• 2010-05-18

    تەقلىدىي ئىمتاھان سۇئالى - [تور ئەدەبىياتى]

    تەقلىدىي ئىمتاھان سۇئالى

    ئىمتاھان بەرگۈچىلەر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:

    1.بۇ ئىمتاھان قەغىزى –ئىمتاھان سۇئالى ۋە جاۋاپ يېزىش قەغىزىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن .

    2.ئىمتاھان سۇئالى جەمئىي 8 بەت ،تۇلۇق نۇمۇر 150نۇمۇر ،ئىمتاھان ۋاقتى 120مىنۇت .

    3.جاۋاپ يېزىش قەغىزى جەمئىي4بەت .سۇئالنىڭ جاۋابى جاۋاپ يېزىش قەغىزىدىكى شۇ سۇئال نۇمۇرىنىڭ رەت تەرتىپىگە ماس ئۇرۇنغا تەلەپ بۇيىچە يېزىلسۇن .ئىمتاھان قەغىزى ۋە چورنىۋاي قەغەزگە يېزىلغان جاۋاپ ئىناۋەتسىز.

    4.ئىمتاھان بەرگۈچىلەرجاۋاپ يېزىشتىن ئىلگىرى جاۋاپ يېزىش قەغىزىنىڭ تىكىش سىزىقى ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا ئىمتاھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نۇمۇرى ،ئىسىم- فامىلىسى،مەيدان نۇمۇرى ،ئۇرۇن نۇمۇرى ۋە مەكتىپى قاتارلىقلارنى توغرا ،ئېنىق تولدۇرىشى لازىم .

    1.تاللاش سۇئالى :(ھەربىرتارماق سۇئالغا 3تىن، جەمئىي 30نۇمۇر بىرلىدۇ )

    (1) تۈۋەندىكى بىرىلگەن  پارچە ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن توغرىسى: (    )

    ياخشى ئەخلاق بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ھەر ئىككىسى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى ھىسابلىنىدۇكى ،ئىنساننىڭ ھەربىر پالىيتىدىكى پەزىلىتى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە پائالىيتىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋەە كامالىتى تەرىپىدىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇلىدۇ .

    .بۇپارچىدىكى يەتتە سۆزگە قۇشۇمچە قۇشۇلغاندىن كىيىن ،ئۈچ سۆزتەركىبىدىكى ‹‹ئا››تاۋۇشى ‹‹ئى ››تاۋۇشىغا ،تۆت سۆز تەركىبىدىكى ‹‹ئە ›› تاۋۇشى ‹‹ئى››تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .

    .بۇ پارچىدا جەمئىي 8سۆزدە فۇنېتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە بىر سۆزدە سۇزۇق تاۋۇشنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ،بىر سۆزدە ‹‹ئا››تاۋۇشىنىڭ ‹‹ئى››تاۋۇشىغا ،ئالتە سۆزدە ‹‹ئە››تاۋۇشىنىڭ ‹‹ئى›› تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىشى كۈرۈلگەن .

    . بۇپارچىدا سۈپەتتىن بىرى ،تۈپ ئىسىمدىن ئۈچى ،ياسالما ئىسىمدىن بەشى بار .

    .بۇپارچىدا ياردەمچى سۆزدىن بەشى بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە باغلىغۇچىدىن ئككىسى ، تىركەلمىدىن ئىككىسى ،يۈكلىمىدىن بىرسى بار .

    (2) تۈۋەندىكى تەھلىلەردىن توغرىسى :(    )  

    .‹‹كۈن بويى ئۇخلاپ ياتقان ئادەمنىڭ ئىشىنى جامائەت قانداقمۇ قولمۇقۇل قىلىشىپ بەرسۇن ››

    . ‹‹ئەدەپلىك ،ئىلمىي ،ئۈزۈك ،ئون كىلولۇق ››دىگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ياسالما سۈپەتلەردۇر .

    ‹‹قانچىلىك ئىش قىلىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر ھەرگىز مەغرۇرلانما ››دىگەن جۈملىدە رايدا كەلگەن پېئىل تۈرى يوق .

    .‹‹ئېتىزغا كەتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى قايتىپ كىلىپ ،قىلغان ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئش بېشىغا مەلۇم قىلدى ››دىگەن جۈملىدە ئۈچ جايدىكى سۈپەتداشنىڭ بىرى ئىنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن .

    (3) تۈۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ جۈملە بۈلىكى ۋەجۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى ھەققىدە خاتا دېيىلگىنى: (     )

    .‹‹ئاقىل كىشى ئىختىلاپتىن قاچىدۇ ›› دىگەن جۈملىدە بىر سۈپەت ئىسىمنى ئىنىقلاپ ئىنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن.ئاستى سىزىلغان بىرىكمىلەر ئوتتۇرسىدا چىرمىشىش مۇناسىۋىتى بار .

    .‹‹ئەڭ ئۇلۇغ ۋەتۇلۇق بەخىت –سائادەت بارلىق ھالاۋەتنىڭ قۇشۇلىشىدۇر ››دىگەن جۈملىدە ‹‹ئۇلۇغ ۋە تۇلۇق ››دىگەن سۆز ئىنىقلىغۇچىۋەزىپىسىدە كەلگەن ،‹‹بارلىق ھالاۋەتنىڭ ›› دىگەن بىرىكمە ئوتتۇرسىدا ياندىشىش مۇناسىۋىتى بار .

    .‹‹باشقىلارنىڭ ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغىن ›› دىگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر تەڭداش سۆزلەر بولغاچقا بۇجۈملىدە تەڭداش باغلىنىش قوللىنىلغان دېيىش توغرا.

    .‹‹يامان تىللىق كىشى كىشى كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزىدۇ ›› دىگەن جۈملىدە چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن بىرىكمىدىن بىرسى بار .

    (4) گىرامماتىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى :(      )

    .‹‹ھەسەت –يۈركىڭگەچۈشكەن يۇقالماس داغ ››دىگەن جۈملىدە ئۈچ ئىسىم ،ئىككى پېئىل بار.

    .‹‹ھىسيات بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى پەرىقلەندۈرەلمىگەن ئادەم مەڭگۈ ئازاپتىن قۇتۇلالمايدۇ ››دىگەن جۈملىدە ئىككى ئىسىم ئىگىلىك كىلىشتە ،بىر ئىسىم چۈشۈم كىلىشتە،يەنە بىر ئىسىم چىقىش كىلىشتە تۈرلىنپ كەلگەن .

    .‹‹ئۇلار بىرتۈپ گىلاس دەرىخى تۈۋىدە تاتلىققىنا ئويناۋاتقاندا تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىىپ كەتتى ›› دىگەن جۈملىدە ئىسىم ،سۈپەت ،سان ،پېئىل ،مىقدار ،رەۋىش ۋە ئالماش قاتارلىق سۆز تۈركۈملىرى بار .

    .‹‹ياغاچچى ئۆز ھۈنىرىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن كۈلدى ›› دىگەن جۈملىدىكى ‹‹ئۈچۈن ››سۆزى باغلىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇپ كەلگەن .

    (5) جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن خاتاسى :(      )

    .‹‹بىلىم –پەزىلەت ئۈگەن ،ئۇنى قەدىرلە ،ئەي ئىنسان ،ئۇپەزىلەت ئاخىرى سىنى قەدىرلىك قىلىدۇ ›› دىگەن جۈملىدە قاراتما سۆز قوللىنىلغان .

    ‹‹دائىم كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەي دىسەڭ ،ئەي ئۇغۇل،ياخشى قىلىقلارنى قىل ۋە يۈزۈڭنى يۇرۇق تۇت ،ئەلۋەتتە ›› دىگەن جۈملىدە قاراتما سۆزمۇ قىستۇرما سۆزمۇ قوللىنىلغان .

    .ئىزاھلىغۇچى سۆز جۈملىدىكى مەلۇم بۈ لەكنىڭ مە نىسىنى ئىزاھلاپ روشەنلەشتۈرۈپ كىلىدۇ ۋە جۈملە بۈلەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىزاھلايدۇ .

    .جۈملە بىلەن گىرامماتكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز بىرىكمىلەر جۈملىدە سىنتاكىسلىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ ،بىراق ئۇ سۆز ياكى بىرىكمىلەر جۈملىنىڭ مەنىسىگە تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ جۈملىنىڭ تۈزۈ لىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

    (6) تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغان ھۈكۈم : (     )

    .‹‹ئۆيدىكى ھىساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ ›› دىگەن ماقال –تەمسىل بىلەن ‹‹سەن تاش سانىغۇچە ،باشقىلار قۇم ساناپتۇ ››دىگەن ماقال-تەمسىلنىڭ مەزمۇن باغلىنىشى يوق ، دىيىش خاتا .

    .‹‹ئاز ئۇخلاپ جىق ئۈگەن ئاز توقلاپ جىق يۈگەر ››دىگەنلەر ماھىيەتتە بىر ماقال-تەمسىلدىن ئىبارەت بۇلۇپ ،ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي تىرىشىپ پۇل تېپىش مەزمۇن قىلىنغان .

    .‹‹بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قۇيرۇقىنى قىسقان دوست ھەقىقىي دوست ئەمەس ›› دىگەن جۈملىدىكى ئىدىئوم توغرا قوللىنىلغان بۇلۇپ بۇجۈملىدە ‹‹ياردەم قىلمىغان ،قېچىپ كەتكەن ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

    .‹‹ئۈزۈم يىسەڭ سېسىق ئېشىم ،كىشىگە بەرسەم ئىست ئېشىم ››دىگەن ماقالدا غەيۋەتخورلۇقنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە مۇخالىپ يامان ئىللەت ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنغان .

    (7) تۈۋەندىكى تىكىست تەھلىلى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (      )

    .زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت ›› رومانىدا تەسۋىرلەنگەن باش ۋە قۇشۇمچە پۇرسۇناژلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ››غا قاتناشقان رىئال تارىخى شەخىسلەردۇر .

    .‹‹ شۇنداق ئۇرۇنلاردا ››ناملىق شېئىر چاچما شېئىر بۇلۇپ ،شېئىردىكى ‹‹ئاران ياتان ››دىگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان يەشمىسى ‹‹ئورمانلىق ››دىگەنلىكتۇر .

    .نەۋبەتىنىڭ ‹‹خوتەن ھەققىدە غەزەل ››ناملىق شېئىردىكى ‹‹تەلئەتىگە خۇرشىد،كۆزلەرگە ئەختەر ››دىگەن مىسراسىدىكى ‹‹خۇرشىد ،ئەختەر ›› دىگەن سۆزلەر ئايرىم ئايرىم ھالدا ‹‹قۇياش ،يۇلتۇز ››دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ .

    .‹‹ۋەتەن چۆچەك ئەمەس ،سەجدەگاھىڭدۇر ،ۋەيا ئەرمەك ئەمەس باش پانا ھىڭدۇر .››دىگەن مىسرالار ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹ۋەتەن››ناملىق شېئىردىن ئېلىنغان بۇلۇپ 1999-يىلى يېزىلغان .

    (8) ‹‹ھىيلىگەرلەر بىلىمنى كۆزگە ئىلماس كىلىدۇ ،دۆتلەر بىلىمگە ھەۋەس قىلىدۇ ، چىچەنلەر بىلىمدىن پايدىلنىدۇ››دىگەن ھىكمەتلىك سۆزنى ئېيتقۇچى : (      )

    .فىرانىس بىكون              .جىشىئەنلىن

    .ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن   .لوجىئالۈن

    (9) تۈۋەندىكىلەر ئىچىدە ئاپتۇرى ،ژانىرى ،پىرسۇناژلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ئېيتىلغىنى : (       )

    .‹‹ئەگەر سەن راستىنلا مىنىڭ بالام بۇلىدىغان بولساڭ مۇ شۇ خەت تىگىشى بىلەنلا چۈمۈچ ئورنىغا قۇرال ئال ،ئۇلۇغ بوۋىمىز نەۋائىنىڭ (ئۈلۈمدىن قورقما ،ئۈلەرمەن بۇلۇپ ياشاشتىن قورق ) دىگەن قىممەتلىك سۆزى ھەردائىم ئوڭ قۇلىقىڭدا بولسۇن ! مەن سىنى ئەركەك دەپ باققان ...‹‹بەش تال ئوق ››،تۇردى سامساق ،ھىكايە ،پولات .

    .‹‹ئىككنچى كۈنى سەھەردە تۇغۇلغان ئۈيۈمنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئۆگزىلەردىكى قۇرۇپ كەتكەن ئوت چۆپلەرنىڭ خادا شاخلىرى شامالدا سىلكىنمەكتە .ئۆي ئۈزىنىڭ بارلىق بىسەرەمجانلىقى بىلەن خوجايىنلارنىڭ ئالماشتۇرۇش مەزگىلى يەتتى ،دىگەندەك قىلاتتى ››‹‹يۇرتۇم ››لۇشۈن ،ھىكايە ،كۇڭيىجى .

    .‹‹دۇرۇس،بەر ھەق ! ئاھ پاراسەتلىك ،ئادىل سوتچى ،قارىماققا ياشتەك تۇرغىنىڭىز بىلەن كامالەتكە يەتكەن ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.›› ‹‹ۋېنىتسىيە سودىگىرى ››شېكىسپىر ،درامما ،ئوچۇمۇلوف.

    (10) كىلاسسىك ئەسەرلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (       )

    .‹‹چەرىخنىڭ مېن كۆرمەگەن جەۋرۇ جەفاسى ،قالدىمۇ خەستە كۆڭلۈم چەكمىگەن دەردۇ بالاسى قالدىمۇ ؟››بۇمىسرالارنىڭ يەشمىسى ‹‹بۇدۇنيانىڭ مەن كۆرمىگەن جەبىر جاپاسى قالدىمۇ ،ياراكۆڭلۈم چەكمىگەن دەرد ۋە بالاسى قالدىمۇ ؟›› دىگەنلىكتۇر.

    .‹‹ئاچچىق بىر مىۋىلىك دەرەخنى ئەگەر ،

    جەننەتكە كۈچۈرسەڭ نە ئۈنۈم بىرەر.

    كەۋسەردىن سۇ ئىچسە چاڭقىغان مەھەل ،

    مەيلىدى سۇ ئەمەس، گەر بەرسە ھەسەل .››بۇ شېئىرى پارچە مەشھۇر ئىران شائىرى ئۇبۇلقاسىم پىر دەۋىسنىڭ ‹‹غەزەليات ›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان .

    .شەمسۇلمەئالى قامۇسنىڭ ‹‹دوسلۇق ھەققىدە ›› ناملىق ئەسىرى مىلادىيە 12-ئەسىردە يېزىلغان بۇلۇپ ئاپتۇر دوسلۇق ھەققىدىكى نەسىيەتلىرىنى قانداق ئادەملەرنى دوست تۇتۇش ،قانداق ئادەملەرنى دوست تۇتماسلىق توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى بايان قىلغان .

    .‹‹ئككى نەرسە ئەلگە باغ ،ئاچقۇچى ئۈزى ھوشيارلىق ۋە قانۇن ئەلنىڭ يىلتىزى .›› بۇمىسرالار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك ››ئەسىرىدىن ئېلىنغان پارچىدا دۆلەت باشقۇرۇش ئىلمىي چۈشەندۈرۈلگەن .

    2.بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇش سۇئالى (ھەربىر بوش ئۇرۇنغا 1دىن جەمئىي 15نۇمۇر بىرلىدۇ .)

    (11) ئوۋ ئىتى بۆكەننى قوغلاپتۇ :

    -سەن ماڭا مەڭگۈ يىتىشەلمەيسەن ،-دەپتۇ بۆكەن .

    -نېمىشقا ؟-سوراپتۇ ئوۋ ئىتى .

    -مىنىڭ يۈگۈرۈشۈم ھايات قېلىش ئۈچۈن ،سېنىڭ يۈگۈرۈشۈڭ بولسا ،خوجايىنىڭغا ياخشى كۈرۈنۈش ئۈچۈن ،-دەپتۇ بۆكەن .

    1) بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ‹1›،‹2›قوللىنىلغان .

    2) بىرىنچى جۈملىدىكى ‹‹ماڭا ›› دىگەن سۆزنىڭ تۇمۇرى‹‹  ‹3› ›› دىگەن سۆز بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا ‹4›  كېلىش قۇشۇمچىسى ئۇلانغان ۋە تاۋۇشلاردا فۇنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن .

    3) ئككىنچى دىئالوگ (نىمىشقا )نى جۈملە دەپ قارىساق ئۇ ‹5›،‹6› ۋە ‹7› ئاددىي جۈملىگە تەۋە بۇلىدۇ .

    4) ئەڭ ئاخىرقى دىئالوگىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن ‹8›  قوللىنىلغان .

    (12) ‹‹مۇئەللىم ،سىز ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي جاناب ھىسياتى بولغان مىھرى مۇھاببەت ئارقىلىق باھارنى ،غايىنى كۈچ قۇۋەتنى تېرىيسىز ››دىگەن جۈملىدىكى تەڭداش بۈلەكلەر ‹9› ۋەزىپىسىدە كەلگەن بۇلۇپ ،بۇجۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن ‹10›   جۈملىدۇر .جۈملىدىكى مۇئەللىم دىگەن سۆز ‹11›   سۆزدۇر .

    (13) ‹‹-ھىم ! … ئىلدىرىن ئۇكام ،ماڭا پەلتۇيۇمنى كېيگۈزۈپ قويغىنا … شامال چىقىپ قالدىغۇ … بۇيۇم شۈركىنىۋاتىدۇ … ›› دىگەن تەسۋىردە مەزكۇر پۇرسۇناژنىڭ ‹12› روھى-ھالىتى ئىپادىلەنگەن بۇلۇپ پارچىدىكى كۆپ چىكىت ‹13› نى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇيۇلغان .

    (14) ‹‹بەش تال ئوق›› ناملىق ئەسەردە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغىنى‹14› ئىنقىلابىي ،بۇئەسەردىكى ‹‹ئۆلۈمدىن قورقا ،ئۆلەرمەن بۇلۇپ ياشاشتىن قورق ›› دىگەن توغرۇلۇق تەركىپلەرنىڭ ‹15› تۈرىگە كىرىدۇ بۇنى ‹16›  بۇنى بوۋىمىز ئېيتقان .

    3.قىسقىچە جاۋاب بىرىش سۇئالى (جەمئىي15نۇمۇر بىرلىدۇ )

    (15) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدا ‹‹تىل›› دىگەن سۆزدىن ‹‹تىلماق ››،‹‹تىلىم ››،‹‹تىلشۇناس ››،‹‹تىللاش ››،‹‹تىلتۇمار ››، ‹‹تىلماچ ››،‹‹تىلكوم ››قاتارلىق كۆپ خىل سۆزتۈركۈملىرىگە تەۋە سۆزلەر ياسىلىدۇ . ئۇيغۇرتىلىدا بۇ مەزمۇن قايسى تەركىبلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلنىدۇ ؟نىمە ئۈچۈنلۈكى ھەققىدە قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭ .

    (16) بەزىلەر :‹‹ئەدەبىيات مەڭگۈ ئۇقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مىكرو قامۇس ›› دەيدۇ ؟ سىز بۇ قاراشتىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز ؟

    (17) ئۇيغۇرلار تارىختا ئۇمۇميۈزلۈك ۋە كەڭ قوللانغان يېزىقلار قايسى ؟ ھەربىرىنىڭ قوللانغان ۋاقتىنى قىسقىچە ئىزاھلاڭ ؟

    (18) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىم ؟ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز ؟

    (19) تۈۈۋەندىكى پارچىنى ئۇقۇپ ،سۇئال تەلىپىنى ئۇرۇنداڭ .

    بۇلاق سۈيى سۈزۈك ۋە پاكىز بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تىگىدىكى ئاق ،سارغۇچ ،چىپار،قاپقارا ،قىزغۇچ رەڭدىكى ھەرخىل تاشلار ۋە قۇملار گويا ئۈنچە –مارجاندەك پارقىراپ بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى .

    1)            بۇ پارچىدىكى سۈپەتلەرنى ئايرىپ ،ئۇلارنىڭ  قايسى دەرىجىدىكى سۈپەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىڭ .

    2)            بۇ پارچىدىكى ئوخشىتىشنىڭ ئوخشالغۇچىسى بىلەن ئوخشىغۇچىسىنى ئايرىپ كۆرسىتىڭ .

    3)            پارچىدىكى ‹‹ئۈنچە –مارجان ›› دىگەن سۆزنىڭ ئوتتۇرسىغا نىمە ئۈچۈن سىزىقچە قۇيۇلغان ؟

    4)            ئاستى سىزىلغان جۈملىدىكى تەڭداش (مۇستەقىل )باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر قايسى ؟ئۇسۆزلەر جۈملىدە قانداق ۋەزىپىدە كەلگەن ؟

    (20) تۆۋەندىكى جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىش يۇلىنى تەھلىل قىلىڭ .

    ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ چۇلۋۇرىنى مەھكەم تۇتۇشى كېرەك .

    4.سۇئال كۈنۈكمە ئىشلەش ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالى (جەمئىي 45نۇمۇر بېرىلىدۇ)

    (21) تۈۋەندە بىرىلگەن ماقال –تەمسىل ۋە ھېكمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ .

    1) ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا                         .

    2)                             ،مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ .

    3) ئاقىلغا ئىشارەت ،                            .

    4) كىتاب ئۇقۇشتىن مەقسەت نۇقۇل ئالىم بۇلۇش ئەمەس ،مۇھىمى                     تۇر .

    (22) تۈۋەندىكى جۈملىنىڭ جۈملە بۆلىكىنى ۋە سۆز تۈركۈمىنى ئايرىپ بىرىڭ .

    ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭ غۇرۇرى بەلگىلەيدۇ .

    (23) تۈۋەندىكى جۈملىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ .

     1)ئىنسان ئۈچۈن ھايات ئەڭ قىممەتلىك ،ئۇ كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ .كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كىرەككى                                             

    دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن .

    2) پەقەت يۈگرەلەيدىغان ئادەمنىڭلا يېقىلىش سەرگۈزەشتىسى بولغىنىدەك ،نەتىجە قازانغان ئادەمنىڭلا   

                                     بۇلىدۇ .

    3) ئەينەك مۇنداق دەيدۇ : سەن كۈلسەڭ ،مەنمۇ كۈلىمەن ؛سەن يىغلىساڭ ،مەنمۇ يىغلايمەن .ھايات مۇنداق دەيدۇ :