• 2008-12-15

    ئاجايىپ ھېكايە ئۇقۇماي تۇرالمايسىز....! ئۇقۇپ بېقىپ بىرنېمە دەڭ بۇلامدا

    يەنە ئاشۇ كۆپكۈك ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگۈدەكمەن. ئوڭۇممۇ- چۈشۈممۇ ياكى ھەر ئىككىلىسى ئەمەسمۇ بىلمىدىم. قانىتىم ئاستىدا غۇر-غۇر شامال ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. مەن ھازىر ناھايىتى روھلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. ۋۇجۇدۇمدا كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. زەڭگەررەڭ ئاسمان، پارلاق قوياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بىپايان دۇنيا. بۇ نەقەدەر گۈزەل مەنزىرە-ھە؟ مەن تېخىمۇ روھلىنىپ يەنىمۇ ئېگىز ئۆرلىدىم. كۆز ئالدىمدىكى بۆلجۈرگەنزار غايىب بولدى. ئەمدى ماڭا دۇنيا تېخىمۇ كەڭرى يېيىلىپ كۆز ئالدىمدا بىر يېشىل داستىخاندەك ئوچۇق نامايەن بولدى. بۇ ئىلگىرى مەن كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرە، مەن كۆرۈپ باقمىغان جايلار ئىدى. لېكىن، مەن ئۇ يەرگە ئۆز ماكانىمدەك مۇامىلە قىلدىم. ھەممە يەر ئوخشاشلا گۈزەل كۆرۈنەتتى. تۇيۇقسىز ئالدىمدا مەھەللىلەر، ئۆيلەر كۆرۈندى. پەستە ئۇششاق نەرسىلەر قىمىرلاپ يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ ئانام سۆزلەپ بىرىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، ئۇلار ماڭا ئانچە خەتەرلىك ئەمەستەك كۆرۈندى. ئانامغا قېرىلىق يەتكەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. يەردە بىچارىلەرچە ئۆمىلەپ يۈرگەن ئاشۇ جانلىقنىڭ كۆكتە ئۇچۇپ يۈرگەن بىزدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەڭۈم كەلمىدى. بەلكىم مېنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىشكە كاللام يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ مەن ئادەملەرنى ئۇنچە خەتەرلىك ھېس قىلمىدىم. ئانام:«ئادەملەرنىڭ قورسىقىدا ھۈنىرى جىق، پەخەس بولمىساڭ ئۇلار سېنى بىردەمدىلا مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.» دېگەنىدى. بىردىنلا مېنىڭ ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ھۈنىرىنى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى. نېمىشقا ئۇلارنىڭ ھۈنىرىنى قورسىقىغا سولىۋالىدىغانلىقىغا ئەقلىم يەتمىدى. ئاستا- ئاستا پەسلەپ مەھەللە ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. ماڭا ئەمدى ھەممە نەرسە ئېنىق كۆرۈندى. بۇ يەردە ئادەملەردىن باشقا قوي- كالا، تۇخۇ، ئىشقىلىپ مەن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. بىر توپ كەپتەرلەر ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئاز بىر قىسمى بولسا، كەپتەرلەر قونۇش ئۈچۈن ياسالغان پەغەز دېگەن نەرسىگە قونۇپ ئولتۇراتتى. مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن يېنىغا كېلىپ قوندۇم. پاراڭلىشىش ئۈچۈن قوندۇممۇ ياكى ئارام ئېلىش ئۈچۈن قوندۇممۇ بۇ ئېنىق ئېسىمدە يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى تۇيغۇم بەك خىرە ئىدى. ئىشقىلىپ مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. - قەيەردىن كەلدىڭ؟ - دېدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى چوڭراق بىرسى. مەن ئۇنىڭ مۇشۇ توپنىڭ ئىچىدىكى باشلىقى ئەمەسلىكىنى جەزم قىلالمىدىم. ئۇنىڭ نېمە بولۇشى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. چۈنكى مەن بۇ توپنىڭ ئەزاسى بولمىغاچقا ئۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە تەرىپىنى بايقىغىلى بولمايتتى. - بۆلجۈرگەن سايدىن،- دېدىم مەن. - بوۋامدىن ئاڭلىغان. بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئاشۇ يەرلىك ئىكەن، بىراق مەن ئۇ يەرنىڭ بىزدىن نەچچە ئايلىق يىراقلىقىنى ئاڭلىغان، ئادەتتە بىز نەچچە كۈنلۈك يولغا ئۇچۇپ بارالمايمىز. بەلكىم سەنمۇ نىشاندىن ئادىشىپ قالدىڭغۇ دەيمەن. مەن ئۇنىڭ نەچچە كۈنلۈك ئارىلىققىمۇ ئۇچالمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بەلكىم قېرىلىق يەتكەندۇ، دەپ ئويلىدىم. ئۇ دېگەن بۆلجۈرگەن ساي مەن كەلگەن بۆلجۈرگەن ساي شۇمۇ- ئەمەسمۇ ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىدىم. ئەگەر ئۇنىڭ بوۋىسى مەن كەلگەن سايدىن كەلگەن بولسا دېمەك بىز بىر جەمەت تۇققان بولۇپ قالاتتۇق. - مەن بۇ يەرگە ئېزىپ قېلىپ ئەمەس بەلكى، ئۇچۇشنى مەشىق قىلىۋېتىپ كېلىپ قالدىم. بىر نەچچە كۈڭىچە بىر نەرسە يىمەيمۇ ئۇچالايمەن،- دېدىم جاۋابەن. ئۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويدى. - بەلكىم سەن ياۋا كەپتەر ئوخشايسەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېيىشىدۇ. بىراق بىزدە ئۇنداق جەڭگىۋارلىق يوق. پەقەت قونداق ۋە قەپەزدىن باشقىنى ئويلىمايمىز. مەنمۇ مۇشۇ مەھەللىدىن نېرىغا ئۆتۈپ باقمىدىم. ئۆتۈپ نېمە كەپتۇ. قوناي دېسەڭ پەغىزىڭ، ياتاي دېسەڭ قەپىزىڭ تەييار تۇرسا جاپا تارتىپمۇ ئىشمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا – چاقىلىق بولۇپ قالدىم؟ ئەمدى ئۇچۇپ نەگە بارارمەن. ئىگىمىزمۇ ياخشى قاراۋاتىدۇ.- يېشى چوڭ كەپتەر تۇمشۇقى بىلەن پەيلىرىنى تاتىلاپ قويدى. - ئاڭلىسام ئادەملەر بەك قورقۇنچلۇقكەن. ئۇلار بىزنى تۇتۇۋالسا روھىمىزنى قۇل قىلارمىش دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ - روھ؟ - يېنىمدىكى بىر كىچىك كەپتەر ھەيران قالدى، - بوۋا، روھ دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ روھنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگىنىدىن مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم. بۇ كەپتەرلەر باللىرىنى قانداق تەربىيلەيدىغاندۇ؟ روھى بولمىغان ھاياتلىقنىڭ نېمە كېرىكى، روھسىزلىق ئۇلارنى قانداق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان- ھە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنى چۈشەنمەيدىغاندۇ. گەرچە روھنى، ئەركىنلىكنى سوۋغا قىلغىلى، تىلەپ ئېرىشكىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ بىچارە كەپتەرلەرگە روھىي ئەركىنلىككە ئىگە بىر ماكاننىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇلار روھ دېگەن سۆزنى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغاندەك قىلاتتى. يېشى چوڭ كەپتەر ھېلىقى سۇال سورىغان كەپتەرنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى. - روھنىڭ نېمىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئۇنى مەنمۇ بوۋامدىن ئاڭلىغان. ھازىر ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىشىم.بوۋامغىمۇ بوۋىسى دەپ بېرىپتىكەن. بەلكىم بوۋىسىغىمۇ بوۋىسى دەپ بەرگەن بولسا كېرەك. بوۋام ھەمىشە «بىزدە روھ يوقالغىلى بەك ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن» دەيتتى. بەلكىم بۇ كەپتەرنىڭ دەۋاتقىنى يوقالغىلى بەك ئۇزۇن بولغان ئاشۇ روھ بولسا كېرەك. بىزدە ھازىر روھ دەيدىغان نەرسىنىڭ سايىسىمۇ قالمىدى. يېشى چوڭ كەپتەر ماڭا يۈزلەندى. - دەپ باقە ئوغلۇم، سەن ئۇنىڭ قانداق نەرسىلىكىنى بىلەمسەن؟ مەن گاڭگىراپ قالدىم. ئۆزۈم دېگەن سۆزگە ئۆزۈم جاۋاب بېرەلمەي قالارمەنمىكىن دەپ ئەندىشە قىلدىم. ياق ھازىرچە بىلمەيمەن، بىراق ئانام سەندە داداڭنىڭ باتۇرلۇق روھى بار، ئۇ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ، دېگەن. ئۇ پىشىپ يېتىلسە چۇقۇم بىلىۋالىمەن. ھە، دېمەك سەندە ئاتاڭنىڭ روھى يېتىلىۋېتىپتۇ. ئەمما ئاتىلار ئەمەس بىر پۈتۈن كەپتەرلەر جەمەتىنىڭمۇ روھى ئاللىبۇرۇن يوقالغان. ئانىمىز بىزگە ئەزەلدىن روھ توغرىلىق سۆزلەپ بەرمىگەن. ئاتىلىرىمىزدىنمۇ ھېچقاندا بىرەر بىشارەت ئىشتىمىدۇق. ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە مەن بۇ سۆزنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇڭا بىز روھسىزلىق دەۋرىگە ئاللىقاچان قەدەم قويۇپتىمىز. ھەي، ئاشۇ يوقالغان روھىمىزنىڭ زادى قانداقلىقىنى تېپىۋالغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى. بوۋاي ئېغىر خۇرسىندى. سىلەر مۇشۇ روھسىزلىقىڭلار تۈپەيلى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئادەملەرگە قۇل بولۇپ ئۆتىسلەر. ئۇلارنىڭ خالىغان چاغدا يەيدىغان تاامىغا ئايلىنىسىلەر. ئۇلار سىلەرنى قۇللۇقتا شۇ دەرىجىگە چۈشۈرۈپتۇكى قويۇپ بەرسىمۇ ھېچيەرگە بارالماي ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىلا ئۇچىدىكەنسىلەر. كىچىككىنە داندىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىماي ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئۆزۈكلاردەك قۇللۇققا تۇتۇپ بېرىپسىلەر. سىلەرگە بىزلەرنىڭ كەپتەرلەر توپىدىكىدەك بىر باشچى كېرەككەن. بىراق، بۇ ئەپتىڭلاردا سىلەردىن ئۇنداق بۈيۈك ئۈمىد كۈتكىلى بولمىغۇدەك. سىلەر ئالدى بىلەن روھىڭلاردىكى ئاشۇ قۇللۇقنى يوقىتىشىڭلار كېرەك. ئەڭ مۇھىمى سىلەر روھنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىڭلار. سىز نېمىشقا مەن بىلەن بېرىپ ئانامدىن سوراپ كۆرمەيسىز؟ دېدىم مەن يېشى چوڭ كەپتەرگە ھېسداشلىق قىلىپ، مەن بوۋاينىڭ بىلىۋېلىشىنى ئىزدىدىممۇ ياكى ئۆزۈم بېلىۋېلىشنى ئويلىدىممۇ تازا ئېنىق ئەمەس ئىدى. بەلكىم ھەر ئىككى خىل ھېسسىيات ۋۇجۇدۇمدا تەڭ قۇتراۋاتقاندۇ. بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. شۇنداق بىخەتەر قەپىزىم تۇرۇپ، روھ ئىزدەپ نەگە بارىمەن. يەنە كېلىپ مەن روھنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسەم، ئۇنى تاپساممۇ نېمە پايدىسى، قارا، روھ بولمىسا نېمە بوپتۇ، يەنىلا مۇشۇ قەپىزىم بىخەتەر ياشىغىلى بولىدىكەنغۇ. يەنە كېلىپ ھېچنېمىگە ئەس قاتمايدىغان روھ دېگەن ئۇ نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش نەقەدەر جاچالىق. يېشى چوڭ كەپتەرنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ كەتتىم. ئۇنىڭ دېگىنى بىر تۇرۇپ توغرىدەك، بىر تۇرۇپ خاتادەكمۇ قىلاتتى. ئەمما ھېچقانداق ياشاش ئېتىقادى ۋە روھى بولمىغان بىر كەپتەر بىلەن روھ توغرىلىق سۆزلىشىش ماڭا نومۇسلۇق ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بېرىپ بۇ مەسىلىنى ئانامدىن سوراپ باقاي، دەپ ئويلىدىم. بىر توپ كەپتەرلەر يېنىمىزغا كېلىپ قوندى. ئاندىن ئۆز ئارا گۇگۇلاشتى. ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرىنى پەقەت ئۇقمۇدۇم. بەلكىم ئۆز تىلدا سۆزلەشسە كېرەك. ئادەتتە بىز تەرەپلەرگىمۇ بەزىدە مۇشۇنداق ياقا يۇرتلۇقلار كېلىپ قالاتتى. ئۇلار كىملەر؟ يېشى چوڭ كەپتەرنىڭ دوستىمۇ ياكى جەمەتىمۇ بىلمىدىم. مەن بىلەن سۆزلەشمەكچىمۇ ياكى ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتامدۇ پەقەتلا ئۇقمۇدۇم. ياخشىمۇ سەن قوزام، يېشى چوڭ كەپتەر يېنىدىكى كىچىك بىر كەپتەرنىڭ پەيلىرىنى چوقۇلاپ ئەركىلىتىپ قويدى. ياخشى ئەمەس، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى. نېمىشقا ئانام ئەمدى دان بەرمەيدۇ؟ ئۇ دان ياكى قوناق دېگەندەك بىر ئىسىمنى ئېيتتى. بەلكىم تېرىق ياكى كەندىر دېگەندۇ. ئىش قىلىپ مەن بىلمەيدىغان ياتلا ئىسىم ئىدى. ھەي، ئادەملەر باشقۇرغان كەپتەرلەر قىزىقكەن. يەيدىغان نەرسىلەرگمىۇ « ھەر خىل ئىسىم قويۇپ يۈرىيدىكەن، دەپ ھەيران قالدىم. ئاناڭ ئەمدى يېڭى ئۇكىلىرىڭنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن قۇۋۋەت توپلىمىسا بولمايدۇ. ئادەم كېلىپ دان سېلىپ بەرگۈچە ساقلا، بولامدۇ؟ ياق، ساقلىيالمايمەن. دالىغا بېرىپ ئۆزۈم دان تېپىپ يەپ كېلىمەن. ئوبدان قوزام، گېپىمنى ئاڭلا. ئۇ يەرگە بارساڭ بەك خەتەرلىك. سېنى ئەسكى ئادەملەر تۇتۇپ يەپ كېتىدۇ. بارما بولامدۇ؟! كىچىك كەپتەر دومسىيىپ جىم بولۇپ قالدى. قارىغاندا بۇ توپتىكىلەر مۇشۇ قېرى كەپتەرنىڭ گېپىنى بەكرەك ئاڭلايدىغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ يەپ كېتىدىغان ئاشۇ ئادەملەر بىلەن يەنە بىرگە ياشىشىنى پەقەتلا كاللامغا سىغدۇرالمىدىم. بەلكىم مەن يېيىش دېگەن سۆزنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندىمەن. بەلكىم بۇ ياخشى قارا دېگەن سۆزدەك بىر سۆز بولۇشىمۇ ئېھتىمال. ياكى بۇ چەت تىلدىن كىرگەن سۆز بولسا مەن مەنىسىنى خاتا ئىستېمال قىلىۋالغان بولۇشۇم مۇمكىن. بىراق بۇ مېنىڭ ئويۇمچە ھەممە كەپتەر بىلىشكە تېگىشىلىك مۇھىم سۆز ئىدى. ئاناممۇ ھەمىشە ماڭا ئادەملەرنىڭ توتۇۋېلىشىدىن، يەپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەشنى جېكىلەيتتى. بىراق، ھازىر بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بۇ يەردە باشقىچىگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئۇلار ئادەملەرنىڭ يېيىشىدىن ھەزەر ئەيلىسە ھەرگىز يەنە ئادەملەر بىلەن بىرگە تۇرمايتتى. قانىتىغا تايىنىپ خالىغان يەرگە ئۇچۇپ كەتسە بولۇۋېرەتتى. بىراق ئۇلار قانىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك. بەلكىم ياشاپ كۆنۈپ قالغان قەپەزدىن ئايرىلىشىنى خالىماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىگىمىز ياخشىمۇ؟ كىچىك كەپتەر قېرى كەپتەردىن سوال سوراشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە ياخشى. بىراق، ئۇمۇ بىزنى باشقا ئادەملەردەك خالىسا تۇتۇپ يەيدىغۇ؟ بۇ دېگەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىزنى قەپەز ئىچىدە باققاندىكىن تۇتۇپ يېسە ھەقلىق. بۇنىڭغا ھېچقايسىمىز قارشىلىق قىلساق بولمايدۇ. مەن ئاخىرى يېيىش دېگەن سۆزنىڭ ئىستېمال مەنىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى. باياتىن ئارتۇقچە گۇمان قىلىپ يۈرگىنىمنى چۈشەندىم. بىراق ئىگىمىز بەرگەن دانلارنى چوڭلار يەۋېلىپ ماڭا ئاشمىسا. مەن قانداق قىلىمەن؟ مەن كۈنسېرى ئورۇقلاپ، ياشاشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. سەنمۇ ئاستا ئاستا شۇنداق چوڭ بولىسەن. چوڭلاردىن قانداق يېيىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىسەن. يېيىشكە تېگىشلىك نەرسىنى ھەرگىز باشقىلارغا بەرمەيدىغاان بولىسەن. بىز ياشىغان مۇھىت مۇشۇنداق ئوغلۇم. بىراق، بوۋا. بولدى قوزام، جىق سۆزلەپ كەتتىڭ كەپتەر دېگەن قاناەتچان بولۇشى كېرەك، ئارتۇقچە نەرسىلەرنى تالاشماسلىق لازىم. بىلدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى بەك بوغۇۋاپسىز، دېدىم مەن، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كەڭرەڭ ئىمكانىيەت بېرىڭ. ئۇ ئۆز ئەركى بويىچە ياشىسۇن. مەن قېرى كەپتەرنىڭ سۆزىگە سۆز قىستۇرۇشنى خالىمىساممۇ بىراق سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرگۈم كەلمىدى. بۇنداق تەڭىسىز مۇھىت مېنىڭچە كەپتەرلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى يوقىلىش خەۋىپىگە باشلاپ باراتتى. ھەي، سىز بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى چۈشەنمەيسىز. ئىگىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. ئەگەر بىرەرسىمىز ئۇنىڭ بەلگىلىگەن داىرىسىدىن ھالقىپ يوقاپ كەتسەك ئۇ ھەممىمىزنى قەپەز ئىچىگە سولىۋېتىدۇ. نەچچە ئايغىچە سىرتقا چىقالمايدىغان گەپ. ئۇ چاغدا ھازىرقى مۇشۇ كىچىككىنە قونداقتىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. قەپەزنىڭ زادى قانداق نەرسىلىكىگە پەقەت ئەقلىم يەتمىدى. كەپتەرلەر ئۇنىڭغا سولىنىپ قېلىشتىن ھەم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىدىكەن. كەپتەرلەرنىڭ ئەڭ چۈشىنىكسىزى ئادەملەر ئارىسىدىكى كەپتەرلەركەن دەپ ئويلىدىم. بۇ ئويۇمنى بوۋامغا بىلدۈرگۈم كەلدى. بىراق دېدىممۇ دېمىدىممۇ ھازىر ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ. بەلكىم بىر ئېغىزمۇ رەددىيە ياكى ماقۇللۇق سۆزى بىلدۈرمىدى. سىلەر چوڭلار ئاجىزلارنىڭ رىسقىنى يەۋالىدىكەنسىلەر، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى چەكلەيدىكەنسىلەر، ئۇنى توغرا ئىشتەك چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدىكەنسىلەر، بۇنداق مۇھىت قانداقمۇ كەپتەر بالىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە، ياشىشىغا ماس كەلسۇن؟ سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ قانداق ھالەتتە ياشاۋتقانلىقىڭلارنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بىخۇتلىشىپ كېتىپسىلەر، رەزىللىكتە ئادەملەرگە يېتىشىۋالغىلى تۇرۇپسىلەر، دېدىم مەن. ئادەملەرگە تىل تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇلار بولمىسا بىزنىڭ بۈگۈنىمىزمۇ بولمايدۇ. تەتۈر تەشۋىقلىرىڭىزنى باشقا يەرگە بېرىپ قىلىڭ، دېدى بوۋاي زەردە بىلەن. مەن بوۋاينىڭ ياخشى كۆڭلۈم ئۈچۈن بۇنچە زەردە قىلغىنىنى چۈشەنمىدىم. بەلكىم ئۇ مەقسىتىمنى چۈشەنمەي قالغان بولسا يەنە چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەكتۇ. سىلەردە مەسۇلىيەت دېگەن نەرسە يوقكەن. ئۆز ئەۋلادلىرىڭلارنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرىدىكەنسىلەر، سۆزۈمنىڭ داۋامىنى تېخى تەسىرلىك چۈشۈرىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، شۇ ئارىدا تاراق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پۇتۇم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئۈچۈش ئۈچۈن قانات قاققان بولساممۇ، قانىتىم بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى. كەپتەرلەر پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. ئاندىن ئەتراپىمدا ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. ھا، ھا، ھا، ئەركىن ياشىغۇچى، ئاخىرى قەپەزگە چۈشىدىغان بولدۇڭ. سېنىڭ يەنە چوڭ سۆزلىگەنلىكىڭنى بىر كۆرەي. ئۆزۈمنىڭ قىستۇرمىغان چۈشۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم. مەن بىردىنلا بوۋاينىڭ مېنى ئەتىگەندىن بېرى گەپكە تۇتۇپ، ئىگىسىنىڭ تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن ئالداپ تۇرغىنىنى چۈشەندىم. قەلبىم چەكسىز ئازابقا تولدى. ماڭا كەلگەن بۇ خەتەر ئادەملەردىن ئەمەس، بەلكى كىچىككىنە مەنپەەتكە ئالدانغان ئۆز قېرىنداشلىرىمىدىن كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئادەملەرگە ماسلىشىپ مېنى تۇتۇپ بېرىشى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى ھەم مېنى بەك ئېچىندۈردى. خىيالىمدا ھەرگىزمۇ ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق كېرەك، دېگەن ئىدىيە چاقماق تېزلىكىدە چاقناپ ئۆتتى. ئىككى پۇتۇمنى ئۇزىۋىتەلىسەملا مەن يەنە ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيتتىم. شۇڭا بار كۈچۈم بىلەن ئىككى تەرەپكە پالاقىشىشقا باشلىدىم. بالام، ئورنىڭدىن تۇر، نېمە بولدى ساڭا؟ كۆزۈمنى ئاچسام ئانام بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. خۇداغا شۈكرى ساقكەنمەن دەپ ئويلىدىم. ئىككى پۇتۇم سىيلاپ باقسام ھېچنېمە بولماپتۇ. سېنى قارا بېسىپ قاپتۇ، دېدى ئانام. بەك قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن، دېدىم ئانامنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ۋە چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. سەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ قىسمەتلىرىنى كۆرۈپسەن ئوغلۇم. ئادەملەر كۈنسېرى بىزنىڭ ياشاش مۇھىتىمىزغا قىستاپ كىرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن زېمىنىمىزدىن بىزنى قوغلاپ چىقارماقچى. يەرلىرىمىزنى تارتىۋالماقچى. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىپ ئاشۇنداق ئۆز نەسلىنى تونۇمايدىغان قىلىپ شالغۇت سورتلارغا ئايلاندۇرماقچى. بەلكىم ئۇزاققا قالماي بۇ يەرلەرگە ئېگىز بىنالار، زاۋۇتلار سېلىنىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا كېرەكسىز ساناەت مەھسۇلاتلىرى. ئىس تۈتەكلەر ئارىسىدا بىزنىڭ بۇ گۈزەل مۇھىتىمىز بۇلغىنىدۇ. شەھەر ئارىسىدا قىپقالغان دەريالىرىمىزدا ھازىرقىدەك شەربەت سۇلار ئەمەس. بەلكى يۇندا ئاقىدىغان بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بەك قورقۇنچلۇق ئوغلۇم. سەن بۇنى سەزمەيلا قالىسەن. ئەۋلادلىرىڭ سەن ياشىغان پاكىز مۇھىتنى كۆرەلمەيدۇ. تۇغۇلۇپلا جاھان مۇشۇنداق ئوخشايدۇ، دەيدۇ. ئامالىسز ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇلار بىزنى كۈنسېرى قىستاپ كەلمەكتە. ھەتتا ناھايىتى يېقىنلاپ قالدى. بىز ئەمدى باشقا بىر چىقىش يولى تاپمىساق بولمايدۇ. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمىساق بىزنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. يۈر سىرتقا چىقايلى، ساڭا ئەمدى داداڭنىڭ قىسمىتىنى سۆزلەپ بېرىدىغان ۋاقىت كەپ قالغان ئوخشايدۇ. ئانام مېنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ چىقتى. ئەتراپ پۈتۈنلەي ياۋا ئوت چۆپلەر بىلەن تولغان، ھېچقانداق يول ياكى ئىز چۈشمىگەن كەڭرى دالا ئىدى. بۇ دەريا يويىدىكى ئېگىز يارداڭلىقتا ئىدى. بۇ يەردە نەچچە مىڭلىغان كەپتەرلەر ئۇۋا سېلىپ ئەجداد قالدۇراتتى، ئاستىمىزدىلا ئېقىپ ئۆتىدىغان سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى بىزگە يېقىملىق ئەللەي ناخشىسى ئوقۇپ بېرەتتى. نەزىرىمدە بۇ يەر جاھاندىكى ئەڭ گۈزەم، ئەڭ بىخەتەر ماكان ئىدى. ئەگەر ئادەملەر بولمىغان بولسا، بىز مەڭگۈ مۇشۇ بەختلىك زېمىندا ياشىغان بولاتتۇق، ھەي ئادەملەر سىلەر زادى... مانا بۇ سېنىڭ ماكانىڭ. مانا بۇ ئەجدادلىرىڭ ياشىغان زېمىن. سېنىڭ بوۋاڭ، داداڭ، مۇشۇ ماكاننى گۈللەندۈرۈپ، مۇشۇ كەپتەرلەر توپىغا باشچىلىق قىلىپ ئۆتكەن. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ئىناۋىتىمىز يۇقىرى. شۇنداقلا زىممىمىزدىكى يۈكىمىزمۇ ئېغىر. مەن سېنى داداڭدەك باتۇر ئەزىمەت بولسۇن دەپ، ھەر كۈنى تاڭ سەھەردىلا ئويغىتىپ، نەچچە يۈز چاقىرىم يەرگە ئاپىرىپ، ئۇچۇشنى مەشىق قىلدۇرىمەن. قاناتلىرىنىڭنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىمەن. مۇسكۇللىرىڭنى چىڭىتىمەن. ئەقىل زېھنىڭنى ئۇرغىتىمەن. ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشنى ئۆگىتىمەن. سەن ھازىر جىسمانىي جەھەتتە خېلى پىشىپ يېتىلدىك. ئەمدى ئەقلىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشىڭ كېرەك. ئادەملەردىن ھەر ۋاقىت سەگەك بول. ئۇلار يەردە يۈرسىلا بىزگە چېقىلالمايدۇ دەپ ئويلىما. مىلتىق دېگەن نەرسىسى ئارقىلىقلا ئۇلار سېنى نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىن سوللاق ئاتقۇزىۋىتەلەيدۇ. داداڭنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ياق، سىز ماڭا تېخى ۋاقتى ئەمەس دەپ، ئېيتىپ بەرمىگەن. ئەمدى ۋاقتى كەلدى. مەن نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بۇ يەردە بىر قانچە ئادەمنىڭ تىمىسقلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. دېمەك ئۇلارنىڭ بىزگە كۆزى چۈشتى دېگەن گەپ. شۇڭا ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن بىز تېخىمۇ بىخەتەر ماكان تاپمىساق بولمايدۇ، داداڭمۇ دەل ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قولىدا جېنىدىن ئايرىلغان. ئانا دەپ بېرىڭە، دادام نېمە بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان؟ ئانام بىر پەس جىمىپ قالدى. بەلكىم كۆڭلى بۇزۇلۇۋاتقاندۇ، دەپ ئويلىدىم. شۇ كۈنى داداڭ بىر توپ كەپتەرلەرنى باشلاپ بىز ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن. ئادەتتە كەپتەرلەر ھەمىشە ئۆزىمىزگە خەتەر يەتمەيدىغان ئوزۇق تۈلۈك مول جايلارنى تاللايمىز. داداڭ كەپتەرلەرنىڭ باشچىسى بولغاچقا بۇ ئېغىر ۋەزىپە تەبىىي ھالدا ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن. داداڭ شۇ چىقىپ كەتكەنچە بىر قانچە كۈڭىچە كەلمىدى. مەن ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم. ئادەتتە بىز يېرىم كۈنلۈكتىن ئۇشۇق يول بولسا ئۇۋىلىرىمىزنى يۆتكەيتۇق. داداڭنىڭ ئۇنچە ئۇزۇنغا ئوزۇق ئىزدەپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. يۈرىكىم ئۇنىڭ بىر خەۋپكە ئۇچرىغىنىنى سېزىپ تۇردى. ئۇ چاغدا سەن ۋە ئۇكىلىرىڭ ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققانىدىڭلار. شۇڭا سىلەرنى تاشلاپ داداڭلارنى ئىزدەپ بارالمىدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ، داداڭ بىلەن بىرگە كەتكەن بىر كەپتەر قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدىلا قىياسىمنىڭ توغرىلىقىنى، داداڭنىڭ ئادەملەرنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغىنىنى بىلدىم. كېيىن ئۇنىڭ ئامان قالغان دوستىلىرى بىر بىرلەپ قايتىپ كەلدى. بىراق، داداڭ شۇ كەتكەنچە كەلمىدى. مەن ئانامنى يىغلاپ سالامدىكىن دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئۇنىڭ كۆزىدە بىر خىل قەيسەرلىك نۇرى چاقناپ تۇراتتى. دادام نېمىشقا قايتىپ كېلەلمەپتۇ؟ مەن تەقەززالىق بىلەن سورىدىم. داداڭ دېگەن كەپتەرلەرنىڭ پادىشاھى. ئۇنىڭدا شۇنىڭغا چۇشلۇق روھ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى قوغدىيالمىسا بۇ كەپتەرلەر توپىنى قانداق قوغدايدۇ؟ بىر پادىشاھ باشقىلارنىڭ قۇللىقى ئاستىدا ياشاپ قانداقمۇ يەنە قايتىپ كېلىپ، بۇ توپقا باشچىلىق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر يولى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنماسلىق. داداڭ ئادەملەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قەپەسكە سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، بىز ياۋا كەپتەر شاھلار جەمەتىنىڭ ئادىتى بويىچە تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. ئۇ بىر دەقىقە بولسىمۇ، قەپەستە ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەپتۇ. قەپەس ئۇنىڭ قىزىل قېنى بىلەن يويۇلۇپتۇ. داداڭ ئادەملەر سېلىپ بەرگەن دان سۇنى ئىچمەي يېمەي توپتۇغرا بىر ھەپتە ياشاپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ قولىدا باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بوپتۇ. مانا بۇ بىزدىكى ھەقىقىي ئەركىنلىك روھى ئوغلۇم. سەنمۇ داداڭغا ئوخشاش مەڭگۈ ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بول. ئانا، دادام ئۈچۈن باشقا كەپتەرلەردە پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كەلمەيدۇ؟ داداڭ بالىلىرىنىڭ قۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار داداڭنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنى باشقا كەپتەر بىلەن جۇپلەپ ئەۋلاد قالدۇرماقچى بولغان. بىراق داداڭ ھەرگىزمۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن بۇنداق نومۇسلۇق ياشاش مۇھىتىنى قالدۇرۇشقا ۋىجدانى يول قويمىغان. سەن چۈشۈڭدە كۆرگەن كەپتەرلەر دەل بالىلىرىنى قۇللۇققا تاشلاپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان كەپتەرلەرنىڭ ئەۋلادى بالام. ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئادەملەرنىڭ قولىدا روھى قۇللۇقتا ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلۈم مىڭ ئەۋزەل. سەن دەل ئاشۇنداق باتۇر كەپتەرنىڭ پەرزەنتى. سەن مەڭگۈ مۇشۇ روھنى ئۇنتۇپ قالما! ئانامنىڭ سۆزلىرى روھىمدا ئۇزاققىچە زىل زىلە پەيدا قىلدى. ئۆزۈمنىڭ شۇنداق بىر باتۇر دادىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىمدىن چەكسىز شادلاندىم. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئىنتايىن ئىپتىخارلىق، بەختلىك بىر روھنىڭ تېنىمدە بىردىنلا باش كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۈتۈن قەلبىم، ۋۇجۇدۇم كۈچ ۋە ئىپتىخارغا تولدى. قەلبىمدىكى بارلىق مۇھەببەت بىلەن ئانامنى مەھكەم قۇچاقلىدىم. بارغىن بالام، سېنى ئەلگە، كەپتەرلەر توپىغا بېغىشلىدىم. ئۇلار باشسىز قالمىسۇن. يېقىندىن بېرى ئادەملەر بىزنى ھەر خىل يوللا بىلەن تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا سەن بىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەررەك ماكان تاپ. خوش بالام. قانىتىم ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن ھۆللەندى. كۆرگەن چۈشلىرىمىڭ مۇشۇنداق بىر سەپەرنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ھەرگىز ئادەملەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالمايمەن دەپ ئويلىدىم. ناھايىتى ئۇزاق ئۇچتۇم. باشتا ئېقىن بويلاپ ئۇچتۇم. كېيىن بىر مەھەللىگە كىرىپ قالدىم. بۇ مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى مەھەللە ئەمەس ئىدى. ھەم ئۇنىڭدەك قورقۇنچلۇقمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىراق، مەن شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەپ ناھايىتى ئېگىز ئۇچتۇم. قانىتىمدا يېتەرلىك كۈچ بار ئىدى. قۇلىقىمدا ئەمدى ئادەملەرنىڭ شاۋقۇنى ئەمەس بەلكى شاماللانىڭ غۇر غۇر سوققان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، مەن بۇ ئۇچۇشۇمدا ئۆز نىشانىمدىن بەك يىراقلاپ كەتسەم بولمايتتى. ئەگەر بەك ئۇزاپ كېتىدىغان بولسام بىزنىڭ كۆچىشىمىزگە تەسىر يېتەتتى. راستىنى ئېيتقاندا مەن ئانامنىڭ كۆچۈش توغرىلىق پىكىرىگە ئانچە قوشۇلمايتتىم. بىزنىڭ ماكانىمىز ناھايىتى ئېگىز يان باغىر تىك قىيانىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئۇ يەرگە ئادەملەر تۈگۈل ئۇچار قۇشلارمۇ تەستە قونالايتتى. بىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئاشۇ جايدا ماكان تۇتۇتپ، بىخەتەر ياشاپ كەلگەن تۇرۇپ، ئەمدىلىكتە كۆچمەكچى بولۇۋاتاتتۇق. ئادەملەرنىڭ ئۇنچىۋالا قۇدرەتلىك بولۇشى ناتايىن. مانا مەن ھازىر ئادەملەرنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتىمەن. ھېچقانداق خەتەرنى سەزمىدىم. بەلكىم ئانام زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك. كەچ كىرىپ ئەتراپ گۇگۇم قارڭغۇلۇقى ئىچىگە غەرق بولدى. بىر كۈن ئۇچۇپ ھارغىنلىق يەتكەنىدى. گەرچە ئادەملەر بار بۇ يەرگە قونۇش ئويۇم بولمىسىمۇ، بىراق قاراڭغۇدا نىشاندىن ئادىشىپ قالماسىلىق ئۈچۈن ئارام ئالمىسام بولمايتتى. جەنۇب، شىمال، غەرب تەرەپلەرنى كۆزىتىپ بولدۇم. بۇ يەرلەردە بىز ياشىغۇدەك بىرەر ياخشى ماكان ئۇچرىمىدى. بەلكىم، بەك ئېگىز ئۇچۇۋەتكەن بولسام كېرەك. ئەتە شەرق تەرەپنى ئايلىنىپ پەس ئۇچۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. كېچە يۇلتۇزلىرى ئۈستۈمدە چاقناپ تۇراتتى. مەن مۇشۇنداق گۈزەللىككە تولغان بىر دۇنيادا ئۇنداق قورقۇنچ ئىچىدە ياشاشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاستا ئاستا پەسلەپ بىر دەرەخ ئۈستىگە قوندۇم. ئەتە قانداق مەنزىرە ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىم نامەلۇم ئىدى. مەن ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىق قىلىپ، ئېگىز ئۇچىۋەتكەچكە كۆڭۈلدىكىدەك بىر ماكان تېخى ئۇچراتمىغانىدىم. شۇڭا ئەتە ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىپ پەسىرەك ئۇچۇشنى ئويلىدىم. مۇڭلۇق بىر ئاۋاز شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتى. ھارغىنلىق ئىچىدە شۇنچە شېرىن ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. بىر توپ كەپتەر ئەتراپىمدا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ قانىتىدىن مۇڭلۇق ئاۋاز كېلەتتى. مەن ھەيران قالدىم. ئۇلار بەەينى ماڭا ئوپوخشاش كەپتەرلەر ئىدى. تۇرۇپ ئۇلار مەن چۈشۈمدە كۆرگەن كەپتەرلەرگىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. تۇرۇپ ئوخشىمايتتى. تۈنۈگۈن بىر كۈن ھېچنېمە يېمەي ئۇچقاچقا ھازىر قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنىدى. مەم ئۇلاردىن بۇ يەردە بىخەتەررەك بىر ئوتلايدىغان يەرنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىماقچى بولدۇم. ئۇلار يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، بىردىنلا مەھەللە سىرتىغا قاراپ ئۇچۇشقا باشلىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. نەگە بارىسىلەر؟ ئارقىدىراق قالغان بىرسىدىن سورىدىم. خامانغا. ئۇ يەردە نېمە قىلىسىلەر؟ دان ئىزدەيمىز. دان دېگەن سىلەر يەيدىغان نەرسىمۇ؟ ئۇ ماڭا خۇددى يات بىر مەخلۇققا قارىغاندەك غەلىتە چەكچىيىپ قاراپ قويدى: سەن ياۋا كەپتەركەنسەندە؟ شۇنداق مەن بۆلجۈرگەن سايدىن كەلدىم، مەن كەپتەرلەرگە ئەگىشىپ خامانغا چۈشتۈم. بۇ يەردە ھەقىقەتەن كۆمۈلۈپ قالغان بوغدايلار بارىكەن، تەمى شۇنداق تاتلىق ئىدى. بۇ يەر بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. بۇ جايدا ئادەملەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. باشقا كەپتەرلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرقىغا قاراپ مەنمۇ خاتىرجەم ھالدا قورساق توقلاشقا باشلىدىم. سىرتقى دۇنيا ھەرگىزمۇ ئانام ئېيتقاندەك ئۇنداق خەتەر بىلەن تولغان ئەمەس ئىدى. خاتىرجەم ھالدا ئالدىمدىكى يوغان بىر تال دانغا بويۇن ئۇزاتتىم، شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن بىر خىل كۈچ كانىيىمنى كېلىپ بوغدى. ناھايىتى تېزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزۈمنى چەتكە ئالماقچى بولدۇم. بىراق، نامەلۇم بىر كۈچ مېنى يەنە شۇنچە تېز يەرگە تارتىپ چۈشتى. ئۆزەمنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇشقا باشلىدىم. كەپتەرلەر گۇررىدە كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپ كېتىشتى. ئاخىرى ھالىسزلىنىپ يېتىپ قالدىم. بۇ مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى مەنزىرىگە بەك ئوخشايتتى. ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىممۇ نېمە، دەپ ئويلىدىم. بىراق، ھازىر يېقىن ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر چاغدا ئىككى ئادەم تۇيۇقسىز يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئاھ، ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپتىمەن، دېدىم مەن. بىراق، ئۇلار مېنى بوينۇمنى سىقىپ تۇرغان غايەت زور كۈچنى بوشاتتى. ياۋا كەپتەركەن... دېدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشىراق بىرسى. مەھكەم تۇت، قېچىپ كەتمىسۇن، قانىتىنى بوغۇپ قويايلى، ئۇلار بىرلىكتە قانىتىنى بوغۇشلاپ ئاندىن بوينۇمدىن تۇتۇپ كۆزلىرىمگە قاراشقا باشلىدى. ۋاي، بەك ئېسىلكەن، تازا ئامەت كەلدى، چوڭراقى مېنى قولىغا ئېلىپ قاراپ كەتتى. بۇنىڭ بىزگە قىلچە پايدىسى يوق، قويىۋېتەيلى، قارا، ئۇ ئاللىبۇرۇن تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. بۇنداق كەپتەرگە ئۇچراپ قالغاندا قويۇۋەتمەي ئامال يوق. ئادەتتە كەپتەرلەرنىڭ باشچىلىرى شۇنداق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا ئۇنى بىر ئوۋا كۆپەيتىۋالايلى. ئۇ ئەمدى دان يېمەيدۇ، سۇ ئىچمەيدۇ، تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە سەن بىلەن قارشىلىشىدۇ. قاراپ تۇرۇپ قويىۋىتەمدىم؟ دېدى ياشىراق ئادەم. ئىختىيارىڭ، بىراق، ھايال ئۆتمەي سۆزۈمنىڭ راستلىقىنى بىلىپ قالىسەن، مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كەپتەرنى تۇتۇۋالغان دەسلەپتە قويۇپ بېرىشكە كۆزۈم قىيمىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. مەن بۇنى چۇقۇم كۆندۈرىمەن، دېدى ئۇ. ھەرگىز قولۇڭغا كۆنمەيمەن. بىر ئامالنى قىلىپ چوقۇم قېچىپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، ئانامنىڭ سۆزىنى ئېسىمدە تۇتماي، بۇ كۈڭە قالغىنىمدىن تولىمۇ نومۇس ھېس قىلدىم. كۈچ بىلەن يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭ قولىدىن بوشاپ ئۇچۇپ چىقتىم، بىراق ئانچە ئۇزۇن بارمايلا يەرگە گويا بىر پارچە چالمىدەك پوككىدە چۈشتۈم. كاساپەت، ھېلىمۇ ياخشى قانىتىڭنى بوغۇپ قويۇپتىمەن. بولمىسا قەيەرلەرگە كېتىپ قالار بولغىيتىڭ؟ ئۇ مېنى خالتىدەك بىرنەرسىگە سولاپ نەگىدۇر ئېلىپ باردى. ئاندىن قانىتىمنى مەھكەم قاماللاپ، سىمدىن توقۇلغان بىر تورنىڭ ئىچىگە سولىۋەتتى. تور ئىچىدىكى بىر قانچە كەپتەر گۈررىدە بىر بۇلۇڭغا قىستالدى. قارىغاندا ئاچ قالغان ئوخشايسەن، بولمىسا بىر تال داننى دەپ مېنىڭ قىسىمىقىمدا پالاقلاپ ياتماستىڭ... ئۇ قەپەزكە بىر سىقىم داننى چېچىپ سۇ قويدى. كەپتەرلەر گۈررىدە يىغىلىپ داننى يېيىشكە باشلىدى. بىراق، مېنىڭ ئۆچمەنلىكىم شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدىكى، مۇمكىن بولسا ھازىرىلا قەپەزگە ئۈسۈپ ئۆلۈۋالغۇم كېلەتتى. بىراق، قانىتىم بەك چىڭ تېڭىۋېتىلگەن بولغاچقا پەقەتلا مىدىرلىيالمىدىم. بېشىمنى ئاران كۆتۈرۈپ، ئەمدىلا تىكلەشكەن قۇياش نۇرىغا قارىدىم. ئاھ ئۆيدىن ئايرىلىپ بىر كۈن بولماي تۇرۇپلا ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم ھە، ئانام بۇ ھالىمنى كۆرسە نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ ھالسىز ھالدا پوكىنىمنى يەرگە قويۇپ ياتتىم. چۈشۈمدە ئانامنى كۆرۈپتىمەن. ئۇ كۆپكۈك ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ مېنى يېنىغا چاغىرغۇدەك. تۇرۇپلا يېنىدا داداممۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ قامىتى شۇنداق كۆركەم بولۇپ تولىمۇ ھەۋىسىم كەلدى. ئۇلار مېنى چاقىرىغاندەك قىلدى. بەلكىم قۇلىقمغا شۇنداق ئاڭلانغاندۇ. مەن ئۇلارغا قاراپ ئۇچتۇم. ئۇچقانسېرى ئۇلار مەندىن يىراقلىشاتتى. ئۇچۇشتىن توختىسام ئۇلارمۇ يىراقلاشتىن توختايتتى. ئۇچۇۋېرىپ ئاغزىم قۇرۇپ كەتتى. ئانا، سۇ، دەپ ئويغىنىپ كەتتىم، بېشىمدا ھېلىقى ئادەم سۆزلەۋاتاتتى. بۇ بەك جاھىل كەپتەركەن، بەش كۈن بولدى ھېچنېمە يېمىدى. ئۇنى باققاننىڭ پايدىسى يوق دېمىدىممۇ؟ بۇ ھېلىقى كۈندىكى ياشتا چوڭراق كىشى ئىدى. ئەمدى بۇنداق تۇرۇۋەرسە ئۆلۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە بالىلىرىمغا شورپا قىلىپ بېرەي. ئۇنىڭدىن قانچىلىك شورپا چىقماقچىدى، بەلكىم، ئەمدى يېسەڭ ساڭا زىيان قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ياخىشىسى قويۇۋەت. بۇنداق ئېسىل سورتلۇق كەپتەرنى قاراپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. بىراق ئۇنى قويۇۋەتسەكمۇ بىزگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ دە. ھازىرمۇ بەرىبىر پايدىسى يوق. باشتىلا شورپا قىلىۋىتىدىغان گەپكەندۇق. ئۇ ساڭگىلاپ تۇرغان قانىتىنى بىر پەس تۈزەشتۈرۈپ ئاندىن مېنى قويۇپ قويدى. كۆكتە قۇياش كۈچلۈك نۇر چېچىپ تۇراتتى. مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ قۈۋۋىتىمنى يىغدىم. كۆككە قاراپ ئۇچماقچى بولدۇم. بىراق، قەپەز، سىم تور يەنىلا يولۇمنى توسۇپ تۇراتتى. مەن نەچچە كۈندىن بېرى ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ ئۇنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەنىدى. لېكىن، ۋۇجۇدۇمدا ئازراق كۈچ يىغىلىپ، ئەسلىگە كەلگەن ھامان ئۇنىڭغا تاشلىنىپ باقاتتىم. مەن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ سىم تۇر شۇنداق قۇدەرتلىك ياسالغانىدى. ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل پاراسىتىنى جەملەڭەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرتتىكى بارلىق ئەركىنلىكنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولاتتى. بىراق، ئۇنىڭغا ھەرگىز ئېرىشكىلى بولمايتتى. قەپەز، ئىچىدىكى ھاۋا بىلەن سىرتتىكى ھاۋا ئوخشاش. بىراق ياشاش شەكلى ئوخشىمايتتى. بۇ تورنى توقىغان ئادەملەرنىڭ نىيىتى شۇنداق قارا ھەم باغرى شۇنچىلىك قاتتىق ئىدى. ئۆز ئەركىنىلىكى ئۈچۈن تىنىمىسز كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ كىچىكىنە جاننىڭ جاسارىتى ئۇلارنى قىلچە تەسىرلەندۈرەلمەيتتى. ئەمدى ئۇلارغا قىلچە پايدام تەگمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ مېنى روھىي قۇللۇققا ئالماقچى بولاتتى. جاندىن باشقا ھېچنېمە قالمىغان بۇ كىچىككىنە جىسمىمنى قىيناش ئارقىلىق ئۆز مەقسىدىگە يەتمەكچى بولاتتى. ئەڭ قەبىھ يېرى ئۇلار مېنى ئۆلەي دەپمۇ ئۆلەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانىدى. ئىچىمدە شۇنداق نىدا قىلاتتىم. ئەي، ئەركىنلىكنىڭ قاتىلى بولغان رەھىمىسز ئادەم، يا مېنى ئۆلگىلى قوي، يا بولمىسا ئەركىنلىكىمنى بەر! تۇيۇقىسز توتۇش بىر ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. ۋۇجۇدۇمغا بىردىنلا كۈچ يىغىلدى، «ئانا» ... مەن ھاياجان ئىچىدە بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئانامنىڭ كۆزلىرى بىر خىل جىددىيىلىك بىلەن چاقناپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ يۇلۇنغان قانىتىم، ساڭگىلاپ قالغان تۇمشۇقۇم، پۇرلىشىپ، ئەسكى كىگىزدەك بولۇپ كەتكەن قاناتلىرىمغا بىر خىل ئېچىنىش ئىچىدە قارىدى. ئانا، كەچۈرۈڭ. ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويدۇم. مەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسكەنمەن، مەن گۇناھكارلارچە بېشىمنى ئەگدىم. ۋۇجۇدۇم نومۇس كۈچىدىن ئۆرتىنىپ كەتتى. نېمىشقىمۇ ئانام كەلگۈچە ئۆلىۋالمىغانلىقىمغا ئېچىندىم. ياق، سەن ئۆزۈڭ قىلالايدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدىك. ئەمدى ئۇنى ئاخىرىغا چىقار. بىراق ئانا، مەن بىر مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالدىم. ئاجىزلىقتا شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى ئۆلۈۋالاي دەپمۇ ئۆلۈۋالالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. بۇ مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ، مەن سېنى ئەركىنلىككە ئېرشتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم. بىراق، مېنىڭ ئەمدى ئەركىنلىككە چىققۇم يوق. مەن ئەمدى بۇ ئەپتىم بىلەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بالىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەس. مەن ساڭا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىمەن بالام. سەن يەنىلا مېنىڭ باتۇر بالام بولىسەن. سەن ھەرگىزمۇ قۇللارچە ئەمەس، باتۇرلارچە ئۆلۈشۇڭ كېرەك، ئانام شۇنداق دەپلا بوغۇزىدىكى دانلارنى ياندۇردى، بۇ زەھەرلىك بۆلجۈرگەن، سەن بۇنى يېسەڭلا ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولىسەن. شۇنداقلا جەمەتىمىزنىڭ ئابرۇيىنىمۇ ساقلاپ قالىسەن. ئېسىڭدە بولسۇن ئەركىنلىكنى مەڭگۈ ھېسداشلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قان ئاققۇزۇش كېرەك. قېنى، تۇمشۇقۇڭنى يېقىن ئەكەل. مەن ئانامنىڭ قەتىيلىك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئاخىرقى قېتىم تىكىلدىم. ئۇ شۇنچىلىك خاتىرجەم، شۇنچىلىك قەيسەر ئىدى. مەن پۇچۇلۇپ، ساڭگىلاپ قالغان تۇمشۇقۇمنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇرۇلغان توساقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەڭ قۇدەرتلىك قورالمىم ئىدى. بىراق، ئۇ رەھىمىسىز توساقنى چوقۇلاۋېرىپ ئاخىرى سۇنۇپ، مۇشۇنداق ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى. زەھەرلىك بۆلجۈرگەن ۋۇجۇدۇمدا بىر ئەركىنلىكنىڭ جارچىسى بولۇپ ئورۇنلاشتى. ئاڭ، ئاخىرى ئەركىن ئۆلۈش پۈرستىگە ئىگە بولدۇم. دەپ شادلاندىم. روھىم بىر خىل ئازادىلىك ئىچىدە يېلىنجاشقا باشلىدى. ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك، ئەتراپ شۇنچىلىك تىمتاس، دۇنيا يەنىلا گۈزەل ئىدى. بۇلۇڭدىكى بىر توپ كەپتەرلەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى http://jiaoyan.klmyedu.cn/yanxiu/bbs/bbs_de.aspx?main_id=1085&board_id=1246&ToBBSType=2&menu_id=1092