ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 868 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 0

ئوقۇتقۇچلار نىمە ئۇچۇن كەسىپتىن بىزار بولد ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

يازما

32

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
8 سەر
تىللا
5 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ئۇيغۇر
ئوقۇتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن كەسىپتىن بىزار بولىدۇ؟

, X) w' h/ O8 Y2 |1 q 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپتىن زېرىكىشى مائارىپتىكى دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ قالدى. كەسىپتىن زېرىكىش ھادىسىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقى، ئوقۇتقۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا غايەت زور تەھدىت سېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا%86 ئوقۇتقۇچىدا يېنىك ھالدىكى خىزمەتتىن بىزار بولۇش، %58.50 ئوقۇتقۇچىدا ئوتتۇراھال دەرىجىلىك خىزمەتتىن بىزار بولۇش، %29 ئوقۇتقۇچىدا خىلى ئېغىر دەرىجىدىكى خىزمەتتىن بىزار بولۇش ئەھۋالى ماۋجۇت بولۇپ، ھەر 10 ئوقۇتقۇچىنىڭ 3دە خىزمەتتىن بىزار بولۇش ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ساقلانماقتىكەن. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپتىن زېرىكىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئورتاق بىر خىل تۇنۇشقا كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپتىن بىزار بولۇش ھادىسىسى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەت بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، يۇلۇققان مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلالماي، ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى  توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، ئۇزاق مەزگىل قېيداش، ھالسىزلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىغان بىر خىل پاسسىپ ئىنكاستىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق يوقۇرى بېسىم ھالىتىدە خىزمەت قىلغاچقا ئۇلارنىڭ كەيپىيات، پوزىتسىيە، ۋە ھەركىتىدە خىزمەتتىن بىزار بولۇش، كەسىپتىن رايى قايتىش، ھاياتتىن مەنىسىزلىك ھېس قىلىشتەك پاسسىپ ئىنكاس شەكىللىنىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە رۇشەن چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى، ئوقۇتۇش سەنئىتى، خاراكتېر بىنورمالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.7 h" }3 E1 j" ?2 \" _- U
كەسىپتىن زېرىككەن ئوقۇتقۇچىلاردا ئورۇنسىز ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىش، دەرد-ئەلەمدە پۇچلىنىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشىيەلمەسلىك، تۇرمۇشقا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، كىشىلەردىن يىراقلىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىماسلىق، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەسىپداشلىرىنى مەسخىرە قىلىش، مەكتەپتىن قۇسۇر ئىزدەش، مەكتەپتە ئۆتكەن ئۆمرىگە ئېچىنىش، ئۆزىنى تۈۋەن كۆرۈش، دەرسخانا مۇنبىرىدە ئۆزىنى لاياقەتسىز ھېسابلاش، مۇئاش، ئۇنۋانىنىڭ تۈۋەنلىكى سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ قابىليەتسىزلىكىدىن كۆرۈش، جاھانسازلىققا ماسلىشالماسلىقىنى ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقى، بولۇمسىزلىقى، ئىتىدارسىزلىقىنىڭ ئالامىتى قىلىۋېلىش، نەتىجىدە، بارا-بارا مىسكىنلىشىپ، ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشتەك ناچار پىسخىك ھالەت شەكىللىنىدۇ.
1 ^! {: G9 Q% _& Iئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپتىن بىزار بولۇشى رېئال مەسىلە بولۇپ ئۇنىڭ كونكېرت ئىپادىلىرى تۈۋەندىكە:
8 B" q6 Z* O+ `* _كەيپىيات ئامىلى) M0 m* p  @$ ^- ?1 ~
بىرىنچى، بۇرۇختۇملۇق: ھېسسىياتى پاسسىپ ۋە داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇزاق بولىدۇ، كەمسۆز، مىسكىن، باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچارۇپ يۈرىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىنى مۇۋاپپىق بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.0 u: K( U5 u- M, n8 U, Z5 q! ~6 [
ئىككىنچى، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش:گۇمانخور، ھەسەتخور، جىمغۇر بولۇپ قالىدۇ، رەھبەرلەر، كەسىپداشلىرى، ئوقۇغۇچىلار، جۆرىسى، ھەتتا قەدىناس ئاغىنىلىرىنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان سۆزلىرى ۋە ئادەتتىكى ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە ئېلىۋالىدۇ.، دائىم خۇدۈكسىرەپلا يۈرىدۇ.5 E7 l: J# a1 q" @
ئۈچۈنچى، تۇتامى يوق بولۇپ قېلىش:كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ ئۆزىگە ئۆزى ئاچچىقلىنىدۇ، تۇرۇپلا خوش بولسا، تۇرۇپلا خاپا بولىدۇ. نېمىدىن خوش بولغانلىقىنى ۋە نېمىدىن خاپا بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.7 d2 |! R4 u4 _
تۆتىنچى، سوغۇق مىجەز بولۇپ قېلىش:ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنسىز ئەيىپلەپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.- Z' B# N( [$ ^; O) C
بەشىنچى، بېكىنمىچىلىك: كەسىپداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمايدۇ، قىزغىن پاراڭلاشمايدۇ، كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يوقىتىپ قۇيىدۇ، نىسبىي بېكىنمە ھالەتتە بولىدۇ.' S& e+ b+ O$ H8 [& ]( @
ئالتىنچى، ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىش: تۇرمۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ، يېقىن دوستلار ئۇچرىشىشلىرىدا ئۆزىنى تولىمۇ تۈۋەن تۇتىدۇ.8 w* k+ V- Z3 M) L! l7 ?  V
ھەرىكەت ئامىلى5 v7 c  w  K; q, E; a% h4 N
بىرىنچى، ھالسىزلىنىش: روھسىز، ئۈمىدسىز، چۈشكۈن بولۇپ، ئوڭايلا قىيىنچىلىققا پېتىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، دەرسنى ياخشى ئۆتۈشكە ئىشەنچىسى بولمايدۇ، ئاسان چارچايدۇ، ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، بېشى ئاغرىپ تېنى بوشىشىپلا تۇرىدۇ.
! j0 _* ~- ?1 {* s' s0 B6 S, ~6 Aئىككىنچى، قارىسىغا ئىش قىلىش:ئوبدان ئويلىنىپ كۆرمەيلا قارىسىغا ئىش قىلىدۇ، قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىنىچكە ئويلانمايدۇ.
/ {4 J% c5 }# g) x5 V8 Vئۈچۈنچى، خاتىرجەمسىزلىك: ئىچى تىتىلدايدۇ، دىققىتى ئاسانلا چېچىلىدۇ. خىزمەت ئۈنۈمى تۈۋەنلەپ كېتىدۇ، ئىشنى چالا قىلىدۇ، تېز قىزىپ، تېز سوۋۇيدۇ.  d/ B# r5 J+ A! e; f$ x
تۆتىنچى،ئېرىچەكلىك: ئوقۇتۇش خىزمىتىگە دائىر خىزمەتلەرنى قىلغاندا، دەرس تەييارلىغاندا، تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندە، ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا تەشەببۇسكار ئەمەس، سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش قىلىدۇ. تۆھپە قۇشۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، ئەمما، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قۇيۇشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ.. q; t3 M7 @2 t8 P/ a- a$ Q' J
بەشىنچى سەپرا مىجەز بولۇپ قېلىش: دائىم ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىدۇ، ھە دېسىلا چېچىلىدۇ، ئۆزىنى باسالماي چالۋاقايدۇ.0 O2 ^' G" v0 t
ئالتىنجى، خىزمەتنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدۇ: ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، ھەق تۆلەش، سىنىپنى بېزەش، تازىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىنىپ كادىرلىرىنى تەيىنلەش... قاتارلىقلانى ئاندا-مۇندا قىلىپلا سىنىپ باشقۇرۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.5 Q$ O" z3 n$ z
يەتتىنچى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇش: دەرسخانىدا ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدۇ، ئازغىنە نەتىجىسىنى كۆپتۈرۋېتىشكە، لاپ ئۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۇچۇرغانلا يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ چالۋاقايدۇ،ئورۇنسىز سۆزلەرنى قىلىدۇ، بەزىلىرى شاللاق سۆز ھەرىكەتتە بولىدۇ، بىلىمى ئاز، ئۇستازلىق سالاھىيىتى بولمايدۇ.
7 h8 y8 g4 t5 k& a& D  kيوقۇرىقى كەيپىيات،ھەرىكەت ئامىللىرىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئوقۇتقۇقچىلاردىكى كەسىپتىن بىزار بولۇش خاھىشى كۆپ خىل سەۋەبلەرگە باغلىق بولۇپ، مۇھىمى خىزمەت بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل پاسسىپ ئىنكاس. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى مۇۋاپپىق يېنىكلىتىش،  ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جاپالىق ھەم شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۇمانىزملىق ھېسسىياتىنى قوزغاش، توغرا ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كەسىپچانلىقىنى كۈچەيتىش مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى،  مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بېسىم مۇۋاپپىق بولمايدىكەن قۇتلۇق سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكىگە ئوڭۈشلۇق يېتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.
; `# B" n7 R. I& n- m: J0 R/ R- V, T9 L5 @; |
% A) h& R, _* e0 p- ]
ئاندىرويىد ئەپنى چۈشۈرۇڭ5 Q1 O  C  T' g. b5 ~$ a1 a5 ]% K

: q# ~1 B5 ^. \+ _
ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗