ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 1

ئاتا-ئانىڭىز قوشۇلمىسا كىمنى تاللايسىزmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
ۋاقتى: 2013-10-28 22:17:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بار، ئاتا-ئانىڭىز قوشۇلمىغان ۋاقىتتا كىمنى تاللايسىز؟
8 f2 n0 r! c+ {1 ^ 7 @% c  g6 e" Z' L1 u5 N
بۇ مەسىلىگە نۇرغۇن قىزلار ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىسىنى تاللىسا ئوغۇل دوستىغا قىيمايدۇ. ئوغۇل دوستىنى تاللىسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويىدۇ، ۋاپاسىز دېگەن نامغا قالىدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا كۆپىنچە قىزلار ئاتا-ئانىسىنى تاللايدۇ. ئەمما كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى بولسا- بۇ خىل تاللاش خاتا، چوقۇم ئوغۇل دوستىنى تاللىشى كېرەك. سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:3 U- j/ V* \1 i+ M& E; f
1.   نىسپىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بىزگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتى قىسقا، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ، باشقا ئوغۇل بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىر نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەي ئۇلاردىن ئايرىلىمىز. ئۇلار ئاستا-ئاستا قېرىيدۇ، گەرچە بىز ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلساقمۇ، ئۇلار يەنە بىزدىن ئاستا-ئاستا ئايرىلى كېتىدۇ، ئەمما ئېرىڭىز سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان كىشى، شۇڭا بۇ ئادەمنى چوقۇم ياخشى تاللاش كېرەك. ) h% f& D2 N) y) {% P5 n
2.   ئەمەلىيەتتە بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئۇلارمۇ ھەرگىز بىزگە يامان بولسۇن دېمەيدۇ، ئەمما بۇ چوقۇم ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گېپىگە كىرىپ باشقىسى بىلەن توي قىلسىڭىز بەختلىك بولىسىز دېگەنلىك ئەمەس. سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز ياخشىمۇ؟ سىلەر ماس كېلەمسىلەر؟ بۇنى پەقەت سىزلا بىلىسىز، چۈنكى سىز ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدىغان ئادەم، ئەمما ئاتا-ئانىڭىز سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ بولالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش كېرەك ئەمەس، ھالقىلىق يېرى شۇكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى پەقەت سىزلا بىلىسىز، ئاتا-ئانىڭىز ئەمەس، ئوغۇل بالىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان قىزلارلا بىلىدۇ، ياكى ئاتا-ئانىڭىز ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتمىسە ئۇنىڭ قانداق بالا ئىكەنلىكىنى نېمە بىلىدۇ؟شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىغا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك، سىز بەختلىك بولسىڭىزلا ئاتا-ئانىڭىزدىن سىزدىن رازى بولىدۇ، بەختلىك بولالمىسىڭىزمۇ سىز يەنىلا ئۇلارنىڭ بالىسى، سىزدىن يۈز ئۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس. ! Q% _* L+ H6 G: x1 B( [1 o
3.   ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇنىماسلىقىدا مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار. بىرىنچى، ئارىلىق بەك يىراق، قىزىنىڭ يىراققا ياتلىق بولۇپ، كۆڭلى ئاغرىغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ، ھازىرقى قاتناش شارائىتىدا نەگە بارغىلى بولمايدۇ؟ ھەر قانچە بولسا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىلىقىچىلىك يوقتۇ، ئەگەر شۇنچىلىك بولۇپ كەتسىمۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە بارغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇپ ئازار يەپ قېلىشىڭىزمۇ ناتايىن، ئائىلىڭىز يېقىن بولسا،ئۇنداقتا ئازار يېمەمسىز، قوشنا مەھەللىگە ياتلىق بولغان قىزلار بەزىلىرى كۈندە ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ، يىراققا ياتلىق بولغانلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى بەختلىك بولالايدۇ. ئازار يېيىش-يېمەسلىكىڭىزدىكى ئاچقۇچ-ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ قانداقلىقىدا، ھەرگىز ئارىلىقتا ئەمەس، شۇڭا بۇ ئادەمنى ياخشى تاللاڭ. ئىككىنچى، ئائىلىسى نامرات، ئەمەلىيەتتە ئائىلىسى باي ئادەمگە تەگسە بەختلىك بولۇشى ناتايىن، شۇنداقلا نامرات ئادەمگە تەگسىمۇ بەختسىز بولۇشى ناتايىن. سالامەتلىك بىرىنچى، ئىككىڭىز چىقىشسىڭىزلا، بىرلىكتە تىرىشسىڭىزلا چوقۇم ھاياتىڭىزنى ئوبدان ئۆتكۈزەلەيسىز. ئەلۋەتتە ئىقتىساد دېگەن ئاساس، ئەمما سىز تەگمەكچى بولغان ئەرنىڭ سىزنى باققۇدەك پۇلىسىغۇ باردۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل كۆپ بولسا، چىقىممۇ كۆپ بولىدۇ، ئويلايدىغان ئىشمۇ كۆپ بولىدۇ، سىز تىرىشچانلا بولسىڭىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيسىز، پەقەت مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سز ئۇ يىگىتىڭىز بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيسىز، شۇڭا ئاتا-ئانىلار يىراقنى كۆرۈشى كېرەك. شۇڭا بۇ نۇقتىنى ئوبدان ئويلىشىڭ. ئۈچىنچىدىن، ئاتا-ئاتىقى ياكى نامى ياخشى ئەمەس. ناۋادا بىر ئائىلىنىڭ نام-ئاتىقى ياخشى بولمىسا، ئۇ بۇ ئاتا-ئانىدىكى مەسىلە، ھەرگىزمۇ بالىلارغا يۈكلەپ قويماسلىق كېرەك، بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەگەر ئاتا-ئانىسى دەپلا ئوغۇل بالىنى تاشلىۋەتسىڭىز ئادىل بولامدۇ؟ كىم ناچار ئادەمنىڭ بالىسى ناچار بولىدۇ دەيدۇ؟ئەلۋەتتە ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىمۇ ياخشى بولۇشى ناتايىن. ھەرگىز ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك. ناۋا ئۇ ئوغۇل بالا ناچار بولسا ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭدىن تارتىڭ، ناۋادا ناچار بولمىسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قاراپ نېمە قىلىسىز؟ شۇڭا بۇ نۇقتا ئېسىڭىزدە بولسۇن.
, C$ w: ^% w" g; Q0 E! f: X 7 L6 J* a$ U$ s  J3 N- e
ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاچچىقلىنىشى مەلۇم مەزگىللىك ئىش، ئۇلار سىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ، ئەمما ئوغۇل دوستىڭىز شۇنداقلا يوقاپ كەتتى، مەڭگۈ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولالمايسىز، بەلكىم سىز ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى تېپىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئادەمنى تاپالىشىڭىز ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدەك سىزگە كۆيۈنىدىغان ئادەمنىمۇ تاپالمايسىز. سىز پەقەت ئاتا-ئانىڭىزنى ئاچچىقلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈنلا يىگىتىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېچىنىشلىق زەربە بېرىپ قويىسىز، بۇ ئۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ، شۇنداقلا ئادىل ئەمەس. ئوخشاشلا بۇنداق قىلسىڭىز ئۇمۇ سىزدىن رەنجىيدۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ ئەرزىمدۇ؟ بۇ ۋاپادارلىق ئەمەس ئەخمەقلىق، بىر تېراگېدىيە.: N9 T4 L  w' O; l( K) x
ئالىي مەكتەپتە بىر ئوقۇتقۇچى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. بىر قىزنى دوسكىغا چىقىرىپ، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنى يېزىشقا بۇيرىغان. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ مۇھىم ئەمەسلىرىنى ئۆچۈرۈشكە كۆرسەتمە بەرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بالىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئېرىلا قالغان. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قىز يىغلاپ تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. كېيىن ئۆزى تۇغقان بۇ يۈرەك پارىسىغا قىيمىغان ھالدا، ئوغلىنىمۇ ئۆچۈرۋەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۇنىڭ ئېرىلا ئېشىپ قالغان. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى بېقىپ چوڭ قىلسا، بارلىق مېھرىنى سىزگە بەرسە، ئوغلىڭىز بولسا سىزنىڭ ئۆز بالىڭىز، بىر پارچە گۆشىڭىز تۇرسا نېمىشقا ئۇلاردىن ۋاز كې چىپ ئېرىڭىزنىلا قالدۇرىسىز، يا ئۇنىڭ سىز بىلەن قانداشلىقىڭىز بولمىسا، يا سىزگە ئاتا-ئانىڭىزدەك مېھرىنى بەرمىسە دەپ سورىغان. قىز ئويلىنىپ تۇرۇپ، ئاتا-ئانام ھامىنى مەندىن ئايرىلىدۇ، بالاممۇ چوڭ بولۇپ ئۆزى ئايرىم تۇرمۇشلۇق بولىدۇ، پەقەت ئېرىملا ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىمنىلا قالدۇردۇم دېگەن.0 ~9 n, Y7 b0 n# F
بەزىلەر دەيدۇ، نىكاھ دېگەن قىزلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم دۇنياغا كېلىشى، بىرىنچى قېتىملىق تاللىشىڭىز بولمىسا، يەنە ئىككىنچى قېتىملىق تاللىشىڭىز بار. قانداقلا تاللاڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزنى بۇرۇن ئويلاڭ، ھېچكىم سىزگە ياردەملىشىپ تاللىشىپ بېرەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ پىكرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىكى بەختى ئۈچۈن، ئۆزىڭىز قارار چىقىرىڭ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن ۋاز كەچمەڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىنمۇ ۋاز كەچمەڭ، ئاخىرىدا سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىپ، بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن(تەھرىردىن).
, r: D4 |, G6 R2 `  K" L6 n5 U1 X
مەنبەسى:http://nur.cn/news/2013/10/141020.shtmlچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

6

يازما

92

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
10 سەر
تۆھپە
4 سەر
تىللا
63 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-12 10:32:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗