەن ياخشى كۆرگەن ئىشەنگەن كىشى شۇمۇ؟ پۇت قۇلام تىترەپ گەپ قىلغۇدەك ھالىممۇ قالمىدى. مەن ھارغۇچە ئاۋازىمنى قۇيۇۋېتىپ يىغلىدىم ،بۇ ئون يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يىغا بولسا كېرەك. ئۇ _«مەن خاتا قىلىپتىمەن مىنى ئۇرسىڭىزمۇ تىللىسىڭىزمۇ مەيلى يىغلىماڭ »دىگەن سۆزنىلا تەكرارلايتى. مەن ئۇنىڭغا _«كۈزەمدىن يوقال مىنىڭ شۇنچە يىلدىن بۇيان قىلغانلىرىمغا قايتۇرغان جاۋابىڭ مۇشۇمۇ؟»دەپ قىلغان ياخشىلىقىمنى دەپ مىننەت دىگەننى باشلىۋەتتىم ،ئۇنىڭ شۇنچە يىلدىن بۇيان قىلغانلىرىنى يوققا چىقىرىپ «ماڭا نىمە قىلىپ بەردىڭ؟» دەپ مۈشۈكتەك كۈزۈمنى يۇمدۇم. «رەسۇلۇللاھ ئاياللارنىڭ كۆپۈنچىسىنى دوزاختا كۆردۈم،اللەغا كاپىر بولغانلىقتىن ئەمەس ئىرىگە كاپىر بولغانلىقتىن دىگەندە،ساھابىلەر ئىرىگە قانداق كاپىر بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا ئەرلىرى شۇنچە يىل ياخشىلىق قىلىپ بىر قېتىم يامانلىق قىلسا مەن سەندىن ھىچقانداق ياخشىلىق كۆرمۈدۈم دەيدۇ»دىگەن ئىكەن.مەن ھازىر شۇنداق قىلغان ئىدىم. ئون يىلدىن بۇيان شۇنچە ھۆرمەتلەپ بىرەر قېتىممۇ سەنلەپ باقمىغان ئىرىمنى بۈگۈن سەنلىدىم ،تىللىدىم ،ھېلقى ئابابەكرى دىگەن ئاغىنىسىنىمۇ ،دەللال ساڭا خۇتۇن تاپقۇچە ئۇزى ئالسا بولمامدۇ دەپ تىللىمىغان ئادىمىم ئاز قالدى،ئاچچىق ئەلەم دىگەن شۇنداق بولسا كېرەك. كاللام قۇپقۇرۇق يىغلاپلا ئولتۇراتتىم ،ناماز ۋاقتى بولسا ناماز ئۇقۇپ شۇنداق يىغلاپ كېتەتتىم،بەلكىم اللەدىن قورقۇپمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغان بولغۇيتۇم .بۇ بىر نەچچە كۈننى يىغلاش بىلەن ئۆتكۈزدۈم،يولدىشىممۇ پەقەت ناماز ۋاقتىدىلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ نامازدىن يېنېپ يەنە ئۆيگە كىرەتتى ئۇمۇ گەپ قىلمىدى مەنمۇ گەپ قىلمىدىم،ھازىر پاراڭلاشقۇممۇ يوق ئىدى.ئۇ ھەركۈنى ئەتىگىنى سۈت قاينىتىپ ئەكىرەتتى ،قان ئازلىق كېسىلىم بولغاچقا ئىچكۈم بولمىسىمۇ مەجبورى ئىچەتتىم،بالىلىرىم ھاممىسىنىڭ ئۈيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرىمىز دەپ تېلفۇن قىلىپتىكەن قۇشۇلدۇم،ئۇلار بولسىمۇ بالىلارغا ئەھۋالداچىلىق قىلغۇدەك ھالىم يوقتى. ئاجىرشىپلا كېتەيمۇ يە؟مەنغۇ ئاجىرشىپ كېتەرمەن باللىرىمچۇ؟باللىرىم تىرىك يىتىم بۇلۇپ بۇيۇن قىسىپ يۈرەمۇ؟باللىرىم دادىسىغا مەندىنمۇ بەكرەك ئامراق تۇرسا دادىسىز كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزەر؟دادىسى بىلەن قالسىچۇ ياق ياق مەن ئۇ چاغدا قانداق قىلىمەن؟ ئۆزەمگە ئۆزەم سۆزلەيتىم «نىمىشقا ئاجراشقۇدەكمەن،بۇ ئەر بۇ ئائىلە مىنىڭ، ئۇ خۇتۇننى ئاجراشتۇرۋېتەي،شۇنداق قىلاي كىم ئۇ خۇتۇننى باشقا ئەر چىقمىغاندەك ئائىلىسى باللىرى بار ئەرگە تەگسۇن دەپتىكەن؟بىراق ئۇ بىچارە يەنە ئەرسىز يۈرەرمۇ يەنە قانچىلىك پىتنىگە قالار؟». تولا ئويلاپ بېشىم ئاغرىپ كەتتى،بۇ دەردىمنى كىمگىمۇ دەرمەن ئانامغا دەي دىسەم كېسەلچان تۇرسا،ئاكامغا دەيمۇ يە ئاكاممۇ بايلاردىن، كىم بىلىدۇ ئۇنىڭمۇ خۇتۇنى بارمۇ تېخى؟ئۇلارغا دىگىنىم بىلەن نىمىش قىلىپ بېرەلەيتتى ،ئۇلارنىڭمۇ قورسىقىنى كۆپتۈرمەي،قېيىن ئانامغا دەي دىسەم ماڭا بەكلا ئامراق بۇنى ئاڭلاپ ئوغلىغا ئاچچىقلىنىپ قان بېسىمى ئۆرلەپ كىتىپ بىرەر ئىش بولسا بالاغا قالارمەن.دوسلىرىمنىڭ بېشىغا بۇنداق كۈن كەلگەندە تەسەللى بىرىپ يول كۆرسەتكەن ئادەم ئۈزەمگە كەلگەندە كاللام ھىچنىمىگە ئىشلىمەيۋاتاتتى. مۇشۇ خياللار بىلەن ئولتۇرسام تېلفۇن كەلدى،دوستۇم رىسالەت ئىكەن بۈگۈن ئۈيىگە ئائىيشە،زۇھراگۇل بۇ مەريەملەر كېلىدىكەن مىنىمۇ ئولتۇرۇپ كەتسىلە دەپ تېلفۇن قىلىپتۇ،ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ئولتۇرغاندىن بېرېپ كېلەي دەپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ،ئەينەككە قارىمىغىلى نەچچە كۈن بۇلۇپتىكەن توۋا،خېلى ئابدانلا قېرىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قاپتىمەن،يەنە شۇنداق يىغلىغۇم كەلدى ،ئۈزەمنى بېسىۋېلىپ تەييارلىق قىلىپ باردىم،مەن بارغاندا قالغانلار كىلىپ بولغانتى،سالام قىلىپ كىرىشىمگە ھەممىسى ۋۇي سىلىگە نىمە بولدى ؟قاپاق ئىششىپ كەيپىيات ناچارغۇ ؟كۈلۈپ كىردىغان زەينەپ قېنى دەپ سوراپتى،بىر ھازا يىغلاپ ئەھۋالنى ئۇلارغا دىدىم. بىرەسىمىز سۆز قىلساق چاقچاققا ئايلاندۇردىغان بۈمەريەم ئوغۇلبالا پۇلى بولغانكىن ئالسۇن تازا دەپ چاقچاق قىلدى. سەبىر قىلسىلا نىمىلا بولمىسۇن نىكاھلاپ شىھىت قېرىندىشىمىزنىڭ ئايالىنى ئالدى ،خەقتەك ئۆيدە ۋاي خۇتۇن دەپ تالادا ئاشنا تۇتۇپ يۈرمىدى،بىرنى تېپېۋېلىپ سىلىنى قوغلىمىدى،يا سىلىدىن كىچىك سىلىدىن ئۈستۈن تۇرغىننى ئالغىنى يوق، پەيزۇللاغا شۇ تەققى-تۇرقى پۇلى بىلەن قىز ئالىمەن دىسىمۇ تېگىدىغانلار جىق،ئامىنە ياش جەھەتتىن سىلدىنلا ئەمەس پەيزۇللاھدىنمۇ بىرە ياش چوڭدۇ،دىمەڭ پەيزۇللاھ ئامىنەنى ھېسياتىنى دەپ ئالغىنى يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامىنە تۇغماس .سەبىر قىلسىلا اللە ئەجىر بېرىدۇ، سەبىر قىلماقنىڭ تەسلىگىنى بىلىمىز ،چىدىماق ھەقىقەتەن تەس ،تەس بولغاچقا «رەسۇلۇللاھ كۈنلەمچىلىك دەردىنى تارتقان ئايال مەن بىلەن تەڭ قوپىدۇ »دىگەن،دەپ ھەممىسى ماڭا بىرمۇنچە تەسەللى بەردى.ھەم ئۆي تۇتقۇللىرى بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىۋەمەي ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا يەنە سەت قىلىۋىرىپ ئۆيدىن راسلا يوقالمىسۇن دىدى. تەسەللىلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ تىنجىپ كەچ بولغاندا قايتىپ كەلدىم،نەچچە ۋاقىتتىن شۇنچە ئىللىق بىلىندىغان ئۆي ماڭا بۈگۈن سوغاق كۈرۈنىۋاتاتتى،شامدىن كىيىن ئولتۇرۇپ يولدىشىم بىلەن پاراڭلاشماقچى بۇلدۇم-يۇ لىكىن پەقەت پاراڭلاشقۇم يوق ئىدى.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن سەل كەيپىياتىمنى تەڭشەپ پاراڭلىشىش خىيالىغا كەلدىم. شامدىن كىيىن يولدۇشۇم ئۆيگە كىرىدى،ئۇنىڭغا قارىدىم ئۇمۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇبدانلا جۈدەپ قالغان ئىدى،قەلبىم شۇنداق ئازاپلاندى. ئاخىرى چىدىماي ئۇنىڭدىن تاماق يىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدىم،ئۇ ياق تېخى دىدى،بىلىمەن ئۇ ئەزەلدىن ئامال بارئاشخانىدىن تاماق يىمەيدۇ،مىنىڭ ئەتكەن تامىقىمغا كۈنۈپ قالغان،شۇڭا گەپ-سۆز قىلماي قايسى كۈنى توڭلاتقۇغا تۈگۈپ سېلېپ قويغان بەنشىردىن پىشۇرۇپ بەردىم. ئۇ سىزمۇ يىمەمسىز ؟بىللە ئولتۇرۇپ يەيلى دىگەن مەن مىنىڭ قوسۇغۇم توق دىگىنىمچە تېلىۋۇزۇرنى قۇيۇپ شۇنىڭغا قاراپ ئۈن-تۈنسىز ئولتۇردۇم.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.قېيىنئانامنىڭكىگە كۈندە بولمىسىمۇ ئىككى كۈندە بىر بېرىپ ئىشىنى قىلىپ كەچلەپ كېلدىغان ،ھەپتىدە دىگۈدەك دادام-ئانام زىرىكىپ قالغاندا سېلىپ يىسۇن ،يە مىھمانغا قويار دەپ چۆچۈرە،بەنشىلەرنى تۈگۈپ ئەۋەتىپ تۇردىغان ئادەم گەرچە تېلفۇندا ئەھۋال سوراپ تۇرغان بولساممۇ ئۇ ئۆيگە بارمىغىلى نەچچە كۈن بۇلۇپ كەتتى ،ئوغلۇم ئاپا نىمىش بولدى مىجەزىللىرى يوقمۇ دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىلىمۇ دىگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى. باللىرىممۇ ئائىلىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە غېرىپسىنىپ قالغان ئىدى.بالىلارنى چوڭ ئۆيگە بېرىپ كىلىڭلار دەپ ماڭدۇردۇم. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئاچچىقىممۇ يېنىپ بۇ ئىشلارمۇ خېلى كاللامدىن ئۈتۈپ قالغان ئىدى،ئۆتمەيمۇ ئامال يوق بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ اللە ھالال قىلغان ئىشنى چەكلىسەم قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن ئۆيلىرىمنى پاكىز تازلىدىم، چىرايلىق كىيىندىم ھەم ئوخشىتىپ پولو ئىتىپ يولدۇشۇمغا تېلىفۇن قىلدىم ،«ئامىنەنى ئېلىپ ئۆيگە كىلىڭ» ،يولدۇشۇم قايتا سورىدى،« نىمە دەيسىز؟»،«ئامىنەنى ئېلىپ ئۆيگە كىلىڭ دەيمەن». «بىرەر ئىش بارما؟» ئۇ جىددىيلىشپ كەتكەن ئىدى مەن «ياق قالغىننى كەلگەندە بىلىڭ ئامىنەنى ئېلىپ كىلىشنى ئۇنۇتماڭ» دەپ تېلفۇننى قۇيۇۋەتتىم. بىردەمدىن كىيىن يولدۇشۇم ئامىنەنى ئېلىپ ئۆيگە كىردى،ئامىنەنىڭ چىىرايىدىن قورقۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،مەن ئۇنى ئۆيگە چىرايلىق باشلاپ چاي قۇيدۇم،ئاندىن تەييار بولغان تاماقنى قويدۇم،«ئامىنە تاماقتىن ئېلىڭ ،قانداق بولدىكىن» دەپ تاماققا تەكلىپ قىلدىم،ئۇ «بەك ئوخشاپتۇ» دەپ يىدى لىكىن قورقۇپ تۈزۈكمۇ يىيەلمىدى.يولدۇشۇم ھەيرانلىقتىن ماڭا قارىغىنىچە جىممىدە ئولتۇراتتى. تاماقتىن كىيىن ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدىم،«پەيزۇللاھ!مەن بىر مۇسۇلمان بولغاچقا ئامىنەنى قۇبۇل قىلدىم،ھەرگىزمۇ سىزنى مەندىن ئاجىرشىپ كېتەرمىكىن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىدىن قورقۇپ ئەمەس پەقەت اللەدىن قورقۇپلا قۇبۇل قىلدىم،ئامىنەدەك ئاياللارغا قاراش بىزنىڭمۇ مەجبۇرىيتىمىز ،ئەگەر مۇشۇ ئىش ئارقىلىق بىرسىمىز بولسىمۇ ھارام يولغا مېڭىشتىن ساقلىغىلى بولسا اللە بىزگىمۇ ئەجىر بەرگەن بولاتتى ،مىنىڭ بۇ ئىشنى قۇبۇل قىلمىغىمنىڭ قانچىلىك تەسكە توختىغانلىغىنى بىلەمسىلەر؟مەن نەچچە قېتىم ئاجىرشىپ كىتىش خىيالىغىمۇ سىزنى قۇيۇپ بەرگۈزۈش خىيالىغىمۇ كەلدىم،باللىرىمنى ئويلاپ ئاجىرشىشتىن ياندىم،ئامىنە سىزنى ئاجراشتۇرۋەتكەندىن كىيىنكى كۈنلىرىڭىزنى ئويلاپ ئۇنىڭدىنمۇ ياندىم ،بۇنداق ۋاقىتتا شەيتان بەك غالىپ كېلدىكەن ،بەك تەستە سىزنى قۇبۇل قىلدىم ،اللە خالىسا بۇندىن كىيىن ئاچا-سىڭىل بۇلۇپ ئۆتەيلى »بۇ سۆزلەرنى يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق تەستە دىدىم. «پەيزۇللاھ !مەن بۇ ئىشنى قۇبۇل قىلسام ھەممە سۈزۈمگە ئۇنايدىكەن دەپ خيالىڭىزغا كەلگەننى قىلىپ يۈرمەڭ،مىنىڭمۇ سەۋىر قاچام چاغلىق، تېشىپ كىتىپ قالسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىم مۇمكىن ،يەنە شۇنى دەپ قوياي اللە «كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشتا ئادىللىقنى بەك تەكىتلىگەن»رەسۇلۇللاھ ئادىل بولالمىغانلارنى قىيامەتتە سىڭاينى يوق قوپىدۇ دىگەن مەن يولدۇشۇمنىڭ سىڭايان قۇپۇشىنى خالىمايمەن،بۇنداق ئىشقا چىدىماق بەك تەسكەن ،كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىپ قويسام كەچۈرۈڭ». ئامىنە ماڭا ئېسىلغىنىچە ،«مىنى كەچۈرسىلە مەن بۇنداق قىلمىسام بولاتتى يالغۇز ياشىماق بەك تەسكەن پىتنىگە چىدىماي ماقۇل دەپتىمەن »دەپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى،ئىچىم ئاغرىدى ئۇنىڭغىمۇ نىمە ئامال؟ يولدۇشۇم بولسا سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ كىتىپ «زەينەپ ئۈمۈدىڭىزنى مۇشۇ قىلغانلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن» دىدى. ئامىنە قايتاي دەپ ماڭغىلى تەمشەلدى يولدۇشۇمغا «ئامىنەنى ئاپىرىپ قۇيۇڭ» دىدىم،ئامىنەنىڭ« بولدى ئاپتۇبۇستا كېتەي» دىگىنىگە قويماي يولدۇشۇمنى ئاپىرىپ قويغىلى ئەۋەتتىم. چۈنكى يولدۇشۇمنىڭ ئادىل بۇلۇشىغا مەن ياردەم قىلمىسام بولمايتى،ئامىنەنى ئاپىرىپ قۇيۇپ كەلگەندىن كىيىن چوڭ ئۆيگە بېرىپ نەچچە كۈندىن بۇيان مىجەزىم يوق كېلەلمىگىنىمنى دەپ بىر مۇنچە ئۆزرە ئېيىتتىم كەچ بولغاندا بالىلارنى ئېلىپ قايتىپ كەلدۇق. ئەتىسى كەچتە خۇپتەندىن چىقىشىغا ئۈلگۈرتۈپ يولدۇشۇمغا تېلفۇن قىلدىم _«بۈگۈن ئامىنەنىڭ قېشىدا قۇنۇڭ ،ئادىل بولمىسىڭىز بولمايدۇ،ئۆيگە كىرمەيلا ئۇدۇل شۇ يەرگە كىتىپ ئەتە كىلىڭ،قېيداپ دىمىدىم ،سىزنى ياخشى كۆرگەنلىگىم ئۈچۈن ئادىل بولماي قىيامەتتە يېرىمى يوق قۇپۇشىڭىزنى خالىمايمەن» دەپلا تېلفۇننى قۇيۇۋەتتىم يولدۇشۇم «نىمە؟» دىگىنىچە تېڭىرقاپ قالدى. يۈرۈگۈم شۇنداق ئازاپلىنىۋاتاتتى ،كىرىسلودا ئىشىككە قارىغىنىمچە ئولتۇراتتىم ئۇنىڭ قايتىپ كىرىشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلدىم،«توۋا ئۈزەم بېرىڭ دەپ يەنە قايتىپ كەلسە دەپ ئۈمۈد قىلغىنىم نىمىسى؟»نەچچە قېتىم مىجەزىم يوق دەپ تېلفۇن قىلايمۇ دەپ تۇرۇپكىنى ئېلىپ قۇيۇۋەتتىم ،ئولتۇرۇپ باقتىم ،كومپىيوتىرنى ئېچىپ مۇنبەرلەردىكى ھىكايىنى ئۇقۇپ باقتىم ھىچنىمە كاللامغا چۈشمەيتى،يېتىپ باقتىم ئۇيقۇم كېلدىغاندەك ئەمەس ،شۇنداق يىغلىغۇم كەلدى ،يېتىپ يىغلا يىغلا ئاخىرى بىر ۋاقىتتا ئۇخلاپ قاپتىمەن،بامدادقا ئاران ئۈلگۈرۈپ ناماز ئۇقۇپ بۇلۇپ تۇرۇشۇمغا يولدىشىم سۈت ئېلىپ كىرىپ كەلدى. بۈ كۈنلەر ئۆتىۋەردى بارغانسىرى ھەممە ئىشقا كۈنۈپ قالدىم،بىر نەچچە قېتىم ياخشى تاماق ئەتكەندە ئامىنەنى چاقىرىپ بىللە ئىتىپ يىدۇق،ئامىنەمۇ مىنى بىر تۇققىنىدەك كۆردى مەنمۇ شۇنداق كۆردۈم،مانا ھازىرغىچە ئۇ ئاغرىسا مەن تاماق ئىتىپ ئەۋەتىپ مەن ئاغرىسام بۇ ئۆيگە كىلىپ ماڭا باللىرىمغا تاماق قىلىپ بىرىپ ئۈتۈۋاتىدۇ. ھەممە نەرسىنى بېشىدا قۇبۇل قىلماق تەسكەن ،ھازىر كۆڭلۈم خېلى ئەمىن تېپىپ قالدى ،ئايال كىشى بولغاندىكىن بەزەندە كۈندەشلىكتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن،مۇھىمى ھەممە ئىشنى توغرا ھەل قىلىشكەن.