• 2008-11-10

    مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(3)

    چوڭقۇر چۈشىنىش

     

     بىر ئاي توشقاندىن كېيىن مۇئاشىمنى ئېلىپ رېستۇراندىن يېنىپ چىقتىم. تەتىلمۇ توشۇپ ئۆزۈم ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلمىگەچ چوڭلارغا بىر مۇنچە خىزمەت ئىشلەپ يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇماقچى بولدۇم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يىراق شەھەردە ئوقۇشنى خالىمىغاچ قايتىلاپ ئوقۇشمۇ ماڭا ئېغىر كەلمىدى. دەسلەپ ساۋاقداشلىرىمنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويغاندا كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالغان. كېيىنچە كۆنۈپمۇ كەتتىم. لېكىن قايتىلاپ ئوقۇغاچقىمۇ ياكى كاللامغا ئۇ كىرىۋالغاچقىمۇ دەرسلەر پەقەت خۇشياقمىدى. ئۇ كۈندە مەكتەپ ئالدىغا مېنى ئالغىلى كېلەتتى. دەرسكە كىرسەملا دەرستىن چۈشۈشنى ئويلايتتىم. دەرستىن چۈشۈپلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرايتتىم. ئۇ ھەرقېتىم مەن دەرستىن چۈشكەندە يولنىڭ ئۇ چېتىدە ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. ئالدىغا بارساملا چاچلىرىمنى تاراپ، ياقىلىرىمنى ئوڭشاپ قوياتتى. باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا مەغرۇرلىنىپ تۇرۇپ كېتەتتىم. لېكىن ھەممىسىلا ئۇنى قەيسەرنىڭ ھەدىسى، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بىلەن ھەركۈندە بىللە تاماق يەپ، كۆڭلىمىز خالىغان جايلارغا بېرىپ ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلماس <شېرىن كۈنلەر>نى قالدۇرۇپ قوياتتۇق. ئۇنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندىم. ئەسلىدە ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىقكەن. مېنى بەك ياخشى كۆرگەچ ھېسسىياتى ئەقلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ماڭا دۆتتەك تۇيۇلۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئىش ئۇقىدىغان، قائىدە - يوسۇنلۇق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، كەسكىن مىجەزىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلاتتىم. ئۇنىڭغا قانچە شېرىن - شېكەر سۆزلەرنى قىلساممۇ پەقەت زېرىكمەيتتىم. ئەكسىچە ئۆزۈممۇ خۇش بولۇپ تېخىمۇ گەپدان بوپ كېتەتتىم. بارا - بارا بۇرۇنقىدەك ئۇششاق - چۈششەك پاراڭلارنى قىلماس بولدۇم. ئۇنىڭدىن ئېغىر - بېسىقلىقنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭ ئورۇنلۇق گەپ - سۆزلىرى مەندە ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس سالاپەتنى يېتىلدۈردى...

    ئەمدى بىر - بىرىمىزنى چوڭقۇر چۈشىنىپ مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە بېرىشكەنتۇق. ئەمما ئۇ ماڭا ئۆيىدىكىلەر توي ئىشىغا قىستاۋاتقانلىقىنى، بىر نەچچە ئەلچىنى قايتۇرۇۋېتىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن قىزىرىشىپ قالغانلىقىنى تولا تىلغا ئالىدىغان چاغلاردا رەھىمسىز تەقدىر دادىسىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان كۈنلەردە ئەرزىمەس بىر كېسەلنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ ئاپىسىنى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئېلىپ كەتتى. ئۇمۇ شۇندىن كېيىن رېستۇراندا ناخشا ئېيتمىدى. ئاپىسىنىڭ يەتتە نەزىرىسىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. دادىسى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا ھەممە ھازىدارلار ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال سورىدىم. دادىسى قولۇمنى بىر ھازا چىڭ سىقىمدىغاندىن كېيىن گەپ قىلىشقا تەمشىلىۋىدى قۇلىقىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تۇتتۇم. دادىسى ئىنتايىن بوش، زەئىپ ئاۋازدا:

    _ ئوغلۇم، ئامىنە سىزنىڭ گېپىڭىنى قىلىپ بەرگەن. مەن سىزگە ئىشىنىمەن. كۆزلىرىڭىزدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ. مېنىڭمۇ قىزىمنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم كۆز يۇمغۇم بار. ئاپىسى مۇشۇ قىزىمنى بىر ياتلىق قىلىۋالسام دەپ بەك تولا دەيتتى. ئەمدى ئۇ يوق. مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم شۇ... بالىلىرىم ئارىسىدا ئەڭ ئامراق قىزىمنى ياتلىق قىلىۋېتىپ كۆزۈم يۇمۇلسا ئارمىنىم يوق. مېنىڭمۇ كۈنلىرىم ئازلا قالدى. ئاپىسى مېنى چاقىرىۋاتىدۇ... _ دېدى.

    _ ياق، ئۇنداق بولمايدۇ! _ دېدىم مەن يىغامنى تەستە بېسىپ، _ سىز چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز، خۇدايىم شىپالىق بېرىدۇ...

    _ رەھمەت! _ ئېسىل ئوغۇلكەنسىز! مېنىڭ كۆزۈمنىڭ يورۇقىدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىڭلار...مەنمۇ كۆزۈم ئوچۇق كەتمەي...

    _ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ..._ دېدىم مەن كەسكىنلىك بىلەن، ئاۋازلىرىم بارغانسېرى بوغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى، _ مەن ئامىنەنى ئالىمەن!

    _ ياخشى...

    توساتتىن بىرى كەينىمدىن تارتتى. ئۇنىڭ دادىسىغا قىيالماي كەينىچىلاپ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بايا كەينىمدىن تارتقىنى ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەن. ئىككىيلەن ئارقا ھويلىغا چىقىپ پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن مۇشۇ ئىككى ھەپتە ياكى بىر ئاي ئىچىدە توي قىلالمىسام ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈم كېرەككەن. مەن تېخى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى تۇرسام توي قىلدىم دېسەممۇ ئۇنى قانداق باقىمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ بولغاچقا بەزى بىكار تەلەپلەر ئۇنىڭ كەينىدىن <شەھەردە ناخشا ئېيتىپ ئۇنداق بوپ كەتكەن، مۇنداق بۇزۇلۇپ كەتكەن...> دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈپتۇ. ئاكىسىمۇ بىر نەچچە ئادەم توپلىشىپ پاراڭلىشىۋاتقان يەرلەرگە بارالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئاكىسى گېپىنىڭ ئاخىرىدا كەسكىن قىلىپ دەۋەتتى:

    _ ئالالىسىڭىز، بېقىشقا قۇربىڭىز يەتسە سىڭلىمنىڭ رايىغا باقىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز ياخشىسى ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇڭ! بىزگىمۇ يۈز - ئابروي كېرەك. دادىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنىمۇ قاندۇرۇپ بېرەلمىسەك بۇ يۇرتتا تۇرمىساق بولىدۇ. مۇھەببەت ھەممىدىن مۇھىم ئەمەس!

    ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بوپ قالدىم. كۆرۈۋاتقانلىرىم خۇددى چۈشتەكلا بىلىنىپ، قانچە ئويغىناي دېگەنسېرى گېلىم شۇنچە بوغۇلۇپ كۆزلىرىمدىن مۇنچاق - مۇنچاق تامچىلارنى توسۇپ قالالماي جايىمدا قېتىپلا قالدىم.

    ئۇنى قاراپ تۇرۇپ بىرىگە ياتلىق قىلىۋەتسە مەن ھايات تۇرۇپ، بىر - بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىدىغان تۇرۇپ توسۇپ قالالمىسام... مەكتەپتىن چېكىنىپ توي قىلدىم دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قانداق باقىمەن؟ كۆڭلۈمگە پۈككەن نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىمچۇ؟ بىز يا بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىساق؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى ئازۇلىرىمىز، قانداق ئۆي تۇتۇش توغرىلىق دېيىشكەن گەپلىرىمىز پەقەت بىر خام خىيال بوپ قالامدا؟ نېمىشقا بۇنداق ئايىغى چىقمايدىغان مۇھەببەت بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىدۇ؟ باشقىلار مۇھەببەتلىشىپ ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارى بىلەن توي قىلىدىكەنغۇ؟ بىز نېمىشقا؟...تەقدىر! بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلمىساڭ بولاتتى...نېمىشقا ھەقىقىي مۇھەببەت ۋىسال شارابى ئىچەلمەيدۇ؟...

    ئۆزۈمگە سوئال قويۇپ ئولتۇرغىنىمدا تامنىڭ كەينىدە ئۇنىڭمۇ ئېسەدەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئالدىمغا قاراپلا ئۇنى چاقىردىم:

    _ ئامىنە!

     _ ھە!

    _ يىغلىما! يىغلىساڭ ئاچچىقىم كېلىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ؟...ھېلى بىكا تاياق يەيسەن!

    _ مەيلى!

    ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا بوغۇق تولا يىغلاپ پۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنى ماڭا ئاتتى. ئۇنى شۇنچە چىڭ قۇچاقلىساممۇ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ سىلكىنىشلىرىگە كۈچۈم يەتمىدى. چىشلىرىمنى چىڭ چىشلەپ، كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىۋالغان بولساممۇ ياشلىرىم توختاۋسىز تۆكۈلۈپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى. <مەن يىغلىماسلىقىم كېرەك!> دەيتتىم ئىچىمدە. ئۆزۈمنى ئىنتايىن تەستە بېسىۋېلىپ دېدىم:

    _ يىغلىما...جېنىم...

    ئۇ تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى:

    _ مېنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق...باشقىسىغا تەگمەيمەن...

    مەن ھېچنېمە دېيەلمىدىم. پەقەت چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا بولغان مېھرىمنى ئىپادىلەيتتىم. ئۇمۇ بارغانسېرى قوينۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى...

    خېلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ <ئوبۇرنىغا بېرىپ كېلەي>دەپلا سىرتقا چىقىپ ئاكىسىغا ئۇنىڭغا خوش دەپ قويۇشنى تاپىلاپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدىم...

     

    ئەسلەش

     

    شۇندىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ ئۇنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۇچراتمىدىم. دائىم ساۋاقداشلار بىلەن ئۇنىڭ بىلەن دائىم تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا كىرسەملا ئۇنىڭ ماڭا چاي قۇيۇپ بېرىشلىرى، ئورۇندۇقنى سۈرتۈپ، مۇلازىملاردەك مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمدىن ياش ئەگىيتتى. يوللاردا ماڭسام ئۇنىڭغا كىيىمى ياكى چاچ پوسۇنى ئوخشىشىپ قالىدىغانلارنى كۆرسەممۇ يۈرەكلىرىم تېپىچەكلەپ كېتەتتى. روھىي - ھالىتىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئوقۇتقۇچىلىرىم سەزگەندىن كېيىن مەندىن گەپ ئالالماي ئاتا - ئانام بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتتى. ئاتا - ئانامغا قايتىلاپ ئوقۇشقا كۆنەلمىگەنلىكىمنى دەپ بۇ يەردىكى بارچە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، سەبىي كۈلكىلىرىمنى، مۇھەببىتىمنى تاشلاپ ئۈرۈمچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتتىم...

    مانا، ھازىر ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. ئۇنى بىرەر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. ھەرقېتىم قىيىن مەسىلىگە يولۇقسام ياكى غېرىپسىنىپ قالسام ئۇ ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. ئىشەنچىمنى يوقىتىپ ئۈمىدسىزلەنگەن، چۈشكۈنلەشكەن، ئازابلانغان چاغلىرىمدا ماڭا روھىي مەدەت بېرىدۇ. خۇشال بولغان، نەتىجە قازانغان چاغلىرىمدا مېنىڭ خۇشاللىقىمغا جۆر بولۇپ مەن بىلەن تەڭ كۈلىدۇ، ياق! مەندىنمۇ ئۆتە خۇشال بولىدۇ. نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالغان چېغىمدا ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ. خاتا يولغا ماڭغان چېغىمدا مېنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر كۈلۈمسىرىشىمۇ، قاپاقلىرىنى تۈرۈۋېلىشلىرىمۇ، قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبئىي، شۇنچلىك يېقىملىق. ئۇ مېنىڭ روھىي يۆلۈنچۈكۈم!

    بىز مۇھەببەتلەشتۇق. توي قىلالمىغان بولساقمۇ بەزىلەردەك بىرىمىزنى <ۋاپاسىز> يەنە بىرىمىزنى <ۋىجدانسىز> دېيىشمىدۇق. رېئاللىققا توغرا قارىدۇق. بىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىمىز باشقىلارنىڭكىدەك تەسىرلىك داستان ئەمەس لېكىن ئىككىمىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان بۈيۈك ئابىدىدۇر! ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلغانلىقىنى، قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن ھەم بىلگۈممۇ يوق لېكىن ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر كۆيۈمچان ئايال، مېھرىبان ئانا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ھەرقانداق ئەرنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ھەم ئۇنى بەختلىق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن قانائەتچان ھەم پاك! مەن ئۇنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدىم، ئۆزۈمدىن، مۇھەببىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدا ئەڭ توغرا قىلغان ئىشىم ئۇنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىم. مەن تولىمۇ توغرا قىپتىمەن. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ھەرۋاقىت خاتىرجەم. ئۇنى چوڭقۇر ئازاب ئىچىدە ئەمەس بەلكى چەكسىز ھۆرمەت، ئىپتىخارلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن...

    ئۇ _ سەت! ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك!!!