维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 704 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1038|ئىنكاس: 0

دەرىس ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ خاسلىقىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

567

تېما

10

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1925
تىللا
5269
قىزغىنلىق
7252
تېما
567
يازما
882
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:03:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ خاسلىقى
% w2 `/ c# g9 J9 Z! [' l/ @ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
6 [  s& F" k8 U1 J6 S% y

9 A) v$ K2 N0 b9 }8 s' mئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلىشىشىدىن ئىبارەت ھەرئىككى جەريان ئەسىرلەر داۋامىدا ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
8 d$ M- `& H* h) i3 \ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى نوقۇل يىپەك يولى ئۇيغۇرلاردىكى ھادىسىلا بولۇپ قالماستىن،بۇ پۈتكۈل غەيرىي ئەرەب ئىسلام ئەللىرى ۋە رايۇنلىرىدا بولغان ئىسلامىيەتنىڭ مىللىي ۋە مەھەللىشىش ھادىسىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يۈز بەردى. بۇ مەنزىرىنى ئەنگىلىيە ئالىمى بىرناردلېۋىس《تارىختىكى ئەرەبلەر》ناملىق كىتابىدا Ⅸ ئەسىردىكى ئەرەب مۇئەللىپى ئەلجەھزنىڭ 《ئابباسىيە سۇلالىسى پارىسلار بىلەن خۇراسانلىقلارنىڭ،مەرۋان قەۋمى سۇلالىسى بولسا ئۇمەييەلەكلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ 》دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن سىموۋوللاشتۇرغانىدى.# m2 v/ d8 [6 E
ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قارار تېپىشى ئىسلامىيەت ئومومىيلىقىنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى شەكلىدە ماسلاشتۇش ئاساسىدا يۈز بەردى.بۇنىڭ روياپقا چىقىش جەريانىنىڭ تەپسلاتى مۇنداق بولدى:
. x* K. Q2 o! N, C7 O% N% iئىسلامىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈچ ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلىپ،ئوتتۇرا ئاسىياچە ئىسلام مەدەنىيىتى تۈسىگە كىرگەندىن كېيىن،ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ،ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزى بىر خىل سېنكرېتىك ھادىسە سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.
8 J" X# z' V  }3 J+ fئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىلتىز تارتقان ئىسلامىيەت تېخىمۇ سېنكرتىك خاراكتىر ئېلىپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دىنى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزلىشىپ،روشەن مەھەللىۋى تۈسكە كىردى.بۇ يېڭى ۋە ئۆزگىچە ئىدېئولوگىيلىك سىستېما بولغان ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەھەللىۋى مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىدىكى بىر قاتار ئەنئەنىلىرىگە مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى مۇناسىۋەتلىك بولدى.4 |- L  w5 |& a0 t9 z$ r
شۇنى تېلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى،ئەرەبلەر ئىستېلا قىلغان كەڭ تېررىتورىيە كۆلىمى جەھەتتىن ئەرەبلەر ياشىغان ئەسلى تېررىتورىيىدىن نەچچە ھەسسە كەڭ،مىللى تەركىبى خىلمۇخىل ئىدى.بۇ ھالەت ئەرەبلەرنىڭ دىنىي مەسىلىدە كەڭ قوللۇق بولىشىغا،ھەرخىل قېتىشمىچىلىققا يول قويىشىغا سەۋەب بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمران كۈچلىرى ئىچىدىمۇ دىنىي ۋە سىياسى مەسىلىدىكى كۆزقاراش پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلمىگەن،تۈرلۈك ھاكىميەت تالاشقۇچى سىياسى گۇروھلار ۋە دىنىي مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ،ھەتتا قانلىق توقۇنۇشلار ئاياغلاشمىغانىدى.* J3 Z9 U! P4 d4 G2 N2 D
بۇنىڭدىن باشقا ئەرەبلەر ئىستېلا قىلغان كەڭ تېررىتورىيىدە ياشىغۇچى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ،جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئويغۇر خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنەيىتى ئەرەبلەرنىڭكىدىن ئومومەن ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى.بۇ خەلقلەرنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق مەەنىيىتىنى پۈتۈنلەي ئىسلام ئېتىقادى بىلەن بىر يولىلا ئىنكارقىلىۋېتىش مومكىن ئەمەس ئىدى.ئەرەب خەلىپىلىكلىرى بۇ خەلقلەرگە يېڭى مەدەنىيەت ئەمەس، بەلكى يېڭى دىننىي ئېتىقاد ئېلىپ كەلگەنىدى.بۇ ھال ،ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى خەلقلەر ئارىسىدا مەھەللىۋېلىشىشىنى،يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئادەتنىڭ مەلۇم جەھەتلىرى بىلەن ئۆزىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى.
) T! J. V# h: ~, I' d0 eناھايەت،ئەرەبلەر ئىستېلا قىلغان كەڭ تېررىتورىيىدە تېز ئارىدا مۇستەقىل،يېرىم مۇستەقىل يەرلىك ئىسلاملاشقان ھاكىميەتلەر مەيدانغا چىقتى.بۇ رايۇنلاردا 《قۇرئان》بىلەن خەلىپىلىك سەنئىتى ئېتىراپ قىلىنغاندىن باشقا،يەنىلا ئەسلىدىكى مىللى مەدەنىيەت داۋاملىق ساقلاندى.
. B1 m6 F" G( f  W# g7 [* q0 Kئۇيغۇر خەلقى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئالەم ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى،ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى شامانىزم،ئاتەشپەرەسلىك،بۇددىزم ۋە مانىزملىق تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا 《ئاللانىڭ بىرلىكى》ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى،ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى قاراش ۋە ئەقىدىلەرنى ئالماشتۇردى.ئىسلام مۇسۇلمانچىلىقنىڭ پەرھىزلىرى - ئىمان،ناماز،روزا،زاكات،ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ ھەممە تەرەبلىرىگە ئورنىشىپ غايەت زور دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى.ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنىي تەبىقىلەر - شەيخۇل ئىسلام،ھەر دەرىجىلىك قازى ۋە مۇپتىلا،ھەردەرىجىلىك جامائا - مەسچىت،ئىمام - مەزىنلەرنى،مازار - ماشايىخ شەيخلىرى،دىنىي مەدرىس - مەكتەپ مۇددەرس ئۆلىمالىرى مەيدانغا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شامانىزم،ئاتەشپەرەسلىك بۇددىزم دەۋرىدىكى بىر قاتار ئەم - ئىرىم،تەبىر - جۇراش،ئۆرپ - ئادەت مۇراسىم - ئايەم قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.ئۇلار بۇ قەدىمكى قائىدە - ئادەتلەرنى ئىسلام دىنىنىڭ تۈسىگە كىرگۈزۈۋېلىشتى.ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايسىبىرىنىڭ غەيرىي ئىسلامچە ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى.تۈرلۈك سەيلىلەر،نۇرۇز بايراملىرى،قاپاق كۆيدۈرۈش ئايىمى،باخشى - داخانلىق،ھەرخىل دۇئايى بەند قىلىش،تببىي ئەم - ئىرىم ۋە توي - تۆكۈن ئادەتلىرىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىش مومكىن.ھەتتا بىر قاتار غەيرىي ئىسلام شەخىسلەرنىڭ قەبرىلىرى ئىسلام نۇر چەمبىرىكى ئاستىدا ساقلاپ قېلىندى.بىر قاتار《مازار - ماشايىخ》لار،ئەنە شۇنداق ئىسلامىيەت ئۈچۈن يالغان،يەرلىك خەلق تارىخىي ئۈچۈن راسىت مازالاردىن ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئىسلامىيەتتىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى. بۇ ئوخشىمىغان سەنئەت ژانىرلىرىدا ئوخشىمىغان ئۇيغۇر ئىسلام سەنئىتى ئۇسلۇبى بەرپا قىلدى. مۇزىكا - ئۇسسۇل سەنئىتى ساھەسىدە،ئۇيغۇر خەلقىدە《خۇدا بىلەن روسۇل،دوتار بىلەن ئۇسسۇل》دېگەن سۆزدە گەۋدىلەنگەندەك ئىسلام بىلەن مىللىي سەنئەت بىللە تۇتۇلىدىغان ھالەت شەكىللەندى.مۇقاملار خانىقالاردا،سەيلىلەردە،خەلق مەشرەپلىرىدە،ھەتتا ئوردىلاردا ئۆزىنىڭ قىزغىن،مۇڭلۇق،تەسىرلىك كۈيلىرىنى توختاتمىدى.ئۇسسۇللار ئۆز سەنەم - جۇلالىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.ئۇيغۇر خەلقى ئېگىز - ئېگىز مۇنارلار،پەشتاقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن ئىبادەتخانىلار ئۈستىگە ئىسلام زاھىدلىرى نەزەرىدە《شەيتان ئويۇنى》دەپ قارالغان ناغرا - سۇنايلارنى ئېلىپ چىقىپ چېلىپ،چوڭ - چوڭ ساما سورۇنلىرىنى قۇرۇشتى.5 ^2 c& g7 H9 Q) [( `3 W
ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە،يۇرت - مەھەللە،شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبى شەكىللەندۈدى.ئوردا - قەسىرە،جامائە - مەسچىت،مەقبەرە - قەبرە گۈمبەزلىرىنىڭ ياسىلىشىدا ئەڭ نەپىس ئىسلام نەقىشلىرىنىڭ شەكىل ۋە نۇسخىلىرى بىلەن مىللى نەقىشلەرنى بىرلەشتۈردى.بۇ ئەسلىدىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە توپلانغان ھەرقايسى ئەللەر بىناكارلىك تەجرىبىلىرىنىڭ ئۇتۇقى ئىدى.گەرچە تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ پورترېت شەكلى تەقىپ قىلىنغان بولسىمۇ،تەدرىجىي ئادەم،ھايۋان،قۇش ۋە ئۈسۈملۈكلەر تەسۋىرلەنگەن تام سۈرەتلىرى ۋە قىستۇرما رەسىملەر داۋاملىق ئۆز تەسرىنى كۆرسەتتى.; B$ m  @& t; q. B2 X! N: ^: P
ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ سۆڭىكى بولۇپ قالدى.ئۇيغۇر تىلى تەركىبىگە پارىس ۋە ئەرەب ئىبارىلىرى كىرىپ كەلدى.بۇ ھالەت كېيىنچە 《چاغاتاي تىلى》سېنكرېتىزمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر يېزىقىغا خاس خەتتاتلىق سەنئىتى ۋە مەشھور خەتتاتلىق ماھارىتى نامايەندىلىرى مەيدانغا كالدى.بۇنىڭغا تۇتىشىپلا ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ تۈركىي ئارۇزدىن باشقا ئەرەب - ئەجەم ئارۇز بەھرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومومىيلىشىشقا قەدەم قويدى.2 ~3 W; Z* t1 x$ ?+ A- X: N
ئەرەب خەلىپىلىكلىرى توپلىغان كالىندارچىلىق،ماتىماتىكا،تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم - مائارىپنىڭ يېڭى ئۇتۇقلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى." X+ ]2 N6 z- n$ g& ?4 e2 |
ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئىسلام خەلىپىلىكىدىكى سۈنئىي،شىئە مەزھەپلىرىدىن باشقا ئوخشىمىغان دەۋرىلەردە مەھەللىۋى مەزھەپ،ئېقىملار بىلەن مەيدانغا چىقتى.ئەھمەت يەسەۋىي ئېقىمى(جەھرىيە)،نەقشبەندىيە(بالاگەردان)،غىژدىۋانچىىق،غەۋسىيە(قادىرىيە)ئېقىمى،ئىسھاقىيە(قارا تاغلىقلار)مەزھەپ ئېقىمى قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىپ،بىر قاتار ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۆزىنىڭ خاس روھىيەتچىل قاراشلىرى بىلەن قايتا ئىزاھلاشتى.
; d1 G- R1 ?. ^' {) `شۇنداق قىلىپ،ئىسلامىيەت پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتى ۋە ئىدىئولوگىيلىك قاراشلىرى،تۇرمۇش ئادىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى،مۇنداق تەسىر نۇقۇل ئىسلام ئېتىقادىغا كۆرە پۈتكۈل ئىسلام شەرقىدە قايتا شەكىللەنگەن ئاتالمىش 《ئەرەب مەدەنىيىتى》ئارقىلىق مۇشۇ ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سېنكرېتىك مەدەنىيەت ئارقىلق مۇشۇ يۈز بەردى.ئۇنى نۇقۇل ئىسلام ياكى ئەرەب ھادىسىسى دېيىشكە بولمايدۇ.رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ