• دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھيت-بايراملار

    世 界 节 日 表

    خەنزۇچە ئاتىلىشى

    ئىنگلىزچە ئاتىلىشى

    ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

    ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى

    元旦

    New ...
  • قان تىپى ۋەمۇھەببەت

    تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا قان تىپى بىلەن مۇھەببەت مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .

    Aقان تىپىنىڭ Oقان تىپقا بولغان قىزغىنلىقى %80 ،ئەمەلگە ئېشىشى%90

    Aقان تىپىنىڭ Bقان تىپقا بولغان قىزغىنلىقى %30 ،ئەمەلگە ئېشى...
  • ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر


    بىر نەچچە يىلدىن بېرى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتۇق.سىنتەبىرنىڭ ئاخىرى بىر نەچچە سۇئال تەييارلاپ، تور بېكەت باشق...
  • ماتېريال :باشقىلارنىڭ بەدىنىنى ئۇۋلاپ قۇيۇش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر ئەما موماي كىچىك بازارنىڭ سىرتىدا ئولتۇرىدىكەن .بىركۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ بازاردىكى ئېلىكتىرسايمانلىرى ماگزىنىنىڭ خوجايىنىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ ھەمدە ئۆز ئۈيىنىڭ يېنىدىكى كوچىغا بىر نەچچە يول چىرىقى ئورنىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ .ماگزىننىڭ خوجايىنى ھەيران بولۇپ :

    -سىزنىڭ كۆزىڭىز كۆرمىسە ،يول چىرىقىنى ئورناتقىنقىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى ؟ -دەپتۇ .

    -مەن كۆرەلمىسەممۇ ئەمما ھەركۈنى مەن تۇرىدىغان يەردىن ئۈتىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيۋاتىدۇ ،باشقىلارنىڭ يول يۈرىشىگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ بىر نەچچە يول چىرىقى ئورنىتىپ بەرسىڭىز ،ھەققىنى ئۈزۈم تىلەيمەن .

    ماگزىننىڭ خوجايىنى ناھايتى تەسىرلىنىپ مومايغا يول چىرىقىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بەرمەكچى بوپتۇ .موماينىڭ يول چىرىقى ئورناتماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ناھايتى تىزلا پۈتۈن بازارغا پۇر كېتىپتۇ .ھەممە كىشى موماينىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدىن تەسىرلىنىپ چىراق ئورنىتىش سېپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپتۇ .كۆپچىلىك بەس-بەس بىلەن پۇل ئىئانە قىلىشىپتۇ.چۈنكى ھەممىسى :‹‹ئەماكىشى چېغىدا باشقىلارنىڭ يولىنى يۇرۇتماقچى بولىۋاتسا بىزدەك كۆزى ساق ئادەملەر قاراپ تۇرىمىزمۇ ؟!››

    دەپ ئويلىشىپتۇ .

    نەتىجىدە ،موماينىڭ ئۆيى سىرتىدىكى يول چىراقلىرى پۈتۈنلەي ئورنىتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى يولمۇ كېڭەيتىلىپتۇ ،بازار سىرتىغا ئۆتۈشىدىغان ياغاچ كۆۋرۈكمۇ سېمونت بىلەن يېڭى باشتىن ھەم چىرايىلىق،ھەم مۇستەھكەم قىلىپ قايتا ياساپ بىرىپتۇ .

    يۇقۇرقى ماتىريالنى ئۇقۇپ ،‹‹ئاق كۆڭۈللۈك ،مىھرى –شەپقەت ›› دېگەن تېمىلارنىڭ بىرىنى چىقىش قىلىپ بىر پارچە ماقالە –ئەسەر يېزىڭ .