3d
ئەڭ ياخشى لايىھە
( D* ]6 b5 U3 q& W4 Z
1 C4 B1 W. {# l+ F7 a+ H: |: ^5 X& x, _+ ?. U2 H0 l
دۇنياغا مەشھۇر ئارخىتىكتور گىلوپىس لايىھىلىگەن دېسنى باغچىسى ئۈچ يىلدا تاماملىنىپ سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن. لېكىن باغچىدىكى ھەرقايسى مەنزىرىلىك نۇقتىلار ئوتتۇرىسىدىكى يولنى قانداق تۇتاشتۇرۇش جە ھەتتە تېخى كونكرت لايىھە يوق ئىدى. مۇناسىۋېتلىك خادىملار فرانسىيىدە تەبرىكلەش مۇراسمىغا قاتنىشىۋاتقان گېلوپىسقا تېلىفون بېرىپ، دەرھال لايىھىنى بېكىتىش ھەم پىلان بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. گېلوپىس 40نەچچە يىل قۇرۇلۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 70 نەچچە ئاجايىپ نەپىس قۇرۇلۇشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ھالبۇكى دېسنى باغچىسىنىڭ ھەرقايسى مەنزىرىلىك جايلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يولنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئۇ لايىھىسىنى 50نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ،لېكىن ئۆزى بىرەردىنمۇ رازى بولمىغانىدى. بۇ ھەقتىكى سۈيلەش تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ پاراكەندە بولدى. پارىژدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئاياغلاشقا ھامان ئۇ ئوتتۇرا دېڭىز سا ھىلىدا ئازراق دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن لايىھىنى بېكىتىۋېتىشنى ئويلىدى. ئاپتوموبىل فرانسىيىنىڭ جەنوبىدىكى يېزا تاشيولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى، بۇ يەر فرانسىيىنىڭ مەشھور ئۈزۈمچىلىك رايونى بولۇپ، ئەتراپتىكى تاغ ۋە دالىلارنىڭ ھەممىسى يەرلىكلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىدى. يولدا ئۇ كىشىلەرنىڭ سېۋەت _ سېۋەت ئۈزۈملەرنى يول بويىغا تىزىپ، ئۆتكەن _ كەچكەن ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرگە ۋارقىراۋاتقانلىقىنى، لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭلا توختىغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار بىر جىلغىغا كىرگەندە، ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللارنىڭ توختاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ يەردە يول بويىدىكى ساندۇققا بەش فرانك تاشلىسىلا، بىر سېۋەت ئۈزۈم ئۈزۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئۈزۈمزارلىق ئەسلى بىر موماينىڭ بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن بۇ چارىنى ئويلاپ تاپقان ئىكەن. نەچچە يۈز كىلومىتىرغا سوزۇلغان ئۈزۈمچىلىك رايونىدا، ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى ھەمىشە ئالدى بىلەن سېتىلىپ تۈگىگەن. ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئەركىن تاللاش پۇرسىتى بېرىشتەك بۇ ئۇسۇلى گېلوپىسقا چوڭقۇر ئىلھام بەرگەن. ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، بىر سېۋەت ئۈزۈم ئۈزۈۋېلىپ شوپۇرغا پارىژغا قايتىشنى بۇيرۇغان. ئۇ تۇرار جايىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش بۆلىمىگە تېلېگرامما بېرىپ يول ياسىلىدىغان جايلارغا ئوت _ چۆپ تېرىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىۋىتىشنى ئېيتقان. قۇرۇلۇش بۆلۈمى تەلەپكە ئاساسەن، ئوت _ چۆپ تېرىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوت _ چۆپلەر ئۈنۈپ چىققان، پۈتكۈل باغچىنىڭ بوش يەرلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن. دېسنى باغچىسى مۇددىتتىن بۇرۇن ئېچىۋىتىلگەن يېرىم يىل مابەينىدە، چىملىقلار دەسسلىپ نۇرغۇن كىچىك يوللار ھاسىل بولغان، بۇ يوللارنىڭ بەزىلىرى تار بەزىلىرى كەڭرى بولۇپ، ناھايىتى تەبئى ئىدى. ئىككىنچى يىلى گېلوپىس كىشلەر دەسسىگەن ئىزلار بويىچە پىيادىلەر يولى ياسىغان. 1971-يىلى لوندون خەلقئارا باغ _ ئورمان قۇرۇلۇش سەنئىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا، دېسنى باغچسىنىڭ يول لايىھىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى لايىھە بولۇپ باھالانغان. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن دېسنى باغچىسىنىڭ يولىنى لايىلەشتە مۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «سەنئەت _ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىسى. ئادىمىيلەككە ئەڭ تويۇنغان سەنئەت ئەسەرلىرىلا ئەڭ ياخشى ھىسابلىندۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن
* x% q; H0 Q7 ^* s' k# @, t$ U! ^! w2 J* [9 _
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |