• 2008-12-15

    مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى

    مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى 1 رىم ئىمپىريىسى،ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسى،مانجۇ چىڭ ئىمپىريىسى ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقى ... قاتارلىق تارىختا نەچچە ئون،نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۇنچە قۇدىرەتلىك بولغان خانلىقلار، ھاكىميەتلەر نېمە ئۈچۈن ئاجىزلاپ سەلتەنەت تەختىدىن ئايرىلىپ قالغان؟ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزۈنى چاقناتقۇدەك شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان،تارىختا نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن نى-نى قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى ياراتقان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن خوجىلار دەۋرىگە كەلگەندە بىردىنلا جاھالەتنىڭ قارا پاتقىقىغا بوينىغىچە پېتىپ كەتكەن؟نېمە ئۈچۈن19-ئەسىرگە كەلگەندە ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ئۆز ئانا تىلىدا ئۆزلىرى بىر نام قويالماي،تاجاۋۇزچىلار قۇيۇپ بەرگەن ئۆزگە مىللەتنىڭ تىلىدىكى غەيرى نامنى ۋەتەن نامى دەپ شۇنچە ئاسانلا قۇبۇل قىلغان؟.... يىغىپ ئېيىتقاندا،ھەرقانداق ھاكىميەتنىڭ،ھەرقانداق خەلق،ھەرقانداق مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشنىڭ سەۋەبى بىرلا،ئۇ بولسىمۇ شۇ ھاكىميەت، شۇ ئەل،شۇ مىللەت،شۇ دەۋردە مەدەنيەتنىڭ قېرىشى. تەبئىتنىڭ قانۇنيىتى شۇنداق،دۇنيادىكى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي نەرسىلەر بارلىققا كېلىدۇ ھەم قېرىىيدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ئادەممۇ،جانلىق، جانسىز نەرسىلەرمۇ،مەدەنىيەتمۇ،روھمۇ، دىنمۇ، ھاكىميەتمۇ.... بار. 2 ھەرقانداق مەدەنىيەت قېرىغاندا،شۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەقلىق ئىگىللىرى بولمىش خەلق بۇ مەدەنىيەتنىڭ مېغىزىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ،شاكىلىنى تۇتىيا بىلىپ،جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا يېپىشىدۇ.مەزكۇر مەدەىيەتنىڭ نامى ۋە شەكلى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تۈپ مەزمونى ئۇنتۇلۇپ،ماھيىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.(ئەگەر بۇ قارشىمىزنى ھاكىميەتكە تەدبىقلىساق،مەزكۇر ھاكىميەتنىڭ يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، خەلقچىلىققى، ھەتتا دۆلەت قۇرۇش پىروگىرامىسىمۇ ئاستا-ئاستا تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ.) ئەجداتلىرمىز قەدىمقى دەۋرلەردە بۆرىنى تۇتىم قىلىپ تاغ-دالىلاردىكى كۆك بۆرىگە چوقۇندىغان،بۆرىگە ئوخشاش ئۆم،ئىتتىپاق،باتۇر،قەيسەر، چىداملىق،تېز پۈكمەس روھقا ئىگە مىللەت ئىدى.كېيىنكى كۈنلەردە بۆرىگە چوقۇنىشنىڭ (توغىرىسى بۆرە تۇتىم مەدەنيىتىنىڭ)ماھيىتى ئۆزگىرىپ بۆرىنى ئۆلتۈرۈپ،ئۇشۇقىنى ئېلىپ بوينىغا ئېسىۋالىدىغان، بۆرىگە ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇشۇقىغا چوقۇندىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن. ئىسلام دىنى،توغىرىسى ئىسلام مەدەنيىتى دەسلەپتە بارلىققا كەلگەندە ئۆزۈنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى تەڭدىشى يوق ئىلغار،توغرا ھەقىقەتلىكى بىلەن جاھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى نەچچە ئون مىللەت،نەچچە يۈز قەبىلە ۋە نەچچە مىليۇندىن ئارتۇق ئىنساننى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئىنسانىيەت مەدەيىتىدىكى ئاجايىپبىر گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.شۇ جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى يېڭى قۇبۇل قىلغان قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ نۇرىنىڭ شاراپىتى بىلەن ياۋرۇپادىن تۆت يۈز نەچچە يىل ئىلگىرىلا <<ئوتتۇرا ئاسىيامەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى>>بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،كېيىنكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئانا ۋەتىنى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى،قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئەينى دەۋر مەدەنيىتىدە ۋاقىتسىز قېرىش يۈز بېرىپ ئىسلام دىن ئەقىدىسى ئىككىگە_شىئە ۋە سۈنئىي مەزھىپىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.شۇ جۈملىدىن قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ،ئاخىرى زاۋالىققا يۈز تۇتتى.19-ئەسىردە قۇرۇلغان <<يەتتە شەھەر دۆلىتى>>ۋە<<ئىلى سۇلتانلىقى>>نىڭ تېزلا گۇمران بولۇشى ئەمىليەتتە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئەركىنلىك، ئازادلىق ئېڭىنىڭ مۇستەھكەملەنمىگەنلىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ يىتىلدۈرۈلمىگەنلىكى يېڭى ھاكىميەتكە خاس يېڭى مەدەنيەتنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىدىندور. مەدەنياتنىڭ قېرىش ئالامەتلىرى ئاۋال يوقۇرى قاتلام كىشىلەردە:خان- پادىشاھ،ۋەزىر،بەگ، بايلاردا،موللا ئۆلۈما، زىيالىيلاردا،ئاندىن ياشانغان بوۋاي-مومايلاردا،پۇقراللاردا،ئاياللاردا،ئەڭ ئاخىرىدا ياشلاردا كۆرۈلىدۇ. <<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>،<<شەھرىستاندا زاۋال>>،<<ئاخىرقى پادىشاھ>>فىلىملىردە ۋە<<قۇم باسقان شەھەر>>... رومانلىرىدا شۇ ئەللەردىكى مەدەنىيەتنىڭ قېرىش ئالامەتلىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دىيارىمزدا،بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئسلام مەدەنيىتى خوجىلار دەۋرىدىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئىنتايىن ئۇزاق بىر مەزگىل ناھايىتى قېرىغان، زەھىپلەشكەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەدەنيىتى خۇددى كومپىيوتېرنىڭ سېستىمىلىرىغا ئوخشاش بىر تەرەپتىن قېرىش،يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىلىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىدۇ. 3 بىزنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىمىزنى نىسبىي ھالدا ئالدىنقىلار_ئەجداتلىرىمىز ئالدىن ئالا بەلگۈلەپ قويغان.بىزمۇ ھەم نىسبىي ھالدا كېيىنكىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەپ قويغۇچىلارمىز. 20_ئەسىرگە تەۋە تارىخ بەتلىرىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق مۇسابايوفلار،ئابدۇقادىر داموللام،سابىت داموللام ۋە ئېلىخان تۆرەمگە ئوخشاش ئاز ساندىكى مەدەنيەتنى يېڭىلىغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يوقۇرى تەبىقىگە تەۋە كىشىلىرىمىز ۋە قېرىلىرىمىز قېرىغان، ھاياتىي كۈچىدىن قالغان، بوينىمىزغا سىرتماق سالىدىغان گۇمراھ مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرىغا ئايلانغان. مۇشۇ دەقىقىلەردە كىمدور بىرىنىڭ<<جاھاندا ئۈچ مۇتھەم بار.ئۇلار:بوۋاق بالا، قېرى ئادەم ۋە مۇئەللىم>>دېگەن سۆزى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ. بىز تۇرمۇشتا نۇرغۇن بوۋاي-مومايلارنىڭ،ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ<<ئۆلۈپ بېرىمەن قاغىۋاتىمەن، بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس...>>دەپ پەرزەنلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا جەھەتلىردە بەختىگە ئولتۇرغانلىقىغا ئائىت مىسساللارنى ئۇچۇرىتىپ تۇرىمىز.بۈگۈنكى بىرقىسىم ياشلىرىمىزدىكى ئەخلاق بوزۇلۇشنىڭ باشلامچىللىرىمۇ ئەمىليەتتە قېرىلار،ئۇلار ئۆزلىرىنى <<ئاپاق ساقال ياش بالا>>چاغلاپ، كېيىنكىلەرگە_ياشلارغا خىلمۇ-خىل يامان ئىللەتلەرنى مىراس قالدۇرغان. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، بۇزۇقچىلىق، ھاراقكەشلىك، سېتىلمىلىق،قۇل مىجەزلىك،غالچىلىق،جان باقتىلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە پىتنە-پاسات تارقىتىش. جۇڭغارلارغا تۇرغاقلىقتا تۇرغان<<يۇرت ئاتىلىرى>>-خوجىلار،ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللام(جاللات شېڭ شېسەينى مۇھەممەد ئەلەيسىلامدىن كېيىنكى پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئاتالمىش<<ئالتە بۈيۈك سىياسەت>> تەشۋىق قىلىشنى ۋەز_تەبلىغقە ئايلاندۇرغان شەخس)، ئابدۇكېرەمخان مەخسۇم(قانداقتۇر نامەلۇم خىزمەتلىرى بىلەن شېڭ شېسەينىڭ ئەڭ كۆپ ئوردىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخس)گە ئوخشاش بىر قاچا تاماق يىسە تويىدىغان قورسىقىنى _بۇرۇتىغا چاپلىشىپ قالغان چۆپنى دەپ پۈتۈن يۇرتنىڭ مەنپئەتىنى سېتىۋېتىدىغان مۆتىۋەر قېرىلىرىمىز بىزدە بەكمۇ كۆپ ئۆتكەن. مۇھەممەت باغراشنىڭ<<كەلكۈن>>دېگەن پوۋىستىدا ھادى مەسچىتكە ماڭىدىغان يول ئۈستىدە ئاۋال ئاشخانا ئېچىپ، نەزىر ئۆتكۈزۈپ مانتا بىلەن قېرىلارنىڭ ئاغزىنى ياغلايدۇ،ئاندىن ياشلارنى ئۆگۈتۈپ،ھاراق سېتىش ۋە قىمار ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن پۈتۈن بىر يۇرت خەلقىنىڭ روھيىتىنى بۇلغايدۇ. بىزنىڭ قېرىلىرمىز ھەرقانداق بىر ئادەم بولدۇم دېگۈچە خارلاپ،ئۇرۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ،ئاخىردا <<ھېچقىسى يوق بوۋا،خاپا بولمىسىلا>>دەپ كۆزۈنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ،تۆت تال سامسا ئېلىپ بەرسىلا<<ۋاي رەخمەت، ھەشقاللا!...>> دەپ ئىككى پۈكلۈندىغان ئادەملەردور.ئۇلار ئۆيىدە ئالتۇن-كۆمۈش،پۇلى بولسىمۇ ئۇنى تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇپ، يۇندۇخور ئىتتەك خەقنىڭ سەدىقىسىنى تەسىرلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئېلىشقا تولىمۇ ئامىراق. مەن قېرىلارنىڭ<<ئىگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ>>،<<ئاكاڭ كىمنىى ئالسا يەڭگەڭ شۇ>>،<<پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىماق كېرەك>>،<<كۈن قاياقتىن چىقسا، شۇ ياققا قولۇڭلارنى قاقلاڭلار>>،<<ئىشەكنىڭ تېقىمىغا ئاپتاپ چۈشسىمۇ قولۇڭلارنى قاقلاڭلار>>،<<بېشىڭنى كىم سىلىسا،ماشايىخىڭ شۇ>>،<<تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوق>>،<<خۇدايىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى كۆپ بەرگەن>>...دېگەنگە ئوخشاش<<ھېكىمەتلىك سۆز>>لىرىنى كۆپ ئاڭلايمەن. 4 قۇملۇقتا قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن ھالەتتە جاھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى گۈللىنىشى،يايلاقتا قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاۋاتقان يېزىقسىز مۇڭغۇللارنىڭ بىردىنلا دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى،قاراڭغۇ ئورمانلىقتا ياۋايى ئادەملەردەك ياشاۋاتقان روسلارنىڭ بىردىنلا كۈچلۈك ئىمپىرىيە قۇرالىشى، يات ئەللەرنىڭ قاتمۇ قات ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان تۈركلەرنىڭ مۇستاپا كامالنىڭ يىتەكچىلىكىدە يېڭى،ھۆر جۇمھۇريەت قۇرالىشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولالىشى،ھېچنىمىسى يوق ۋەتەنسىز يەھۇدىلارنىڭ دۇنيا ئىقسادىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى،نەچچە يۈز يىل سەلتەنەت تەختىدىن ئايرىلغان خەنزۇلارنىڭ<<شىنخەي ئىنقىلابى>> ۋە<<4-ماي ۋەتەنپەرلىك ھەركىتى>>دىن كېيىن بىردىنلا جۇڭگودىكى سىياسەت بەلگۈلگىچىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى،نەچچە يۈز يىل جاھالەت ئۇيقۇسىدا يېتىپ،بىردىنلا<<ئويغانغان زېمىن>>دىكى خەلقىمىزنىڭ 30-40- يىللاردىكى نىسبىي غەلبىسى ۋە بۈگۈنكى نىسبىي گۈللىنىشى ئەلۋەتتە نىسبىي ھالدىكى يېڭى مەدەنىيەتنىڭ،مەدەنىيەت ئۇيغىنىشنىڭ نەتىنجىسى. بۈگۈنكى كۈندە ئامېركا ۋە ياپۇنيەنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،ھەربىي، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشى،ئامېركىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالدى نەچچە يۈز ،ئارقىسى نەچچە ئون يىل بولغان ئاققۇنلاردىن تەركىپ تاپقان يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرىدىن بولغانلىقىدا.ياپونيەدىمۇ <<مېيجى يېڭىلققا كۆچۈش ھەركىتى>>نىڭ بولغانلىقىدىندور.ئوخشاشلا تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا نىسبەتەن جەڭگىۋار،قارام،قورقماس بولۇشى،ئەركىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالىشى ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ جەنۇبتىن سۈرگۈن قىلىنىپ چىقىپ،يېڭى موھىتتا يېڭى مەدەنيەت ياراتقانلىقىدا. 5 <<يېڭى مەدەنىيەت>>دېگەن ئاتالغۇنى<<مەدەنيەتنىڭ يېڭىلىنىشى>> دېسەك بەكىرەك مۇۋاپىق بولغۇدەك. چۈنكى يېڭى مەدەنىيەت دېگەندە كۆپ ھاللاردا ئەسلىدىكى ئىسىل مەدەنيەتنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، باشقىلارنىڭ مەدەيىتىنى يېڭى مەدەنىيەت دەپ قۇبۇل قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ قالىدىكەن. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز ئەنئەنىۋىي مەدەيىتىمىزدىكى قالاق تەرەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ماھيەتلىك،ئىلغار تەرەپلىرىنى-ئەسلى ھالىتىنى تېپىۋېلىشتور. 19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆتۈرۈلگەن جەدىتىزىم ھەرىكەتلىرى ۋە ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدىكى ئەللەردىكى ياشلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرى،دەل ئىسلام مەدەنيىتىدىكى ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش،ئەسلىگە قايتىش پائالىيەتلىرىدور. بىزدە نەشىر قىلىنغان<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>،<<تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ>>،<<بۆرە تۇتىم مەدەنىيىتى>>، <<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا>>،<<تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما>> ۋە<<چۈمبەلدىكى كۆز>>،<<دېڭىزدىكى كوچا>>...دېگەن كىتابلار دەل بىزنىڭ ھازىرقى قېرىۋاتقان، زەئىپلىشىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنى يېڭىلاشقا،بىزنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئۇنتۇلغان خاس مەدەنيىتىمىزنى قېزىشقا،تېپىۋېلىشقا ۋە ئەسلىمىزگە قايتىشقا دائىر مەزمونلاردىكى كىتابلاردور. خۇددى سۇتۇق بۇغراخان،تېمۇچىن،ناپائىلۇن،مۇستاپا كامال،سۇن جۇڭسەن،ماۋزېدۇڭ،گېتلىر...ۋە 4-ماي ھەركىتىدىكى ياشلارغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر ئەلدە يېڭى مەدەنيەتنىڭ ياكى مەدەنيەتتىكى يېڭىلىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى، يولباشچىلىرى كۆپ ھاللاردا قېنى قىزىپ تۇرغان ياشلاردور. شۇنداق،ياشلار ھەمىشە خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغان،يىتەكلەشكە،تەربىيلەشكە ئېھتىياجلىق تەنتەكلەردىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى،ئىجاتچانلىقىنى ئۇرغۇتىدىغان، يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرى بولمىش ئاۋانگارت قوشۇندور.كۆپ ھاللاردا بىر ئەلدە ياشلار سانىنىڭ بىردىنلا كۆپۈيۈپ كېتىشى،شۇ ئەلدە بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 21-ئەسىر، يەنى 1976_ يىلدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىل مېنىڭچە،ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ئۇيغىنىش دەۋرى بولۇپ قالغۇسى! ____________________________________________________________ ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمامدا ياشانغانلارغا بولغان قارىشىم سەل قوپال كەتتى. تورداشلارنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسىياتىمنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەمىليەتتە مەنمۇ ھەرگىز ياش ئەمەس،بەزىدە ئۆزەمنى ياش چاغلاپ قالىمەن شۇ.