• 2008-11-18

    قىزچاق، ئىپپەتنىڭ ئاچقۇچى لېۋىڭىزدىدۇر! - [تەرمىلەر]

    قىزچاق، ئىپپەتنىڭ ئاچقۇچى لېۋىڭىزدىدۇر! خىزمەت تارىخىمغا بىر موچەل بولاي دەپ قالغاندا، جەنۇپتىكى سەھرادىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆگىنىش پۇرسىتى نىسىپ بولۇپ، مەركىزى شەھەردە يۈرگىنىمگە بىر يىل بولاي دەپ قالدى. بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرغان بولساممۇ ئۈرۈمچىگە، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىگە، ئۈرۈمچىنىڭ مىھمانلىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تونۇشۇم يولىمۇ يۈزە ئىكەن...... مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى بىلىم ئوچىغى، بىلىم ئاشىنالىرىنى زامانىۋى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۇل سالىدىغان بازا دەپ قارايتىم ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئالى مەكتەپتە مۇنتىزىم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىگىم ئۈچۈنمۇ، ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارغا بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدا ئۆزىنى ئۆگىنىشكە بېغىشلاپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقانلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. دەرۋەقە ھازىرمۇ شۇنداق ياشلىرىمىز كۆپ ئىكەن، لىكىن ئالى مەكتەپكە ئۆتۈشنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ ئوقۇغاندەك، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈۋالغاندىن كىيىنلا ھەممىنى ئۇنتۇپ، «سىتودېنت»لىق سالاھىيىتىنى پەش قىلىپ، «مودا»،«يېڭىلىق»،«مەدەنىيەت» قوبۇل قىلىشقا ئىنتىلىش ۋە بۇ جەھەتتە ئالدىنقى رەتنى تالىشىش، «ئالتۇندىن قىممەتلىك ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈش».... مۇتلەق كۆپ قىسىم سىتودېنتلارنىڭ ئاساسى تاللىشى ئىكەن. ئۇلاردىكى ئۆزىنى تونۇماسلىق، بۇرچىنى ئۇنتۇش، شەخسىيەتچىلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئېغىرلىغى، يېڭىلىق قوبۇل قىلىش، ئېتىقادتىن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىش سۈرئېتىنىڭ تېزلىكى، ھايات قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ تىيىز، پۈچەك ۋە مۇجىمەللىگى مېنى چۈچۈتتى ۋە ئەپسۇسلاندۇردى... قىزلار-مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىلىرىدۇر. ئانا ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى، ئانىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى پەرزەنتنىڭ ئىدىيە ۋە پىسخىك جەھەتتىن يىتىلىشىگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ۋەجىدىن يەھۇدىلار ۋە ياپۇنلار قىز-ئاياللار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن ۋە بۇنى مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق دەپ قارايدىكەن. مىللىتىمىزدە ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەققىيات ئاساسىنىڭ تۆۋەنلىگى تۈپەيلىدىن قىز-ئاياللارنىڭ پەننى بىلىم بىلەن تەربىيىلىنىشى يېقىنقى دەۋىرلەرگە كەلگىچە ناھايىتى يىتەرسىز بولغان بولسىمۇ لىكىن ئەخلاق ۋە ئىتىقاد نوقتىسىدىكى ئائىلە ۋە جەمىيەت تەربىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن. پاكلىق (پاكىزلىق)، ھايا، ھالاللىق، ئىنساپ، قانائەت، ياخشىلىق قىلماق، ئۇيۇشماقلىق، تېرىشچانلىق...قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن مەدھىيلىنىدىغان، قەدىرلىنىدىغان ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا سىڭدۈرۈلىدىغان ئېسىل خىسلەتلەردىن بولۇپ كەلگەن. بۇ مىللىتىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئەل ئارىسىدا ياخشى ناملار بىلەن تەرىپلىنىشى ۋە بىزنىڭ «مەن ئۇيغۇر»دەپ پەخىرلىنەلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى ئېدى. جەمىيەت تەرەققى قىلىپ، بىزمۇ زامان تەرەققىياتىدىن بەھىرلىنەلەيدىغان ۋە قاتنىشالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قىز پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش مىللىتىمىزدە گەرچە يەھۇدى، ياپۇن مىللەتلىرىدەك سىتىراتىگىيىلىك نوقتىدىن بولمىسىمۇ، بىرخىل تەبئى، ئىستىخىيىلىك ھالدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۆزى كۆرگەن كۈننى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشىراق كۈن كۆرۈشى ئۈچۈن ئۈمىدىنى بىلىمگە، مائارىپقا باغلاپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئالى مائارىپتىن بەھرى ئېلىشىنى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاچقۇچ سۈپىتىدە قارىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانچە بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمىدى. بولۇپمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم دېھقان ئاتا-ئانىلار، تۆۋەن كېرىملىك، تاق مائاشلىق خىزمەتچى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تاپقان-تەرگىنىنى سەرپ قىلىشقا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ «سارغىيىپ قالماسلىغى»، «باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلىپ قالماسلىغى»، «كۆڭلى توق، خاتىرىجەم ئوقۇشى» ئۈچۈن ئۆزلىرى يىمەي، كىيمەي ئىقتىساد قىلىپ، تېخىمۇ تېرىشىپ تىرمىشىپ پۇل تېپىپ، ئۆزلۈكسىز تۈردە بانكا يوقلاپ تۇرۇشقا رازى بولۇشتى ۋە بۇنىڭدىن پەخىر ھېس قىلىشتى. «قىز بالا دىگەن ئاجىز، شۇڭا قىز بالىنى چوقۇم ئوقۇتۇش كېرەك، ئوغۇل بالا ئوقۇيالمىسا ھەرقانداق قىلسا جېنىنى بېقىپ كېتەلەيدۇ، لىكىن قىز بالا باشقىلارنىڭ قولىغا، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ...»دىگەن قاراشلار ئىستىخىيىلىك ھالدا مىللىتىمىزدىكى ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ قىز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىگىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يىلتىز تارتقان ئورتاق قاراشقا ئايلاندى. بۇ خىل قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىشى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ پەزىلەتلىك قىز، پەزىلەتلىك ئانىلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلاشقا رازى بولۇشتى. لىكىن ئالى مەكتەپكە كەلگەن پەرزەنتلەردىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە، بىلىم ئېلىشقا قارىتالىغانلىرى زادى قانچىلىك؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمەك بەلكىم بىر ئاز تەس بولسا كېرەك..... كوچىلاردا، باغچىلاردا، ئاممىۋى قاتناشلاردا ھەتتا ئاشخانىلاردا ئوغۇللار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قولتۇقلىشىپ ھەتتا قۇچاقلىشىپ....يۇرگەن ئوقۇغۇچى قىزلار كۆرۈشنى خالىمىساممۇ داۋاملىق ئۇچراپلا تۇرىدۇ. ئۇلاردىن قىزلارغا خاس تارتىنىش ۋە ئۇياتچانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس بولۇپ كەتكەن. قارىماققا بۇ ئىش ئۈرۈمچىدە نورمال ئەھۋال سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ كەتكەن، لىكىن شۇ مىنوتتا شۇ مەيدانغا شاھىد بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە چوڭلارغا نەزەر سالسىڭىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن، چىرايىدىن بىر خىل بېزارلىق، خۇرسىنىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللىقانداق ئالامەتلەرنى ئاسانلا بايقىۋالالايسىز.... بۇ يەردىكى ئاۋازسىز، شەكىلسىز ھالدا كۈچىيىۋاتقان ئەخلاق كىرىزىسى، ئېتىقاد كىرىزىسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن ئېدى. بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەلۇم ئۈنۋېرسىتىتتا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان بىر يۇرتدېشىمنى يوقلاپ باردىم. مەكتەپ ئىچىدىكى مەيداندىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، دەرەخزار ئارىسىدىكى ئورۇندۇقلاردا بىر-بىرىگە يىپىشىپ كەتكەن قىز-ئوغۇل سىتودېنتلارغا كۆزۈم چۈشۈپ، ئىستېھزا بىلەن كۈلۈپ قويدۇم. يۇرتدېشىم بۇنى تېزلا بايقىۋالدى بولغاي، خۇرسىنغان ھالدا: «ھەي!.... ھازىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەكمۇ تاپتىن چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ تېخى كۈندۈز، ئەگەر كەچتە بۇ ئەتراپتىن ئۆتۈپ قالساڭ، بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالغىنىڭغا سەن خىجىل بولۇپ كېتىسەن. بۇ يەرگە كەلمەستە خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن، كەلگەندىن كىيىن ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىمگە قاراپ، مەنمۇ ئۆزۈمنى باشقا بىر دۇنيادىن كەلگەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. <مۇھەببەتلىشىش> ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى ئومۇمى ھادىسە، <كەم بولسا بولمايدىغان> مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن، ھەيران قالارلىغى قۇچاقلىشىش ۋە سۆيۈشۈش <مۇھەببەتلىشىش>نىڭ ئادەتتىكى شەكلى ئىكەن. بۇ يەردە جەمىيەتتىن <دوست> تۇتۇش، <ئاكا> تۇتۇش ئېغىر ئېلىنمايدىكەن. سىرىتقا- رېستورانلارغا، ktv لارغا، قاۋاقخانىلارغا، دېسكوخانىلارغا، مېھمانخانىلارغا.... تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئېقىپ كېتىۋاتقان قىزلارنىڭ سانىنى ئالغىلى بولمايدىكەن. <ياتاق باشقۇرۇش> ناھايىتى چىڭ ئىكەن، <سائەت مۇنچىدە> مەكتەپ دەرۋازىسى ۋە ياتاق بىنالىرى تاقىۋىتىلىدىكەن، لىكىن ياتاققا كىم قايىتتى كىم قايىتمىدى ھىچكىمنىڭ كارى يوق ئىكەن. ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئوينىۋالسۇن دەپ ئەۋەتەمدۇ؟ .... مەن ئويلاپ قالدىم، قىزلارنى ھەرگىزمۇ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغان ئىش ئەمەسكەن.....» دىدى. مەن بېشىمنى ئېغىر چايقىدىم: «ئەجابا مۇشۇلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىمۇ؟ ئۇلار ئېتىقادتىن، ئەخلاقتىن مۇشۇ سۈرئەتتە ۋاز كەچسە ئۇلاردىن ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر ئەۋلات قانداقراق بىر ئەۋلات بولار؟....». شۇ دەقىقىلەردە ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ » دىگەن ماقالىسى ئېسىمدىن كەچتى: «.....بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. ئىپپەت قىزلار گۆھىرىلىك سالاھىيىتىنى بارا-بارا يوقىتىشقا باشلىدى......»، «.....ئىلگىرى كوچا-كويلاردا، كىشى كۆرۈپ قالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋىتەتتى، ھازىر ئىتلارمۇ خىجىل بولۇپ خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدى ئادىمىي ئىتلار ئالدى....». ئابدۇرېھىم دۆلەت ماقالىسىدە خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دىگەن ئېدى: «....جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە، بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخــمىقانىلىق بولىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە "توغرا" چۈشىنىپ، ئەپۇ قىلىشى. ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپكەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن....»