• 2008-11-25

    زىنا قىلغان ئايال بىلەن توي قىلسا بولامدۇ؟ - [تەرمىلەر]

     زىنا قىلغان ئاياللار توي قىلسا بولامدۇ؟


    زىنا قىلغان ئاياللار توي قىلسا بولامدۇ؟



    كۆپچىلىك ئالىملار زىنا قىلغان قىز ياكى ئايالنى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ئەر
    ياكى باشقا ئەر نىكاھىغا ئالسا جائىز بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ساھابىلاردىن
    ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق كاتتىلىرىمىزنىڭ ۋە يەنە
    بىر مۇنچە تابىئىيلارنىڭ ۋە كۆپچىلىك شەرىئەت ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر.
    بۇلاردىن بىر قىسىم ئالىملار زىنادىن ئىددەت تۇتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.
    بۇ قاراشقا ئاساسەن ئىددەت توشقاندىن كىيىن ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ.
    ئىددەت تۇتۇشتىكى مەقسەت باشقىلارنىڭ بالىسى باشقىلارغا مەنسۇب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

    ئاز بىر قىسىم ئالىملار زىنا قىلغان ئايالنى ئىپپەتلىك كىشى ئالماقچى بولسا
    ئۇ ئايال قىلمىشىدىن تەۋبە قىلغاندىن كىيىن ئاندىن نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

    ئايال ھامىلدار بولغان تەقدىردە بەزى تەپسىلاتلار بايان قىلىنىشى ۋە دىققەت قىلىنىشى كېرەك،
    بەزىلەر ئايال ھامىلدار بولسىمۇ زىنا قىلغۇچى ياكى باشقىسى دەرھال ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىپ
    بىللە بولسا بولىۋىرىدۇ، چۈنكى زىنادىن بولغان ھامىلدارلىقنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
    بۇ ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشى.


    لكىن باشقىلار: ئىددەت تۇتىدۇ، دىگەن، بۇ قاراش ياخشىراق.

    شۇڭا سىز زىنا قىلمىغان ئىپپەتلىك كىشى بولسىڭىز زىنا قىلغان قىز بىلەن توي قىلسىڭىز بولىدۇ،
    كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما سىزمۇ زىنا قىلىپ قالغان كىشى بولسىڭىز
    باشقا بىر زىنا قىلغان ئايال بىلەن توي قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ، چۈنكى ئىككىڭلار ئوخاشاش
    دەرىجىدىكى كىشىلەر ھىساپلىنىسىلەر.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ((زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ،
    زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام
    قىلىندى)) نۇر سۈرىسى 3-ئايەت.

    ئەمما زىنا جىنايىتىنىڭ گۇناھىغا نىسبەتەن سىلەر زىنادىن تەۋبە قىلىپ قەتئىي بۇنداق پاسكىنا
    ئىشنى قىلىپ سالماسلىققا بەل باغلاپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭلار جانابى ئاللاھ
    ئۆز مەرھىمىتى بىلەن ئەپۇ قىلىۋەتكەي.