• 2008-11-10

    ئالدىڭىزغا يەنە بىر قەدەم مىڭىڭ

    ئالدىڭىزغا يەنە بىر قەدەم مىڭىڭ



    يىقىندا مۇنداق بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇپ قالدىم: ماقالىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ئۆيىدە بىر مەزگىل بىكار ئولتۇرغاندىن كىيىن، بىر تۇققىنىنىڭ ياردىمى بىلەن پوچتا ئىدارىسىگە گىزىت- ژورنال تارقىتىش خىزمىتىگە ئورۇنلىشىپتۇ. ئۇ قىز بۇ جەرياندا كۈندىلىك گىزىت -ژورناللارنى قالدۇرماي ئوقۇپ، نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بوپتۇ. كىيىن ئۆزلىكىدىن ئىمتىھان بىرىپ، مەخسۇس كۇرۇس ۋە تولۇق كۇرۇسنىڭ دىپلومىنى ئاپتۇ. كىيىن يەنە باش چۆكۈرۈپ چەتئەل تىلىنى پىششىق ئۈگىنىپ، ئاخىرى ئاسپىرانت بولۇپ، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى يارىتىپتۇ. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قىزنىڭ ئاغزىدىن بىرىلگەن مۇنداق بىر ئابزاس سۆز مىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى:«بىز بەزىدە ئالدىمىزغا بىر قەدەمنى ئارتۇق بىسىشتىن ئىرىنىمىز، ئەمما ئاشۇ بىر قەدەمنىڭ ئارتۇق بىسىلىشى بىلەن ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان <بايلىق>قا ئىرىشىپ قىلىشىمىزنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز».
    دىمىسىمۇ ئەتىراپىمىزدا ئازغىنە نەتىجىگە ئىرىشىپلا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ چوققىسىغا چىققاندەك ھىس قىلىپ،قانائەتلىنىپ قالىدىغان، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەشنى خالىمايدىغان، خالىسىمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ بىر ئوپتان پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويىدىغان كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلار مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كىچىككىنە جاپانىڭ كەينىگە ئالەمچە شاتلىقنىڭ يۇشۇرۇنلۇنغانلىقىنى، سەللا بەرداشلىق بىرىپ بىر قەدەمنى ئارتۇق بىسىۋەتسە، ئۆزى ئارزۇ قىلغاندىنمۇ ياخشىراق نەتىجىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى ئويلىيالمايدۇ. ئەگەر ھىلىقى ماقالىدىكى قىز ئىدارە تاپشۇرغان گىزىت-ژورنال تارقىتىش ۋەزىپىسىنىلا ئورۇنلاپ، كۈنۈم ئۆتتىغۇ، دەپ ئولتۇرغان بولسا، ئۇنىڭ كىيىنكى كۈنلەردىكى مۇۋەپپىقىيىتى بولمىغان بولاتتى. ئۇ قىز مەخسۇس ۋە تولۇق كۇرىسنىڭ دىپلومىنى ئالغاندىن كىيىنلا ئىش ئىزدىگەن بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر خىزمەت تىپىپ، تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزگەن بولاتتى. ئەمما، ئۇنىڭدا كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىش ۋە يۈكسەك ئىشەنچ، بىلىم ئىلىشقا بولغان قىزغىنلىق بولغاچقا، ئالدىغا قەدەممۇ- قەدەم ئىلگىرلەپ، ئەڭ ئاخرىدا تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىدى.
    ئىنسان ئۆمىرى چەكلىك بولىدۇ، لىكىن ئارزۇ- ئۈمىد ھامان چەكسىز بولىدۇ. ئۈمىد- ئارزۇدىن ئايرىلغان كىشى ئۆزى تىرىك بولسىمۇ، روھى ئاللىقاچان ئۆلگەن بولىدۇ. ئىنسان ياشىغانىكەن، ئۇنىڭدا چوقۇم ئالغا ئىگىرلەيدىغان شىجائەت، كۆڭلىدە ئىنىق نىشان بولىشى كىرەك. بەلكىم سىز ئىشلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى، مائاشىڭىزنىڭ تىخىمۇ يۇقىرىراق بولۇشىنى ، تىخىمۇ چوڭراق ئۆيىڭىزنىڭ، چىرايلىق ئاپتۇموبىلىڭىزنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانسىز. بۇلار ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلار ئەمەس، سىز پەقەت ئالدىڭىزغا بىر قەدەم مىڭىشنى خالىسىڭىزلا، ئازىراق غەيرەت قىلىۋەتسىڭىزلا، ئارزۇيىڭىزغا يىتىشىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمىغان مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئىرىشىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.