• 2008-11-17

    مارس مەلىكىسى(فانتازىيىلىك رۇمان)

    مارس مەلىكىسى(فانتازىيىلىك رۇمان)

    بۇ يازما ilterish تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-11-16)
    مەن مەزكور بىكەت باياناتنامىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا نوپۇزلۇق بىر بىكەتنىڭ دۇنياغا كىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. مەزكۇر بىكەتنىڭ ئاپتورلارنىڭ ھوقوق - مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ. شۇڭا بۇ يەرگە ئەزا بولۇپ كىردىم ھەم تەرجىمە قىلغىلى ئۇزۇن بولغان بۇ رۇماننى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە بىرىنچى قىتىم يوللۇدۇم. بۇ پەقەت مۇشۇ بىكەتكىلا تەۋە بولۇپ، باشقا بىكەتلەردە كۆرۈلسە مەنمۇ بىكەتكە ئوخشاشلا ئۇنىڭ قانونلۇق داۋاگىرى. تەستىقلىغاندا بۇ گەپ - سۆزلەرنى ئۈچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.

    مارس مەلىكىسى
    (فانتازىيىلىك رۇمان)
    ئېدگار رىس بارو(ئامېرىكا)

    بىرىنچى باپ
    ئارىزونا شىتاتىدىكى تاغ ئۈستىدە

    مەن ناھايىتى قېرىپ كەتتىم، ئۆزەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قېرىپ كەتكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن. يۈز ياشتىن ئاشقان بولۇشۇم ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قېرى بولۇشۇم مۇمكىن. بالىلىق چاغلىرىمنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىمۇ ئېسىمدا قالماپتۇ. يادىمدا قالغىنى ئۆزەمنىڭ ئوتتۇز  ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەزىمەت ئىكەنلىكىدىنلا  ئىبارەت.  ھازىرقى ھالىتىم بۇندىن قىرىق يىل بۇرۇنقى ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھالىتىم بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما شۇنى ھىس قىلمەنكى، مەن بۇنداق ياشاپ كېتىۋەرسەم بولمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ھەقىقى ئۆلۈشۈم ، ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلمەسلىكىم كېرەك. ئۆزەمنىڭ ئۆلۈمدىن نىمە ئۈچۈن قورقىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. مەن ئىلگىرى ئىككى قىتىم ئۆلگەن بولساممۇ ئەمما يەنىلا ھايات تۇرۇپتىمەن. شۇنداقتىمۇ خۇددى بۇرۇن ئۆلۈپ باقمىغان ئادەمگە ئوخشاش ئۆلۈمدىن ئىنتايىن  قورقىمەن. دەل مۇشۇنداق ئۆلۈمدىن قۇرقىدىغان پىسخىك كەيپىيات ئۆزەمنىڭ مۇقەررەر  ھالدا ئۆلىدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشەندۈرىدۇ.
    ئەجىلىمنىڭ مۇقەررەلىكىگە ئىشەنچەم  بولغانلىقى ئۈچۈن  مەن ئۆزەمنىڭ ھايات ۋاقتىمدىكى ۋە ھالاك بولغان ۋاقىتىمدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئامالسىزمەن. مەن پەقەت بىر تەلەيلىك ئەسكەرنىڭ ئاددى تىلى بىلەن بېشىمدىن كەچۈرگەن غەلىتە ئىشلار توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرماقچى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ، جەسىدىم ئارىزونا شىتاتىدىكى بىر تاغ غارىدا ياتقان ھەم باشقىلار تەرپىدىن بايقالمىغان ئون يىل ۋاقت ئىچىدە يۈز بەرگەن.
    مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا بۇلارنى سۆزلەپ باقمىدىم، شۇنداقلا مەن مەڭگۈ ئۈلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق ئادەتتىكى بىر ئادەممۇ بۇ قوليازمىنى كۆرۈپ باقمىدى. ماڭا ئايانكى، كىشىلەرنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسى قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق نەرسىگە ئۇلار ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ . شۇڭا، پەقەت كەلگۈسىدىكى ئىلىم - پەنلا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ئەمىلىيەتنى سۆزلىگەن چىغىمدا، ئۆزەمنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ مەسخىرىسىگە، مۇھاكىمە يىغىن ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىمنى، شۇ دەقىقىدە ئۆزەمنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ  ئالدىدا ئۇچىغا چىققان چوڭ ئالدامچى بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىمەن. مەن مارستا  ئېرىشكەن ئىلھامىم ھەم مېنىڭ بۇ كىتاپتا بايان قىلىپ بېرەلىگەن مەزمونلار،  بەلكىم بىزنىڭ ئاچا - سېڭىل پىلانتىمىز مارسنىڭ سىرىنى  دەسلەپكى قەدەمدە چۈشۈنۈشكە ئاز - تۇلا ياردىمى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. باشقىلار ئۈچۈن سىرلىق تۇيۇلغان ئىشلار ھازىر مەن ئۈچۈن سىر ئەمەس .
    مېنىڭ ئىسمىم جون كارتېر، بەلكىم، ۋىرگىنىيە شىتاتلىق سىتارشى لېيتنانت جېك كارتېرنى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر تۇنۇشى مۇمكىن. جەنوب-شىمال  ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن نەچچە يۈزمىڭ ئامرىكا دوللىرىغا ئىگە بولدۇم ھەم مەلۇم ھەربىي قىسىمنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر سىتارشى  لىيتنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم.  ئەمما بۇ قىسىم ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. جەنوب فىدراتسىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بىلەن مېنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خىزمىتىممۇ ئاخىرلىشىپ،  ئىگە - چاقىسىز،ئۆي - ماكانسىز قالدىم. ھايات - ماماتلىق ئۇرۇشمۇ كەلمەسكە كەتتى، شۇڭا مەن غەربى جەنوپقا بېرىپ ئالتۇن قىزىپ قولدىن بېرىپ قويغان  مال-دۇنيانى قايتۇرۇپ كىلىشكە بەل باغلىدىم.
    مەن يەنە بىر جەنوب فىدراتسىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن بىرلىكتە  بىر يىلغا يىقىن ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئالتۇن كانى ئىزلىدۇق. ئۇ  ئادەم رىچمونلۇق سىتارشى لىيتىنانت جاموس پوۋېل بولۇپ، تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلدى. نۇرغۇن جاپالارنى تارتقاندىن كىيىن 1865- يىلنىڭ ئاخىرىدا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئالتۇن مىقتارى مول كۇۋارتىسلىق كان قاتلىمىنى تاپتۇق. بۇ بىزنىڭ چۈشۈمىزگىمۇ كىرمىگەن ئىدى. ئىلگىرى كان ئىنژىنىرلىرىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان پوۋىلنىڭ ئېيتىشىچە،  بىز قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ۋاقت ئىچىدە  قىممىتى بىر مىليون ئامىرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كان رودىسىنى بايقاپتىمىز.
    ئۈسكۈنىلىرىمىز بەك ئاددىي بولغاچقا كان رودىسى قىزىش خىزمىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئارىمىزدىن بىرەيلەن مەدەنىيەتلىك رايونغا قايتىپ زۆرۇر بولغان كان قىزىش  ماشىنىلىرنى سېتۋىلىشى ۋە يىتەرلىك ئادەم كۈچى ئېلىپ كىلىش بىكىتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  بىز كان قىزىش ھوقوقىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەركىتىمىزنى تىزلەتمىسەك بولمايتتى.   پوۋېل مەدەنىيەتلىك رايونلارغا تونۇش، شۇنداقلا كان رودىسى قىزىشقا قانداق ماشىنا-زاپچاسلارنىڭ كىتىدىغانلىقىنى  تەپسىلىي بىلگەچكە ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ بېرىشىنى قارار قىلدۇق.
    1866- يىلى 3-ئاينىڭ 3- كۈنى پوۋېل يىمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ مەن بىلەن خۇشلۇشۇپ ئېتىنى مىنىپ يولغا چىقتى ۋە تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. تاغ جىلغىسىدىن ئۆتكەندە  ئو  بىرىنچى باسقۇچتىكى سەپەرگە  قەدەم باسقان ئىدى.
    خوددى ئارىزونا شىتاتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدىكىدەك پوۋېل يولغا چىققان كۈنى ئەتىگەن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. مەن پوۋېلنى ھەم ئۇنىڭ يىمەكلىك ئارتىلغان ئىشىكىنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا چۈشۈپ كىتۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇردۇم، چۈشتىن بۇرۇن پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ھەر قىتىم ئۇنىڭ تىك تاغ باغرىدا ياكى تەكشى تۈزلەڭ جايدا كىتۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم.  پوۋېلنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەن ۋاقتىم چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ چاغدا پوۋېل  تاغ جىلغىسىنىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى تاغ تىزمىسىنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىغا يىتىپ بارغان ئىدى.
    تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كىيىن مەن ئىختىيارسىز تاغ جىلغىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ پوۋېلنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرگەن ئورۇندا ئۈچ كىچىك چىكىتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ  كەتتىم.  مەن ئارتۇقچە ئىشلارغا چېچىلىشنى خالىمايتىم ،  ئەمما ئۆزەمنى پوۋېلنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىگە ، تاغ يولىدىكى بايا مەن كۆرگەن ئۈچ چىكىتنىڭ بۆكەن ياكى ياۋا ئات  ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەنسېرى  تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلەندىم.
    بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بىرى بىرەر  يامان نىيەتلىك ئىندىئانغا  يولۇقۇپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى بىپەرۋا بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. ھەتتا ئىندىئانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ۋەقەلەرنى رىۋايەت دەپ قاراپ كەلدۇق.  كىشىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ تاغ يوللىرىدا گاھى كۆرۈنۈپ گاھى غايىپ بولۇپ، قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەربىر ئاق تەنلىكنى ئىچىنىشلىق ئۇسوللار بىلەن ئۆلتۈردىغانلىقى ياكى قىينايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشاتتى. 
    پوۋېل خىل قوراللانغان، شۇنداقلا جەڭ قىلىشقا ماھىر. مەنمۇ ئىلگىرى ئامرىكىنىڭ شىمالىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسىدە تۇرغان ھەم كۆپ يىل جەڭ قىلغان. شۇڭا ئىندىئانلارنىڭ ۋەھشىلىكى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. مۇبادا پوۋېلنى ئابو  قەبىلىسىدىكى بىر توپ ھىيلىگەر ئىندىئانلار قوغلاپ كەلسە ھايات قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن  ئاز بولاتتى. مىنىڭ كۆڭلۈم ئېغىپ، ئاخىرىدا داۋاملىق ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماي كولتا شىركىتى ئىشلىگەن ئالتە ئاتار تاپانچا ۋە بىر دانە كارابىن مىلتىقى بىلەن قۇراللىنىپ، مۇرەمگە ئوقدان تاسمىسىنى ئېسىپ، ئىگەرلىك ئاتقا مىنىپ پوۋېلنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تاغ جىلغىسىغا قاراپ يولغا چىقتىم. 
    مەن تۈزلەڭ يەرگە كىلىشىمگىلا ئېتىمنى چاپتۇرۇپ  يۈرۈپ كەتتىم. كەچ كىرەي دەپ قالغاندىلا ئاندىن باشقا ئىزلار بىلەن پوۋېلنىڭ  ئىزى ئارلىشىپ كەتكەن جاينى تاپتىم. بۇ ئىزلار تاقىلانمىغان تۆت ئاتنىڭ ئىزى بولۇپ قارىماققا ئۇلارنىڭ تېز سۈرەتتە چاپتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولاتتى. مەن ئىزنى بويلاپ ئاتنى بولۇشىچە چاپتۇرۇپ تاكى تۈن قاراڭغۇسى يىيىلغىچە يۈردۈم. ئەمدى ئاينىڭ چىقىشىنى ساقلىماي بولمايتى. بۇنداق چاغدا قوغلاپ يىتىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ماڭا ئىنىق ئەمەس ئىدى، بەلكىم مەن ئويلىغان خەتەر يۈز بەرمەس، خۇددىي نىرۋىسى زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن قېرى خوتۇننىڭ ئويلىغىنىدەك.  بەلكىم مەن پوۋېلغا يىتىشۋالغاندا ئۇ مېنىڭ پەمسىزلىكىمدىن ئۆزىگە دەخلى قىلغانلىقىمنى مەسخىرە قىلار. شۇنىسى مەن نېرۋىسى زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ئادەم ئەمەس. ھاياتىمدا مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى قانداقلا سەۋەپ كەلتۈرۈپ چىقارمىسۇن، باشتىن ئاخىر بۇ خىل تۇيغىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم. دەل مۇشۇ تۇيغۇ مېنىڭ ئۈچ جۇمھورىيەتتە شان - شەروپ قۇچۇشۇمغا ياردەم قىلغان.بۇ شان - شەرەپلەر قۇدرەتلىك كونا پادىشاھلىق ھەم بىرقانچە بەگلىكلەرنىڭ ئوردىن ۋە دوستلۇقى بولۇپ، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋاقتىمدا جىسمىم كۆپ قىتىم قىپقىزىل قان بىلەن بۇيالغان ئىدى.
    تەخمىنەن كەچ سائەت توققۇز بولغاندا ئاي نۇرى ئەتراپنى ئىنىق يورۇتۇپ مېنىڭ ئىلگىرلىشىمگە ۋە ئات ئىزغا قىلچە تۇسالغۇسىز ئەگىشىپ مىڭىشىمغا  قۇلايلىق يارىتىپ بەردى. مەن شۇ ماڭغانچە تۈن نىسبىدىن ئاشقاندا ئاندىن توختۇدۇم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان پوۋېل ئارام ئېلىشنى كۆزلىگەن سۇ بۇيىغا يىتىپ كەلگەن ئىدىم.  بۇ يەر تىپ - تىنىچ بولۇپ ئادەم ئارام ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھىچقانداقئالامەتلەر يوق ئىدى. مەن ئىز قوغلىغۇچىلارنىڭ(ھازىر ئۇلارنىڭ ئىز قوغلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى شەرتسىز مۇقۇملاشتۇرۇشقا بولاتتى) ئاياق ئىزىدىن ئۇلارنىڭ پوۋېلنى جىددىي قوغلاۋاتقانلىقىنى پەملىدىم. ئۇلار سۇ بۇيىدا بىردەم توختىغاندىن كىيىن پوۋېل بىلەن ئوخشاش سۈرئەتتە ئۇنى قوغلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن شۇنداق مۇقۇملاشتۇرالايمەنكى، ئىز قوغلىغۇچىلار ئىنىق ئابو قەبىلىسىدىكى ئىندىئانلار، ئۇلار پوۋېلنى تىرىك قولغا چۈشۈرمەكچى ھەم ئۇنى ئىچىنىشلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىپ كۆڭلىنى ئاچماقچى.  مەن بۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئېتىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ،  قىزىل تېرىلىك ئالۋاستىلار ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋال ئۇلارغا يىتىشىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
    ئالدىمدا ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن كەلگەن ئىككى قىتىملىق  ئاجىز ئوق ئاۋازى بارلىق خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى.  مۇشۇ ۋاقىتتا پوۋېل ماڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق. شۇلارنى ئويلىغىنىمدا مەن يەنە كىچىكىشنىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، ئېتىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ ئىگىز-پەس تاغ يوللىرى بىلەن ئوق چىققان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.  مەن بىر ئېنگىلىز مىلى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپەرەك يۈرگەن بولساممۇ مىلتىق ئاۋازى قايتا ئاڭلانمىدى.  بۇ چاغدا تاغ يولى تويۇقسىز جىلغىغا قاراپ سوزۇلدى. جىلغىغا كىرىش ئېغىزىنىڭ چوققىسىغا يېقىن ئورۇندا بىر كەڭ كەتكەن ئىگىزلىك بار ئىكەن. بۇ ئىگىزلىككە كىرىشنىڭ ئالدىدا مەن بىر تار خەتەرلىك تاغ قىياسىدىن ئۆتكەن ئىدىم. ئىگىزلىككە چىقىپ كۆرگەن مەنزىرە مېنى تەشۋىشكە سالدى  ۋە قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈردى.
    بۇ كىچىك تۈزلەڭلىك شىمالىي ئامىرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ كۇنۇس شەكىللىك كىگىز ئۆيلىرى بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىماققا ئاپپاق كۆرىنەتتى. بەش يۈزدەك قىزىل تەنلىك ئىندىئان قەبىلە مەركىزىنىڭ يېنىدىكى مەلۇم نىشاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، پۈتۈن زىھنى بىلەن دىققەت نەزىرىنى قىزىقىش نۇقتىسىغا تىكىپ تۇراتتى. بەختكە يارىشا ئۇلار مېنى بايقىمىدى. شۇنداق بولغاچقا مەن ناھايىتى ئاسانلا تاغ قىياسىنىڭ قاراڭغۇ جايىغا بېرىپ  ئۆزەمنى مۇتلەق بىخەتەر يۇشۇرۇپ قالالايتتىم. مەن ئۆزەمنى باتۇر ئەزىمەت دەپمۇ ھىساپلىمايتتىم. لېكىن، نەچچە يۈز قىتىملاپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن پەيتلەردە بىرەر قېتىممۇ قورقۇنچاقلىق قىلىپ باقمىغان. كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى مېنىڭ بۇ كاللام سەۋىرچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزمەيلا بىلىپ بىلمەي مېنى مەجبورىي ھالدا مەسئولىيەتكە سادىق يولغا مېڭىشقا ئۆندەيدۇ.
    مەن نەق مەيداننى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال ئىككى دانە ئالتە ئاتار تاپانچامنى چىقىرىپ ئېتىمنى چاپتۇرۇپ توۋلىغان پىتىم ئىندىئان توپىغا باستۈرۈپ كىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتۈم. ئات ئۈستىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقا تېخىمۇ ياخشى تاكتىكا قوللۇنۇش مۇمكىن بولمايتتى. قىزىل تەنلىكلەر تۇيۇقسىز زەربە يەپ، ئۆزلىرىنى بىر گۇروپپا مۇنتىزىم قىسىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولساق كېرەك، دەپ ئويلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ ئوقيا ۋە قوراللىرىغا ئۆزلىرىنى ئاتتى.
    پوۋېل ئارىزونا شىتاتى ئاسمىنىدىكى ئاينىڭ يارقىن نۇرى ئاستىدا يەردە ياتاتتى. بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئىندىئانلار ئاتقان ئوقيا ئوقى سانجىلغانتى. مەن ئۇنىڭ ئالىقاچان ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغاندەك تېزلىك بىلەن ئونىڭ جەسىتىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشۇم، ئۇنىڭ جەسىدىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ قولىدا نەچچە پارچە قىلىپ پارچىلىنىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن ئېتىمنى چاپتۇرۇپ پوۋېلنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئات ئۈستىدىلا جەسەتنىڭ ئوق تاسمىسىغا قولۇمنى ئوزۇتۇپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاتنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا ئارتتىم.  كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كەلگەن يولۇم بىلەن قايتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.  شۇڭا تاغ ئېغىزىنىڭ چىقىش يولىغا قاراپ ئات چاپتۇردۇم. بۇ چاغدا ئىندىئانلار مىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ قوغلاپ كىلىشكە باشلىدى.  ئۇلارنىڭ ئاي يورىقىدا  توغرا قارىغا ئالالىشى ئىنتايىن تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز زەربىدىن قاتتىق پارەكەندىچىلىككە ئۇچۇرغانلىقى ھەم نىشانى تېز سۈرئەتتە يۆتكۈلۈشچان بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قىلىشقا ھەم ئۇلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ قوغلاپ كەلگىچە ئۆزەمنى تاغ قاپتاللىرىنىڭ يۇشۇرۇن جايلىرىغا ئېلىپ بېرىشقا كۆزۈم يىتەتتى. ئېتىم يولنى ماڭا قارىغاندا توغرا بىلىدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا مېنىڭ باشقۇرۇشۇمسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن مىڭىپ يۈرۈپ تاغ ئېغىزىغا تۇتۇشىدىغان يولغا ئەمەس، ئەكسىچە تاغ چوققىسىغا چىقىدىغان خەتەرلىك يولغا كىرىپ قاپتۇ. مېنىڭ ئويۇمچە بولسا تاغ ئېغىزىدىن مىڭىپ جىلغىغا بېرىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئىدى. ئاتنىڭ دەل مۇشۇندا خاتا يولغا كىرىپ قىلىشى ھاياتىمنى بىر قىتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ھەم مېنىڭ كىيىنكى ئون يىل جەريانىدا غەلىتە، ئەمما ئىنتايىن مەنىلىك ئىشلارنى، ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشۈمگە ۋە قورقۇنۇچقا تولغان تەۋەككۈلچىلىك ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشۈمگە سەۋەپچى بولدى.
    سول تەرەپتىن قوغلاپ كىلۋاتقان قىيا - چىيا ئاۋازنىڭ بارا - بارا  ئاجىزلىشىپ كىتۋاتقانلىقىنى بىلگەن چىغىمدىلا ئاندىن مىنىڭ ئەسلىدىكى بارماقچى بولغان يولغا ماڭمىغانلىقىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندىم. بۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكنىڭ يان تەرەپىدىكى ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاش قاتلىمنىڭ سول تەرپى بىلەن قوغلاپ كەتكەنلىكىنى، مېنىڭ ئېتىم مەن ۋە پوۋېلنىڭ جەسىدىنى يۈدۈپ تاش قاتلىمىنىڭ ئوڭ تەرپى بىلەن چىپىپ كىتۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. كىچىك بىر تەكشىلىكتە ئېتىمنىڭ تېزگىنىنى تارتىپ توختاپ، سول  تۆۋەن تەرەپتىكى تاغ يولىغا نەزەر تاشلاپ مېنى قوغلاپ كىلۋاتقانلارنىڭ خوشنا تاغ چوققىسىدا غايىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئىندىئانلار ئۇزۇنغا بارمايلا يولنى خاتا ماڭغانلىقىنى  بىلىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا ئىزىمنى تىپىۋىلىپ توغرا يۈلۈنۈشكە قاراپ قايتىدىن مېنى قوغلاپ كىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئالدىمدا خېلى تۈز بىر تاغ يولى  ناھايىتى ئېگىز بىر تىك يارغا يېيىلىپ ياتاتتى. مەن ئالدىمغا بىرئاز ماڭدىم. بۇ تاغ يولى كەڭ ھەم تەكشى، يوقىرىغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، مەن بارماقچى بولغان تەخمىنىي يۈلۈنۈشكە تۇتىشاتتى. ئوڭ تەرپىم ئىگىزلىكى نەچچە يۈز فوت  كىلىدىغان تىك يارغا،  سول تەرپىم  تىك تۈۋەنگە ، چوڭقۇرلىقى يەتتە يۈز فوت كىلىدىغان تاغ جىلغىسىغا تۇتۇشاتتى. مەن تاغ يولىغا قاراپ ئالاھىزەل يۈز يارد ماڭغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىز يۈلۈنىشىمنى ئوڭغا جىددى بۇراپ بىر چوڭ تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۆڭكۈرنىڭ ئىگىزلىكى تۆت فوت، كەڭلىكى ئۈچ - تۆت فوت بولۇپ مۇشۇ تاغ يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئىدى. بۇ چاغ تاڭ سەھەر ۋاقتى بولۇپ، ئارىزونا شىتاتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان مەنزىرىسى شۇكى تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق ئالامەت يوق بولۇپ كۈندۈزى تۇيۇقسىزلا يىتىپ كىلەتتى.
    مەن ئاتتىن چۈشۈپ پوۋېلنىڭ جەسىدىنى يەرگە قويدۇم. جەسەتنى ئىنچىكە كۆزۈتۈپمۇ ھاياتلىقتىن بىشارەت بېرىدىغان بىرەر ئالامەتنى بايقىمىدىم. مەن سۇداندىكى سۇنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇدۇم، يۈزىگە چاچتىم ھەم ئۇنىڭ ئىككى قولىنى سىيلىدىم. قايتا تىرىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلسەممۇ  يەنىلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن جىددى قۇتقۇزدۇم.  مەن پوۋېلغا ناھايىتى ئامراق ئىدىم، ئۇ ھەرقايسى جەھەتلەردىن يىتىشكەن ئەزىمەت، ياخشى تەربىيە كۆرگەن جەنوپلۇق بولۇپ قەتئى، مەرد، سادىق ھەمراھلاردىن ئىدى.  مەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئىنتايىن چوڭقۇر ئازاپ ئىچىدە ئۇنى داۋاملىق چاقىرىشنى توختاتتىم.  پوۋېلنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر پارچە تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئۆڭكۈرگە كىردىم ۋە ئىچىنى كۆزەتتىم.  ئۆڭكۈر ئىچىدە چوڭ بىر غار بولۇپ دىئامېتىرى تەخمىنەن يۈز  فوت ، ئىگىزلىكى 30-40 فوت كىلىدىكەن.  تەكشىلەنگىنىگە ئۇزۇن بولغان تۈپتۈز يەر يۈزى، كۆيدۈرۈلگەن ئوتۇننىڭ كۈلى ۋە باشقا قالدۇق نەرسىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى ئادەم تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۆڭكۈرنىڭ كەينى تەرپى قاراڭغۇ بولۇپ، باشقا غارلارغا تۇتۇشىدىغان يولنىڭ بار-يوقلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتى.  مەن ئالدىمغا كىتۋىتىپ تاتلىق ئۇيقا كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئاتلىق ئۇزۇن يول باسقانلىقتىن ھاردۇق يەتكەنلىكى ھەم جەڭ قىلىش ۋە قېچىش جەريانىدىكى زىيادا چارچاشتىن بولۋاتقان ئەكس تەسىر ئىدى. ئۆڭكۈردە تۇرۇپ ئۆزەم يالغۇز  بىر توپ ئاتلىق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيتتى.  شۇڭا بۇ يەر مەن ئۈچۈن بىرقەدەر بىخەتەر بىلىندى.
    ئۇزاق ئۆتمەي تاتلىق ئۇيقۇ مېنى ھالسىزلاندۇرۇپ يەردە يىتىپ بىردەم ئارام ئېلۋىلىشتەك كۈچلۈك ئىستەككە قارىشى تۇرۇش چىدامچانلىقىمنى بىتچىت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.  ئەمما مەن بۇ يەردە ئۇخلىسام ھەرگىز بولمايدۇ.  چۇنكى بۇنداق قىلسام مېنىڭ قىزىل تەنلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈشۈم مۇقەررەرلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ماڭا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. مەن خۇددى مەست بولۇپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش ئۆڭكۈر تاملىرىغا چاپلىشىپ جىسمىمدىكى ئاخىرقى ماغدۇرنى قول - پۇتلىرىمغا يىغىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىدىم. لېكىن ئاخىرى يۈزۈم يەرگە قارىغان پىتى تامدىن سىيرىلىپ يىقىلدىم.




    评论

  • ئىككىنچى باپ
    گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلۇش

    تاتلىق ئويقۇ مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلۋالغان ئىدى. مۇسكوللىرىم بوشۇشۇپ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا يىقىنلاپ كىلۋاتقان ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى قولۇقۇمغا كىردى. ئورنۇمدىن تۇراي دىسەممۇ مۇسكۇللىرىم ماڭا بوي سۇنمىغاندەك بېلىندى. سىرتتىكى ئاۋازلارنىڭ يېقىنلىشىدىن سەل سەگەكلىشىپ تەستە كۆزۈمنى ئاچتىم. ئەمما مۇسكۇللىرىم ئالىقاچان ھەركەتتىن قالغان بولۇپ بىر پارچە تاشقىلا ئوخشايتتى. دەل شۇ پەيتتە مەن ئاچىماق شەكىلدىكى ئىككى يولغا بۆلۈنگەن ئاجىز تۇماننىڭ ئۆڭكۈر ئىچىگە تولغانلىقىنى بايقىدىم. تۇمان ناھايىتى شالاڭ بولۇپ پەقەت قوياش نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان ئۆڭكۈر ئېغىزىدىلا ئۇنى كۆرگىلى بولاتتى. غىدۇقلىغۇچى بىر خىل سېسىق پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. شۇ ھامان ئۆزەمنىڭ زەھەرلىك گازنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىمنى پەرەز قىلدىم. ئەمما ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، پۇت - قولۇم مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا بوي سۇنماي مىڭ توننا تاشتەك قىمىر قىلماي تۇراتتى.
    مەن يۈزۈمنى ئۆڭكۈر ئاغزىغا قارىتىپ ياتاتتىم، شۇڭا ئۆڭكۈر بىلەن تاغ قاپتىلىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن تاغ يولىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئوتتۇرلۇقىدىكى كىچىك بىر بۆلۈك تاغ يولىنى كۆرەلەيتىم. يىقىنلاپ كىلۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاللىقاچان توختىغان ئىدى. مەن ئىندىئانلارنىڭ ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى ئاستا -ئاستا دەسسەپ، ماڭا قاراپ ئوغۇرلۇقچە يېقىنلىشۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم. مەن كۆڭلۈمدە ئۇلارنىڭ مېنى تېزەرەك بىرتەرەپ قىلۋىتىشىنى ئۈمىد قىلدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تۈرلۈك قىيىن - قىستاق ئۇسوللىرىنى قولۇنۇپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈشىنى خالىمايتتىم.
    ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجىز بىر ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ ماڭا خېلى يېقىنلا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. بىشىغا قۇش پىيىدىن چەمبىرەك كىيۋالغان ، يۈزىگە تال - تال سىزىقلار سىزىلغان بىر يۈزنىڭ ئىھتىيات بىلەن تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئېغىزىدىكى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر پارچە قۇرام تاشنى ئايلىنىپ ئۆتكەنلىكىنى، كەينىدىنلا ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزنىڭ ماڭا مىقتەك قادالغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقتتا كۈن نۇرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئۆتۈپ مېنىڭ بەدىنىمگە چۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆڭكۈر ئىچىدىكى خىرە يورۇقلۇق ئىچىدە مېنى كۈزىتىۋاتاتتى.
    ئۇ ئەبلەخ ماڭا يىقىنلاشمىدى، ئەكسىچە جايىدا تۇرۇپ ماڭا تىكىلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى بۆرتۈپ چىققان، قاپىقى تۆۋەنگە ساڭگىلىغان سەت، بەتبەشىرە ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر قورقۇنۇچلۇچ چىراي كۆرۈندى ، ئارقىدىنلا ئۈچىنچى ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى چىراي كۆرۈندى. ئۇلار تۇرۋاتقان ئورۇن تار بولغاچقا قىستىلىشىپ بوينىنى سوزۇپ ئالدىكى ئەبلەخنىڭ مۇرىسىدىن بىشىنى چىقىرىشىپ، نۈۋەتلىشىپ بەتبەشىرە چىرايلىرىنى كۆرسىتىشەتتى. ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى پەقەت ئون يىلدىن كىيىنلا ئاندىن چۈشەندىم. ماڭا قارىشىپ تۇرغان بۇ ئەبلەخلەرنىڭ كەينىدە ئىنىقكى، يەنە بىر توپ خۇمپەر بار، ئالدىدىكىلەر كەينىدىكىلەرگە بولۋاتقان ئەھۋالنى ئاستا يەتكۈزگەن ئىدى.
    ئاجىز، ئەمما ئىنىق ئاڭلىغىلى بولىدىغان بىر خىل ئاۋاز كەينىمدىكى غارنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن چىقىپ ئىندىئانلارنىڭ قولقىغا كىرىشىگە ئۇلار قورۇققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى. ئۇلار مېنىڭ كەينىمدىكى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىدىن قاتتىق چۈچۈپ ئالدىراپ - تىنەپ قېچىشماقتا ئىدى. ھەتتا ئۇلاردىن بىرى تامدىن غۇلاپ تاشنىڭ ئۈستىگە يېقىلىپ چۈشتى. ئىندىئانلارنىڭ قىيا-چىيالىرى تاغ جىلغىسىدا كۈچلۈك ئەكس سادا پەيدا قىلىغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز جىمىپ قالدى. نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنەلمەيلا قالدىم.
    ئىندىئانلارنى قورقۇنۇچقا سالغان بايقى ئاۋاز قايتا پەيدا بولمىدى. ئەمما بۇ ئاۋاز مېنىڭ كەينىمدىكى غارنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يۇشۇرۇنغان قورقۇنۇچلۇق بىر نەرسىنى پەرەز قىلىشىمغا يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق قىلىپ ئىندىئانلارنى بۇنچىلىك ساراسىمىگە سېلۋەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا ۋە تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. قورقۇش نىسبى ئاتالغۇ. شۇڭا مەن كىچىدە قىچىش جەريانىدا بىشىمدىن ئۆتكۈزگەن خەتەرلىك جەريان بىلەن ھازىرقى ھىسياتىمنى سىلىشتۇرۇپ كۆردۈم.
    پۈتۈن بەدىنىم ئۇيۇشقان بولۇپ ھىچقانداق ھەركەت قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم. مەن يەردە يىتىش جەريانىدا كەينىمدىن كىلۋاتقان ئاجىز ئاۋازنى يەنە نەچچە قىتىم تىڭشىغاندەك قىلدىم. ئاڭلىماققا بۇ ئاۋاز بىراۋنىڭ ئېھتىيات بىلەن ئاستا يۈتكەلگەن چاغدا چىقارغان ئاياق تىۋىشىغا ئوخشايتى. ئاۋاز ئاخىرى يوقاپ كەتتى. مەن جىمجىت يىتىپ ھازىرقى ھالىتىمنى، سەزگۈمنى يوقۇتۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى مۇجىمەل قىياس قىلاتتىم. ئەمما بۇنىڭغا جاۋاپ تىپىشقا مەندىكى ماغدۇر كەملىك قىلاتتى. شۇڭا بىردىن بىر ئۈمۈدۈم بۇ ھالەتنىڭ قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تۇيۇقسىز كىتىپ قىلىشى ئىدى.
    كۈن غەرىپكە ئۆرۈلگەندە ئېتىم چولۋۇرىنى سورەپ ئۇزۇق ۋە سۇ ئىزلەپ تاغ يولىدا ئاستا مېڭىپ يۈرەتتى. مەن ئۆزۈم يالغۇز ھىلقى سىرلىق ھەمراھىم ۋە دوستۇمنىڭ جەسىتى بىلەن بىللە قالدىم. پوۋېلنىڭ جەسىدى نەزەر دائىرەمدە بولۇپ بۇرۇنقى ئورنىدا، ئەتىگەن قويۇپ قويغان تاش ئۈستىدە تۇراتتى. شۇ ۋاقتتىن باشلاپ تاكى يېرىم كېچىگىچە ئەتراپ تىپتىنچ گۇرۇستان جىمجىتلىقىغا چۆكتى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە مەن تۇيۇقسىز قورقۇنۇچلۇق ئېڭىرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۆڭكۈرنىڭ قاراڭغۇ يېرىدىن كىلۋاتقان بىر نەرسىنىڭ يۈتكەلگەن ئاۋازى قولۇقىمغا يىتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دەرەخ يوپۇرمىقى تۆكۈلۋاتقاندەك شىرت - شىرت قىلغان ئاجىز ئاۋازمۇ بار ئىدى . مىنىڭ جىددىي پەيتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن نېرۋامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدىغان ئاۋاز ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. مەن خۇددىي گىگانت ئادەمگە ئوخشاش زور غەيرەت بىلەن بۇ قورقۇنۇچلۇق ئاسارەتتىن قۇتۇلماقچى بولدۇم. بۇنداق غەيرەت، ئەقىل - پاراسەت، ئىرادە ۋە نىرۋىلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ مۇسكۇللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. مەن ھەتتا چىمچىلاق قولۇمنىمۇ مىدىرلىتالمىساممۇ غەيرەتكە كىلىپ بۇ ۋەھىمىدىن قۇتۇلماقچى بولدۇم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل سەزگۈمنى ئىشقا سالدىم. تۇيۇقسىز ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۈردىغان بىر خىل سىزىم پەيدا بولدى ھەم خۇددى پولات ئارغامچىنىڭ بىر بىرىگە سۈركەلگىنىدەك «كارت» قىلغان چىقىراق ئاۋاز چىقىپ بىردىنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ۋە دۈمبەمنى ئۆڭكۈر تېمىغا يۈلەپ تۇرۇپ ئىچكىرىدىكى سىرلىق دۈشمەنگە يۈزلەندىم.
    ئاي نۇرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن كىرىپ غار ئىچىنى يورۇتقاندىن كىيىن مەن ئالدىمدا بىر جەسەتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردۈم ھەم ئۆز كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم. بۇ مېنىڭ جەسىتىم بولۇپ يەردە ياتقىنىغا بىر نەچچە سائەت بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ كۆتۈرلۈپ تۇرغان يېرىگە تىكىلگەن ، ئىككى قولى جانىسىز ھالدا ئىككى يانغا تاشلانغان ئىدى. مەن ئالدى بىلەن ھىچقانداق ھاياتلىق ئىزناسى قالمىغان جەسىتىمگە ئاندىن قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆزەمگە سەپسالدىم. مەن ئەسلىدە كىيىم كىيگەن بولساممۇ ئەمما ھازىر ئەمدىلا توغۇلغان بۇۋاقتەك قىپ - يالىڭاچ تۇراتتىم.
    بۇنداق ئۆزگۈرۈش بەك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن، تەپەككۈرۈمدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ مەن باشقا ھەر قانداق ئىشنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ قالدىم دېسەممۇ، ئەمما ئۆزەمنىڭ غەلىتە ھالدا تامامەن ئۆزگەرگەنلىكىم خىيالىمدىن كەتمەيتتىمئنعث كاللامغا بىرىنچى بولۇپ كەلگىنى بۇ ھالاكەتتىن دېرەك بېرەمدۇ، دېگەن سۇئال بولدى. ئەجىبا مەن قايتا تىرىلىپ راستىنلا يېڭى بىر ھاياتلىقنى مەڭگۈ باشتىن كەچۈرۈشنى باشلىدىممۇ؟ ھەرقانچە ئويلىساممۇ بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتىم. مەن ئەزەلدىن بۇنچىلىك گاڭگىراپ باقمىغان ئىدىم. بۇ ئىشلارغا ئىشەنگىم كەلمەيتتى. چۈنى مەن غەيرەتكە كىلىپ ئۇيۇشۇپ قالغان بەدىنىمنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا يۈرۈكىمنىڭ كۆكرەك قەپىسىمگە ئۇرۇلۋاتقانلىقىنى، نەپىسىمنىڭ قىسىلۋاتقىنىنى، پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر قويۇلۋاتقىنىنى سەزگەن ئىدىم. مەن ئىپتىدائى ئۇسول بۇيىچە بەدىنىمنى چىمدىپ كۆردۈم. قاتتىق ئاغرىق سىزىمىدىن ئۆزەمنىڭ راستىنلا رىئال دۇنيادا تۇرغانلىقىمنى، ھەرگىزمۇ ئەرۋاھ ئەمەسلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندىم.
    ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن يەنە ئىڭىرىغان ئاۋاز كەلدى. بۇ ئاۋاز ماڭا يەنە بىر قىتىم ئۆزەمنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىمنى ئەسلەتتى. ئۇچامغا يىپچىلىك بىر نەرسە كىيمىگەن ھەم ھىچقانداق قورال ئالمىغان تۇرۇقلۇق ماڭا تەھدىت سىلۋاتقان سىرلىق كۆرۈنمەس دۈشمەنگە قاراپ تۇرىۋىرىشنى خالىمىدىم. ئالتە ئاتار تاپانچام ھاياتلىق ئىزناسى قالمىغان جەسىدىمدە قىسىقلىق تۇراتتى. چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل سىزىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە، مەن جەسىدىمگە قول تەككۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. بۇنداق قىلشنى كۆڭلۈم كۆتۈرمەيتتى. كارابىن مىلتىقىم ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈكۈمنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۆتۈكۈم بولسا ئاتنىڭ ئىگىرىگە باغلانغانتى. ئەپسۇس، ئات ئاللىقاچان يىراقلارغا كەتكەن، شۇڭا، مەن ئۆزەمنى قوغداش ئىقتىدارىمدىن تامامەن مەھرۇم بولغان ئىدىم. ھازىر قىلالايدىغان بىردىن بىر ئىشىم قىچىش ئىدى. كاللامدا پەيدا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئىنكاس ماڭا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدىكى نەرسە ماڭا ئاستا يىقىنلىشۋاتقان، تەشۋىشلىك ئاۋازنى قايتا ئاڭلىغان پەيتە چوقۇم قىچىش قارارىغا كەلتۈردى.
    مەن يەنە ساقلىيالمايتىم . شۇڭا تىزلىك بىلەن ئۆڭكۈردىن يۈگرەپ ئارىزونا شىتاتىنىڭ يۇلتۇزلار شولا تاشلاپ تۇرغان كەڭ زىمىنىغا چىقتىم. ئۆڭكۈردىن چىقىشىمغىلا ساپ تاغ ھاۋاسى تېز روھلاندۇرۇش دورىسىدەك ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. تىنىمگە يېڭى ھاياتلىق ۋە يېڭى روھنىڭ كىرۋاتقانلىقىنى سەزىم. مەن بىر پارچە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قورام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئېلۋىتىپ ئەندىشە قىلىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوقلىقىنى كۆرۈپ ئۆز - ئۆزەمگە كايىدىم. بەزى ئىشلار مېنى ئويلاندۇردى. مەن ھىچقانداق يار - يۈلەكسىز ئەھۋالدا ئۆڭكۈر ئىچىدە شۇنچە ئۇزاق يىتىپمۇ بىرئازمۇ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ باقمىدىم. كاللام سەگەكلەشكەندىن كىيىن ئاخىرقى ھۆكۈم مېنى ئاڭلىغان ئاۋازنىڭ مۇقەررەر ھالدا تەبئى پەيدا بولغان ھەم زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. ئۆڭكۈرنىڭ تۈزۈلىشىدىن قارىغاندىمۇ ئاجىز شامال چىقسىلا شۇنداق ئاۋاز پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
    مەن قايتا تەكشۈرۈپ بىقىشنى قارار قىلدىم. بىشىمنى كۆتۈرۈپ ساپ، سالقىن، ئادەمگە ئارامبەخش ئېتىدىغان تاغ ھاۋاسىنى قانغۇچە سۈمۈردۈم. ھاۋادىن نەپەسلىنىۋىتىپ تاشلىق تاغ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدىم. يەنە كاكتوس ئۈسۈملۈكى بىلەن تولغان بىر پارچە يەرنى كۆردۈم. ئاي نۇرى ئاستىدا بۇ نەرسىلەر ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىلەندۈرگەن بولۇپ كىشى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز سىھرىي كۈچكە تولغان ئىدى. ئارىزونا شىتاتىنىڭ ئاي نۇرى ئاستىدىكى مەنزىرىسىگە سىلىشتۇرغاندا غەرب رايونلىرىنىڭ كىشىنى تېخىمۇ روھلاندۇرىدىغان غەيرى تاغ مەنزىرىسىنى بۇ يەردە كۆرگىلى بولمايتتى. يىراقتا كۆرۈنۋاتقان كۈمۈش رەڭلىك تاغ تىزمىسى، قىرلىق تاغ چوققىلىرى ۋە قۇرغاق تاغ جىلغىسىدىكى ئۆزگىچە ئاي نۇرى شولىسى ھەم كۆلەڭگە، يەنە بۈرتۈپ چىققان چىرايلىق كاكتوس ئۈسسۈملۈكىنىڭ كۆرۈنۈشى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ئىنتايىن جەلپ قىلاتتى. بۇلار ئالىقاچان يوقالغان، ھەم ئىنسانلار تەرپىدىن ئۇنتۇلغان بىر دۇنيانى كىشىلەرنىڭ تۇنجى قىتىم بايقىغىنىغا ئوخشايتى. بۇلار شەكىللەندۈرگەن مەنزىرە يەرشارىدىكى ھەرقانداق بىر يەرنىڭ مەنزىرىسىدىن جىق پەرق قىلاتتى.
    مەن مۇشۇنداق پىكىر يۈرگۈزۋىتىپ كۆزۈمنى يەر يۈزىدىن يىراق ئاسمانغا تىكتىم. سانسىزلىغان يۇلتۇز يەر شارىدىكى مەنزىرىگە ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئىنتايىن ماس كەلگەن كائىنات يىپىنچىسى ھازىرلىغان ئىدى. مېنىڭ دىققىتىم ناھايىتى تېزلا يىراق ئۇپۇق سىزىقىنىڭ يىنىدا كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر چوڭ قىزىل رەڭلىك يۇلتۇز تەرپىدىن تارتىپ كىتىلدى. مەن بۇ يۇلتۈزنى پۈتۈن دىققىتىم بىلەن كۆزۈتۋاتقان چاغدا بىر خىل غايەت زور تارتىش كۈچىنىڭ مېنى ئۆزىگە تارتۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ يۇلتۇز دەل مارس - ئۇرۇش ئىلاھى ئىدى. مېنىڭدەك بىر ئەسكەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ سىھرى كۈچىگە قارىشى تۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئادەتتىن تاشقىرى يارقىن، گىگانت بولۇپ، يىراقتا، تىنىق ئاسماندا تەنھا ئېسىلىپ تۇراتتى. مەن قاراڭغۇ كېچىدە ئۇنى كۈزۈتۋاتقىنىمدا ئۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان يىراق بوشلۇقتىن مېنى چاقىرۋاتاتتى، يېنىغا بېرىشقا جەلپ قىلۋاتاتتى، مېنىڭ كىلىشىمنى كۈتۋاتقاندەك قىلاتتى.
    مېنىڭ ئۇنىڭ قىشىغا بېرىش ھەۋىسىمنى ھىچ نەرسە توسۇپ قالالمايتتى.ئۇنىڭ سىھىرلىكلىگى، سىرلىقلىقى مېنى ئۆزىگە رام قىلۋالدى. مەن ئىختىيارسىز كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئىككى قولۇمنى ئۇرۇش ئىلاھىغا ئۇزاتتىم. مەن خىيالدەك يوقىرى تېزلىك بىلەن ئىنسان مېڭىپ باقمىغان ئىندوكسىيە بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ ئۇرۇش ئىلاھى تەرپىدىن تارتىپ كىتىلدىم. مەن ئىنتايىن سۇغۇق ۋە قاراڭغۇلۇقنى ھىس قىلدىم.