• 2008-11-17

    ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز

    ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز

    رېئالىستىك ئېستېتىكا سەھنىسىدە ئېقىپ يۈرگەن فرېئۇدىزم جەندىسىنىڭ كۆچۈرمە كۆلەڭگىلىرى
    L#a!fd  
    ;g#n Gs>  
    x5PM ]~"p  
    ھېزىم قاسىم
    7DK}c]js  
    aiz ws[C  
    )XSHKPTQ1  
    ‹1› Dl0{pGK~  
    ;?iu@h  
    بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى ئابدۇقادىر جالالىدىن «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 8-، 9-سانلىرىدا «ئىزدىنىش ۋە غۇلغۇلا» نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «غۇلغۇلا»دا  غەرب غەيرىي ئەقىلچىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان ئارتۇر شوپېنخائۇر، نېتزشې، فرېئۇد، بېرگسون، سارترى، جېمىس، روسسېل، ديۇئىلارنىڭ «ئىرادىۋى دۇنيا نەزەرىيىسى»، «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى»، «ھايات پەلسەپىسى»، «ئۆزلۈك نۇقتىئىنەزىرى»، «ئېستېتىك نۇقتىئىنەزىرى»، «يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) نەزەرىيىسى»، «ئەجەبلىنىش»، «چۈش نەزەرىيىسى» ئاساسىغا قۇرۇلغان «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيىلىرى» دە كۆپ ئۇچرايدىغان چۈش، ئاڭسىزلىق، ئۆزلۈك، ئىستىخىيە، پسىخىك ۋاقىت، ياتلىشىش، ئىدراك، بىۋاسىتە سېزىم دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش ئۇقۇم، سۆز-ئاتالغۇلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، شۇ چاغدا پەيدا بولغان ئاتالمىش «گۇڭگا شېئىر» ھادىسىسىنى: «دولقۇن»، «چۆچۈش»، «غەزەپلىنىش» دەپ كۆككە كۆتۈرۈش ھېسابىغا رېئالىستىك ئېستېتىكىنىڭ ئۆلمەس قانونىيەتلىرىنى «داشقال»، «قېرى ئۇقۇم»، «خۇراپىيلىق»، «ئەخلاقسىزلىق»، «خاتا چۈشەنچە»، «ئىسكەنجە»، «پىچاق»، «ماڭقۇرت» دەپ قارىلاپ، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ «ئىسلاھاتچىسى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، بىر قىسىم كەسىپداشلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مەندىن بۇ «گۇڭگا شېئىر باشلامچىسى» نىڭ «نەزەرىيىلىرىنىڭ پەلسەپىۋى  ئاساسىنىڭ بار- يوقلۇقى» ۋە بۇ «ئاساسنىڭ» قانداق «ئاساس» ئىكەنلىكى ھەمدە بۈ «ئاساس» نىڭ توغرا- خاتالىقى، ئاقىدىغان- ئاقمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىغا قارىماي، بۇ «ئىسلاھاتچى» نىڭ ساداسىغا تۇشمۇ تۇشتىن سەكرەپ چىقىپ بەرھەم بېرىۋاتقان «لەببەيچى» ئۈممەتلەرنىڭ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ «ئىسلاھاتچى» نىڭ  «نەزەرىيىلىرى»گە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ھەدەپ «يېشىل چىراق» يېقىپ ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دەپ، نېمىلەرنى «ئىسلاھ» قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغانلىقىنى، ئۇ باشلىغان «ئىسلاھات»نىڭ نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشتىن باشقىسى كارغا كەلمەيتتى. > fV "bj.  
    «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئېستېتىك قاتلام شەكىللەندۈرگەن»، «گۇڭگا شېئىرلارنى كەڭ ئاممىۋى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە قىلغان»، «دەرسلىكلەرگە زامانىۋى تۈس كىرگۈزگەن»، «دەۋرنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن»، «كرىزىس تۇيغۇسى كۈچلۈك»، «ئەدەبىياتشۇناس»، «تەسىرچان ئەدىب» دېگەندەك باھالارغا ئېرىشكەن بۇ «ئىسلاھاتچى» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان ئون نەچچە يىلدا رېئالىستىك ئېستېتىكا نەزەرىيىسى، پەلسەپە، تارىخ، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئېستېتىكا، پسىخولوگىيە، سوتسىئولوگىيە تەنقىدى، بىر ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيىۋى مەسىلىلىرى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ھەققىدە، بولۇپمۇ «گۇڭگا شېئىر» لار ھەققىدە روھپەرەسلەر، ئىلاھىيەتچىلەر ۋە ئىلاھ پاراسەتچىلىرىنىڭ ئەقىل، ئەقلىي تەپەككۇر ۋە پەننىڭ دۇنيانى، ھەقىقەتنى بىلەلەيدىغان ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىدىغان، دۇنيانىڭ، مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسى سۇبيېكتنىڭ روھى، تۇيغۇسى، تەسەۋۋۇرى دەپ دەۋا قىلىدىغان، ئەمما ئاسانلىقچە چۈشەنگىلى بولمايدىغان سىرلىق ئۇقۇم، سۆز- ئىبارىلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇنى ئۆز ماقالىسىغا سۈر كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىلىرى كېيىنرەك ئۇنىڭ ئۆلچەملىك رەسىمى بىلەن قوشۇپ مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھۈرمەت- ئىپتىخارى ئۈچۈن شۇ تارىخى شەخسنىڭ نامى كىتاب نامى قىلىنىدىغان شەكىل— ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى— شەكلى بىلەن 5000 تراژدا نەشر قىلىنىپ ھەشەم بىلەن تارقىتىلدى. بەزى «ھېكمەت» مەستانىلىرى ئاپتورنىڭ بۇ كىتابتىكى سۆز-ئىبارىلىرىنى تېرىپ- تۆشەپ «ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېكمەتلىرى» نامى بىلەن توپلاپ ئېلان قىلىشتى. بىز بۇ كىتابتىكى «ھېكمەتلەر» يامراپ تۇرغان، ئەمما تېماتىك ئىدىيە بىلەن بىر يىپلىق مۇناسىۋەتتە يۈرۈشلۈك، پۇختا سىستېما ھاسىل قىلالمىغان، 34 پارچە ماقالىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1988- يىل 8- ئايغىچە ئۆتكەن 88 يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا، مەيلى «رۇسلارنىڭ كۆزى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئەدەبىيات نەزەرىيىسى» ياكى «جۇڭگونىڭ 4- مايدىن كېيىنكى ئېقىپ كىرگەن خەنزۇ ئەدەبىياتى نەزەرىيىلىرى» ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى، ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى ياكى ئىلمىي ماقالىلاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان: «چۈش، چۈش قۇدۇقلىرى، بېشارەتلىك چۈش، چۈش ئىچىدىكى تۇرمۇش، تۇرمۇش ئىچىدىكى چۈش، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش، چۈشسىمان تۇيغۇ، ئۆز، ئۆزلۈك، ئۆزلۈك ئېڭى، ئادىمىي ئۆزلۈك، مىللىي ئۆزلۈك، ئىچكى سېزىم، ئىچكى رېئاللىق، چوڭقۇر قاتلاملىق يوشۇرۇن ئاڭ، بۈيۈك يوقلۇق، ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئۆلۈۋېلىش، مۇئەييەنلىكنىڭ چەكسىز ئىنكارى، ئانتى ئىدراك، ئۆزىدىكى مەن، ئۆزىنى ئىپادىلەش، سەرسان چېكىت، يىمىرىلىشنىڭ چەكسىز بوشلۇقى، بىۋاسىتە سېزىم، ياتلىشىش، فورماللاشقان نۇقتىئىنەزەر، مېخانىك ۋاقىت، پسىخىكىلىق زامان، ھېسسىيات تەبىئىتى، ئۆزىدىكى ‹مەن› نى يوقىتىش، ئۆزىدىكى ‹مەن› نى ئىزدەش، سۈكۈنات، ئۇقۇمسىز رېئاللىق، ئۇقۇمسىز تەجرىبە، يوقلۇقنىڭ چەكسىزلىكى، يوقلۇقنىڭ چەكسىز ئىنكارى، مۇئەييەنلىكنىڭ چەكسىز ئىنكارى، شەكىلسىز سەلتەنەت، ئىدراكقا يات شەكىل، ئىدراكقا يات تەبىئەت» دېگەنگە ئوخشاش مۈجمەل ئوقۇملار دىققىتىمىزنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. بىز باشقا مەسىلىلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاپتور ئەينەن كۆچۈرۈپ، تەقلىدىي ياساپ پۈتۈنلەي خاتا قوللانغان ئۇقۇم، سۆز- ئىبارە، ئاتالغۇلارنىڭ خاتالىقى ھەققىدىلا مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولساق، ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئەگىشىپ پەلسەپىنى باش نۇقتا قىلغان بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر ، جۈملىدىن بەزى ئارىلىق پەنلەردىن ئىبارەت شۇنداق بىر چوڭ ساھەگە كىرىشكە توغرا كېلىدۇكى، ئۇ، بۇ ساھەدىكى زىل ھەم ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەققىدە توختالغان. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ «يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇ» لارنى ماددىي سوبىستانسىيە بىرلەمچىلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشقا بولىدىغان- بولمايدىغانلىقى بىلەن كارى بولمىغان ھالدا ھەدەپ ئۇقۇم، ئاتالغۇ كۆز- كۆزچىلىقىنى داۋراڭ قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رېئالىستىك ئەنئەنىۋى يۆنىلىشىنى روھىي سوبىستانسىيە بىرلەمچىلىكى ئازگىلىغا سۆرەپ كىرىش، گەپ يورغىلىتىش، چۈشەنمەي تەدبىقلاپ، چۈشەنمەي قوللىنىشتەك مەمەدانلىق ئىستىلى نۇرغۇنلىغان ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەزگۈر ئېڭىدا ئېغىر بىزارلىق، رازى بولماسلىق، قارشىلىق ۋە بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نازۇك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. rt*>)GI]b  
    ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئۆز «ئىختىراسى» سۈپىتىدە ھەر بىر ماقالىسىدە كۆپلەپ ئىشلىتىۋاتقان بۇ «يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇ» لارنىڭ ئۇنىڭ خۇسۇسىي ئىختىراسى ئەمەس، بەلكى ئىگىسى بار ئاتالغۇلار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ ھەقدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەزەرىيىلىرىنى ئادەتلەنگەن يېزىقچىلىق ئىستىلى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى ئېنىق ئىزاھلاش، ئۇلاردىن ئۈزۈپ ئالغان ئۇقۇملارنى كۆچۈرمە گەپ سۈپىتىدە قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئىشلىتىش، ئاندىن ئۇنىڭ «شاكىلى» بىلەن «مېغىزى»، «دېنى» بىلەن «سامىنى» نى ئايرىپ، تەدبىقلىماقچى بولغان ھادىسىلەرنىڭ ئەسلى پەلسەپىۋى ئاساسىغا ھۈرمەت قىلغان ھالدا ئۆز چۈشەنچىسىگە ئايلاندۇرۇپ، توغرا قوللىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش زۆرۈرۈيىتى خېلە بۇرۇنلا تۇغۇلغان ئىدى.  چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولغان بۇ مەسىلىلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاپتورلۇقىدىكى 528 بەتلىك كىتابنىڭ ھەممە قىسىملىرىغا ئالا قويماي تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما، تارىم ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىل 8-، 9- سانلىرىدىكى «ئىزدىنىش ۋە غۇلغۇلا»، 10- سانىدىكى «شېئىرىيىتىمىزدىكى ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى»، «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ»، «غاپىل تەبەسسۇم، سوغۇق شەپە»، «ئەدەبىيات ۋە مەۋجۇدىيەت»، «ئەدەبىياتنىڭ قىيامىتى ۋە نوھنىڭ كېمىسى»، «شېئىرىيەت دېڭىزىدىكى يېتىم ئارال»، «ئەدەبىي ساۋاتنىڭ قازىلىق ئورنى نەدىن كەلگەن» قاتارلىق ماقالىلىرىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئاپتورنىڭ ماقالىلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن «دۇنيا روھىي سەۋەبنىڭ يىغىندىسى»، «شەيئى ئىنسان سەزگۈسىدىن ئىبارەت» دېگەندەك خاتا نۇقتىئىنەزەرلەر ئۈستىدە ئەمەس،  بەلكى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېزىقچىلىق «ئوۋ ئويۇنى»، بۇ «ئويۇندا ياخشى ئولجىلار ھەمىشە ئۇچراۋەرمەيدۇ» دېگەن خۇسۇسىي يېزىقچىلىق «پرىنسىپى» بويىچە «ئوۋ ئويۇنى» دا ئۇچراپ قالغان سەر خىل «ئولجا» لارنى قانداق قىلىپ ئۆز «مۈلكى» قىلىۋالغانلىقى ۋە ئۇنى لايىقىدا توغرا ئىشلەتمەي ئېغىر، پرىنسىپال خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن. "S'Yn-  
    1. «شېئىر چۈشكە ئوخشايدۇ»، «شېئىر يېزىش چۈش كۆرۈش دېمەكتۇر»، «شېئىر شائىرنىڭ ئويغاق ھالەتتە كۆرگەن چۈشى». بۇ، نوقۇل سەنئەتنى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېڭى، چوڭقۇر ئىدىيىۋىلىكنى ئىپادىلەش ئارقىلىق بەلگىلىك ئەدەبىي قىممەت يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى «ئاسىي»، «چاكار»، «تاپاۋەت قورالى» دېگەنگە ئوخشاش سىياسىي قالپاقلارنى كەيگۈزۈپ، بۇ ساھەدە قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىك «ئىسلاھات» ئېلىپ بارماقچى، يەنى ئاتالمىش «كونىنى بۇزۇپ يېڭىنى تىكلىمەكچى» بولغان. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يىراقتىكى بىر داڭلىق «ئوۋ» مەيدانىدىن «ئوۋلاپ» كەلگەن بۇ «غەنىمەت ئولجىسى» نى ئۇنىڭ نەزىرىدە «ئالدامچى» لىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتى ساھەسىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان «ئىسلاھاتى» نىڭ تۇنجى «جاراڭلىق ساداسى» دېيىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى ئاپتور «ئولجىسى» نىڭ بۇ «ساداسى» نى بىز بۇنىڭدىن 63 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە «چۈش نەزەرىيىسى»، «يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) نەزەرىيىسى»، «ئۈچ قاتلاملىق ئادىمىيەت قۇرۇلمىسى نەزەرىيىسى» تەتقىقاتى بىلەن غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن سىگمۇند فرېئۇدنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيىسى» دە: «بىر پارچە ئەسەر گويا ئۇخلىماي كۆرگەن بىر چۈش»، «يازغۇچى كۆپ- كۈندۈزدە چۈش كۆرىدىغان ئادەم، ئۇنىڭ ئەسىرى چۈشكە ئوخشايدۇ»، «سەنئەتنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈش بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق»، «تىل خىيالنىڭ مەۋھۇم ئىجادىيىتىگە ئۇخلىماي كۆرگەن چۈش دەپ نام بەردى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە بىر پارچە ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن «چۈشكە ئوخشايدۇ» دېگەنلىكىدىكى سەۋەب ئاساسلىرىنى ئۆزىنىڭ غەيرى ئەقىلچىلىق پەلسەپىسى مەيدانىدا تۇرۇپ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدۇق. بىراق، بىر پارچە ھەقىقىي شېئىرنىڭ شائىرنىڭ جاپالىق مېھنەت تەرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى «ھەقىقىي بىر پارچە شېئىر قان بىلەن يېزىلىدۇ» دەپ ۋەزخانلىق قىلىپ يۈرگەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئادەم پسىخولوگىيىسى (ئادەمنىڭ ئىچكى، تاشقى تۇيغۇ ۋە سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئوبيېكتىپلىق بىلەن بولغان ھىمىرلاشلىق مۇناسىۋىتىدە ھاسىل قىلغان سېزىمى) ھەققىدە، بولۇپمۇ ئىنساننىڭ روھىي ھاللىق پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولغان چۈش ھەققىدە بىئوفىزىكا ۋە پسىخولوگىيىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىرەر ئىشەنچلىك تەتقىقات ئېلىپ بارماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە شېئىر بىلەن چۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەقىل قوبۇل قىلغۇدەك ئىلمىي ئىزدىنىش نەتىجىسىگە ئىگە بىرەر پارچە ماقالىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاۋالىسىگە سۇنۇپ باقمايلا، شېئىرنى چۈشكە، شېئىر يېزىشنى چۈش كۆرۈشكە، شائىرنىڭ شېئىر يېزىش جەريانىنى ئۇنىڭ ئويغاق ھالەتتە كۆرگەن چۈشىگە ئوخشىتىپ «قان بىلەن يېزىلىدۇ» دېگەن ۋەزخانلىقىدىن بىراقلا 2000 گرادۇس بۇرىلىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ فرېئۇدنىڭ «چۈش نەزەرىيىسى» تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسىگە مەست بولۇپ كېتىپ «مەھلىيا- مەستچىلىك» تە فرېئۇدنىڭ «كارتىسى» غا سوغۇق قول تەگكۈزۈپ قويغان. بىراق ئاپتور فرېئۇدنىڭ «كارتىسى» دىكى مېۋىنى ئۆز «كارتىسى» غا يۆتكىگەندە، ئۇنىڭ «بىر پارچە ئەسەر» دېگەن سۆزىنى «شېئىر»، «ئۇخلىماي كۆرگەن چۈش» دېگەن سۆزىنى «ئويغاق ھالەتتە كۆرگەن چۈش» دەپ قارا «لاك» سۈرتۈپ، «ئوغرىلاپ كەلگەن پالتىنىڭ سېپىنى يەڭگۈشلىۋەتمەيدىغان ئوغرى» نىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئۆز قىلمىشى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ قويغان. H-e$~vEbP  
    2. «ھالقىما رېئالىزمچىلار» نىڭ تۇغۇت ئانىسى بولغان دادائىزمچىلار بۇنىڭدىن 80 نەچچە يىللار ئىلگىرى «ئەدەبىيات- سەنئەت ئىدىيىسىز بولۇشى، خۇددى بوۋاقلار چىقارغان مەنىسىز ئاۋازلاردەك (گۇڭرىغاندەك) ساپ بولۇشى لازىم» دېيىشكەنىدى. بىز دادائىزمچىلارنىڭ بۇ نەزەرىيىلىرىنى 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قەلىمىدىن «شائىرنىڭ تەپەككۇرى بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ» دەپ ياساپ تاراپ كۆچۈرگەن شەكلىدە قايتىدىن كۆردۇق. w]h8KNt  
    «بۇزۇش، بىتچىت قىلىش، سۈپۈرۈپ تاشلاش» نى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپى قىلغان دادائىزمچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپىغا ئاساسەن «ئەدەبىيات- سەنئەت» نى تىلى چىقمىغان بوۋاقلارنىڭ گۇڭرىشىدەك ئۇققىلى بولمايدىغان مەنىسىزلىككە ئايلاندۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن ئىدىيە جەھەتتىكى ئۇدۇللىشىشقا ئېرىشىپ «گۇڭگا شېئىرلاردىن ساپ ئىدىيە ئاقتۇرۇش شېئىرنىڭ ئۆزىدىكى ئىچكى مەنتىقىگە ھۈرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ» دەپ ئوقۇرمەنلەرگە قورقاق سېلىپ يۈرگەن ئابدۇقادىر جالالىدىن دادائىزمچىلارنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەت» دېگەن سۆزىنى «شائىرنىڭ»، «بوۋاقلار»  دېگەن سۆزىنى «بالىلار»، «مەنىسىز ئاۋازلاردەك» دېگەن سۆزىنى «بالىلارنىڭ تەپەككۇرى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ، «شائىرنىڭ تەپەككۇرى بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ » دېگەن شائىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ھاقارەت قىلىدىغان بىمەنە «نەزەرىيە» نى كۆتۈرۈپ چىققان. مۇبادا «شائىرنىڭ تەپەككۇرى بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ» غان (ئوخشاش بولىدىغان) بولسا، ئۇ ھالدا ئىنسان پسىخولوگىيىلىك پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ يېڭى سۈپەتكە ئىگە شەكلى بولغان تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ، يەنى «ئابستراكت پائالىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، ئىلمىي ئۇقۇم ۋە كاتېگورىيىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرلۈك ھېسسىي ماتېرىياللارنى يىغىنچاقلىيالايدىغان» ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. T3=h7a %=  
    3. بۇنىڭدىن 134يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن فرانسىيىلىك سىمۋولىزمچى شائىر چارلىز بودېلىر  (1867— 1821) «سەزگۈلەرنىڭ ئالمىشىشى» دېگەن بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «شائىر سىرلىق تەبىئەتنىڭ تەرجىمانى، شېئىر تەسۋىرلەش ئەمەس بەلكى ئىپادىلەش» دېگەنىدى. فرانسىيىنىڭ يەنە بىر «ئاڭ ئېقىنى پروزىچى» يازغۇچىسى مارسىل پروستمۇ «ھەربىر ئادەمدە ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل چىنلىق بار. يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى بۇنداق چىنلىقنى ئىجاد قىلىش ئەمەس، بەلكى تەرجىمە قىلىپ بەرسىلا كۇپايە. ياكى يازغۇچىنىڭ رولى بىر تەرجىمان بولۇشتىن ئىبارەت» دېگەن ئىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەييار نەزەرىيىلەرنى بىر- بىرىگە تولىمۇ قوپال «سۇۋاركىلاپ»: «شېئىر رېئاللىقىنى تەسۋىرلەش ئەمەس، بەلكى تەرجىمە قىلىش» دەپ بۇ ئىككى ئەدىبنىڭ «يازغۇچى»، «شائىر» ۋە «شېئىر» دىن ئىبارەت خاراكتېرى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ ئۇقۇم توغرىسىدىكى نەزەرىيىلىرىنى شېئىردىن ئىبارەت بىرلا ئۇقۇمغا پوملاپ بودېلىر ۋە مارسىل «سۇۋاركا» نەزەرىيىسىنى «كەشىپ» قىلىپ چىققان. ئاپتور بودلېرنىڭ «شېئىر تەسۋىرلەش ئەمەس» دېگەن سۆزىنى ئۆزىچە كەمتۈك ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا «رېئاللىقنى» دېگەن سۆزنى قوشۇپ، «شېئىر رېئاللىقنى تەسۋىرلەش ئەمەس» دەپ «سۈنئىي خال قويۇش» بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، «ئىپادىلەش» دېگەن سۆزنى ئەينەن كۆچۈرۈشتىن كېلىدىغان «خەۋپ» نى ھېس قىلىپ، مارسىل پروستتىن «تەرجىمە قىلىش» دېگەن سۆزنى «ئۆتنە » ئېلىپ، «تىغى» بودېلىرنىڭ، «سېپى» مارسىلنىڭ بولغان بىر «قەغەز پالتا» نى سوقۇپ چىققان. ئۇنىڭ: «شېئىر ئەڭ پىنھان، ئەڭ ئىچكى تەرجىمىھال» دېگەن «سەپسەتىسى» مۇ مارسىلنىڭ پۇشتىدىن تۆرەلگەن «يا بېشى يوق، يا پۇتى يوق» «بېقىۋالغان» بىر سوقۇندى تۇغۇم. 9L-jlAo<  
    4. xx ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئامېرىكا- ئەنگلىيە پوئېزىيىسىنىڭ سەركەردىسى توماس ئېللىئوت ئۆز شېئىرلىرى ھەققىدىكى بىر ماقالىسىدە: «تۇيغۇ ئارقىلىق ئىدىيىنى ئىپادىلەش، ئىدىيىنى خۇددى ئەتىرگۈلنىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرىغاندەك ھېس قىلىش» دەپ، شېئىردا ئىدىيىۋىلىكنى «مانا مەن» دەپ چىقىپ تۇرىدىغان «دۆڭدەك» قىلىپ ئەمەس، كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان گۈلنىڭ «خۇشپۇرىقى» دەك قىلىپ ئىپادىلەشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھالبۇكى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېچنېمىگە، ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ھالدا، ئېلىئوتنىڭ «تۇيغۇ» دېگەن سۆزىنى «تۇرمۇش»، «ئىدىيىنى» دېگەن سۆزىنى «يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق)»، «ئەتىر گۈلنىڭ خۇشپۇرىقىنى» دېگەن سۆزنى «ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقىنى»، «پۇرىغاندەك ھېس قىلىش» دېگەن سۆزىنى «پۇرىقىنى كۆرەلمىسەكمۇ» دەپ ئالا بۆجە قىلىپ بوياپ: «بىز تۇرمۇشتا ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقىنى كۆرەلمىسەكمۇ ھۇزۇرلىنىمىز، يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) مۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا سەزگۈنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئىنساننى خىلمۇخىل ھاياجانغا سالىدۇ» دېگەن ئاڭ نەزەرىيىسىگە تۈپتىن خىلاپ بولغان، «ساراڭلىق ئىنساندىكى خىلمۇخىل ھاياجاننىڭ مەنبەسى» دەيدىغان ئىنتايىن خاتا ئىلىم- پەن قارىغۇلۇقى سەپسەتىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان: ^K J#dT  
    بىرىنچىدىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېلىئوتنىڭ شېئىرىدىكى ئىدىيۋىلىكنى قانداق ئىپادىلەش توغرىسىدىكى توغرا نەزەرىيىسىنى ئەينەن، سۆزمۇسۆز كۆچۈرۈپ ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئېلىئوتنىڭ شېئىرغىلا مەنسۇپ بولغان بۇ سۆزىنى ئۆزىچە، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان «يوشۇرۇن ئاڭ» (ئاڭسىزلىق) دېگەن نېمىگە تەدبىقلاپ «يوشۇرۇن ئاڭ نەزەرىيىسى» نى شۇ دەرىجىدە كاللىماشاڭ بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنكى، بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىختىراچىسى بولغان سىگمۇند فرېئۇدنىڭ روھىي ۋارىسلىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىلمەي تۇرۇپ قارىسىغا جۆيلىدىغان ئىلىم- پەن مەمەدانلىقى ئۈستىدىن مەسخىرە قىلماي تۇرالمىدى. V,& OO  
    فرېئۇدنىڭ ئىنساننىڭ روھىيىتىنى ئاڭ، ئالدىنقى ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) ساھەسى بويىچە ئۈچكە بۆلۈپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يوشۇرۇن ئاڭ «كىشىلەر ھېس قىلالمايدىغان يوشۇرۇن ۋە ئاساسلىق روھىي ساھە» بولۇپ، «ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئاڭ قاتلىمىدىكى روھىي پائالىيەتلەر ئاڭلىق روھىي پائالىيەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە بولىدۇ» كەن. ئاپتوردىن سورىماي بولمايدۇكى، ئىنساننىڭ روھىيىتىدىكى ئاڭسىزلىقتا رېئاللىقتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئاڭنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەر دائىم، تېنىمسىز ھالدا بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىدە سەپراس بولۇپ تۇرىدىغان «سەزگۈ» نېمە ئىش قىلسۇن؟ «سەزگۈنىڭ غىدىقلىشىغا» ئۇچراپ، «ھاياجانغا كېلىپ تۇرىدىغان» ئىنساننىڭ روھىي پائالىيىتىنى قانداقمۇ «ئاڭسىز» پائالىيەت دېگىلى بولىدۇ؟ ياكى «سەزگۈنىڭ غىدىقلىشى بىلەن» ئىنساندا پەيدا بولىدىغان «خىلمۇخىل ھاياجان» (بىر خىل ئەمەس ئىكەن!) ئاڭسىزلىقتىن پەيدا بولىدىغان ساراڭ قېتىش «خىلمۇخىل ھاياجان» مۇ؟ x.pg3mVd>  
    5. بىز فرېئۇدنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيىسى» دە: «ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئاپتورنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ، ئۆز- ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ»، «سەنئەتكار ئىجادىيەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئارزۇسىنى قىياسى ھالدا قاندۇرىدۇ»، «ئەسەر ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ»، «سەنئەتكار ئۆز- ئۆزىنى تولۇق ئىپادە قىلىشى لازىم» دېگەنلىكى ھەم ئۇنى ئۆزىنىڭ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى، ئۆز، ئۆزلۈك، ھالقىما ئۆز نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى بولغان «ئادىمىيەت قۇرۇلمىسى» نەزەرىيىسى بويىچە ئۆزىگە ئىشەنچلىك بولغان ھالدا ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدۇق. ھالبۇكى ئابدۇقادىر جالالىدىن توساتتىن ئوتتۇرىغا  چىقىپ فرېئۇدنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى» دېگەن سۆزىنى «سەنئەت ئارقىلىق» دەپ، «ئاپتورنىڭ» دېگەن سۆزىنى «شائىر» دەپ، «ئۆز- ئۆزىنى ئاشكارىلىشى»، «ئۆز- ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنى «ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ ئۆزگەرتىپ «شائىر سەنئەت ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ»، «شائىر ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ»، «شېئىر ئىنساننىڭ ئۆز- ئۆزىنى سىزىش قۇدرىتى» دەپ فرېئۇد نەزەرىيىسىنىڭ مەنە ئوخشاشلىقىغا ئىگە ئىككىنچى بىر ۋارىيانتىنى ئۆز «ئىختىراسى» قىلىپ قۇراشتۇرۇپ چىققان. WZ!zUUp}V  
    6. «ھوقۇق ئىرادىسى پەلسەپىسى» نىڭ ئىجادچىسى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ فرېدرېخ نېتزشې (1900— 1844): «سەنئەت دۇنياسى چۈش ۋە مەستلىك دۇنياسى»، «سەنئەتنىڭ رولى چۈش كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە مەستخۇش ھالەتنى ئىپادىلەش» دەپ كۆرسەتكەن. نېتزشېنىڭ بۇ خىل سەنئەت نەزەرىيىسى فرېئۇدنىڭ «چۈشلەر تەبىرى» دىكى نەزەرىيىلىرى بىلەن خېلىلا ئوخشاشلىققا ئىگە. ئەمما نېتزشې «مەستلىك دۇنياسى»، «مەستخۇش ھالەت» دېگەن ئوقۇملارنى فرېئۇدنىڭ «چۈش» ئۇقۇمىدىن ھالقىتىپ ئۇنى چۈشەنچە جەھەتتىكى ئاددىيلىق، ئېنىقلىق ۋە كەڭلىككە ئىگە قىلغان. يۇقىرىدا بىز چۈشنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ تورموزلىنىش ھەرىكەت باسقۇچىدا يۈز بېرىدىغان تەرتىپسىز قالايمىقانچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. مەستلىك ۋە مەستخۇشلۇقمۇ چۈشكە ئوخشاشلا ئەقىلنىڭ باشقۇرۇشىدىن چىقىپ كەتكەن، تەپەككۇر قىلغۇچى چوڭ مېڭىنىڭ تورموزلىنىش ھالىتىدە (مەلۇم باسقۇچىدا ئەمەس) زاھىر بولىدىغان ئېلىشىپ قېلىش، ئۆزىنى يوقىتىش، ھوشسىزلىنىش، سەۋدالىق بولۇپ، ئۇنى «مەستلىك پەسلىك ئىچتىم شاراب، بولدۇم خاراب» دېگەن خەلق ماقالى بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ. نېتزشېمۇ: «مەستلىك (ھاراق ئىلاھى) بولسا ئەقىلگە زىت سەۋدالىق» دەپ تەبىرلىگەن. بۇنىڭدىن مەستلىكنىڭ ئارزۇنىڭ قېنىشى، بەھۇزۇرلۇق سېزىمى پەيدا قىلىدىغان شاد-خۇراملىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سەنئەتنىڭ «مەستلىك» تىن ئىبارەت بۇ خىل روھىي ھاللىق «خارابلىق» نى ئىپادىلەش جەھەتتىكى رولى نېتزشې، فرېئۇد ۋە دادائىزمچىلار تەرغىپ قىلغان چۈش، ئاڭسىز يېزىقچىلىق، يۇمۇر، ساراڭلىق، سېھىر، گۇمان يېزىقچىلىقى ئارقىلىق ئىلمىي ئەخلاقتىن ۋاز كېچىش، ئىنسانىيەتنى تۈكۈرۈپ تاشلاش، ئۇرۇشنى، ئىنسانىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى مەدھىيىلەشتىن ئىبارەت ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيىلىرىنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن. ھالبۇكى، چۈشەنمەي تۇرۇپ جۆيلۈيدىغان ئابدۇقادىر جالالىدىن: «مەستلىك» ۋە «مەستخۇشلۇق» دېگەن سۆزنىڭ ھەم ئوقۇرمەنلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلىدىغان، ھەم ئۆزىنىڭ بىلەرمەنلىكىنى پەش قىلىشىغا يېتىپ ئاشىدىغان قىرلىق يېڭى ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۇنى: «شېئىر مەست قىلغۇچى ئىلھامنىڭ سېھرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئالىيجاناب ئىستەك» دەپ بۇرمىلاپ كۆچۈرۈپ بىر مۇنچە خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: كۆچۈرگۈچى ئالدى بىلەن نېتزشې سۆزىنىڭ يادروسى بولغان تۈپ سۆز «مەست» نى ئەينەن كۆچۈرگەن. قالغان قىسمىنى سۆزمۇسۆز كۆچۈرگەندە كۆچۈرۈش قىلمىشىنىڭ چېنىپ قېلىشىدىن خۇدۈكسىرەپ ئىلھامنى «مەست» قىلغۇچى نەرسىگە، شېئىرنى مۇشۇ «مەست قىلغۇچى ئىلھام» نىڭ ھاسىلى نەرسىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۇنداق بولسا، كۆچۈرگۈچى توقۇپ چىققان «شېئىر» توغرىسىدىكى بۇ «تېئورېما» دىكى «مەست» دېگەن نېمە؟ «ئىلھام» راستتىنلا كىشىنى «مەست- ئەلەس» قىلىۋېتىدىغان نەرسىمۇ؟ ياق. ھېلى «مەستلىك» ۋە «مەستخۇشلۇق» نىڭ «ئەقىلگە زىت سەۋدالىق (ساراڭلىق)» ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئەمدى ئاپتورنىڭ بۇ «تېئورېما» سىدىكى «ئىلھامنىڭ مەست قىلغۇچى سېھرى» دېگەن نېمىگە كەلسەك، «ئىلھام» دېگەن بۇ نەرسە ھادىسىدىن تەسىرلەنگەن شائىرنىڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرا مېڭىسى (ئوچۇق ئاڭ) ئارقىلىق زاھىر بولىدىغان، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر (پىكىر قىلىش، ئويلىنىش، پەرەز، خىيال) ھاسىلاتلىرىنىڭ قوزغاتقۇچى چوڭ مېڭە، جانلاندۇرغۇچى كىچىك مېڭە پائالىيىتى بىلەن روياپقا چىقىدىغان، بىلىشنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرىنىڭ ئايلانما تەكرارلىق باسقۇچلىرىدا تاۋلىنىپ چىقىدىغان، قان ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ھاياجانلىق ھېسسىيات. كۆچۈرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ئىلھامنىڭ بۇ خىل بەھەيۋەت ھاياجانى (ئوچۇق ئاڭ فۇنكسىيىسى) «مەست قىلغۇچى ئىلھامنىڭ سېھرى» بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا «ئەقىلگە زىت مەست ئىلھام» (خۇدىنى بىلمەسلىك، ئېلىشىپ قېلىش، بىھوشلۇق) نىڭ «ئالىيجاناب ئىستەك» دەپ ئاتىلىدىغان «شېئىر» نى مەيدانغا چىقىرالىشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ كۆچۈرۈشنى راۋا كۆرگەن كۆچۈرگۈچى «چاندۇرماي كۆچۈرۈمەن» دەپ ئىشلەتكەن بۇ ھىيلە- مىكىرىنىڭ بۇنداق ئەجەللىك ئاقىۋەتكە قالدۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن. W<^t2j'  
    7. ئەنگلىيە دەسلەپكى سىمۋولىزم ئەدەبىياتى ئوبزورچىسى پاتېر (1894— 1839) شېئىردا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسىنىڭ ياسالما ئوبراز ئەمەس، بەلكى مۇزىكا بولۇشىنى تەكىتلەپ: «بارلىق سەنئەت مۇزىكىغا يېقىنلىشىشى كېرەك» دېگەن. شوپېنخائۇر: «سەنئەت مۇزىكا دېمەكتۇر، پەقەت مۇزىكىلا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ» دېگەن. فرانسىيە دەسلەپكى سىمۋولىزم ئەدەبىياتى ئوبزورچىسى ۋېرلىن (1896— 1844): «بارلىق مەۋجۇداتلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى مۇزىكا، يەنىلا مۇزىكا، مەڭگۈ مۇزىكا» دېگەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن پاتېر ۋە ۋېرلىننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى « شېئىرىي تىلنى، مۇزىكىغا يېقىنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك»، «شېئىردا ئىپادىلەش قىيىن بولغان نەرسە مۇزىكا ۋە ئاھاڭ، شائىرنىڭ ھاياتى مۇزىكىغا ئوخشايدۇ» دەپ كۆچۈرۈش ئەينەنلىكىگە ئېرىشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئايرىم سۆزلىرىنىڭ ئەينەنلىكىنى بۇرمىلاپ كۆچۈرۈپ پرىنسىپال خاتالىققىمۇ يول قويغان. ئالايلۇق، ئابدۇقادىر جالالىدىن فرېئۇد، نېتزشېلارنىڭ كەينىدىن ئىز باستۇرۇپ قوغلىشىپ مېڭىپ ئۇلارنىڭ «بىۋاسىتە سېزىم»، ئاڭسىز، قارىغۇلارچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىجادىيەتنى ئىدىيىسىزلەشتۈرىدىغان نەزەرىيىسىنى بازارغا سالسۇن (ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلدى)، ياكى رېئالىستىك ئېستېتىكا پرىنسىپلىرىنى «ئاسىي»، «ئالدامچى»، «چاكار» دېگەندەك تۆھمەتلىرىگە توۋا قىلىپ شائىرلارنى مۇشۇ ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەرغىپ قىلسۇن «شائىرنىڭ» ئاتالمىش ئىجادىيەت «ھاياتى» ئاپتور ئېيتقاندەك ھەرگىزمۇ «مۇزىكىغا» «ئوخشايدۇ»غان «ھايات» ئەمەس، بەلكى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئىزدىنىش، ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش، خىيال قىلىشتىن ئىبارەت «يىڭنە بىلەن تاغ كولاش» تىنمۇ جاپالىق، پۇچقاقتىن تەر تامچىپ قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان «مېھنەت مۇزىكىسى» غا ئوخشايدۇ. رېئاللىقتا نەدىمۇ «مۇزىكىغا ئوخشايدۇ» غان ھايات بولسۇن؟ شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇزىكىغا ئوخشىشىنى تەلەپ قىلىش- بۇ باشقا گەپ. m-~3c]pA  
    8. ئەنگلىيىلىك ئوبزورچى داۋىد لوجنىڭ مودېرنزمدىن كېيىنكى ئەسەرلەر ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندا: «بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىلا بىر چىقىش ئېغىزى يوق ئېزىتقۇ قەسىر» دېگەن جۈملىلەرنى ئۇچرىتىمىز.  ئابدۇقادىر جالالىدىن لوج سۆزىنىڭ يادروسى بولغان «ئېزىتقۇ» ئۇقۇمىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ، «بۇ ئەسەرلەرنىڭ» دېگەن سۆزىنى «شېئىرى گۈزەللىك» دەپ قارايتىپ بوياپ: «شېئىرى گۈزەللىك ئېزىتقۇلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە» دېگەن شېئىرىيەت نەزەرىيىسىگە خىلاپ بىمەنىلىكنى توقۇپ چىققان. M?('VOy)  
    9. ئاپتورنىڭ: «ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچى كونكرېت جەمئىيەتكە تەۋە بولغاچقا، ئىنسانىيەتكە دائىر بىرەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي قويمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى لۇشۈننىڭ: «جەمئىيەتتىن خالىي ئادەم بولىدىكەن ئۇنىڭ شېئىر ماقالىلىرىمۇ بولمايدۇ»، «شېئىرلا بولىدىكەن ئۇنى يازغان ئادەمنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەھۋالاتلارنى ئۇنتۇمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ قويۇق تۇم قارا سايىسىنى كۆرگەندەك بولىمىز. RiQg]3oY  
    10. ئاپتورنىڭ: «ئەدەبىيات- سەنئەت قوشۇنىمىز بوياقچىنىڭ كۈپىگە ئوخشاپ قالدى. ھەر قانداق مەخلۇق ئۇنىڭغا چۈشۈپلا كەتسە ھەيۋەتلىك تالانت بولۇپ چىقىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ، لۇشۈننىڭ: «چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرى جۇڭگوغا كېلىشى بىلەنلا خۇددى بوياقچىنىڭ كۈپىگە تاشلانغاندەك ئۆز ھۆسنىنى يۇقاتماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. ھالبۇكى لۇشۈن «بوياقچىنىڭ كۈپى» نى ئۆز ماھىيىتى ئېتىبارى بىلەن سەلبىي مەنىدە توغرا قوللانغان بولسا، ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ «كۈپ» نى «تالانت» يېتىشتۈرىدىغان «مۇنبەت ئېتىز» قىلىپ كۆرسىتىپ تەنىلىك «ئىجابىي» مەنىدە قوللانغان. ئاپتور ئەسلىدە: «ئەدەبىيات- سەنئەت قوشۇنى» نى «بوياقچىنىڭ كۈپى» دەپ مەسخىرە قىلغانىدى. K3=0D!Dq  
    11. 1895- يىلى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ نېتزشې «ھوقۇق ئىرادىسى» ناملىق كىتابىدا تۇنجى قېتىم «خۇدا ئۆلدى» دەپ، xx ئەسىردە باشقا بىر غەرب پەيلاسوپى «ئىنسان ئۆلدى» دەپ جاكارلىغان ئىدى. نېتزشې «خۇدا ئۆلدى» دېگەندە خرىستىئان دىنىنىڭ ئادەمنىڭ ئەركىن تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «خۇدا خرىستىئان دىنى نەزەرىيىسىنىڭ تۈۋرۈكى، كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەبۇد. خۇدا ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى بوغىدىغان، ئادەمنىڭ ھوقۇققا ئىنتىلىشىنى چەكلەيدىغان دوگمىدىن دېرەك بېرىدۇ»، «بۇ مەبۇدنى يوقىتىش كېرەك»، «ھوقۇق ئىرادىسى ئۆز- ئۆزىگە خوجايىن، ئۆزلۈك مۇتلەق ئەركىن . . .  ئىنسانىيەتكە ئۆز- ئۆزىنى يارىتىدىغان، ئۆز- ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئىشىك ئېچىلدى. ئادەمنىڭ ئۆزى قانۇن تۈرغۇزغۇچى، قىممەتلەرنى باھالىغۇچى» دېگەنلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا «خۇدا ئۆلدى، خۇدادىن ئىبارەت بۇ مەبۇد ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن. غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ xx ئەسىرگە كەلگەندە مېخانىكىلىق رىقابەت كۈچىنىڭ ئېشىشى بىلەن دۇنياۋى مەنپەئەتدارلىق خام خىيالىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئەقىل ئىدراكى ئىزىدىن چىقىپ كەتكەن بىر- ئىككى سانائەت چوڭ دۆلىتى كاتتىباشلىرىنىڭ قوزغىغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى بولغان ياش كۈچلەرگە، سانائەت يېتەكچىلىكىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن قۇرۇتۇۋېتىش خاراكتېرىدىكى ھالاكەتلىك بۇزغۇنچىلىقلىرى ئارقىسىدا مەركىزىي ئۇرۇش رايونلىرىدىكى كىشىلەر ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىك دەۋرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى، زامانىۋى ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ يەنىمۇ خىللىشىپ ئىنسانىيەتنى ھەربىي قوراللار بىلەن قورشاپ تۇرغان ۋەزىيەتكە دۇچار قىلىپ قويغانلىقى، دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن سەزگۈر ئالىملار، ئەدىبلەر، مۇتەخەسسىسلەردىن ئىبارەت ئىنسانىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ تۈگىشىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق خەۋپلىك دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ «ئىنسان ئۆلدى» دېگەن. ھالبۇكى بۇ ئىككى ھۆكۈمدە كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەتنى چۈشەنمىگەن ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار» دېگەن xx ئەسىرگە، xx ئەسىردىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە يامان نىيەتلىك بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا قارا چاپلاپ تۆھمەت ياغدۇرغان بىر پۇچەك ماقالىسى (بۇ ماقالە ئاپتور نۇقتىئىنەزىرىنىڭ چالىلىقى، خۇلاسىلىرىنىڭ خاتالىقى، بىر تەرەپلىمىلىكى، ئۈزە، قوپاللىقى جەھەتتىن ئۈزۈل- كېسىل ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئەرزىيدۇ): «ھەل قىلىش قىيىن بولغان تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئىنسانلارنى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان، تۈزۈك نەپەس ئالالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. دېمەك بۇ دەۋردە ئىنسان ئۆلدى» دەپ؛  xx ئەسىر ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى خام ماتېرىيال ھېسابىدىكى بىر تومتاق خۇلاسىسىدە: «بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات روھىي ئازابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نالىسىنى چىڭقىلىپ توۋلىدى- دە، ئەدىبلەر ئۆلدى» دەپ؛ باشقا بىر جايدا: «ئىنسان مەنىۋى ياقتىن سەكراتقا چۈشتى» دەپ غەرب مۇتەپەككۇرلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرھكە ئىگە بۇ خۇلاسىلەرنى خۇلاسە ئىگىلىرى كۆزدە تۇتقان رېئال دۇنيا ئەمەلىيىتىنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان، ھەتتا ئۇلارغا پۈتۈنلەي قارشى خاتا مۇقام توۋلىغان بىمەنە «ھۆكۈم»لىرى بىلەن تولىمۇ بىمەززە شەرھلەپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى قىلىپ كۆچۈرۈۋالغان. ئاپتورنىڭ بۇ خىل كۆچۈرمىچىلىكىدە تەقلىد قىلىش، «سەن دېگەننى مەن دېيەلمەمدىكەنمەن» دەيدىغان مەمەدانلىق خاھىش ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ئۇنىڭ «ئىنسان ئۆلدى»، «ئەدىبلەر ئۆلدى» دەپ جاكارلىشىغا كۆرسەتكەن سەۋەب ئاساسلىرى ئىنتايىن پۇچەك، بىمەنە، چاك باسمايدۇ. ئاپتوردىن: «ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر» قايسى جەھەتتىكى قانداق «زىددىيەت» ئىدى؟ ئاشۇ «زىددىيەت» تۈپەيلىدىن «ئىنسانلار خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان، تۈزۈك نەپەس ئالالمايدىغان بولۇپ قال»سىلا «ئىنسان ئۆلگەن»؛ «ئازابنىڭ» قايسى جەھەتتىكى قانداق «نالىسىنى چىڭقىلىپ توۋلاپ قويسىلا» «ئەدىبلەر ئۆلگەن» بولامدۇ؟ ئىنسان ئىنسانلارنىڭ كېيىنكى 50 مىڭ يىللىق تارىخىدا «ھەل قىلىش قىيىن بولغان» قانداق «زىددىيەتلەر» نى ھەل قىلالماي «خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان» ۋە «تۈزۈكرەك نەپەس ئالالمىغان»؟ شۇنداق بولىدىغان بولسا ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىي قىلىپ ئاتوم دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى گېن دەۋرىگە ئۇلىشالامتى دەپ سورىساقلا ئۇنىڭ مەمەدانلىقى سۇغا چىلىشىدۇ.
    'ks  .TS&  
    UYy #DA




    评论

  • (6)ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز
    (6) 6 bU/IVP
    OtnYv
    j7i[z>:Y
    ئىلىم- پەن ئەركىنلىكى دېگەن سۆز «ھەممە بەس- بەستە سايراش» دېگەن سۆز بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرى بىلىدىغان- بىلمەيدىغان، ئۆگەنگەن- ئۈگەنمىگەن ھەممە نەرسە ھەققىدە يازسا بولىدۇ، دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە. ھالبۇكى، بۇ ئاساسسىز گەپ قىلىش، جۆيلۈش، سەپسەتىۋازلىق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ دۇنيانىڭ ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئۆزى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ۋاپۇرۇچنىڭ سەكسەن خالتىسىدەك «ھەممە نەرسە»نى قىستۇرۇپ پوملاپ يازغان ماقالىلىرىدا ئىشەنچلىك بولمىغان، ماتېرىيال ئاساسىنى تاپقىلى بولمايدىغان، ئۆزىنىڭ قىياسلىرىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىدىغان، پەنگە، ئەمەلىيەتكە مۇتلەق خىلاپ خۇسۇسىي كۆز قاراشلىرىنى ھاۋا شارىدەك پۈۋلەپ كۆپتۈرۈپ، قائىدە، نەزەرىيە، قانۇنىيەت قىلىپ ئويدۇرۇپ چىققان چوڭ- يوغان، لاپ گەپلىرىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. Z &PwNr/
    بىرىنچى مىسال. «پسىخولوگ جونگ شەرقنىڭ x ئەسىردىكى دەرسلىك قوللانمىلىرىنىڭ غەربكە نىسپىيچىلىك پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، روھىي ئانالىز ئىلمىي بايقىغان مۇرەككەپ جەريانلارنىڭ جۇڭگونىڭ قەدىمقى كىتابلىرىدا ئۇچرايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ». ئابدۇقادىر جالالىدىن ماتېرىيالنى ئاساس قىلىپ، سىتاتا شەكلىدە بايان قىلىش زۆرۈر بولغان بۇ مۇھىم مەسىلىنى ئۆزىنىڭ قىياسىغا تايىنىپ، قارىسىغا «ھۆكۈم» چىقىرىپ مۇنداق بىرقانچە خىل خاتالىققا يول قويىدۇ: بىرى، ئۇ «نىسپىيچىلىك» دېگەن بۇ ئوقۇمنى بىلىش نۇقتىسىدىن ئەمەس «نەزەرىيە» نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «نىسپىيچىلىك» دەپ ئاتاش خاتا. ئىككىنچى، «نىسپىيچىلىك پەلسەپىسى» ئەمەس، بەلكى «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى». ئۈچىنچى، «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى»» نى ئېينىشتېيىن لورېنتسنىڭ «ئېلېكترون نەزەرىيىسى» ئاساسىدا تەتقىق قىلغان ۋە 1905- يىلى تۇنجى قېتىم بۇ نەزەرىيىنى كەشىپ قىلغان ۋە دۇنياغا ئېلان قىلغان. شۇنداق بولغاندا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «پسىخولوگ جونگنىڭ x ئەسىردىكى شەرقنىڭ دەرسلىك قوللانمىلىرىدا غەربكە نىسپىيچىلىك پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرغان» دېگەن گېپى پۈتۈنلەي قارىسىغا جۆيلۈگەنلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نىڭ «پسىخولوگ جونگ»، پەيلاسوپ پۇستانىلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ جىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە فىزىكىلىق مەيداننىڭ ھەرىكەتكە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان «فىزىكىلىق نەزەرىيە». تۆتىنچى، «شەرق» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئاسىيا قىتئەسىدىكى چوڭ- كىچىك كىچىك تىن كۆپرەك دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ھۆكۈمى» چە بولغاندا، «نىسپىيچىلىك پەلسەپىسى» نى مۇشۇ 40 نەچچە دۆلەتنىڭ «دەرسلىك قوللانمىلىرىنىڭ» ھەممىسىدە «غەربكە تونۇشتۇرغان» بولىدۇ. ئېينىشتېيىن «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى xx ئەسىرنىڭ 5- يىلى تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئېلان قىلغان تۇرسا، x ئەسىردىكى «شەرقنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا» «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نېمە ئىش قىلسۇن؟ ياكى «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى «شەرق» لىقلەر Ⅹئەسىردىلا كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئېينىشتېيىن ئۇنى «شەرق» لىقلەردىن ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش كۆچۈرۈۋېلىپ «سېنىڭ ئىدى مېنىڭ بولدى» قىلىۋالغانمۇ؟ /.}&yRR
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ گېپىنىڭ داۋامى بولغان «روھىي ئانالىز» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان ئاساسسىز خۇسۇسىي پەرىزى بولۇپ، بۇ شۇنداقلا دەپ قويسا بولىدىغان گەپ ئەمەس. فرېئۇدنىڭ «روھىي ئانالىز توغرىسىدا دەسلەپكى بايان» دېگەن ئەسىرى 1917- يىلى ئېلان قىلىنغان. «روھىي ئانالىز ئىلمى بايقىغان مۇرەككەپ جەريان» دېگەن نېمە؟ ئۇنى كىم بايقىغان ۋە ئۇ قانداق مۇرەككەپ جەريان؟ بۇ «جەريان جۇڭگو» نىڭ قايسى «قەدىمكى كىتابلىرىدا ئۇچرايدۇ؟» بۇ «مۇرەككەپ جەرياننى» فرېئۇد دەسلەپتە «بايقىغان» مۇ؟ ياكى «جۇڭگونىڭ قەدىمقى كىتابلىرىدا» دەسلەپتە بايقالغانمۇ؟ مۇشۇ سۇئاللاردىن «روھىي ئانالىز» توغرىسىدىكى ئاپتور سۆزلىرىنىڭ زادىلا ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى، ئۇنى پەقەت ستاتا شەكلى بىلەنلا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنى ئىشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. |&C.P?q
    ئىككىنچى مىسال. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ھەرىكىتى ، ئىجادىيەت قىممىتى، ئەمەلىيىتى ۋە ئەمگىكىنىڭ ماھىيىتىگە قىلچىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان: «شائىرلار ئىلھام (ئالەملىك ئۇچۇر) نىڭ قۇدرىتى بىلەن بىر دەقىقە ئىچىدە جاكارلىغان ھەقىقەتنى پەن نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە ئىسپاتلايدۇ» دەپ شائىرلارنى بىھۇدە پۈۋلەپ كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇلارنى «قادىر ئىگەم» قىلىپ كۆرسەتكەن، ئەمما بىر «يىڭنە»گە پايلىمايدىغان بىر «كاتتا ھاۋا شارى ھېكمىتى» بار. ئاپتورنىڭ بۇ «ھېكمىتى» دە مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىكى خاتالىقلار بار. بىرى، «ئىلھام» غا «ئالەملىك ئۇچۇر» دەپ مەنە ئېيتقان ئۇقۇم خاتالىقى. يەنە بىرى، «شائىرلار ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ» دەيدىغان نەزەرىيە جەھەتتىكى خاتالىق. ^&.F!
    «ئىلھام (ئالەملىك ئۇچۇر)» دەپ يېزىلغان بۇ گرامماتىكىلىق ئىپادىدىكى ئىسكوپكا ( ) يەنى، ياكى «ئىلھام» دېمەك «ئالەملىك ئۇچۇر» دېمەكتۇر دېگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، «ئىلھام» دېگەن بۇ روھىي ھادىسە ھەرگىزمۇ «ئالەملىك ئۇچۇر» ئەمەس. ئىلھام ئىجادىيلىقى، تاسادىپىيلىقى بىلەن ئىلىم- پەن، جۈملىدىن شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېزدىن مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «تۇغۇت ئانا». ئۇ، ئىختىرا سۇبيېكتىنىڭ ئادەتتىكى ھېس- تۇيغۇسىنىڭ مەستانىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن تەپەككۇر پائالىيىتى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ مۇرەككەپ ئىپادىسى. «نامەلۇم تەسىر تۈپەيلىدىن قوزغىتىلغان جاننىڭ زېھنىي كۈچى». «ئالەملىك ئۇچۇر» دېگەن ئۇقۇمدىكى «ئۇچۇر» يېڭى تېخنولوگىيىلىك سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئاتالغۇ بولۇپ ئۇنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىستېمال مەنىسى «خەۋەر»، «خەۋەر تارقىتىش» دېگەن بولىدۇ. ھازىرغىچە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن جەريانلىرىدا ھەرقانداق بىر «ئۇچۇر» تارقىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ «ئالەملىك ئۇچۇر» دېگەن بۇ يوغان گەپ بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما، بىر- بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدىكى ئالەمنىڭ ماددىيلاشقان تەرەققىيات جەريانىدىكى «ئۇچۇر- خەۋەر» لەرنى تارقاتقاندا تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ «ئالەملىك ئۇچۇر» ئۇقۇمىنى قوللانسا بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرى تاللىۋالسا بولىدۇ. بىراق، بۇنداق ماددىيلاشقان، ئاڭدىن تاشقىرى «ئالەملىك ئۇچۇر» دېگەن نېمىنىڭ تەپەككۇر قىلىۋاتقان ماددىنىڭ ئەڭ گۈزەل «گۈلى» ھېسابلىنىدىغان ئىلھام بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. BV7GzJ2([{
    ئۆزىنى «ئاتاقلىق ئەدەبىياتشۇناس» دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شائىرنىڭ «ئىلھامنىڭ قۇدرىتى بىلەن دەقىقە ئىچىدە ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ»غان، «ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ»غان، «ھەقىقەتنى توغرىدىن- توغرا ئوتتۇرىغا قويىدۇ»غان پەيلاسوپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدىغان ئەدىب ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي قائىدىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ تەئەججۇپلەندۈرىدۇ. G*n5`N@>7
    «كىرپە تىكىنى بىلەن ماختىنىدۇ» دېگەندەك تېخى ئاپتورنىڭ: «شائىرنىڭ دەقىقە ئىچىدە جاكارلىغان ھەقىقىتى» نى «پەن» نىڭ «نەچچە مىڭ يىلدا» ئاران «ئىسپاتلايدىغان»لىقى توغرىسىدىكى مەمەدانە سەپسەتىسى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. پاكىت ئاپتورنىڭ مۇشۇ سەپسەتىسىدىكىدەك بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا دۆلەت، جەمئىيەتنىڭ بايلىقى، جەۋھىرى، تۈۋرۈكى ئالىملار، ئىقتىسادشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىيونلار، ئىختىساس ئىگىلىرى بولماي، بەلكى شائىرلار؛ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قىممەت، بايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلار؛ تەرەققىيات، ئىستىقبالغا، تېزلىشىپ بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي جەريانلارغا سىياسەت خاراكتېرلىك پروگرامما، نەزەرىيە، نىشان بەلگىلەپ بېرىۋاتقانلارمۇ قەغەز يىرتىپ قۇرۇق گەپنى توقۇپ چىقىدىغان شائىرلار؛ خەلقنىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، ئولتۇراق جاي، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلارمۇ شائىرلار بولۇپ قالغان بولمامدۇ؟ شائىرلار راستتىنلا ئاپتور ئېيتقاندەك «پەن نەچچە مىڭ يىلدا» ئاران «ئىسپاتلىيالايدىغان ھەقىقەتنى دەقىقە ئىچىدە جاكارلىۋېتىدۇ» غان «ھېكمەت» چىلەر، «ئەۋلىيا- ۋەلىيلەر»، بەسىر نەزەر «ھۈر- غىلمانلار» مۇ؟ شۇنداق بولىدىغان بولسا، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئەڭ تېز، ئەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سانائەت تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ ئاساسى بولغان ئالەمنىڭ مەركىزى قۇياش توغرىسىدىكى تەلىمات ۋە بۇ ئاساستا تۈزۈپ چىقىلغان ئاسترونومىيە جەدۋىلى، ئالەمنىڭ تارتىشىش قانۇنى، ئىۋكلىد گىئومېترىيىسى، مېخانىكىنىڭ تۈپ قانۇنى، تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار، رادىئاكتىپلىقنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، دولقۇن مېخانىكىسىنىڭ كىشىپ قىلىنىشى،رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسىنىڭ بايقىلىشى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، گاز ھەرىكىتى نەزەرىيىسى، ئاتوم ۋە ئاتوم يادروسىنىڭ بايقىلىشى، مولىكۇلا تەلىماتى، دەۋر قىلىش قانۇنى، كۋانت مېخانىكىسى، گىن ئۇقۇمى قاتارلىق دۇنياۋى مەركىزىي كەشپىياتلارنىمۇ پىتولمى، كوپېرنىك، لاپلاس، گالىلى، نيۇتون، ئېدىسون، ئېينىشتېيىن، قاتارلىق ئالىملار ئەمەس، بەلكى شېكىسپىر، بالزاك، تولىستوي، شولوخوپ، ئېلىئوت، لى بەي، ئەھمەد يەسسەۋى، ئەلىشىر نەۋائى، پېي شاۋ، شۇتىڭ، گۇچىڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىنلار «كەشىپ» قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ كىمدۇر بىرى: «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىگە- ئۆزى بالا تېپىۋېلىشنىڭ سەۋەبى ئۆز- ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ يۈرگەنلىكىدە» دەپتىكەن. «كۆتمەك سۈپۈرگىنى جاندىن ئەتىۋار بىلىپتۇ» دېگەندەك ئابدۇقادىر جالالىدىن «گۇڭگا شېئىرچى» «شائىر»لار ۋە ئۇلارنىڭ كىم ۋە نېمىلەرنىدۇ دوراپ يازغان، گېپى گەپكە ئوخشىمايدىغان «شېئىر» لىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش مىليونلاپ ئىنسانىيەتنىڭ گېلىغا يۇقىرى كالورىيىلىك غىزا، ئۇچىسىغا مودا كىيىم، تۇرالغۇسىغا ئازادە ئۆي، يۈرۈش- تۇرۇشىغا ئاپتوموبىل، ئىلغار ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى تەقلەپ بېرىۋاتقان ئالىملاردىنمۇ ئۈستۈن قويۇپ، ئۇلارنى پەگاغا ئۆزىنى تۆرگە چىقىرىپ كۈلكىلىك ھالدا ماختاپ ئۇچۇرسا؛ ھۆپىگەر، زاسۈيچى، گوروكەش، ئاتقۇچى، دورا پۇرۇچ، ياغاچچى، غالتەكچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئۆزى قوۋىنىپ: «مەن قۇيغان ئۆپكە- ھېسىپنى يادرو فىزىكىسى ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتېيىن (1879— 1955) ، نىلىس بور (1885—1962)، ئېنرىكو فېرمى (1901— 1954) دېگەنلەر مىڭ يىلدىمۇ قۇيالمايدۇ» دەپ پو ئاتسا؛ ئاتقۇچى قوپۇپ: «مەن پاختا ئېتىۋاتقاندا مەشھۇر يۇمشاق دېتال پېشۋاسى بىل گايتىس ئاتقان پاختامغا قاراپ چاپىنىمنى بېقىپ ئاغزىنى ئېچىپ ئولتۇردى» دېسە؛ يەنە بىرى قوپۇپ «ئۈچ ياشلىق ئوغلۇم تەيسىننى بىرنى قويۇپ تېرەكنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ قويدى» دەپ كىرىلسە، ئۇ ھالدا ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ غايىكوي غالتەكچىلەرنىڭ لاپلىرى «ئۆزۈمنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمنى كۆتۈرسەم يەر شارىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەلەيمەن» دېگەنگە ئوخشاش، ياكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە پۇتۇم بىلەن تىرىۋالىمەن دەپ ئۇۋىسىدا پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ئوڭدا ياتىدىغان سۈڭگۈچنىڭ ئەخمىقانە قىلمىشىغا ئوخشاش ئالدامچىلىق بولۇپ قالمامدۇ؟ «كالا پىلنى كۆرمەي ئۆزىنى ھەممىدىن چوڭ چاغلاپتۇ» دېگەندەك ئابدۇقادىر جالالىدىن كونا-يېڭى فرېئۇدىزمنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن تېرىۋالغان بىر يۈدە ئاتالغۇ، سۆز-ئىبارىلەرنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنى xxI ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «ئۇلۇغ شائىر، قالتىس ئەدەبىياتشۇناس»، «پەيلاسوپ»، «گۇڭگا شېئىرچى» لارنىڭ «سەردارى» چاغلاپ، ھەممە يەردە قوماندانلىق كالتىكىنى چۆرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ «قوماندانى»لىق شىرىن چۈشىنى چۈشەكەپ يۈرسە كېرەك. شۇڭا ئۇ ئەدەبىياتنى،بولۇپمۇ «گوڭگا شېئىر»چى شائىر ۋە شېئىرلارنى ئالاھىدە ئەتىۋارلىق، «شىۋىقەدرى»، ھەممىدىن ئېگىزدە تۇرىدىغان «پىلچىشى مۇنارى» ھەممە پەنلەرنى جۈملىدىن پەلسەپىسىنى چۈشىدىغان، قۇدرەت- كامالى تەڭداشسىز «لەۋھۇلمەھپۇز» دەپ قارىسا كېرەك، ئۇنداق ئەمەس. باشقا قەلەم پېشۋالىرى ناھايىتى بۇرۇنلا ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن شائىر ۋە شېئىرنىڭ پەلەكنىڭ چاقىنى كەينىگە بۇرىۋېتەلىگىدەك قۇدرىتى بارلىقىغا ئەسلا ئىشەنمىگەن، ئالاھىدە ئەتىۋارلىق پەن دەپمۇ قارىمىغان. بەلكى ئۇنى تېرىچىلىك، كاۋاپچىلىق، پوستىمىچىلىقتەك باشقا ئۇششاق مەيدە-چۆرە ئىجتىمائىي كەسىپلەرگە ئوخشاشلا «جاھاننىڭ تىرىكچىلىك خاتىرىسى» دەپ قارىغان. پەلسەپە تارىخىدا بەزى داڭلىق پەيلاسوپلارنىڭ: «تەبىئەت پەلسەپىسى چۈشكۈنلىشىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇ مالىماتاڭ، بىلىمسىزلىكنى ئاساس قىلىدىغان ساختا شېئىرىيەتكە ئايلاندى» دېگەن ئاقىلانە باھالىرى بىزنىڭ يادىمىزدا. _~6AUwM
    «زەي سالماي پاختا ئاتقىلى بولمايدۇ» غانلىقى ئۈچۈن ئاپتور جان پىدالىق بىلەن قوغداۋاتقان، پەقەت ئېستېتىكىلىق بىمەنە گەپ ئويۇنىدىن باشقا ئاچقان ۋە ئۇسسىغان يەرگە بارىدىغان ھېچنېمە بولمىغان بۇ كەسىپنى ۋە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «گۇڭگا شېئىرچى» لارنى جەمئىيەتكە ئېھتىياجلىق بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەئىشەت بىلەن يېتەرلىك ھالدا تەمىنلەۋاتقان باشقا بارلىق ئۆتكۈر پەنلەر ۋە پەن ئالىملىرىدىن تەپ تارتماي، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۈستۈن قويۇپ، «ئات مىنىپ ئاتىسىغا باقمايدۇ»غان، ئەقىلنىڭ، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ قابىلىيىتىنى، پەننىڭ بارلىق ئىجتىمائىي قىممەت ۋە بايلىقنى يارىتىدىغان، ھەقىقەتنى بىلىدىغان قابىلىيىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئاڭسىزلىق، بىۋاسىتە سېزىم، چۈش، ئىرادە قاتارلىق قارىغۇلارچە پائالىيەتنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ھەممىنى ھەل قىلىدىغان دورۇستىمى داستان» ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان باشلامچى «سەردار تەشۋىقاتچى»لىقىنى يىغىشتۇرۇپ قويغىنى ياخشى. <6Br]a60RR
    ‹5› & 8e~<
    قانداق ئىرق ۋە مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاقلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پائالىيىتىدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئەمەلىي ۋە روھىي تەجرىبىلىرىنىڭ تىپىك ئومۇملۇق ۋە ئورتاقلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ئىرق ۋە مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە راۋاجلىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ بۇ خىل روھىي تەجرىبە، ئىنتىلىشلىرىنىڭ ئورتاقلىقى ئىچىدە ئىستىخىيىلىك ھالدا شەكىللەنگەن بىر خىل قانۇنىيەت. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، غەربنىڭ مۇدېرنىزملىق ئەدەبىياتى ۋە نەزەرىيىسىنىڭ پايدىلىق، ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۈلگە ئېلىش، ئۆگىنىش ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىش، گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كېرەككى، قوبۇل قىلىش، ئۈلگە ئېلىش، ئۆگىنىشنى نېمە بولسا ئەينەن كۆچۈرۈپ، «كۆرمەيدۇ، بىلمەيدۇ، ئېغىز ئاچالمايدۇ» دەپ ئۆزىنىڭ «ھارام مۈلكى» قىلىۋېلىش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. كۆز، قۇلاق، ئەقىل پەقەت ئىلىم كۆچۈرمىچىلىرى ۋە ئىلىم ئوغرىلىرىغىلا ئاتا قىلىنغان ئەڭگۈشتەر ئەمەس. «دېمىگەننى دېگۈچى، يىمىگەننى يېگۈچى چىققان» دەك، كۆرمىگەننى كۆرگۈچى، بىلمىگەننى بىلگۈچى ھامان چىقماي قالمايدۇ. «قىيىق ئىش قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنىدۇ»، «تېشىلمەيدىغان مۇھاپىزەت كۈنلىكى»، «سۇنمايدىغان قولتۇق تاياق»، «تۆكۈلمەيدىغان ئابروي»، «مۇتلەق نوپۇز» بولغان ئىنسانىيەت تارىخى مەۋجۇت ئەمەس. «ئاش تېرىماي ئاق نان، مال باقماي پاقلان يېيىش»، «كۆچەت تىكمەي مېۋىسىگە ئىگە بۇلۇۋېلىش»، باشقىلارنىڭ «تاھارىتىدە ناماز ئوقۇش» پەن ۋە دىن ئوخشاشلا يول قويمايدىغان كۇپۇرلۇق. ھالبۇكى، ئاتالمىش «گۇڭگا شېئىر» ۋە ئۇنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ «ۋەلىيسى» بولۇۋالماقچى بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىن «ۋەلىيلىك» نى «ۋەلىي» لەرگە خاس ئىجادكارانە خۇسۇسىي قان- تەر ئىختىراسى بەدىلى ۋە پەزىلىتى ئۈستىگە ئەمەس، بۇ خىسلەت ۋە پەزىلەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، نامىنى بۇلغايدىغان تەييارغا ھەييارلىق بەدىلىگە تىكلىمەكچى بولغان، يولۋاس تەييار گۆشنى ئەمەس، ئوۋنى ئۆزى تۇتۇپ، ئۆزى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ يەيدىغانلىقى ئۈچۈن يولۋاس. قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپ قالمىسا، بەرگەننى يېيىشتىن باشقىغا چامى يەتمەيدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن باشقىلارنىڭ: «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە روشەن ئېستېتىك قاتلام ۋە تارىخىي قاتلام شەكىللەندۈرگەن ‹گۇڭگا شېئىر› ۋەكىللىرىنىڭ بىرى»، «ئۇستاز»، «يېتىلىۋاتقان پەيلاسوپ» دېگەندەك «ئوتۇغات»لارنى ئۆزىنىڭ تاقىر بېشىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قاداپ قويغانلىقىنى ئۆزىگە بېرىلگەن «لايىق باھا» دەپ تەن ئالىدىغان بولسا، (بۇنىڭدا شەك يوق) ئۇنداقتا كونا- يېڭى فرېئۇدىزمنىڭ چايناپ تاشلىۋەتكەن «تەييار گۆشى» نى يېيىش، كونا- يېڭى فرېئۇدىزمنىڭ «تاھارىتى» دە «ناماز ئوقۇش» بىلەن «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە روشەن ئېستېتىك قاتلام ۋە تارىخىي قاتلام شەكىللەندۈرگىلى» بولمايدىغانلىقىنى، مۇبادا «شەكىللەندۈرگەن قاتلام بار» دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ «تۇمشۇقى» نى كونا- يېڭى فرېئۇدىزمنىڭ «قاچىسى» غا تىقىشتىن «شەكىللەنگەن قاتلام» ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشى كېرەككى، جەمئىيەتنىڭ «كوچا قاتلىمى» غا تەۋە بولغان ئاۋامنىڭ «بارىكاللىسى» غا مەس- ئەلەس بولۇپ كېتىپ «قاتلامچى ۋەكىلمەن» دەپ «گۇڭگا شېئىرچى» لارنىڭ «ۋەلىسى» لىك ئوتۇغاتى بويۇپ چىقىرىلغان بايرىقىنى شامالغا سېلىپ «چەللىدە ئات چېپىش» قا ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك. «بۈركۈت ئۇۋدا، تۇلپار بەيگىدە سىنىلىدۇ». ئابدۇقادىر جالالىدىن تېخى بىر ھەقىقىي «ئوۋچى» قىياپىتىدە «ئوۋ» غا، بىر ھەقىقىي «بەيگىچى» قىياپىتىدە «ئوبزورچىلىق بەيگىسى» گە چۈشۈپ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە روشەن ئېستېتىك قاتلام ۋە تارىخىي قاتلام» ئەمەس، ئۆز قان- تەرى بىلەن نىسبەتەن نەزەرىيىۋى تۈسى بار بىرەر جۈملە توغرا قائىدىنى شەكىللەندۈرۈپ باققىنى يوق. ئۇ «تۈكى»نى پاخپايتىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىكى «شىرمەت» قىلىپ كۆرسىتىپ، «ئوۋ» ۋە «بەيگە» مەيدانىنىڭ يىراق چېگرىسى سىرتىدا «دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان» بىر «ئەزىمەت ئوۋچى» ۋە «نوچا بەيگىچى» سۈپىتىدە ئالدى كەينىگە «لەپەر» گە دەسسەپ (خاتا زىددىيەتلىك سەپسەتىلەرگە چۈشىلىپ) شاپاشلاپ يۈرمەكتە. دۇنيادا بىرلا ئادەمنىڭ دېگىنى ۋەھىي سۈپىتىدە ھېساب بولىدىغان پەن تارىخى مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس. ئۇنىڭ ھېساب بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، «مالائىكە- ۋەلىي» لەرنىڭ «كالامى» نىڭ «دۇكان» غا چۈشۈپ چۇۋۇپ توقۇلۇشتىن ساق چىققان، «قازان» غا چۈشۈپ قايناپ، «ئوت» قا چۈشۈپ كۆيۈپ جىڭ- ساختىسى، ئەركەك- چىشىسى ئايرىلغان ۋاقتى. مېنىڭچە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كونا- يېڭى فرېئۇدىزمنىڭ «روھ بىرلەمچىلىكى» دېگەن شوئارى قېنىق ھەرپ بىلەن ئويۇپ چىقىرىلغان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش «گۇڭگا شېئىر» لار ھەققىدە يازغان بارلىق ماقالىلىرىدا ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان فرېئۇدىزمچە غەيرى ئەدەبىيات- سەنئەت نۇقتىئىنەزىرى؛ جەمئىيەت تەنقىدى ۋە «ئەسىر مۇھاكىمىسى» ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت قاتلىمى، مەدەنىيەت ئېڭى، ئىجتىمائىي ئورنى، سۈپىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتودوكساللىق كېسەللىكلىرى ھەققىدىكى غەلىتە باھا ۋە ھۆكۈملىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «گۇناھكار مىللەت» نۇقتىئىنەزىرىنىڭ ئاساسى بولغان «گۇناھكار ئۇيغۇر خەلقى»، «گۇناھكار ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، «گۇناھكار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «گۇناھكار زىيالىيلار قوشۇنى»، «گۇناھكار ئۇيغۇر مائارىپى» ھەمدە ھەددىدىن ئاشقان «گۇڭگا شېئىر» گۇپپاڭچىلىقى نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ ئىچ باغرىنى يېرىپ، «دۇكان» غا سېلىپ چۇۋۇپ توقۇپ، «قازان» غا سېلىپ قاينىتىپ، «ئوت» قا سېلىپ كۆيدۈرۈپ باقماي بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ خىل نۇقتىئىنەزەرلىرىدە توغرا نەرسىلەردىن كۆرە بېسىم ئورۇندا تۇرىدىغان سەپسەتە تۈسىنى ئالغان كۆپۈكسىمان بىر تەرەپلىمىلىك ئىنتايىن يۈزە، خاتا خۇلاسىلەر، ھەتتا ئېغىر سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بار. c?[A
    يېقىندا ئۇنىڭ مۇنداق ئېغىر مەسىلىلەر دۆۋىسىدىن قۇراشتۇرۇلغان: «ئەدەبىيات ۋە مەۋجۇدىيەت» دېگەن ماقالىسى ھەققىدە ئۇنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئاقلايدىغان بىرقانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلەر ئىچىدە تاھىر ھامۇتنىڭ ماقالىسى بەلگىلىك توغرىلىق ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە ماقالە بولغان بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدىي ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ھەقىقىي كېسىلىنى تاپالمىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئەدەبىيات» دېگەندە ئۇنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئىزچىل بازارغا سالغىنى پەلسەپىۋى ئاساسى «مۇتلەق روھ»، «روھ بىردىنبىر ئەسلى زات نەزەرىيىسى» ئاساسىغا قۇرۇلغان غەيرى مۇتلەقلىق ۋە غەيرى ئېتىقادچىلىقنى مەركەز قىلغان سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزم، ئېستېتىكىلىق قارىشى مەنچىللىك— «مەن» نى ئىزدەش «ئۆزىنى ئىپادىلەش» «ئەدەبىياتى». مەۋجۇدىيەت دېگەن بۇ تىپىك پەلسەپىۋى ئۇقۇم ھەققىدە ئۇنىڭ ماختاپ جار سالغىنى ئادەمنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرى، تۇيغۇسىغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ماددىي دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەمەس، «ماددىدىن بۇرۇن بولغان، ماددىغا بېقىنمايدىغان مۇتلەق روھ، مۇتلەق ئىدىيە»، «دۇنيا مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم»، «دۇنيا مەن بار دېسەم بار، يوق دېسەم يوق» دەيدىغان يۇم، كانت، گېگېلىزم «مەۋجۇدىيىتى». ئاپتورنىڭ سارترىنىڭ: «پىچاقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ياسايدىغان ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئۇزۇن سۆزىنى مەقسەتلىك ھالدا نەقىل كەلتۈرۈپ: «مەۋجۇدىيەت ئېھتىماللىق، مەۋجۇدىيەتنى ئىگىلىگىلى بولمايدۇ، مەۋجۇدىيەت بايقىلىدۇ، ئىپادىلىنىدۇ، مەۋجۇدىيەت ھېسسىي مەزمۇنغا ئىگە» «ئۇ بىر خىل ئىدىيە، چۈشەنچە، تەشنالىق، سىقىلىش، مەنىسىزلىك» دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتىلىرى بۇنىڭ دەلىلى. @aBZ|8
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئەھۋالى، ئومۇمىي يېتەكچى پەلسەپىۋى ئىدىيىسى، قانۇن، جەمئىيەت تۈزۈمى بىلەن كارى بولمىغان، بەلكى ئۇلارنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا ئالمىغان ھالدا كۆرەڭلەپ «ئەدەبىيات ۋە مەۋجۇدىيەت» ئۇقۇمىنى ئالاھىدە سىياسى ۋە ئىجتىمائىي شارائىت ئاستىدا مەيدانغا چىققان غەرب پەيلاسوپ، ئالىم ۋە پسىخولوگلىرىنىڭ ئىلمىي ماتېرىيالىزىمغا قارشى ئوتتۇرىغا قويغان سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق نەزەرىيىسىنىڭ كاتىڭىغا زورمۇ- زور سۆرەپ ئېلىپ كىرىشكە ئورۇنۇشى ئۇنىڭ ئاڭلىق ھالدا شەكىللەندۈرگەن كۆچۈرمىچىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن ئىنكاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. /X8b=:h
    ئىلىم كۆچۈرمىچىلىكى ۋە ئىلىم ئوغرىلىقىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ۋە ئەخلاقىي ئاساسى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىمۇ يوق. ھالبۇكى، ئۇنۋان ۋە دەرىجە ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان شۆھرەت، مەنسەپ، پۇلنىلا چۈشەكەيدىغان، ھايانى بىلمەيدىغان بىر ئۇچۇم ھارامتاماقلار كەم ئۇچرايدىغان تالانتلارنىڭ توم- توم ئىجادىي ئەسەر، ماقالە، سۆز- ئىبارە، نەزەرىيىلىرىنى قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئاشكارا ئوغرىلاپ «شۆھرەتدار»، «پۇلدار»، «مەنسەپدار» بولۇپ ئىسسىق ۋە ياغلىق بۇلۇڭلاردا گىدىيىپ يۈرمەكتە. بۇ ئىلىم ئوغرىلىرىنىڭ «زاڭ مال» بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم دۆكا ئىلىم ئوغرىلىرى ساختا پاكىت ياساپ ئىلىم ئوغرىلىق قىلمىشىدىن تېنىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسا، بەزىلىرى «مىللىتىم ئۈچۈن كۆچۈردۈم. بۇ دېگەن ئوماق سەۋەنلىك، گۈزەل كۆچۈرمىكەشلىك» دەپ كۆكەمىلىك قىلىپ، «مىللەتپەرۋەر كۆچۈرمىچى» بولۇۋالدى. پاكىت ئالدىدا تىنالماي تۇنجۇقۇپ كەتكەن بەزى ئىلىم ئوغرىلىرىغا بەزىلەر ئۆپكە قېقىپ «كۆچۈرگەن بولسىمۇ ئوبيېكتقا ئۇيغۇن بولسا بولۇۋېرىدۇ» سەپسەتىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ ئىلىم ئوغرىلىرىنىڭ «تۈگمىنى»گە سۇ قۇيۇپ بەرمەكتە. «نەدە قوي ئوغرىلاپتۇ، پاقلان ئىكەنغۇ» دېگەندەك، «يەنى كۆچۈرگىنى كىچىككىنە ئىكەنغۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئۇياتسىز سەپسەتىلەرمۇ ئېقىپ يۈرمەكتە. iT I W;Cv
    «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى» نى دەپسەندە قىلىدىغان بۇ خىل رەڭمۇرەڭ قىلمىش ۋە سەپسەتىلەرنىڭ ئىچ قارنىنى چۇۋۇپ تاشلايدىغان تۇز ۋە لازىدەك تېتىشلىق ھەققانىي ئەدەبىي ئوبزور نۆۋەتتە ساختا «نوپۇز»لۇقلار، ساختا «ئابرويدار»لار، ساختا «ئاقساقال» لار ۋە ساختا «خەيرى- ئېھسانچى»لارنىڭ «ساقىلى» ۋە «نوپۇزى»نى پەش قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈش، ئەرز قىلىش، غوجا ئاكىسىنى ھىمات قىلىش، بېسىم ئىشلىتىش، «مۇقىملىق» نى بۇرمىلاپ دەستەك قىلىشتىن ئىبارەت چىرىك ئىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمى، توسقۇنلۇقى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەكتە. نىسبەتەن ساپلىقى ۋە ئىجادىي مۇستەقىللىقىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى كىرىپ كەتكەن بىر تال قۇمنى ھەيدەپ چىقارمىغىچە قارشىلىقىنى توختاتمايدىغان كۆزدەك بۇ خىل چىرىك ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىمىغىچە تەنقىد قىلىش، ئېچىپ تاشلاش كۈرىشىنى ھەرگىز توختاتمايدۇ. «ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسا، بېشى ئامان بولسۇن» دېگەن ھېكمەتتە «ئېلىش» نىڭ «ئارغامچىسى» نىڭ «ئۇزۇنلۇقى»، ئەمما پىشىپ يېتىلگەن پۇرسەتتە «قەرز» نىڭ چوقۇم ئارتۇقى بىلەن «ئېلىپ» قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. «ساقىلى» نى پەش قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈش، ئەرز قىلىش، غوجا ئاكا ھىمات ھىلىسى بۈگۈن ئاققان بىلەن ئەتە، ئۆگۈنمۇ ئېقىۋەرمەيدىغانلىقى، ئېقىۋەرمەيلا قالماستىن، بەلكى تارىخنىڭ سوت مۇنبىرىگە تارتىپ چىقىرىلىپ كونا- يېڭى ھېسابنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئېلىنىدىغانلىقى تارىخ ئىسپاتلىغان ھەقىقەت. «موللامنىڭ ئوت يېشى» بىلەن «ئېشى» نى ئوخشىتىۋاتقان «قۇشناچىم» لار بۇ ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا ئىشەنسە «تاياق تېگىشتىن بۇرۇن بېشىنى تارتىشى» كېرەككى، «قەلەم ئىشى بىر مەيدان تەۋەككۈلچىلىك»، ئۇ «ئوۋ ئويۇنى»، بۇ ئويۇندا «ياخشى ئولجىلار» ئۇچراپ تۇرىدۇ، دەپ كىشىنىڭ «رىسقى» غا ئاچكۆزلۈك بىلەن چاڭگال سالىدىغان، كىشىنىڭ «تاھارىتى» دە «ناماز» ئوقۇپ «ئىمامەتچى»لىكنى تالىشىدىغان، لولىلىق قىلىپ «ئۇچراپ قالدى» دەپ «يول» دىن، يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ «قول» دىن ئالىدىغان ئېيىپلىق ھۈنىرىنى دەرھال يىغىشتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
  • (5)ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز
    (5) wIgS3K
    $cg cX
    2 E= L8<
    ئوقۇرمەنلەر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماقالىلىرىدىن ئۇنىڭ ماتېرىيال كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش دائىرىسىنىڭ نىسبەتەن كەڭلىكىدىن، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنىڭ يامان ئەمەسلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلسىمۇ، ئەمما يازغان ماقالىلىرىدا كۈچلۈك ئىزچىللىقنىڭ كەملىكى، سىستېمىنىڭ سۇسلىقى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، مەركەزدىن چەتلەش، «يىپ ئاتلاش»، مەسىلىنى پاكىز ھەل قىلماي «شاختىن- شاخقا» سەكرەش— ئۇنى دەۋېتىپ بۇنىڭغا ئۆتۈپ كېتىش، مۇستەھكەم، مۇقىم ئىدىيە، ئىرادە، ئېتىقاد خاراكتېرلىك ئىلمىي نۇقتىئىنەزەر بولماسلىق، ئۇ ماقالىسىدە دېگەن پىكىرلىرىنى بۇ ماقالىسىدە ئىنكار قىلىش، بىردەم ئۇنداق، بىردەم مۇنداق دېيىش، بىر- بىرىگە قارىمۇ- قارشى، زىت پىكىر قىلىپ ئېغىر زىددىيەت ئىچىگە پېتىپ قالىدىغانلىقىدەك كېسەللىكلىرىدىن خۇرسىنىش ھېس قىلىدۇ. qP ,EBE
    بىرىنچى مىسال. ئاپتور: «ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچى كونكرېت جەمئىيەتكە تەۋە بولغاچقا، ئىنسانىيەتكە دائىر بىرەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي قويمايدۇ»، «سېنىڭ يازغانلىرىڭ كىشىلەرنىڭ روھىغا تەگسۇن، ئىز قالدۇرسۇن، ھەقىقىي ھاياتنى تونۇسۇن» دېگەن بولسىمۇ، ئارقىدىنلا «ھالقىما رېئالىزم» چىلارنىڭ ماھارەت ئالاھىدىلىكىگە دائىر تەشەببۇسلىرىنى مەنەن كۆچۈرۈپ كېلىپ: «ئەدىب ئۆز ئەسىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىنى، كىشىلەرنى جەلپ قىلىشنى، كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ئويلىماسلىقى كېرەك. شەيئىلەرنى ئىپادىلەيمەن دەپ زورۇقماسلىقى، ئەكسىچە سەنئەتكە ياتىدىغان ھەر قانداق ساۋاتنى ئۇنتۇپ كېتىشى كېرەك» دەيدۇ. «ئەدىب ئۆز ئەسىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىنى ئويلىمىسا» ئۇ «ئىنسانىيەتكە دائىر ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەت» نىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايدۇ؟ ئەدىب «شەيئىلەرنى ئىپادىلەيمەن دەپ زورۇقمىسا، سەنئەتكە ياتىدىغان ھەر قانداق ساۋات (قانۇنىيەت) نى ئۇنتۇپ ساراڭلارچە جۆيلۈپ بىر نېمىلەرنى دېسە، قانداقمۇ «كىشىلەرنىڭ روھىغا تېگىدۇ» غان، «ئىز قالدۇرىدىغان»، «ھاياتنى تونۇتىدىغان» ئەسەر يېزىپ چىقالايدۇ؟ ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قايسى «سەپسەتىسى» گە سەجدە قىلىپ، قايسى «سەپسەتىسى» گە سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ؟ vQ.R{!",>
    ئىككىنچى مىسال. «شېئىر چۈشكە ئوخشايدۇ»، «شېئىر يېزىش چۈش كۆرۈش دېمەكتۇر»، «شېئىر شائىرنىڭ ئويغاق ھالەتتە كۆرگەن چۈشى»، «شېئىرىي كارتىنا چۈش ئىچىدىكى تۇرمۇش، ياكى تۇرمۇش ئىچىدىكى چۈشتەك ئارىلاشما سەزگۈگە ئىگە». بۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كۆچۈرمە «ئىختىرالىرى» بولۇپ، ئۇ بۇ «ئىختىرا» لىرىنى: «ھەقىقىي بىر پارچە شېئىر قان بىلەن يېزىلىدۇ»، «شېئىردا ئىپادىلىنىدىغىنى ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ ماسلىق شەكلى»، «شېئىردىكى بەدىئىي پەللە قويۇق ھېكمەت تۈسى بىلەن سۇغۇرۇلغان بولۇشى كېرەك»، «بىر پارچە ئەسەرنى پەلسەپىۋى ماھىيەت بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن» دەپ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ «شېئىر چۈشكە ئوخشايدۇ»، «چۈش كۆرۈش دېمەك»، «ئويغاق ھالەتتە كۆرگەن چۈش»، «ئارىلاشما سەزگۈ» دېگەن گەپلىرى توغرىمۇ، ياكى «شېئىر قان بىلەن يېزىلىدۇ»، «ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ ماسلىق شەكلى»، «ھېكمەت تۈسى»، «پەلسەپىۋى ماھىيەت» دېگەن گەپلىرى توغرىمۇ؟ ياكى «قان بىلەن يېزىلغان»، «ھېكمەت بىلەن سۇغۇرۇلغان»، «پەلسەپىۋى ماھىيەت بىلەن سۈپەتلەش» كە بولىدىغان شېئىرلار «چۈش» كە ئوخشايدىغان، «چۈش» كۆرۈۋېتىپ «يېزىلغان»، «ئويغاق ھالەتتە» يېزىلغان «شېئىرلار» بولامدۇ؟ Y-9I3?ar
    ئۈچىنچى مىسال. «شېئىر پىكىرنىڭ مەھسۇلى، ياكى ھامىيسى ئەمەس»، «شېئىر بىر خىل ئىلاھى پائالىيەت». ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ بىر پەشۋاغا يارىمايدىغان بىمەنە سەپسەتە ئىكەنلىكىدە شەك يوق، ئەمما، ئۇ بۇ سەپسەتىلىرىنى: «گۇڭگا شېئىرلار تەسەۋۋۇر قۇرۇلمىسىنىڭ يۇمىلاقلىقى، ستېرېئولۇق زوقلاندۇرۇش كۈچى . . . ماھىيەتلىك ھادىسىلەرنى چىنلىقنىڭ مەلۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى بىلەن نوپۇزىنى تىكلىدى»، «ئەدەبىياتنىڭ ھاياتى كۈچى ئىدىيىۋى سىستېما، ئېستېتىك قاتلامنىڭ بىرلىكىدىن تەركىب تاپىدۇ»، «ئەدەبىيات بىلەن سىياسى بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك»، «بۈگۈنكى شېئىرلار (گۇڭگا شېئىرلارنى دېمەكچى) شېئىرىيىتىمىزنىڭ داۋامى ۋە بىر قىسمى»، «شائىر ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ»، «شېئىر ئىنساننىڭ ئۆز- ئۆزىنى سىزىش قۇدرىتى» دېگەندەك ساناپ تۈگىتىش قىيىن بولغان باشقا بىر «قۇتۇپتىن» تېرىپ كەلگەن باشقا بىر سەپسەتىلىرى بىلەن تولۇق ئىنكار قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىككىنچى مىسالدىكى: «شېئىر ئوبيېكتىپلىق بىلەن سۇبيېكتىپلىقنىڭ ماسلىق شەكلى»، «ھېكمەت بىلەن سۇغۇرۇلغان»، «پەلسەپىۋى ماھىيەت» دېگەن دالالەتلىرىنى قوشساق، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ: «شېئىر پىكىرنىڭ مەھسۇلى، ياكى ھامىيسى ئەمەس»، «ئىلاھى پائالىيەت» دېگەن سەپسەتىلەرنى دىۋەڭلىك، خاتىرىسىدىن يوقىتىش كېسىلىگە دۇچار بولۇپ قېلىپ قىلغان گەپلىرى ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلساق، «تەسەۋۋۇر»، «ستېرېئو»، «ماھىيەت»، «چىنلىق»، «ئىدىيىۋى سىستېما»، «ئېستېتىك قاتلام»، «سىياسى» دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن پۈتكەن «شېئىرىيەت ھۆكمەت» لىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭ ھېلىقى «كېسەل» دىن شىپا تېپىپ قىلغان گېپى ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلالايمىز. ئەمما بىزنىڭ «گۇمان» ۋە «پەرەز» لىرىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۆزىگە قايسى گېپىنىڭ توغرا، قايسى گېپىنىڭ خاتالىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بىردەم «شېئىر پىكىرنىڭ ھامىيسى ئەمەس»، «خۇدانىڭ پائالىيىتى» دەۋاتسا، بىردەم پىكىر ئىدىيىۋىلىك ئارقىلىقلا رول ئوينايدىغان «تەسەۋۋۇر، ستېرېئو، ماھىيەت، چىنلىق، ئىدىيىۋى سىستېما، ھېكمەت، پەلسەپىۋى ماھىيەت» دېگەن گەپلەرنى يۈدۈپ يۈرسە، ئۇنىڭ زادى قايسى گېپى «جىڭ»دا ئولتۇرۇشى، «چاك» بېسىشى كېرەك؟ «گۇڭگا شېئىرلار . . . شېئىرىيىتىمىزنىڭ داۋامى ۋە بىر قىسمى بولىدۇ» غان بولسا، ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ «شېئىرىيىتىمىز» نى: «تاپاۋەت قورالى، تەشۋىقاتنىڭ مۇپەسسەل چاكىرى، ئاسىي، ئالدامچى، ساداقەتسىز، تراگېدىيە، ماڭقۇرتلاشقان» دېگەن ئىدىغۇ؟ ئۇنداق بولسا گۇڭگا شېئىرلارمۇ «تاپاۋەت قورالى، تەشۋىقاتنىڭ مۇپەسسەل چاكىرى، ئاسىي، ئالدامچى، ساداقەتسىز، تراگېدىيە، ماڭقۇرتلاشقان شېئىرىيەت» بولۇپ قالمىدىمۇ؟ HZOMlOZ
    تۆتىنچى مىسال. ئاپتور ئەنئەنە ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان «ئەيىبنامە» لىرىدە ئۆزىنىڭ «كونا رامكىغا قارشى تۇرۇپ، يېڭى رامكىنى تۇرغۇزۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان» لىقى، كونا «رامكىنى چېقىۋەتمىسە بۇرۇنقىلارنىڭ پاجىئەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ تاشلىشى» نىڭ «رېئال گەپكە ئايلىنىپ قالىدىغان» لىقىنى؛ «ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ كونا قەبرىستانلىقنىڭ شەيخى بولۇش ئەمەس» لىكىنى، «ياشلار شېئىرىيىتى» نىڭ تۇنجى «خىتابنامە» سى شەكلىدە تەنتەنە بىلەن جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي: «ياشلار شېئىرىيىتى ‹ئوغۇزنامە›، تاش ئابىدىلەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائى، مەشرەپ، موللا بىلاللارنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان شېئىرىيەتتۇر»، «ئۇلار ھېرمان ھېسسىي ئارقىلىق ئەھمەد يەسسەۋىنى، سان جوس پېرىس ئارقىلىق ئەلشىر نەۋائىنى، قايتىدىن تاپتى» دېدى. بۇ قانداق گەپ؟ «ئوغۇزنامە، تاش ئابىدىلەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائى، مەشرەپ، موللا بىلاللار» «كونا رامكىنى بۇزۇپ، يېڭى رامكىنى تۇرغۇزماقچى» بولغان دەۋرىمىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇستاپا كامال كەبى «ئىسلاھاتچىسى» ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «كونا رامكىسى» ئىچىدىكى «گۇمراھلار» بولۇپ، بۇ «گۇمراھلار» كىرىۋالغان (شەكىللەندۈرگەن) «كونا رامكىنى چېقىۋەتمىسە» ئۇلار ئۇچرىغان «پاجىئە- گە ۋارىسلىق قىلىپ تاشلىشى رېئال گەپكە ئايلىنىپ قالاتتى» ئەمەسمۇ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «كونا رامكىنى چاقىمەن»، «بۇزىمەن» دېگىنى راستمۇ، ياكى «كونا رامكا» نىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭى «رامكا» ئىچىدە كونا كىپىشنى كىيىپ، «يېڭى يولغا» ماڭىمەن دېگىنى راستمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئاۋازى ئۆزگىچە»بولغان، «غەرب مۇدېرنىزم شېئىرلىرىنىڭ تىل، قۇرۇلما جەھەتتىكى يېڭىچە ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن» «كافكانىڭ قەلئەسىگە قاراپ كېتىۋاتقان» «شېئىرنى ئۈزۈك سىزىق، پەرىشتە» دەپ بىلىدىغان، «ھاياتنىڭ ھەقىقىي بازىسىغا قاراپ ئىچكىرىلەۋاتقان»، «ئەدەبىي ھاياتنىڭ تولغىقىدىكى ھەقىقىي ئەدىب»لەرنىڭ «ھېرمان ھېسسىي ئارقىلىق ئەھمەد يەسسەۋىنى، سان جوس پېرىس ئارقىلىق ئەلشىر نەۋائىنى تاپقىنى» نېمىسى؟ دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىدا بىز بىلەن، جۈملىدىن ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن ئازغىنە كەم ئون ئەۋلاد بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان، ناخشا- ئۇسۇللىرىمىزدا، سىنىپ ۋە كافېدرالاردا بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئېغىزدىن چۈشمەي كېلىۋاتقان ئەھمەد يەسسەۋى بىلەن ئەلشىر نەۋائىنى پەيدا بولغىنىغا نەچچە يىللا بولغان «ياشلار شېئىرىيىتى» نىڭ «چاقماق مەسەللىك» ھېكىملىرى سېھىرگەرلىك لاتىسىنى بىرلا چۆرۈپ ئۇلارنى دۇنيادىن غايىب قىلىۋېتىپ، يەنە بىر چۆرۈپ «قايتىدىن تېپىۋالىدۇ» غان «سۇلايمان قالپاق»لىق «شاھى مەردانلار» ئوخشىمامدۇ؟ ئەھمەد يەسسەۋى بىلەن ئەلشىر نەۋائىمۇ «غەرب مۇدېرنىزمچىلىرى شېئىرىيىتىنىڭ تىل، قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، كافكانىڭ قەلئەسىگە قاراپ ماڭغان»، «شېئىرنى ئۈزۈك سىزىق»، «پەرىشتە»» دەپ بىلىدىغان «ئەدەبىي ھاياتنىڭ تولغىقىدىكى ئەدىب» لەرمىدى؟ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۈستىگە قۇرۇلغان»، «قايتىدىن تاپتى» دېگەن سەپسەتىسى ئەمەلىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆزىگە تارتىپ قويغان بىر خىل يىرتىق قارا پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساختا «نەزەرىيە سەپسەتىسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىشىدىكى ھەقىقىي مۇددىئاسى «‹ياشلار شېئىرىيىتى› ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان شېئىرىيەت» دەپ مولۇننى مالائىكە قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت «ئىلىم ئۇستاتلىقى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇبادا تارىخىي پاكىت ئابدۇقادىر جالالىدىن توقۇپ چىققان مۇشۇ «ئىلىم ئۇستاتلىقى» دەك بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئەھمەد يەسسەۋى بىلەن ئەلشىر نەۋائىدىن ئىبارەت بۇ شېئىرىيەت شەمشەرلىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى «كاپكانىڭ قەلئەسىگە قاراپ كېتىۋاتقان» «ياشلار شېئىرىيىتى» «ھېكىم» لىرىنىڭ «شېئىر» لىرىغا ئوخشاش «مەزمۇن ئاسارىتى، شەكىل قانائىتىدىن قۇتۇلغان»، «ئاڭسىز ھالدا يېزىلغان»، «چۈشكە ئوخشايدۇ» غان، «ئۆزىنى ئىپادىلىگەن»، «ئاڭسىزلىقنىڭ پائالىيىتى گەۋدىلىك بولغان»، «ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالەتكە قايتىشتىن بەلگە بەرگەن»، «تۇراقلاشقان شەكىل چۈشەنچىسىدىن ئازاد» بولغان «دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن» شېئىرىيەت؛ بۇ ئىككى زاتنىڭ ئۆزىمۇ، پسىخىكىسىمۇ ئۆزىدىن ياتلىشىپ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن، «ئۇرۇقى بۇزۇلغان قوغۇندەك يا ئەجدادىغا، ياكى يېڭى سورتقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغان»، «بەندەئىي گۇمراھلار»بولۇپ قالغان بولمامدۇ؟ «ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ، يېنىپ چۈشەر يۈزۈڭگە» دېگەندەك ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ئاسمىنى بولغان بۇ ئىككى زاتنى ئىپادىلەش ماھارىتى جەھەتتە ئېستېتىكىنىڭ، گرامماتىكىنىڭ، ئىستىلىستىكىنىڭ قائىدە، مىزانلىرىنى چۆرۈۋېتىپ قانۇنىيەتسىز «ئاجايىپلىق» قا بېرىلىپ خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان، يازغان بىرنېمىلىرىنىڭ پىكىر- مۇددىئاسىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان «ياشلار شېئىرىيىتى» «ھېكىم» لىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇۋالغانلىقى بۇ ئىككى زاتقا قىلىنغان كەچۈرگۈسىز ھاقارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىجادىيەت پاكىتلىرى ئۆزىگە قىلىنغان بۇ ھاقارەتنى پەتنۇسقا سېلىپ ھاقارەت قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا ئەينى بويىچە قويۇپ قويىدۇ. چۈنكى ئەھمەد يەسسەۋى بىلەن ئەلشىر نەۋائى: «قولۇمنى ئاسمانغا سوزدۇم ئاسماننىڭ دىئامېتىرى بولۇپ قالدىم ھەر نۇقتام ھەسەن- ھۈسەنگە ھامىلىدار ئۇزارت مەنزىلىڭنى قوپ ئورنىڭدىن ئۆرە تۇرۇپلا ھەممىنى بىلىپ قالىسەن . . . تىمتاس دۇنيا بۇ كۆزۈڭ نېمىشقىدۇ يېقىپ قويۇلغان تاپشۇرۇق يوق دېسەڭمۇ ئىشلەت ئۇنى رىتىمىمدە تەڭرىنىڭ پەرمانى بار قاپىيىسىز يىراقلايمەن قىرغاقتا ئۆزەمنىڭ يۈتكىنىممۇ راست مېنى شەكىل ئۇپۇغى تۇغسۇن كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئىشتىھا كېرەك» دېگەندەك ئەقىلگە يات، گرامماتىكىلىق قائىدىلەرگىمۇ بويسۇنمىغان، بىر- بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان، بىر- بىرى بىلەن باغلانمايدىغان بىمەنە سۆز بۆلەكلىرىنى خۇددى شۇنداق بىمەنىلىك بىلەن بىر-بىرىگە چېتىپ «مانا بۇ شېئىر» دەپ ئۆزىمۇ كولدۇرلاپ، ئوقۇرمەنلەرنىمۇ كولدۇرلىتىپ يۈرمىگەن. Y0> @vTUX
    بەشىنچى مىسال. ئابدۇقادىر جالالىدىن سارترى ۋەكىللىكىدىكى غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ «روھ بىرلەمچى» لىكى پەلسەپىسىنىڭ مەۋجۇدىيەت توغرىسىدىكى ئەرۋاھىغا دوست تارتىشىپ بەرگەن: «ئەدەبىيات ۋە مەۋجۇدىيەت» دېگەن ماقالىسىدە: «xx ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىنسان ماھىيىتىدىن يىراقتا قالدى ۋە تارىخىي شارائىتنىڭ داشقاللىرىغا ئايلاندى، ئەنئەنىدىن ياتلاشتى، پاجىئەلىك ماڭقۇرتلىشىشتىن بېشارەت بەردى . . . ئۆزلىرىنى ئەدىب دېيىشىۋالغان بىر توپ گۇمراھلار ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، زورلاپ تېڭىلغان شاللاندىلار ئۈستىگە دەسسەتتى. . . . ئاللىبۇرۇن كۆيۈپ ئۆچكەن مەشئەللەرنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆزلىرىنى دانكۇدەك ھېس قىلىشتى . . . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىدە بولمىغان مەنتىقە بىلەن چۈشەندۈرۈلدى» دەپ سېسىق تىل-ھاقارەت بىلەن بېزەلگەن «شەپقەتسىز مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنىڭ ئاپتورىنىڭ رومان، ھېكايە، پوۋېستلىرى ۋە «دولان ياشلىرى» ھېكايىسىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدە: «بۇ رومان تارىخنىڭ كۇتۇپخانىسى، تارىخ ئەسلىيەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكى شولىسى، ئۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ ئارزۇ تارىخى (مۇنداقمۇ تارىخ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويۇش كېرەك!)، مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەجرىبىسىنى، ئەيسا روھىنى، مەنىسىزلىككە قارشى يۇمۇرلارنى كۆرىمىز. مىللەت تارىخى ئاپتورنىڭ كۆزىدىن دومىلاپ چۈشكەن»، «تارىخ تۇيغۇسىغا چۆمدۈم، شەرق دانىشمەنلىرىنىڭ سىماسى ئىپادىلەنگەن. بۇ رومان بۈگۈنگە دارتمىلانغان تارىخ ئەپسانىسى، پېرسوناژلار يەككە قاتلاملىق خاراكتېرگە ئىگە، مەسەلچە پروزا، ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ خاس مىللىي تىپىنىڭ بىخى، مۇستەقىل ئۇيغۇر رومانى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان، ئۇيغۇر ئىپوسچىلىقىنىڭ زامانغا خاس ۋارىيانتى، شائىرانە دۇنيا، لىرىك تۈس ئۆزلەشكەن، يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تەنقىدىي رېئالىزمنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئەدىب، ئىجادىيەت تېما دائىرىسى كەڭ»؛ «قۇم باسقان شەھەر» دىكى سۈپۈرگە «ئەركىن سەيياھ، پەيلاسوپ، سوقرات، شاھ مەشرەپ ئىدى»، «مەئىشەتنىڭ ھەيكىلى ئىدى»، ئۇ «ئەركىنلىك پەلسەپىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىدى»، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى ئېلېمېنتلارنى پوئېتىك رەڭ، پەلسەپىۋىلىك، تېرەن ئىجتىمائىي مىننەتدارلىققا ئىگە قىلغان»، «ھايات ئۇپۇقلىرىنىڭ ھەممە يېرىگە قانات يايغان»، «مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ جەۋھەرلىك ۋە نازۇك تەرىپى»، «ئېستېتىك ئىزدىنىش»، «پروزا مەكتىپىگە ئوخشايدۇ»، «ئىمزاسىنى قويمىسىمۇ تونۇۋالغىلى بولىدىغان ئۇسلۇبنىڭ دۇنياغا كېلىشى»، «سىرلىق تۈس ئالمىغان شەيئى ۋە ھادىسىلەر كەم»، «پېرسوناژلىرى ئالىيجاناب، سۆيۈملۈك»، «ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانىڭ قابىللىقىنى كۆرەلەيسەن» دەپ ھېلىقى «شەپقەتسىز مۇلاھىزىسى» نىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىنكار قىلىدۇ. بىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئالدىنقى «ھۆكۈمى»نى قولباغلاپ قوبۇل قىلامدۇق ياكى كېيىنكى «ھۆكۈمى» نىمۇ؟ «تارىخنىڭ كۇتۇپخانىسى»، «مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەجرىبىسى»، «ئەيسا روھى»، «مىللىي تىپنىڭ بىخى»، «ئۇيغۇر ئىپوسچىلىقىنىڭ ۋارىيانتى»، «يۇقىرى سەۋىيە»، «ھاياتنىڭ ھەممە يېرىگە قانات يايغان»، «مەنىۋى ھاياتنىڭ نازۇك تەرىپى»، «پروزا مەكتىپى»، «پېرسوناژلىرى ئالىيجاناب، سۆيۈملۈك» بولغان ئەسەرلىرى بار «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» نى قانداقمۇ «ئىنسان ماھىيىتىدىن يىراقتا قالغان»، «داشقال»، «ياتلاشقان»، «پاجىئەلىك ماڭقۇرتلاشقان» ئەدەبىيات دېگىلى بولىدۇ؟ شۇنداقلا «تەنقىدىي رېئالىزمنى ھەقىقىي چۈشەنگەن»، پېرسوناژلىرىنى «سەيياھ»، «پەيلاسوپ»، «سوقرات»، «شاھ مەشرەپ» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن، «ئىمزاسىنى قويمىسىمۇ تونۇۋالغىلى بولىدىغان ئۇسلۇب» ياراتقان ئەدىبلەرنى قانداقمۇ «بىر توپ گۇمراھلار» دېگىلى بولىدۇ؟ ياكى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ كۆككە كۆتۈرگەن ھېلىقى «ئەدىب» لەر «xx ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» نىڭ ئەمەس، بەلكى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كەينىدىن دۇمباق چېلىپ «كافكانىڭ قەلئەسىگە قاراپ ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان» xxI ئەسىر «ياشلار شېئىرىيىتى» نىڭ «نۆكەرلىرى» مىدى- يە؟
  • (4)ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز

    ئاپتور يۇقىرىقى «سەپسەتە» لىرىنىڭ تۈگەنجىسى سۈپىتىدە: «ياشلار شېئىرىيىتى . . . شېئىرىيەتنى ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالەتكە قايتۇرۇش ھەرىكىتىدىن بەلگە بەردى» دەپ «ياتلىشىش» تىن ئىبارەت بۇ تىپىك پەلسەپىۋى ئوقۇمنى كۆتۈرۈپ چىققىنىدا، ئۇ، ھەرگىز ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشىنى ئەمەس، بەلكى ناھايىتى روشەن ھالدا جەمئىيەتنىڭ «ياتلىشىشى» نى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇنىڭ «ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالەت» دېگىنى ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا، 1980- يىللاردىن، يەنى ئاتالمىش «ياشلار شېئىرىيىتى» دېگەن نېمە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى دېھقانچىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئون مىڭ يىللاپ ھۆكۈم سۈرگەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۆرەپ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە تايىنىپ قورساق بالاسىدا قالغان، ئۈستقۇرۇلما ساھەسىدە بىر- بىرىگە ھالقىسىمان ئۇلىنىپ ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىدىيىۋى كۈرەشنىڭ قۇدرەتلىك دولقۇنى «ئاممىغا ئىشىنىش، ئاممىغا تايىنىش» نى «ئاممىدىن گۇمانلىنىش، ئاممىنىڭ ئەدىپىنى بېرىش» كە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان، «جىن- شەيتان»، «سېسىق توققۇزىنچى» لەر ھەممىلا يەرنى قاپساپ كەتكەن «ھالەت» بولۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ھۆكۈمىچە، بۇلار جەمئىيەتنىڭ «ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالىتى» ئىكەن. ئاپتور «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار» دېگەن ماقالىسىدە «بۇ ھەقىقىي ھالەت» نى: «مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆلدى، مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياماق چاپان، ياماق ئىشتان كەيگەن ھالدا قەھرىمان بولدى» دەپ نەتىجىلىگەن. ئاپتوردىن سورىماي بولمايدۇكى، يۇقىرىقىلار «ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالەت» بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئاتالمىش «ياشلار شېئىرىيىتى» پەيدا بولغان 1980- يىلدىن كېيىنكى جۇڭگو جەمئىيىتى «ياتلاشقان» جەمئىيەت بولۇپ قالمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتنىڭ نېمىسى، قانداق «ياتلاشقان»؟ مۇبادا ئاپتور 1980- يىلىدىن كېيىن دېڭىز بويى ئالاھىدە رايونلىرىنى بويلاپ ھازىرغىچە كۆرۈلمىگەن بىر سۈرئەت بىلەن ئىلمىي تېخنولوگىيىلىك جەريان ۋە مۇلازىمەت ئىگىلىكىگە قاراپ يۈكسىلىپ بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان ئاجايىپ- غارايىپ ئىجتىمائىي يېڭىلىقلار، ئۆزگىرىش ئىچىدە تېزلىشىپ بېرىۋاتقان شەھەرلىشىشنى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي جەريانلار، پارچىلىنىۋاتقان جەمئىيەت مۇئەسسەسەلىرى، شىركەتلىشىش، ئاچكۆزلۈك، ئىجتىمائىي ئۇششاق مەزھەپلەر، تۇغۇلغان يۇرت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ سۇسلىشىپ تويغان يەرگە تارتىشىشى، يېڭىچە كۆچمەنچىلىك، جىسمانىي بۇلغىنىش، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كېلىپ چىقىۋاتقان مەنپەئەت توقۇنۇشى، مىللىي، ئىرقىي نىزا، ئۆسمۈرلەر قاتلىمىغىچە كېڭىيىپ بېرىۋاتقان جىنايەت، كېسەللىك، ھۇزۇر- ھالاۋەت، بايلىققا دۈم چۈشكەن ئاز ساندىكى ئىمتىياز ئىگىلىرىنىڭ پسىخولوگىيىلىك چىرىكلىشىشى، «دورا» كار قىلمايۋاتقان بيۇروكراتلىق، چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىغا چىققان كانتچىلىق، گېگېلچىلىق تەرەپدارلىرى ۋە ئەشەددىي مەدرىس دىندارلىرىنىڭ ئەقىلنى چەتكە قېقىش، ئىلاھكويلۇق، روھچىلىق، ھېسسىياتچانلىق، ئاڭسىزلىقنى كۆككە كۆتۈرۈشى، يوققا چىقىۋاتقان ئىززەت- ھۈرمەت، دىندارلىققا كۆچۈۋاتقان ئىلىم- پەن قىزىق نۇقتىسى، ئالدامچىلىققا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان تىجارەت، جاز مۇزىكىسى مالىماتاڭچىلىقى، قويمىچىلىق، ئېشىپ بېرىۋاتقان زىناخورلۇق قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئالمىشىش دەۋرىدىكى يىغىندا كىر تۇڭرلىرىغا ئاپتور ئۆزىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتىلغان «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار» ماقالىسىدىكى شەكلەن ھادىسىلەرنى قوشۇپ، «مانا بۇ جەمئىيەتنىڭ ياتلىشىشى» دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ تارىخىي خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇ «يىغىندا كېسەللىكلەر» جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى ئاستىدىن توزىغان «چاڭ- توزان» لار بولۇپ، ئۇ ھېچقاچان جەمئىيەتنىڭ ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ «ياتلاشقان» لىقىنىڭ پاكىتى بولالمايدۇ. «ياتلىشىش» دېگەندە نەرسە (شەيئى) (روھ ۋە روھىي ھادىسىلەرنىڭ ئەمەس) نىڭ ئۆزگىرىپ ئۆزىگە قىلچىمۇ ئوخشىمايدىغان، ئىلگىرىكى بارلىق تۇرق، سۈپەت ۋە ساپاسىنى ئۆزگەرتىپ غەيرى نەرسىگە، ھەتتا ئۆزىگە تامامەن قارشى نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ماركس «ئىقتىسادشۇناسلىق قوليازمىسىغا مۇقەددىمە» دە ياللانما ئەمگەكنى تەھلىل قىلغاندا «ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى» دېگەن ئوقۇمنى ئىشلەتكەن. ئەمما جەمئىيەتتە، جەمئىيەت ئەزالىرىدا «ياتلىشىش» بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن. ماركس «ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى» دېگەندە، بۇنداق «ياتلىشىش» نىڭ پەقەت كاپىتالىستىك تۈزۈم شارائىتىدىلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى، بۇ تۈزۈمدە ئىشچىلار ئەمگىكىنىڭ بارلىق ياراتمىشلىرىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىغا نىسبەتەن يات كۈچكە، كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھوقۇق كۈچىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنى «ياتلىشىش» نىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق توغرا شەرھى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما پەلسەپە، ياكى ئىقتىسادشۇناسلىق تارىخىدا «ياتلىشىش» ئۇقۇمىنى بىرىنچى بولۇپ ماركس ئەمەس، ئوبيېكتىپ ئىدېئالىست گېگېل ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ «ياتلىشىش» دېگىنى مۇتلەق روھ (تەڭرى روھى) نىڭ ئۆزىدىن «ياتلىشىشى» غا، يەنى تەڭرى روھىنىڭ ئۆزىنىڭ قارىمۇ- قارشى نەرسىسىگە ئايلىنىشىغا قارىتىلغان. بۇ ئەلۋەتتە، چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر گادىرماچ نەزەرىيە. ھالبۇكى، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ياتلىشىش» دېگىنى جەمئىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلما ساھەسىدىكى ھاۋا پۈۋەكچىلىرىدەك لەيلەپ يۈرگەن ئىنتايىن پۇچەك، چۇكىنەم، ۋاقىتلىق، شەكلەن ھادىسىلەر بولۇپ، ئۇ ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن يا ماركس، يا گېگېل ئوتتۇرىغا قويغان «ياتلىشىش» ئۇقۇمىنىڭ روھىغا قىلچىمۇ يېقىن كەلمەيدۇ. 4qLH3I[Y
    شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، يېقىندىن بۇيان ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش ئايرىم بىلەرمەنلەر ماركسىزم، ماتېرىيالىزم، ئىدېئالىزم دېسە دىمىغىنى قاقىدىغان، فرېئۇد، سارترى، بېرگسون، كېركىگارت، كوندىرا دېسە 50 يىل بۇرۇن كېپەنلىنىپ كەتكەن ئانىسى بىلەن دادىسى تىرىلىپ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ بوسۇغىسىدا پەيدا بولغاندەك جېنى ياشىرىپ جاۋغىيىدا كۆپۈك قاينىتىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دالالەتلىرىچە ماركسىزممۇ دۇنيادىكى رەڭگارەڭ ئېقىملار ئىچىدىكى بىر ئېقىم ئىمىش. شۇڭا ماركسىزم دېسە مىيىقىدا كۈلۈپ «خىخ» دەپ دىمىغىنى قېقىپ قويسىلا بولارمىش. ماركسىزمنىڭ دۇنيادىكى رەڭگارەڭ ئېقىملار ئىچىدىكى بىر ئېقىم ئىكەنلىكى راست. ئەمما بىزنىڭ توغرا ئېقىم دەپ قوبۇل قىلغىنىمىز «گېگېلىزم»، «فرېئۇدىزم»، «سارترى ئىزم» ۋەھاكازالار ئەمەس، بەلكى ماركسىزم بولغان ئىكەن، ھېچبولمىغاندا مولجاللانغان ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋرلەرگىچە ھەر قانداق بىر شەخس، ياكى نەزەرىيىنى «ئىجادىيەتنىڭ كۈشەندىسى، بىزگە نەزەرىيە كېرەك ئەمەس» دەپ خۇدىنى يوقىتىپ ئەسەبىيلىك بىلەن سەكرەپ چىققان «يۈرەك ئېقىمى نەزەرىيىچىسى» باتۇرلىرىنىڭ بۇ ئېقىم ھەققىدە ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپ ئىغۋا تارقىتىشىغا ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق. ئۇ دۆلەت ماشىنىسىدىن ئىبارەت تەڭداشسىز كۈچنى ئارقا تېرەك قىلغان، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھاپىزەت كۈنلىكى ئاستىدىكى قۇدرەتلىك بىر خىل «ئىزم». SXm Hn.?
    ئابدۇقادىر جالالىدىن: «شائىر مىللەتنىڭ ياتلاشقان پەرزەنتلىرى بەئەينى ئۇرۇقى بۇزۇلغان قوغۇندەك ئەجدادلىرىغا ئوخشىمايدىغان، ياكى يېڭى سورتقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەلمەيدىغان غەلىتە قىياپەتتە بولىدۇ»، «چۇۋۇپ توقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ ئىنسان خاراكتېرى ۋە مەدەنىيەتتىكى ياتلىشىش ھادىسىسىنىڭ پەلسەپىۋى مۇجەسسىمىگە ئايلانغان» دېگىنىدە «پەلسەپىۋى مۇجەسسەم» دېگەن بۇ قەغەز قالپاقنى پۇلاڭلىتىپ جەمئىيىتىمىزدىكى ئادەملەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەتتا مەدەنىيەتنىڭ «ياتلاشقان»لىقى ھەققىدە گەپ ساتقان بولسا، « xx ئەسىر ياتلىشىشىنىڭ بۆھرانلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان ئەسىر بولدى»، «ئەسەردىكى كونا پوپايكىنى چۇۋۇپ توقۇش . . . بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ ياتلىشىشىنىڭ ماھىيەتلىك كۆرۈنۈشى»؛ «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى بۇلغانغان ۋە ياتلاشقان ئەدەبىيات دۇنياسىدا سەر خىللارنى قۇتقۇزۇشى كېرەك»، «ئاپتور ياتلىشىش ئۈستىدە بىر قارار چىقارمايدۇ» دېگىنىدە، جەمئىيەت ۋە ئەدەبىياتتىكى «ياتلىشىش» نىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئاتالمىش «ياتلىشىش» ھەققىدە يېڭى دەۋر ئىقتىسادشۇناسلىرىمۇ ئاغزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايدىغان قورقۇنچلۇق يوغان گەپنى كۆتۈرۈپ چىققان. G' a{;3
    «ئۇلار ماركسنىڭ ياتلاشتۇرۇلغان . . . مەھسۇلى بولمىش كونسپىكلەرنى ئىگىلەش بىلەن دوگماتىزمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان». بۇ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ياتلىشىش» ھەققىدىكى ئۇچىغا چىققان بىمەنە سەپسەتىسىنىڭ ئەڭ تۇترۇقسىز، كارىكاتۇرىلىق تۈسكە ئىگە شەرھى بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن جەمئىيەت، ئىنسان، ئىنسان روھىي، ئەدەبىيات، مەدەنىيەتنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىنچە «ياتلاشقان» لىقىنىلا ئەمەس، ھەتتا دەرسلىك، «كونسىپىك» لارنىڭمۇ «ياتلاشقان» لىقىدىن ئىبارەت «مۆجىزانە» بىلىمگە ئىگە بولالايمىز. ;kiL`K
    توققۇزىنچى، «ئىدراك» ئۇقۇمى. q.g0Oz@ z
    بۇ، ئاپتور «ياتلىشىش» ئۇقۇمىغا ئوخشاش ھەم كۆپ، ھەم خاتا قوللانغان پەلسەپىۋى ئۇقۇملارنىڭ بىرى. ئاپتور «شېئىرىيىتىمىزدىكى ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن ماقالىسىدە: «ئادەمنىڭ ئىدراكقا يات بولغان تەبىئىتى ئىدراكقا يات شەكىل بويىچە ئەكس ئېتىدۇ ھەم چىنلىققا ئىگە بولىدۇ، ئەمما ئىدراكقا يات بۇ خىل شەكىل ئىدراكنىڭ مەزمۇنىغا ئىگە» دەپ گەپدانلىق قىلدى. ئاپتور بۇ يەردە شۇ قەدەر پەلسەپە ساۋاتسىزلىقى بىلەن گەپ يورغىلاتقانكى، ئۇ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت بىر- بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۈرىدىغان ئىككى ياقلىمىلىقتىن تەشكىل تاپقان ئادەم تەبىئىتى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئىدراك دەپ ئاتىلىدىغان تۇيغۇ بىلەن سەزگۈنى ئەكس ئېتىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىكى ئوبيېكتى نامەلۇم بولغان پائالىيەت بىلەن بىر- بىرىگە زورمۇ- زور چېتىپ تۆۋەندىكىدەك بىر مۇنچە ئورۇنسىز خاتالىقلارغا يول قويىدۇ: بىرى، ئاپتورنىڭ ئاتالمىش «ئىدراك نەزەرىيىسى» چە بولغاندا، ئىدراك ئادەمنىڭ تەبىئىتى (مىجەزى، خاراكتېرى) نى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم. ئادەمنىڭ تەبىئىتى «ئىدراكقا يات بولغان ۋە ئىدراكقا ماس بولغان تەبىئەت» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنداق بولسا، بىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باسقۇچى بولغان ئىدراك قانداق قىلىپ ئادەمنىڭ مۇرەككەپلىكتە تەڭدىشى بولمىغان، پەقەت ھېس قىلغىلىلا بولىدىغان تەبىئىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالغان؟ ئىدراك ئۇنى نېمىسى بىلەن قانداق ئۆلچەيدۇ؟ ئىدراك ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئاڭسىزلىق»، «روھپەرەسلىك»، بىرىكمە راسكالىقى بىلەن قۇيۇپ چىقىرىلغان «ئىستانوكى» دا ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيىلىك ئۇسۇل بىلەن لايىھىلەپ چىقىلغان ئادەم «تەبىئىتى» نى ئۆلچەيدىغان ئوپتىكىلىق زامانىۋى «ئۈسكۈنە» مۇ، ياكى تەجرىبىدىن تاشقىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان رەمباللىقمۇ؟ ئادەمنىڭ تەبىئىتى قانداق بولۇپ ئىدراكتىن ئىبارەت بۇ غەلىتە «ئۈسكۈنە» دە ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئوبيېكتىپلىق بولۇپ قالغان؟ شۇنداقلا ئىدراك دېگەن بۇ نەرسىنىڭ «شەكلى» نېمىگە ئوخشايدىغان شەكىل؟ ئۇ شەكىل قانداق بولۇپ «ئىدراكقا يات شەكىل» بولۇپ قالغان؟ ئادەمنىڭ «ئىدراكقا يات بولغان تەبىئىتى» «ئىدراكقا يات بولغان» بۇ «شەكىل» بىلەن ««ئەكس ئېتىدۇ» غان بولسا، «ئادەمنىڭ» سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق سەزگىلى بولمايدىغان «تەبىئىتى» قانداق بولسا سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق سەزگىلى بولىدىغان «ئىدراكقا يات تەبىئەت» بولغان بولىدۇ؟ «ئادەمنىڭ بۇ تەبىئىتى ئىدراكقا يات بولغان» ئىكەن «ئىدراكقا يات بولغان تەبىئەتنىڭ» ئىدراكقا ماس بولغان تەرىپى بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ئۇنداق بولسا «ماس بولغان بۇ تەبىئەت» قانداق نەرسە؟ «ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئىدراكقا يات» بولدى نېمە، ماس بولدى نېمە؟ يەنە بىرى، «ئادەم تەبىئىتىنىڭ ئىدراكقا يات ئەكس ئەتكەن شەكلى» (ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئادەم تەبىئىتىنىڭ قانداقمۇ شەكلى بولسۇن؟) نېمىگە ئوخشايدىغان قانداق شەكىل؟ بۇ «شەكىل» دە «ئەكس ئەتكەن چىنلىق» نېمىنىڭ، قانداق چىنلىقى؟ بۇ شەكىل قانداق بولۇپ «ئىدراكقا يات شەكىل» بولۇپ قالغان؟ «يات بولغان شەكىلنىڭ» يەنە «ئىدراكنىڭ مەزمۇنىغا ئىگە بولغىنى» نېمىسى؟ گەپدانلىقمۇ لايىقىدا، ئەقىل قوبۇل قىلغۇدەك،چاك باسىدىغان بولغىنى ياخشىكى، يانچۇقۇمدا ئىككى تۇخۇم بار ئىدى، ئۇ چۈشۈپ قاپتۇ، لېكىن ئۇ تۇخۇم يانچۇقۇمدا بار دېگەندەك ساختىلىق بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان، ياكى كانتىزمنىڭ «ھە، ھە، ياق، ياق» شەكلىدىكى كىشىنى كولدۇرلىتىدىغان بىمەنە قۇرۇق گەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. 58.b@@T
    — «ئىدراك بىلەن ئانتى ئىدراك بىر- بىرىگە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.» بۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماركسنىڭ: «ئىدراك مەڭگۈ مەۋجۇت، لېكىن ئۇ ئىدراك ھالىتىدە مەڭگۈ تۇرۇۋەرمەيدۇ» دېگەن سۆزىگە «مەنە» ئېيتىپ توقۇپ چىقىرىۋالغان بىر خاتا خۇلاسىسى. ئاپتورنىڭ بۇ «خۇلاسىسى» نىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاپتورنىڭ ھەرقانداق بىر پەلسەپە لۇغىتىدە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان «ئانتى ئىدراك» دېگەن غەلىتە گەپنى ياساپ چىقىپ، تېخى ئۇنىڭغا «ئاڭسىزلىق» دەپ تەبىر بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئېلىشىنى سورايمەن. بىز يۇقىرىدا بىر- بىرى باغلىنىپ، بىر- بىرىگە ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تۇيغۇ بىلەن سەزگۈنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئىدراك دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق. ماركس: «ئىدراك مەڭگۈ ئىدراك ھالىتىدە تۇرۇۋەرمەيدۇ» دېگەندە بىلىشنىڭ پەقەت ئىدراك باسقۇچىدا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، ئەقلىيلىككە كۆتۈرۈلمىسە شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. ماركسنىڭ گېپىدە نەدىمۇ «ئانتى ئىدراك» (ئىدراكقا قارشى) دېگەن ئۇقۇم بار؟ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماركسنىڭ سۆزىنى «چەككىلەپ» چىققان ھېلىقى «خۇلاسىسى» نىڭ خاتالىقى شۇ يەردىكى، بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى بولغان ئىدراك بىلىشنىڭ باسقۇچلۇق جەريانىدا بىردەم «ئاڭسىزلىق» قا، بىر ئىدراكقا ئۆزگىرىپ «لەپەر» گە دەسسەپ تۇرىدۇ، دېگەن «تېئورېما» نى «كەشىپ» قىلىپ چىققانلىقىدا. ئاپتور شۇنى چۈ- شىنىشى كېرەككى، «يىغىنچاقلاش، يېشىش، تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشتىن» ئىبارەت ئىدراكى پائالىيەتتە «ئاڭسىزلىق»، «لەپەر» گە دەسسەشتىن ئىبارەت ساراڭلىق پائالىيىتى بولمايدۇ. ^bDh[O
    ئاپتورنىڭ: «قەدىمقى زاماندىكى كىشىلەر تەبىئەت ھادىسىلىرىغا نىسبەتەن ئانتى ئىدراك بويىچە قارىغان»، «توتېملارنىڭ ئۆزىمۇ ئانتى ئىدراكلىق تەسەۋۋۇردىن كېلىپ چىققان»، «ئىدراك شەكلىدىكى تەھلىل باسقۇچىمۇ ھېسسىياتلىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن يۈرگۈزۈلىدۇ»، «شېئىرنىڭ ئۆزىلا ئىدراكقا قارشى ئالاھىدىلىككە ئىگە» دېگەن «سەپسەتىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ كېيىنكى 50 مىڭ يىللىق تارىخى ھەققىدە چىقىرىلغان ئىلمىي خۇلاسىلەرگە قارشى توۋلانغان تەتۈر مۇقام بولۇپ، بۇ يەردە بۇ ساھە بويىچە قايتىدىن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئىلگىرىكى تەييار، توغرا، سىستېمىلىق خۇلاسىلەرنى ناھايىتى كەڭ بىر سەھىپىدە قايتىدىن بايان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت زېھنىي كۈچ ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ئاۋارىچىلىقىلا بولىدۇ، خالاس. YU24wTe;k
    ئونىنچى، ئۆزىدىكى مەن ئۇقۇمى. Wk&g!FR
    ئاپتور يەنە شۇ ماقالىسىدە ئېيتىدۇ: «ئۆزىدىكى ‹مەن› نى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆزىدىكى ‹مەن› نى يوقىتىش كىشىلەرنىڭ ئالەم ئېڭى ۋە مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان پسىخىك ئامىلى بولدى». بۇ ھېچقانداق «ئىزم» ۋە ھېچقانداق پەلسەپە لۇغەتلىرىدە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان، ئاپتور ئۆزى ياساپ چىققان «غالتەك ياساش ئۈچۈن غالتەككە كېتىدىغان راسكالىقنى يوقىتىش كېرەك» دېگەندەك كۈلكىلىك بىر تەتۈر «تېئورېما». pz@wbu=($4
    بىزگە مەلۇم بولغان پەلسەپە تارىخىدا بىلىش ئوبيېكتىغا قارىتىلغان «ئۆزىدىكى نەرسە» ۋە «بىز ئۈچۈن نەرسە»؛ «ئۆزىدىكى سىنىپ» ۋە «ئۆزى ئۈچۈن سىنىپ» دېگەن پەلسەپە كاتېگورىيىسى بولسىمۇ، ئەمما «ئۆزىدىكى نەرسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆزىدىكى نەرسىنى يوقىتىش»، «ئۆزىدىكى سىنىپنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆزىدىكى سىنىپنى يوقىتىش» دېگەن تەتۈر كاتېگورىيە يوق. ھالبۇكى ئابدۇقادىر جالالىدىن بىر تەرەپتىن تەقلىدىي تۈسى تولىمۇ كۈچلۈك ۋە ئاشكارا چىقىپ تۇرغان، مۇقامدا يوق بۇ تەتۈر «تېئورېما» نى ئاشۇ پەلسەپىۋى كاتېگورىيىلەر ئاساسىدا توقۇپ چىقىپ زىددىيەتلىك ئۇقۇمغا پېتىپ قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەتۈر «تېئورېما» سىنى «كىشىلەرنىڭ ئالەم ئېڭى ۋە مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان پسىخىك ئامىل» دەپ پۈتۈنلەي خاتا جۆيلۈگەن. ھالبۇكى، ماتېرىيالىستىك تەلىماتقا ئاساسلانغاندا، «ئۆزىدىكى نەرسە»، «ئۆزىدىكى سىنىپ» بولسۇن، ئۇ ئاڭ ۋە تەجرىبىدىن تاشقىرى مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى، رولى، ۋەزىپىسى ئۆزى، ياكى بىز تەرەپتىن تېخى بىلىۋېلىنمىغاندا ئۇ «ئۆزىدىكى نەرسە»، «ياكى «ئۆزىدىكى سىنىپ» بولىدۇ. بىز تەرەپتىن بىلىۋېلىنغاندا بولسا، ئۇ «بىز ئۈچۈن نەرسە»، ياكى «ئۆزى ئۈچۈن سىنىپ» قا ئايلىنىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ھېلىقى تەتۈر «تېئورمىسى» نى بىلىش ئوبيېكتىغا قارىتىلغان دەپ قىياس قىلغاندىمۇ، ئۇنى ئىزاھلىغاندىمۇ، ئۇنى ئىزاھلىغىلىمۇ، تەبىرلىگىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئادەم «ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيمەن» دەپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىدىكى ‹مەن› ىنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئۆزىدىكى ‹مەن› ىنى يوقىتىپ» ئەرەج تارتىپ يۈرمىسىمۇ ئۇ تەپەككۇر قىلالايدىغان «تەبىئەتنىڭ گۈلى» ھېسابلىنىدىغان ئالىي دەرىجىلىك مېڭە پائالىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئەزەلدىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر قانداق مەۋجۇداتنىڭ قوشۇمچىسى، تولدۇرغۇچىسى، بېقىنغۇچىسى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ساپالىق بىئولوگىيىلىك جىسىم سۈپىتىدىكى بىر خىل «مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق». تېخى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ: «بەڭگى بوۋىسىنى، موزدۇز كوۋىسىنى ماختاپتۇ» دېگەندەك بۇ بىمەنە تەتۈر «تېئورېمىسى» نى «كىشىلەرنىڭ ئالەم ئېڭى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چوڭ گەپ قىلغانلىقى كىشىدە تولىمۇ بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى «ئۆزىدىكى مەننى ئىزدەش» نى «مەن» (ئادەم) نىڭ ئۆزى ياكى «بىز» تەرەپتىن بىلىۋېلىنمىغان ماھىيىتى توغرىسىدىكى «ئىزدەش» دەپ پەرەز قىلغاندا، ئۇنىڭ بىر تۇتاش، ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئېلېكترون، پروتون، نېيترون قاتارلىق ئىنتايىن ئۇششاق زەررىچىلەر؛ سەييارىلار، تۇرغۇن يۇلتۇزلار، يۇلتۇزلار سىستېمىسى قاتارلىق غايەت زور ماددىي جىسىملار ماكانى بولغان «ئالەم» ۋە ئۇنىڭ «ئېڭى» نى «بەلگىلەش» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى «بەلگىلىيەلەيدىغان» ئۇنداق قۇدرەت كامالىمۇ يوق. o+T %n1$+V
    ئاپتور باشقىلار «بەك چوڭقۇر ئىكەن» دېسۇن دەپ: «ئۆزىدىكى مەننىڭ مەۋجۇتلۇقى»، «ئۆزىدىكى مەننى بىلىش تىرىشچانلىقى»، «ئۆزىدىكى مەننىڭ ئالمىشىشى»، «ئۆزىدىكى مەنگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شېئىرلار» دېگەندەك توقۇمدەك توقۇپ چىققان بىر قاتار «ئۆزىدىكى مەن» «توقۇم» لىرىنىڭ ھەقىقىي لۇغەتلىك مەنىسى، نېمە دېمەكچى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقى ئۆزىگىمۇ نامەلۇم بولغان «چوڭقۇرلۇق» بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرەر پىكىر، مەنا بار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. f-/zR%s{
    بۇنىڭدىن باشقا ئاپتورنىڭ قايسىبىر ماقالىسىنى ئوقۇمايلى، ئۇنىڭدا بېرگسون، شوپېنخائور، فرېئۇد، سارترىلارنىڭ قەلىمىدىن تۆرەلگەن تەبىئىي ئىقتىدار، جىنسىي ئاڭ، ساپ ئاڭ، جىنسىي ئىقتىدار، ئىچكى سېزىم، ئىچكى رېئاللىق، تاشقى رېئاللىق، ئىچكى چىنلىق، تاشقى چىنلىق، پسىخىك تەبىئەت، يوقلۇق، ئايلانما ھېس تۇيغۇ، ھېسسىيات تەبىئىتى، چەكلىك سىستېما، ئاڭدىكى رېئاللىق، فورماتلاشقان شەكىل، ئۆلۈۋېلىش دېگەندەك چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان، ئەمما ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەي، ئاتاپلا قويۇپ يىپ ئاتلاپ يالماپ تاشلىۋەتكەن ئوقۇملارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسىتىنىڭ چۈشىنىش، پايدىلىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇقۇم، سۆز- ئاتالغۇ، تېرمىن «سەكسەن خالتىسى» سىستېمىسىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىپ، مۇشۇ تېرىۋالغان سۆز- ئىبارە «سەكسەن خالتىسى» بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ «نەزەرىيە جېڭى» قىلىشقا خۇمار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدا ئاپتور ئۆزى چۈشەنمەي خاتا تەدبىقلاپ، خاتا شەرھلىگەن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بۇ خىل ئۇقۇم، سۆز- ئىبارىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بىز ئاپتورنىڭ: «سەنئەت ئۇقۇمسىزلاشقان تەجرىبە»، «مودېرنىزم ئىنسانىيەتنىڭ يىمىرىلىش تەجرىبىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان»، «شېئىر ياشايدىغان نەرسە»، «روھ ھاياتتىن ئىبارەت»، «شائىر سەنئەت ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەندەك مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان، ئەمما ئۇ ھېچقاچان «چايناپ» باقماي، پىكىر يۈرگۈزمەي، ئاغزىغا كەلگەنچە بىرنېمىلەرنى دەپ قويغان، «چاينىماي يېسەڭ كۆشۈمەي ئۆلىسەن» دېگەندەك «ئات ئىگىرى» توقۇغلۇق قۇرۇق گەپلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، ھېلىلا تەخمىنەن ساناپ چىققان 20 ئەتراپىدىكى ئۇقۇم، سۆز- ئىبارىلەرنىڭ ئىچى- تېشىنى شۇ سۆز- ئىبارە، ئۇقۇملار تەئەللۇق بولغان پەنلەر كاتىگورىيىسى بويىچە نىسبەتەن تەپسىلىي چۇۋۇپ چىقىدىغان بولساق «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى» نامىدىكى 528 بەتلىك چوڭ 32 فورماتلىق كىتابتىن كېمىدە ئىككى- ئۈچنى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» غا سۇنغىلى بولىدۇ. بىراق ئابدۇقادىر جالالىدىن كىشىلەرنى ئۈركۈتىمەن دەپ تېرىۋالغان بۇ خىل ئۇقۇم، ئاتالغۇلارنىڭ نېرىسى 200، بېرىسى 70— 80 يىللىق ئىلىم- پەن ئەركىن بەس مۇنازىرىسى سەھنىسىدە «ئەركەك، چىشىسى» — توغرا، خاتاسى ئايرىلىپ، كۆپىنچىسى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ دۇنياسىغا قوشۇۋېتىلگەن. شۇڭا، بۇلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان «تەپسىلىي چۇۋۇپ چىقىش» پەقەت بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلا بولىدۇ، خالاس. ئابدۇقادىر جالالىدىن كۈچىنى ئاتالغۇ، سۆز-ئىبارە «سەكسەن خالتىسى» قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا ئەمەس، ھەزىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ توغرا چۈشەنچىسىگە ئايلاندۇرۇشقا سەرپ قىلغىنى ياخشى.
  • (3)ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز
    (3)
    ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ «خىتابنامە» سىدە ئۇ «ئۇنتۇپ كەتمەكچى» بولغان «ئەدەبىي ساۋات» نىڭ مەنىسىنى ئۆز «مۇخلىس» لىرىنىڭ ئاڭقىرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ: «ئەدەبىي ساۋات— لۇغەتلەشتۈرۈلگەن تەبىر ۋە چۈشەنچىلەر» دەپ بۇ «تەبىر ۋە چۈشەنچە» لەرنىڭ مۇئەييەنلەشكەن رېئالىستىك ئېستېتىكىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، «ئىپادىزم»، «دادائىزم»، «ھالقىما رېئالىزمچى» پىر- ئۇستازلىرى تەرغىپ قىلغاندەك: «ئاڭسىزلىقنىڭ ئادەمنىڭ روھىنى ۋە دۇنيانىڭ ئىچكى مەخپىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» غانلىقىنى؛ ئەسەرلىرىدە «ئاڭسىزلىقنى ئىپادىلىگەندىلا رېئال دۇنيانىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ» غانلىقىنى؛ «ئاڭسىزلىققا تايانغاندىلا ئىدىيىنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى ئىپادىلىگىلى، ئەقىلنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكىلى، ھەر قانداق ئېستېتىكىلىق، ياكى ئېتىكىلىق بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ» غانلىقى؛ «ئاڭسىزلىقنىڭ يەنىمۇ نائېنىق ياكى چۈشىنىكسىز نەرسە ئەمەس، بەلكى چۈش، خىيال، ساراڭلىق، يۇمۇر، سېھىر قاتارلىق پسىخىك ھالەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ» غانلىقىنى؛ بولۇپمۇ «چۈش، خىيال، ساراڭلىقنىڭ ئادەم ئېڭىنىڭ ئەڭ مول ۋە ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى» ئىكەنلىكىنى «كرىزىس تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىزدەنگۈچى» گە خاس شىجائەت بىلەن قەپەستىن چىقىرىپ ئاشكارا تەرغىپ قىلىشتىن خەۋپسىرىگەن. ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ نادامەتلىرىنىڭ «ئىپادىزم»، «دادائىزم»، «ھالقىما رېئالىزمچى» لارنىڭ: «ئەنئەنىۋى بولغان ئەخلاقىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئېستېتىك كۆز قاراشلارنى، ئاللىبۇرۇن ياكى ئالدىن مۇئەييەنلەشكەن مەلۇم فورمۇلىلارنى، توقۇپ چىققان ساختا دۇنيانى نامايان قىلغان، ھالبۇكى بۇ كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قاتلامنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان بىر تەرەپلىمە، قاتمال كۆز قاراشلار، شۇنداقلا ئەرزىمەس، يۈزەكى نەرسىلەر. شۇڭا ئەنئەنىۋى يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنى، ئەنئەنىۋى تەپەككۇرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاڭسىزلىقنىڭ كۈچ قۇدرىتى ئۈستىدە يۈرەكلىك ئىزدىنىش، ئادەمنىڭ ئىپتىدائىي، ئىدراكسىز، لوگىكىغا سىغمايدىغان بىمەنە، ھەتتا بىنورمال تەرەپلىرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئەنئەنىنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، روھىي ئىنقىلاب ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىزانى، يېڭى روھ، يېڭى ئەپسانىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك»، «نوقۇل سەنئەت نەزەرىيىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چەكسىز كەڭلىككە ئىگە بايقاش نۇقتىئىنەزىرىنى دەسسىتىش كېرەك، ھەر قانداق قانۇنىيەت، قائىدە، ئادەت ۋە تەپەككۇرنىڭ ھەممىسىنى چەتكە قېقىش كېرەك»، «چۈش كۆرۈنۈشلىرى، خىيالىي تۇيغۇ، بىۋاسىتە سېزىم، سەگەك ھالدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيە بىلەن ئىدراكسىز ھالەتتىكى (تۇيغۇ ۋە سەزگۈگە بېقىنمىغان) تەسىراتلارنى يېزىش كېرەك، لوگىكىنى ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېستېتىك نازارەتنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك» دېگەندەك تەشەببۇسلىرى بىلەن؛ يېزىقچىلىق ماھارىتى جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان: «ئەسەر يازغاندا بەدىئىي جەھەتتىكى ھەر قانداق ئويلىنىش ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى تەپەككۇر بولماسلىق، ئىجادىيەتنى ساپ ھالدىكى ئاڭسىز (ساراڭلىق) جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، ھەر قانداق ئەقلىي ئامىلنى چۆرۈپ تاشلاش، ئەڭ ساپ، ئەڭ جانلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوغلىشىش . . . ئەسەر يازغاندا ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاپتور كاللىسىدا توختاۋسىز پەيدا بولغان نەرسىلەرنى تېزلىك بىلەن خاتىرىلىۋالسا بولىدۇ . . . سۆز بىلەن سۆزنىڭ، جۈملە بىلەن جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ئورگانىك باغلىنىشنىڭ بولۇشى ھاجەتسىز، پۈتۈنلەي تاسادىپىي ماس كېلىپ قېلىشقا تايىنىش كېرەك . . . سۈپەتلەرنى يوقىتىش، سىنتاكسىسنى بۇزۇپ تاشلاش، رەۋىشلەرنى يوقىتىش، ئەنئەنىۋى شېئىرلاردىكى رىتىم، ياساپ- جابدۇشنى چۆرۈپ تاشلاش لازىم» دېگەن شوئارلىرى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان يېرى يوق. بولۇپمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن بېرگسون، فرېئۇدنىڭ «ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسى» ئەرۋاھىنى تىرىلدۈرۈپ، ئۇنى «ئەدەبىيات سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە يېزىقچىلىق «ماھارەت ئالاھىدىلىكى» قىلىپ چەككىلەپ چىققان يۇقىرىقى «ئىزم» لارنىڭ «تەشەببۇس» ۋە «تەرغىبات» لىرىنى «گۇڭگا شېئىرلىرى» ئەمەلىيىتىدە ئېقىتماي- تېمىتماي، ئۈن- تىنسىز ئەمەلىيلەشتۈردى. مەسىلەن، ئۇنىڭ يۈز نەچچە قۇرغا تىزىلغان «ھېچكىم يوق» دېگەن سۆرەلمە «شېئىرى» دا «ھېچنېمە يوق» بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئەدناسى تىنىش بەلگىلىرىمۇ يوق. ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى سۆز بىلەن سۆز، مىسرا بىلەن مىسرا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش، رىتىم، پىكىر ۋە ئەقلىي ئامىل دېگەن نېمىلەردىن سۆز ئېچىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇ «ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسى» نى «ئومۇملاشتۇرۇش» تا ھەقىقەتەن، «پوزىتسىيىدە جىم تۇرۇش— داۋراڭ سالماسلىق»، «ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش— يول قويماسلىق» پرىنسىپىغا پەرمانبەردارلىق بىلەن ئەمەل قىلغان. llq<egZpm
    بەشىنچى، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ قىممەت قانۇنى نەزەرىيىسىدە كۆپ قوللىنىدىغان، كېيىنرەك سوتسىئولوگىيە ساھەسىگە ئېقىپ كىرگەن «ئىستىخىيە»، «ئىستىخىيىلىك» ئۇقۇمىنىڭ بېرگسون «ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسى» بىلەن بولغان مەنە جەھەتتىكى ئۇدۇللىشىشى «دادائىزم» ۋە «ھالقىما رېئالىزمچى» لارنىڭ بۇ ئوقۇمنى «ئاڭسىزلىق» ئۇقۇمى بىلەن يانداشتۇرۇپ قوللىنىشقا ئىمكان بەرگەن. بېرگسون «ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسى» بىلەن ئىدىيە جەھەتتىكى ماسلىقى خېلىلا كۈچلۈك بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىن بېرگسون مۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن بۇ ئوقۇمنى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 9-، 10- سانلىرىدا: «شېئىرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ بىرلەمچى ئامىلى روھنىڭ ھەرىكىتىدە بولۇپ، ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە ئورۇنلىنىدۇ»، «شېئىردىكى ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر «ئىستىخىيىلىك يوسۇندا ئەمەلىيلىشىدۇ»، «شائىرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۆز ھاياجىنىنى ئىستىخىيىلىك ئەمەلگە ئاشىدىغان تۈرتكىنىڭ (مەقسەتنىڭ) رولىغا ئىگە قىلىشتا» دەپ قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن ماددا بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىدە كىشىلەرنىڭ ئېڭى، روھىغا باغلىق بولمىغان ھالدا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىردىن- بىر بىرلەمچى ئەسلى زات ماددا (ئوبيېكتىپ چىنلىق) توغرىسىدىكى ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ ئورنىغا روھ بىردىنبىر ئەسلى زات دەيدىغان روھچىلىق ئىتىقاتچىلىقىنى دەسسەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ، شائىر ئىجادىيىتىنى ئاڭ، ئەقىلگە، قانۇنىيەت، قائىدىگە، ئوي- خىيال، تەپەككۇرغا تايانمايدىغان، ئىرادىدىن، خاھىشتىن تاشقىرى بىكار تەلەت ئىجتىمائىي ھادىسە دېمەكچى بولغان. 9hl_|r~%*
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ: «بىرلەمچى ئامىل روھنىڭ ھەرىكىتى» سەپسەتىسى ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن بۇنىڭدىن 199 يىل ئىلگىرى ئۇ دۇنيانىڭ تۇپرىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن كانت (1724— 1804) نىڭ: «دۇنيا روھىي سەۋەبنىڭ نەتىجىسى»، «تەبىئەت دۇنياسى ئەقىل- پاراسەتنىڭ سۇبيېكتىپ تۈزۈلمىسى» دېگەن ئەبجەق نەزەرىيىسىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، مەيلى، «شېئىرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ياكى تاشقى قۇرۇلمىسى»؛ مەيلى، ئىدىيىۋىلىكى، ياكى بەدىئىيلىكى ۋە ياكى شەكلىدە بولسۇن؛ مەيلى، شائىر ياكى پەيلاسوپنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىدە ۋە ياكى كومپيۇتېردا پروگرامما لايىھىلەشتە، خەرىتە، چېرتىيوژ سىزىشتا بولسۇن ئۇنىڭ ئاتالمىش «بىرلەمچى ئامىلى» ئابدۇقادىر جالالىدىن كانتنىڭ ئەرۋاھىدىن تىرىلدۈرۈپ «مالائىكە تۇمارى» قىلىپ كۆتۈرۈپ چىققان «روھنىڭ ھەرىكىتىدە» بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئاللىبۇرۇن كاردىن چىققان»، «بىر توپ گۇمراھلار» ئولىشىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن بىتچىت قىلىۋەتمەكچى بولغان ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت نەزەرىيىسى؛ ياكى «بېرگسىئۇنىزم»، «فرېئۇدىزم»، «نېتزشېئىزم» لارنىڭ ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسىدە بولسۇن «شېئىرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى»، «تاشقى قۇرۇلمىسى» دېگەن ئۇقۇم ياكى ئاتالما مەۋجۇت ئەمەس. «قۇرۇلما» دېگەن بۇ ئۇقۇم ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇندىن ئىبارەت بۇ جۈپلۈك كاتېگورىيىسىدىكى شەكىلگە تەۋە ئۇقۇم بولۇپ ئۇ، شەيئى ياكى ئاڭ ھادىسىلىرىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان مەزمۇنى ئەمەس. ئەمما شەكىل مەزمۇننىڭ (مەزمۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان) شەكلى، مەزمۇن بىلەن زىچ باغلانغان ماھىيەتلىك شەكىل بولغاچقا، ئۇنىڭدا ئاپتور داۋراڭ سالغان «ئىچكى قۇرۇلمىنىڭ بىرلەمچى ئامىلى» مەسىلىسى تېخىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. pa+hL,w{6
    ئەمدى بۇ «بىرلەمچى ئامىلنىڭ ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە ئورۇنلىنىدۇ» غانلىقىغا كەلسەك، ئالدى بىلەن بۇ غەلىتە سەپسەتىنىڭ يادروسى بولغان «ئىستىخىيە» ئۇقۇمىنىڭ ئېقىپ يۈرگەن ئاددىي مەنىسىنى ئەمەس، لۇغەتلەشتۈرۈلگەن مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «ئىستىخىيە» دېگەن بۇ سۆز گرېك تىلىدىن رۇس تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كىرگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە ئۇنىڭغا: «قارىغۇلارچە، ئاڭلىقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن، تەشكىللىگىلى بولمايدىغان باشباشتاق ئىجتىمائىي كۈچ» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇ تەبىر بويىچە بولغاندا، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يۇقىرىقى سەپسەتىسى: «شېئىرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ بىرلەمچى ئامىلى روھنىڭ ھەرىكىتىدە بولۇپ، قارىغۇلارچە ئورۇنلىنىدۇ» بولىدۇ. بىز «شېئىرىيەت نەزەرىيىسى» دە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان «ئىچكى قۇرۇلما» دېگەن ئوقۇمنى «شېئىرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى، مەزمۇنى، دېمەكچى بولغان پىكرى» دەپ قىياس قىلىپ كۆرەيلى، ئۇ ھالدا، كىشىلەرنىڭ رېئاللىقنى بىلىش جەريانىدىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان «شېئىرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ» «روھنىڭ ھەرىكىتىدە بولىدۇ» غان بۇ «بىرلەمچى ئامىل» لىرى ئابدۇقادىر جالالىدىنچە بولغاندا، بىرىنچىدىن، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىلمىي بىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن تۇيغۇسى، بىلىمى، ئۇقۇمى ۋە ئىلمىي خۇلاسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوبيېكتىپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى ئەمەس، بەلكى روھنىڭ، ئىدىيىنىڭ، تۇيغۇنىڭ «ھەرىكىتى» جەريانىدا شەكىللەنگەن، يەنى «تۇيغۇلار قوشۇلمىسى نەزەرىيىسى» نى ياقىلايدىغان دىنى جەمئىيەتنىڭ ئىلاھىيەت (روھ) ئەقىدىچىلىكى تەرىپىدىن چىقىرىلغان يەكۈن بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن، بۇ «يەكۈنلەر» نىڭ ھەممىسى «ئىستىخىيىلىك— قارىغۇلارچە ئورۇنلانغان» بولىدۇ. ھالبۇكى، كانتىزمنىڭ روھىي ۋارىسى بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «روھ بىرلەمچىلىكى نەزەرىيىسى» ئۈستىگە ئەمەس، ماددا، ماددىي دۇنيانىڭ بىرلەمچىلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەرقانداق ئىلمىي بىلىش، ئىلمىي ئىجادىيەت يۈكسەك نەزەرىيىۋى تەپەككۇر، يۈكسەك دەرىجىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يىغىنچاقلاش ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلمىي ئابستىراكسيە جەريانىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇكى، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ. )%TmAaj9d
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «شېئىردىكى ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ ئىستىخىيىلىك ئەمەلىيلىشىشى»، «شائىرنىڭ ئۆز ھاياجىنىنى ئىستىخىيىلىك ئەمەلگە ئاشىدىغان تۈرتكە (مەقسەت) نىڭ رولىغا ئىگە قىلىشى» توغرىسىدىكى غەلىتە سەپسەتىلىرىمۇ «شەيئىلەر توغرىسىدىكى ھېسسىي بىلىشنىڭ تەخمىنىي خۇلاسىسى»، ياكى ماددىي دۇنيادىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ھېسسىي ئوبرازى، ياكى شۇلار توغرىسىدا ھاسىل قىلغان ھېسسىي بىلىش دەپ ئاتىلىدىغان «تەسەۋۋۇر»، «ھېسسىيات»، «ھاياجان» قاتارلىق روھىي ھادىسىلەرنىڭ بەدىئىي ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇق ۋە يۈكسەكلىككە قاراپ ئەقلىي ھالدا باسقۇچلۇق «ئەمەلىيلىشىدۇ» غانلىقى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتنى «قارىغۇلۇق» دەپ ئىنكار قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىلىمنىڭ يوقلۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. KI.unP%
    ئالتىنچى، «پسىخىك ۋاقىت» ئۇقۇمى xT8?&Bx
    بۇ بېرگسوننىڭ «ئېستېتىك نۇقتىئىنەزىرى»، «ۋاقىت ۋە ماكان نۇقتىئىنەزىرى» دە كۆپ تەكرارلىنىدىغان، بېرگسوننى «مەبۇد» قىلىۋالغان «دادائىزم»، «ھالقىما رېئالىزم» چىلارنىڭ ئەسەر، ماقالە ۋە خىتابنامىلىرىدا ئۇچرايدىغان ئۇقۇم بىلەن، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇلاردىن ئىبارە سۈپىتىدە كۆچۈرۈپ كەلگەن بۇ ئوقۇمنى ئۆز ماقالىلىرىدا تۆكمە قىلىپ ئايىماي ئىشلەتكەن. ئۇ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 9- سانىدا: «شائىر روھنىڭ پسىخىك ۋاقتىنىڭ مەلۇم نۇقتىسىدىكى سۈرئىتىنى تەقدىم قىلىدۇ» دەپ «شېئىردا ئاڭسىزلىقنىڭ پائالىيىتى گەۋدىلىك بولىدۇ» دېگەن «نەزەرىيىسى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەم «پسىخىك ۋاقىت» نى ئادەمنىڭ روھىي ھادىسىسى بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولغان پسىخىكا (مىجەز، خاراكتېر، تېمپېرامېنت) دەپ چۈشىنىپ، «شائىر شېئىردا» ئىنسان روھىيەت ھادىسىسى بولغان مۇشۇ «مىجەز، خاراكتېرنىڭ مەلۇم نۇقتىسىدىكى سۈرئىتىنى تەقدىم قىلىدۇ» دېگەن خاتا خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە مىجەز، خاراكتېر دېگەن بۇ روھىيەت ھادىسىسىدە «ۋاقىت- سۈرئەت» ئۇقۇمىغا تەۋە ھېچنېمە بولمايلا قالماستىن، بەلكى، «ۋاقىت- سۈرئەت» بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئۆلچەم مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر ھېچقانداق بەلگىمۇ يوق. ئاپتور بېرگسوننىڭ «پسىخىك ۋاقىت نۇقتىئىنەزىرى» نى قىلچىمۇ چۈشەنمىگەن ھالدا، غەيرى ئىبارە ھېرىسمەنلىكىنىڭ جەلىپكارلىقىغا قىزىقىپ، قارىغۇلارچە «نەزەرىيە» كەشىپ قىلىپ، بىلەرمەنلىكىنى پەش قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى خاتا «نەزەرىيە» كاتىڭىغا ئىتتىرىۋېتىشكىلا چامى يېتىدۇكى، باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. بېرگسون «پسىخىك ۋاقىت» ئۇقۇمىنى ئابدۇقادىر جالالىدىندەك «ئادەم پسىخىكىسى» دەپ ئەمەس، بەلكى «ھەر قايسى چاغلار بىر- بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن كۈچ دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەت ئۇقۇمى. ئۇ ساپ ۋاقىت، ھەقىقىي ۋاقىت، ماكانى ۋاقىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ تەبىرلىگەن. بۇ، ئەلۋەتتە چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر ئابستراكت ئاكسىئوما. بېرگسوننىڭ بۇ «ئاكسىئومىسى» نىڭ توغرا- خاتالىقى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى كۆچۈرۈۋالغان نەرسىنى كۆچۈرگۈچىنىڭ چۈشىنىش- چۈشەنمەسلىكى ۋە ئۇنى توغرا تەدبىقلاپ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەن- بېرەلمىگەنلىكى مەسىلىسى. يۇقىرىقى پاكىتلار ئاپتورنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق توغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. kh<2BOV
    يەتتىنچى، «ئۇقۇمسىز رېئاللىق»، «ئۇقۇمسىز تەجرىبە». بۇ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كەلسە- كەلمەس ياسىۋالغان نۇرغۇن سۆز ئاتالغۇلىرى ئىچىدىكى ياسىلىشى، تەدبىقلىنىشى جەھەتتىكى خاتالىقى بىلەن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىدۇ: «ئۆلچەملەشكەن تىل بەلگىلىرى سەزگۈدىن ئىبارەت ئۇقۇمسىز رېئاللىقنى ئىپادىلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ». بۇ گەپلەرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئاددىي ئوقۇرمەن ئاپتوردىن: «سەزگۈ دېگەن نېمە؟»، «سەزگۈ دېگەن ئۇقۇمسىز رېئاللىقمۇ؟»، «رېئاللىقمۇ ئۇقۇمسىز بولامدۇ؟» مۇبادا «رېئاللىق دېگەن بۇ نەرسە ئۇقۇمسىز» بولىدىغان بولسا، رېئاللىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «ئۇقۇملۇق» بولۇشىمۇ كېرەكقۇ؟ ئۇنداقتا «رېئاللىق» قانداق بولسا «ئۇقۇمسىز»، قانداق بولسا «ئۇقۇملۇق» بولىدۇ، دەپ سورىماي قالمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر سۇبيېكتنىڭ بىلىش ۋە پائالىيەت ئوبيېكتى بولغان، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا باغلىق بولمىغان ھالدا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ سۇبيېكتنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولغان بىۋاسىتە ئىنكاسىنىڭ سەزگۈ بولىدىغانلىقىنى، «سەزگۈ پۈتكۈل شەيئىنى، شەيئىلەر ئالاھىدىلىكىنىڭ يىغىندىسى ۋە ئۇلارنىڭ باغلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» غانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. مۇبادا سەزگۈ ئاپتور ئېيتقاندەك رېئاللىققا تەڭ، ياكى سەزگۈ دېمەك رېئاللىق دېمەك دېيىلىدىغان بولسا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىش ۋە پائالىيەت دائىرىسىدىكى تاشقى دۇنيا ماددىيىتىنىڭ ھەممىسى سەزگۈنىڭ مەھسۇلاتى ياكى سەزگۈدىن كېلىپ چىققان دېگەن سۇبيېكتىپ ئىدىيالىستلارنىڭ پەنگە قارشى مۇقامىغا مەقسەتلىك ھالدا دوست تارتقانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەزگۈ رېئاللىقنىڭ كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ياكى «رېئاللىقنىڭ كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە كۆچكەن، ياكى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە ئۆزگەرتىلگەن ماددىي نەرسە» بولغانلىقتىن، ئۇنى «ئۇقۇمسىز» دېيىش پۈتۈنلەي خاتا. باشقا بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاپتورنىڭ بۇ سەپسەتىسى «گۇڭگا شېئىر» لارنىڭ ئىپادىلەش ئۇبيېكتىغا قارىتىلغان بولۇپ، «گۇڭگا شېئىر» لاردا «ئۇقۇمسىز رېئاللىق ئىپادىلىنىدۇ»، لېكىن ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئۆلچەملەشكەن تىل بەلگىلىرى» بۇنداق «ئىپادىلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ» دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «شۇڭا شېئىرىي تىلنى (گۇڭگا شېئىرلارنىڭ تىلىنى دېمەكچى) ئادەتتىكى تىلنىڭ توزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ . . . مۇزىكىغا يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك» ئىكەن. «گۇڭگا شېئىر» -لاردا «سەزگۈدىن ئىبارەت ئۇقۇمسىز رېئاللىق ئىپادىلەنسە»، قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئۆلچەملەشكەن تىل بەلگىلىرى» بىر خىل «توزاق» بولۇپ «ئۇقۇمسىز رېئاللىقنى ئىپادىلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئۇنداقتا ئاپتور ئاتالمىش «شېئىرلىرى» دا «دادائىزم» ۋە «ئىپادىزم» چىلارنى دوراپ قوللىنىۋاتقان «سۆز بىلەن سۆزنىڭ، مىسرا بىلەن مىسرانىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئورگانىك باغلىنىش بولمىغان، سۈپەت، رەۋىش، تىنىش بەلگىلەر سۈپۈرۈپ تاشلانغان، گرامماتىكىلىق قائىدىلەر بۇزۇپ تاشلانغان، سىنتاكسىس يوقىتىلغان» «ئۆلچەملەشمىگەن» ، ھېچقانداق كونتروللۇققا ئۇچرىمىغان ئەركىن «تىل بەلگىلىرى» لا، «سەزگۈدىن ئىبارەت» بۇ «ئۇقۇمسىز رېئاللىقنى ئىپادىلەشنىڭ ھۆددىسىدىن» تازا چىقامدۇ؟ ياكى «شېئىرىي تىلنى مۇزىكىغا يېقىنلاشتۇرماقچى (؟) بولغان» ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇزىكىدىكى خەلقئارا نوتا بەلگىلىرىنى، تەبىئىي پەنلەردىكى فورمۇلا، ئاشكارا ياكى مەخپىي ھەرپلىك بەلگە ياكى پاروللارنى مەلۇم مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز، سۆز بىرىكمىسى قىلىپ قوللانسا، «مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغاندا مەلۇم ھەرپ، بەلگە، شىفىرلارنى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىنىڭ بەدىلى قىلىپ ئىشلەتسە»، ناۋادا بۇمۇ كارغا كەلمىسە ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپنى 12 گە قىسقارتسا، ياكى 672 گە كۆپەيتسە، سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىنى ئۇزارتسا، ياكى قىسقارتسا، سوزۇق، ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئېلىپ تاشلىسا، ياكى يەنە 70— 80 نى قوشسا، ياكى «مەتبەئە ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىپ ھەرپلەرنى چوڭ- كىچىك، ئېگىز- پاكار، ئورۇق- سېمىز قىلىپ ياساپ مەنە ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلىسە تېخىمۇ كارامەت بولامدۇ؟ يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ھەرپ، تاۋۇش، سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى تىلنىڭ ئاساسى (فۇندامېنتى) ياكى «تىل بەلگىلىرى» بولىدۇ. بۇ «ئاساس» ياكى «بەلگىلەر» نىڭ قانداق بولسا، ياكى ئۇلارنىڭ قانداقراقلىرىنىڭ «ئۆلچەملەشكەن تىل بەلگىلىرى» بولىدىغانلىقى، قانداق بولسا، ياكى ئۇلارنىڭ قانداقراقلىرىنىڭ «ئۆلچەملەشمىگەن تىل بەلگىلىرى» بولىدىغانلىقىغا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ توقۇپ چىققان بىرەر مۆجىزىكار يېڭىچە پەتىۋاسى بارمۇ- يوق؟ يەنە بىر مۇھىم مەسىلىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ «ئۇقۇم». Wwo0%<2y
    بىز «ئۇقۇم» دېگەندە كىشىلەرنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى تەپەككۇرىنىڭ تۇيغۇ، سەزگۈگە ئوخشاش بىر خىل بىلىش شەكلى ئىكەنلىكىنى، كىشىلەر بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېڭىغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيادىكى خىلمۇخىل شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئومۇمىي، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلەلەيدىغانلىقى، ئوقۇمنىڭ «رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي، ئىلمىي يىغىنچاقلاشتۇرۇلۇشى» ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتىمىز. ماددىي دۇنيادا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ، جۈملىدىن ئاڭ ھادىسىلىرىنىڭ ئۇقۇم ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدىغىنى يوق. ئوقۇمنىڭ سەزگۈدە ئىنكاس شەكلىدە مۈجمەل ئەمەس توغرا، تۇتۇق ئەمەس ئېنىق ئەكس ئەتكەنلىكى ئوقۇمنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى كونكرېتلىققا ئىگە بولغانلىقى بولۇپ، ئەكسىچە بولسا ئوقۇمنىڭ ئۇقۇمسىزلىققا، چۈشىنىكسىزلىك، مۈجمەللىك، تۇتۇقلۇققا ئايلانغانلىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ قانداقلىقى ئوقۇمنىڭ سەزگۈدىكى ئىنكاسىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا مەيلى «گۇڭگا شېئىر» ياكى ئەنئەنىۋى شېئىرلاردا بولسۇن «سەزگۈدىن ئىبارەت ئۇقۇمسىز رېئاللىق ئىپادىلىنىدۇ» دېيىش پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى شېئىرنىڭ ئوبيېكتى شائىرغا تۇتۇق، مۈجمەل، چۈشىنىكسىز، ئۇقۇمسىز تۇرسا، شائىر ئۇ ئوبيېكت ھەققىدە نېمىنىمۇ دېيەلىسۇن؟ (Ldi|jL
    ئابدۇقادىر جالالىدىن يەنە شۇ ماقالىسىدە ئېيتىدۇ: «گۇڭگا شېئىرلار . . . سەنئەتنى ئۇقۇمسىزلاشقان تەجرىبە (كەچۈرمىش) شەكلى دەپ قاراپ ئۇسلۇب، ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى». ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بېرگسون، نېتزشې، فرېئۇد ئەرۋاھىنىڭ روھىي ۋارىسلىرى بولغان «ئىپادىزم»، «دادائىزم»، «ھالقىما رېئالىزم» چىلارنىڭ «ماھارەت ئالاھىدىلىكى بايرىقى» نى كۆتۈرۈپ چىقىپ «گۇڭگا شېئىر» لار سەھنىسىدە خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنلىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان پاكىت. ھالبۇكى بۇ «ئىزم» لارنىڭ ھەرقانداق بىر روھىي ۋارىسى ئاڭسىزلىق، قارىغۇلۇق، خىيالى تۇيغۇ، چۈش، جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ئىقتىدار، جۆيلۈش، ساراڭلىق، مۇتلەق رېئاللىق، ھالقىما رېئاللىق قاتارلىق بىنورمال پسىخىكىلىق ھالەتلەر ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئىپادىلەش ئوبيېكتى، مۇشۇلارنى ئىپادىلىگەندىلا ئۆزلۈكنى تونۇغىلى، رېئال دۇنيانىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش ئەدەبىيات- سەنئەتنى «ئۇقۇمسىزلاشقان تەجرىبە» دەپ قارىسىغا سۆزلەشتىن جېنىنىڭ بېرىچە ساقلانغان. چۈنكى، «كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل يىغىندىسى، بىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت رېئاللىقى ئۈستىدىكى كۆزىتىشى، سىنىقى» نىڭ نەتىجىسى بولغان تەجرىبە «ئۇقۇمسىز»، چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ھەتتا ھادىسىنى بىلىش ئۈچۈن بىلىشنى ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆزىتىش، تەكرار سىناق قىلىش، تەتقىق قىلىشتىن ھاسىل بولغان ھېسسىي تەجرىبىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك «ئۇقۇمسىزلاشقان تەجرىبە» بولمايدۇ. تەجرىبىنى «ئۇقۇمسىزلاشقان تەجرىبە» دېيىش ۋە مۇشۇ «ئۇقۇمسىزلاشقان تەجرىبە» نى «سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش ئوبيېكتى» دەپ جۆيلۈش سۇبيېكتىپ ئىدىيالىستلارنىڭ تەجرىبىنى شەخس تۇيغۇسىنىڭ پائالىيىتى، ھالىتى، ئۇ شەخسنىڭ بىۋاسىتە ھېسسىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن نەزەرىيىسىنى بازارغا سالغانلىق، ياكى ئۇنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى «خېرىدارى» بولغانلىق بولىدۇ، خالاس. (7Qo
    سەككىزىنچى، «ياتلىشىش» ئۇقۇمى. sW$XH1Uf#
    بۇ، تىپىك پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ئوقۇمنى ماقالىلىرىدا ناھايىتى كۆپ قوللانغان، ئەمما بۇ ئۇقۇم ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزىلىرىدە بۇ ئوقۇمنى پۈتۈنلەي خاتا تەدبىقلاپ، خاتا شەرھلىگەندىن باشقا، بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەسىلىلەرنىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ھېچقانداق نەزەرىيە، قائىدىگە سىغمايدىغان گادىرماچ گەپلەر بايانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئاپتور «شېئىرىيەت دېڭىزىدىكى يېتىم ئارال» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىدۇ: «ياشلار شېئىرىيىتى مەزمۇن ئاسارەتلىرى ۋە شەكىل قانائەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، شېئىرىيەتنى ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالەتكە قايتۇرۇش ھەرىكىتىدىن بەلگە بەردى». ئاپتورنىڭ ھۆكۈمىچە بىز ھازىر «ياتلاشقان ئادەملەر» بولۇپ، «ياتلاشقان بىر جەمئىيەتتە» ياشاۋېتىپتىمىز. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا دورامچىلىق بىلەن پەيدا بولغان ئاپتور نەزىرىدىكى « قۇتقۇزغۇچى خۇدا» بولغان «ياشلار شېئىرىيىتى» بولسا ھەرقايسىمىزنى «ياتلىشىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ھالەتكە قايتۇرىدۇ» غان «ئىلاھى قۇدرەت كامالى» ئىكەن. ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ بۇ سەپسەتىسىدىكى «ياتلىشىش» ئۇقۇمىنى بىھۇدە زورۇقۇپ كۆتۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان «ياشلار شېئىرىيىتى» دېگەن نېمە؟ شېئىرنى ئاشۇنداق دەپ ئاتىسا ۋە شېئىرنى كىشىلەرنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ تۈرلەرگە بۆلسە بولامدۇ-يوق؟ «مەزمۇن ئاسارىتى»، «شەكىل قانائىتى» دېگەن نېمە؟ «ياتلىشىش» دېگەنچۇ؟ دېگەندەك بىمەنە ئۇقۇم خاتالىقلىرىنىڭ ئىچ قارنىنى چۇۋۇپ تاشلىۋەتسەك، ئۇنىڭ «ياتلىشىش» ئۇقۇمى نىقابى ئاستىدا كۆز- كۆز قىلغان بىلەرمەنلىكىنىڭ جىڭ باسىدىغان-باسمايدىغانلىقى ئۆزلۈكىدىن ئاشكارىلىنىدۇ. YSMAd-Ef-
    ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنى «گۇڭگا شېئىرلار ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىنىڭ باشلامچىسى»، «يېتەكچىسى» قىلىپ ئاشكارا جار سېلىپ يۈرگەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يېتەكچى» سالاھىيىتى بىلەن تىپودا (دەسلەپتە) بۇ « شېئىر» لارنى «گۇڭگا، تۇتۇق، يېڭى، خىرە، مىكرو» دېگەندەك پەتىۋالار بىلەن ئاتاپ، بۇ «پەتىۋا»لارنى «ھەپتە ئاخىرلىرى تۆت كىشىلىك ياتىقىغا توشۇپ كېتىدىغان شېئىرىيەت مۇخلىسلىرى»غا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ يۈرگەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە تىپودىكى «پەتىۋا»لىرىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، بۇ «شېئىر»لارغا «ياشلار شېئىرىيىتى» دەپ ئات قويۇپ، شېئىرنى كىشىلەرنىڭ ياش-قۇرامىغا قاراپ بۆلسىمۇ بولىدىغان يېڭىچە «ئابدۇقادىر جالالىدىن شېئىرىيەت ژانىرىنى» نى «كەشىپ» قىلىپ چىققان. ھالبۇكى، ئابدۇقادىر جالالىدىن «كونا قەبرىستانلىقنىڭ شەيخلىرى»، «بەندەئىي گۇمراھلار» دەپ ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكۈۋەتكەن پېشقەدەم قەلەم پېشۋالىرى شېئىر مەيلى كونا، مەيلى يېڭى، مەيلى ئۇزۇن، مەيلى قىسقا، مەيلى ماكرو، مەيلى مىكرو، مەيلى تۇتۇق، مەيلى ئوچۇق، مەيلى خىرە، مەيلى «سۈزۈك» بولسۇن قائىدىلەشكەن شېئىرىيەت پرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولسا ھەمدە شېئىرىيەتلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىلا شېئىر؛ ئۇنى ئۇنداق شېئىر، مۇنداق شېئىر، ئاقچى شېئىر، كۆكچى شېئىر دەپ بۆلۈپ يۈرۈش شېئىرنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلىغانلىق دەپ قەيت قىلىشقان ئىدى. بىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيىسىگە خىلاپ بولغان بۇ ئەڭ يېڭى «شېئىرىيەت ژانىرى» بويىچە شېئىرنىڭ تۈر ۋە خىللىرىنى «ياشلار شېئىرىيىتى» دەپ بىرلا تۈرگە ئەمەس، بەلكى «ياشانغانلار»، «ئوتتۇرا ياشلىقلار»، «قىرانلار»، «رەسىدىلەر»، «نارەسىدىلەر»، «ئەركەك زەدەكلەر»، «يات جىنىسلىقلار»، «قوش جىنىسلىقلار»، «ئوخشاش جىنىسلىقلار شېئىرىيىتى» دېگەندەك « تۈر ۋە خىللار» غا بۆلۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۇنى قانۇنىيلاشتۇرساق، ئۇ ھالدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كونا، يېڭى «قەبرىستانلىقى» ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق «خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن تولغان باغچا» بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ چىقمامدۇ؟ ھالبۇكى، شېئىرنى «گۇڭگا»، «مىكرو»، «خىرە»، «ياشلار شېئىرىيىتى» ۋەھاكازالار دەپ بۆلۈش قانچىكى خاتا بولسا، ياش ۋە جىنسقا قاراپ بۆلۈشمۇ ئوخشاشلا خاتا. ZCw]m#lS
    ئەمدى ئابدۇقادىر جالالىدىندىن سورىماي بولمايدۇكى، «كونا قەبرىستانلىقتا خۇشپۇراق گۈل بولۇپ ئېچىلغان ‹ياشلار شېئىرىيىتى› مەزمۇن ئاسارىتىدىنمۇ، شەكىل قانائىتىدىنمۇ قۇتۇلغان شېئىرىيەت» بولغان بولسا، ئۇ ھالدا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرتىدا مەزمۇن دېسە مەزمۇنى، شەكىل دېسە شەكلى بولمىغان بىر خىل «مۇتلەق ئىدىيە»، «مۇتلەقلىق» بار دېگۈچىلەر بار. ئۇنداق بولسا، مەزمۇنىمۇ، شەكلىمۇ بولمىغان بۇ «ياشلار شېئىرىيىتى» نى ئاشۇ «مۇتلەق ئىدىيە»، «مۇتلەقلىقنىڭ» ھاسىلىي نەرسىسى بولغان جادۇگەرلىك، ئەرۋاھ چاقىرىش، ئىلاھ چۈشۈرۈش «شېئىرىيىتى» دېسەك بولامدۇ- يوق؟ ھەممە نەرسىنى «پەلسەپىۋى نۇقتىدىن كۆزىتىدىغان» ئابدۇقادىر جالالىدىن «مەزمۇنىمۇ، شەكلىمۇ بولمىغان» بۇ «شېئىر» لارنى «كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئەدەبىياتشۇناس» ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بۇ «شېئىر» لارنى «ئىگە قىلغان نەزەرىيىۋى ئاساسى»: «ئەدىب ئۆز ئەسىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىنى، كىشىلەرنى جەلپ قىلىشنى، كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ئويلىماسلىق، سەنئەتكە ياتىدىغان ھەر قانداق ساۋاتنى ئۇنتۇپ كېتىش . . . ئەدەبىي ساۋاتنى كېرەك قىلماسلىق، بېكىتىلگەن ئۆلچەم بولماسلىق»تىن ئىبارەت غارايىپ «نەزەرىيىۋى ئاساس»؛ ئۇنىڭ «كۆزەتكەن پەلسەپىۋى نۇقتىسى» بېرگسون، فرېئۇدلارنىڭ ئىنسان ئەقلىنىڭ پۈتكۈل زاھىرىۋى دۇنيا ۋە مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى بىلەلەيدىغان رولىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئەقىلدىن، ئوبيېكتىپ ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان بىۋاسىتە سېزىم، سوزۇلۇش، «ئىلاھ بەرھەقلىقى»، ئاڭسىزلىق، چۈش، ئاساسىي ئۆزلۈك، ھاياتنىڭ قوزغىلىشى قاتارلىقلارنى ماددىي دۇنيانىڭ ئاساسىي ۋە ماھىيىتى دەپ قارايدىغان «ئىلاھىيەتچىلىك پەلسەپىسى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھالبۇكى، ئابدۇقادىر جالالىدىن يۇقىرىقى «نەزەرىيىۋى ئاساس» لارنى ئۆزى «ئىختىرا» قىلغان «نەزەرىيىۋى ئاساس» بولماستىن، بەلكى غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزەرىيىلىرى» نى ئۆزىنىڭ «بوياقچىلىق كۈپى» گە سېلىپ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ مەنەن كۆچۈرۈۋالغان. ئالايلۇق، ئاپتور: «سەنئەتكە ياتىدىغان ھەر قانداق ساۋاتنى ئۇنتۇپ كېتىش، ئەدەبىي ساۋاتنى كېرەك قىلماسلىق، بېكىتىلگەن ئۆلچەم بولماسلىق» دېگىنىدە، ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ھەرگىزمۇ «ئەدەبىيات دېگەن نېمە» دېگەنگە ئوخشاش باشلانغۇچ مائارىپ دەرسلىكلىرىدىكى ئەدەبىيات ھەققىدىكى دەسلەپكى «ساۋات» ئەمەس، بەلكى رېئالىستىك ئېستېتىكىنىڭ بارلىق نوپۇزلۇق قانۇنىيەتلىرى ۋە ئەنئەنىۋى تەپەككۇر پرىنسىپلىرى، ئۇنىڭ بۇ قانۇنىيەت، پرىنسىپلارنى «ئۇنتۇپ كېتىش، كېرەك قىلماسلىق» توغرىسىدىكى بىباھا «سەپسەتىسى» غەرب مۇدېرنستلىرىنىڭ: «ئىجادىيەت جەريانىدا ھەر قانداق قانۇنىيەت، قائىدە، ئادەت ۋە تەپەككۇرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، پۈتكۈل قائىدە- مىزانلاردىن يۈز ئۆرۈش، ھەر قانداق پىكىر ۋە تەپەككۇر بولماسلىق، ھەر قانداق ئەقلىي ئامىلنى چۆرۈپ تاشلاش، يازغاندىن كېيىن قەتئىي تۈزەتمەسلىك» دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار «نەزەرىيىۋى ئاساس» لىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان ھېچنېمىسى يوق. |Tw~@kT@
    ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى غەلىتە «شېئىرىيەت ژانىرى» دا مەزمۇن بولۇشنى شېئىرنىڭ «مەزمۇن ئاسارىتى (زۇلۇم) دا» قالغانلىقى؛ مەلۇم شەكىلدە يېزىلىشىنى «شەكىل قانائىتىدە قالغان» لىقى دەيدىغان بىر چۈشەنچىسى بار. ئۇنداق بولسا، ئاپتوردىن سورىماي بولمايدۇكى، شېئىردا قانچىكى پىكىر، ئىدىيە، مەزمۇن بولمىسا، ئۇ، قانچىكى ئاڭسىز يېزىلسا، ئەقىلگە تايانمىسا، بىلىش جەريانىدىن ئۆتمىسە، قانچىكى پۇچەك، ئىچكى كاۋاك بولسا، شېئىر «مەزمۇن ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ» «ئەركىنلىك»، «ھۆرلۈك» كە چىقىپ، شۇنچە قالتىس، شۇنچە بەھەيۋەت بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئاپتورنىڭ: «مەزمۇن ئاسارىتى دېگەن گېپىنى «گۇڭگا شېئىرلاردىن ساپ ئىدىيە ئاختۇرماسلىق، نېمە مەزمۇن بار دەپ سورىماسلىق» توغرىسىدىكى تەھدىتى بۇيرۇقلىرى بىلەن باغلاپ قارىغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئىجادىيەتنى ساپ ھالدىكى ئاڭسىز، ساراڭلىق جەريانىغا ئايلاندۇرۇش مۇساپىسىدە «كېيىن چىققان مۈڭگۈز» بولۇپ فرېئۇدتىن ئېشىپ چۈشۈشكە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. f1? >h\F8
    ئەمدى «ئۇنىڭ شەكىل قانائىتىدىن قۇتۇلۇش» توغرىسىدىكى گېپىگە كەلسەك، بۇ كونا، يېڭى «قەبرىستانلىقنىڭ شەيخلىرى» زامانىدا نەشر قىلىنغان ھەر قانداق بىر لۇغەتتە جانلىق ياكى يېزىق تىلىدا ھېچكىم كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان بىر مەنتىقىسىز قۇرۇق گەپ بولغانلىقى بىلەن رەددىيە كۆتۈرمەيدۇ. ئەمما، «گۇڭگا شېئىر» لارنىڭ شەكىلسىزلىكتىن ئىبارەت «ئەركىنلىكى» توغرىسىدا ھەممىدىن جىق ۋەز ئېيتىپ يۈرگەن ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئەدەبىياتنىڭ قىيامىتى ۋە نوھنىڭ كېمىسى» دېگەن ماقالىسىدە شەكىل توغرىسىدا پەلسەپىگە خىلاپ مۇنداق بىر «شەكىل سەپسەتىسى» نى توقۇپ چىققان: «شەكىل ئىلھام بىلەن سەۋەب ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ ماھىيىتى». ئاپتورنىڭ ئابستراكت خىيالكەشلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىققان بۇ «سەپسەتىسى» نى تەشكىللەپ تۇرغان «شەكىل»، «ئىلھام»، «سەۋەب» دېگەن بۇ ئۇقۇملار ئەدەبىياتتىكى شەكىل، جۈملىدىن «شېئىر شەكلى» دېگەن بۇ ئوقۇمنى شەرھلەشتە ئاتالغۇ كۆز- كۆزچىلىقى بىلەن زورمۇ- زور بىر يەرگە توپلاپ قويۇلغانلىقى، ئەمما بىر- بىرى بىلەن ھېچقانداق ئورگانىك مۇناسىۋەتتە بولمىغانلىقى بىلەن كىشىنى تەئەججۇپلەندۈرىدۇ. ئالايلۇق، شائىر شېئىر تۇيغۇسى بەخش ئەتكەن مەنبەگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مەنبە قوزغاتقان پىكىرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەبىئىي ھالدا ئۇنى ئىپادىلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەكىل ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ، ياكى ئۇنى تاللاپ بېكىتىدۇ. ئىلھام شېئىرىي تۇيغۇغا ئىگە ھادىسىنى ئىپادىلەشكە كىرىشكەن شائىر ئەقىل- ئىدراكى ۋە زېھنىي كۈچىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ شائىر بەدىئىي تەپەككۇر ھەرىكىتىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مەنبە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شائىرنىڭ شەكىل تاللاشتىن ئىبارەت بۇ باسقۇچتا ئىلھامنىڭ شەكىل دېگەن نەرسە بىلەن ھېچقانداق تەقەززالىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بۇنداق ئەڭ ئاددىي مۇناسىۋەت بولمىغان يەردە ئابدۇقادىر جالالىدىن گەپ يورغىلىتىپ كۆتۈرۈپ چىققان «ماھىيەت» نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئەمدى ئاپتور بىر- بىرىگە قولاشماي تۇرغان «شەكىل»، «ئىلھام» دېگەن بۇ ئىككى ئوقۇمنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرماقچى بولۇپ تىلغا ئالغان «سەۋەب» كە كەلسەك «سەۋەب» دېگەن بۇ نەرسە تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان شەكىللىرىنىڭ بىرى بولغانلىقتىن، بۇ يەردە «ئىلھام» نى تەقەززا قىلىۋاتقان ھېچنېمىنىڭ ھېچقانداق «سەۋەبى» مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت بولمىغان سەۋەب (يوقلۇق) بىلەن تولۇق مەنىدىكى ئابستراكتلىققا ئىگە «ئىلھام» ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش «ئارىلىق» ھېچنېمىنى كۆرسەتمەيدىغان ھېچنېمىنىڭ «ئارىلىقى» بولۇپ، بۇ يەردىكى يوقلۇققا ماددىيەتلىككە ئىگە شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ مۇھىم تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان، شەيئىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىچكى قاتلىمىدا يۈز بېرىدىغان جەريانلارنى چۈشەندۈرىدىغان «ماھىيەت» دېگەن نېمە نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە شەكىل دېگەن مەزمۇننىڭ شەكلى (مەزمۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان) بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھېچقاچان «ماھىيەت» ئۇقۇمى بىلەن تەبىرلەنمەيدۇ.
  • (2) ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىغا دىئاگنۇز
    ‹2› vn5]+-I
    ئايرىم ئۇقۇم، سۆز ئىبارىلەرنى ئەينەن كۆچۈرۈۋېلىش، ئەمما ئۇنى پۈتۈنلەي خاتا تەدبىقلاپ، خاتا چۈشەندۈرۈش، خاتا ئېنىقلىما بېرىپ، خاتا ئىزاھلاش ئابدۇقادىر جالالىدىن كۆچۈرمىچىلىكىنىڭ يادرولۇق قىسىملىرىنىڭ بىرى. @h\u}Ee
    بىرىنچى، «چۈش» ئۇقۇمى. D #twS
    يۇقىرىدا ئاپتورنىڭ بۇ ئوقۇمنى فرېئۇدنىڭ «چۈش نەزەرىيىسى» دىن كۆچۈرۈپ كەلگەن ئۇقۇم ئىكەنلىكى ھەمدە تەركىبىدە «چۈش» ئۇقۇمى بولغان فېرىئۇدنىڭ بىر قانچە بىر يۈرۈش نەزەرىيىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدۇق. تۆۋەندە ئاپتورنىڭ بۇ ئوقۇمنى سۇيىئستېمال قىلىپ ئۆزى ياساپ چىققان ئەمما خاتا تەدبىقلاپ، خاتا شەرھلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىسالنى كۆرۈپ چىقىمىز. 8J7<7Sx
    1) ئاپتور «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 9- سانىدا «غۇلغۇلا» تېمىسىغا ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر مۇنچە يەكپاي سەپسەتىلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە: «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئامىللار مۇرەككەپ ۋە چۈشسىمان تۇيغۇلار جۇغلانمىسىدىن پەيدا بولىدۇ» دېدى. s2+s1%^Ll
    2) «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىل 10- سانىدىكى: شېئىرىيىتىمىزدىكى ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن ماقالىسىدە: «شېئىرىي كارتىنا خۇددى چۈش ئىچىدىكى تۇرمۇش ياكى تۇرمۇش ئىچىدىكى چۈشتەك ئارىلاشما سەزگۈگە ئىگە» دېدى. FU~:9EEx
    3) «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» دېگەن ماقالىسىدە: «دۇنيا بىلەن چۈش ئاڭدىكى بىر پۈتۈن رېئاللىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئاپتورنىڭ سۆيگۈسى چۈشسىمان رېئاللىقنىڭ ئىچىدە جىلۋە قىلىدۇ»، «بېشارەتلىك چۈش كۆرۈۋاتقان شېئىرىيەت» دېدى. n47v5.Wn
    4) «شېئىرىيەت دېڭىزىدىكى يېتىم ئارال» دېگەن ماقالىسىدە: «بۇ يەردىكى قۇملار بەئەينى چۈش قۇدۇقلىرى» دېدى ۋە باشقىلار. ;,]Wtmu)7
    مىسال ئۈچۈنلا ئېلىنغان بۇ بىر قانچە جايدا ئاپتور چۈش ئۇقۇمىنى تېنىمسىز ھالدا تەكرار ئىشلىتىۋەرگەن. ئەمما ئاپتور بۇ ئوقۇمنى كۆچۈرۈپلا قويۇپ ئۆز چۈشەنچىسىگە ئايلاندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن قوللانغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە خاتا قوللانغان. مەسىلەن، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىرىنچى مىسالدىكى «چۈشسىمان تۇيغۇ» دېگەن ئوقۇمنى قائىدىسىز ياسىۋالغانلىقى ئۈچۈن مۇنداق ئىككى خىل خاتالىققا يول قويىدۇ: بىرى، «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئامىللار» نىڭ ھەممىسى «مۇرەككەپ بولىدۇ»، يەنە بىرى، بۇ «مۇرەككەپ ئامىللار» نىڭ ھەممىسى «چۈشسىمان تۇيغۇلار جۇغلانمىسىدىن ھاسىل بولىدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت. 5SY(:!
    ئۇنداق بولسا، «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار» دېگەن نېمە؟ بۇ «ئامىللار» نىڭ ھەممىسى «مۇرەككەپ» بولامدۇ؟ =: =uV0jX\
    كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھالىتىنى بەلگىلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يىغىندىسى جەھەتتىن، ياكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى يارىتىشتىن ئىبارەت تارىخى پائالىيىتى جەھەتتىن بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئامىللار» بولۇپ تەبىئەت دۇنياسىدا ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھېچنېمە بولمايدۇ. ھالبۇكى زۆرۈر ئەمگەك كۈچى ۋە تۆلىنىدىغان بەدەل، ئەقىل- پاراسەت، چېچەنلىك ھېسابىغا يارىتىلىدىغان بۇنداق ماددىي تۇرمۇش مۇۋازىنىتىنىڭ جاپالىق ۋە «مۇرەككەپ» بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەمما «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك» بولغان بۇ «تۈرلۈك ئامىللار» نىڭ ھەرقانداق ماكان ۋە زاماندا ئاپتور زىكرى قىلغاندەك ئىستىسناسىز ھالدا «مۇرەككەپ» بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى «مۇرەككەپلىك» ئادەتتە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىدە شەرتلىك ھالدا شەكىللەنگەن، ھەل قىلىش نۇقتىسىغا ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان، ھەل قىلىش قىيىنچىلىق دەرىجىسى يۇقىرى، «ئالدىغا ماڭسا ئۆكۈز ئۆلىدىغان، كەينىگە يانسا ھارۋا سۇنىدىغان»، خەتەر يوشۇرۇنغان قاتماللىق بولۇپ، بۇ خىل ئامىل (كۈچ) لەرنىڭ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى تەمىنلەش جەھەتتىكى مۇۋازىنەتلىك ئەمگىكىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا «مۇرەككەپ» لىكنى دەۋر قىلىۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىش تۈرى، خاراكتېرى، يارىتىلىدىغان قىممەت، زۆرۈر ئەمگەك كۈچى ۋە تۆلىنىدىغان بەدەل بىلەن ھېسابلاشماي «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئامىللار مۇرەككەپ بولىدۇ» دېيىش بىر تەرەپلىمىلىك ھۆكۈم بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈپتىن خاتا. بۇنىڭدىن «مۇرەككەپ» لىكنىڭ نىسپىي بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. cz9T,
    ئەمدى ئاپتورنىڭ «ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك» بۇ «تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چۈشسىمان تۇيغۇلار جۇغلانمىسىدىن ھاسىل بولىدۇ» دېگەن غەلىتە سەپسەتىسىگە كەلسەك، بۇ، ماددىي دۇنيادىكى «تۈرلۈك» شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئىنساننىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە ئادەمنىڭ ئېڭىدا پەيدا بولىدىغان ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ دەسلەپكى ئەكس ئېتىش شەكلى بولغان ياكى تاشقى دۇنيانىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئوبرازى بولغان تۇيغۇنى «چۈشسىمان» يەنى، « ساراڭلىق پسىخولوگيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان»، ئەقىلنىڭ باشقۇرۇشىدىن چىقىپ كەتكەن، باش- ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق، ئاجايىپ- غارايىپ قالايمىقانچىلىق، چۈشىنىكسىزلىك، دېگەن ئىلىم- پەن قارىغۇلۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇبادا تۇيغۇ ئاپتور ئېيتقاندەك «چۈشسىمان» نەرسە بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتلىق مەنبەسىنى خورىتىپ، تېنىمسىز تەكشۈرۈپ، تەجرىبىخانىدىن چىقماي تەتقىق قىلىپ ماددىي دۇنيا توغرىسىدا ھاسىل قىلغان بىلىملىرىنىڭ ھەممىسى «چۈشسىمان بىلىم» يەنى «ساراڭلىق تۇيغۇسى جۇغلانمىسىدىن ھاسىل بولغان» بىلىم بولۇپ قالمامدۇ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ سەپسەتىسى بۇندىن 300 نەچچە يىللار ئىلگىرى پەلسەپە ئەخلەت چىرىندىسى سۈپىتىدە پەلسەپە مۇنبىرىدىن سۈپۈرۈلۈپ لەھەتكە دەپنە قىلىۋېتىلگەن كانتنىڭ: «دۇنيا تۇيغۇلار قوشۇلمىسىدىن ئىبارەت»، «ئىنسان ئۆز تۇيغۇسى بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ»، «پەقەت سەزگۈلا رېئال بولىدۇ» دېگەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەكسىيەتچىل نەزەرىيىسىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، كانتنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرىپىدىن «ئىجادىي» بېيىتىلغان «چۈشسىمان» دېگەن ئۇقۇم بىلەن قوشۇپ تولۇقلىغاندا، ئۇ ھالدا كانتنىڭ بۇ نەزەرىيىسى: «دۇنيا چۈشسىمان تۇيغۇلار قوشۇلمىسى (جۇغلانمىسى) دىن ئىبارەت» بولىدۇ. ھالبۇكى كانت: «دۇنيا تۇيغۇلار قوشۇلمىسىدىن ئىبارەت» دېگەن بولسىمۇ، «چۈشسىمان» دېگەن ئوقۇمنى ئىشلىتىشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلغان. بىراق بىزنىڭ «يېتىلىۋاتقان پەيلاسوپىمىز» ئابدۇقادىر جالالىدىن «قاينار بۇلاقتەك ئىلمى» بىلەن كانتنىمۇ «پوش» دېمىگەن! بۇ، نېمىدېگەن جۇشقۇن «تالانت» ۋە تېشىپ تۇرغان «جاسارەت» ھە! "(d7:!%
    ئاپتورنىڭ ئىككىنچى مىسالدا «چۈش» ئۇقۇمىنى خاتا قوللىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىككى خىل خاتالىقى مۇنداق: بىرى، «شېئىرى كارتىنا (مەنزىرە) چۈش ئىچىدىكى تۇرمۇش»قا ئوخشايدۇ؛ يەنە بىرى مۇشۇ «شېئىرى كارتىنا تۇرمۇش ئىچىدىكى چۈشتەك ئارىلاشما سەزگۈگە ئىگە» دېگەنلەردىن ئىبارەت. *] cm{N
    ئۇنداق بولسا، «چۈش ئىچىدىكى تۇرمۇش» دېگەن نېمە؟ «ئاڭسىزلىقنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىپادىلىشى بولغان چۈش» تە «تۇرمۇش» بولامدۇ؟ بىز يۇقىرىدا «چۈش» دېگەن نەرسىنىڭ ئاڭ، ئەقىل قاتناشمىغان، مەقسەت، نىشان، تەرتىپ، سىستېما بولمىغان «ئۆز پۈتۈنلەي ئارام ئالالمىغان، ئۇيقۇسىراپ تۇرغان ھالەتتە» يۈز بېرىدىغان بىر خىل روھىي كاللىماشاڭچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. تۇرمۇش دېگەندە بىز ئىنساننىڭ ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت تادۇ بىلەن بولغان ھەر بىر دەقىقىدىكى ئاڭلىق، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي ھاياتلىق پائالىيىتىنى كۆزدە تۇتىمىز. بۇ خىل پائالىيەت تۇرمۇش، ياكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «چۈش» تۇرمۇش ئەمەس، «تۇرمۇش» چۈش ئەمەس. ھالبۇكى ئابدۇقادىر جالالىدىن: «چۈش— تۇرمۇش»، «تۇرمۇش— چۈش» دېگەن ئەسىر ئاخىرىدا ياساپ چىققان غارايىپ تەڭلىمىسى بويىچە يەنە شۇنداق غارايىپ بىر «شېئىرى كارتىنا نەزەرىيىسى» نى «ئىختىرا» قىلىپ چىققان. بىز بۇ تەڭلىمىنى چۈش ۋە تۇرمۇشقا بېرىلگەن ئەمەلىي تەبىر بويىچە: «شېئىرى كارتىنا ساراڭلىق (چۈش) ئىچىدىكى تۇرمۇش، ياكى تۇرمۇش ئىچىدىكى ساراڭلىقتەك (چۈشتەك) ئارىلاشما سەزگۈگە ئىگە» دەپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەينى «شېئىرىي كارتىنا نەزەرىيىسى» گە سۆزمۇسۆز ئۇدۇللاشتۇرساق، ئۇ ھالدا بىز «شېئىر— ساراڭلىق (چۈش) » دېگەن ئەڭ يېڭى تەڭلىمىگە ئىگە بولىمىز. ئۇنداق بولسا، شېئىر ياكى شېئىرى كارتىنا ساراڭلىقمۇ؟ بۇنداق دېسەك مۇشۇ «شېئىرى كارتىنا نەزەرىيىسى» نىڭ ھەقدارى بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىنغىمۇ غەلىتە تۇيۇلۇپ، ئۇنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەمما ئاپتورنىڭ قولىدىن چىققان: «ئۆزۈمنى شاۋقۇنلارنىڭ تىلسىمىدا تىڭشىدىم ئاۋازىمنى ئاپېلسىن رەڭگى كەستى ئاۋات كوچا چىرىغىدەك ئۇنتۇلماقتىمەن كەچكۈزنىڭ تىترەك قوينىغا كىرىۋالىمەن كۆزۈم ئاۋازلارغا ئايلانغان سايىلارنىڭ يامراشلىرىدىن توڭلاپ كەتتىم ھورلىنىپ تۇرىدۇ كالا گۆشى سۇيقىشى بىر قۇيۇن ئەخلەت دۆۋىسىنى قۇچاقلىدى شاكىلات ھەم شىرشىم كەمپۈت قەغەزلىرى نۇر بەھرىدە بېلىجانلاردەك ئۈزىدۇ» دېگەندەك ھەتتا تىنىش بەلگىلىرىمۇ بولمىغان «شېئىر» لىرى «شېئىر— ساراڭلىق» دېگەن ئاپتور تەڭلىمىسىنى رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. o;@T6-VH
    ئاپتورنىڭ «شېئىرى كارتىنا نەزەرىيىسى» نىڭ تۈگەنجىسىدە دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان «ئارىلاشما سەزگۈ» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. شەيئىنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتىنى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن شەيئىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، يەنى «شەيئىلەر ئالاھىدىلىكىنىڭ يىغىندىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان» سەزگۈ تەتقىقاتىدا ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇشۇ دەقىقىلەرگىچە ھەر قانداق بىر پەيلاسوپنىڭ سەزگۈنى «ئارىلاشما (جۆۋەندە) سەزگۈ» ياكى «ساپ سەزگۈ» دەپ ئاتىغانلىقىنى ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە ئاڭلىمىغان. ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىن «يېتىلىۋاتقان پەيلاسوپ» بولغانلىقى ئۈچۈن «ئارىلاشما (جۆۋەندە) سەزگۈ» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۇنىڭ سەزگۈ تەتقىقاتىغا قوشقان غايەت زور «پەيلاسوپلۇق تۆھپىسى» بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس! S2fBZ=V8
    ئاپتور ئۈچىنچى مىسالدا تىلغا ئالغان «چۈشسىمان رېئاللىق» دېگەن ئۇقۇم ئۇنىڭ «بۈركۈتسىز ئۇۋا» دېگەن ئېغىر سىياسى ۋە ئىجتىمائىي خاھىشقا ئىگە، ئۇزۇن- قىسقا ئون نەچچە قۇرغا تىزىلغان بىر «گۇڭگا شېئىر» نى پويىز ئىستانسىسىدىكى «كېلىۋاتقان»، «كېتىۋاتقان» يولۇچىلارنىڭ «ھىجران تۇيغۇسى» «ياش بىلەن نەمدەلگەن پويىز ئاۋازى» ئۇلارنىڭ «يىغىسى» دەپ بۇرمىلاپ مەنە ئېيتقان «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» دېگەن ماقالىسى (بۇ ماقالىدىكى مۇلاھىزىنىڭ خاتالىقى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىمەن) دا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇنداق بولسا، «چۈشسىمان رېئاللىق» دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ رېئاللىقمۇ چۈشسىمان بولامدۇ؟ بىز رېئاللىق دېگەندە ئەتراپىمىزدىكى سەزگۈ ئەزالىرىمىز ئارقىلىق سەزگىلى بولىدىغان جانلىق ياكى جانسىز، ئورگانىك ياكى ئانئورگانىك ماددىي جىسىملارنىڭ مەۋجۇت شەكلى ۋە شەكىل ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتىمىز. بۇ خىل رېئاللىقنى «چۈشسىمان رېئاللىق» دەپ ئاتاش ئاڭنىڭ سىرتىدا، ئاڭغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ماددىي رېئاللىقنى روھ، خىيال، ئاڭ، مۇتلەق ئىدىيە، تۇيغۇ، تەسەۋۋۇرنىڭ مەھسۇلى ياكى رېئاللىقنىڭ ئاساسى سۇبيېكتنىڭ تۇيغۇسى، روھى، تەسەۋۇرى دەپ قارايدىغان كانتىزم تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھالبۇكى رېئاللىق ئىنساننىڭ روھىي پائالىيىتى بولغان چۈش ياكى چۈشسىمان نەرسە ئەمەس. شۇنداقلا مەيلى «چۈش» ياكى «سەزگۈ» بولسۇن، ئوبرازنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا تەسىر قىلىپ تۇيغۇ ھاسىل قىلىدىغان رېئاللىق ياكى رېئال دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ شەيئى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنكاس شەكلىدىكى (تىپىدىكى) روھىي ھادىسە. روھىي ھادىسىدە نەدىمۇ رېئاللىقنىڭ سەزگىلى بولىدىغان ئىزنالىرى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە «يېتىلىۋاتقان پەيلاسوپ» ئابدۇقادىر جالالىدىندىن باشقا ھەرقانداق بىر پەيلاسوپ رېئاللىقنى «چۈشسىمان (مۈگدەۋاتقان) رېئاللىق»، «مۈگدىمىگەن ئويغاق رېئاللىق» دەپ بۆلۈپ ساختا بىلىمدانلىق قىلىپ كىشىلەرنى كولدۇرلىتىپ يۈرگەن ئەمەس. !_gHIJiq}
    ئاپتور يەنە شۇ مىسالدا: «دۇنيا بىلەن چۈشۈمنىڭ ئارىسىدا ياتىدۇ ئۇپۇق» دېگەن بىر بىمەنە يېيىق جۈملىنى «قالتىسلىقى» بىلەن ماختاپ: «دۇنيا بىلەن چۈش ئاڭدىكى بىر پۈتۈن رېئاللىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ» دېگىنىدىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئادەمنىڭ مېڭىسى ئارقىلىق ئادەمگە خاس تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن رېئال چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، «دۇنيا (ماددا)» نىڭ، مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنكاسى بولغان ئاڭنى «دۇنيا بىلەن چۈش (ساراڭلىق)» نىڭ «بىر پۈتۈن رېئاللىقى» دەپ قارىسىغا جۆيلۈگەن. ئاڭ دېگەن بۇ نەرسە ئادەمنىڭ دۇنيا يەنى ئەتراپتىكى رېئال مۇھىتنى ئىنكاس قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى تۇرسا، كىشىلەرنىڭ رېئال مەۋجۇدىيىتى ئۇنىڭ ئېڭىنى بەلگىلەيدىغان تۇرسا، ئاڭدا ئىنسان سەزگۈسى ئارقىلىق سېزىلىدىغان «بىر پۈتۈن رېئاللىق» نېمە ئىش قىلسۇن؟ «دۇنيا بىلەن چۈش ئاڭدىكى بىر پۈتۈن ئوبراز» دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ «دۇنيا بىلەن چۈشۈم ئارىسىدا ياتىدۇ ئۇپۇق» دېگەن بىمەنە خەۋەر جۈملىدە نەدىمۇ «ئوبراز» دېگىدەك بىر نېمە بار؟ &De&ZypU
    ئاپتور تۆتىنچى مىسالدا ئادەملا ئەمەس، بەلكى يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئۇزۇن- قىسقا قۇرلارغا تىزىپ قويۇلىدىغان «شېئىرىيەت» نىڭمۇ «چۈش» كۆرۈپلا قالماي بەلكى «بېشارەتلىك چۈش كۆرىدىغان» لىقى؛ تەبىئەت دۇنياسىدا «چۈش قۇدۇقى» دەپ ئاتىلىدىغان «قۇملار» دۆڭلىرىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ئىلىم- پەنگە زىت، قائىدە- قانۇنىيەتسىز فانتازىستىك ئويدۇرمىسىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئەقىلنى، قەغەز- قەلەمنى خورىتىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش «ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەخمەقلىق كېرەك» بولغاندەك بىر بىھۇدىلىك. ceR zHq=
    ئىككىنچى «بىۋاسىتە سېزىم». anTS8b 
    «بىۋاسىتە سېزىم» دېگەن بۇ ئاتالغۇ «ھايات پەلسەپىسى»، «ئۆزلۈك نۇقتىئىنەزىرى» ۋە «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» بىلەن غەرب ھازىرقى زامان پەلسەپە تارىخىدا داڭ چىقارغان مەشھۇر پەيلاسوپ، ئىلمىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بېرگسون (1941— 1859) نىڭ «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» دە كۆپ قوللىنىلغان، سېسىق نامى پۇر كەتكەن غەلىتە ئاتالغۇ بولۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ئاتالغۇنى بېرگسوننىڭ ئاشۇ نەزەرىيىسىدىن ئەينەن كۆچۈرۈۋالغان ۋە قوللانغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈنلەي خاتا قوللانغان. مەسىلەن، ئاپتور «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 10- سانىدىكى: «شېئىرىيىتىمىزدىكى ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىدۇ: «بىۋاسىتە سېزىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەقىل- ئىدراك مەۋھۇملىشىپ ئانتى ئىدراك (يوشۇرۇن ئاڭ) نىڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتى (پەيتى) دەل ھېسسىياتنىڭ تەۋەللۇت بولغان ۋاقتى بولۇپ، ئۇقۇملار ئىلھامنىڭ ماگمىدەك كۈچلۈك تەپتىدىن ئېرىپ، ھېسسىي كۈچكە ئىگە ئىدېئال مۇھىت ۋە شېئىر يارىتىلىدۇ». !8U\GR `
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۆزىگىمۇ چۈشىنىشلىك بولمىغان ھەتتا جۈملىمۇ توغرا تۈزۈلمىگەن، بۇ قالايمىقان سىرلىق «نەزەرىيە» بوتقىسىدا مەسىلە ئاز ئەمەس: بىرىنچىدىن، «بىۋاسىتە سېزىمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەقىل- ئىدراك مەۋھۇم (ئابستراكت) لىشىدۇ». ئىككىنچىدىن، ئەقىل- ئىدراك مەۋھۇملاشقاندا «ئانتى ئىدراك (يوشۇرۇن ئاڭ) ئەۋجىگە چىقىدۇ». ئۈچىنچىدىن، ئانتى ئىدراك ئەۋجىگە چىققاندا «ھېسسىياتنىڭ تەۋەللۇت بولغان (تۇغقان) ۋاقتى بولىدۇ». تۆتىنچىدىن، ھېسسىيات تەۋەللۇت بولغان (تۇغۇپ بولغان) ۋاقىتتا «ئۇقۇملار ئىلھامنىڭ ماگمىدەك تەپتىدىن ئېرىيدۇ». بەشىنچىدىن، «ئۇقۇملار ئېرىپ» بولغاندىن كېيىن «ھېسسىي كۈچكە ئىگە ئىدېئال مۇھىت ۋە شېئىر يارىتىلىدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت. 0Y9\,y_
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كېسىپ ئېيتقان بۇ بەش نۇقتىلىق سەپسەتىسى ئىلمىي قائىدە ۋە نەزەرىيىلەرگە خىلاپ قۇرۇق گەپ بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ «بىۋاسىتە سېزىم» دېگەن نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى، بېرگسون «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» نىڭ ئۆزىگە خاس مېتودولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى شېئىر ئىجادىيىتىگە قارىسىغا تەدبىقلاپ «بىۋاسىتە سېزىم» شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ھامىيسى دېگەن خاتا خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. qJN2\e2~f
    «ئىنسان رەببى بىلەن روھىي بىرلىككە ئىگە، ئىنسان رەببىنىڭ قۇدرەت كامالى بىلەن مەۋجۇدىيەتنى بىلەلەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش دىنى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنىڭ داڭلىق ھامىيسى بولغان بېرگسوننىڭ «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» نىڭ يادروسى ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي بىلىش، ئىلمىي قانۇنىيەت، ئىلمىي تەجرىبە، ئەقلىي بىلىش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىپ مەۋجۇدىيەتنى— دۇنيانى ۋە ھەقىقەتنى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىش، بىلىشنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەقلىي شەكىللەر ۋە ئەقلىي ئۇسۇللارنىڭ ھەر دائىم تېنىمسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە تېنىمسىز ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدىغان بارلىق مەۋجۇدىيەتنى، ئىنساننىڭ ھاياتلىق مەۋجۇدىيىتىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى ئەقىلدىن، ئاڭدىن، تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان «بىۋاسىتە سېزىمىنىڭلا» بىلەلەيدىغانلىقىنى، «بىۋاسىتە سېزىم»نىڭ بارلىق مەۋجۇدىيەتنى تونۇش، ھەقىقەتنىڭ سىرىنى ئىگىلەشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش؛ ئەقىلگە، تەپەككۇرغا تايانماسلىق؛ ئاڭنىڭ ئەقلىي پائالىيىتىسىزمۇ ھەقىقەتنى بىلگىلى بولىدىغانلىقى؛ تۇيغۇ، ئەقىلنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىسىزمۇ دۇنيانى بىلگىلى بولىدىغانلىقى بېرگسون «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» نىڭ يادروسى بولۇپ، بېرگسوننىڭ تونۇشىچە مۇشۇلارلا «تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ» كەن ۋە «مۇتلەق ساھەگە يېتىپ بارالايدۇ» كەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، بېرگسون «مۇتلەق ساھە» دەپ ئاتىغان بىۋاسىتە سېزىم كانت نەزەرىيىسىدىكى «مۇتلەق»، «مۇتلەقلىق»، «مۇتلەق ئىدىيە» دېگەن نېمىلەر بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولۇپ، ئۇ، رەببىنىڭ نامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق ئىكەن ئابدۇقادىر جالالىدىن بېرگسوننىڭ «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» دىن كۆچۈرۈپ كەلگەن «بىۋاسىتە سېزىمى» نىڭ «تۈرتكىسى» رەببىنىڭ «تۈرتكىسى» بولۇپ، ئۇ، ھەقىقىي شائىر ئىجادىي پائالىيىتى جەريانىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ «ئىدېئال مۇھىت ۋە شېئىر يارىتىشى» غا ھەرگىزمۇ «تۈرتكە» بولالمايدىغان ھەمدە «تۈرتكە» بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان، ئەمما، «ماددىي دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنسان ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز» نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرى ۋە «بەدىئىي ئىجادىيەت خۇدا (رەببى) ئاتا قىلغان تەلۋىلىك» تەرغىباتچىلىرىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن مۇشۇ خىلدىكى سەپسەتىلىرىنى تەرغىپ قىلىشىغا «تۈرتكە» بولىدىغان بىر خىل غايىۋى «تۈرتكە» دىن باشقا نەرسە ئەمەس. $;dSM ئەمدى «بىۋاسىتە سېزىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەقىل- ئىدراكنىڭ مەۋھۇملىشىشى» غا كەلسەك، ئابدۇقادىر جالالىدىن ماددىي ئەسلى زاتنىڭ مېڭىدىكى ئىنكاسى بولغان «ئەقىل- ئىدراك»نى روھىي ئەسلى زاتقا تەئەللۇق كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى، تۇتقىلى، پۇرىغىلى، تېتىغىلى بولمايدىغان روھىي ئەسلى زات دەپ ئەمەس، بەلكى ئىنسان سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق سەزگىلى بولىدىغان ماددىي ئەسلى زات دەپ قارىغان. شۇڭا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «بىۋاسىتە سېزىمى» شائىر ئىجادىي پائالىيىتىدە «تۈرتكە»لىك رول ئويناپ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ نەزىرىدىكى كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى، تۇتقىلى، پۇرىغىلى، تېتىغىلى بولىدىغان «ئەقىل- ئىدراك»تىن ئىبارەت بۇ «ماددىي ئەسلى زات»نى «مەۋھۇملاشتۇرۇپ» قويىدىكەن. ھالبۇكى، «ئەقىل- ئىدراك» دېگەن بۇ نەرسە، ئەمەلىيەتتە، ماددىي ئەسلى زاتنىڭ ئىنسان مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىنلا «مەۋھۇم»، يەنى ئابستراكت نەرسە تۇرسا، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەقىلدىن، ئاڭدىن تاشقىرى بولغان «بىۋاسىتە سېزىمى» ئەزەلدىن «مەۋھۇم» بولغان نەرسىنى ئۈستىلەپ «مەۋھۇم»لاشتۇرۇپ قويىدىغان قانداق مۆجىزىسى بار ئىكەن؟ شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئاپتور «ئەقىل- ئىدراك» دېگەن بۇ ئوقۇمنى ھە دېسە تەڭ مەنىدە قوللىنىدۇ. بۇ يەردىمۇ شۇنداق قىلغان. ھالبۇكى «ئەقىل- ئىدراك» بىلىشنىڭ باسقۇچلۇق شەكلىدىن ئالغاندىمۇ، مەزمۇن، ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئەقىل ئىدراك، ئىدراك ئەقىل ئەمەس. بىر- بىرى بىلەن باغلىنىپ، بىر- بىرىگە ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تۇيغۇ بىلەن سەزگۈ (بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى) ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىدراك دېيىلىدۇ. ئىدراك مەۋجۇدىيەتنىڭ ھادىسىلىرىنىلا بىلەلەيدۇ. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ماھىيىتىنى بىلەلمەيدۇ. بۇنى بىلىش ۋە ئىگىلەش بىلىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى بولغان ئەقىلدىلا ھەل قىلىنىدۇ. شۇڭا ئەقىل بىلەن ئىدراكنى ھەر قانداق باھانە- سەۋەب بىلەن تەڭ مەنىدە قوللىنىش تۈپتىن خاتا. ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىن ساناپ تۈگىتىش قىيىن بولغان «ئىدراك» ئۇقۇمىنى ئۆز ماقالىلىرىدا ئەقىل بىلەن تەڭ قويۇشلا ئەمەس، ھەتتا ئەقىلدىنمۇ، تەپەككۇردىنمۇ ئۈستۈن قويۇپ، ئىدراكنى ۋەھىلەشتۈرۈش دەرىجىسىگە يەتكەن. gG^K\+S
    ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئەقىل- ئىدراك مەۋھۇملىشىدۇ» دەپ قانداق جۆيلۈگەن بولسا، ئەقىل- ئىدراك مەۋھۇملاشقاندا «ئانتى ئىدراك (ئاڭسىزلىق) ئەۋجىگە چىقىدۇ» دەپ جۆيلۈشنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مۇنداق ئىككى مۇھىم مەسىلە بار: بىرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزى قارىسىغا ياسىۋالغان ئانتى ئىدراك دېگەن نېمىنى يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) دېگەن. بىز ھېلىلا ئىدراكنىڭ مەۋجۇدىيەتنىڭ ھادىسىلىرىنىلا بىلەلەيدىغان بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچلۇق شەكىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. كىشىلەر ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتكەن پەلسەپە تەتقىقاتىدا ئىدراك ئۇقۇمى ھەققىدىكى تەبىر، ئىزاھات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئانتى ئىدراك (ئىدراكقا قارشى) دېگەن ئىبارىنىڭ ئىشلىتىلگەن ئىستېمال مەنىسى ھەققىدە ھېچنېمىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغىنى يوق. ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىدراك دېگەن ئىبارىنى ئانتى ئىدراك دەپ ئاغزىغا كەلگىنىچە بىر نېمە قىلىپ ياساپ چىقىپ، تېخى ئۇنى «يوشۇرۇن ئاڭ» (ئاڭسىزلىق) دەپ تەبىر بەرگەن. ياكى ئانتى ئىدراك دېمەك ئاڭسىزلىق دېمەكتۇر، دېمەكچى بولغان. ھالبۇكى، ئانتى ئىدراك (ئىدراكقا قارشى) دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ قانداق بولسا، «ئىدراكقا قارشى» بولغان بولىدۇ؟ ئىدراكقا قارشى دېگەن گەپ قايسى لۇغەتتە «يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق)» دەپ ئىزاھلانغان؟ يەنە بىرى، «يوشۇرۇن ئاڭ» دېگەن بۇ ئىبارە فرېئۇدنىڭ «يوشۇرۇن ئاڭ نەزەرىيىسى» دە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىبارە بولۇپ، فرېئۇد ئۇنى «ئاڭسىز» لىق دەپ تەبىر بەرگەن. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يوشۇرۇن ئاڭ» دېگەن بۇ ئىبارىنى فرېئۇدتىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىدە شەك يوق. ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خۇسۇسىي لۇغىتىدە ئانتى ئىدراك يوشۇرۇن ئاڭ(ئاڭسىزلىق) بولغانمۇ بولسۇن، ئۇ ھالدا «ئىدراكقا قارشى»نىڭ «ئەۋجى» نېمە ھەققىدىكى، نېمىنىڭ «تۈرتكىسى» بىلەن نەگە «چىققان ئەۋج»؟ ھېسسىيات «ئاڭسىزلىق»نىڭ نېمىسى ۋە ئۇنىڭ قانداق «كاتالىزاتورلۇق» كۈچى بىلەن «تەۋەللۇت» (تۇغىدىغان) قىلىدىغان بولۇپ قالغان؟ ئاڭسىزلىقتا پەيدا بولىدىغان ۋە تۇغماقچى بولغان «ھېسسىيات» قەيەردىن كەلگەن، قانداق ھېسسىيات؟ «ئاڭسىزلىقنىڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتى ھېسسىياتنىڭ تەۋەللۇت بولغان ۋاقتى» بولىدىغان بولسا، «ھېسسىيات»نىڭ مۇشۇنداق «تەۋەللۇت ۋاقتى»دا «يارىتىلىدىغان» ئاتالمىش «ئىدېئال مۇھىت ۋە شېئىر» ئاڭسىزلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالمىدىمۇ؟ «شېئىر قان بىلەن يېزىلاتتى»غۇ؟ «ئۇقۇملار ئىلھامنىڭ ماگمىدەك كۈچلۈك تەپتىدىن ئېرىمدۇ»، ياكى شائىرنىڭ ئەقلىي ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ «ماگمىدەك كۈچلۈك تەپتىدىن ئېرىمدۇ»؟ ئەزەلدىن «مەۋھۇم» بولغان «ئەقىل- ئىدراك» «بىۋاسىتە سېزىمنىڭ تۈرتكىسى» بىلەن ئۈستىلەپ «مەۋھۇملاشقان» تۇرسا ئۇنىڭدا «نۇرغۇنلىغان ئايرىم ھادىسىلەرنىڭ يىغىنچاقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى» بولغان، «ھەقىقىي رېئاللىقنىڭ ئۆزىدىن ئومۇملاشتۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇقۇملار» نېمە ئىش قىلسۇن؟ «ھاياتنى پەيدا قىلغۇچى مەنبە، ماھىيەت» ئىبارىلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدىغان «بىۋاسىتە سېزىمچىلىك نەزەرىيىسى» نى ئاپتورنىڭ ئاڭ ھادىسىسى بولغان «ئىدېئال مۇھىت ۋە شېئىر يارىتىش» دېگەن نېمىگە تەدبىقلىغانلىقى ئۇنىڭ بېرگسون «بىۋاسىتە سېزىم نەزەرىيىسى» نى زادىلا چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن، بەلكى، «بىۋاسىتە سېزىم»، «ئەقىل- ئىدراك»، «مەۋھۇم»، «ئانتى ئىدراك»، «يوشۇرۇن ئاڭ»، «ھېسسىيات»، «تەۋەللۇت»، «ئۇقۇم»، «ئىلھام»، «ھېسسىي كۈچ»، «ئىدېئال مۇھىت»، «شېئىر» دېگەندەك بىر- بىرى بىلەن يۇغۇرۇلمايدىغان گرانىت تاش پارچىلىرىدەك ئون- نەچچە سۆز ئاتالغۇدىن سۈنئىي، قائىدىسىزلىك بىلەن ياساپ چىقىلغان جۈملىدىكى چۈشىنىكسىزلىك، بىراۋانلىق، باغلىنىشسىزلىقلارمۇ ئاپتورنىڭ «بىۋاسىتە سېزىم» دېگەن نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. S]3t{s#JW7
    ئۈچىنچى، «ئۆز» ۋە «ئۆزلۈك» ئۇقۇمى. !e >EDYb Y
    بۇمۇ بېرگسوننىڭ «ھايات پەلسەپىسى نەزەرىيىسى» نى تۇرغۇزۇشتا يادرولۇق رول ئوينىغان ھالقىلىق ئۇقۇملار بولۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ئوقۇمنى بېرگسوندىن «گۇڭگا شېئىر» سەھنىسىگە ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپ قوللانغان، ئەمما قوللانغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئېغىر خاتالىق بار. مەسىلەن: Og?]y ^y
    1) ئاپتور «ئەيىبسىز ئەيىبدارلىق» دېگەن ماقالىسىدە: «زاتى مۇبارەكنىڭ خۇدا ئالدىدىكى يۈكسەك ئۆزلۈكى بىلەن ئايال (بەندە) ئالدىدىكى ئادىمىي ئۆزلۈكى بىللە نامايان بولىدۇ» دېدى. SAt{At
    2) «دۇنيادىن يىراق» دېگەن ماقالىسىدە: «بارلىق كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ دوستلۇقى ئارقىلىق ئۆزلۈكىنى كېڭەيتىدۇ» دېدى. ]N^a/&} *
    3) «غاپىل تەبەسسۇم، سوغۇق شەپە» دېگەن ماقالىسىدە: «بۇلار (ياشلار شېئىرىيىتىنىڭ ئاپتورلىرىدىن دېمەكچى) يەنە ئۆزلۈكتىن ئىبارەت ئالەملەشكەن مۇرەككەپ ھادىسىلەرگە يىلتىز تارتالمىدى» دېدى. 7 p(^I*|
    4) «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» دېگەن ماقالىسىدە: «شېئىردىكى ئۈچ خىل رىتورىك سوئال شائىرنىڭ ئۈچ خىل ئۆزلۈك ئېڭىدىن بېرىلىۋاتقان بېشارەتتۇر» دېدى. %W=S*"e-
    5) «مىللىي مائارىپىمىزدىكى سۈپەت تەشۋىشى» دېگەن ماقالىسىدە: «مىللىي ئۆزلۈك تاشلىۋېتىلدى»، «مىللىي ئۆزلۈكتىن ئايرىلغان مائارىپنىڭ ئاقىۋەتلىرى»، «مىللىي ئۆزلۈك ئوبرازىنى قانداق ساقلاپ قېلىش»، «مىللىي ئۆزلۈككە يېتىدىغان خەۋپ»، «مىللىي ئۆزلۈك تەربىيىسى» دېدى ۋە باشقىلار. ?1Lzbou
    ئاپتور بىرىنچى مىسالدا تەكرار قوللانغان «ئۆزلۈك» ئۇقۇمى ئۆزى زىناخورلۇق قىلىپ ئۆزىنى- ئۆزى ھازىرقى سودىيە، قانۇن، ئەدلىيە مەنىسىگە ئىگە «زاتى مۇبارەك» نىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپىرىپ، ئۆزىگە جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان بىر «ساراڭ» مەزلۇمغا «زاتى مۇبارەك» نىڭ جازا بېرىشنى خالىماي كەڭ قورساقلىق قىلغانلىقى ۋە بۇ زىناخورنىڭ تەكرار ئۇنىڭ خانىسىغا بېرىۋېلىپ ئۆزىگە جازا تەلەپ قىلىپ «زاتى مۇبارەك» نىڭ ئارامىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن «زاتى مۇبارەك» نىڭ بۇ زىناخور مەزلۇمغا تاشبوران قىلىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر ئەپسانىۋى ھېكايىغا «مەنە» ئېيتىپ چىقارغان خۇلاسىگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ يەردە تەكرار تىلغا ئالغان «ئۆزلۈك» ئۇقۇمىنى «زاتى مۇبارەك» نىڭ «يۈكسەك ئادىمىي خىسلىتى»، «ئىنسانپەرۋەرلىك»، «پەزىلەت» مەنىسىدە قوللانغان. ئاپتورنىڭ «زاتى مۇبارەكنىڭ خۇدا ئالدىدىكى يۈكسەك ئۆزلۈكى» دېگەن تەشۋىقاتى ماتېرىيالىزمنىڭ ئاتېئىزم تەربىيىسىگە قىلغان خىرىسى بولۇپ، ئاپتور بۇ تەتۈر تەشۋىقاتى ئارقىلىق دىيۇرىڭنىڭ «بۇ دۇنيانىڭ سىرتىدىكى مۇئەللەق كۈچ» نەزەرىيىسىنى تىرىلدۈرۈشكە ئاشكارا ئۇرۇنغان. ?A /+DRQ(
    ئىككىنچى مىسالدىكى «ئۆزلۈك» كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى، «دوستلۇق»، «رىشتە» مەنىسىدە قوللىنىلغان بولسا؛ ئۈچىنچى مىسالدا «ۋەقە»، «ھادىسە»، «ئىش- ھەرىكەت»، «پائالىيەت» مەنىسىدە قوللىنىلغان. تۆتىنچى مىسالدىكى «ئۆزلۈك» ئۇقۇمى شۇ بىر شەخس، شەخس ئېڭى مەنىسىدە قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ ماختاۋاتقان «مەن، سەن، ئۇ» دېگەن «گۇڭگا شېئىر» دا ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ئىنتايىن ئاددىي مۇھىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا: «توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا» دېگەندەك بولۇپ قالغان. بەشىنچى مىسالدىكى «ئۆزلۈك» ئوقۇملىرىنىڭ ھەممىسى مىللىي ئالاھىدىلىك، مىللىي خۇسۇسىيەت، مىللىي خاراكتېر، مىللىي ئوبراز، مىللىي ئېتىكا مەنىسىدە پۈتۈنلەي خاتا قوللانغان بولسا؛ «ئۆزلۈك جەۋھىرىنى يوقىتىپ قويۇش»، «مەشرەپنىڭ ئۆزلۈكى» دېگىنىدىنمۇ «ئۆزلۈك» نى ئۆزى، شۇ بىر شەخس، شەخس ئالاھىدىلىك، ئىندۇئاللىق مەنىسىدە قوللانغان. ھالبۇكى بېرگسون «ئۆز»، «ئۆزلۈك» نى ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش نېمىگە قوللانسا شۇ نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى، خاراكتېرى، ئوبرازى، قائىدە يوسۇن، خىسلەت، پەزىلەت، ئىنسانپەرۋەرلىك دەپ ئەمەس، بەلكى «ئۆزلۈك ساپ كەيپىيات خاراكتېرلىك پسىخىك ھالەت»، «بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاساسى»، «ئاڭ پائالىيىتىنىڭ سۇبيېكتى»، «ھاياتنىڭ مەنبەسى ۋە ھاياتنىڭ قوزغىلىشى»، «ھاياتنىڭ قوزغىلىش جەريانى ئۆزلۈكنى پەيدا قىلىدۇ»، «ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق يېتىمىز»، «ئۇ مۇتلەق ئەركىن»، «لوگىكىلىق قانۇنىيەتكە بويسۇنمايدۇ»، «مىقدارلىق تەھلىل ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ»، «تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ»، «پەقەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ»، «ئوبيېكتىپ دۇنيا ئۆزلۈكنىڭ سىرتىدىكى نەرسە ياكى ئۇنىڭ سايىسى» دەپ تەبىرلىگەن. ئىلمىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاللىقاچان مۇئەييەنلىشىپ قائىدىگە ئايلىنىپ بولغان ماددا ۋە روھ توغرىسىدىكى ئالاقىدار پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بېرگسون «ئۆزلۈك نەزەرىيىسى» بىر خىل سەپسەتە بولۇش سۈپىتى بىلەن قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان پەلسەپە كاززاپلىقى بولۇشىغا قارىماي، ئۇنى چۈشىنىشمۇ ئىنتايىن قىيىن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بېرگسون ئىبارىلىرىنى تۇتىيا بىلىپ ئۆزىنى ھەم ئوقۇرمەنلەرنى كولدۇرلىتىپ يۈرگەنلىكى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرمەي قالمايدۇ. jX79N m|
    تۆتىنچى، «يوشۇرۇن ئاڭ» ۋە «ئىستىخىيە» ئۇقۇمى. +v3@WdLcD
    يۇقىرىدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «جىنسىي تەبىئىي ئىقتىدار ۋە ئۇنىڭ قوزغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ تەبىرلەنگەن بېرگسون يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) نەزەرىيىسىگە دائىر بىر قانچە يۈرۈشلەشكەن نەزەرىيىلەرنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردۇق. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ «يوشۇرۇن ئاڭ» (ئاڭسىزلىق) ئۇقۇمىنى «گۇڭگا شېئىر» سەھنىسىگە سۆرەپ كىرىپ قانداق نەزەرىيە قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىت بىلەن تونۇشىمىز. ئاپتور «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىل 9- سانىدىكى «غۇلغۇلىچى» لارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن:«شېئىردا ھېسسىياتلىق تەپەككۇر ياكى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ پائالىيىتى گەۋدىلىك بولىدۇ» دېدى. ئاپتور بۇ ھۆكۈمىدە تەپەككۇرنى ھېسسىياتلىق تەپەككۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭىچە پەتىۋانى چىقىرىپ، تەپەككۇرنىڭ «ھېسسىياتسىز» بولىدىغانلىقىغا، ياكى تەپەككۇرنى ھېسسىياتلىق تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتسىز تەپەككۇر دەپ بۆلۈشكە بولىدىغانلىقىغا بېشارەت بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن: شېئىردا «ئاڭسىزلىقنىڭ پائالىيىتى گەۋدىلىك بولىدۇ» دەپ فرېئۇدنىڭ «ئاڭسىزلىق ۋە جىنسىي تەبىئىي ئىقتىدارنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى»، «سەنئەتكار بىلەن ساراڭلار ئوخشاشلىقلارغا ئىگە» دېگەن جاھانغا مەشھۇر كاززاپلىق «نەزەرىيىسى» نى ھېيىقماستىن ئاشكارا بازارغا سالغان. C&b^TLe
    بىز تەپەككۇرنىڭ تاۋۇشلۇق تىل ۋە سۆز بىلەن بىر گەۋدىلىك مۇناسىۋەتتە تۇرۇپ، تەسەۋۋۇر، ئۇقۇم، ھۆكۈم قاتارلىق بىلىش جەريانلىرى ئارقىلىق «ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئابستراكت پائالىيىتى نەتىجىسىدە مۇقىملاشقان ئوقۇملارنى ھاسىل قىلالايدىغان ۋە ئۇنى كونكرېت مەسىلىلەرگە تەدبىقلاپ ئۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرالايدىغان» ئالاھىدە قۇرۇلمىلىق ماددا— مېڭىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ھەر قانداق بىر تەپەككۇر باشتىن- ئاخىر ئادەم مېڭىسىنىڭ ھەرىكەت شەكلى ۋە پائالىيىتى بىلەن باغلانغان بولغاچقا پەرەز، ئوي ۋە خىيال ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەم ۋە ھەر بىر باسقۇچىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ئامىل سۈپىتىدە رول ئويناپ، چوڭ مېڭىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنىڭ پسىخولوگىيىلىك پائالىيەت يەنى تەپەككۇر پائالىيىتى بولۇپ شەكىللىنىشىدىكى زۆرۈر شەرت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما سەزگۈلەر تەسىرچانلىقى ۋە قوزغىتىشچانلىقىنى شەرت قىلىدىغان ھېسسىياتنىڭ پەرەز، ئوي، خىيالغا ئوخشاش ئابستراكت پائالىيەت جەريانىغا قاتنىشىپ ئەڭ دەسلەپكى مۇقىملاشقان ئۇقۇم (تەپەككۇر ھۈجەيرىسى) ھاسىل قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بولمىغانلىقتىن چوڭ مېڭىنىڭ پسىخولوگىيىلىك پائالىيىتىنىڭ «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە يېڭى سۈپەتكە ئىگە شەكلى» تەپەككۇر ئۇقۇمى ۋە تەپەككۇرنى ھاسىل قىلىشتا ھېچقانداق رولغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا ھېسسىيات ھېسسىيات، تەپەككۇر تەپەككۇر بولغانلىقتىن، تەپەككۇرنى ھېسسىياتلىق تەپەككۇر، ھېسسىياتسىز تەپەككۇر دەپ ئاتاش تۈپتىن خاتا، قائىدىگە سىغمايدۇ. پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولغان تەپەككۇرنى ھېسسىياتلىق تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتسىز تەپەككۇر دەپ ئاتاش خاتا، قائىدىسىز بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ «شېئىردا گەۋدىلىك بولىدىغان پائالىيىتى» مۇ نۆلگە تەڭ بولىدۇ. ^9 gFW $]
    ئابدۇقادىر جالالىدىن يۇقىرىقى «شېئىر نەزەرىيىسى» سەپسەتىسىدە: «شېئىردا ئاڭسىزلىقنىڭ پائالىيىتىنىڭ گەۋدىلىك بولىدىغانلىقى» نى قاراملىق بىلەن جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ خىل ساراڭلارچە يېزىقچىلىقنىڭ ماھارەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇسۇل- چارە، قائىدە پرىنسىپلىرى سۈپىتىدە: «ئەدەبىياتتا نوپۇز يوق، بېكىتىلگەن ئۆلچەم تېخىمۇ يوق، ئۇ ئەركىن تەۋەككۈلچىلىك مەيدانى» «ئەدەبىي ساۋات ئىسكەنجىگە ئايلىنىپ كەتتى» «سەنئەتنىڭ كۈچىدىن كۆپ ئارقىدا قالغان ئەدەبىي ساۋات، قېلىپ ۋە قائىدە، مىزانلار ئەدىبلەرنىڭ كاللىسىدا ياڭاق چاقتى»، ئۇ «ئەخلاقسىز»، «ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقاردى»، «ئەدەبىيات قازىلىرىنىڭ كېسىم پىچىقىغا ئايلاندى، ئەدەبىياتتا قازى يوق»، شۇڭا «ئەدىب ئۆز ئەسىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىنى، كىشىلەرنى جەلپ قىلىشنى، كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ئويلىماسلىقى، شەيئىلەرنى ئىپادىلەيمەن دەپ زورۇقماسلىقى، ئەكسىچە، سەنئەتكە ياتىدىغان ھەر قانداق ساۋاتنى ئۇنتۇپ كېتىشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش ئابدۇقادىر جالالىدىنچە «ئاڭسىز يېزىقچىلىق نەزەرىيىسى» نىڭ ئىلاھى پەرمانىنى جاكارلىدى. K%ltB&
    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ: «سەنئەتكە ياتىدىغان ھەر قانداق ساۋاتنى ئۇنتۇپ كېتىش» توغرىسىدىكى بۇ «ئىلاھى پەرمانى» نىڭ تىغ ئۇچى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ بارلىق تۈر- خىللىرىنىڭ ئورتاق رىئايە قىلىشى شەرت بولغان، چىنلىق، ئوبرازلىق، تىپىكلىك، ۋارىسلىق قانۇنىيىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بۇ قانۇنىيەتلەردىن ئۈزۈل- كېسىل ۋاز كېچىش، ئۇنى ئىنكار قىلىش، ئاغدۇرۇپ تاشلاش، بىتچىت قىلىشتىن ئىبارەت. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ: «بىز ئۇقۇملار قاينىمىغا كىرىپ قالدۇق»، «بەدىئىي فورما ۋە قېلىپلار سەنئەتنىڭ ئانا يىلتىزىنى قۇرۇتۇشقا قاراپ يۈزلەندى»، «سەنئەتنىڭ مەنبەسىنى خىرەلەشتۈردى»، «قېرى ئۇقۇملار ئېغىر خۇراپىيلىقنى شەكىللەندۈردى»، «ئەدىبلەرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى»، «تەشۋىقاتنىڭ مۇپەسسەل چاكىرى»، «ھەقىقىي بەدىئىي ئەسەرنىڭ داشقىلى»، «ھەقىقىي سەنئەت ئەھلىنى چېرىتتى»، «ئەدەبىيات جەمئىيىتى كاردىن چىقتى»، «كۆرۈمسىز خارابىغا ئايلىنىپ قالدى»، «يىپ تۇتمايدىغان كىيىمگە ئوخشاپ قالدى»، «بوياقچىنىڭ كۈپىگە ئوخشاپ قالدى»، «ئەدەبىيات- سەنئەت مىتىلىرى»، «ھەقىقىي سەنئەت ئەھلىنى چىرىتىۋاتىدۇ»، «ئەدەبىيات دۇنياسى بۇلغانغان ۋە ياتلاشقان دۇنيا»، «ئەدەبىياتنىڭ قىيامىتى» دېگەنگە ئوخشاش نادامەتلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئۆز مۇخلىسلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات- سەنئەتنى چۆرۈپ تاشلاپ ئاڭسىز يېزىقچىلىققا ئاتلىنىشى توغرىسىدىكى قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىگە ئىگە بىر «خىتابنامە» دېيىشكە بولىدۇ.