• 2008-11-24

    20ياشلىق ئەرلەرۋە30ياشلىق ئەرلەر - [تەرمىلەر]

    20ياشلىق ئەرلەر مودا قوغلاشسا،30ياشلىق ئەرلەر ۋاقىت قوغلىشىدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرالمىسا،30ياشلىق ئەرلەر كىچىسى ئۇخلىيالمايدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرھەمىشە قول سائىتىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالسا،30ياشلىق ئەرلەر ساقىلىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. 20ياشلىق ئەرلەر ئىناق بىر ئائىلەم بولسا دەپ ناخشا ئېيتسا،30ياشلىق ئەرلەر<<سىرتقى ئالەم نىمىدىگەن گۈزەل >>دەپ ناخشا ئېيتىشىدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرئاياللارنىڭ كۈزىگە قاراپ ئەسىر چۈشۈپ قالسا،30ياشلىق ئەرلەر ئاياللارنىڭ نۇغۇچتەك غادىيىش ئالدىدا تەسلىم بۇلىدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرمۇھەببىتىنى دەپ ئۆز ئىشىدىن ۋاز كىچىۋاتسا،30ياشلىق ئەرلەر ئۆز خىزمىتىنى دەپ مۇھەببىتىدىن ۋاز كىچىدىكەن.20ياشلىق ئەرلەربىرقېتىمدىلا ھاراقنى كۆپ ئىچىپ مەس بوپ قېلىشتىن قورقمىسا،30ياشلىق ئەرلەرقاتتىق مەس بۇلۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرئىشتىن چۈشكەندىن كىن بىرئاز ئوينىۋېلىشنى خالىسا،30ياشلىق ئەرلەر ئىشتىن چۈشۈپ بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشنى خالايدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرئاچچىقلانغان چاغدا بىرئازكۆزيېشق قىلىۋېلىشنى خالىسا،30ياشلىق ئەرلەر.اچچىقلانغاندا بىرئورام تاماكا چىكىۋېلىشنى خالايدىكەن.20ياشلىق ئەرلەرئۆزىنىڭ بىرەركىشىلىك خىزمەت ئورنىغا ئىگە بۇلالىغانلىقىغا شۈكرى قىلسا،30ياشلىق ئەرلەرئۆز قابىلىيتىمنى ئىشقا سالىدىغان قابىلىيتىم يوق دەپ ۋايسايدىكەن