ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەش ھەققىدە تاققا-تۇققۇ پاراڭلار…

ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەش ھەققىدە تاققا-تۇققۇ پاراڭلار…

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 7438 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزكۇر يازما يۈكسەل بلوگىدىكى «ئارزۇ قىرغاقلىرىنى بويلاپ…» ناملىق يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئويلىغانلىرىمنى يۈزەكى رەتلەپ چىتقىم. مېنى بۇ يازمىنى رەتلەپ چىقىشقا ئۈندىگەن سەۋەپ ئەسلى يازمىدىكى مۇخبىرنىڭ مۇنۇ سۇئالىدىن كېلىپ چىقتى.

گېزىتىمىز مۇخبىرى: سىز ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى ئىشلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ باققانمۇ ؟ ساۋاقداشلىرىڭىز ئىشلىشىڭىزگە قانداق قارايدۇ ؟

يۇقىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆردۈم، ھەمدە مەنمۇ ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم (يۈكسەل ئەپەندى سىز بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ ئادەمنى تەتۈر قىيناپ شۇ  : چاقچاق)
ئۆز پىكىرىمگە كەلسەك:
جاپانىڭ تېگى ئالتۇن — مانا بۇ بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش مۇساپىسى جەريانىدا يەكۈنلەپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقەت.
مەنمۇ ئۆز كەچۈرمىشىم توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي، مېنىڭچە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلھام ئېلىشى ئۈچۈن ئاز تۇلا پايدىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.
مەن ئەقلىمگە كەلسەم، ئائىلىمىز نامرات بىر ئائىلە ئىكەنتۇق، ئادەمگە بەختسىزلىك كەلسە قوش كېلەر دېگەندەك، ئەقلىمگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رەھمەت دادام بىز بىلەن خوشلىشىپ كەتتى….. مانا ھەش پەش دېگۈچە دادامنىڭ بىز بىلەن خوشلاشقىنىغا 21 يىل بولۇپ قالدى.
ئائىلىمىزدە بالا كۆپ (ھازىر ھايات بولغىنىمىز 9 بالا) ئانام بىزنى قاتارغا قوشىمەن دەپ كۆپ جاپا تارتىپ كەتتى. دادام تۈگەپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ يېشىمغا توشۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە باردىم. ئانامنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. لېكىن ئامال قانچە؟ بالىلارنىڭ ھەممىسى كىچىك، ئائىلىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسى يوق، شۇنداق بولسىمۇ ئانام بىر ئايال كىشى بولۇشىغا قارىماي بىز 9 بالىنى قاتارغا قوشىمەن دەپ كۆپ جاپا تارتتى….
يەنە شۇ بەختسىزلىك ماڭا كەلگەن بولدى، مەن مەكتەپكە بېرىپ 1 يىل بولغاندا ئائىلىمىز مېنىڭ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى قوللاشقا ئامالسىز قالدى.شۇنىڭ بىلەن مەن باشلانغۇچ 1-يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇم ئاخىرىقى مەزگىلگە كەلگەندە مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىندىم ھەمدە ئۆيدە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم (قوي بېقىش، ئېتىز-ئارەك ئىشلىرىغا ياردەملىشىش قاتارلىقلار…)
يەنە بىر يىل ئۆتتى، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم باشلانغۇچ 2-يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمنى ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە كەنت ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى ئائىلىمىزگە كېلىپ مېنىڭ كىتاب پۇللىرىمنى ھەقسىز قىلىپ بېرىش شەرتى ئاستىدا مېنىڭ قايتىدىن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئاتلاش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردى. ئەلۋەتتە، مەن ئۆز سىنىپىمغا كىرىپ ئەسلىدىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە ئوقۇدۇم….

نامراتچىلىق، يىتىملىك دەردى يامانكەن… مەكتەپتە ھەمىشە شۇ نامراتچىلىق ۋە يىتىملىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتىم…. لېكىن روھىمنى چۈشۈرمىدىم…. كۆپ ئىشلارنى بېشىمنى ئۆتكۈزدۈم، قىسىقىسى مېنىڭ كەچۈرمىشىم ئۆز يېشىمغا زادىلا ماس كەلمەيتتى… شۇ مەگىللەردە تېلېۋۇزۇردا كارتۇن فىلىم «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» دېگەن فىلىمنى كۆپ بېرەتتى. ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ماركونى ئەسلەيتتىم، ئاشۇ ماركو جېنىدا كىچىكلا تۇرۇپ ئاپىسىنى ئىزدەش يولىدا شۇنچە رىيازەت چەكسە ۋاي دېمىگەن يەردە ماڭ بۇ نېمە كەپتۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسسەللىي تاپاتتىم….
تۇلۇقسىزغىمۇ چىقىپ قالدىم، تۇلۇقسىزغا چىققاندىن كىيىن مەكتەپ ۋە كەنت رەھبەرلىرى ۋەدە قىلغان كىتاب پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش سىياسىتى بىكار بولۇپ كەتتى… مەن يەنە بىر قېتىم مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىش خىرىزىسىغا دۇچ كەلدىم. قانداق قىلىش كېرەك؟ مەكتەپتىن چىقىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ياق. ھەرگىز بۇنداق ئەخمەقلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قېتىم مەكتەپتىن چىقىپ كەتسەم، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەتنىڭ كېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس….. ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ «پۇت-قولۇڭ ساق بولغاندىكىن ئىشلە!» دەيتتىم ئۆزۈمگە… شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ھەقىقىي پۇل تېپىش (ھازىرقى تىل بويىچە ئوقۇشتىن سىرتقى ئىشلەپ ئۆز خىراجىتىنى ھەل قىلىش) كەچۈرمىشىمنى باشلىۋەتتىم. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار «ھايات چاقچىقى» ئەسىرىدىكى قەدىردان ئوبرازىغا سىڭدرۈرىۋېتىلگەن… شۇڭا بۇ يەردە قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن.
ئىشقىلىپ مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمىدىم….. كىم مېنى دادىسىدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ قالسۇن دەپتىكەن؟ ئەمما مەن تەقدىدىمنى بۇنداقلا قاراڭغۇ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن….
مېنىڭ دەسلەپكى ئىشلىشىم ئېتىز ئوتاش بىلەن باشلانغان بولسا، تاكى ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ھەممىسى يۇقىرىقى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى بويىچە قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەش بىلەن ئۆتتى… ئەلۋەتتە، ئۇ مەزگىلدە بىر كۈن شىياۋگۇڭ (小工) بۇلۇپ ئىشلىسەك 15 يۈەن بەرسە ناھايىتى خوشال بولاتتۇق….. ئەمما مۇشۇ 15 يۈەننىمۇ بېرىدىغان جاي يوق ئىدى…
تۇلۇقسىزنىمۇ پۇتتۈردۈم، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ (چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىمتىھان بېرىشىمگە قارىشى ئىدى) بەرگەن ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بەرگەن ئىمتىھانىمنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقتى. مەن ئۆتۈپتىمەن. مەكتەپ بويىچە يالغۇز مەنلا ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپتىمەن… نېمە دېگەن خوشاللىق ھە؟
سىز خوشال بولدىڭىزمۇ؟ ئەمما مەن خوشال بولمىدىم. چۈنكى يەنە بىر ئېغىر غەم مېنىڭ بېشىمغا چۈشتى… قانداق غەم دەمسىز؟ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ۋىلايەتكە بېرىش، يەنە كېلىپ ئاۋۇ يىراق شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن مەركىزى شەھەرگە كېلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزى شەھەرگە بېرىش يول كىراسى… يەنە كېلىپ ئىچكىرىدىكى نىشان شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن يول خىراجىتى…. ئىشقىلىپ بىر تالاي خىراجەتلەر مېنى خوشال قىلىش تۈگۈل غەمگە مۇپتىلا قىلىۋەتتى…….
قانداق قىلىش كېرەك؟ پۇلۇڭ بولمىسا ئوقۇيالمايسەن شۇ…. «كالۋا، پۇت قولۇڭ ساق بولغاندىكىن ئىشلە!» دەيتتىم ئۆزۈمگە يەنە…. يەنە ئىشلىدىم. ئىچكىرىگە ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى چىققاندىن كىيىن دەرھال قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلدىم، ۋاقىت قىس، كېرەكلىك خىراجەت كۆپ… قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارام ئالماي بىر كۈن بولسىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش كېرەك….
شۇنىڭ بىلەن ساق 30 كۈن ئىشلىدىم. (ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا چىرايلىق ئىسىمدىن بىرسىگە ئىگە بولدۇم….ئىش ئورنىدىكىلەر مېنى يىشۇ دەيدىغان بولىۋالدى، چۈنكى مەن ئۇلار ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلاتتىم. ئاساسەن ئۇلار ماڭا ئۆگەتمىسىمۇ ئۆزۈم كۆرىۋالغىنىم بويىچە بوش قالساملا ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ كېسەك قويۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىش ئورنىدا شىياۋگۇڭ كۆپىيىپ كەتسە مەن كېسەك قويۇپ، ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىپ ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان بولغاچقا ئۇلار مېنى يىشۇ دەپ چاقىراتتى…. ھەي، بالىلىق…. :roll: ) 30 كۈن ئىشلەپ 587 يۈەنگە ئېرىشتىم…..ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى، مەكتەپكە يولغا چىقتىم……
ئىچكىرىگىمۇ باردىم. ئوقۇدۇم… ھەر تەتىلدە قايتىپ كەلسەم يەنە كەم دېگەندە 20 كۈن ئەتراپىدا قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىدىم (ئاساسەن يۇرتقا قايتماي ئۈرۈمچىدە ئىشلەيتتىم)…. مۇشۇنداق ئىشلەپ تۇلۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈردۈم….
ئالىي مەكتەپكە ماڭغان يىلى (2006-يىلى) ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئەتراپىدا، ئىنىم بىلەن بىرلىشىپ بىر ئىككى قەۋەتلىك بىناغا توك تارتتۇق. (ئەۋەتتە، دەسلەپ ئىش ئىگىسى بىزنى كىچىك كۆرۈپ ئىش بېرىشتىن يالتايدى. چۈنكى بۇ بىناغا تارتىلىدىغان توك يولىدا ئاۋاز ۋىكلىيۇچاتىلى، يۇرۇقلۇق ۋىكلىيۇچاتىلى قاتارلىق مۇرەككەپ توك يولى بار ئىدى.) لېكىن ئۈچ كۈندە ئىش تاماملىغاندىن كىيىن ئىش ئىگىسى ئالاھىدە رازى بولۇپ، يەنە 4 بىنانىڭ توكى بارلىقىنى، مېنىڭ شۇنى تارتىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى. لېكىن مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ۋاقتىم (پويىز بېلىتىنىڭ ۋاقتى) توشقان ئىدى. شۇڭا ئامال بولمىدى. (ئەمدى ئويلىسام ئەخمەق ئىكەنمەن. شۇ ۋاقىتتا ئەسلى پويىز بىلىتىنى ياندۇرۇپلا، مەكتەپكە تېلېفۇن قىلىۋېتىپ، 4 بىنانىڭ توكىنى تارتىپ شۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ ماڭسام بەك ياخشى بولاتتىكەن، بۇ تەنتەكلىكنىڭ دەردىنى مەكتەپكە بېرىپ كۆپ تارتتىم…. )
ئالىي مەكتەپتىمۇ ئاساسەن بىكار ۋاقتىم چىقىمىدى. دۈشەنبىدىن جۈمە كەچكىچە مەكتەپتە سىنىپ تازىلىدىم، شەنبە يەكشەنبە كۈنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىدىم…..شۇڭا مېنى باشقىلار ئاساسەن مەكتەپتىن ئىزدەپ تاپالمايتتى….
شۇنداق ئىشلەپ-ئوقۇپ مانا مەكتەپ پۈتتۈردۈم…
دەسلەپ ئېيتقاندەك، جاپانىڭ تېگى ئالتۇن دەپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا، ئۆز يېشىمغا ئۇيغۇن كەلمىگەن (مېنىڭچە ئەسلى بىر مەزگىل تۆۋەن قاتلامدا ئىشلەپ ئاندىن تەجرىبە توپلاپ بولغاندا ئاندىن مۇئاۋىن دېرىكتور نامىنى ئالغان بولسام ياخشى بولاتتى. لېكىن ھازىر بەكلا تىز بولۇپ كەتتى. تەجرىبە يىتەرسىز.. شۇڭا دائىم بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلىنىش تەس بولىۋاتىدۇ..لېكىن مەن يەنىلا تىرىشىۋاتىمەن… يەنە شۇ گەپ، جاپانىڭ تېگى ئالتۇن..) شىركەت مۇۋىن دېرىكتورى بولۇپ قالدىم…..

مەزكۇر يازما قايتا رەتلەنمىدى. ئەسلىدىكى يۈكسەل بلوگىغا يوللانغان ئىكاس شۇ بويىچە بۇ يەرگە قايتا يوللانغان بولغاچقا، مەزكۇر يازمىغا ئالاھىدە «ئىشلەش» ئېلىپ بېرىلمىدى. شۇڭا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن گەپ-سۆزلىرىمى تاقا-تۇققۇ بولۇپ قالدى. توغرا چۈشەنگەيسىلەر…

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى