• 2008-12-15

    بىر يىگىت بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا

    بىر يىگىت بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، ئارىلىق شۇنچە يىراق بولسىمۇ يەنىلا قىزنىڭ نمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ئۆزىنىڭ ھەممە قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئۇنىڭ ساقلاپ بىرىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگۈسى كىلىدۇ، ۋەكۈن ئۆتكەنسىرى نەرسىلىرىنى بىر-بىرلەپ قىزنىڭ ساقلاپ بىرشى ئۈچۈن بىرىۋىتدۇ،ئەڭ ئاخىردا ئۆزىنىڭ بارىلىق مۇھىم نەرسىلىرى قىزنىڭ قولىدا بولىدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،قولىغا قەلەم ئېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازىدۇ،ھەمدە يالغۇز قالغاندا قايتا-قايتا ئوقۇيدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ھەرقانداق بىر يىگىت قىزغا يقىنلاشقاندا يىگىتنىڭ يۈرىكى ئاچچىقتا ئاغرىپ كىتىدۇ، بۇ قانداقتۇر بىر خىل كۈنلەمچىلىك ۋە ياكى ئىچى تارلىق بولماستىن ،بەلكى ھەققى ياىشى كۆرگەنلىكنىڭ شەرتسىز رىفلىكىسى، ھەرقانچە كۆڭلى -كۆكسى كەڭ ،مەرد يىگىت بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق بولىدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،قىزغا ھەر بىر تال ئىلخەت ، ھەر بىر تال قىسقا ئۇچۇرنى يوللىۋەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ جاۋابىنى كۆتىدۇ، ھېچبولمىسا بىر OKدىگەن جاۋاپنىڭ بولىسمۇ كىلىشىنى كۆتىدۇ،ئەگەر جاۋاپ كەلمىسە ئۇيقۇسى قاچىدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،كۆپ ھاللاردا،ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىدۇ، يىراقتىن قىزغا قاراپ تۇرىدۇ،ئۆزىنىڭ كەيپىياتىى تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن قىزنىڭ يېنىغا بارىدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ئەگەر قىز كەچ سائەت10:00گىچىمۇ ياتاققا قايتمىغان بولسا، يىگىت جىلە بولۇپ تاماقمۇ يىيەلمەيدۇ،كۆڭلى بىئارام بولۇپ ئۇيقۇسى قاچىدۇ،قىز قايتىپ كەلگەنگە قەدەر. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ئەگەر قىزنىڭ كۆڭلى بىئارام بولۇپ قالغان بولسا، قىزنىڭ ئورنىغا ياش تۈكۈپ بەرگۈسى،ھەتتا قىزنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تىلىۋېلىپ قىزنىڭ بىئارامچىلىقىنى پەسەيتكۈسى كىلىدۇ. بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،قىزنىڭ ھۆرمىتىنى بەك ئاشۇرۇپ قىلىشقا تىرىشىدۇ،قىزنى ئۈمۈدۋار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئىشىنىشىمىز كىرەكى،بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ھامان ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دىمەكچىكى،بىر قىزنى بىر قانچە يىگخت تەڭلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،ھەقىقى مۇھەببەتلىك يىگىت ئاخىرقى ھىساپتا قىزنى يېنىغا تارتىپ كىتەلەيدۇ. ھەقىقى مۇھەببەت،ئۇ بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قىزىپ چىقىرالايدىغان ئاجايىپ سىھىرلىك نەرسە. توغرا،بۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم سىزنى ئاجايىپ يۈكسەكلىك بىلەن ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ئازاپلار ئىز سالغان ،قورۇق باسقان چىھرىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ كىشى دەل سىز قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ھەققى مۇھەببەت ئىگىسىدۇر.