• 2008-11-14

    سېمىز بىلەن ئورۇق

    سېمىز بىلەن ئورۇق ئانتون چېخوپ (روسىيە) ئىككى دوست—بىر سېمىز ۋە بىر ئورۇق نىكولايىۋىسكى بېكىتىدە ئۇچرىشىپ قالدى. سېمىز تېخى بايىلا بېكەتتە تاماق يېگەن بولۇپ، لەۋلىرى خۇددى قىزىرىپ پىشقان ئالۇچىدەك مايلىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن ئۈزۈم ھارىقى ۋە ئاپېلىسىن ئەتىرىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ئورۇق بولسا پويىزدىن ئەمدىلا چۈشكەن بولۇپ، چاماندان، خۇرجۇن ۋە باشقا كىچىك خالتىلارنى يۈدۈۋالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كولباسا ۋە قەھۋە قالدۇقىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يۈزلىرى سوزۇنچاق، ئورۇق كەلگەن ئايالى ۋە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرغان چىرايلىق، ئېگىز بويلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى—ئوغلى بار ئىدى. --پورفىرىي،--سېمىز ئورۇقنى كۆرۈپ توۋلاپ كەتتى:--بۇ راستلا سەنمۇ؟ھەي، جېنىم ساۋاقدىشىم! نەچچە قىش، نەچچە يازلار ئۆتۈپ كەتتى-ھە! --ئاھ ، خۇدا! -- دەپ توۋلىدى ئورۇقمۇ ھەيرانلىق بىلەن،--مىشا!بالىلىقىمدىكى دوستۇم! سەن قەيەردىن پەيدا بولدۇڭ؟ ئىككى دوست بىر-بىرىنى ئۈچ قېتىم سۆيگەندىن كېيىن، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالداچىرايلىرىغا قايتىدىن قاراشقا باشلىدى.ئىككىلىسى ھەم خوشاللىققا چۆمگەن، ھەم ھەيران بولۇشۇۋاتقان ئىدى. --جېنىم ئاغىنەم!—دېدى ئورۇق سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن،--ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش! ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن خوشاللىق! كېلە، ساڭا ئوبدانراق بىر قاراپ باقاي! بۇرۇنقىدەكلا شۇنداق قاملاشقان، كىيىم-كېچىكىڭ يارىشىملىق يىگىت ئىكەنسەن! ۋاي-ۋۇي! تېزرەك دېگىنە، قانداقراق تۇردۇڭ؟ تازا بېيىغانسەن؟ توي قىلدىڭمۇ؟ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن توي قىلدىم...مانا بۇ مېنىڭ ئايالىم لۇئىزا، ئانا تەرەپ فامىلىسى ۋەنسېنباخ...لۇتېر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ...بۇ مېنىڭ ئوغلۇم نافائىل، 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ مېنىڭ بالىلىقىمدىكى دوستۇم، نافانىيە، بىز مەكتەپتە يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق! نافائىل بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىدىن شەپكىسىنى ئالدى. --بىز مەكتەپتە يېقىن دوست ئىدۇق، --ئورۇق سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،--شۇ چاغلاردا باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق لەقەم قويۇپ قويغىنى يادىڭدىمۇ؟ ئۇلار سېنى قەھرىمان ستراتۇس*، دەپ چاقىراتتى. چۈنكى، سەن دەرسلىك كىتابتا تاماكا بىلەن بىر تۆشۈك ئېچىپ قويغانتىڭ. مەن چۆچەك توقۇشقا (ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش مەنىسىدە)ئامراق بولغاچقا مېنى ئەپىلاتىس **دەپ چاقىراتتى. ھا ھا ...ئۇ چاغلاردا بىز تېخى بالا ئىدۇق!...تارتىنما، نافانىيە، ئۇنىڭغا يېقىنراق تۇر. بۇ مېنىڭ ئايالىم، ئانا جەمەت فامىلىسى ۋاتسېنباخ، لۇتېر مەزھىپىدە.... نافائىل بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى. --ھە، سەن قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن دوستۇم؟،--دەپ سورىدى سېمىز ئورۇققا قاراپ قىزغىنلىق بىلەن،--خىزمەتتىمۇ سەن؟ نەچچىنچى دەرىجىگە ئېرىشتىڭ؟ --ئەلۋەتتە، خىزمەت قىلىۋاتىمەن. قەدىرلىگىم! مەن 8-دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، ستەينسلوۋ ئوردىنىمۇ ئالدىم. مۇئاش بەك تۆۋەن، لېكىن ھېچ ۋەقەسى يوق. ئايالىم مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى. مەن ئۆزەم خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ياغاچتىن تاماكا قۇتىسى ياساپ ساتىمەن. ئېسىل تاماكا قۇتىسى! بىرىنى بىر رۇبلىغا ساتىمەن. ئەگەر بىرەرى ئوننى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكنى ئالسا ئەلۋەتتە، باھاسىنى سەل چۈشۈرۈپ بېرىمەن. قانداقلا بولمىسۇن، بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق. سەن بىلىسەن، مەن بۇرۇن ئاددىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ يەرگە ئەمدى بۆلۈم باشلىقى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلدىم. مەنچە، سەن ئاللىقاچان 5-دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ بولدۇڭغۇ، دەيمەن-ھە؟ --ياق، قەدىرلىگىم، تېخىمۇ يۇقىرىراق دېگىن،--دېدى سېمىز،--مەن ھازىر ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولدۇم...پاگونۇمدا ئىككى يۇلتۇز بار. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، خۇددى قاتتۇرۇپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدى. لېكىن، ناھايىتى تېزلا، يۈزلىرىنى قىمىرلىتىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى، كۆزلىرىدىن ئوت يېنىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. مۈرىسىنى قىسىپ، بېلىنى ئېگىپ تۇيۇقسىزلا كىچىكلەپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى...خۇددى ئۇنىڭ يۈدۈۋالغان چامادىنى، خۇرجۇنى ۋە تاماكا قاپلىرىمۇ كىچىكلەپ بارماقتا ئىدى...ئايالىنىڭ ئۇزۇن ئېڭەكلىرى تېخىمۇ ئۇزۇراپ كەتتى...ئوغلى نافائىل كىيىملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنى دەرھال ئوڭشاپ، ھەربىيچە دىققەتتە تۇرماقتا ئىدى... --...تەقسىر...مەن...ناھايىتى خوشالمەن! ئەيىبكە بۇيرىمىغايلا، بالىلىقىمدىكى دوستۇمنىڭ ناھايىتى چوڭ ئەمەلدار بولۇپ كەتكىنىگە. ھى ھى ھى! --بولدى، بولدى!—سېمىز قاپاقلىرىنى تۈردى،--بۇ قانداق تەلەپپۇز؟ سەن بىلەن مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئاغىينە. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق تۈزۈت قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ --شاپائەت قىلغايلا جانابلىرى، نېمىلەرنى دەيدىغانلا؟...—دېدى ئورۇق ھىجايغىنىچە، گەۋدىسى تېخىمۇ كىچىكلەپ بارماقتا ئىدى،--جانابلىرىنىڭ شاپائىتى خۇددى كىشىگە قايتا ھاياتلىق بېغىشلايدىغان نىئمەتكە ئوخشايدۇ....بۇلار، جانابلىرى، مېنىڭ ئوغلۇم نافائىل ۋە ئايالىم لۇئىزا، لۇتېر مەزھىپىدە... ئۇ ئەسلى بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ئېيتماقچى ئىدى، لېكىن ئورۇقنىڭ چىرايىدىكى مىننەتدارلىق ۋە ياغلىما خوشامەت 3-دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇ بېشىنى باشقا ياققا بۇراپ خوشلىشىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزارتتى. ئورۇق ئۈچ بارمىقىنى تۇتتى ۋە ئېگىلىپ چوڭقۇر تەزىم قىلدى. ئۇ خۇددى يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، جوڭگولۇقلاردەك ھىجايماقتا ئىدى :”ھى... ھى... ھى!“ ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھىجىيىۋاتاتتى. نافائىل ئىككى پۇتىنى چىڭ جۈپلەپ تۇراتتى، ئېھتىياتسىزلىقتىن شەپكىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئۈچەيلەننىڭ چىرايىدىن ئاجايىپ خۇشھال بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. (تۈگىدى) *قەھرىمان سىتراتۇس—گرېك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 356-يىلى ئېفسو شەھىرىدىكى دىئاننا ئىبادەتخانىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. **ئېپىلاتىس—گرېك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارسلارغا سېتىلىپ دۈشمەننى باشلاپ كىرگەن