مائارىپ
< تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق >دېگەن پائالىيەت دەرسىنىڭ مۇلاھىزىسى
مېھرىگۈل ئابدۇل
(پىچان ناھىيە دىغار ئۈمىد مەكتەپتىن )
دەرسلىكنىڭ ئورنى ۋە رولى
بۇ پائالىيەت دەرسى – باشلانغۇچ مەكتەپ ئونىۋىرىسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسىنىڭ 3- يىللىق 2-قىسىم دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ پائالىيەت دەرسىدە – تەكشۈرۈش ، زىيارەت قىلىش ، ئوچۇر توپلاش ، قول سىلىپ ئىشلەش ، مۇھاكىمە قىلىش ئوسۇللىرى ئارقىلىق پەنلەر ئوتتۇرسىدىكى مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆز –ئارا ئۆتۈشۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئونىۋىرىسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تورمۇشىغا ، تەبئىي مۇھىتقا ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق توغۇرىسىدا قاراشلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، كىچىكىدىن باشلاپلا تىرىشچان ، ئىقتىسادچىل بولۇش، مۇھىتنى ئاسراش توغرسىدا تەربىيە بەرگىلى بولىدۇ .
بۇ پائالىيەت دەرسىنىڭ جەريانى – ئونىۋىرىسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش تەلپى پائالىيەت مەزمونى ۋە ئوقۇغۇچىلار نىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك لاھىيلەندى .
1 . دەرسكە باشلاپ كىرىشتە كۈزىتىش ، بايان قىلىش ئوسۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
ئوقۇغۇچىلار ئاسما رەسىمدىن كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . بۇ ئوسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، تور مۇشتىكى ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق ،دەرسكە تەبئىي باشلاپ كىرىپ ، تورمۇشتىكى ئىسراپخۇرلۇق ھەققىدىكى دەسلەپكى قارشى قوزغۇتىلىدۇ.
2 . كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بايان قىلىش ، مېڭىسى ، سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشقا سىلىپ ، ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ.بۇ ئوسۇل ئارقىلىق ئجتىمائىي تورمۇشىمىزدىكى ئىسراپخۇرلۇق قاراشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، كىچىكىدىن باشلاپلا تىرىشچان ، ئىقتىسادچىل بولۇش،مۇھىتنى ئاسراش توغرسىدا تەربىيسىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
3 . تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ، ئىتۇت ئورۇنداش ، شئىر ئوقۇش ۋە تەسىرات سۆزلەش ئوسۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
ئاشلىقنى خارلىغانلىق، ۋاقىتنى قەدىرلىمىگەنلىك ،سۇ ۋە توكنى تىجىمىگەنلىك ، پۇلنى بوزۇپ – چاچقانلىق ھەققىدە تەھلىل قىلدۇرۇش ۋە ،ئىتۇت ئورۇنداش ، شئېر دىكلىماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ، كىچىكىدىن باشلاپلا تىرىشچان ، ئىقتىسادچىل بولۇش،مۇھىتنى ئاسراش توغرسىدا تەربىيسىگە ئىگە قىلىنىدۇ .
4 . تاپشۇرۇققا ئەتراپىڭىزدىكى ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرىنى
ئىنىقلاپ ، خاتىرە قالدۇرۇش ئورۇنلاشۇرۇلدى .
بۇ ئارقىلىق ، ئىسراپچىلىققا قارشى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرىنى توسۇش ، ئىسراپخورلۇق ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزىدىن كىچىكىدىن باشلاپلا تىرىشچان ، ئىقتىسادچىل بولۇش،مۇھىتنى ئاسراش توغرسىدا تەربىيسىگە ئىگە قىلىنىدۇ .
< تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق >دېگەن پائالىيەت دەرسىنىڭ مۇلاھىزىسى
پىچان ناھىيە دىغار ئۈمىد مەكتەپتىن:مېھرىگۈل ئابدۇل
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |