• 2008-11-18

    دۇنيا تۈركولوگلىرى ۋە 6-نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى



      «بىلىۋال تورى» خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى بىلكەنت بەش يۇلتۇزلىق مېھمانسارىيى تولىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، مېھمانساراينىڭ دەرۋازىلىرىغا گۈل-چەمبىرەكلەرگە ئورالغان مەھمۇد كاشىگەرىنىڭ سۈرىتى بىلەن تۈركچە “كاشىگەرلىك مەھمۇد مىڭ ياشىندا” دېگەن خەتلەر بېزەلگەن گۈل-دەستىلەر بىلەن تولغان ئىدى. مېھمانساراينىڭ مېھمان سالونىنىڭ سەھنىسى ئالاھىدە بېزەلگەن بولۇپ، سەھنىدىكى ئېكرانىڭ ئوڭ تەرىپىگە «كاشىگەرلىك مەھمۇد مىڭ ياشىندا» دېگەن خەتلەر بىلەن بېزەلگەن مەھمۇد كاشىگەرىنىڭ سۈرىتى، سول تەرىپىدە بولسا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا ئاتاتۈرك ئەپەندىنىڭ سۈرىتى، ئوتتۇرىسىدا «تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئورالغانىدى.

    يىغىن رىياسەتچىسى ئۈنلۈك ئاۋازدا 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ،يىغىن ئەھلى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاگۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوگان ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە جاراڭلىق  ئاۋازدا «ئىستىقلال مارشى»نى ئوقۇدى. دۆلەت مارشىدىن كېيىن تۈرك تىلى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى پروف. در. شۈكرۈ ھالۇك ئاكالىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «تۈرك تىلى تەتقىقات مەركىزى» 1932-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا ئاتاتۈرك ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، مەركەز دەسلەپتە قۇرۇلغان چاغدا ئاتاتۈرك ئەپەندىنىڭ كاتىپى ئاتاتۈرك ئەپەندىدىن مەسلىھەت سوراپ:«ئاتاتۈرك ئەپەندى، بۇ تەتقىقات مەركىزى سىزنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىڭىزدە قۇرۇلدى. شۇڭا بىز تەييارلىق خىزمەتلىرىدە بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ، بۇ مەركەزنىڭ گىربىنى ئىشلەشتە سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى، شۇڭا سىز بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ گىربىنى لايىھىلەشكە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز» -- دەپ سورىغاندا. ئاتاتۈرك ئەپەندى: «بۇ مەركەزنىڭ گىربى مۇنداق لايىھىلەنسۇن. ئاۋال تۈرك تىلى تەتقىقات جەمئىيىتى دېگەن يېزىلسۇن. ئۇندىن كېيىن بۇنىڭ ئارقىسىغا تەڭرىتاغلىرى چۈشۈرۈلسۇن، تەڭرى تېغىنىڭ ئۈستىدە بىر كۆك بۆرە ئاناتولىغا قاراپ ھۇۋلاۋاتقان كۆرۈنۈش بولسۇن» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېگەندەك تۈرك تىلى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان بۇ قۇرۇلتاينىڭ بۇ قېتىمقىسى 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي تۈرك ئەدەبىياتى، تارىخى، تىلى، جۇغراپىيىسى، ئاسترونومىيىسى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە قۇرغۇچىسى بولغان كاشگەرلىك مەھمۇدنىڭ مىڭ يېشىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلدى» دەپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈل سۆز قىلىپ،  مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مىڭ ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق تۈركولوگلارغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوگان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: “مىڭلارچە ياشا كاشگەرلىك مەھمۇد، كاشىگەرلىك مەھمۇد تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى ۋە ئاساسچىسى، تۈرك دېمەك كاشىگەرلىك مەھمۇد دېمەك، كاشىگەرلىك مەھمۇد دېمەك تۈرك دېمەك، تۈرك تىل-ئەدەبىياتىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ، تارىخىنىڭ زامانىمىزغىچە مۇشۇنداق گۈللىنىپ راۋاجلىنىپ، يۇلتۇزلىنىپ چاقناپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى ئەلۋەتتە كاھسىگەرلىك مەھمۇدنىڭ تۆھپىسىدۇر. كاشىگەرلىك مەھمۇدتىن تاكى ئورھان پامۇكقىچە بولغان ئالىم، شائىر، يازغۇچىلىرمىزدىن بىز ئەلۋەتتە پەخرلىنىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز. بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشى شۇنداقلا ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئەلۋەتتە شۇ مىللەتنىڭ شائىر، يازغۇچىلىرىنىڭ ئەجىرىدىن ئىبارەتتۇر. «مىڭلارچە ياشا، كاشىگەرلىك مەھمۇد! مىڭلارچە» دېگەن كەلىمىسىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن سەھنىدن چۈشتى. يىغىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان تۈركولوگلارغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈل مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر روسىيە، گېرمانىيە ۋە ۋېنگىرىيىلىك تۈركولوگلاردىن بولۇپ ئۇلار پروف. در. ئاندرەئاس رونا-تاس، پروف. در. لارس جوھانسون ۋە پروف. در. ۋىكتور گرىگورىئەۋىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.  

       بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا 34 دۆلەت ۋە رايوندىن 478 مۇتەخەسسىس قاتناشقان بولۇپ، يىغىن 6 كۈن داۋام قىلدى ۋە يىغىن جەريانىدا مەھمۇد كاشىگەرى توغرىسىدا 45 پارچە ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروف. در. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى ئەپەندى قاتارلىق تۆت كىشى، ئۈرۈمچىدىن ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى، تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلەردىن پوف. ئالىمجان ئىنايەت ۋە ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلەردىن در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرمۇ قاتناشتى ۋە ئۆز تەتقىقات ماقالىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىندىن كېيىن بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى پروف. در. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى ۋە ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەر ئىستانبۇلدىكى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى A.Turan ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ، جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا قاتناشتى ۋە بۇ جەرياندا ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم تۈركولوگلار بىلەن ئۇچىرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى.

    قۇرۇلتاي جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر:

    تۈركىيە ئەلباشى ئابدۇللا گۈل تۈرلوگلارغا مۇكاپات بەرمەكتە


    سولدىن ئوڭغا: در. ھاجى كۇتلۇك كادەئەرى، Prof.Dr.Shukri ھالۇك ئاكالىن،پروفدر. ئابدۇرائوپ تەكلىماكانى


    يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار: سولدىن ئونغا. Dr.Haji كۇتلۇك كادەئەرى (ياپونىيە)،ئىسلامجان شەرىپ (ئۈرۈمچى)،پروف.در.ئابدۇرائوپ تەكلىماكانى (بېيجىڭ)، موللاتۇنىياز(بېيجىڭ)


    پروف.در.ئابدۇرائوپ تەكلىماكانى بىلەن Dr.Haji كۇتلۇك كادەئەرى تۇركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىدە.


    در.ھاجى كۇتلۇك كادەئەرى تۇركىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.


    ئاتاتۇركنىڭ  قەبرىسى ئالدىدىكى ئاتاتۇركنىڭ سۆزى.


    ئاتاتۇركنىڭ مازىرى








    «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق ئۇيغۇرچە روماننى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان تەرجىمان ۋە ئاتاغلىق شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك
      
      
    ئىزاھات:
    1. تېمىدىكى «كاشىگەرلىك مەھمۇد» سۆزى «مەھمۇد قەشقىرى» نى كۆرسىتىدۇ.
    2.تېمىدىكى ھەر بىر رەسىمنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ئۈشبۇ رەسىمنىڭ ئۈستىدە.
    مەنبە:ئۇيغۇر توردا مۇنبىرى





    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابلەت ئابدۇرېھىم ئەپەندى.
    دۇنيا تۈرۈكلوگلىرى ۋە 6-قىتىملىق تۈرۈك تىلى قۇرۇلتىيى
    توغۇرسىدىكى سەھىپىنى يۇللاپ مىنى بەكمۇ خۇشال قىلدىڭىز.
    باشقا ئقۇرمەنلەر ھەم تىخىمۇ سۈيۈنگۈسى!
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابلەت ئابدۇرېھىم ئەپەندى.
    دۇنيا تۈرۈكلوگلىرى ۋە 6-قىتىملىق تۈرۈك تىلى قۇرۇلتىيى
    توغۇرسىدىكى سەھىپىنى يۇللاپ مىنى بەكمۇ خۇشال قىلدىڭىز.
    باشقا ئقۇرمەنلەر ھەم تىخىمۇ سۈيۈنگۈسى!
    iplas回复چھكسىز ۋائۇكۇم说:
    دۇنيا تۈرۈكلوگلىرى ۋە 6-قىتىملىق تۈرۈك تىلى قۇرۇلتىيى
    2009-04-19 00:23:40