ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1741|ئىنكاس: 3

سېرىق چوڭ « مىنكاۋخەن »دىن كىچىك « مىنكاۋخەن» لەر ...لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

61

تېما

76

يازما

1061

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
236 سەر
تۆھپە
203 سەر
تىللا
310 دانە
جەۋھەر
0 دانە
مائارىپ بىز خەنزۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى «مىنكاۋخەن» دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپتىمىز، ئەمىسە مەنمۇ شۇبۇيىچە ئاتاۋىرەي.
: F/ E6 v7 f, ?4 K, D4 Y8 z! x6 vمەن ئۈزۈممۇ خەنزۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەن. مۇنبەرلەردىن «مىنكاۋخەن قوشنام»، «مىنكاۋخەن قىزنىڭ نىكاھى»، «مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا»... دېگەن تېمىلارنى كۆردۈم، رېئاللىقتىكى ئىشلارنى، جۈمىلىدىن بىرقىسىم ئازساندىكى مىنكاۋخەنلەرگە، بۇلۇپمۇ ھازىرقى كىچىك مىنكاۋخەن بالىلارغا قاراپ: «مۇنبەرلەردىكى مۇشۇ تېمىلارمۇ بىكاردىن بىكارغىلا يېزىلغان ئەمەس ئىكەندە...» دەپ ئويلاپ قالدىم.
( x- J3 _/ q. ~كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاپىمىز ھەرئاخشىمى ياتار ۋاقتىمىزدا بىزگە ئايەت ئۈگۈتەتتى ۋە ئاخىرىدا «ياتتۇق يائاللا، قوپقايمىز نىشائاللا...» دەپ ھۈرۈپ قۇياتتى. «چوڭلارغا نېمىشقا مۇنداق سالام بەرمەيسەن... تاماقتىن كىيىن دۇئانى مۇنداق قىلىمىز... »دېگەندەك ئاددى يۇسۇنلاردىن باشلاپ بىزنى تەربىيەلەشنى ئۇنتۇپ قالمايتى، ھەتتا بىزگە قىلىدىغان تەربىيىسى «قىبلى تەرەپكە قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلما...» دېگەنلەرگىچە بۇلاتتى. چوڭ بولدۇق، ئۇقۇدۇق، خىزمەتكە چىقتۇق، جەمئىيەتنىڭ بىرئەزاسى بۇلۇپ ياشىدۇق. كىيىن دادىمىز كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، قەبرە بېشىغا چىققاندا تەمتىرىمەي ئايەت ئۇقۇپ، دادىمىزنىڭ رۇھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ  قايتىپ كەلدۇق... - o" d/ \" }. i4 d5 T3 v' w. n
مەن خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇپمۇ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇپ ۋەئاخىرى خىزمەتكە چىقىپمۇ، ئاساسەن خەنزۇلار بىلەن  بىللە ئۇقۇدۇم ۋە خىزمەت قىلدىم(ھازىرمۇ ئىشخانىمىزدا مەن پەقەت بىرلا ئۇيغۇر). مەن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆزلىكىمدىن ئۈگۈنۈپ ساۋادىمنى چىقارغان ئىدىم، كىيىن ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئىشتىياق باغلاپ، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا نۇرغۇن ئۇيغۇر ھۆسىنخەت ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئىشتىياق باغلاپ، «تارىم» قاتارلىق گېزىت- ژورنارللاردا نۇرغۇن پوۋېست- ھېكايىلارنى ئېلان قىلدىم ۋە «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى»گە ئەزامۇ بولدۇم. ئىككىيۈز پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەرلىرىممۇ ئېلان قىلىندى. بۇئاددى بولسىمۇ قولغا كەلگەن«بازار نەرقى» نەتىجىلەر، مەندىكى ئىتىقات ۋە مېنىڭ مىللىتىمىزنى، تىل- يېزىقىمىزنى قىزغىن سۈيۈش ئېڭىمدىن كەلگەن دەپ قارايمەن. مانا شۇلار مېنىڭ تىرىشچانلىقىمنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئىككى خىل تىلىنمۇ ياخشى سۆزلەيمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇرتىلى خەنزۇ تىلىغا قارىغان شۇقەدەر چۈشۈنۈشلۈك ۋە قۇلايلىق (خەنزۇلارمۇ بىرئۆمۈر ئۈگۈنۈپ، يەنە بەزىدە "ماۋۇ خەتنىڭ مەنىسى نېمە؟" دىيىشىدۇ). ئۆتكەندە يېزائىگىلىك دىۋزىيىسىدىن بىرنەچچەخەنزۇ بىزنىڭكىگە خىزمەت بىلەن كەلدى، ئۇلاربىلەن ئىككى كۈن بىرگە بولدۇق. ئەتىسى ئىشخانىمىزدىكى بىرى ماڭا « يېزائىگىلىك دىۋزىيىسىدىن كەلگەن بىرى بۈگۈن ئەتىگەنلىك تاماقتا يەنە سېنى " بۇكىشى زادى راسىت ئۇيغۇرمۇ، دەسلەپ خەنزۇمىكىن دېسەم چىرايى سەل ئوخشىمايدۇ، خۇيزۇمىكىن دەپتىمەن، نېمەئۈچۈن خەنزۇتىلىنى بەزى خەنزۇلاردىنمۇ ياخشى سۆزلەيدۇ؟" دەپ ئىككى قېتىم سوراۋاتىدۇ... » دەپ كۈلدى.
9 n4 t& ~) N/ M% Q3 \0 H5 w/ Mمەن ئىككى خىل تىلنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇئىككى خىل تىلنى سېلىشتۇرىمەن. ئۇيغۇر تىلى ھامان ماڭا شۇقەدەر يېقىملىق ، گۈزەل ۋە پاساھەتلىك بۇلۇپ تۇيۇلىدۇ. خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە رۇمانلارنىمۇ كۆپ ئۇقۇيمەن، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە رۇمانلار يەنە شۇقەدەر چۈشۈنۈشلۈك، جەلىپكار، ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرى تۇيۇلىدۇ. خەنزۇچەئەسەرلەر ئىچىدىن  يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدەك ماڭا ياققان ئەسەرلەرنى تېخى كۈرۈپ باقمىدىم. بىرخەنزۇ خىزمەت دېشىم ماڭا «مەن خەنزۇچىغاتەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر ماقال- تەمىسللىرىنى ئۇقۇدۇم، مەنىسى كارامەت چۇڭقۇر ئىكەن، بىزدە شۇنداق ماقال- تەمسىللەر ئازئىكەن ...» دېگەن ئىدى. ئۆتكەندە خەنزۇچە مۇنبەردىن «دۇنيادىكى ئۈگۈنۈش ئەڭ قىيىن بولغان ئون خىل تىل باھالاپ چىقىلدى، بۇنىڭ بىرى خەنزۇتىلى بولدى» دېگەن خەۋەرنى كۆردۈم.: C1 Q5 E$ [, x) x9 O
«ھۈسۈپ خاس ھاجىپ»مەقبەرىسىنى كۆردۈم، كۆزئالدىمدا تۇلۇمۇ بەھەيۋەت بولغان، قەدىمى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ نەپىس ھۈنەر سەنئىتىدىن دالالەت بىرىپ تۇرغان بىر نامايەندە تۇراتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەققاشلار قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ كۆركەم چاقنايتى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ سەلتەنەتىدىن چۇڭقۇر خىياللارغا غەرىق بولدۇم. كىيىن شەندۇڭ ئۆلكىسىگە بارغاندا مەكتەپتەئۇقۇغاندا دەرسلىكلەردىن كۆرگەن داڭلىق تەيشەن تېغىغا چىقتۇق، كوڭزا ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەمما «ھۈسۈپ خاس ھاجىپ» مەقبەرىسىنى  كۆرگەندىكىدەك ھاياجان مەندە ئەسلا كۈرۈلمىدى.
, l; ^' \5 }. _) R& T, c8 T  O2 Dكىچىكلا ۋاقتىمدا يەردىن بىرتال تاماكا تېپىۋېلىپ، ئۆيدىن سەرەڭگە ئېچىقىپ، بالىلاربىلەن چەكمەكچى بولدۇم، راسا شۇراپ، تاماكا ئىسىنى قوۋزۇمغا لىق تولدۇرۇپ تۇرغان شۇمىنۇتتا، ئاپام چىقىپ قالدى، تاماكائىسىنى ئاغزىمدىن چىقىرالماي غىدىق-بىدىق بۇلۇپ، ئاخىرى چىدىيالماي، ئاغزىمدىن «پۇررىدە» قىلىپ قۇيۇق ئىس چىقىپ كەتتى، ئاپام كېلىپ بىرنەچچە شاپىلاق سېلىۋەتتى، كەچتە ئۆيدە راسا تەربىلەندىم. تاماكىنىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن. خىزمەتكە چىقىپ «ياشلىق بەڭۋاشلىق» دەپ بىريىل ھاراق ئىچىپتىمىز. بىريەكشەنبەكۈنى ئۈچ مەسىتنىڭ بازارغاكىرىدىغان ئېغىزدىلا ياتقىنىنى كۆردۈم، بىرى ئىشتانغا سىيىپ ھۆل قىلىۋىتىپتۇ، يەنە بىرى شەپكىسىگە قۇسۇپ قۇيۇپتۇ، ئۈچۈنجىسىنىڭ ھالى تېخىمۇ كىشىنى سەسكەندۈرەتتى، كىم قىلغان، بىراۋ بۇ مەستنىڭ ئىشتىنىنى تىزىغىچە سالدۇرۇپ، ساغرىسىغا يۇغان تۈكۈرۈپ قۇيۇپتۇ، تۈكۈرۈك ساغرىسىدا ساقىپ قالغان ئىكەن. بىزبىرنەچچە دوست شۇكۈنىلا ھاراق ئىچمەسلىك ئىرادىسىگە كەلدۇق. چۈنكى مەسىتلىكنىڭ بۇدەرىجىدە كىشىنى نابۇت ۋە خار قىلىدىغىنىنى ئۆز كۈزىمىز بىلەن كۆرگەن ئىدۇق. شۇندىن تارتىپ دوست- بۇرادەرلەرغۇ بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلدى، ئەمما نۇرغۇن  باشلىقلارنى رەنجىتتىم، زىيانمۇ تارىتتىم، ئەمما ھاراقنى ئاغزىمغا ئالمىدىم. بېسىمدىن قورقۇپ قالمىدىم. 9 ^2 A  X! ^$ A; S3 H
دېمەك «مىنكاۋخەن» بۇلۇش بىلەن مىللى ئەخلاق، ئۆرىپ-ئادەت، ئىمان- ئىتىقاتلىق بۇلۇش بىر-بىرىگە زىت ئەمەس. «مىنكاۋخەن» لەرمۇ قۇيۇق مىللى كىملىك ئېڭى، ئۆرىپ-ئادەت ۋە ئىمان- ئىتىقاتلىق بولسا بولغىلى بۇلىۋىرىدۇ.  گەپ شۇنداق ئاڭنىڭ بار-يوقلىقىدا ۋە ئاتا-ئانىنىڭ شۇنداق تەربىلەش- ياكى كارى بولماسلىقتا.
; i" {  j+ c1 [  Xخەنزۇتوربېتىدىن مۇنداق ھېكايەتنى كۆردۈم: جەنۇبى-شىمالى سۇلالىلار دەۋرىدە لىيۇيىلۇڭ ئىسىملىك بىر پادىشاھ بۇلۇپ(پادىشاھ بولغاندىن كىيىن ئۈزىنى "سۇڭ ۋىن دى" دەپ ئاتىغان)، كىچىكىدىن ئاپىسى بىلەن كۆپ ئازاپ تارتىپ چوڭ بولغان، كىيىن پادىشاھ بولغاندىن كىيىن، ئاپىسىنىڭ ئۈزىگە سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە تەشەككۇر ئېيتىش ئۈچۈن ئاپىسىغا ئاتاپ چوڭ قەسىر ياساتقان، ئاپىسىنى شۇقەدەر ياخشى كۆرگەن، ئەمما ، ئاستا-ئاستا بۇخىل ياخشى كۈرۈش، ئەر-ئاياللىق ياخشى كۈرۈشكە ئايلانغان ۋە بارغانسىرى قۇتىرىغان، شۇنداق قىلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ئاپىسى بىلەن ئاشنا بولۇپ ئۆتكەن ( http://kzone.kuwo.cn/mlog/u49722289/article_2358336.htm  مۇشۇ تارىخى ۋەقە بايان قىلىنغان توربەت ئادىرىسىنى دەلىل سۈپىتىدە قۇشۇمچى قىلدىم). ئىمانسىزلىق بەلكى بۇخىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلىقنىڭ ئاساسى سەۋەبى بۇلىشى مۇمكىن. 0 w4 R, r* Q( I
قوشنىمىزنىڭ خەنزۇچە تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە كەتكىلى بىريىل بولغان بىرقىزى بار، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بىرئىش بىلەن بۇقوشنىمىزنىڭ ھويلىسىغا كىرسەم، قىز ھويلىدا پۇتىنى داسقا چىلاپ يۇيۇپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئەمدى نېمە دەي، قىزئىككى پۇتىنى يۇغان كەرىۋاپتۇ، يۇپكىسىنى بىلىگە تۈرۈپ قۇيۇپتۇ، قۇلاققا تىڭشىغۇچ سېلىۋاپتۇ، ئىڭىشىپ ئولتۇرغان قىزنىڭ خۇددى خىل قۇيۇلغان ئۆپكىدەك كۆكسى ياقىسى كەڭرى مايكىسىدىن چىقىپ قاپتۇ. ئىشىكتىن شۇنداق كىرگەن ئادەم، بۇنىڭغا تۇيۇقسىزلا كۈزى چۈشۈپ قېلىشى تەبىئى ئىدى (ئاپتۇر بۇنداق قىزلارنى يېزىشقا ھېرىسمەن ئەمەس ،ئەسەرئىھتىياجى تۈپەيلى ئەينەن يېزىشقا توغرا كەلدى، تورداشلار ئەپۇ قىلارسىزلەر)، قىزنىڭ ئاپىسى بولغان ئادەممۇ، دادىسى بولغان ئادەممۇ بىخىرامان چەتتە ئولتۇراتتى. پاتاڭلىرىمغىچە قىزىرىپ، تەمتىرەپ ، خۇددى بازاردا ئىشتىنىم سېلىنىپ كەتكەندەك بىرخىل ئېيتىپ بەرگۈسىز نۇمۇس ئىچىدە قوشنامغا دەيدىغان گەپنى ئىتتىك قىلىۋىتىپ، چىقىپ كەتتىم. پات-پات شۇ قىز ئىسىمگە كېلىدۇ ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ زادى نېمە ئويلىغىنىنىڭ تېگىگە يىتەلمەيمەن. يەنەتۇرۇپلا مۇنداق ئويلايمەن، بۇقىزدا نېمە گۇناھ، چۈنكى بۇقىز شەرمى-ھايا، ئىمان- ئىتىقات تەربىيىسىنى كۆرمىگەن، باشقا بىرخىل  قىممەت قارشىنى سىڭدۈرگەن تۇرسا. يازنىڭ كۈنلىرى خەنزۇ ئاياللارنىڭ نىپىز ۋە يوقنىڭ ئورنىدىكى كىيىملىرىنى كۈرىمىز، قوشنىمىزنىڭ بۇ قىزىمۇ شۇخەنزۇقىزلاربىلەن كىچىكىدىن تارتىپ بىرگە چوڭ بولغان ۋە شۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى قۇبۇل قىلىغان تۇرسا. ئانىسى بولغان ئادەم بۇقىزنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىمان ۋە شەرمى-ھايالىق قىلىپ تەربىلەپ، ئائىلە تەربىيىسىنى تۇتمىغاندىكىن، بۇقىز شۇنداق چوڭ بۇلىدۇ-دە.7 X+ O/ l$ s  ~, }
ئەلبەتتە، «مىنكاۋخەن» دېگەن گەپ چىقىپ بولغىچىلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرتاياقتا ھەيدەشكە بولمايتى. بۇلتۇر بىردوستۇم ماڭا تىلفۇن قىلىپ « ئوغلۇمنى مۇئەللىمى گىرىم قىلىپ كەلمەپسەن دەپ تىللاپتۇ، خاپا بۇلۇشۇپ قالدۇق، باشقا سىنىپقا ئالماشتۇرۇپ قويساڭ بوپتىكەن» دېدى. ئۇقسام، بالىلار بايرىمىغا نۇمۇر تەييارلاپتۇ، شۇكۈنى ئۇقۇتقۇچىسى ھەممە بالىلارنىڭ گىرىم قىلىپ كېلىشىنى، ۋەبىرخەنزۇ قىزنىڭ گىرىمىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، مۇشۇقىزدەك گىرىم قىلىش (چاچنى سېىرىقتا بۇياش، ئۇغۇللارمۇ قاش-كۆزگە تۇلۇق گىرىم قىلىش، لىۋىگە لەۋسۇرىقى سۈرتۈش...) نى تەلەپ قىپتۇ. دوستۇمنىڭ ئايالى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلى بالىسى خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇيتى. ئەمما ئۇلار باللىرىنى شۇنداق ئەدەپ- ئەخلاقلىق، قائىدە-يۇسۇنلۇق تەربىلىگەن ئىدى. بايرام كۈنى دوستۇمنىڭ ئوغلى قاتارلىق بىرنەچچە ئۇيغۇر ئۇغۇل بالا ھېچقانداق گىرىم قىلمايلا بېرىپتۇ، مۇئەللىمنىڭ تەنقىتىگە قايىل بولمىغاچقا، دوستۇمنىڭ ئوغلى مۇئەللىم بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ، كىيىن دوستۇممۇ« چوڭ بولغان ئۇغۇل بالىمۇ شۇنداق گىرىم قىلامدۇ؟...»دەپ ئارىلىشىپ قاپتۇ، شۇڭا ئاچچىقىدا ماڭا تىلفۇن قىلغان يىرى ئىكەن. دېمەكچى بولغۇنۇم، خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلارنىڭ ھەممىسىمۇ ھېلىقىدەك «غىتمەك،كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ماز»لاردىن ئەمەس. ئۇلار ئىچىدىمۇ ياخشى ۋە مۈنەۋۋەر بالىلار خېلى كۆپ. شۇڭا قارا-قۇيۇقلا  «مىنكاۋخەنلەر مىللى ئەخلاق ۋەتىل-يېزىقتا ئۇنداق بولدى، قىممەت قارىشى مۇنداق بولدى...» دەپلا ئەيىپلاۋىرىشنىمۇ قوللىمايمەن./ m% J; b6 v. s) W. `6 s
نەچچە يىل ئىلگىرى مىللى مەكتەپلىرىمىزدە ئۇلۇقلىرىمىزدىن مەھمۇت قەشقەرى، ھۈسۈپخاس ھاجىپلارنىڭ سۈرەتلىرى دەرىسخانلىلارغا چاپلىناتتى، بالىلار سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم، ناۋائى... لارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشنى بىلەتتى، ۋەھالەنكى ھازىرقى نۇرغۇن بالىلار بۇلارنى ئەسلا بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار لىبەي شىئىرلىرى، مىللى قەھرىمان يۆفىي دېگەنلەرنى ئۈگۈنىدۇ ئەمەسمۇ. دېمەك بالىلاردا ھېچ گۇناھ يوق .
1 U1 ^4 r8 D( m/ D«ھازىر خىزمەتچى قۇبۇل قىلىشتا ھەممىلا يەردە "خەنزۇتىل بىلىدىغانلار ئالدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ" دىيىلىۋاتسا، ئۇمۇمەن خەنزۇ تىلىنى بىلمەي خىزمەت تېپىپ جان باقماق تەس بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا...بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرمەي قانداق قىلىمىز؟» دېگەن گەپنىڭ چىقىشى تۇرغانلا ئىش.  مۇندىن كىيىنكى مائارىپ تەرەققىيات نىشانى جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بالىلارنى شۇخىل مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇش زاماننىڭ يۈنۈلىشى بۇلۇپ قالدى، مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئۇيغۇر باللىرى شۇخىل مائارىپنىڭ تەلىم- تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىشى نۆۋەتتىكى ۋە مۇندىن كىيىنكى مۇقەررەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇبالىلارنى ئىمان-ئىتىقات، شەرمى-ھايا، مىللى ئۆرىپ-ئادەت  جەھەتتىن تەربىيلەش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بۇرچى بۇلۇپ قالدى. (ئەلبەتتە، ئۈزى مىنكاۋخەن ئەمەس، ئەمما يەنە ئىتىقاتى سۇس، مىللى ئەخلاق قارىشى سۇسلارمۇ بار).
$ _: c4 O2 R. i6 N( }ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىلنى بىلىش ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئەھۋال، كۆپخىل تىللىق بولسا، ئۈزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇپ، ئىستىقبالىنى يۇرۇتقىلى بۇلىدۇ، جەمىيەتتە ئۈزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە ياراتقىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىنمۇ خەلقارادا شۆھرەت قازانغان نۇرغۇن ئالىم- تەتقىقاتچىلاربار، ئۇلار كۆپخىل تىللىق بولغانلاردۇر. ئەمما دېمەكچى بولغۇنۇم، خەنزۇ مەكتەپ (ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئۇقۇيدىغان ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) تە ئۇقۇشقا ئەگىشىپ، مىللەت، تىل-يېزىق، ئۆرىپ-ئادەت، كىملىك ئېڭى، ئىتىقات جەھەتتىن يىراقلاپ كىتىشنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمەن. مانابۇ دەل مەن دېمەكچى بولغان مەسلە. يۇقۇردا ئىتىقاتسىزلىق، ئۆرىپ- ئادەتتىن ياتلىشىش قاتارلىقلارنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرمەكچى بۇلۇپ، ئانچە ئىلمى ۋە چۇڭقۇر بولمىسىمۇ ئۈزۈمنىڭ كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.! y$ J+ D! K/ ]" H
«كىچىك مىنكاۋخەن» ئۇكا- سىڭىللىرىمىزتېخى كىچىك بولغاچقىمۇ، «مەن كىم، مەن كىمنىڭ ئەۋلاتى، مەن كىم بۇلماقچى...؟ »ياكى «مەھمۇت قەشقەرى  ۋە ھۈسۈپخاس ھاجىپ كىم، سادىر پالۋان ۋەنۇزۇگۇم قانداق ئادەم... ناۋائى شىئىېرلىرى قانداق...؟ » دېگەن سۇئاللارنى بىلمەيدۇ ئەلبەتتە، گەپ ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىللىرىدا  ۋە ئائىلە تەربىيىسىدە دەپ قارايمەن. ئەنەشۇنداق مىللى ئەنئەنە ۋە ئىمان – ئىتىقات تەربىيىسى كۆرمەي چوڭ بۇلۇپ قاتارغا قېتىلىپ كىتىۋاتقان «مىنكاۋخەن»  قىز- ئۇغۇللارنىڭ(ئىتىقاتى سۇس، ئۆرىپ-ئادەتنى بىلمەيدىغان باشقا بالىلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ئەلبەتتە) ئاتا- ئانىللىرىدىن شۇنداق سۇراپ باقاي: سىلەركىم، باللىرىڭلارنى كىم قىلىپ قانداق تەربىيەلەۋاتىسىلەر؟ ... بوپتۇ، بۇسۇئال بەلكى سىلەرگە خوشياقماس.  ماقۇل ئەمىسە، ئۇنداقتا گەپنىڭ ئۇچۇقىنىلار ئوتتۇرغا قۇياي، «جان باريەردە قازا بار»دەپ، بىرەر كېلىشمەسلىك بىلەن بىرسىڭلار قازا قىپكەتسەڭلا(ئەلبەتتە مۇنداق ئىشلاردىن خۇدا ساقلىسۇن، ھەممە كىشىنىڭ رىزقى كەڭرى، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي)، بۇ باللىرىڭلار بەلكى ئۇيغۇرچە ھازا ئېچىشىمنىمۇ بىلمەس، قەبرە بېشىڭلارغا چىقىپ، بىر-ئىككى ئايەت ئۇقۇپ، رۇھىڭلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتايوق، نېمە قىلىشىنى بىلمەي دۈگدۈيۈپ ئولتۇرار، ھەتتا قەبرە بېشىدا تاماكا چىكىپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشەر،  شۇنداق بۇلىشىنى سىلەر خالامسىلەر؟1 o7 Q9 _5 G9 D' s  q% d" J& [
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

8

يازما

217

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
32 سەر
تۆھپە
24 سەر
تىللا
122 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-5 14:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىريالكەن، مەنمۇ كۈرۈپ باقاي قېنى .

83

تېما

209

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3616 سەر
تۆھپە
1789 سەر
تىللا
945 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

ۋاقتى: 2013-6-6 22:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشا ئاللاھ ، قېرىنىدىشىم قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، بۇ تىما ھەقىقەتەن ئېسىلكەن ، بەك ياخشىكەن ، 0 s* m) {* I; V  q9 X

* z3 R6 Z6 [) k; S- rمۇشۇنداق مەزمۇنلۇق تىمىلارنى كۆپلەپ يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

83

تېما

209

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3616 سەر
تۆھپە
1789 سەر
تىللا
945 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

ۋاقتى: 2013-6-6 22:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   JASUS007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 22:56  
2 F. R; p  M1 u9 g9 F# o+ Q- V! s1 T# K6 E$ a3 Y" _
مۇشۇنداق تىمىلارنى داۋاملىق يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗