ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 1

كىنودەرس لاھىيەاسىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

يازما

46

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
6 سەر
تۆھپە
8 سەر
تىللا
24 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-14 20:57:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
3d تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق >دېگەن پائالىيەت دەرسىنىڭ دەرس پىلانى ۋە سائەتلىك پىلان ئۈستىدە مۇلاھىزىسى
مېھرىگۈل ئابدۇل
(پىچان ناھىيە دىغار ئۈمىد مەكتەپتىن )
                                    پائالىيەت نىشانى:  
1. ئوقۇغۇچىلارغا ئىسراپخورلۇقتىن كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ ئىختىسادچىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىڭىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئۇلارغا تىرىشچان ، ئىختىسادچىل بولۇشتەك ياخشى ئادەتنى ئۆگىتىش.
3. ئوقۇغۇچىلارغا ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىمان بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدۇرۇش .

پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى :
ئوقۇغۇچىلارغا ئىسراپخورلۇقتىن كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ ئىختىسادچىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش.

پائالىيەتنىڭ قىيىن نۇقتىسى :
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىڭىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئۇلارغا تىرىشچان ، ئىختىسادچىل بولۇشتەك ياخشى ئادەتنى ئۆگىتىش.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئوسۇلى :
1. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تۆت پارچە ئاسما رەسىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆزىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە يىتەكلەش .
2 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئىسراپخورلۇق ئىپادىلەنگەن رەسىملەر ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىشكە يىتەكلەش .
3 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا <  ئىسراپخۇرلۇق  > سۆزنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش .
4 . كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق ئىللەتلىرىنى بايقاش ، ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا بىۋاستە تەسىراتقا ، ئەمەلىيەت جەريانىدا مۇناسىپ بىلىمگە ئىگە قىلىشقا يىتەكلەش .
5 . كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنىسىسىدىكى رەسىملەر ئارقىلىق تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق ئىللەتلىرى كۆپىيىپ كىتۋاتقانلىقىنى بايقاشقا يىتەكلەش.
6 . كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنىسىسىدىكى رەسىملەر ئارقىلىق ئىسراپخورلۇق قىلمىشلىرى ئاشلىق ،  پۇل ، ۋاقىت  ، سۇ ، توك قاتارلىقلارنى بىھودە ، ھەددىدىن ئارتۇق پوزۇپ – چىچىش  ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىشكە يېتەكلەش .
7.  سوئال سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار تەپەككۈرىنى قوزغاشقا يېتەكلەش.
8.تەكشۈرۈش سۇئالى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسراپچىلىق قارشى تونۇشى ۋە كۆز قارىشىنى ئىگلەش مەقسىتىدە  پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش.
9.< ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق > تېمىسىدا ئىتوت ئورۇنداش .
10. ئوقۇغۇچىلارغا < ئاشلىقنى قەدىرلەش ،تىجەشلىك بولۇش >تېمىسىدا يازغانغان شئېرلىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىشقا يىتەكلەش .
11 . تەسىرات سۆزلەشكە يېتەكلەش.
12. مەكتەپ مۇھىتىنى تىخىمۇ ياخشىلاشقا يېتەكلەش.
پائالىيەت قۇراللىرى :
كىتاب ،ئاسما رەسىم ،  كۆپ ۋاستىنىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ، ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان ئىتوت ، شېئىر قاتارلىقلار.
پائالىيەت جەريانى :
پائالىيەتكە باشلاپ كىرىش
( ئاسما رەسىم، مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق پائالىيەتكە باشلاپ كىرىلىدى)
تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق
تۆت پارچە رەسىمدە كىملەر ؟ نىمە قىلۋاتىدۇ ؟
1_رەسىمدە ئالمىنى كۆرۈپ ، ناننى يەرگە تاشلىۋەتكەن.
2- رەسىمدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋىتىپ ، تاپشۇرۇق تۈگىمەي تۇرۇپ سوزۇلما توپ ئوينىغان .
3-  رەسىمدە مونچىغا چۈشىمەن دەپ مۇنچا سۈيى ، جۈمەك سۈيىنى ئوزۇن ۋاقىت خالىغانچە توختاتمىغان .
4- رەسىمدە توغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئارتۇقچە پۇل خەجلىگەن .بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بونداق قىلىشى توغرا بولمىغان.
بۇ خىل قىلىقلار ئاشلىقنى خارلىغانلىق، ۋاقىتنى قەدىرلىمىگەنلىك ،سۇ ۋە توكنى تىجىمىگەنلىك ، پۇلنى بوزۇپ – چاچقانلىق بولىدۇ.
بىز كىچىكىمىزدىن ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ بىر تال داننىمۇ ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ،بىر تامچە سۇنىمۇ ، بىر مۇ پۇلنىمۇ تىجەپ ، قەدىرلەپ ، ئاسراپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك .
بۇنىڭدىن باشقا ئىسراپچىلىق ئىللەتلىرى بارمۇ ؟ بولارنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق تەكلىپلىرىڭىز بار ؟
  ئىسراپچىلىق ئىللەتلىرىنىڭ مۇھىتقا تەسىرى قانداق بولىدۇ ؟
قاتارلىق سۇئاللار تەھلىل قىلىنىدۇ.
كىچىك سىناق قىلىنىپ ، ئىسراپچىللىق ئىللەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىلىدۇ.(ئەستايدىل پوزىتسىيە توتۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئوي – پىكرى ماس كىلىدىغان جاۋاپنى بېرىشى كېرەك . )
< ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق > تېمىسىدا ئىتوت ئورۇنداش ئىلىپ بېرىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارغا < ئاشلىقنى قەدىرلەش ،تىجەشلىك بولۇش >تېمىسىدا يازغانغان شئېرلىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىش ئىلىپ بېرىلىدۇ .
ئاخىرىداتەسىرات سۆزلەشكە يېتەكلىنىدۇ .
.خولاسە:
ئوقۇتقۇچى دەرس مۇھىم نوقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرلىكتە خولاسە قىلىنىدۇ.
تاپشۇرۇق:

ئەتراپىڭىزدىكى  ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرىنى ئىنىقلاپ ، خاتىرە قالدۇرۇڭ.







تورمۇشتىكى ئىسراپخورلۇق >دېگەن پائالىيەت دەرسىنىڭ دەرس پىلانى ۋە سائەتلىك پىلان ئۈستىدە مۇلاھىزىسى






پىچان ناھىيە دىغار ئۈمىد مەكتەپتىن:مېھرىگۈل ئابدۇل
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
ئاتامان تەۋسىيە قىلغان تېمىلار

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-15 21:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗