• 2008-11-10

    2مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ

    شېرىن خىيال

    شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۆزۈمگە ئوخشىمايلا قېلىشقا باشلىدىم. ھەرقېتىم يالغۇز قالغىنىمدا مۇھەببەتنىڭ قاياقتىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان سېھىرلىك شاماللىرى خىيال كېمىلىرىمنى ئېقىتىپ ئۆزۈمنىڭ ساددىلارچە تەسەۋۋۇرۇمدىكى كىشى بارسا كەلگۈسى كەلمەيدىغان گۈزەل بەخت ئاراللىرىغا تاشلايتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇنچە قوپاللىق قىلساممۇ كۆڭلىگە ئالماسلىقى، ئۆزىنىڭ يىگىت تاللاش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىكى، تارتىنچاق، ئەپۇچانلىقى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى. ھەرقېتىم شېرىن خىياللار قوينىدىن ئۆزۈم خالىمىغان ھالدا سىرغىپ چىققىنىمدا <ھازىر بۇنداق قىزلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ، مۇھەببەتلىشەلمىسەممۇ دوست بولۇپ قالساملا بولدى...> دەيتتىم. دائىم ئۇنىڭ ئىللىق چېھرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ خيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنى جىلە قىلاتتىم. ئۇنىڭ جىلە بولغاندىكى قوشۇمىلىرىنى تۈرۈۋېلىپ، ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىۋېلىشلىرىنى، <ئۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟> دەپ ماڭا ھېچقانداق ئىپادىسىز قاراشلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. خىزمەتداشلىرىممۇ مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قالدى. مۇئاشىم چىققاندا <ئۇنى كەلتۈرەلمىدىم> دەپ ئۇلارنى مېھمان قىلدىم. توۋا، دەپ قالىمەن بەزىدە. ئۇنىڭ بىلەن كۈندە ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ تۇرساممۇ ئۇنىڭ مەندىن چوڭ ئىكەنلىكىنى پەقەت ئويلاشماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ چىرايىدىن قەتئىي بىلىنمەيتتى. خىزمەتداشلىرىم <ئۇ سەندىن چوڭكەن> دېگەندە پىسەنتىمگىمۇ ئېلىپ قويمىدىم. ئاغزىمدا <مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ياخشى دوست> دەيتتىميۇ، قەلبىمدىكى خېلى باش كۆتۈرۈپ قالغان سۆيگۈ بىخلىرى بۇ گېپىمنى رەت قىلىۋېتەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە <ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن دوست، باشقا غەرىزىم يوق!> دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەيتتىم. كېچىلىرى بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئەتىگىنى، كەچلىكى سالام قىلىشقاندىكى گەپ _ سۆزلەرنى ئويلاپ چىرايىمدىن ھېچ كۈلكە كەتمەيتتى.

    ئەمدى ئويلىسام ئۇ چاغلاردا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلمىغانىكەنمەن.

    كۆڭۈل ئىزھار قىلىش

    بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن سىمېنا ئالمىشىپ كۈندۈزى ئىشلىدىم. تۇيۇقسىز كاللامدا ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىش ئويى پەيدا بولدى. <ئۇنىڭ ئاۋازى چوقۇم يېقىملىق!> دەپ ئويلىغانتىم. كەچلىكى ئۇ ئىشلەيدىغان رېستۇراننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدىم. نەدىكىنى، ئۇنىڭ ئاۋازى مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا يېقىملىقمۇ ئەمەسكەن. بىراق مىللىيچە ناخشىلارنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەن. ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ تاماكا چېكىپ تۇردۇم. كەچرەك بېرىپ قاپتىكەنمەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئويۇننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنى نېمىشقا ساقلىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن. رېستۇراننىڭ يېنىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.
    _ قەيسەرجان!
    يۈرىكىم ئىختىيارسىز دۈپۈلدەپ بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ يوق. يەنە چاقىرىۋىدى بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى قەۋەتكە قارىسام ئۇ ماڭا قاراپ خۇشال ھالدا:
    _ قاچان كەلگەنتىڭىز؟ ئۈستىگىلا چىقسىڭىز بولمامدۇ؟ _ دېدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقماقتا.
    _ ھازىر كەلگەن ئىدىم، _ دېدىم مەن، _ ئايلىنىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ ناخشىڭىزنى ئاڭلىغىلى كەلگەن.
    _ ياخشى ئېيتامدىكەنمەن؟
    _ ئانچە ئەمەس.
    _ ساقلاپ تۇرۇڭ ھە، مەن پەسكە چۈشەي!
    ئۇ شۇنداق دەپلا مېنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي كەينىگە ئۆرۈلدى.
    پەسكە چۈشۈپ يەنە شۇ ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن:
    _ ئىشتىن چۈشتۈم. بۈگۈن كۈندۈزى ئىشلەپتىكەنسىز ھە؟ _ دەپ سورىدى.
    _ ھەئە، كېچىسى ئىشلەۋېرىپ زېرىكىپ كەتتىم.
    _ ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ئايلىنىپ كەلمەمدۇق؟
    _ بوپتۇلا، كۆڭلىڭىزنى ياندۇرماي...
    _ ھې ھې ھې... ئاغزىڭىز ئەجەپ قاتتىق ھە سىزنىڭ؟!

    _ . . .
    ئۇ چاغلاردا يەتتە بۇلاق كۆلى يېڭىدىن پۈتكەن بولۇپ ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بىلمىگەن ئادەم <بۇ يەردە نېمە بايرام ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ؟> دەپ قالاتتى. بۇرۇنمۇ كۈندۈزى ئىشلىسەم كەچلىرى بۇ يەرگە كېلىپ يۇرتۇمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان، تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ يېڭىچە قۇرۇلۇشقا زوقلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. كۆل يۈزىدە كاتىرلارغا، كىچىك قېتىقلارغا چىقىۋالغان بىر جۈپلەرگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتكەن بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭغا چاندۇرماي يەنىلا كەم سۆز، چوڭ سۈپەت بولىۋالدىم. ئۇ بىردەم <ئۇسسىدىڭىزمۇ؟> دېسە يەنە بىردەم <قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟> دەپ سوراپ تۇراتتى. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىر قىز بالىنىڭ ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما ئۇنىڭ پات ئارىدا بولىدىغان تويى ئېسىمگە كېلىپ <ئۆزىدىن كىچىك، ئىستىقبالى پارلاق يىگىتكە بۇنچىلىك قىلمىسا بولامدۇ؟> دەپ ئويلايتتىم.
    بىردەم سۇ چېچىشىپ، بىردەم كۆلدە قېيىق ئويناۋاتقانلارنى تاماشا قىلىپ، يەنە بىردەم بېلىقلارغا يەم بېرىپ يەنە ئۇنى توختىماي جىلە قىلىپ، كۈلدۈرۈپ، ئادەملەر شالاڭلاپ خېلىدىن كېيىن قايتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن بىللا بولساملا ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيلا قالىدىكەنمەن. قايتاشىمىزدا ئۇنىڭ يەنە غەمكىن ھالىتىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدىم:
    _ نېمە بولدى؟
    _ ھېچنېمە.
    _ خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭىزغۇ؟
    _ ئۆيدىكىلەر ئېسىمگە كېلىپ...
    _ توي ئىشىما؟
    _ ھەئە!
    _ ئا! جىق ئويلانماڭە بولدى. مەن بار تۇرسام...
    _ ھە؟...
    ھەي، بەزىدە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئويلانمايلا چىقىپ كەتكەن بىر ئېغىز سۆزمۇ شۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا خېلى تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇ بىر ئېغىز سۆزۈمنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بىلگەن بولسا ھەرگىزمۇ ئۇ گەپنى دېمەسكەنمەن.

    ئۇنىڭ ئۆيىگە ئولتۇراق رايوننىڭ كەينى ئىشىكىدىن كىردۇق. ئولتۇراق رايونغا كىرىپ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىدا كىچىك باغچە بولۇپ كەچلىرىمۇ گۈللەرنىڭ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان نەمخۇش ھەم مەززىلىك پۇراقلىرى كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قىيالماي يەنە سەۋەبنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپ شۇ باغچىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق. ئۇنىڭ غەشلىكى تېخىچە يوقالمىغاچ مەن ئۇنىڭغا دەپ قويۇپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى گىتتارنى ئاچىقتىم. ئۇمۇ گىتتارغا بەك ئامراقكەنتۇق. گىتتارنى قولۇمغا ئېلىپلا مۇھەببەت ناخشىسى دېگەننى تۆكىۋەتتىم. بۇرۇنمۇ گىتتار قولۇمغا چىقسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتىم. ئۇ يېنىمدا تۇرسا تېخىمۇ شۇنداق بوپ كېتىدىكەنمەن. ھېچنېمىدىن غېمىم يوقتەكلا! مەن ئاۋازىمنى راسا قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتسام ئۇ ئەتراپقا قاراپ مېنى بوشراق ئاۋازدا ئېيتىشقا ئۈندەيتتىيۇ ئۆزى مەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بوپ كېتەتتى. مەنمۇ قەستەن ئاڭلىمىغانغا سېلىۋېلىپ ئاۋازىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئېيتىۋەردىم. بىر چاغدا ماشىنا توختىتىش ئورنىغا قارايدىغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى خەنزۇ كېلىپ:
    _ ھېي، ناخشا دېگەننى ئاڭلىغۇدەكلا ئېيتمامدۇ؟ سېنىڭ دەردىڭدە ئولتۇراق رايوندىكى كىشىلەر ئۇخلىيالمىسۇنما؟ _ دەپ چالۋاقاپلا كەتتى. ئۇ خەنزۇچىنى تازا بىلمەيدىكەنتۇق. مەن مۇشۇ يەردىن پايدىلىناي، دېدىمدە خەنزۇغا كونا تونۇشۇمغا گەپ قىلغاندەك ئاھاڭدا خەنزۇچە:
    _ سەت بولدى ھە تاغا! ئەمدى تۆۋەن ئېيتاي خاپا بولما ھە؟ _ دېدىم. ئاندىن ئۇيغۇرچە:
    _ ئېيتىمەن قانداق؟ ياخشىلىقچە غىت قىسىۋال ھە ئاداش؟ مېنىڭ ئاچچىقىمنى بىلىسەنغۇ؟ _ دېدىم.
    ئۇ خەنزۇچە يەنە بىر مۇنچە كاپشىۋېتىپ، مەن ئۇيغۇرچە تىللاپ، خەنزۇچە يالۋۇرۇپ ئاران دېگەندە كەتكۈزىۋەتتىم. ئۇمۇ ئىشىنىپلا قاپتۇ. خەنزۇ كەتكەندىن كېيىن ھەيران بولۇپ:
    _ ئۆزىڭىزدىن چوڭ ئادەمگىمۇ «ئاداش» دەپ گەپ قىلىسىزغۇ؟ ئۇ سىزدىن قورقامدا؟ _ دەپ سورىدى.
    نەدىن كەلگەن گەپدانلىقكىن - تاڭ؟ مەنمۇ پونى بولىشىغا ئېتىپ سۆزلەۋېرىپتىمەن:
    _ ئىچىم پۇشۇپ قالسىلا ئۇرۇپ ئوينايمەن ئۇنى. ئاچچىقىمنى بىلىدۇ، ئەمدى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا گەپ قىلىپ قويغىنى ئۇنىڭ. ھېچقىسى يوق.
    _ ئۇ سىزدىن چوڭ تۇرسا قانداق ئۇرىسىز؟
    _ ۋايجان، بىر قولۇمغا پىچاق، بىر قولۇمغا بوتۇلكا ئېلىۋالسام ئۇنىڭدەكتىن تۆتى كەلسىمۇ بىردەمدىلا جايلاپ قويىمەن مەن.
    گەپ قىلغاچ ئۇنىڭغا قارىسام ئىشىنىپلا قاپتۇ. تازىمۇ دۆتكەن بۇ!
    _ ھەي، ناخشا ئېيتمايلى، بىردەم پاراڭلاشمامدۇق؟ _ دېدىم مەن ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ.
    _ ھە ماقۇل.
    ئۇنىڭ بىلەن يەنە كونا پەدىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. بارغانسېرى ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىدەكلا ھېس قىلىۋاتاتتىم. قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇلاق كەبى بۇلدۇقلىنىپ، داۋالغۇپ تۇرغان ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش ھېسسىياتى مېنى ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېيىشكە ئۈندەيتتى. بۇرۇنغۇ قىزلارغا «يۈرۈپ باقايلى، كېلىشەلمىسەك ئايرىلىپ كەتمەمدۇق» دېگەندەكلا تەلەپ قويۇپتىكەنمەن. لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئۇسۇلدا تەلەپ قويۇپ كۆڭلىنى قاتتىق خۇشال قىلىۋېتىشنى ئويلىدىم. گۈل بېرەي، دېسەم بۇ ئۇسۇل ئاللىقاچان مودىدىن قالغان. خەت يازاي، دېسەم كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق. ئۇنىڭدىن ئۇزۇن سوئال سورىۋېتىپ ئۇ گەپ قىلسا گېپىگە قۇلاق سالماي قانداق تەلەپ قويۇشنى ئويلىشىپ ئولتۇرغىنىم ھازىرمۇ ماڭا كۈلكىلىك بىلىنىدۇ.
    يېرىم كېچىدىن ئۆتۈپ قايتىدىغان چاغدا ئۇنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ يەنە بىردەم گەپكە سېلىپ تەلەپ قويۇشنى ئويلاشتىم. ئۇيقۇم كېلىپ گىتتارنى كۆتۈرۈشمۇ خۇشياقماي ئۇنىڭغا بېرىپ قويۇپ تاڭ ئاتقاندا ئېلىۋالماقچى بولدۇم. دەل ئۇ گىتتارنى قولۇمدىن ئېلىپ گىتتارنىڭ قۇلىقىغا قاراپ قويۇپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرىشىغا كاللامغا بىر خىيال كەلدى. گىتتارنىڭ قۇلىقىنى كۆرسىتىپ ئەتەي سورىدىم:
    _ گىتتارنىڭ قۇلىقى بۇزۇلۇپ قاپتىغۇ؟
    شۇنداق دېيىشىمگە ئۇ گىتتارنىڭ قۇلىقىغا قارىۋىدى يۈزىگە بىرنى سۆيدۈمدە «خوش ئەمسە!» دەپلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ تېز - تېز قەدەم بىلەن كېتىپ قالدىم. يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك سوقماقتا ئىدى. بىبانىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا خۇشالچىلىق! ۋارقىرىۋېتىشكە تاس قالدىم. ئۇف! ھەجەپ تەس كەلدى. ھەنىم بولسا <ھەي، نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟> دەۋەتمىدى.
    ئەتە نېمىلا دېسە مەيلى، چىدايمەن. بەك بولسا سەل ئاچچىقلىنىپ «سىزنى يېقىن دوستۇم دەپ بىلەتتىم» دەر. يەنە كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئېلىۋېلىشىمغا ئىشەنچىم بار.
    يۈرىكىم شادلىقتىن بارغانسېرى قېپىغا پاتماي قېلىۋاتاتتى. بايا ئۇيقۇم كېلىپ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىممۇ قايتىدىن يوغان ئېچىلىپ ئولتۇراق رايوندىكى بويى پاكار، رەتلىك چىملارنىڭ، مۈگدەپ قالغان گۈللەرنىڭ، رەتلىك سېلىنغا كۆركەم بىنا ئۆيلەرنىڭ... ئىشقىلىپ پۈتۈن ئولتۇراق رايونىنىڭ گۈزەللىكىنى ماڭا قايتىدىن ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى. خۇشلۇقتىن قىن - قىنىمغا پاتماي ناخشا غىڭشىغاچ ئولتۇراق رايوننى نەچچە چۆرگىلەپ چىقىپ تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلىدىم.

    ئۆمرۈمدە ئەڭ تاتلىق ئۇخلىغان كۈن ئاشۇ كۈن بولسا كېرەك. ئەتىسى مەن ئىشقا چىقىدىغان چاغدا خىزمەتداشلىرىم ئويغاتسا ئويغىنالماپتىمەن. ئۇ گىتتارنى بالىلارغا بېرىپ قويۇپتۇ. خىزمەت ۋاقتىدا ئۇخلىغانلىقىم ئۈچۈن قىسىم باشلىقىمىز بىر مۇنچە قاقشاپ، تېخى قولۇمغا تەگمىگەن مۇئاشىمدىن تۇتىۋالىدىغانلىقىنى دېدى. شۇنچە ياخشى گەپ قىلساممۇ پەقەت ئۆتمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئاشىمدىن تۇتۇپ قالغىنىنى بېرىۋەتسە ئىشلىمەيدىغانلىقىمنى دەپ خىزمەت فورمامنى ئالدىغا تاشلاپ بەردىم. مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە مۇھىم ئەمەس، ئەلۋەتتە.

     

    شېرىن كۈنلەر


    مەن ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشۇم كېرەك! بىر كۈندە ئاران ئىككى قېتىم كۆرۈشۈش مېنىڭ تەشنالىقىمنى قاندۇرالمايدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇ ئىشلەيدىغان رېستۇراندا ئىشلەي! سەي توشۇغۇچى بولساممۇ مەيلى. ئوغۇلبالا دېگەن جاپاغا ئۆلۈپ قالمايدۇ!

    خىزمەتداشلارنىڭ نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ئۇلارغا كېيىن كېلىپ ئوبدان مۇڭدىشىۋالىدىغانلىقىمنى دەپ ئۇ ئىشلەۋاتقان رېستۇرانغا باردىم. دېرىكتور بىلەن كۆرۈشۈپ پەقەت بىر ئايلا ئىشلەيدىغانلىقىمنى، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى تەپسىلىي دېگەنتىم، مۇئاشنى باشقىلارغا قارىغاندا ئازراق بېرىدىغانلىقىنى دەپ قوشۇلدى.
    ھە مەيلىلا! مەن بەرىبىر پۇلنى دەپ كەلمىسەم بۇ يەرگە، دەپ مەنمۇ قوشۇلدۇم.
    مۇلازىملار باشلىقى ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مېنى يەر توبالاشقا بۇيرىدى. ئادەتتە ئۆيدە دېرىزە سۈرتۈشمۇ ئېغىر كېلىدىغان ئادەم ئەمدىلىكتە سۇخانىغا كىرىپ توبا يۇيۇشمۇ ماڭا شۇنچىلىك خۇشاللىنارلىق بىلىنىپ كەتتى. توبانى يۇيۇپ سەھنىنى توبالاۋاتسام ئۇ يەنە ناخشا غىڭشىپ ئۇنىڭغا - بۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ يۈرىدۇ. ئىچىمدە «ھە، ئۇمۇ ئەسلى مېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەندە؟» دەپ ئويلىدىم. ئۇنداق قىلمىسىمۇ ئىشقىلىپ خېلى ئىشەنچىم باتتى. كۈلگۈم كەپلا تۇرىدۇ. ئۇنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دەپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بېشىمنى سالغىنىمچە توبالاۋەردىم. بىر چاغدا ئۇنى ئاۋاز تەڭشەش ئۆيىدىكى بىرى چاقىرىۋىدى ئۇ مېڭىپ مېنىڭ يېنىمغىلا كەلدى. مەن قەستەن ئۇنىڭ ئالدىنى توبالىغاچ:
    _ ھەي، قاراپ مېڭىڭ! سىزنىمۇ قوشۇپ توبالىۋەتمەي يەنە! _ دېدىم. ئۇ كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ:
    _ ھە كەچۈرۈ... _ دەپلا جىممىدە بوپ قالدى. مەنمۇ بىلمىگەنگە سېلىپ:
    _ بىر چەتتە تۇرۇڭ دەيمەن، ئاچچىقىم يامان جۇمۇ! _ دېسەم يەنە بىردەم تۇرۇۋېتىپ بوش ئاۋازدا:
    _ قەيسەرجان؟ _ دېدى.
    مەن بەدىنىمنى رۇسلاپ يەرگە قاراپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ كۈلگەچ مەندىن سورىدى:
    _ ھەي، بۈگۈن ئىشلىمىدىڭىزما؟ _ دەپ سورىدى. مەن دەل ساقلاۋاتقان سوئالدە بۇ. مەنمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئاھاڭدا:
    _ ئاخشام شۇ...بەك سەت ئىش قىلدىم ھە؟... سىزنى خاپا قىلىپ قويغان بولسام گۇناھىمنى يۇياي، دەپ... 

    _ ساراڭ!

    ئۇ شۇنداق دەپلا ئاۋاز تەڭشەش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
    ۋاھ! مەن غەلىبە قىلدىم! ئۇ چاغدىكى ھېسسىياتنى ماڭا ئوخشاش غەلىبە قىلغانلار چۈشەنمىسە باشقىلارغا قەلەم بىلەن چۈشەندۈرۈشمۇ تەس.
    شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ شېرىن كۈنلىرىمىز باشلاندى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى «مەن ناخشىچى» دەپ چوڭ تۇتىۋالماي مۇلازىم قىزلارغا ياردەملىشىپ يەر سۈپۈرۈش، توبالاش. . . دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىغان بولغاچقا رېستۇراندىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئامراقكەن. ئاشپەزلەرمۇ ئۇنى<قولى تاتلىق> دەپ كۈندە دېگۈدەك چۈشلۈك تاماقنى ئۇنىڭغا ئەتكۈزىدىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ ئۆزۈمنى چوڭ تۇتىۋالماي سەي توشۇيدىغان بالىلار بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇپ ئۆتتۈم. ئۇلارمۇ مېنىڭ ئۇنىڭدىن كىچىك ئىكەنلىكىمنى دېگەن چاغدا يەنىلا پىسەنتىمگىمۇ ئېلىپ قويمىدىم. ھەتتا ئۇلارغا «مەن ئامىنەنى چوقۇم ئالىمەن! باغاقنى بىرىنچى بولۇپ رېستۇراندىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىمەن!» دېگەنتىم.

    ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەس قىلاتتى. بىزنى «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» دەيتتى...
    كۈندە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قايتاتتۇق. پاراڭلىشىۋېرىپ ئۆزلىشىپ قالغاچقا ئەمدى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىدەك تەپ تارتىپمۇ يۈرمەيدىغان بولدۇم. قايتقىچە كۆل بويىغا «گىتتار چېلىشنى ئۆگىتىپ قويىمەن» دەپ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن يەنە تۈگىمەس پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. بىركۈنى ئۇ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى:
    _ سىز ماڭا گىتتار چېلىشنى ئۆگىتىپ قويىمەن، دېگەنتىڭىزغۇ؟ ئەمدى ئۆزىڭىزمۇ تۈزۈك چالمايدىغان بوپ قالدىڭىزغۇ؟
    _ ۋاييەي، سېنى كەلتۈرۈۋالغۇچە شۇنداق دەپ قويغان. بولدى ئەمدى، كەلتۈرۈپ بولۇپمۇ يەنە گىتتار چېلىپ بېرەمدىم؟
    _ ئەنە، ئەنە! ئوغۇللار ھەممىڭلار شۇنداق! باشتا شېرىن - شېكەر گەپلەر بىلەن ئالدايسىلەر، كەلتۈرۈۋېلىپلا ئۆزۈڭلارنىڭكىنى راست قىلىۋالىسىلەر!
    _ خې خې... ئۇنىڭغا ئامال يوق. سەنمۇ ماڭا ئالدانمىساڭ بولمامتى؟ دۆتلىكىڭدىن كۆر ئۇنى!
    _ سەنلەيسىزغۇ ئەمدى؟
    _ مەنچۇ قارا، سېنى ئۆزۈمنىڭ خوتۇنىدەكلا يېقىن كۆرگەچكە سەنلەيمەن. سېنى سەن دېسەم ماڭا بەك يېقىملىق تۇيۇلىدىكەن.
    _ ساراڭ! سەن دېمەڭا، بەك غەيرىي تۇيۇلىدىكەن. بولمىسا مەنمۇ سىزنى سەنلەيمەن.
    _ بولمايدۇ. مېنىڭ دادام ئاپامنى سەنلەيدۇ، لېكىن ئاپام دادامنى سىزلەيدۇ.
    _ ئۇلار دېگەن ئۇلار.
    _ بىزمۇ ئەتە - ئۆگۈن دادا ھەم ئاپا بولىمىز، ئىشەنچىڭ يوقمۇ يە؟
    _ ئىشەنچىمغۇ بار، بىراق...
    _ ئوخخو، مەن سەندىن مۇشۇ چاغقىچە بىرەر ئىشتا ئۆتۈنۈپ باقتىممۇ ھە؟ مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشتىمۇ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالامسەن؟
    _ ھە مەيلى ئەمسە...
    شۇنداق قىلىپ ئۇنى «خوتۇن، جېنىم، گۈلۈم...» دەيدىغان بولۇۋالدىم. ئۆزۈممۇ بەك سۆيۈنۈپ كېتىمەن شۇنداق دېسەم. شۇ كۈندىن باشلاپ گىتتارنىمۇ تاشلىدىم. كۈندە پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا بىللە بولغۇم، مۇڭداشقۇم كېلىدۇ. مۇڭداشتىم دېگىنىم ئۇنى كۈندە يىغلىتىپ، جىلە قىلىشلا. ئەمما ئۇ ھەرقانچە جىلە بولسىمۇ پەقەتلا كۆڭلىگە ئالمايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ مېنى قولتۇقلاپ ماڭسا خۇددى ئۆزىنىڭ يولدىشىنى قولتۇقلاپ ماڭغاندەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك قىز، دەپ ھېسابلايدىكەن.
    ئۇ ماڭا مۇلايىم بولغىنى بىلەن رېستۇراندا باشقىلار بىلەن ئاسانلا ئۇرۇشۇپ قالاتتى. بولۇپمۇ سەيگۇيۈەن بىلەن تولا ئۇرۇشاتتى. بىر نەچچە قېتىم مەن يوق چاغدا ئۇرۇشۇپ قاپتىكەن، سەۋەبىنى سورىسام «كىچىك ئىشلار» دەپلا ئېنىق دېمىدى.
    رېستۇراندا ئىشلەپ ئىككى ھەپتىدەك بولغان چاغ. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا سەي توشۇغۇچى بالىلار بىلەن رېستۇراننىڭ ئالدىدا گىتتار چېلىپ ئولتۇرغانتۇق. بىر قىز يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ھېلىقى سەيگۇيۈەن بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانلىقىنى دېدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا يۈگۈرگەن پېتى چىقسام ھېلىقى سولتەك قولىغا ئورۇندۇقنى ئېلىۋاپتۇ، مەن ئۇ سولتەكنىڭ كەينىدە بولغاچقا مېنى بايقىمىدى. نېمىلا ئىش بولمىسۇن قېنىم قىززىقلىق قىلماي، دەپ بىردەم كۆزىتىپ باقماقچى بولۇپ جىم تۇردۇم. مېنىڭچە مەن ھېسسىياتىمغا تايىنىپلا قىز دوستۇمنىڭ چوقۇم توغرا، دېسەم تازا ئادىللىق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭمۇ ئاغزىنىڭ ئىتتىكلىكىنى ئوبدان بىلىمەندە!
    _ سەن ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسەن ئامىنە! _ دېدى ھېلىقى سولتەك. ئۇمۇ بوش كەلمەي:
    _ مەن بىلەن نېمە كارىڭ؟ مەن ساڭا ئۆچ! تولا ئىشىمغا ئارىلاشما!
    _ ۋۇ ساراڭ! كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىغلاپ ئالدىمغا كەلمىگىنىڭنى بىر كۆرەي!
    _ ئىشىڭنى قىلە! سەن ئۇنداق بەختكە مۇيەسسەر بولالمايسەن! كاللىسى تەتۈر چۆرگىلەيدىغان ساراڭ!
    _ بېشىڭنى يېرىۋېتىمەن جۇمۇ تىللىما!
    _ تىللاپ - تىللىماي قانچىلىك نېمىتىڭ سەن؟ ئۇرە يامان بولساڭ! مېنى بىر چېكىم چېكەلىسەڭ سېنى ئوغۇلبالا دەيمەن!
    ئۇ سولتەك مەنسىتمىگەندەك كۈلۈپ قويۇپ:
    _ ھې ھې... ئوقۇغۇچى مابىتىم بار، دەپ ئۇنچە چوڭ سۆزلەپ كەتمە! ئۇنداق شۇمتەكلەر بىر شاپىلاق يېسىلا كۈچۈكلىنىپ كېتىدۇ.
    ئىچىم غۇژژىدە قىپلا قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تۇردۇم. ئۇ مېنى كۆرگەن بولسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ:
    _ ساڭا دەپ قوياي، سەن مابىتىمنى بىر شاپىلاق ئۇرغان كۈنى كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن! _ دېدى.
    _ سەنما؟ سەن؟ ھا ھا ھا...
    _ ئىشەنمىسەڭ سىناپ باقمامسەن؟
    _ ھە ماقۇل ھە! كەچتە ئۇ كېلىپ باقسۇن، ئۇنى قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ قويىمەن!

     ئاچچىقتىن مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ، پۇت - قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلى ئاستا ئالدىمغا ماڭدىم:
    _ ئامىنە!

     ئۇ تېز - تېز كېلىپلا مېنىڭ قولۇمدىن تارتتى:
    _ يۈرۈڭ! ئۇنداق ساراڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن!
    _ سەن جىم تۇرە بىردەم.
    ئاۋۇ سولتەكنىڭ چىرايىغا بىردەم زەردە بىلەن قارىۋېتىپ:
    _ ئاداش، ئامىنەنىڭ سەل ئاغزى ئىتتىك، كۆڭلۈڭگە ئالما ھە؟ بۇ قېتىمقىسىنى كۆرمىگەن بولاي، ئەمدى ئۇ ساڭا ئاۋۋا ئېغىز ئېچىپ بىر ئېغىز گەپ قىلىدىغان بولسا ئالدىڭدىلا ئۇنىڭ چېچىنى بىر سىقىپ يۇلۇپ بېرىمەن، _  دەپلا ئۇنىڭ بىلەن پەسكە چۈشۈپ كەتتۇق. پەسكە چۈشۈپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى، بۇندىن بۇرۇنمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقىنى سورىسام ئۇ دېگىلى ئۇنىمىدى. سوراپ تۇرۇپلاۋالغاندىن كېيىن تەستە دەپ بېرىشىچە ھېلىقى سولتەك بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى ئايىغى چىقمايدۇ، قەيسەرنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس، ئۇ سېنى ئالداۋاتىدۇ، دەپ مەندىن ئايرىلىپ كېتىشكە قىستاپتىكەن. تېخىمۇ بەك ئاچچىقىم كەلگىلى تۇردى. قاراپ تۇرۇپ ماڭا تۆھمەت قىلغانلىقىغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيتتى. مەن يا رېستۇراندا بىرەرسى بىلەن گەپ تالىشىپمۇ باقمىسام يا ھېچكىمگە يامان غەرەزدىمۇ بوپ باقمىسام؟ ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگە ئۇنىڭ زەردە بىلەن دېدىم:
    _ ھەي، ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋېتەيمۇ؟ سەن بۇ يەردە ئىشلىمە بولدى. ئۇنداق لاتا گۇيلارغا بوزەك قىلغۇزمايمەن سېنى! قەيسەر مەن! مۇۇش كەمگىچە خەقنى ئۇرسام ئۇردۇمكى، تاياق يەپ باقمىغان. نوچىلىق قىلغاننىڭ جاجىسىنى بەردىمكى، ياۋاشنى بوزەك قىلمىغان. ئەمدى جىم يۈرەي، دەپ قويسام ھەجەپ ھەددىدىن ئېشىۋاپتا ما گۇي!
    _ ئۇنداق قىلماڭ! ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ! ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇشماڭ، ئۇنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىگە بىر يېرىمىز خوراپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە...مەن سىزگە ئىشىنىمەن. سىز مېنى ئالدىمايسىز.
    _ لېكىن مېنىڭ غورۇرۇم يول قويمايدۇ!

    ھەيرانمەن. شۇنچە ئاچچىقىم كېلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ <سىزگە ئىشىنىمەن، سىز مېنى ئالدىمايسىز!> دېگەن گېپىدىن دىلىم سۆيۈنۈپ كەتتى.
    _ غورۇر دېگەننى بۇنداق جايدا ئىشلەتمەيسىز!
    _ ئاغىنىلىرىمنى چاقىرىپ كېلىدىغان بولسام «ۋاي ئاكا!» دەپ ئالدىمدا كۈچۈكلىنىپ كېتىدۇ ئۇ ھېجىقىز!
    شۇنداق دېيىشىمگىلا كەينىمدىن بايىقى سولتەكنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
    _ ئەمسە ئاغىنىلىرىڭنى باشلاپ كېلە! بىر تۇتۇشۇپ باقمامدۇق؟
    ما گېپىنى ئاڭلاپ ئېتىلىپ بېرىپلا چېچىدىن تۇتۇپ تېپىۋېرىپتىمەن. باشقا بالىلار ئارىغا چۈشۈپ ئاجرىتىپ تۇرۇشىغا كىم دەپ قويدىكىن، دېرىكتور چۈشۈپ بىر مۇنچە قاقشاپ ئۈستىگە چىقىرىۋەتتى.
    كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ مەن ياخشى ئۆتىدىغان بالىلار بىلەن سورۇندىن ئېشىپ قالغان ھاراقلارنى، چوكا تەگمىگەن سەيلەرنى تاللاپ سورۇندىن بىرنى راسلىدۇق. باشقا بالىلارمۇ ئۇنىڭغا بەكلا ئۆچكەن، لېكىن ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇشقىمۇ ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدىكەن. ئىچىمدە «ھەممىسىنىڭ قورساق كۆپۈكىنى بىر يولىلا ئېلىپ بېرەي» دەپ بالىلارغا مەسلىھەت سېلىپ ئۇنىڭدىن قورقماسلىقنى، بىرلىشىۋالساقلا ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇلارمۇ قوشۇلۇپ «بىرىمىزگە چېقىلسا ھەممىمىز تەڭ ئۇرىمىز!» دېيىشتى. ھەممەيلەن خۇشال بولۇشۇپ ئىچىۋېرىپتىمىز. بۇنداق چاغلاردا ئادەمگە ھاراق دېگەنمۇ بەك سىڭىدىكەن. يېرىم كېچىگىچە ئىچىشىپتىمىز. ئۇ بىزدىن نېرىراق جوزىدا ئولتۇردى. كېتىپ تۇر، دېسەم قەتئىيلا ئۇنىمىدى. مەن قايتا - قايتا دېگەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ كەتكەندەك قىلغان بىردەمدە يېنىپ كىرىپتۇ. كىرىپ يەنە جايىغا بېرىپ ئولتۇردى. بىردەم ئۇخلاپ يەنە بىردەمدىلا ئويغىنىپ كېتىمىز، دەپ تۇرۇۋېلىپ بالىلارنى خىجىل قىلىپ قويدى.<ئەتە ئىشلەيمىز> دېيىشىپ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتتۇق. كەيىپچىلىكتە باشلىرىم قېيىپ پۇتلىرىممۇ قىيسىق كېتىۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ قولتۇقۇمغا كىرىپ مېنى يۆلىگىنىچە تاپا - تەنە قىلىپلا ماڭدى. مېڭىپ كۆلگە بارغۇچە ئۆتىدىغان ئۇزۇن كەتكەن قاراڭغۇ كوچىغا كەلگەندە مەستچىلىكتە ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىدىماي ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم:
    _ تولا ئۇششاق گەپ قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتمىغىنە! ئايدا بىر ئازراق ئىچىپ قويغانغا نېمە بوپتۇ؟ مەن يا كۈندە زابويدەك ئىچىپ يۈردۈممۇ؟ ئۇ بالىلار بىلەن ئۇنداق خۇشال ئولتۇرمىقىمىز ئاسانمۇ؟
    _ ئاشقازىنىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۆزىڭىز ئاشقازان كېسىلىم بار، تولا ئىچىپ تېپىۋالغان دېمىگەنمىتىڭىز؟
    _ بىرەر قېتىم ئىچكەنگە ھېچنېمە بولمايدۇ. نېمانداق ئۇششاق گېپىڭ جىق سېنىڭ ھە؟ كۈندۈزى بولغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئاران بىر خۇش بولغاندا كەيپىمنى ئۇچۇرمىساڭ بولمامدۇ؟
    _ ھە ئىچىڭ، ئىچىڭ! جىق ئىچىڭ! مەن سىزنى توسۇپ قالالايتتىممۇ؟
    _ چىشىمغا تەگمە جۇمۇ! ھېلى بىكا تاياق يەيسەن!
    _ ئۇرۇڭە ھە! ئۇرۇڭە! تاياق يېسەم سىزدىن يەيدىكەنمەنغۇ؟
    «چاڭ!»
    ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇرۇشۇمغا ئۇ يۇمىلاپ كەتتى. . .

    ئىچىمدە <نېمە قىلىۋاتىمەن مەن؟> دەپ ئويلىدىميۇ، ئەمما دەررۇ بېرىپ بەزلىمىدىم. بىراق جايىدا ئولتۇرۇپ يىغلاشلىرىغا قاراپ سىيرىلىپلا كەتتى. ئاستا دەلدەڭشىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم:
    _ بولدى يىغلىما!
    _ راستىنلا ئۇرىسىزغۇ؟. . .
    _ ئۇر دېگەندىكىن ئۇرماي قانداق قىلىمەن؟
    _ ئۇنداقمۇ بەك ئۇرامسىز؟
    _ بۇندىن كېيىن بوشراق ئۇراي، ھە؟

    _ ھە ئۇرۇڭ! بەك ئۇرۇڭ!
    يانچۇقۇمدىن قەغەزنى چىقىرىپ ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. يۈرىكىم ئېچىشىپ ئۆزۈممۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم:
    _ مە، يېشىڭنى سۈرتىۋال! يىغلىما ھە! سەن يىغلىساڭ مەن بىر قىسما بوپ كېتىدىكەنمەن.
    ئۇ مىش - مىش يىغلىنىچە ياشلىرىنى سۈرتتى. شۇنداق قارىسام كۈلىۋېتىشكە ئاز قېلىپ يۈزىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى. 
    ۋۇ، جىن! يىغاڭ شۇنچىلىكمىتى؟ مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇ خۇش بولىۋاتىسەنغۇ سەن ھە؟
    ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ كۈلۈپ دېدىم:
    _ ۋۇي، ئامىنە. سەن يىغلىساڭ بەك ئوماقلىشىپ كېتىدىكەنسەنغۇ؟
    _ نەدە؟
    ئۇنىڭ كۈلگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلۇق قىلىۋېلىشىغا قاراپ قەلبىمنى ئىللىق بىر سېزىم كېسىپ ئۆتكەندەك بولۇپ ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلاشتىم:
    _ بىر كۈلۈپ بېرە!
    _ . . .
    _ كۈلسەڭ بەك ئوماقلىشىپ كېتىسەن، يۈزۈڭ ئاغرىمايۋاتقاندۇ ھە؟
    ئۇ يەرگە قاراپ تۇرغىنىچە ھېچنېمە دېيەلمىدى. يۈرەكلىرىم بارغانسېرى دۈپۈلدەپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ بوش ئاۋازدا شىۋىرلىدىم:
    _ ئامىنە، سەن مېنىڭ بارلىقىم. . .
    ئىككىمىزنىڭ تىنىقلىرىمىز قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرى شۇنچىلىك ئوتلۇق ئىدىكى ئۇنىڭ لېۋىدىن تارقىغان ھارارەت مېنىڭ يۈرىكىمدىن ھەربىر قىل قان تومۇرلىرىمغىچە تارايتتى. تۇنجى سۆيۈشۈشىمىزدىن ئاي خىجىل بولۇپ بۇلۇت كەينىگە مۆكسە يۇلتۇزلار مازاق قىلغاندەك توختىماي كۆز قىسىشاتتى. شۇ سۆيۈشكەنچە كېچە قاراڭغۇلىقىغا سىڭىپ كەتتۇق. . .

    خېلىدىن كېيىن پىچىرلاشقانچە قايتتۇق.

    _ ماڭا تېگەمسەن؟

    _ ھەئە!

    _ ۋۇي، ھەجەپ ئاسانلا ماقۇل بولدىڭغۇ؟

    _ راست تۇرسا، نېمە قىلاتتىم گەپنى ئەگىتىپ...

    _ لېكىن ماڭا تەگسەڭ كۈندە ئۇرىمەن.

    _ مەيلى، سىز ئۇرسىڭىز نېمە بوپتۇ؟

    _ ئەمسە ۋاقتى كەلگەندە يىغلاپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىمەن دېمە جۇمۇ!

    . . .

    ئۇنتۇلماس كېچە

     

    بۇنداق كەيىپچىلىكتە ئۆيگە قايتسام بولمايتتى. مېنىڭ كىملىكىم بولمىغاچ ئۇنىڭ كىملىكىگە ياتاقتىن بىرنى ئاچتۇق. رېستۇراندىكى بالىلاردىن ئاڭلىغان ھەرخىل گەپ - سۆزلەر كاللامنى چىرمىۋېلىپ ئۇنىڭ پاك ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ بېقىشقا زورلايتتى. مەستچىلىكتە ھايا پەردىسىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىغا توشقان تامچىلارنى كۆرەلمىدى ھەم بۇرۇن لەززىتىنى ئانچە - مۇنچە تېتىغان ھايۋانىي نەپسىمنى ئۇنىڭ يىغلاپ - يالۋۇرۇشلىرىمۇ توسۇپ قالالمىدى.

    _ قەيسەرجان، ئۇنداق قىلسىڭىز ئاتا - ئانامغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟

    _ ماڭا ئىشەنمەمسەن؟

    _ ئىشىنىمەن، سىز ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسىز!

    _ پاك بولساڭ مەن بىر كۆرەي!

    _ مەن راستىنلا پاك. . .بىر ئاللا گۇۋاھ!

    _ بەرىبىر سېنى ئالىدىغان تۇرسام؟

    _ ھەممە ئىش ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە بولسۇن.

    _ ۋاقتى - سائىتى دېگەن مۇشۇ. ماڭا ئىشىنىسەنغۇ؟

    _ ھەئە!

    _ ئەمسە رازى بول!

    _ . . .

    سۈكۈتنىڭ ئۆزى ھە دېمەك.

    ئۇنىڭ ئاپئاق بەدىنى، يۇمران ھەم سىيلىق تېرىسى، تېز - تېز كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىۋاتقان كۆكسى مېنىڭ شەھۋەت ھېسلىرىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. . .

    توساتتىن ئۇنىڭ كىرلىكنى چىڭ قاماللاپ تىترەۋاتقان بارماقلىرىغا، چېكىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىغا، يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تىترىگىنىچە چىڭ چىشلىۋالغان كالپۇكلىرىغا قارىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ بەدىنىگىمۇ بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەك ئولاشتى. ئويلىنىپ قالدىم:

    <مەن نېمە قىلماقچى؟ ئۇنىڭ پاكلىقىنى سىنىماقچىما؟ پاكلىق مەن سىنايدىغان بىر ئويۇنچۇق بولغىيمىتى؟ مەن قانداق ئوغۇلبالا ئىدىم؟ ئەجىبا مۇشۇ نۇرغۇنلىغان ياشلارنى تۈگىمەس ئازاب دولقۇنلىرىغا تاشلىغان شەھۋانىي ھېسسىيات مېنى بويسۇندۇرۇۋالامدا؟ ئۇنىغۇ ئالىمەن دەيمەن، لېكىن ئەتىنى بىر ئاللا بىلىدۇ، ئۇنى ئالالماي قالسام مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن قىز باشقىلارنىڭ قولىدا خارلىنىپ زار - زار يىغلاپ ئۆتەمدا؟ ئۇنىڭ شۇنچە ئەقىدىلىرى، پاك تېنى، پاك مۇھەببىتى مەندەك بىر نامەردنىڭ قولىدا ۋەيران بولامدا؟ قاراپ تۇرۇپ ئۆز سۆيگۈنۈمنى ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلامدىم؟ قېنى مەندىكى ۋىجدان؟ قېنى مەندىكى غورۇر؟ قېنى مەندىكى ئەركەكلىك؟ . . .؟>

    _ نېمە بولدى؟

    ئۇنىڭ قورقۇش، تەشۋىش، تىترەك ئولاش ئاۋازى خىيالىمنى ئۈزىۋەتتى.

    _ باشلىدىم ئەمسە!

    شۇنداق دەپلا يەنە خىيالغا چۆمدۈم:

    < ئەگەر ئاشۇ پەسكەش ئىشنى قىلمىسام ئۇ قانچە خۇش بوپ كېتەر؟ توغرا! مەن ئۇنى خۇش قىلىشىم كېرەك! ئۇ ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى بەردى، ئەمدى مەن ئۇنىڭغا نېمە قىلماقچى بولىۋاتىمەن؟ مۇشۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بويسۇندۇرالمىغان ھېسسىياتنى مەن بىر بويسۇندۇرۇپ باقاي ئۇنىڭ پاك تېنىنى تاكى خۇدايىم بۇيرۇپ بىز توي قىلغۇچە پاك ساقلاي! خۇدايىمنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئامانىتىنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرەي! ئۇنىڭ پاكلىقى مېنىڭ بايلىقىم ئەمەسمۇ؟!>

    ئۆزۈمنىڭ قارارىدىن دىلىم سۆيۈنۈپ ئاجايىپ ئەركىن، ئازادە بوپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن كۆزىنى ئاستا ئېچىپ مەندىن سورىدى:

    _ نېمە كۈلىسىز؟

    كۈلۈپ كېتىپ ئۇنىڭغا سەمىمىي تىكىلىپ دېدىم:

    _ كىيىملىرىڭنى كىيىۋال!

    _ قەيسەرجان!...

    ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلا كەتتى ئەمما بۇ قېتىمقىسى خۇشاللىق يىغىسى ئەلۋەتتە. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئەركەكلىكىمگە قايتقاندەك، غورۇرۇم، ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلەيدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم.

    ئۇنىڭ قورسىقىغا پۇتۇمنى ئارتىپ قويۇپ تولىمۇ راھەت ئۇخلاپتىمەن. ئەتىسى ئىشقا ماڭغۇچە يولدىكى بارچە ماڭا شۇنداق گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتتى. بوش شامالدا شىۋىرلاۋاتقان دەرەخ شاخلىرىمۇ <قەيسەر، توغرا قىلدىڭ!> دەۋاتقاندەك، ئالدىراشچىلىقتا ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەرمۇ بىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك، بەزىلىرى كۈلۈمسىرەپ مېنى ماختاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. كۆڭلۈم قەلەم بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازادە. ئۇمۇ بىردەم - بىردەم ياقىلىرىمنى، چاچلىرىمنى تۈزەپ ماڭا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ ماڭاتتى. ئەمدى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كېرىلىپ ماڭدىم. شۇ كېچىدىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان ھۆرمىتى ھەم مۇھەببىتى بۇرۇنقىدىنمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى...

    مەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى قۇل قىلغان ئاشۇ ھايۋانىي ھەۋەسنى بويسۇندۇردۇم. بەزىلەرنىڭ مەستچىلىكتە بىلمەپتىمەن، دېگەن گەپلىرىمۇ يالغانكەن. مانا مەن غىرىق مەست تۇرۇپمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، ئاشۇ ھېسسىياتنى بويسۇندۇردۇم. يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىكەن، دېگەن گېپىمۇ يالغانكەن. مانا مەن خېلى ئوبدانلا ئۆگىنىپ قالغان، لېكىن ئۆزۈمنى كونترول قىلالىدىم. مۇشۇ ئىشمۇ ماڭا ئۆزۈمنىڭ ۋىجدانىنى، غورۇرىنى ئوبدانلا تونۇتتى