• 2008-11-14

    فرانسىيىلىك يازغۇچى كلېزىئو 2008- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات

    فرانسىيىلىك يازغۇچى كلېزىئو 2008- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 2008- يىلى 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 دا شۋېتسىيە پادىشاھلىق ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى مۇشۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ فرانسىيىلىك يازغۇچى ژان مارىي گۇستاف لې كلېزىئو (Jean-Marie Gustave Le Clézio) غا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ژان مارىي گۇستاف لې كلېزىئو 1940- يىلى 13- ئاپرېل فرانسىيىنىڭ نىس شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى فرانسىيە يېڭى مەسەلچىلىك ئېقىمىدىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلارنىڭ بىرى. 1994- يىلى فرانسىيە ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە كلېزىئو ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان يازغۇچى دەپ قارالغان، ئۇ زامانىمىزدىكى فرانسىيە ئەدەبىياتىدا يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىغان يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە مودىيانو، پېرىك قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا «فرانسىيىنىڭ ئۈچ يۇلتۇزى» دەپ ئاتالغان. كلېزىئونىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «دەۋا خاتىرىسى»، «ئالتۇن ئىزدىگۈچىلەر»، «رودرىك ئارىلى ساياھەت خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار. توختى مەھمۇت ئەليار