• 2008-11-14

    كابۇللىق مېۋە ساتقۇچى(كابۇللىۋاللا

    كابۇللىق مېۋە ساتقۇچى(كابۇللىۋاللا) (ھېكايە) رابىندىرانات تاگور بەش ياشلىق قىزىم مىنىنىڭ ئاغزى ۋاتىلداپ بىردەممۇ جىم تۇرمايتتى.ئۇنىڭ تىلى تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرە-كىرمەيلا چىققان،شۇنىڭدىن بۇيان،ئۇخلىمىسىلا بىردەممۇ ئارام تاپماي چۇڭۇلداپ سۆزلەپلا تۇراتتى.ئاپىسى ئۇنى قانچە تىللىسىمۇ،ئۇنى بىرەر ئېغىز گەپتىن قالدۇرالمايتتى. لېكىن، مەن ئۇنداق قىلالمايتتىم.مىنىنىڭ ئاۋازى بىردەم پەسلەپ كەتسە ئۆزەمچە ئارامسىزلىناتتىم، ۋاقىت سەل ئۇزۇراپ كېتىدىغان بولسا بۆلەكچە بىئارام بولۇپ كېتەتتىم.شۇڭا مىنى مەن بىلەن پاراڭلاشسا ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ،گېپى تۈگىمەيلا كېتەتتى. بىر كۈنى ئەتىگەندە مەن ھەدەپ رومانىمنىڭ 17-بابىنى يېزىۋاتاتتىم،مىنى يېنىمغا كېلىپ:”دادا، ئىشىك باقار رامدايال قاغىنى قارغا دەيدىكەن،ئۇ ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن-ھە؟“دېدى. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى تىللارنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەمدىلا چۈشەندۈرەي دېۋىدىم،ئۇ سۆزىنى پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر تېمىغا يۆتكىدى:”دادا،سىز دەپ بېقىڭە، بولا بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە يوغان بىر پىل بار،ئۇ بۇرنىدىن سۇ پۈركىسە يەردە يامغۇر ياغىدۇ،دەيدۇ.ئۇ بۇنداق قالايمىقان سۆزلىسە قانداق بولىدۇ؟“ ئۇنىڭغا ئەمدىلا جاۋاب بېرەي دەپ ەمشىلىۋىدىم، ئۇ يەنە سوراپ قالدى:”دادا،ئاپام سىزنىڭ نېمىڭىز؟“ ”ئۇ مېنىڭ قەدىرلىك....“كۆڭلۈمدە شۇنداق جاۋاب بېرىشنى ئويلىدىميۇ،بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن مىنىغا: ”مىنى! چىقىپ بولا بىلەن ئويناپ كىرىڭە،مەن بەك ئالدىراش...“دېدىم. ئىشخانامنىڭ دېرىزىسى چوڭ يولغا قاراپ تۇراتتى.مىنى چىقىپ كەتمەي، ئۈستىلىمنىڭ يېنىغا كېلىپ پۇتۇمنىڭ تۈۋىدىلا ئولتۇردى.ئۇ تىزىغا يىنىك چېكىپ،خۇددى قوشاق ئوقۇۋاتقاندەك بىر نېمىلەرنى پىچىرلايتتى. رومانىمنىڭ 17-بابىنى پەقەتلا يازالمىدىم،بۇ بابتا ئەر باش قەھرىمان پروتراپ سىگنى ئايال باش قەھرىمان كانچانلاتانى قۇچاقلاپ قەلئەنىڭ ئېگىز دەرىزىسىدىن تۆۋەندىكى دەرياغا سەكرەيتتى.مىنى تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرىزە تۈۋىگە يۈگۈرۈپ باردى ۋە ئوچۇق دەرىزىدىن تۆۋەنگە قاراپ بار كۈچى بىلەن:” كابۇلىۋاللاھ،ھەي كابۇلىۋاللاھ!!“دەپ توۋلاشقا باشلىدى.كوچىدا مەينەت كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئېگىز بويلۇق بىر مېۋە ساتقۇچى كونا خۇرجۇننى ئۆشنىسىگە ئارتىپ ئالدىرىماي كېلىۋاتماقتا ئىدى،قولىدا كىشمىش قاچىلانغان بىر نەچچە كورۇپكا باردەك قىلاتتى. مەن قىزىمنىڭ بۇ كىشىنى كۆرگەندە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەيمەن.لېكىن، قىزىم ئۇنى تازا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چاقىرماقتا ئىدى.”ئاھ خۇدا!17-بابنى مەڭگۈ يېزىپ تۈگىتەلمەيدىغان ئوخشايمەن.“دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، دەل شۇ چاغدا مېۋە ساتقۇچى كەينىگە بۇرۇلۇپ توۋلاۋاتقان مىنىنى كۆردى ۋە كۈلۈمسىرىگىنىچە بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە قاراپ كەلدى.قىزىم بۇنى كۆرۈش بىلەنلا قورققىنىدىن قەيەرگىدۇر مۆكۈپ ئۈلگۈردى.بەلكى ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاشۇ خۇرجۇننىڭ ئىچىدە خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك قىزدىن بىر نەچچىسى بار،دېگەن خىيال بولسا كېرەك.مېۋە ساتقۇچى ئۆيۈمگە كىرىپ مەن بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۆرۈشتى. مەيلى ھازىر پروتراپ سىگنى بىلەن كانچانلاتانىڭ ئىشى قانچىلىك مۇھىم بولسۇن،بۇ كىشىنى مېنىڭ قىزىم چاقىرىپ كەلگەن ئىكەن،مەن ھەممە ئىش قويۇپ تۇرۇپ ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ئازراق نەرسە سېتىۋېلىشىم كېرەك.ئۇنىڭدىن بىر ئاز قۇرۇق يېمىش سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىككىمىز ئابدۇراخمان①،روسلار، ئەنگىليىلىكلەر ۋە چېگرا مۇداپىئەسى ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قايتماقچى بولۇۋېتىپ، تۇيۇقسىز سوراپ قالدى:”ئەپەندىم،سىزنىڭ كىچىك قىزىڭىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟“ مەن مىنىنىڭ كاللىسىدىكى ئورۇنسىز قورقۇنچنى يوق قىلماقچى بولۇپ ئۇنى چاقىرىپ كەلدىم. مىنى ماڭا چىڭ يېپىشقىنىچە مېۋە ساتقۇچىغا ۋە ئۇنىڭ خۇرجۇنىغا گۇمانلىق نەزەرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.مېۋە ساتقۇچى خۇرجۇنىدىن ئازراق كىشمىش بىلەن گۈلە-قاقلارنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى، مىنى ئۇنىڭغا قىزىقىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،تېخىمۇ قورققان ھالدا پېشىمگە چىڭ ئېسىلىپ ماڭا تېخىمۇ چاپلاشتى. بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئۇچرىشىشى ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىر ئەتتىگىنى سىرتقا چىقاي دەپ تۇراتتىم.تۇيۇقسىز قىزىمنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇتىنىڭ يېنىدا يەردىلا ئولتۇرغان كابۇللۇق مېۋە ساتقۇچى بىلەن كۈلۈشكىنىچە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. قىزىم بۇ ئۆمرىدە تېخى دادىسىدىن بۆلەك ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بۇنچە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.مېۋە ساتقۇچىمۇ كۈلگىنىچە قىزىمنىڭ سۆزلىرىگە چالا ئۆگىنىۋالغان بېنگال تىلى بىلەن جاۋاب بېرىپ قوياتتى.قىزىمنىڭ سارىسىنىڭ بۇرجىكى ئاللىقاچان ئۇنىڭ قېرى دوستى سوۋغا قىلغان گۈلە-قاقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى.”ئۇنىڭغا بۇلارنى بېرىپ نېمىمۇ قىلار ئىدىڭىز؟“دېدىم ئۇنىڭغا بىر رۇپىيەلىك تەڭگىنى ئۇزىتىۋېتىپ،ئۇ پۇلنى ئېرەنسىزلىك بىلەن ئېلىپ يانچۇقىغا تاشلاپ قويدى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقى بەختسىز بىر رۇپىيەنىڭ ئۆز قىممىتىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەنلىكىنى بايقىدىم.مىنىنىڭ ئاپىسى كۈمۈشرەڭ يالتىراپ تۇرغان تەڭگىنى تۇتۇۋېلىپ مىنىدىن زەردە بىلەن سوراۋاتاتتى:”ئېيتىڭە،بۇنى نەدىن تاپتىڭىز؟“ ”مېۋە ساتقۇچى بەردى“دېدى قىزىم خوشال ھالدا. ”بۇنى كابۇللۇق سىزگە بەردى دەڭ!“مىنىنىڭ ئاپىسى توۋلاپ كەتتى”مىنى!ئۇنىڭدىن پۇل ئالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟“ ”مەن ئالمىدىم،ئۇ ئۆزى بەردى“مىنى يىغلاپ تاشلايلا دەپ قالغان ئىدى. تەلىيىگە يارىشا،مەن قايتىپ كېلىپ ئۇنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدىم. كېيىن بىلدىمكى،بۇئۇ ئىككىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشى ئەمەس ئىكەن.ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن قىزىمغا پارا بېرىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ئوينايدىغان نۇرغۇن چاقچاقلىرى ۋە ئويۇنلىرى بار ئىدى.قىزىم ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ توۋلاشقا باشلايتتى:”ھەي كابۇلىۋاللا، كابۇللىۋاللا، خۇرجۇندىكى نېمە ئۇ؟“ راخمۇن تاغلىقلارغا خاس تەلەپپۇز بىلەن قىزىقارلىق قىلىپ جاۋاب بېرەتتى:”پىل،خانىم“. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەقىقەتەن خۇرجۇنىغا بىر پىلنى قاچىلىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ كۈلگۈدەك ھېچنېمىسى يوق ئىدى،لېكىن مۇشۇنىڭدەك ئانچە ئەقىللىق تۇيۇلمايدىغان چاقچاقلارمۇ ئۇلارنى قاقاھلاپ كۈلدۈرەتتى. ئاندىن مېۋە ساتقۇچى مىنىدىن سورايتتى:”كىچىك خانىم،سىز قاچان قېيىن ئاتىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارىسىز؟“ كۆپ قىسىم بېنگاللىق قىزلار مىنىنىڭ يېشىدا قېيىن ئاتا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ بولاتتى،لېكىن بىز سەل يېڭىلىقپەرۋەرلەردىن ئىدۇق،شۇڭا بالىلىرىمىزغا بۇ ئىشلارنى دەپ بەرمىگەن ئىدۇق.شۇڭا مىنى راخمۇننىڭ سوئالىدىن سەل تېڭىرقاپ قالدى،لېكىن يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان قىزىم ياندۇرۇپلا ئۇنىڭدىن سورىدى: ”سىز قېيىن ئاتىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارامسىز؟“ راخمۇننىڭ جەمئىيىتىدە قېيىن ئاتا قوش بىسلىق سۆز ئىدى،يەنى تۈرمىنى—بىز ھەممىمىز ئېھتىيات قىلىدىغان ئاشۇ سۈرلۈك جاينى قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيى،دەپ ئاتايتتى.مېۋە ساتقۇچى مۇشتۇمىنى تۈگۈپ ھاۋادا كىملەرگىدۇر تەڭلەپ جاۋاب بەردى:”قېيىن ئاتامنىڭ تازا ئەدىبىنى بېرىمەن“.مىنى ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان ”قېيىن ئاتا“نىڭ تاياق يەپ،ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. كەچكۈز ئەتتىگىنى قەدىمكى زاماندا پادىشاھلار شىكارغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان ياخشى ۋاقىت ئىدى. مەن ئەزەلدىن كالكۇتتادىكى كۆلبەمدىن باشقا جايغا بارمايتتىم،لېكىن روھىم جاھاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەير قىلىپ يۈرەتتى.مەن ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاھالىسى ئىدىم.لېكىن، قەلبىم سىرتقى دۇنياغا ئىنتىلىپلا تۇراتتى.بىرەر يات تىلدىكى سۆزنى ئاڭلاپ قالسام خىياللىرىم دەرھال شۇ ياققا كېتەتتى،خۇددى شۇ جاينىڭ خەقلىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك،تاغ-دەريالىرىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى كەپىلەر، ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مەن ئۆسۈملۈكلەردەك مۇقىم تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم.ماڭا نىسبەتەن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىش ئاجايىپ مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى.ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۇتۇپخانامدا كابۇللۇق مېۋە ساتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىغان چېغىمدىلا قەلبىم دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلايتتى. مېۋە ساتقۇچى ساپ بولمىغان بېنگال تەلەپپۇزىدا،يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماڭا يۇرتىنى تەسۋىرلەپ بېرەتتى.مېنىڭ كۆز ئالدىمدا چەت ئەل تۇپرىقىنىڭ كارتىنىسى نامايان بولاتتى:بۇلۇتلارغا تاقاشقان،كۆز يەتكۈسىز ئېگىز چوققىلار،شەپەق نۇرىدا قىپقىزىل بويالغان؛يۈك ئارتىلغان تۆگىلەر، تار جىلغىلار ئارىسىدا ئالدىرىماي يول يۈرمەكتە؛ بېشىغا ياغلىق ئورىۋالغان ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر،بەزىلىرى تۆگىگە مىنىۋالغان،بەزىلىرى پىيادە،بەزىلىرى ئۇزۇن نەيزىلەرنى تۇتۇۋالغان ،يەنە بەزىلىرى كونا تىپتىكى ئوۋ مىلتىقىنى كۆتۈرۈشىۋالغان.... مىنىنىڭ ئاپىسى سېپى ئۆزىدىن بىر قورقۇنچاق ئايال ئىدى.كوچىدا ئازراق ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانسىلا ئۇ جاھاندىكى پۈتكۈل مەستلەر بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ كېلىۋاتقاندەك قورقۇنچقا چۆكەتتى.ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرى ئوغرى،بۇلاڭچى،مەستلەر بىلەن،زەھەرلىك يىلان،يولۋاس، كېسەللىكلەر،تۈكلۈك قۇرت ،سۈۋەرەك ۋە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تولغانىدى.گەرچە يېشى خېلى چوڭ ھەم شۇنچە كۆپ ئىش كۆرگەن بولسىمۇ(ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆپمۇ ئەمەس)،ئۇنىڭ قورقۇنچاق خارەكتېرى تېخىچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى. كابۇللۇق راخمۇنغا نىسبەتەنمۇ ئۇ مۇشۇنداق گۇمان نەزىرى بىلەن قارايتتى،ماڭا دائىم ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇراتتى،لېكىن مەن ئۇنىڭ گۇمانلىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن كۈلۈپ قويۇپلا ئۆتكۈزىۋېتەتتىم.لېكىن، ئۇ مەندىن قايتا-قايتىلاپ سوراۋېرەتتى: --ئەجىبا،بالىلارنى ئېلىپ قاچىدىغان ئىش بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ئىشمۇ؟ئەجىبا كابۇلدا قۇل ئېلىپ-ساتىدىغان ئىش يوقمۇ؟شۇنچە گەۋدىلىك بىر ئافغاننىڭ بىر كىچىك بالىنى ئېلىپ قېچىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمىكەن؟ئېتىراپ قىلىمەن،بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس،لېكىن يۈرىكىمدىكى گەپنى قىلسام، بۇنداق بولۇشىغا ئانچە ئىشەنمەيتتىم.ئايالىمغا قانچە چۈشەندۈرسەممۇ،قىزىمدىن ئەنسىرەپ سۆزۈمنى ئاڭلاپمۇ قويمىدى.شۇنداقتىمۇ مەن ھېچ ئاساسسىزلا راخمۇننى ئۆيۈمگە كەلمە دېيەلمەيمەن—دە! ھەر يىلى بىرىنچى ئايدا مېۋە ساتقۇچى ۋەتىنىگە قايتاتتى.قايتىشتىن بۇرۇن ئۇ ئۆي-ئۆيگە كىرىپ نېسى پۇللىرىنى يىغىشقا باشلايتتى.مەيلى ئۇ قانچە ئالدىراش بولسۇن،كۈندە بىرەر نۆۋەت مىنىنى كۆرگىلى كەلمەي قالمايتتى،خۇددى ئىككىسى كۈندە كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغاندەك،كۈندۈزى كېلەلمىسە كەچتە بولسىمۇ كېلەتتى.بەزى چاغلاردا نامازشام پەيتىدە ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئېگىز بويلۇق،كەڭرى يەكتەك كىيىۋالغان،چاچلىرى ئۇزۇن،ئۆشنىسىگە خۇرجۇن ئارتىۋالغان باققالنى كۆرگىنىمدە مەنمۇ بىر ئاز خۇدۇكسىرەپ قالاتتىم.لېكىن مىنى ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا«كابۇلىۋاللا،ھەي كابۇلىۋاللا«دەپ يۈگۈرەپ كېلەتتى-دە،بۇ يېشىنى ئۇنتۇغان ئىككى دوست خوشال ھالدا پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتى،شۇ چاغدىلا مەن ئۆزۈمنىڭ ئورۇنسىز ئەنسىرەپ كەتكىنىمنى ھېس قىلاتتىم. ئۇ ئۆيىگە قايتىشنى قارا قىلغان كۈنگە نەچچە كۈنلا قالغان بىر كۈنى ئەتتىگىنى مەن كۈتۈپخانامدا قوليازمامنى تەھرىرلەۋاتاتتىم،ھاۋا تولىمۇ سوغۇق ئىدى،ئوچۇق دەرىزىدىن كىرگەن قۇياش نۇرى پۇتلىرىمغا ئىللىق ھارارىتىنى سېپىپ تۇراتتى.ئالاھىزەل سائەت سەككىزلەر بولغان چاغ،ئەتىگەندە سودىلىققا چىققان باققاللار سودىسىنى تۈگىتىپ،باشلىرىنى چۈمكەپ ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىت ئىدى.شۇ ئەسنادا، كوچىدىن قاتتىق ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىشقا باشلىدى. دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام راخمۇننى ئىككى ساقچى باغلاپ ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ،كەينىدىن بىر توپ ئويۇنچى بالىلار ئەگىشىۋاپتۇ.مېۋە ساتقۇچىنىڭ كىيىمىدە قان داغلىرى تۇراتتى،يېنىدىكى ساقچى قولىغا قان يۇقى بار پىچاقنى ئېلىۋالغان ئىدى.مەن سىرتقا چىقتىم ۋە ساقچىنى توختىتىۋالدىم،زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى. ھەرتەرەپتىن دىيىلىۋاتقان گەپلەردىن شۇنى بىلدىمكى،بىزنىڭ بىر خوشنىمىز كابۇللىۋاللاغا رامپۇرىدا ئىشلەنگەن بىر دانە شارپىنىڭ پۇلىغا قەرز ئىكەن،لېكىن راخمۇن ئۇ پۇلنى ئالغىلى كەلگەندە ئۇ تېنىۋاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خاپىلىشىپ قاپتۇ،ئاخىرىدا راخمۇن يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سېلىۋېتىپتۇ. مېۋە ساتقۇچى تېخىچە ئاچچىقىنى باسالماي ھېلىقى خوشنامنى بەدەۋى گەپلەر بىلەن توختىماي تىللاۋاتاتتى،مىنى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ :”كابۇللىۋاللا،ھەي كابۇللىۋاللا“دەپ توۋلاشقا باشلىدى.مىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ چىرايىدا دەرھال كۈلۈمسىرەش جىلۋىلەندى.بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆشنىسىدە خۇرجۇن بولمىغاچقا مىنى ئۇنىڭدىن خۇرجۇنغا سولانغان پىل توغرىسىدا سوئال سورىيالمىدى،بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سورىدى:”قېيىن ئاتىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارامسىز؟“ راخمۇن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى:”ھەئە كىچىك خانىم،مەن دەل شۇ يەرگە ماڭدىم.“ جاۋابىنىڭ مىنىنى كۈلدۈرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ راخمۇن كويزا سېلىنغان قوللىرىنى كۆتۈرۈپ چاقچاق قىلدى:”ئەسلى قېيىن ئاتامنىڭ راسا ئەدىبىنى بېرەتتىم،لېكىن ھازىر قوللىرىمدا كويزا،ئامال يوقتە!“ پىچاق ئەجەللىك يېرىگە سېلىنغانلىقتىن،راخمۇن بىر نەچچە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى... ئۇنى ھەممىمىز ئۇنتۇپ كەتتۇق.ھەممىمىز ئۆزىمىز ئادەتلەنگەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتۇق،بىر چاغلاردا بىزدەك ئەركىن،لېكىن ھازىر كۈنى يىلدەك مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋاتقان كابۇللىۋاللانىڭ ئىسمى ئۆيىمىزدە دەسلەپتە ئاندا-ساندا، ئاخىرىدا زادىلا تىلغا ئېلىنمايدىغان بولدى.مېنىڭ پەرىشتىدەك قىزىم مىنىمۇ يېڭى دوستلارنى تېپىپ كونا دوستىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپلا كەتتى،دادىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ ۋاپاسىزلىقىدىن تولىمۇ خىجىللىق ھېس قىلىمەن.ئۇ چوڭ بولغانچە ئوغۇل بالىلار بىلەن بىللە ئوينىمايدىغان بولدى،بىر توپ قىزلار بىلەنلا بىللە يۈرەتتى.ھەتتا مېنىڭ كۈتۈپخانامغىمۇ كەمدىن-كەم كىرىدىغان بولۇپ كەتتى.ئىككىمىزمۇ بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.قىزىمىز مىنىغىمۇ چاي ئىچۈرۈپ قويۇلدى،توي پۇجا بايرىمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.دۇرگا كايلاس تاغلىرىغا قايتىدىغان مەزگىلدە مېنىڭ پەرىشتەم مىنىمۇ ئاتىسىنى تەگسىز ئازاب قوينىغا تاشلاپ ئېرىنىڭ ئۆيىگە كېتەتتى. تولىمۇ گۈزەل بىر سەھەر ئىدى.يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋادا ھەممە نەرسە يېڭىلا يۇيۇنغاندەك بىلىنەتتى، كۈز سەھىرىنىڭ قۇياشى ئالتۇنرەڭ نۇرلىرىنى تۆكۈپ،كالكۇتتانىڭ خالتا كوچىلىرىدىكى سۇۋاقلىرى ئاجرىغان كونا خىش تاملارنىمۇ ئاجايىپ گۈزەل رەڭ بىلەن بېزەپ قويغانىدى.بۈگۈن سەھەر تاڭ يورۇش بىلەنلا ئائىلىمىز قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى،توختىماي چېلىنىۋاتقان سوناي ئاۋازى مېنىڭ يۈرىكىمدىن،باغرىمدىن،يىلىكلىرىمنىڭ ئارىسىدىن كېلىۋاتقان يىغىدەك ئاڭلىناتتى.مۇڭلۇق كۈي ھىجران ئازابىمغا قوشۇلۇپ،تاڭ قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى بىلەن بىللە نەلەرگىدۇر تارالماقتا ئىدى—بۈگۈن قىزىم مىنىنىڭ توي كۈنى ئىدى... ئەتىگەندىن بۇيان ئائىلىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھويلىغا بامبۇك كەپە تىكىلدى،ئۆي ۋە كارىدورلارغا ئېسىلغان پانۇسلار جىرىڭلاپ تۇراتتى، ئۆيدىن كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى. كۈتۈپخانامدا ھېساۋات دەپتىرىنى كۆرۈۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئۆيگە بىرى كىرىپ كەلدى،ماڭا ھۆرمەت بىلەن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئۆرە تۇردى.ئۇ كابۇلىۋاللا راخمۇن ئىدى. دەسلەپتە ئۇنى تونۇماپتىمەن، شۇ تاپتا ئۇنىڭ خۇرجۇنىمۇ، ئۇزۇن چېچىمۇ،بۇرۇنقى بەستلىك قىياپىتىمۇ يوق ئىدى.لېكىن ئۇنىڭ كۈلۈشىدىن ئۇنى تونۇۋالدىم. ”راخمۇن،قاچان كەلدىڭ؟“دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. ”تۈنۈگۈن كەچتە“دېدى ئۇ ”تۈرمىدىن ئازات بولدۇم.“ بۇ گەپ قۇلىقىمغا ئاجايىپ يېقىمسىز ئاڭلاندى،ئۆمرۈمدە تېخى تۇنجى قېتىم ئۆز قېرىندىشىنى يارىلاندۇرغان بىرىنى بۇنچە يېقىندىن كۆرۈشۈم ئىدى.يۈرۈكۈم سىقىلغاندەك بولدى،بۈگۈنكىدەك خوشاللىق كۈندە ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتىم. ”بىزنىڭ ئۆيدە بۈگۈن بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ“دېدىم ئۇنىڭغا ”مەن بۈگۈن بەك ئالدىراش،باشقا كۈنى كەلگىن.“ بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇ دەرھال كەينىگە بۇرۇلدى،ئىشىك تۈۋىگە بېرىپلا سەل ئىككىلىنىپ توختاپ قالدى:”مەن كىچىك خانىم بىلەن كۆرۈشۈۋالسام بولامدۇ،ئەپەندىم؟“ ئۇ بەلكىم قەلبىدە مىنىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك كىچىك ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلسا كېرەك،بەلكى يەنە بۇرۇنقىدەك”كابۇلىۋاللا،ھەي كابۇلىۋاللا“دەپ توۋلىغىنىچە ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىدۇ،دەپ ئويلايدىغاندۇ،بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدە يەنىلا بۇرۇنقى سەمىمىي دوستلۇقى،خوشال كۈنلىرى ئەينى پېتى ساقلىنىۋاتقاندۇ.ئۇ تېخى بۇرۇنقى كۈنلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن بىر ساپاق ئۈزۈم ۋە بىر قەغەز بولاقتا ئۆرۈك قېقى ئالغاچ كەپتۇ،بۇنى ئۇ يۇرتداشلىرىدىن ئالغان بولۇشى ئېنىق،ھازىر ئۇنىڭ خۇرجۇنى يوقتە! ”بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدە مۇراسىم بولۇۋاتىدۇ“دېدىم تەئەددى بىلەن ”ھازىر ھېچكىمنىڭ سەن بىلەن كۆرۈشىدىغان چولىسى يوق“. ئۇ بۇ گەپتىن ئوڭايسىزلىنىپ،بىر ئاز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.سوغۇق نەزەر بىلەن ماڭا تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ”خەيرلىك سەھەر،ئەپەندىم...“دەپ كەينىگە بۇرۇلدى. ئۆزەمنىڭ دېگەن گېپىمدىن بىر ئاز خىجىل بولۇپ قالدىم،ئۇنى چاقىراي ،دەپ تۇرۇۋېدىم،ئۇ قايتىپ كىردى ۋە ئالدىمغا كېلىپ:”بۇ ئۈزۈم ۋە يېمىشلەرنى كىچىك خانىمغا ئالغاچ كېلىۋېدىم، بېرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن“دېدى. مەن ئۇنىڭغا پۇل بېرەي دېيىشىمگە ئۇ تۇيۇقسىز قولۇمنى تۇتۇۋالدى:”سىز بىر سېخىي ئادەم،مەن سىزنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايمەن.ماڭا پۇل بەرمەڭ،ئەپەندىم!يۇرتۇمدا مېنىڭمۇ سىزنىڭ قىزىڭىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىزىم بار.مەن قىزىمنى سېغىنساملا ئازراق يېمىش ئېلىپ قىزىڭىزنى كۆرگىلى كېلىمەن،پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس...“سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ بىر پارچە كىچىك قەغەزنى ئالدى ۋە ئاۋايلاپ تۇرۇپ قەغەزنى ئاچتى.قەغەزدىكىسى قانداقتۇر سۈرەت ياكى سىزما رەسىم ئەمەس،بەلكى تولىمۇ كىچىك بىر بارماقنىڭ ئىزى ئىدى.قەغەزدىكى سۇرۇخ ئىزىنى ھېلىمۇ ناھايىتى روشەن كۆرگىلى بولاتتى.راخمۇن ھەريىلى كالكۇتتاغا سودا-سېتىق قىلغىلى كەلگەندە قىزىنىڭ يالدامىسىنى يۈرىكىگە ئورناشتۇرۇپ كېلەتتى،شۇندىلا ئۇ بىر جۈپ كىچىك قول خۇددى ئۇنىڭ ھىجران ئازابى بىلەن پۇچۇلغان يۈرىكىگە مەلھەم بولۇۋاتقاندەك سېزەتتى... بارماق ئىزىغا قاراۋېتىپ ياشلىرىمنىڭ كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈرگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.شۇ تاپتا ئۇنىڭ كابۇللۇق مېۋە ساتقۇچى،ئۆزەمنىڭ بولسا بېنگاللىق ئاقسۆڭەك ئىكەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم.كۆڭلۈمدە پەقەت:ئۇمۇ ئاتىغۇ!ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا بىر ئاتا!دېگەن خىياللا ھۆكۈم سۈرەتتى.ئۇنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى قىزى پارباتى ماڭا پەرىشتەم مىنىنى ئەسلەتتى. مەن دەرھال بىرىنى ئىچكەركى ئۆيدىن مىنىنى چاقىرىشقا ئەۋەتتىم.ئىچكەركى ئۆيدىكىلەر ھەممىسى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا قارشى تۇرسىمۇ مەن پەرۋا قىلمىدىم.ئۇ ئۇچىسىغا قىپقىزىل يىپەك كۆينەك كىيگەن،پىشانىسىگە سەندەل ئۇۋىقىدىن خال يېقىلغان ئىدى.يېڭى كېلىنچەكلەردەك ياسانغان مىنى،ئالدىمدا خىجىللىقتىن قىزارغىنىچە تەمتىرەپ تۇراتتى. كابۇللۇق مىنىنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ھەيران بولغىنىدىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.ئۇلار ئەمدى ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك خوشال-خورام ھالدا پاراڭلىشالمايتتى.بىر ئازدىن ئۇ ئاخىرى زورىغا كۈلۈپ مىنىدىن سورىدى:”كىچىك خانىم،قېيىن ئاتىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارامسىز؟“ مىنى ھازىر ئەلۋەتتە ”قىيىن ئاتا“نىڭ نېمىلىكىنى ئوبدان بىلەتتى،بۇرۇنقىدەك جۋاب بېرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ ھۈپپىدە قىزاردى ۋە بىزگە كەينىنى قىلىۋالدى.مىنى بىلەن مېۋە ساتقۇچىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئېسىمگە ئالدىم،يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشماقتا ئىدى. مىنى قايتىپ كەتتى،مېۋە ساتقۇچى ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇ ئۆز قىزىنىڭمۇ يىللار داۋامىدا مىنىدەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى،ئۇ قىزى بىلەن قايتىدىن تونۇشۇشى كېرەك،ئۇنىڭ قىزى بۇرۇنقى پېتى تۇرمايدۇ-دە!ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى!كىم بىلىدۇ بۇ ئارىلىقتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئۆتتىكىن!كۈزنىڭ ئىللىق شاماللىرىدا،كابۇللۇق مېۋە ساتقۇچى كالكۇتتانىڭ كوچىسىدا تۇرۇپ ئافغانىستاننىڭ تاقىر تاغلىرىنى ئەسلىمەكتە ئىدى... مەن بىر بانكا چېكىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم:”راخمۇن،قايتىپ كەتكىن!قىزىڭنىڭ يېنىغا بارغىن!ئاتا-بالا ئىككىڭلارنىڭ كۆرۈشۈشۈڭلارنىڭ خوشاللىقى مېنىڭ قىزىمغا بەخت ئېلىپ كەلگەي ئىلاھىم!“ بۇ سوۋغا سەۋەبلىك،توي مۇراسىمىنى بۇرۇنقى پىلاندىكىدىن ئاددىيراق ئۆتكۈزمەي بولمىدى،ئەسلى پىلاندىكى ئىلىكتىر لامپا يېقىش ۋە مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردۇم.ئۆيدىكىلەر بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇشتى.لېكىن، مەن توي مۇراسىمىنىڭ چەكسىز بەخت نۇرىغا چۆمۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم