• 2009-05-08

    شېئر ۋە ئۇنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم

     

    شېئر ۋە ئۇنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم

     

    شېئىرىيەت توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

     

    1   .شېئىرنىڭ ئىنىقلىمىسى ۋە شېئىر چۈشەنچىسى

    1.شېئىر ئاتالغۇسى: شېئىر دېگەن بۇ سۆز ئەرەب تىلىدىكى<شوئور>دېگەن سۆزدىن ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ،ئەرەبچە مەنىسى<سەزمەك>،<تۇيماق>،<ھېسابلىق> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ،يازما ئەدەبىياتتا ئومۇمەن سۆزلەرنىڭ تەرتىپلىك يۇسۇندا بەلگىلىك قاپىيە بىلەن رىتىملىق ئورۇنلاشتۇرلۇشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ،ئۇ ئادەتتە بىرلىك مەنىدە <شېئر>كۆپلۈك قۇشۇمچىسى قوشۇلغاندا  <شېئرىيەت>دەپ ئىستىمال قىلىنىدۇ،بۇ  ئۇيغۇر تىلىدا <شېئىرىي ئەسەلەرنىڭ يىغىندىسى>دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

    شېئىر ۋەزىن ،رىتىم،قاپىيە بىلەن يېزىلغان،ئايرىم مىسرالاردىن تۈزۈلگەن گۈزەل ھېس تۇيغۇلۇق بەدىئىي ئەسەر بولۇپ،ئۇنىڭدا ئىجتىمائي ھايات باي تەسەۋۋۇر ،كۈچلۈك لېرىكا ياردىمى بىلەن ئەڭ ئىخچام،ئەڭ جانلىق ۋەئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ،

    شېئىر ئەڭ دەسلەپ خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ يازما ئەدەبىياتقا سېڭىپ كەتكەن شۇڭا ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە،بولۇپمۇ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى>دا <قوشۇغ>،<تاقشوت>،<،يىر،(جىر،يىر،)>،<ئۆلەن>دەپ ئاتالغان

    خەلقئارادا گېرىك تىلىدىكى   ئۇيغۇر تىلىغا <پوئىزىيە>دەپ قوبۇل قىلىنغان ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىدا  شۇ نام قوللىنىۋاتىدۇ،

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى <شېئىر >سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى <سەزمەك><ھىس قىلماق>،<كۈيلىمەك> دېگەندىن ئىبارەت.

    شېئىر يۇقارقىدەك ئاتالغۇلار بىلەن ئىپادە قىلىنىكەن،ئۇنداقتا شېئىر دېگەن بۇ ئاتالغۇنى نەزەرىيە جەھەتتىن قانداق چۈشەنچە بىلەن تەبىرلەيمىز؟..

    <شېئىر>نىڭ ئىنىقلىمىىسى ھەققىدە ئەدەبىيات نەزەرىيچىلىرى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئاساسەن بىردەك.<شېئىر> ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە كۆز قاراش مەۋجۇت.

    شېئىر دېگىنمىز : _كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا،ئىجتىمائىي ھاياتىن كېلىپ چىققان،مەلۇم ئىدىيۋى پىكىرنى رىتىملىق،قاپىيلىك،ۋەزىنلىك بەدىئي سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئەڭ ئىخچام،ئەڭ مەركەزلىك،ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان.ئىنتايىن باي ھېسسىياتقا،مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى  ئەڭ مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان،چوڭقۇر ئىدىۋى مەزمۇن .كۈچلۈك ھېسسىيات،مول تەسەۋۋۇر،جانلىق،ئوبرازلىق تىل ،بەلگىلىك ئاھاڭ ۋە رىتىملىق ئىگە بولغان ئەڭ ئىخچام بەدئىي شەكىلدىن ئىبارەت.

    كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،شېىئىر ھېس تۇيغۇنى لېرىك ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتى ياكى ئوبرازلىق تىل سەنئىتى دېمەكتۇر،تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،شېئىر نەسىرنىڭ ئەكسىچە،بىرەر ئوبرازلىق پىكىرنى رىتىم،ۋەزىن ۋە قاپىيە ئارقىلىق ئىخچام ۋە تەرتىپلىك ئىپادىلەش سەنئىتى دېمەكتۇر،لېكىن رىتىم،ۋەزىن،قاپىيە شېئىرنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى بولسىمۇ،شېئىرنىڭ پوئىتىك ئالاھىيدىلىكىگە نىسبەتەن ئېلىپ  ئيتقاندا،ئۇلار بىردىنبىر زۆرۈر شەرت ئەمەس،شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى سۇبىكىتتا ھاسىل بولغان ئوبرازلىق پىكىر ۋە  ھېس تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرنى ئۆزىگە خاس شېئىرىي تىل ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.شۇڭا مەلۇم ۋەزىندە كەلگەن قاپىيلىك سۆزلەر تىزمىسىنىڭ ھەممىسى شېئىر بولالمىغىنىدەك،ۋەزىن ۋە قاپىيەگە ئىگە بولمىغان دەبدەبىلىك ھېس تۇيغۇلۇق ۋە ھاياجانلىق سۆزلەر تىزمىسىمۇ  شېئىر بولالمايدۇ،شۇ مەنىدىن ئالغاندا،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان شېئىرىي پىكىر ياكى مەنىنى شېئىرنى جېنى ،ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇردىن قۇرۇلغان پوئىتىك  ۋەزىن ھەم قاپىيەلەرنى شېئىرنىڭ قانىتى،پوئىتىك تىلنى شېئىرنىڭ قانىتى،پوئىتىك تىلنى شېئىرنىڭ قېنى ۋە تېنى دېيىش مۇمكىن،شۇنىڭ ئۈچۈن رەسسام بۇيىقى بىلەن،مۇزىكانىت بارمىقى بىلەن،ئۇسسۇلچى بەدەن ھەركىتى بىلەن شائىر ھېس تۇييغۇ تەسەۋۋۇر بايلىقى بىلەن سەنئەتكاردۇر،

    شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىندىغان كىشىلەر<شائىر>،<شائىرە>(.ئايال)>دەپ ئاتىلىدۇ،<شائىر >ۋە <شائىرە>سۆزىنىڭ مەنىسى<ھېسسىيات ئىگىسى><ھېس تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگۈچى><ھېس تۇيغۇلارغا باي ئادەم >دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

    شېئىر  تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس،ئەڭ ئىخچام ئىپادىسى بولغانلىقتىن،ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش،تېز تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلشتەك ئالاھىيدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.ئۇنى ھەتتا بەزىلەر <ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تاجىسى>دەپ ئاتايدۇ،شېئىرنڭ مەنىسى <<ھېس-تۇيغۇ>> بولغانلىقتىن ئۇنڭ ئستىمال مەنىسىدىنمۇ كۈچلۈك ھېسسيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ،ھەم مول تەسەۋۋۇر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ.شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئالىي دەرىجىدە تىپىكلەشكەن ھەم مەركەزلەشكەن بولغانلىقتىن،شائىر ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى تولۇق بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئجادىي پىكىر يۈرگۈزگەندە شېئىر تىلىنىڭ ئىخچام،ئىنىق، چۈشىنىشلىك، كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

    شېئىر ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا،ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ تۈپ نەرسىدۇر،

    سۇبىكتىپ ھېسسىيات جەھەتتىن ئالغاندا،ئۇ شائىرنىڭ قەلبىدەزور ھاياجان قوزغىغان ۋە تاۋلىنىشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر.

     

     

     

    2    .شېئىرنىڭ كېلىپ چىقىشى

     

    شېئىر ئەدبىياتنىڭ ئەڭ تۇنجى ۋە  ئەڭ تۈپكى ژانىرى بولۇپ،ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتى بولغان شېئىر ئەمگەك جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، بىزگە مەلۇمكى،باشلانغۇچ كوممۇنىزىم جەمىئيىتىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلغاندا،ئەمگەك ھەركىتىگە ماسلىشىش ۋە ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن بىر خىل تەرتىپلىك ئاۋاز چىقىراتتى،كېيىن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر  قابىلىيتى راۋاجلىنىپ ،تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن ،بۇنداق ئەمگەك سادالىرىغا مەنىلىك سۆزلەر قوشۇلۇپ ئەمگەك قوشاقلىرى پەيدا بولدى، مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ ،كېيىن مۇشۇ ئاساستا تۈرلۈك ئەدەبىيات شەكىللىرى مەيدانغا كەلدى، لۇشۇن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.<......بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ھېسابلانغان ئىپتىدائىي ئادەملەر ئەسلىدە سۆز قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى،ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى،شۇڭا ئۇلار تەدرىجى ھالدا مۇرەككەپ ئاۋازلارنى مەشىق قىلىپ چىقتى،ئۇلار ئۆملىشىپ يوغان ياغاچلارنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ،ياغاچنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلسىمۇ،ئەمما ھارغانلىقىنى ئۇقتۇرالمايتتى،ئارىسىدىن بېرى< ھە-ھۇ.....ھە...ھۇ>دەپ ۋارقىرايتتى،مانا بۇ ئىجادىيەت بولۇپ   ،كۆپچىلىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋارقىرىغانلىقى  نەشىر قىلىنغانلىق ئىدى.ئەگەر بۇ قانداقتۇر بىرەر بەلگە بىلەن خاتىرلىۋېىلىنغان بولسا ئىدى،شۇنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات بولغان بولاتتى..... >لۇشۇنننىڭ بۇ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىيات شەكلى ئەمگەك قوشاقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئېلىمىزنىڭ تۈنجى شېئىرلار توپلىمى ھېسابلانغان<نەزمىنامە>دە ئەمگەك قوشاقلىرى ئالاھىدە زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ.كېيىن ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ناخشا-شېئىرلاردىن نەسىرى ئەسەرلەر بۆلۈنۈپ چىقتى.داستانلاردىن ھېكايە ،رىۋايەت ۋە رومانلار بارلىققا كەلدى،ئېيتىشىش ۋە لەپەرلەردىن سەھنە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى،شېئىرنى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى،ئەڭ تۈنجى ۋەئەڭ تۈپكى شەكلى دەپ ئېيتىشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    شېئىر دەسلەپ پەيدا بولغاندا مۇزىكا،ئۇسسۇل بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ،ئۇلار ئۆز-ئارا زىچ باغلانغان ئىدى،ئىنسانىيەت جەمىئيتىدە تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن.ھەرخىل ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ رىتىمىغا ماس بولغان رىتىملىق سۆزلەر بارلىققا كەلدى،

    <كۈي>_رىتىملىق سۆزلەرنىڭ ئاھاڭى بولۇپ،قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ ئىككىسى بىر نەرسە ئىدى،كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قابىلىيتى ۋە ئىستىتىك تۇيغۇسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،تەدرىجى ھالدامۇنداق رىتىملىق ئاۋازلار بەلگىلىك مەنىگە ئىگە سۆزلەر بىلەن تولۇقلىنىپ شېئىر بولۇپ  شەكىللەندى.

    يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، شېئىرنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ،چۈنكى ئۇ سەنئەتتىكى مەلۇم بىر ئامىلنىلا ئۆز ئچىگە ئېلىپلا قالماستىن،بەلكى ھەممە ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە  بۇ ئامىللاردىن بىرلا ۋاقىتتا  پايدىلىنالايدۇ،مەشھۇر تەنقىدچى بىلىنىسكىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا <پوئزىيە،يەنى شېئىرىيەت سەنئەتنىڭ يۇقىرى خىلىدۇر،سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئجادىي پائالىيتىدە ۋاستە بولغان  ماتېرىيال بىلەن ئازدۇر كۆپتۇر چەكلەنگەن بولىدۇ...>

    شېئىرىيەت ئەركىن ئىنسان سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ،سۆز بولسا ھەم تاۋۇش ۋە كۆرۈنۈش،ھەم ئىنىق ۋە روشەن ئېيتلغان تەسەۋۋۇردۇر،شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرىيەت باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەممە ئېلمىنىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم رەۋىشتە بېرىلگەن ھەممە ۋاستىلاردىن بىردىنلا ۋە تولۇق پايدىلىنىدۇ ،شېئىرىيەت سەنئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ،ھەممە شېئىرىيەت تۈرلىرىنى ھەممە تەرەپلىرىنى يىغىپ ،ئۇنىڭ ھەممە ئايرىمىلىقلىرىنى ئوچۇق ۋە روشەن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ...>دېمەك شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ، ئەڭ تۈپكى ۋە ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرىدۇر،

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  شېئىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ،ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەكى ئۈلگىلىرى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھازىرقى زامانلارغىچە  داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمگەك قوشاقلىرى بولۇپ ،بۇ  خىل قوشاقلار ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ،ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزدىن-ئېغىزغا چۈشۈرمەي ئېيتىپ كېلىۋاتقان خامان ناخشىسى،ئوما ناخشىسى،خاڭ قوشاقلىرى ۋە باشقىلار، بۈيۈك ئالىمىمىز،ئەدىب مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى>ناملىق مەشھۇر ئەسەردىن بۇنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئىنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز،كىيىكى دەۋرلەردە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يېزىلغان نۇرغۇن قوليازما،كىتابلاردىن شېئىرىيەتنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىجادىيەت ئۇلىنىڭ نەقەدەر پۇختا ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز،بۇھال ئۇيغۇر شېئىرىيتى باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا ئوخشاشلا ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا- ئىپتىدائىي جەمئىيەت تۈزۈمى شارائىتىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ.

     

    3.شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى(ئامىللىرى)

     

    شېئىر باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئۆزىنىڭ ئاھاڭدارلىقى،مۇزىكىلىقلىقى،رىتىم،تۇراق،قاپىيە، مىسرا،كۇپلېتلارغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئالاھىيدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ،شېئىر مۇشۇ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، شېئىرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك  بولىدۇ.مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن تۆۋەندە شېئىرنى ئەڭ گەۋدىلىك ،روشەن ھالدا ۆزگە چېلىقىدىغان ئامىللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

    1.      رىتىم: مەلۇم ھادىسە ،ھەرىكەت ياكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرتىپتە تەكرارلىنىپ تۇرۇشىدۇر.   مەسىلەن : دېھقانلارنىڭ كەتمەن چېپىشى،سائەتنىڭ چىكىلدىشىدا پويىزنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىدا رىتىم بار.                                     .2بىر خىل مىقداردىكى سۆز بىرىكمىلىرى ياكى بۇغۇملارنىڭ ھەر بىر مىسرالىرىدا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاھاڭ سېستىمىسى_رىتىم(ۋەزىن)دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن :                                                                                                                  دىللاردا شادلىق ،تىللاردا ناخشا،             

    باھار پەيزىدىن كۈلدى  گۈل –غۇنچە.     

    ئېرىدى مۇزلار جانلاندى زېمىن،

    ئاقتى شوخ سۇلار چاچرىتىپ ئۈنچە.

    دېمەك ،رىتىم (ۋەزىن)شېئىرلاردا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ،ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچ -ئىنىرگىيسىدۇر، بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا بۇغۇم رىتىم ئۆلچىمى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ،لېكىن ئۇنىڭدىكى بۇغۇملار دائىم تەڭ بولۇۋەرمەيدۇ   ،رىتىمنىڭ ئەڭ قىسقىسى تۆت بۇغۇم ،ئەڭ ئۇزۇنى 18 بۇغۇمدىن ئىبارەت بولىدۇ.

    ئەل غېمىدە ،            ئۇرسا مېتىن،                 ياندى گۈلخان،

    كۆڭلى كۆلدە.           چاقناپ چېقىن.              بولۇپ ھەيران.

    ئۆزى چۆلدە،           كۈلۈپ ئېقىن،                 تاڭدا چولپان

    سۇ ئىزدىدى.           تاغ تۈزلىدى.                   ئۇزسۆزلىدى    

    يېڭى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار كۆپىنچە بارماق ۋەزىندە ،كونا ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار كۆپىنچە ئارۇز ۋەزىندە يېزىلىدۇ،ئۇ مەلۇم ئەندىزىگە سېلىنىپ ،مۇقىم قائىدىلەشتۈرۈلگەن شېئىرلاردۇر، بۇ ئىككىسىنى پەرقى ئاساسەن بۇغۇملارغا چۈشىدىغان ئۇرغۇلارغا ئېتىبار بېرىش ،بۇغۇملار تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن ئۇزارتىپ ياكى قىسقارتىپ ئېيتىش جەھەتلەردە كۆرىلىدۇ.يەنە مىسرالارنىڭ بۆلەكلەر ۋە تۇراقلارعا   بۆلۈنۈشى جەھەتتە كۆرىلىدۇ.

    ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردا چەكلىمە مۇقىمراق،بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا ئەركىنرەك بولىدۇ،

    2.تۇراق._شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇ شېئىر ئارلىقىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاشنى،يەنى شېئىر مىسرالىرىدىكى بۇغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىشىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:

    ۋەتىنىم كۆردۈممەن ئەتەڭنى،

    بۈگۈننىڭ ئەڭگۈشتەر كۆزىدە.

    ئۇ ساڭا راسىتلاپتۇ  پايانداز،

    تەبەسسۇم جىلۋىسى يۈزىدە.

    توققۇز بۇغۇملۇق بۇ شېئىر 3+3+3بولۇپ گۇرۇپپىلىنىپ تۇراق ھاسىل قىلغان.

    دېمەك، رېتىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مىسرالاردىكى بۇغۇملارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش.ھەربىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا توختاش،ئاھاڭدارلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش.ئايرىم بۇغۇملارنى يۇقىرى تاۋۇش بىلەن،بەزىلىرىنى پەس تاۋۇش بىلەن ئوقۇش لازىم بولىدۇ.بۇ ھال ھەربىر  مىسرادا مەلۇم دەرىجىدەئىچكى ئۆزگىرىش ياساپ،يېڭىچە رىتىم ھاسىل قىلىدۇ.

    بارماق ۋەزىندە ،كۆپىنچە ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆلچەم قىلىش تۇراقنىڭ پىرىنسىپى بولۇپ ،بىر سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى،ئادەتتىكى گەپلىشىشنىڭ تەبىئى توختاشلىرى بىر چىگرا قىلىنىپ تۇراققا ئايرىلسا ،ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردا سۆز ۋەزىن ئېتىبارى بىلەنبۇغۇملارغا پارچىلىنىپ،تۇراقتا بۇغۇملار پارچىلىنىدۇ،پەقەي ئارۇز ۋەزىنىدىكى شېئىرلار تاللانغان بەھىرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تۇراققا ئايرىلغاندا،ئاندىن ۋەزىنگە چۈشەلەيدۇ.      مەسىلەن:

     

    بىر قىلىچ بەرسە خۇدا كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،

    ئۈزسە خەلقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن خەنجىرىنى.

    گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۈن بۇ قىلىچ،

    كۆرمىسۇن شەۋقى    كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.

    (قۇتلۇق شەۋقى )

    3.قاپىيە:-شېئىر مىسرالىرنىڭ ئاخىردىكى سۆزياكى بۇغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى –قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئالدىراقسان كىشىنىڭ ،

    ساپاسى يوق ئىشىنىڭ.     

    ساقايمايدۇ ئاغرىقى،

    ئۆمۈرۋايەت بېشىنىڭ.

    قاپىيە بەزى ھاللاردا شېئىرنىڭ بېشىدىمۇ كېلىدۇ،قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن ،يەنى شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئي شەكىلنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى.قاپىيە سۆزلەردە مۇسىپ ئاھاڭداشلىق پەيدا قىلىپ،تىلنى تەسىرلىك ،جاراڭلىق ۋە مۇزىكىلىقتىن ئىبارەت گۈزەللىكە ئىگە قىلىدۇ.شېئىرنىڭ رىتىملىقلىقى ۋە ھېسسىياتچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

    قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك  خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ.شېىئردا چوڭ رول ئوينايدۇ.ئۇ شېئىرىي نۇتۇقنى تەسىرلىك ئاھاڭغا ئىگە قىلىدۇ، كۈيلەشكە ،دېكلىماتسىيە قىلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ.قاپىداش سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ئوڭاي بولغانلىقتىن،خەلق قىسقا،ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قاپىيلىك قىلى تۈزىدۇ.شۇڭلاشقىمۇ  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىداشېئىرىي تۈس ئىنتايىن قويۇق بولۇپ،ئۇلارنىڭ  خېلى كۆپ قىسمى قاپىيگە ئىگە.مەسىلەن:

    ياخشى سۆز ئېرىتەر مۇز بىلەن تاشنى،

    توختىتار كۆزۈڭدىن تامچىغان ياشنى.

    يامان سۆز ئىنسانغا زەرھەردىن ئاچچىق،

    بەزى قان چىقارماي يارىدۇ باشنى.            (ت.نىياز)

    بۇ مىسالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،تىلدا تەلەپپۇز قىلىش ئورنى ۋە ئۇسسۇلى ئوخشاش بولغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيە بولىدۇ.

    4.مىسرا ،بېيىت،كۇپلېت (بەنىد)،_شېئىرنىڭ ھەربىر سەتىرى(قۇرى) قۇرى(يول)-مىسرا دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇ شېئىرىدا مەلۇم مەنىنى ئىپىادىلىگەنبىر قۇر سۆزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

    <ئەلنى ئويغاتماق تىلەك،تاڭدابىر چوقان بىلەن> (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

    لېكىن بىر قىسىم شېئرلاردا گرامماتىكىلىق قائىدە ۋە مەنتىقى پىكىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن،گاھىدا بىر پۈتۈن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر جۈملە ئككى مىسرا قىلىپمۇ تۈزۈلىدۇ.

    بېيىت :_شېئىرىي ئەسەرلەردە بىر –بىرىگە چىڭ باغلانغان ھالدا بىر پۈتۈن تەپەككۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىككى مىسرانىڭ قوشۇلمىسى-بېيىت دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن:

    بارمىكىن ھېچنېمەئالەمدى ھىجراندىن يامان،

    ھەر نەكىم ھىجراندىن يامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان.

     

    مەككە تىللا ئىچىدە بىر تۈپ قىزىل گۈل،

    قىزىلگۈلنىڭ ئىچىدە مەختۇمجان بۇلبۇل.

    جۈملە قۇرۇلۇشى جەھەتتىن بىر-بىرىگەباغلىق بولغانبىر ياكى بىر نەچچە تۈگەل پىكىرنى ئىپادىلىگۈچى شېئىر مىسرالىرنىڭ گۇرۇپپىسى_كۇپلېت (بەند) دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كۇپلېتلار ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى مىسرادىن ،كۆپ بولغاندا ئون نەچچە مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ.

     

    شېئىردىكى ھېسسىيات ،تەسەۋۋۇر،.ئوبراز ئامىللىرى ھەققىدە

     

    مەلۇمكى شېئىر  باشقا ئەدەبىي تۈرلەرگە ئوخشاشلا بىر خىل سەنئەتتۇر،لېكىن ئۇشائىرنىڭ ئىچكى سۇبىكتى بىلەن قايناق ھېسياتىدىن تۇغۇلىدىغان ئالاھىيدە بىر خىل بەدىئي تۈر بولغاچقا ئۇ ئالدى بىلەن ھېس –تۇيغۇ سەنئىتىدۇر.