• 2008-11-25

    پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتى

    مەن بىر چىۋىنمەن. مەن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇرۇمچىدە شامالباغ دىگەن يەردە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇك كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ما جەنيىڭ ئاتلىق تۇنگاننىڭ ئىجارىگە ئالغان قوروسىدا ئاتامنىڭ كىملىكىنى بىلمەي تۇغۇلدۇم. ئۇلار ئۆي ئىجارىكەشنى « فاڭدوڭ » دەيدىكەن، مەن تۇغۇلۇپ تۇنجى ئاڭلىغان سۆزۇم «فاڭدۇڭ ، ئۆي ئىجارىسىنى ئەتە بىرەي ، بۇگۇن تىجارىتىم ياخشى ئەمەس ! » -دىگەن سۆز بولغاچقا ، ئۆزۇمگە «فاڭدۇڭ » دىگەن ئىسىمنى قويىۋالدىم. سىلەر دەپ بىقىڭلار ...ماڭا ئەرزان توۋلاپ ئىسىم قويىدىغان ئاتام بولمىغاندىكىن شۇنداق قىلغىنىم توغرۇدۇ ؟! ... مەن بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاشۇ يەردىكى مەينەت ھەم يىرگىنىشلىك دۇنيادا ياشىدىم. ياتار يىرىم شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلەت تۇڭى بولدى. سەگىدەيدىغان يىرىم قان يۇقى سىسىق تازلىق قەغىزى تاشلانغان ھاجەتخانا بولدى.يىيىشىم مەن ئارزۇ قىلىدىغان تاۋۇز شاپىقى ۋە مېزىلىك يۇندا بولماستىن ، مەن يالاشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغان ئاشۇ سىېتودىنىتنىڭ «خاسىيەت » ماركىلىق تازلىق سۇيۇقلىقىنىڭ يۇندىسى بولدى. بۇ دۇنيانىڭ قىلچىمۇ ئارزۇلىغىچىلىقى يوقكەن. يەم تېپىپ قورساق تويغۇزۇشنىڭ تەسلىكىغۇ بىر گەپ ، سەللا ئىھتيات قىلمىسىڭىز سىزدىن چوڭلار سىزنى قەدەمدە بىر ئالداپ ، شىرىن شىكەر سۆزلىىرىمۇ يوق ھىچ ئىشتىن - ھىچ ئىش يوق شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپلا ئۇچۇپ كەتكەن. ھۈشىڭىزغا كىلىپ ئەمدى ئۇچاي دىسىڭىز، ئاشۇ «ئاكتىيور» قىزنىڭ يىرگىنىشلىك پالاقلىرى سىزگە تەڭلىنىپ تۇرغان. توۋا...توۋا... مىنىڭ قورسۇقۇم راسلا دەرت بىلەن تولدى. شۇنداق كۇنلەردە مەن «يوغانباش چىۋىن » بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ سەل قىرى بولسىمۇ ئۇنىڭ خىلى سۇيى بار، كۆڭلۇمنى خوش قىلالايدىغان تەرىپى ماڭا يىقىپ قالدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆنۇپ قالدىم. ئۇ مىنى «پاھىشە»لەرنى باغرىغا باسقاندەك ،باغرىغا باسقاندا بۇ دۇنيادىكى لەززەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ - دەپ قالاتتىم. مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم.چۇنكى مەن تۇيۇقسىز باشقا قوپال چىۋىنلەرنىڭ ئەخماق قىلىشلىرىغا ئۇچرىغاندا ئۇ دائىم ماڭا بولۇشۇپ ئۇلار بىلەن ئىلىشىپ كىتەتتى.مەن ئۇنىڭ قېشىدىن نىرى بولمايدىغان بولۇپ قالدىم.بەزىدە ئىچىمدە ئويلاپ قالىمەن، مەن تۇغۇلۇپ ئىككى كۇن بولغاندا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئىپپىتىمنى ساقلىيالماي قالغاندا مۇشۇ يوغانباش بولغان بولسا ئىش باشقىچە بولاتتى - بەلكىم.... ھازىرقى ئەھۋالىم ئوخشىمايدۇ، مىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم ئاۋۇ سىتودېنىت قىزغىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئۇ بىر كۇنى كىلىنتون دەمدۇ، بىر كۇنى دۇمبۇراچى دەمدۇ، بىر كۇنى تامبۇرچى دەمدۇ، بىر كۇنى جى شاۋلىيەن ئۇستاز دەمدۇ، بىر كۇنى گىتتارچى دەمدۇ، بىر كۇنى ئىلمىي مۇدىرىم دەمدۇ،بىر كۇنى چېگرا رايۇن مىھمانخانىسىدا سودا قىلىدىغان بايۋەتچى دەمدۇ.... ھەممىسىنى سىز مىنىڭ 100 يۇەنلىك جىنىم- دەپ چاقىردۇ.قارىغاندا ئۇنىڭ تونىمايدىغان ئادىمى بولمىسا كىرەك. مەن پەقەت مۇشۇ يوغانباش چىۋىننىلا تونۇيمەن. باشقا ياتلار مىنى بۆزەك قىلىپلا يوقايدۇ.ئۇنداق كۆڭلى سۇيۇق ، ۋاپاسىز چىۋىنلەرنى مىنىڭمۇ تونۇغۇم يوق. مۇشۇنداق خاپىچىلىقتا يۇرگەن كۇنلەردە «يوغانباش»مۇ قىرىپ قالدى،پۇت- قولىدىن ماغدۇر كەتتى. ماڭا كۆيۇنسىمۇ بۇرۇنقىدەك يىقىنچىلىق قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.مەن دىگەن تىخى «ئون گۈلىدىن بىرى ئىچىلمىغان» چىۋىن تۇرسام، بۇنىڭغا چىدامتىم.ئاخىرى يۇرەك سۆزۇمنى ئۇدۇللا بايان قىلدىم : __ بۇ دۇنيادا مەن ھۈزۇرلانغىدەك ئىشمۇ قالماپتۇ، مىنىڭ ياشلىق باھارىم مۇشۇنداق نابۇت بولارمۇ؟! بۇ دۇنيا ماڭا بىر دوزاققۇ؟! يوغانباش چىۋىن ماڭا: __ ئالدىرما خان قىز «فاڭدوڭ» ، سىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭدىن ئىيىتقاندا ، سەن بىر چىۋىن مەلىكىسى، بىز چىۋىنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى پەرىشتە سۇپەت چوكانسەن. مەن سىنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەردىن بەھرىمان قىلىمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيا سەن تەسەۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق يامان ئەمەس. سەن ياخشى جايلارغا بىرىپ باقمىغانسەن. پەقەت مۇشۇ ما جەنيىڭنىڭ كۇلبىسىدە ئاساسەن مەن بىلەنلا ياشىدىڭ ،شۇڭا سەن بۇ دۇنيانى دوزاق - دەپ قارايسەن. بۇ سىنىڭ نەزەر دائىرەڭنىڭ تارلىقىنىڭ ئىپادىسى،- دىدى. راس گەپنى قىلسام، «يوغانباش چىۋىن» مەندىن ئىككى ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ ، دەمەت سۇرۇشتۇرگەندە ئۇ مىنىڭ تاغام بولىشى كىرەك. مەن گەرچە ئەڭ گۈزەل چاغلىرىمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۆتكۇزگەن بولساممۇ ، ئەمدى بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايتتى. شۇڭا مەن بىز چىۋىنلەرگە خاس مىجەز بىلەن ئۇنىڭغا : __ يوغانباش ئاكا، بۇ دۇنيادا مۇشۇ سىتۇدىنىت قىزنىڭ مەينەت يىرىدىنمۇ ياخشىراق، تىخىمۇ ھۈزۇر كۆرىدىغان ، جەننەتتەك يەرمۇ بارمۇ؟ - دەپ سورۇدۇم. __ پاكىز ، جەننەتتەك دىدىڭمۇ؟! ، __ دىدى يوغانباش__ شۇنداق جايلار باركى ، ئۇ ھەقىقى جەننەتنىڭ ئۆزى ، يىيىشكە ياخشى غىزا، كۆرۇشكە چىرايلىق نەرسىلەر بولغاننىڭ سىرتىدا، ئىسىل مۇزىكىلار ، ئىسىل ئىچىملىكلەر، ئىللىق ھاۋا بار يەرلەرمۇ بار ، مىنى بىر چاغلاردا سەندەك بىر گۈزەل چىۋىن ئاشۇنداق يەرلەرگە ئاپارغان. نۇرغۇن پۇللۇرۇمنى چىچىپ تۇگەتكەن بولساممۇ ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ. «ئىللىق ھاۋا»دېگەننى سەن چۇشەنمەيسەن، ئۇ ئادەملەر سۇنئى ئۇسۇلدا چىقارغان باھارنىڭ ئۆزى . شۇنداق سالقىن، ئۇنىڭغا يولۇقتۇڭمۇ بولدى، راھەت دېگەن شۇ ، دەرھال ئىشرەتكە چۇشكىڭ كىلىدۇ. __مىنى ئاپارساڭ بولامدۇ؟ __ئەلۋەتتە بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەن يوغانباشقا ئەگىشىپ ئاۋۇ كونا ئۇۋام_ «ئاكتىيور » قىزنىڭ ئەخلەت تۇڭىدىن ئۇچۇپ چىقتىم. يوغانباش ئىككىمىز «بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپى » ئەتراپىدىكى ئوڭغۇل- دوڭغۇل، چوڭ- كىچىك خانىلاردا ئىغىزلىرىنى قىپ-قىزىل قىلىپ بويىۋىلىپ خىرىدار كۇتۇپ يۇرگەن ، ئىسمىنى ماڭا ئوخشاش « فاڭدۇڭ » قويىۋالغان تۇققانلىرىم بىلەن تونۇشۇپ ئەسرالاشتۇق، ئارلىقتا مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، يوغانباشنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر مۇنچە «كۆك چىۋىن» لەرنى تىزلا يولغا سالدىم ، ئەخلەت تۇڭىدا ئۇزاق تۇرۇپ ھالسىزلانغان تەنلىرىمگە بۇ دۇنيادا تەسۋىرلىگۇسىز دەرىجىدە جان كىردى.يوغانباش ئىككىمىز ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇچۇپ ئەگىپ ، شۇ ئەتراپتا ئەڭ ئېگىز بولغان « تاشقى سودا بىناسى»غا يىتىپ كەلدۇق. بىنانىنىڭ ئىشىكىگە كەلگىنىمىزدە بىنا ئىچىدىن ھىلىقى «باھار»دەك ئىللىق شامال يۇزلىرىمنى سىپاشقا باشلىدى. ئارىلىقتا مىنىڭ كونا خوجايىنىم -ھىلىقى «ئاكتىيور » قىزدەك ، چىچىنى ئايرۇپىلانغا ئوخشۇتۇپ ياساتقان بىر سىرىق چاچ قىز غادىيىپ ، تولغۇنۇپ كىرىپ كەلدى. بىزمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ غىپپىدە بىرگە كىرىۋالدۇق. بىنا ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن يوغانباش مەندىن : __ قانداق ؟ بۇ جاي ياخشىمىكەن؟__دەپ سورىدى. بۇ جاي ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ، كىشىنى راھەتلەندۇردىغان خۇش پۇراق دىماققا ئۇرۇپ تۇرىدىكەن، مەن ئىلگىرى « ئاكتىيور» قىزنىڭ قېشىدا كۆرگەن ئەرلەر ماڭا كىيىمسىز كۆرىنەتتى، بۇ يەرلەردىكى ئەرلەر ھەممىسى كىيىم كىيىدىكەن، كاستىيوم - بۇرۇلكىسى بەك سالاپەتلىك بىلىنىدىكەن.ئاياللارچۇ تىخى، ...ھەممىسى خۇددى كىپىنەكتەك چىرايلىق ياسىنىۋاپتۇ، بىز نۇرغۇن مۇشەققەت چىكىپ 11- قەۋەتكە چىقتۇق. ۋاي، ۋاي.... ئاۋۇ شېرەلەرگە تىزىلغان تورت ، ئىچىملىك ، چاقماق قەنلەر، ..نېمە دېگەن مولچىلىق... ئەتراپنىڭ مۇھىتى تىخىمۇ پاكىز. شۇغىنىسى بۇ يەر بەك پاكىز بولغاچقا مەن سەل قورۇنۇپ قالدىم. ئىلدامدا يوغانباش قايەرلەرگىدۇ يوقالدى. مەنمۇ ئۇ يەر - بۇ يەرنى كۇزۇتۇپ ئاخىرى «تەم تەڭشەش ئەسۋابى» نىڭ ئاستىغا يوشۇرۇندۇم. مەن يوشۇرۇنغان بۇ شېرەدە ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ۋە 20 ياشلاردىكى بىر ئاقپىشماق يىگىت ئولتۇراتتى. __ بۇ بىر نەچچە كۇندە سەن نەدە بولدۇڭ ؟ __ دىدى ئايال. __پۇل ئۇتىمەن دەپ «پىشتى» ئويناپ يۇردۇم، «پارلاق مېھمانخانىسى»دا يۇردۇم شۇ ،__دىدى ھىلىقى يىگىت. __ سىنىڭ يىمىگىڭ ، كىيىمىڭ ، يۇرۇش- تۇرىشىڭ مەندىن، كۇندە خەجلەشكە پۇل بىرىپ تۇرىۋاتىمەن، يەنە پۇل ئۇتىمەن -دەپ نىمە قىلاتتىڭ؟ __ئۇتتۇرۋەتتىم . __ قانچىلىك ئۇتتۇردۇڭ؟ __ 31000 يۇەن. ئايال يىنىدىكى كۇمۇش رەڭ سومكىسىدىن بىر پۇل قاپچۇقىنى چىقىرىپ ، ئىچىدىن بىر بولاق «ماۋزىدۇڭ» سۇرىتى چۇشۇرۇلگەن نۇمۇرى ئۇلانغان قىزىل رەڭلىك100 يۇەنلىك پۇلدىن 4 بولاق چىقاردى. __ مە ! بۇندىن كىيىن ئەمدى پۇل ئۇتىمەن دەپ يۇرمە ! مەن ھازىر «دا بازار»غا بىرىپ ئازراق سودا قىلىۋالاي، ئاخشاملىققا سائەت توققۇزدا «سەردار مېھمانخانىسى» دا سېنى كۇتىمەن ،_ ھۈ خۇمپەر ،_ ئايال شۇلارنى دەپ بولۇپ پۇلنى يىگىتكە بەردى ۋە مەسخىرلىك كۇلۇپ قويۇپ ، نايناقشىپ چىقىپ كەتتى. ئايال كەتكەندىن كىيىن ، ھىلىقى يىگىت دەرھال ئورۇن يۆتكىدى، ئۇ تەرەپتىكى شېرەدە بىر سەتەڭ قىز يالغۇز قەھۋە ئىچىپ ئولتۇراتتى. قارىماققا ئۇ ئادەملەر يېشىدا 17 ياشلاردىكى چىرايلىق قىز ئىدى . راستىنى دىسەم ئۇ ماڭا يەتمىسىمۇ كېشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغىدەك پەرىزاتتەك قىز ئىدى.بولۇپمۇ «قىيىنئانامنىڭ كۆز يىشى» دېگەن رەخىتتىن لىنتا قىلىپ بىشىغا چىگىۋالغىنى ماڭا بەك ياراپ كەتتى. ئەپسۇس.. مەن ئۇنداق ياسىنىشقا قادىر ئەمەسمەن! ، شىرەنىڭ ئۇستىدە بىر باغلام سۇنئى ئەتىرگۇل لوڭقىغا تىزىقلىق تۇراتتى. مەن دەرھال شۇ گۈل ئىچىگە يوشۇرۇندۇم. بۇ يەردە «راس گۈل» بولمىغاندىكىن مەندىمۇ ئامال يق-تە!ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشقا باشلىدىم. مەن چىۋىنگە ھىچقانداق بىر چىۋىن بۇنداق لەززەتلىك پاراڭ سىلىپ بەرمەيتتى. ئۇچۇپ كىلىپلا ئىشىنى قىلغىنى قىلغان .خۇددى مەن بىر «پاھىشە»چىۋىندەك! مەن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا شەيدا بولۇپ قالدىم. __ ھەسەلخان، ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسەن ، ئىشلىرىمىزدا ھىچقانداق چاتاق يوق، _ دىدى ھىلىقى يىگىت. __ نىمە ئىش ؟ __ دىدى ، ھىلىقى ھەسەلخان ئاتلىق قىز. يىگىت ھىلىقى پۇلنى ھەسەلخاننىڭ قولىغا تىقتى-دە، ئاغزىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يىقىن ئاپىرىپ بىر نىمىلەرنى كۇسۇلدىدى، مەن ھىچنىمىنى ئاڭلىيالمىدىم.پەقەتلا قىزنىڭ « ئۆلمەيدىغان ! » دېگەن سۆزىلا قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. __ بولامدۇ؟،_ دىدى يىگىت. __ سەن دېگەن ئىشنىڭ قايسىسى بولمىغان؟ ، _ دىدى قىز،_ سەن ئاۋال ماڭغاچ تۇر ، تونۇشلار كۆرۇپ قالمىسۇن، توي قىلماقچى بولغان يىگىتىم مۇشۇ كۇنلەردە مىنى پايلاپلا يۇرۇيدۇ... بىر سائەت ئىچىدە سەن دېگەن يەرگە يىتىپ بارىمەن. __ ۋەدەڭدە تۇر - ھە جىنىم ؟ ،_ دىدى يىگىت. __ مەن قاچان ۋەدەمدە تۇرمىغان؟ _ مەتۇدەك گەپ قىلما ماڭا ...ئاچچىقىمنى كەلتۇرۇپ...! يىگىت ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ قىز پەشتاختىغا بىرىپ كۇتكۇچىدىن روخسەت سوراپ تېلىفۇن ئۇرۇشقا باشلىدى. مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ شېرە ئۇستىدە ئەركىن ئۇچۇپ غېزانىلىۋالدىم . ئاندىن ھىلىقى قىز ئىچكەن قەھۋە ئىستىكانىنىڭ گىرۋىكىگە قونۇپ تۇرۇپ ، قىزنىڭ كالپۇكىدىن يۇقۇپ قالغان لەۋسۇرۇقنىڭ تەمىنى تىتىپ كۆردۇم. بۇ ئۆمرۇمدە تۇنجى لەۋسۇرۇقنى تېتىپ بىقىشىم ئىدى... . تازا لەززەتلىنىۋاتقىنىمدا ھىلىقى قىز قايتىپ كىلىپ ، قولىنى شىلتىپ مىنى قوغلىدى... . يۇرەكلىرىم قىپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ئىلدام ئۇچۇپ تامغا قونىۋالدىم... ئون مىنۇتلاردىن كىيىن ، 50 ياشلاردىكى بىر پور كۆتەك ئەر كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەتلەس گىلاستۇق تاقاپ ، «ئىلچى» ماركىلىق كاستىيۇم - بۇرۇلكا كىيىپ ، ھىلال ئاي شەكىللىك سائەت تاقىۋالغان بولۇپ، پۇزۇر تۇرقىدا لوم-لوم ئورۇندۇققا بەك تەستە چوكۇپ ئولتۇدى. ئۇ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ھىلىقى قىزغا كايىشقا باشلىدى: __ ھەي، مەن سىنى قانچىدە ئىشنى پۇتتۇرسەن دېگەن؟، خەپ سىنى.... ! ھىلىقى قىز تۆت بولاق پۇلنى قاياندىندۇر ئاران سىپاپ تىپىپ پور كۆتەكنىڭ ئالدىغا قويدى. پوركۆتەك پۇلنى يېنىغا سىلىۋىتىپ: __ بۇنداق سويمەك يىگىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى ئاسان. __ ئۇمۇ باشقا ئاياللارنى ئالداپ پۇل تاپىدىكەن. __ ئادەمگەرچىلىك دېگەن ئۆز نۆۋىتىدە بىر- بىرىنى ئالداش دېمەكتۇر ،__ دىدى پور كۆتەك،_ پەقەت مۇشۇ پۇلنىلا ھارامدىن تاپمىدۇق ، دىسەك بولىدۇ ! ئۇلار شۇ گەپلەرنى قىلىشىۋاتقاندا تۆت بولاق پۇلنىڭ «ئەسلى ئىگىسى » ھىلىقى ئايال جىددى قىياپەتتە كىرىپ كەلدى. قارىماققا ئۇ «سەردار مېھمانخانىسى» غا بارمىغان يىگىتنى ئىزدەپ كەلگەندەك قىلاتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆزى پور كۆتەككە چۇشتى. ئۇ پور كۆتەكنىڭ قىشىغا كىلىپ ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ تۇرۇپ ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ، سوتچىلاردەك قىياپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى: __ قىشىڭدىكى ماۋۇ پاسكىنا كىم؟ پوركۆتەك بۇ ئايالنى كۆرۇپلا ھولۇقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇ ئايالنى تارتىپ ئېشىكنىڭ قىشىغا ئاپاردى. شۇ پۇرسەتتە مەنمۇ دەرھال ئۇچۇپ بىرىپ ، پور كۆتەكنىڭ دولىسىغا قوندۇم. ئۇ يەردىمۇ لەۋ سۇرۇقنىڭ تەمىنى تىتىغاچ ، ئۇلارنىڭ تالاش- تارتىشىغا قۇلاق سالدىم. پور كۆتەك: __ خاپا بولماڭ ئامرىقىم، مەن سىزگە دەپ بىرەي ، ئۇ «سۇيقاش شىركىتى»نىڭ دېرىكتورىنىڭ خانىمى، مەن بىر سودا ئىشى بىلەن ئۇنى مېھمان قىلىۋاتىمەن، مانا بۇ تۆت بولاق پۇلنى ئىلىپ خالىغان كىيىملەرنى سېتىۋىلىڭ. بۇ ئىش توغۇرلۇق ئاخشاملىققا ئۆيگە قايىتقاندا سىزگە تەپسىلى سۆزلەپ بىرىمەن، _جىنىم خوتۇن! ئايال پۇلنى ئىلىپ ، كۇمۇشرەڭ سومكىسىغا سالدى-دە، تەرىنى ئاچماي ۋاقىراپ تۇرۇپ : __ ئۆيگە بالدۇرراق قايىت ، بالىلار ئۆيدە يالغۇز قالدى، مىنىڭ دوسلۇرۇم بىلەن بۇگۇن قاتار چىيىم بار. ئاخشاملىققا كىيىنرەك قايتىشىم مۇمكىن. ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ نايناقلاپ كىتىپ قالدى. ئۇھ...، مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇ ئايالنىڭ بىر يەرلىرىگە قونىۋىلىپ بىللە چىقىپ كەتتىم. مىڭ بىر جاپادا شامالباغدىكى ما جەنيىڭ قوروسىغا بىرىۋالدىم. كۆرگەن كۇلپەتلىرىمدىن خۇلاسەن ئۆزۇمگە پىچىرلىدىم: مەن ئەسلى ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۇرەي -دەپ ساياھەتكە چىققان ئىدىمغۇ ؟! ، مەن نىمە بولدۇم ...؟ قەسەم قىلايكى ، مەن ئەمدى بۇنداق «جەننەت» كە ئىككىنچىلەپ سەپەر قىلمايمەن. مەن «ئاكتىيور» قىزنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدا «دوزاق» ئازابى تارىتسام مەيلىكى، بۇنداق تېشى پاكىز، ئىچى مەينەت ، قورساقمۇ تۇزۇك تويمايدىغان «جەننەت»نى ئەمدى كۆرە كۆزۇم يوق !