ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 1

سېرىق ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ب ...لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

61

تېما

76

يازما

1061

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
236 سەر
تۆھپە
203 سەر
تىللا
310 دانە
جەۋھەر
0 دانە
يانفۇن ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى
& M( T9 _1 x; l* }4 U4 Q; g  V; y0 a4 {1 ^( ^) t

3 N5 \2 }- l0 u+ Lئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق ئىتوت ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز 2011-يىلى10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېيجىڭنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلىدى ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
1 R/ O. M; r$ Y0 J ئەمدى كەچ سائەت ئالتە بولغان، لىكسىيەنىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر سائەت قالغان بولسىمۇ، لېكىن 200 كىشىدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان زال مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ھەم بېيجىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرى ھەتتا تىيەنجىندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى بايقىدى.بالىلار ئۆز-ئارا بۈگۈن ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشاتتى،ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدىكى قىزىق يەرلىرىنى دىيىشەتتى.يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بالىلار بۈگۈن بۇ داڭلىق ئىتوت ئارتىسى خەلققە تونۇلغان چولپاننى چۈشەنگۈسى،ئۇنىڭ  قىزىق-قىزىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ  تازا بىر پۇخادىن چىققۇدەك كۈلىۋالغۇسى بارئىدى.ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ساقلىغاچ زال ئېكرانىدا ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ «قېرىنداش»لار دېگەن ئىتوت قويۇلدى،كۆپىنچەيلەن بۇ ئېتوتنى ئىلگىرى كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئالاھىدە سورۇندا خۇددى نەق مەيداندا تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك كۈلكىنى تازا ياڭراق قويۇپ بېرىپ كۆرۈپ ئولتۇردى.شۇ ۋاقتتا ئابدۇكرىم ئابلىز ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئالغىنىچە سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى،گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى پۈتكۈل زالنى كۆتۈرۈۋەتتى.
5 ^, h& M- a# M" X
, r; u$ J( F. z! A, F2 a* Nسورۇننىڭ رىياسەتچىسى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىمام مۇئەللىم ئالدى بىلەن سۆز قىلدى:ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ شىنجاڭ ئىقتىساسلىقلارنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى تۈرى بويىچە بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىدا رىژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن،ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئىلىم تەھسىل»قىلىش ئۈچۈن  بىريىللىق كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
  s6 m6 ~5 `8 W
& g( W: w! J! x9 d8 X0 t- l: g5 z, c& nئابدۇكېرىمكا،ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!/ j5 ^9 ^+ I7 z6 p6 e
  - O! @' A$ l+ l1 b7 _
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى،بولۇپمۇ ئىتوتچىلىققا كىرىشىش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ 1989-يىلى،چولپانلار سەنئەت كېچىلىكىدە گاچا تىياتىر بىلەن ئىتوت  ھاياتىنى باشلىغانلىقىنى،تۇنجى ئىتوتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن «گاسنىڭ كىسەل يوقلىشى»ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى»نى يېزىپ چىققانلىقى،لېكىن ئۇنى ئويناشتا ناھايىتى ئىككىلەنگەنلىكى،«ئەسلىدە قويۇلىدىغان ئۈچ مەيدان بار ئىدى-دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىز-لېكىن ئالدىنقى ئىككى مەيدانغا بۇ ئىتوتنى ئەچقالمىدىم،خەلقنى نېمە دەپ قالار دەپ  قورقتىم،ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا،بوپتىلا مۇشۇنى ئويناپلا قېچىپ كېتەي ئويلاپ بۇ ئېتوتنى ئوينىدىم ،لېكىن بەك مۇۋەققىپىيەت قازاندى،پۈتكۈل شىنجاڭدا ئويناپ چىقتۇق»ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇشۇ ئېتوت ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونوپ يەتكەنلىكىنى،كېيىنچە بۇ ئىككى ئېتوتنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. 4 g- }% H; e) }6 C2 E
ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندا ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن ئېگەللىشىچە، ئابدۇكېرىم ئابلىز ھازىرغىچە 100 ئەتراپىدا ئېتوت يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ياخشى ئارتىس دەپ قارايدىكەن لېكىن ياخشى ئېتوت يازغۇچىسى،رىژىسسور دەپ قارىمايدىكەن،«بىزنىڭ ئىتوتچىلىقىمىزدا يازىدىغان ئادەم كەم،شۇڭلاشقا مەن يېزىپ قالدىم ».بۇ قېتىم رېژىسسورلىقتا ئوقۇشنىڭ سەۋەبى،گەرچە ھازىر ئۆز ئىتوتلىرىغا ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن سەھنىدە تۇرۇپ ئىتوتتىكى خاتالىقلارنى بايقاش تەس ئىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن رېژىسسولىقتا كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ئوقۇشنى تاللاپتۇ.
- k* L" H9 m3 B& P1 m4 |! I( t5 ?$ @# j6 N0 i) @- ^* B% a
ئابدۇكېرىم ئابلىز يەنە ئۆزىنىڭ ئېتوت ئىجادىيىتى توغرۇلۇق سۆزلىدى:«مەن يازغان ئېتوتلار پۈتۈنلەي قامچا،ئادەمگە ئۆزىنىڭ يۈزىدىكى قارىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەك بولمىسا بولمايدۇ».«سەنئەتتە مىللىي خاسلىق يوقۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ،ئۆزىمىزگە يېقىن تېمىنى سەھنىگە ئاچىقساق ئۇنى خەلق ئالقىشلايدۇ».
0 j) }( N+ G" `" t6 q/ I  ئابدۇكېرىم ئابلىز كۆپ لىكسىيە سۆزلىمىدى،ئۇ  مەيداندىكىلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى،بۇ ھەممەيلەنگە كۆڭلىگە بەك ياقتى،چۈنكى ئۇنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بولمىش مەيداندا ئولتۇرغان ساۋاقداشلانىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئاللىرى بەك كۆپ ئىدى7 Z: k; H8 r0 B8 t" w
ئابدۇكېرىمكا،جاپا چەكتىڭىز!
3 B$ j4 N; n% h2 \5 u, z, O( u5 y& r+ K. |& o# ]
ئابدۇكېرىم ئابلىز بۇ قېىمقى ئېتوت كېچىلىكىدە نېمە ئۈچۈن ئېتوتلارنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى،ئەسلىدە ئېتوت كېچىلىكىدە 10 ئېتوت ئويناش پىلانلانغان بولۇپ،لېكىن ئېتوت كېچىلىكىنىڭ ۋاقتى بىلەن «ئانارخان»فىلىمىنىڭ سۆرەت ئېلىنىشنى باشلاش ۋاقتى تەڭ ۋاقىتتا،6-ئاينىڭ1-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قالغان.«بىرسى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسىنىڭ ئىشى، قىلمىسام قەتئىي بولمايدۇ،يەنە بىرى ئاللىقاچان تەشۋىق قىلىنىپ بولغان كېچىلىك،ۋەدە بېرىپ قويغان خەلق»شۇچاغلاردا «ئانارخان»فىلىمى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنغان،شارائىت سەۋەبىدىن ھەركۈنى ئەتىگەن تۆت يېرىمدىن بەشگىچە،ئۇ فىلىمدە رول ئېلىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن  ئىككى يېرىم سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچىگە قايتىپ،كېچىلىككە قاتنىشىپ ئۇ تۈگىگەندىن كېيىن يەنە تۇرپانغا قايتىپ،كۈنىگە ئىككى سائەت ئۇخلاپ يەتتە كۈندە تۈگەتگەن،ئاخىرىدا ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتكەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم ئېتوتلار ئاز بولۇپ قالغان.«مەن قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن»دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىز.
7 b6 }2 @/ f+ e- [
% {' L% r: r6 T& c. w* U«مەن بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن ئارام ئېلىپ قالدىم،4-ئايدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆيدە تۇرغان ۋاقتىم 15 كۈنگە يەتمەيدۇ،8-ئايدا بىر يېڭى كىنو سۈرەتكە ئېلىش باشلاندى،مەكتەپكىمۇ بىر ئاي كېچىكىپ كەلدىم،باشلىقلار مېنى ئوقۇغاچ دەم ئالسۇن دىگەنمىكىن دەيمەن»دېدى ئۇ
1 d! e9 ^, e9 ?

ئابدۇكېرىمكا،يارايسىز!


6 [+ `7 Z6 G1 o1 p9 j% s) t4 T6 U3 L9 N4 F1 D
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ ئېتوتچىلىق ھاياتى توغرۇلۇق سۆزلەپ«مەيلى بىزقايسى كەسىپنى ئىگەللەيلى،ئىرادە،تىرىشچانلىق،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بولغاندا چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ»دېدى. & W* a. ~( m, K! h4 \7 E. `

+ {3 B! S! m4 e5 bبىرەيلەن «سىيت نوچى»دېگەن ئېتوتنى ئويناش سەۋەبى ۋە ئىلھامىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىدى،ئابدۇكېرىم ئابلىز:«ھازىر ئۇيغۇر دىراممىچىلىقى ئاساسەن نۆلگە چۈشۈپ قالدى،سەۋەبى دىرامما خەلق تۇرمۇشىدىن چەتنەپ كەتكەچكە،تاماشىبىنلار ئىتتىرىپ قويدى،بىز خەلققە ياخشى نەرسىلەرنى بېرەلمىدۇق.بۇ قېتىم مەقسىتىم كىشىلەرگە بىر ئاددىي دىرامما سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش،نەق مەيداندا تاماشىبىنلار ئاۋۋال ئۇنى ئىلگىرى ئېتوتلاردەك كۆرۈپ ئۆزىنى كۈلكىگە زورلاپ باقتى،لېكىن كېيىنلا ئىچىگە كىردى»دېدى.ئۇ يەنە قىزىقچىلىق قىلىپ«ئىككى يىلنىڭ ياقى كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ئىزدەندىم،سىيت نوچىنى ساۋاتسىز دەيتتى،قارىسام ساۋاتىسىز ئەمەس چىقىپ قالدى،شۇڭلاشقا ئۇنى ئاقلاپ قوياي دېدىم»دېدى.«يەنە بىر مەقسىتىم ھەريىلى بىر تارىخىي شەخىسنى تونۇشتۇرسام دەپ ئىشىكنى چېكىپ باقتىم»دېدى ئۇ تولۇقلاپ.
! C$ j4 L, }/ Z+ Y- C«مەن ھەريىلى بىر يېڭى نەرسىنى چىقارسام دېگەن ئۈمىدتە بۇلتۇر بەش ئابدۇكېرىم ئابلىزنى چىقارغان،بۇ يىل ناخشا ئېيتتىم،بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسام دەيمەن.ئۇ يەنە بىرقانچە قېتىم «سەنئەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاندا تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلالايدۇ»دەپ تەكىتلىدى. & @( F6 s6 W; s! ~" d, P

0 I- v! }( a7 e" E' Cئۇ ئىتوت تىلىنى قانداق يارىتىش ھەققىدە سۆزلەپ: «بىر تىل پىشىپ ۋايىغا يىتىپ مەي بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئويناتقىلى بولىدۇ،مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،قەشقەردىكى تىل مانا مۇشۇنداق تىل.مەن پاساھەتلىك تىللارنى ئىشلىتىپ باقىمىدىم،ھەممىسى دېھقانمۇ،كاسىپمۇ،كادىرمۇ چۈشىنىدىغان تىل»«مەن تىلنى خەلق ئىچىدىن ئالدىم،گەرچە مەن مەخسۇس تۇرمۇش ئۆگىنەي دىمىسەممۇ،لېكىن كېنو ئىشلەيمەن دەپ ھەريەرلەردە يۈرگەندىن كېيىن ئادەم ئۆگىنىپ كېتىدىكەن» , B' `9 r; f. \0 p9 y7 S2 f
, B2 V: k/ ?+ @3 h
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ئىتوتلىرىدىكى تەنقىدىي مەزمۇنلارنى دوراۋاتقانلىقىغا توغرىسىدا توختىلىپ:«ئادەملەرنىڭ100%ئىتوتلىرىمنى توغرا چۈشىنەلىشى،تەنقىدنى بىلەلىشى مۇمكىن بولمايدىكەن »دېدى.
1 z9 j, S0 r9 B' p  v: c, q; {2 @
; ^; R2 }6 e8 jھەربىر نەرسىنىڭ ۋايىغا يېتىدىغان،چېكىنىدىغان دەۋرى بولىدۇ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە «مەن ئۆزۈمگە جازا تىكلىۋالمىدىم،ئەخلاقنى ئۆزۈمگە مىزان قىلىپ كەلدىم،40% سەھنىدە رولۇمنى جارى قىلدۇرسام ،60% ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم» يەنە ھەييارلىق بىلەن «شۇڭلاشقا پوككىدە چۈشمەي،سىيرىلىپ چۈشەمدىمەنمىكىن دەيمەن»دېدى.
- F' B# B* m# c& u0 B" {8 \, w( g# h5 h9 `7 u  w0 T; d( z! _6 a
ئابدۇكېرىمكا،يوقاپ كەتمەڭ!
7 t# ]( g4 ?: W( Eئابدۇكېرىم ئابلىز كەلگۈسىدىكى ئىتوت ئىجادىيتى ھەققىدە: «مېنىڭ كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان بىرىنچى تېمام،ھايۋان-بىز ھازىرغا كەلگۈچە بىرھايۋاننى چىشلەپ تارتماي تۇرۇپ تىللىشالمايمىز،مۇشۇ توغرىسدا بىر نەرسە يازاي دەيمەن.يەنە بىر تېما دوپپا،بۇ تېمىنى نەۋرۇزدا ئادىل مىجىتلار ئويناپ چىققان شۇڭا ھازىرچە قويۇپ تۇردۇم،لېكىن باشقا نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ يازماقچى .ئاندىن مەن ئوينىغان ھېلىقى مەككار سودىگەر،ئۇنىڭ ئاخىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.» & t: I6 X* f7 M
«ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى تۈگىدىمۇ؟»«ھەۋەسكار تۈگەپ كەتمەس،ھەۋەس ھەريىلى چىقىدۇ» % Z( ^6 F' ^; H- [+ v/ O0 i. F$ P! q

% U+ d' [3 B% Z( \1 v' a0 V# kئوقۇغۇچىلار يەنە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە يۈزلەندۈرۈش توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ: «مەن ھازىرچە شىنجاڭدىراق تۇرۇپ تۇرايمىكىن دەيمەن،مەن باشقا تىلدا ئىتوت ئوينىسام خۇددى ئاش ئوخشىمىسا ۋىيجىڭ سالغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ»
2 m, D) `5 Z  @2 n* Z
1 g8 R3 T' S* J7 B5 _4 wئۇ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ «گەرچە ئىتوتچىلىقتا باشقا يەرلەرگە يۈزلىنەلمىسەممۇ،لېكىن مەن كەلگۈسىدە رىژىسورلۇق قىلغان بىر-ئىككى فىلىم جوڭگۇدا قويۇلسا دەيمەن،بولمىسا نۇرغۇن ئىشلىرىمنى تاشلاپ،بىريىللىق ئاستى-ئۈستى كارۋاتتا ياتقىلى كەلمەيتتتىم»دېدى.
2 |" N0 x9 Z# F/ E* M1 u$ |7 y( O8 t2 [0 j

7 _( }$ k6 K* L, \& i9 v  D1 }# I7 Z- C
سەھنىدىكىدىن قىلىشمايدىغان ھازىر جاۋابلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ناھايتى ياخشى تەسىر قالدۇردى.سورۇن رىياسەتچىسى:ئابدۇكېرىم ئابلىز بۇ بىر يىل يەنە بېيجىڭدا بار ،يەنە قايتا كۆرەلەيسىلەر، دەپ يۈرۈپ بالىلارنى ئارانلا ماقۇل قىلىپ پائالىيەتنى ئاياغلاشتۇردى.ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ،ئۇنى قويۇپ بەرمەي ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن بىرگە  سۈرەتكە چۈشۈشى، تاكى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەپ بولۇپ مىڭىشلىرى بىلەن يولدىن ئۆتۈۋاتقان باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيرانلا قالدۇردى.- E  ~. j3 O6 h$ T9 M
9 F* y9 [1 o+ C" `
ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ئىتوتچىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئوي-پىلانلىرى بىزنى ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى،كىنوچىلىقىدا ئۈمىد زورلىقى،ئابدۇكېرىم ئابلىز ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىزغا ئوخشاش سەنئەتكارلىرىمىز بولسىلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندۈردى.' u6 T" T/ l8 ]) H$ ~+ a6 B
بىز ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بېيجىڭدىكى بۇ بىر يىللىق ئۆگىنىشىنىڭ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ھەم كىنوچىلىقىغا يېڭى قان،يېڭى مادار بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەمدە زور مۇۋۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز! $ P+ E" k5 k  @2 K8 h6 P  `- W
, F* e  @% l% C/ `7 c2 M& q

( Y& v0 n6 i; c. R
0 v8 k$ D6 I" h8 `رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2013-9-10 13:07:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، داۋاملىق تېرىشىڭ....   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗