مائارىپ
0 T$ `8 J8 l2 s+ d# @تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ
' Y# w. m% U7 t
% U' \2 Z/ R9 G, O! g: rئەنگلىيىلىك تەتقىقاتچىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى، ھەتتا يوقلۇقىنى بايقىغان. دېمەك، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دېيىلىۋاتقان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ پۇل ئىسراپ قىلىشتىن باشقا رولى يوق. مۇتەخەسسىسلەر كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئادەم بەدىنىدىن ‹‹ئەركىن رادىكال›› دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئوكسىد چىقىدۇ، بۇنداق ئوكسىد بەدەندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ، بەدەننىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرىدىغانلاردىن ۋىتامىن C، ۋىتامىن E قاتارلىقلار ‹‹ئەركىن رادىكال›› دەپ ئاتىلىدىغان ئوكسىدقا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئالاھىدە بىرتەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن، ئاجرالما مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان بىر قىسىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى فېرمېنتلىق قۇرتلارنى كۆزىتىپ، مۇبادا يۇقىرىقى ‹‹ئەركىن رادىكال نەزەرىيىسى ›› توغرا بولسا، بۇنداق قۇرتلار نورماللىرىدىن بالدۇر ئۆلگەن بۇلاتتى، دەپ كۆرسەتكەن. تەتقىقاتتىن بۇنداق قۇرتلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى شۇ خىلدىكى قۇرتلارنىڭكىدىن ئاجىز بولسىمۇ، ئۆمرى قىسقا ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان. بۇ ‹‹ئەركىن رادىكال نەزەرىيىسى›› نىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2 e7 I* A! ?% A: p+ c3 Z
) \! S; Q* ?1 _7 u7 Y1 _* mكېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |