• 2008-11-25

    پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتىدىن سىتودىنىتلارغا نەزەر

    ئەسكەرتىش :مەن بۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق يۇقارقى تىمىغا ئوبزور يازماقچى ئەمەسمەن ،ئۇنداق قىلىش ھەم قولۇمدىن كەلمەيدۇ .پەقەت بىر سىتودېنىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقارقى ۋە خاراكتىرى يۇقارقى تىمىغا ئوخشايدىغان تىمىلارغا بولغان كۆز قارىشىمنى ،ئويلىغانلرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنىلا ئويلايمەن. مەن بۇتىمىنى ئالدىنقى كۈنى تور ئارىلاۋىتىپ بىر يولۇقتۇرغان، . ئۇ چاغدا تىمىسىغا قاراپلا ئوقۇش خوش ياقمىغان ئىدى،تۈنۈگۈن ياتاقتا پاراڭ ئارلىقىدا بىرسى مۇشۇ تىمىنىڭ گىپىنى قىلىپ ئوقۇپ باققىن دىگەن ئىدى بۈگۈن ئىزدەپ ئوقۇپ باقتىم . گەرچە تىمىدا چىۋىن دىن ئىبارەت بىر ئوبراز ئارقىلىق جەمىيەتنىڭ قىلسىمۇ گۈزۈللىكىگە يوشۇرۇنغان مەينەتچىلىكلەر بىلەن پاسكىنچىلىقلارنى قامچىلىغاندەك قىلسىمۇ ،مۇشۇ تىما ئارىسىغا سىتودېنىت قىزدىن ئىبارەت بىر ئوبرازنىڭ قىستۇرۇلغانلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم . ئەدەبىيات توغرىلىق كۆپ بىلمەيمەن ،لىكىن يىقىنقى مەزگىلدىن بۇيان توردا بىرەر يازما كۆرسەملا ئوقۇغۇچىلارنى مىسال ئىلىۋاتقان ،ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يامان تەرىپىنى ئەيىپلەۋاتقان ئىشلارنىلا كۆرىۋاتىمەن مۇشۇ تىمىنى يازغۇچى ،ياكى مۇشۇنداق تىمىلارنى يزىىۋاتقانلار،ئوقۇغۇچىلارنى ھە دىسىلا ئەيىپلەۋاتقانلار ھازىرقى ئالى مەكتەپ تۇرمۇشىنى قانچىلىك چۈشىنەر ؟ ئەجەبا ئالى مەكتەپتىكى قىزلىرىمىز *** ،ئوغۇللىرىمىز ھەزىلەك بولۇپ كەتكەنمىدۇ ؟ نىمىشقا تور بىكەتلىرىمىزدە ،كىنولىرىمىزدا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولۇپمۇ قىزلارنىڭ يولدىن چىققان ئىشلىرىنىلا يازىدۇ ،شۇنداق ئىشلارنىلا ئىكراندا چىقىرىدۇ ؟ ياخشى ئوقۇۋاتقان ،كىملىكىنى ،نىمىش قىلۋاتقانلىقىنى ،ئىمان ئىتىقادنى ئۇنتۇمىغان ،كۈتۈپخانىدىن چىقماي ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان سىتودىنىتلىرىمىز توغرىلىق تىمىلار توربەتلىرىمىزدە يوق . مەن بۇيەردە مەكتەپلەردە ئۇنداقلار يوق دىمەكچى ئەمەسمەن ،دەرۋەقە بار ، بەزىدە تورخانىدىن كەچرەك قايىتقان ۋاقىتلىرىمدا مەكتەپ ئالدىدا چىچىغا ئاق كىرگەن بوۋايلارنىڭ ماشىنىسىنغا تاراسلىتىپ دەسسەپ چىقىۋاتقان قىزلارنىمۇ كۆپ كۆرگەن ، دەم ئىلىش كۈنلىرى ئاخشىمى تورخانىدا تۈنەپ ،ئەتتىگىنى ياتاققا قايتىش داۋامىدا سىرتتا قونۇپ قالغان قىزلارنىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا ئىشىكنى ئىچىشىنى ساقلاپ تەلمۈرۈپ تۇرغىنىنىمۇ كۆرگەن . لىكىن مەن كۆرگەن بۇنداق قىزلار كۆپ دىسىمۇ كۈتۈپخانىدىن چىقماي ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان قىزلارنىڭ100\1 چىقمايدۇ . نىمىشقا شۇ كىچىككىنە مەينەتچىلىك يىزىلىدۇ يۇ ،ياخشى ئىشلار يىزىلمايدۇ بەزىدە توربەتلەردە سىتودېنىتلاردىن قاقشاۋاتقانلارنى يۇقارقى ئەسەردە تىلغان ئىلىنغان چىۋىنمىكىن دەپ قالىمەن ، چۈنكى چىۋىن دىگەن مەينەت يەردىلا يۈرگەچكە پاكىزلىقنى كۆرمەيدۇ ئەمەسمۇ ،ئۇلارمۇ مەينەتىلىكنى ئىزدەپ يۈرۈپ پاكىزلىقنى ،گۈزەللىكنى كۆرمىگەن ،مەينەتچىلىكككە كۆنۈپ قىلىپ پاكىزلىقنى . كۈزىتىپ باقمىغان ،كۈزۈتۈشنى ھەم خالىمايدىغانلاردىن بولىشى مومكىن. مەكتەپتە بولغاچقا جەمىيەت توغرىلىق بىلىدىغانلىرىم چەكلىك ،لىكىن شۇ بىر ئىش ئىسىمدە تۇرۇپتۇكى ،تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇققا ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئوقۇشقا شۇنداق قىززىقىدىغان ،ئۈگۈنۈش نەتىجىسى بىزدىن شۇنداق ياخشى بىر قانچە ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى يادىمدا «ئاڭلىساق ئالى مەكتەپكە بارغان قىزلار يولدىن چىقىپ كىتىدىكەن ،جۈمە كۈنى ياتاقتىن چىقىپ كەتسە شەنبە –يەكشەنبىدە خوجايىنلار بىلەن ئىچكىردە ئويناپ يەكشەنبە كۈنى ياتاققا قايتىپ كىلىدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئوقىسىمۇ نەدە خىزمەت ،كۈنىمىزنى ئاران ئىلىۋاتقان دىھقان خەق ،جاپا تارتىپ ئوقۇتقان بىلەن يول ماڭغىلى پۇل يوق » ،دىمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ شۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئوقۇيالماسلىقى ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇ ئىددىيەسىنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس ،لىكىن ئاز تولا تەسىرىنىمۇ ھەم يوق دىگىلى بولمايدۇ . ئەگەر خاتالاشمىسام شۇ گەپنى قىلغان ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى ئۆزى قىلغان شۇ گەپلەرنى ئۈرۈمچىگە كىلىپ كۆرگەن ئەمەس ، شۇ ۋاقىتلاردىكى بىر قىسىم ئەقىللىق رىژىسسورلىرىمىزنىڭ بازار تىپىش ئۈچۈن تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقارغان ئەتىۋارلىق شىنجاڭ فىلملىرىنىڭ تەسىرى ئىدى ،بەزىدە مەنمۇ چوڭلار بىلەن كىنو كۆرۈپ ئولتۇرۇپ قالسام شۇنداق كۆرۈنۈشلەر چىقسا دەرھال نەسىھەت قىلىشقا باشلايتى ،گەرچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا قىلغان ئۇ گەپلىرى ماڭا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن دىگەن بولسىمۇ لىكىن شۇنداق بىر سەلبى شەخىسنى كۆرگەندە شۇنىڭ ئىشلىرى توغرىلىق سۆزلىگەندە، ئارتۇق گەپ قىلمىغان بولساممۇ لىكىن كۆڭلۈمدە ئاتا-ئانام ماڭا ئىشەنمەيدىكەن. دىگەن بىر تۇيغۇ كەلگەن ئىدى . مەنغۇ بىر ئوغۇل بالا ،قىزلارغا نىسبەتەن ئويلاپ باقايلى ، ئوقۇش ئارزۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولغان بىر قىزغا .ئاتىسى بولغان ئادەم كىنولادا چىقىۋاتقان شۇ قىزلارغا قاراپ ئالى مەكتەپكە قىزلارنى ئەۋەتسە شۇنداق بولىدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلىغان قىز ئىچىدە نىمنى ئويلا ،دەر ھەقىقەت كاللىسى جايىدا ئادەم بۇنداق گەپ قىلماسلىقى كىرەك ،قىزىنىڭ غورورى ئاتىنىڭ ھۆرمىتى ،لىكىن ساددا ،تۈز كۆڭۈل دىھقانلىرىمىزدىن بۇ گەپنى تۈزلا ئىيتقانلىقىدىن خاپا بولۇشقىمۇ بولمايدۇ . ئۇنداقتا سەۋەنلىك كىمدە ؟ كىچىكىنە ناھىينىڭ سىرتىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان قىزدىمۇ ياكى ساددا دىھقان ئاتىسىدىمۇ ؟ۋە ياكى پۇلنى كۆرۈرمەننى دەپ ھەددىن زىيادە كۆپتۈرۈپ كىنو ئىشلىگەن رىژىسسور ،كىنو سودىگەرلىرىدىمۇ ؟ كونىلاردا كىسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دىگەن دانا ھىكمەتمۇ بار ،لىكىن ھە دىسە مۇشۇ سۆزنى دەستەك قىلىپ كىسەلنى سۆزلەۋەرسەك ساق ئادەممۇ ئۆزىنى كىسەل چاغلاپ دوختۇرغا بارىدىغان ئەھۋالغا قالىدۇ . كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ قارايدىغان بولساق شۇنداق ئىسىل سىتودىنىتلىرىمىز بار ،نىمىشقا شۇلارنى يازمايمىز ؟ يولدىن چىققان ئاز ساندىكى قىزلارنى يازمىساق ،شۇلارنى كىنو قىلىپ ئىشلىمىسەكمۇ ،كىچە –كىچىلەپ كىتاپتىن باش كۆتۈرمەيۋاتقان ،بىكار ۋاقىتلىرىدا كۈتۈپخانىدىن كىرمەي ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان سىتودېنىتلىرىمىزنى يازساق شۇ شۇلار ئەجەبا شۇ بۇزۇقلارنىڭ تىمىسىدەك بازار تاپالماسمۇ ؟ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىرىپ بولۇپ ،چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ بولغان ۋاقىتلار ئىدى ،بىر كۈنى بىر قانچە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق . گەپ ئارىلىقىدا بىرسى قايسى مەكتەپكە ئۆتۈپسەن دىگەندە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا دىسەم «تەلىيىڭ بار گۇيكەنسەن ،قىزلاردىن غەم قىلمىغۇدەكسەن ،ئاڭلىسام ئايىغىڭنى پارقىرىتىپ ،كاستىيۇمنى قىرلاپ كىيىپ شىنجاڭ داشۆنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرساڭ قىزلار قاتار بولۇپ تىزىلىدىكەن »دىگەن گىپىنى ئاڭلىغان ۋاقىتىمدا شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن ،لىكىن ھەقىقى ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمىغان . مانا ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ مومىسىنى يەۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى ،لىكىن مەكتەپ ئالدىدا توختىغان ئىسىل ماشىنىلارغا ئاندا-ساندا قىزلارنىڭ چىققانلىقنى كۆرگەن بولساممۇ ،لىكىن ئاياغنى پارقىرىتىپ مايلاپ ،كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ تۇرغانغا كىلىپ قاتار بولۇپ تۇرغان قىزلارنى كۆرمىدىم . ئىشىنىمەن بىرەر قاپاقباش يۇقارقى تىمىنى ئوقۇۋىتىپ ئاغىنىلىرىنىڭ قىشىغا بىرىپلا «ئاڭلىسام ئالى مەكتەپنىڭ قىزلىرى سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ 100كويدىن سودا قىلىدىكەن» دىگەن گەپنى قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ . يۇرتتا بۇنداق گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ كەتكەن ئىدىم . «قايسى بىر مەكتەپنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچىدىكەن »«پالانى مەكتەپنىڭ قىزلىرىنىڭ ئانداقكەن ،مۇنداقكەن »دىگەندەك ئاقماس پاراڭلار بەك كۆپ ئىدى . شۇ چاغدىكى كەم ئەقىللىق ،ساددىلىقىمدا بەزىسىگە ئىشەنگىم كەلمىسىمۇ بەزىسىگە راس شۇنداقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. بەزىلەر ئالى مەكتەپلەرنى بىلىم يۇرتى سۈپىتىدە ئەمەس ،كەسىپلەشكەن خاراكتىرى ئوخشىمايدىغان پاھىشىخانا قىلىپ تەسۋىرلەپ بىرەتتى . ئۆزۈمنىڭ كەسپى ھەم قىززىقىشىم ئەدەبىيات دىگەن بۇ كەسىپكە بەكلا يىراق ، شۇنداق بولغاچقىمۇ بەلكىم ئويلىغانلىرىمنىمۇ تۈزۈك ئىپادىلەپ بىرەلمىدىم. ئاخىرىغا بارغانسىرى پىكىرىم چىچىلىپ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم . دىمەكچى بولغىنىمنى قىسقىچە دىسەم ، ھە دىسىلا جەمىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقلارغا سىتودىنىتلارنى مىسال ئىلىۋالمايلى ،ئالى مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇش .ئۈچۈن كەلگەنلىكنى ئۇنتۇغان ،ئويۇن تاماششاغا باشچىلاپ كىرىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋاتقان،قىزلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ چىرايىنى ،پاكلىقىنى ،ئىسىل كىيىملەرگە ،ئالا-يىشىل چىراقلار ۋە كىچىككىنە كۆڭۈل خوشىغا تىگىشىۋەتكەنلەر بار . لىكىن شۇنىسى ئىنىقكى بۇنداقلار ئاز ساندا . شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئالى مەكتەپلەرنى تەسۋىرلىگەندە كۆپ سانلىق تەۋە بولغان توپنىڭ خاراكتىرى ،ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلەنمەي ،ئەكسىچە ئاز ساندا بولغان مەينەتچىلىك ،پاسكىنىچىلىقلار بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ ؟ بەلكىم يۇقارقى تىمىنى يازغۇچى ياكى شۇنداق تىمىنى يازغان باشقىلارغا شۇنداق ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۇچراپ قالغاندۇ ،لىكىن بىر ئەقلى ئويغاق ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر قانچىنىلا كۆرۈپ ،پۈتۈن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا باھا بەرمەسلىكنى ، ھىچ بولمىغاندا تەكشۈرەلمىسىمۇ ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىچىنى تولۇق بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئاندىن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن . ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆڭلۈمدىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمىدىم ،ئەگەر گەپ سۆزلەردە ،پىكىردە خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بىلىدىغانلارنىڭ ،چوڭلارنىڭ تەلىم بىرىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن !