• 2008-11-18

    دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار

    دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر لار پۈتۈن دۇنيادىكى 3000دىن ئارتۇق تىل،2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى 3000دىن ئارتۇق تىل ئىچىدە 98- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىمۇ دۇنيادىكى 2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىدە. ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدا 56مىللەت ئىچىدە نوپۇس جەھەتتە خەنزۇ،جۇاڭزۇ، مانجۇ،خۇيزۇ،مىياۋزۇ( مىياۋزۇلارنىڭكى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن تەڭ)لاردىن قالسا 6- ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ نوپۇسىنى 6مىليارت 500مىليۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندائۇيغۇرلارپۈ تۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 0.15پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن جۇڭگۇ نۇپۇسىنى 1مىليارت 430مىليۇن (دۆلىتىمىزدە يىلدا كۆپىيىدىغان نوپۇس16مىليۇندىن ئارتۇق)ئۇيغۇرلار نوپۇسى جوڭگۇ نوپۇسىنىڭ 0.7پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنى 1مىليارتتىن ئارتۇق دەپ ھىساپلىغاندا(دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 1پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى 120مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا(دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا)ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 8.3پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. جوڭگۇدىكى 10مۇسۇلمان مىللەتنىڭ نوپۇسىنى 24مىليۇن ھىساپلىغاندا(ئۇيغۇرلارنى 9مىليۇن بۇيىچە ھىساپلىغاندا)ئۇيغۇرلارپۈتكۈل جوڭگۇمۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ 41.6پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى 11مىليۇن 700مىڭ دەپ (ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى نوپۇسىنى 9مىليۇن بۇيىچە ھىساپلىغاندا)ھىساپلىغاندائۇيغۇرلارشىنجاڭ مۇسۇلمانلىر ى ئومۇمىي سانىنىڭ 77پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندەئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇسى 10مىليۇندىن ئاشىدۇ .ئىستاتىستىكاقىلىپ كۆرۈپ باقايلى.90يىلى7مىليۇن 200مىڭ ،2004يىلى9مىليۇن،14يىلداكۆپەيگەن نوپۇس1مىليۇن800مىڭ،بۇنى 14كە بۆلسەك مىللىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يىللىق كۆپىيىش سانى يەنى تەخمىنەن 130مىڭ ئادەم،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش 20مىڭ،دەپ ھىساپلىساق دۇنيادا ھەريىلى 150مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر كۆپىيدۇ.