مائارىپ
نان مەدەنىيىتىمىز
1 X* i2 S; ]8 J+ v+ a6 _تۈرلۈك – تۈمەن مەدەنىيىتىمىز ئىچىدە تۇرمۇشىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتتە بولغان نان مەدەنىيىتىمىز ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ يازمىدا ناننىڭ تۈرلىرى ۋە تەييارلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز:$ j: H( s5 O: n' {: ]
چوڭ ناننىڭ يېقىلىشى. چوڭ ناننىڭ ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرام، دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىرچە كېلىدۇ. بۇ نانغا ئاق ئۇن، سۇ، تۇز، پىياز، سىيادان، كۈنجۈت، تۇخۇم، خېمىرتۇرۇچ قاتارلىقلار ماتېرىيال قىلىنىدۇ. بۇ ناننى يېقىش ئۈچۈن ئۆلچەملىك چوڭ تونۇر بولۇشى، يەنى يەردىن ئېگىزلىكى 125 سانتىمېتىر، قورساق قىسمىنىڭ دىيامېتىرى 120 سانتىمېتىر، ئاغزىنىڭ دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىر بولۇشى، بۇ تونۇرنى ئۆلچەملىك قىزىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن قۇرۇق ئوتۇن بولۇشى كېرەك. تونۇر قىزىغاندا ئۇنىڭ يۈزىگە تۇز سۈيى تەكشى سېپىلىپ تاۋلىنىدۇ. تەييارلانغان خېمىر زۇۋۇلا قىلىنىپ، تەكشى چوڭلۇقتا راسلىنىپ، پىياز، سىيادان، كۈنجۈت سۈركەپ تونۇرغا يېقىلىپ، پىشقاندا ئۇدۇللۇق سويۇلىدۇ.4 h7 z2 J$ l4 t% }0 m" P; ~
شىرمان نان. شىرمان ناننىڭ ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرام كېلىدۇ. ئۇنداق يۇمىلاق شەكىللىك نان، چوڭ ناندىن كىچىكرەك، سەل قېلىنراق بولۇپ، دىيامېتىرى 40 سانتىمېتىردەك كېلىدۇ. بۇ نانغا ئاساسلىقى ئۇن، سۇ، تۇز، ھەسەل، شېكەر، ئۆسۈملۈك يېغى، تۇخۇم، خېمىرتۇرۇچ قاتارلىقلار ماتېرىيال قىلىنىدۇ. ناننىڭ خېمىرى بولدۇرۇلۇپ تەييارلانغاندىن كېيىن، خېمىر مۇۋاپىق مىقداردا تاۋلاپ تەييارلىنىپ زۇۋۇلا قىلىنىپ، ئۈچ سانتىمېتىردەك گىرۋەك چىقىرىلىپ، ئۈستىگە مەخسۇس ياسالغان چەككۈچ بىلەن گۈل چېكىپ راسلىنىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. بۇ ناننى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ.
u+ B. C& A8 x% ]/ Oتوقاچ نان. بۇ ناننىڭ ئېغىرلىقى، ئادەتتە، 100 گىرامدىن 200گرامغىچە، يۇمىلاق شەكىلدە قېلىنراق، دىيامېتىرى 15 سانتىمېتىردىن 25 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. توقاچقا ئۇن، سۇ، تۇز، قايماق، سۈت، شېكەر، ئۆسۈملۈك يېغى، تۇخۇم، كۈنجۈت، خېمىرتۇرۇچ قاتارلىقلار ماتېرىيال قىلىنىدۇ. توقاچ چالا پېتىررەك يېقىلىدىغان بولغاچقا، خېمىرنى بولدۇرۇش ھاجەتسىز، تاۋلانغان خېمىرنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا قىلىپ، تەكشى ئېچىپ، چۆرىسىگە كىچىكرەك گىرۋەكچىقىرىلىدۇ، ئۈستىگە چەككۈچ بىلەن گۈل چېكىلىدۇ، ئۇششاق چاناپ تەييارلانغان باش پىياز بىلەن كۈنجۈت ئارىلاشمىسى تەكشى سېپىلىدۇ. ئاندىن 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى ياي شەكىللىك گەزنە بىلەن تونۇرغا يېقىلىدۇ. توقاچ باشقا نانلاردىن تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئىشتىھانى ئېچىپ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ.
. D n8 j+ l1 }0 c9 Y$ gقاتلىما نان. قاتلىما ناننىڭ ئېغىرلىقى 200 گىرام، دىيامېتىرى 20 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 1.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ نانغا ئۇن، تۇز، پىياز، گۆش، خېمىرتۇرۇچ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ. قاتلىما نان، ئادەتتە، چالا پېتىر ھالەتتە يېقىلىدۇ. ناننىڭ خېمىرى تەييارلانغاندىن كېيىن، قېتىغا مۇۋاپىق مىقداردا گۆش، قوي يېغى، پىياز قاتارلىقلار قىيما قىلىپ ئېلىنىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. قاتلىما نان بىر خىل پىششىقلاش قىيىن، يېيىشلىك بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە دالا تامىقى قىلىشقا ماس كېلىدۇ.
! v5 W) P# D4 S+ xنان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمالى جەھەتتە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىشتەك خاسلىقى بىلەن بىللە، يەنە ئالاھىدە مىللىي خاسلىق ۋە قويۇق مىللىي تۇرمۇشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىك مەھسۇلاتى بولغان نانلىرىمىز ئۇيغۇر قول ھۈنەر – سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپلا قالماي، ئالاھىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. نان يېقىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچىلىكى، گۈزەللىكى، مىللىي خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، نان يېقىش تېخنىكىسى، تەرتىپىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىۋاسىتە تەبىئەتتىن ئېلىپ ئاددىي تېخنىكىلىق قول ئەمگىكى بىلەن ياساش ئۇسۇلى جەھەتتىمۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا، نان خەلقىمىز ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭنىڭ ھەتتا چەت ئەللىكلەرنىڭمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى. (نىياز ساتتار، قۇربان سابىر)(‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دىن ئېلىندى.)- ?4 t6 |: M* G: m
مەنبە:تور# K5 Q6 n, x- K e7 n/ e# R2 h/ E, o
9 }. ^2 l, G9 h2 ]/ A
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |