• 2010-05-26

    ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر - [تور ئەدەبىياتى]

    ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر


    بىر نەچچە يىلدىن بېرى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتۇق.سىنتەبىرنىڭ ئاخىرى بىر نەچچە سۇئال تەييارلاپ، تور بېكەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا قارىتىپ ، توردىن يوللىۋەتتۇق -تە ، جاۋاب كۈتتۇق. ئارىدىن 20 كۈن ئۆتكەندە بىلىك تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىللىرىدىن ئارسلان ئابدۇرازىق بىلىك (ئۈرۈمچى تېلىگىراف شىركىتى تور ئاسراش مەركىزىنىڭ تېخنىكى) بىلەن مەمتىمىن مەتروزى ئەليار(چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى) بىرلىشىپ تەييارلىغان جاۋاب خەت ئېلخەت ساندۇقىدا پەيدا بولدى.
    زىيارەت ئوبىكىتلىرى سۇئاللارغا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەندى.توردىكى بۇ دىدارسىز زىيارەت خېلى مۇۋاپىققىيەتلىك بولدى. بىز بۇ ياش كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ سەمىمىيىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن قايىل بولدۇق. تۈۋەندىكىلەر توردىكى سۇئال-جاۋاب شەكىللىك دىدارسىز زىيارەتنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى:

    1. 1998-
    يىلى تۇنجى قۇرۇلغان"تەكلىماكان" تور بېكىتىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى سەككىز يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. ئۇنداقتا بىزدە مەلۇم ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولغان ئۇيغۇر تور پونكىتىدىن قانچىسى بار؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

    جاۋاب: تولۇقسىز سىتاتسىتكىلارغا ئاساسلانغاندا ھازىر ئۇيغۇر تور پونتكىتلىرىدىن 70 دىن كوپرەكى بار ئىكەن. زىيارەت مىقدارى كۆپ تور بېكەتلەردىن «سەلكىن» تور بېكىتى ،« شەبنەم» تور بېكىتى ، «دىيارىم» تور بېكىتى ، «يۇلغۇن» تور بېكىتى ،«ئۇلىنىش (com)» تور بېكىتى،«ئىلغار» تور بېكىتى ،«دانىش» تور بېكىتى ،«بىلىك» تور بېكىتى،«ئۇلىنىش(cn)» تور بېكىتى ،«ئىزدىنىش» تور بېكىتى ،«شىنجاڭ لىنىيىسى» تور بېكىتى ...... قاتارلىقلار بار (بىز ئىلغار تور بېكىتىدە سىتاستىكىلانغان دۇنيادىكى ئالدىنقى 20 ئۇيغۇر تور بېكەتنى مىسالغا ئالدۇق).
    كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك تور پونكىتىنىڭ مەزمۇنى مول، خاسلىققا ئىگە، يېڭىلىنىشى تىز بولغاندا، كۆپ سانلىق تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغاندىلا تور پونكىتىنىڭ زىيارەت قېتىم سانىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مۇنازىرە مۇنبىرى قۇرۇش، چايخانا ئېچىش، كىنو ۋە ناخشا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەنمۇ زىيارەت سانىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. زىيارەت سانى ئاشقاندا، شۇنداقلا زىيارەت سانىنىڭ ئېشىشىغا سىجىل كاپالەتلىك قىلغاندىلا تور پونكىتىنىڭ ئىناۋىتى، دەرىجىسى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سەلكىن، شەبنەم، دىيارىم، شىنجاڭ لىنىيىسى، ئىلغار قاتارلىق تور بېكەتلەر ئۇنىۋېرسال تور بېكەتلەر بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا ئىنتايىن كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇلغۇن تور بېكىتى يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان تېخنىكىلىق تور بېكەت. دانىش، ئىزدەش تور بېكەتلىرى ئاساسلىقى توردىن ئۇچۇر ئىزدەشنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت. ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە بىلىك كۇلۇبى تورداشلارنىڭ ھەر ساھە بويىچە (نۇقتىلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى) ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي تور بېكەت. شىركەتلەردىن ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ تور بېكىتى ۋە ئىرپان شىركىتىنىڭ تور بېكىتى
    زىيارەت مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولغان تور بېكەتلىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە« سەلكىن»،« شەبنەم»، «دىيارىم»،« شىنجاڭ لىنىيىسى» قاتارلىقلارنى مەلۇم ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى بار تور پونكىتى دەپ قاراش مۇمكىن. يۇقارقى تور بېكەتلەر مەخسۇس مۇلازىمېتىر قويۇپ، كەسپىي خادىم ئاجرىتىپ، زىيارەت سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ئېلان ئارقىلىق ۋە تور بېكەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرىم يارىتىۋاتىدۇ.
    بىلىك تور بېكىتىنى تىلغا ئالساق بۇ بېكەت قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان كومپيۇتېر بىلىملىرى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر پەلسەپىسى ۋە مەدەنىيىتى، قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتىغا دائىر مەزمۇنلارنى توپلاشنى نىشان قىلىپ كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 1500 ئادەم 15مىڭ قېتىم زىيارەت قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى. نۆۋەتتە مەخسۇس مۇلازىمېتىر سەپلەنگەن، بىر يىللىق چىقىمىنى (ئاساسلىقى مۇلازىمېتىر ئىجارە چىقىمى بولۇپ 6000 يۈەن ئەتراپىدا) بىمالال كۆتۈرەلەيدۇ. .ئېلان كىرىمى، تور بېكەت ياساش مۇلازىمىتى، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى قاتارلىقلارنى كىرىم مەنبەسى قىلىدۇ. بىلىك كۇلۇبى، ئۇيغۇر سۈرەت كۆرگەزمىسى، بىلىك شەخىسلەر ھەقسىز تور بېكەت مۇلازىمىتى، ھەقلىق ئەزا مۇلازىمىتى قاتارلىقلار تور بېكىتىمىزنىڭ باشقا بېكەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     

    -2 سوئال: ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

    جاۋاب: ھازىر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ . بۇ تور بېكەتلەرنى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئۇيغۇرلاردۇر.
    زىيارەت مىقدارى ئەڭ كۆپ 20 تور بېكەتنىڭ بىر كۈنلۈك زىيارەت مىقدارىغا قارايدىغان بولساق كۈندىلىك زىيارەت قىلىدىغان ئادەم سانى 2 مىڭدىن، زىيارەت قېتىم سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرىدىن بىر قانچىسى بار، دېمەك ھازىر كۈنلىگى تەخمىنەن 5 مىڭ ئۇيغۇر تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كۆرەلەيدۇ دەپ مۆلچەلەش مۈمكىن.گەرچە مۇشۇنچىلىك تور ھەۋەسكارلىرى شەكىللەنگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىدىن ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى شەكىللەندى، دەپ ئېيتالمايمىز.
    تور مەدەنيىتى دېگەن نىمە؟ تور مەدەنيىتى كىشىلەرنىڭ تور دەۋرىدىكى مەۋجۇت بولۇش شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۆت تەرەپتىكى تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ بىرىنچى، ئەنئەنىۋى مەدەنيەتنىڭ تەسىرى بولۇپ، كۆپرەك شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت روھى قاتلاملىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى قىممەت قارىشى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەڭ ھالقىلىق تەسىر بولۇپ، تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ قارىشىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۈچىنچى، خەلقئارا ئىنتېر تورىنىڭ ئۆزىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تەسىرى بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىلەر يېڭىچە، ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، مۇكەممەللىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىش، ماسلشىش ئۈچۈن بىر جەريان كېرەك. تۆتىنچى، ئوخشمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پەرقىنىڭ تەسىرى بولۇپ، توردا ئوخشمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. تور مەدەنيىتى مۇشۇ تۆت تەسىرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەتلىك مەدەنىيەت تەرتىپكە سېلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۇش كېرەك.
    ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ياشلار بولۇپ، دەسلەپتە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى بەك ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك ئىدى، ئەمدى قىسمەن ئىپادىلىنشكە باشلىدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۆزىگە خاس تور مۇھىتى، تور تېخنىكىسى، يېڭىچە تور مۇھىتى بارلىققا كەلمىدى. دېمەك ئۇيغۇر تور مەدەنىيتىنى شەكىللەندىيىشكە خېلى بالدۇر.

     

    -3سۇئال : تور بەتلەردە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللىنىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش تولۇق ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟ ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى دەپ ئاتالغان لاتىن يېزىقىنى يەنە قوللۇنۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

    جاۋاب:بىر قانچە يىللىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق تور بەتلەردە ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى قوللىنىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش تولۇق ئەمەلگە ئاشتى. خەلقارالىق كود ئۆلچىمى ئورگىنىUnicode ئورگىنى بەلگىلەپ بەرگەن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ كودى ئاساسەن بىرلىككە كەلدى ھەم شۇ بىرلىك بويىچە ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشتى ۋە ئۆلچەم قىلىندى. microsoft شىركىتىنىڭ بازارغا سېلىنىش ئالدىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى WindowsVista غىمۇ ئۇيغۇرچە كونا يېزىق كىرگۈزۈش قورالى ۋە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇلدى، بۇ قېلىپلاشقاننىڭ يەنە بىر روشەن بەلگىسىدۇر.
    ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى دەپ ئاتالغان لاتىن يېزىقىنى يەنە قوللۇنۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ دېگەن سۇئالغا كۆپىنچە كىشىلەر «يوق!» دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئازراق ئىزاھات بېرىش زۆرۈردەك قىلىدۇ ، «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى» دەپ ئاتاش ئىشلىتىشتىن قېلىپ ھازىر« ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» (قىسقارتىپ ULY ) دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ، گەرچە كومپيۇتېردىكى ئۇيغۇرتىلىغا دائىر مەسىلىلەر تۇلۇق ھەل بولدى دېگەندىمۇ بىز «يېڭى يېزىق» ياكى لاتىن يېزىقىدىن ئايرىلالمايمىز.ئۇيغۇر لاتىن يېزىغىنى قوللىنىش ۋە ئۇنى قوللىنىشتا بىرلىككە كېلىشنىڭ زۆرۈريىتى چوڭ. گەرچە ئۇيغۇر كونا يېزىغى كود جەھەتتە خەلقارالىق بىرلىككە كەلگەن ھەم ئەمەلىي قوللىنىلغان بولسىمۇ، كومپيۇتېردا ئۇيغۇر كونا يېزىغىنى تونۇمايدىغان تەرەپلەر مەۋجۈت. بۇمۇ بەلكىم ئۇزىمىغان كەلگۈسىدە چوقۇم ھەل بولىدۇ. لېكىن نۆۋەتتە قوللىنىش ۋە بىرلىككە كېلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر، مەسىلەن، تور ناملىرى، ئېلخەت ئادرېسى، ماركا، Windows2000 دىن تۆۋەن مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ھۆججەت ناملىرى قاتارلىقلار........
    شۇنى قايتا تەكىتلەش زۆرۈركى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويىۋاتقىنىمىز قانداقتۇر «يېزىق ئۆزگەرتىش دەۋاسى» ئەمەس.ھازىر توردا ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا «يېزىق ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرى» دەيدىغان گەپ مودا بولىۋالدى.ئەمەلىيەتتە ھىچكىم « ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا كۆچەيلى» دەيدىغان شۇئار ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى(ھەم بۇنداق دىيىش ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ)؛لېكىن لاتىن يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش توغرۇلۇق نۇرغۇن تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ، بىزنىڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىشقا توغرا كەلگەندە ۋە زۆرۈر بولغاندا دەل بىرلىككە كەلگەن لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.بۇ جەھەتتە كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ (دىققەت! كۆزگە كۆرۈنگەن كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ ) كۆز قارشى بىردەك.

    -4سۇئال: مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىرغا قادەر ئېچىلغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ كۆپى مۇزىكا تور بېتى، كەسپىي تور بەتلەر، ئۇنىۋېرسال تور بەتلەر ۋە ئەدەبىيات تور بەتلىرى ئىكەن. خەۋەر تارقىتىشنى ئاساس قىلىدىغان ئاخبارات خاراكتېرلىق تور بەتلەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. تور بەت قۇرۇلمىسىدىكى بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق تەرەققىياتقا پۇتلى-كاشاڭ بولامدۇ قانداق؟ ئەگەر ئاخبارات تور بەتلىرىنى ئېچىش قىيىن دېيىلسە ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟
     

    جاۋاب: نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە ناخشا-مۇزىكىنى ئاساس قىلغان تور بېكەتلەر ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ ۋە ئاساسى ئېقىم بولۇۋاتىدۇ. ئۇندىن قالسا ئۇنىۋىرسال تور بېكەتلەر بولۇپ، شەخسلەر باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات خاراكتېردىكى تور بېكەت يوقنىڭ ئورنىدا.
    تور دۇنياسى نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ۋاستىغا ئايلاندى، لېكىن ئۇيغۇرلاردا تېخى بۇنداق مۇھىت بەرپا بولغىنى يوق. بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تەرەققىياتقا ئەلۋەتتە تەسىرى بولىدۇ. ئاخبارات تور بەتلىرىنى ئېچىشتىكى قىيىنلىق بەلكىم تۆۋەندىكدەك بىر قانچە ئامىللار بولسا كېرەك.
    بىرىنچى خەۋەر مەنبەسى، ئىككىنچى ئىجازەت، ئۈچۈنچى ئىقىساد،توتىنچى ئادەم كۈچى..............ۋەھاكازالار. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئاخبارات تور بەتلىرىنى ئېچىش شەخىسلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس. بۇنى چۇقۇم شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا ئوخشاش نۇپۇزلۇق ئاخبارات ئۇرگانلىرى باش بولۇپ رۇياپقا چىقىرىشى كېرەك.

     

    5 -سۇئال ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات تور بەتلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن "تور ئەدەبىياتى" ئۇقۇمى بارلىققا كەلدى. ئۇنداقتا "تور ئەدەبىياتى" ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدىمۇ؟

    جاۋاب: ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ۋە تۈرتكىلىك قىلىش تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلنىشى كېرەك:
    بىرىنچى، ھەرقايسى خوشنا تور بېكەتلىرى بىلەن ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ساقلىغان ئاساستا ساغلام يۈنىلىشتە تەرەققى قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولىشى كېرەك.
    ئىككىنچى، تورغا چىقىۋاتقان تور ئابونىتلىرىنىڭ ھىسسىياتىدىن پايدىلنىشنى توغرا يۈنۈلۈشكە يىتەكلىيەلىگەن بولىشى، جەمىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ مەسىلىلەرنى توغرا چۈشۈنۈش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشنى تۇنۇپ يەتكەن، شارائىت يارىتىپ بەرگەن ۋە قوللىغان بولىشى، تېخىمۇ ئىنىق ئېيتقاندا مەزكۇر تور بېكەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن، مەيلى ئىقتىزادى جەھەتتىن ۋە ياكى ئىژتىمائى جەھەتتىن ئەمەلىي نەپ بېرەلىگەن بولىشى كېرەك.
    ئۈچۈنچى، بەلگۈلىك نىشان ۋە كەسىپلىشىش ئاساسىدا تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش يولىدا ئىزدەنگەن، ئۆزىنى، تور بېكىتىنى چوڭ ئومىلىق ئىچىدىكى بىر ئەزا سۈپىتىدە تۇنىغان، مۇئامىلە قىلغان بولىشى كېرەك.
    ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە «سۇمرۇغ» تور بېكىتى، «گۈلىستان» تور بېكىتى، «سەلتەنەت» تور بېكىتى،«ئىزدەن» تور بېكىتى....قاتارلىقلار مەخسۇس ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تور بېكەتلەر بولۇپ بۇلار ئۆز خاسلىقىنى ساقلىغان ئاساستا ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. باشقا تور بېكەتلەرمۇ ئەدەبىيات سەھىپىسى ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەر سەھىپىسى تەسىس قىلىپ «تور ئەدەبىياتى»نىڭ بىخ سۈرۈشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى.
    يۇقاردا دېيىلگەن ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا نەتىجىلەردىن خۇشاللانساقمۇ تېخى «بارلىققا كەلتۈردى» دېيىشكە بالدۇرمىكىن.شۇڭا بىز ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى بىخ سۈرىۋاتىدۇ دەپ قارايمىز.

     

     

    6 -سۇئال بىز توردىن "شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى" بىلەن "تەڭرىتاغ تورى" نىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدىن باشقا ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئېچىلغان ئاخبارات تور بەتلىرىنى تاپالمىدۇق. سىلەرچە "شىنجاڭ گېزىتى"،"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەت ئېچىشىنى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى دەپ قارامسىلەر؟ بۇ ھەقتە قانداق ئىجابىي تەكلىپلىرىڭلار بار؟

    سىلەر ئېيتقاندەك ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئېچىلغان ئاخبارات تور بەتلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايا دەپ ئوتتۇق..
    تور دۇنياسى نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ۋاستىغا ئايلانغان مۇشۇنداق شارائىتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرى، نۇپۇسلۇق ژورنال ۋە گېزىتخانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئېھتىياج.كۈنىگە 30 مىڭ قېتىم كۆرىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بۇنىڭ روشەن دەلىلى. تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ، ئاممىغا يۈزلىنىش نۇقتىسىدىن ئېيقاندا بۇ مۇقەررەر يۈزلىنىش.
    بىزنىڭچە بولغاندا «شىنجاڭ گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«شنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ توردىكى ئېلىكترونلۇق نەشرىنى ئىشلەش تامامەن مۈمكىن ۋە ئۇنىڭ زۆرۈريىتى بار.بۇنى قۇرۇپ چىقىشتا يۇقارقى ئورۇنلار تور پروگراممىچىلىقى ساھەسىدىكى بايراقدار تور بېكەتلەردىن «دىيارىم»،
    «
    بىلىك»، «ئۇستاز» ،«شىنجاڭ لىنىيىسى»،«ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى» .......قاتارلىق تور بېكەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇكەممەل بىر تور بېكەت پروگراممىسى تۈزگۈزسە، بارلىق تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق ھەل بولىدۇ.

     

    7ـ سۇئال سىلەرچە، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان قانداق مەسىلىلەر بار؟ مەسىلە بار بولسا ئۇنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى نېمە؟

    بىزنىڭچە، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر تۈۋەندىكىچە:
    بىرىنچى، تور بېكەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى يەنە بىر تور بېكەتكە ئاپىرىپ چاپلاش، ئىجابىلىققا ، يېڭىلىق يارتىشقا سەل قاراش.
    بىر قىسىم ھەۋەسكارلار شەخسى ھىسسىياتىنى چىقىش قىلىپلا قۇرغان تور بېكەتلىرىدە ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە باشقا تور بېكەتلەردىن ئېلىنغان نادىر مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپلا ھەتتا مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتمەستىن چاپلاپ،تور بېكەتلەرنى پاخاللاشتۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم تور بېكەتلەر مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ ئېلىشنى چەكلەيمىز دەپ قۇپال ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ،ئابونىتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچكە تەسىر يەتكۈزمەكتە ۋە توردىكى مەزمۇنلاردىن ئىجابى پايدىلىنىشقا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرماقتا.
    ئىككىنچى، سىرتقا يۈزلىنىش يەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، دۇنياغا يۈزلىنىشكە سەل قاراش.
    كەڭ كۈلەملىك تور بېكەت قۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئىنتايىن كۆپ تور بېكەتلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،ئۆرىپ-ئادەتلىرى،جۇغراپىيىسى ،تەبىئى بايلىقلىرى، ساياھەت نۇقتىللىرىنى تۇنۇتۇش، تەشۋىق قىلىشقا دائىر سېستىمىلىق، مۇكەممەل تور بېكەت مەيدانغا كەلمىدى، ھازىرغىچە قۇرۇلغان تور بېكەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى چەكلىك. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى، مەدەنىي بايلىقلىرى، مىراس بايلىقلىرى ۋە مەھسۇلات بايلىقلىرىنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرىدىغان كەسىپلەشكەن تور بېكەتلىرىنى قۇرۇپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش تەرەققىيات ئىستىقبالى بار يۇشۇرۇن بىر بوشلۇق.
    ئۈچىنچىسى كەسىپلىشىشكە، تور بەت مۇقىملىقىغا سەل قاراش.
    كەسىپلىشىش دېگىنىمىز مەلۇم بىر ساھەگە نۇقتىلىق دىققىتىنى قارىتىپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بېكىتىۋېلىپ شۇ ساھەنى نۇقتا قىلغان ئاساستا تەرەققى قىلدۇرۇش،شۇ ساھەدە تىلغا ئالىدىغان بولۇش ۋە شۇنىڭغا تىرىشىش كۆزدە تۇتىلىدۇ.
    مۇقۇملىغى دېگەندە تور بېكەت قۇرۇلمىسى، بېكەت پروگراممىسى، مەزمۇنلارنىڭ ئۇلىنىشلىرىنىڭ مۇقۇملىغى كۆزدە تۇتىلىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى ھەر خىل ئۇلانمىلارنىڭ مۇقۇملىغى بولۇپ ئۇنداق تور بېكەتلىرىدىن 3-4 يىل بۇرۇنقى ھەتتا 7-8 يىل بۇرۇنقى مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ ،ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بىر قانچە ئاي ئىلگىرىكى مەزمۇنلارنى تېپىشمۇ خېلى قىيىن. بۇ ئەھۋال تور بېكەتلەرنىڭ ئىناۋىتى، قىممىتى قاتارلىق ئامىللارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.