ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 648|ئىنكاس: 2

دەرىس ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئې ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
يانفۇن
ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

3 H! y3 e- y$ C* W( D
( f% h* t; b( O4 o& ^5 n3 Wئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى شەكىللەندۈرگۈچى قەدىمكى ھەر قايسى ئۇرۇق ، قەبىلە ، قەۋم ۋە خەلقلەر يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ تارىم ۋادىلىرى ، يارىش ( جۇڭغارىيە ) ئويمانلىقى ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئىسسىق كۆل ساھىلى ، ئېرتىش دەرياسىدىن تارتىپ بالقاش كۆلىنىڭ ئەتىراپلىرىدا ، بايقال ئەتىراپلىرىدا ، تاشقى مۇڭغۇلىيىدىكى سېلىنگا ، ئورخۇن ، تۇغلا ، قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ساھىللىرىدا ، ئورال – ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ، سەنشى ، شەنشى ، نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا ياشىغان . قەدىمقى دەۋردىن ھازىرغىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن تارتىپ قوشنا خەلقلىرىگىچە ئورتاق ، ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن ئىسىم ‹‹ ئۇيغۇر ›› دېگەندىن ئىبارەت . مەسىلەن ، ‹‹ كونا تاڭ سۇلالىسى تارىخى ›› دا ‹‹ ئۇيغۇر ›› دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى ‹‹ شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى ›› دەپ ئىزاھلىغان بولسا ، مەھمۇت قەشقەرىي : ‹‹ باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر، قولىدىكى ئوۋنى قاچۇرماي ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ تۇتقۇچىلار ›› دەپ چۈشەندۈرگەن .
, U. b& d& K8 N& ?ئۇيغۇر تىلى ئورال – ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ئالتاي – تەڭرىتاغ تىللىرى ئائىلىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى شەرقىي ھون تۈركۈمى ئۇيغۇر – ئوغۇز تىلى بۆلۈكى ئۇيغۇر – قارلۇق تىلى قىسمى ئۇيغۇر تىلى دېئالىكتىكىغا تەئەللۇق .
. s1 _& f; ]' n; |; Q  m3 fئامىرىكىلىق ئالىم ر. گروسسىي : ‹‹ يايلاق ئىمپېرىيىلىرى تارخى ›› دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارغا يوقىرى باھا بېرىپ ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹ مەدەنىيەت ئۇستازلىرى ›› دىن بولغان ، دەيدۇ . دېمەك ، تۈركىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى ئەھمەد زەكىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك : ‹‹ ئۇيغۇرلار تۈركلەر ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكرەك ، مەدەنىيەتلىرىمۇ يوقىرىراق بولغانلىقتىن ، ئۆزىنىڭ تىللىرى باشقا تۈركلەر ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغان ››
! W! q7 N3 ^. \  dــ ‹‹ ئۇيغۇر كللاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس ›› دىن .% p  }: x) U! p/ J
قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوڭۇر ( ساغۇچ ) چاچلىق ، قوي كۆزلۈك ( ياكى كۆك كۆز ) ئىدى . ھازىرقى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۆزگىرىپ كەتكەن .
+ }+ a2 b: F# o# L' J2 L& W& [سىلەر ئەرەپچە ، رۇسچە ئىسىملاردىن ئەمەس ، قەدىمقى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىن فامىلە ياسىساڭلار ياخشى بولىدۇ . بۇ ئىسىملار كونا قول يازمىلاردا بار . سىلەر ھازىر مەدەنىيەتتە ئارقىدا . بۇ دېگەنلىك ئەزەلدىن ئارقىدا ئىدىڭلار ، دېگەنلىك ئەمەس . ئۆز مەدەنىيىتىڭلارنى ئۆگۈنىڭلار ، ساقلاڭلار ، راۋاجلاندۇرۇڭلار . يازغۇچىلار بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ دېھقانلارنى ئەينەن يېزىشى ، كۆپلەپ يېزىشى كېرەك. سەۋەبى ، ئۇلار مىللەتكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ ، ئۇلار ئاساسى خەلق . بىر مىللەتكە خاس بولغان نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەر دېھقانلاردا ساقلانغان بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئاستا بولىدۇ . ئۇلار يەرلىك ئادەت ، يەرلىك تىل ، مىللى مەدەنىيەتكە ئامىراق . مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلىڭلاردا يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلارنى ئوقۇپ باقتىم . تىل ئادىتىڭلار ، تىلدىكى مىللى خۇسۇسىيەتلەردە ئۆزگىرىش كۆپ ئىكەن . سىلەر ئۆز تىلىڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە جۈملە تۈزىشىڭلار كېرەك .
7 `+ E0 w& |8 lــ زورىدۇن سابىر : ‹‹ ياۋروپاغا سەپەر ›› دە بىر ياۋروپالىق ئالىمنىڭ ئاپتورغا ئېيتقانلىرىدىن .
) x# _1 }9 d" iئۇيغۇر دوستلىرىم ماڭا ‹‹ پەنجىگاھ ›› مۇقامى ئېلىنغان لېنتىنى سوۋغا قىلىشتى . مەشرەپ مۇقاملىرىنى ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى چەكسىز ئىجتىھات بىلەن يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئاۋاز ئېقىملىرى بىلەن كۈيلەيدىكەن . ئۇلارنىڭ ئاق تېرەكلەرنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ياڭراتقان بۇ باھاسىز سىمفونىيە سادالىرىغا تەڭكەش بولۇپ تۇغۇلغان گۈزەل شېئىرلار كىشىلەرنى بىر – بىرىگە نەقەدەر دوست – ئاشىنا قىلىپ تۇرىدۇ – ھە ! قەبرىگاھتا ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەت سىزغان مەھمۇت قەشقەرىينىڭ رەسىمىگە ئۇزاق تىكىلدىم . ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك شاپاق دوپپىسى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىزدىنىشتىن ھېچقاچان تالمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش تازا ھەم روشەن . مەھمۇد قەشقەرىي سۆزلەرنى يوقۇلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى . ئۇنىڭ داھىيانە شاراپىتى بىلەن مىڭلىغان سۆزلەر ئەمدى مەڭگۈ تىرىك ، ئۇ سۆزلەر ئازاق بۇلاقلىرىغا ئوخشاش قايناپ تۇرىدۇ . نەچچىلىگەن خەلقلەرنىڭ شائىرلىرىغا ئىلھام بېرىۋېرىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىيگە ئوخشاش دانىشمەن ئالىملار ئىنسانىيەت جەمئىيەت تارىخى ئۈچۈن ساناقلىقلا . مەھمۇد قەشقەرىي خەلقلەرنىڭ سۆزلىرىنىلا ئەمەس ، ئۇلارنىڭ يامبۇ ، ئالتۇندەك ئېسىل ماقال – تەمسىللىرى ۋە رېئالىستىك روھقا باي شېئىرىيىتىنىمۇ ئەسىرلەر ئۈچۈن، تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ساقلاپ قالغان . ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە قوشقان ئۆلمەس ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر .0 `2 _  [& ?, {& ~8 e
ــ ئىبىراھىم غاپۇرۇف ( ئۆزبەكىستان ) : ‹‹ قەشقەردە ›› ، تارىم ژورنىلى 1988-يىل 5- سان .# P: P+ x9 i) [" P/ m% S, j1 r9 H
قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن . بىز رۇسلار ياكى سلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇيغۇرلار ئاللاقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ، شانلىق - يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى .# o' q8 i# G8 I- V5 p, r/ Z
ــ ۋاسلېيېف ( رۇسىيە )
7 u$ m- M3 L) D4 ?4 a! T2 n1 p0 Nئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمكى كۆپ سانلىق تۈركىي ( تىللىق ) خەلق ئىدى .
" r6 T1 E' H; h7 nــ ۋ. رادلوف ( رۇسىيە )7 \  @1 ^# Y' B" |, V; {) u+ ^( W( D# F
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يوقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ، ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى .1 L# q* |& Q1 I6 e- Y# x; N
ــ س. مالوف ( رۇسىيە )5 `" X1 N' @0 M9 W! E6 q% e
ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ، لېكىن ئازاراق مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارلىشىپ قالغان ، بۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقلىق خەلق ئىدى . ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ،سېرىق چاچلىق ، ئاق يۈزلۈك ، قاڭشارلىق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار مۇڭغۇل ئىرقى ۋە باشقا ھىندى ، ياۋروپا خەلىلىرىبىلەن ئارلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن . خاتالاشمىسام ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمكە بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇتقۇدقۇ، دەيمەن؟8 Y0 D4 x8 i  y( x  G
ــ ۋاسلىي ( رۇسىيە )7 X4 ^/ k! Y. X7 X
جۇڭگو ، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دىگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئى . شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ . مەسىلەن ، قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار ، چوڭ ياۋچىلار ، ساكلار ، ئىفتالىتلار ، چاڭلار ، تۇبۇتلار ، تۈركلەر ، سىيانپىلار ، قىتانلار ، جۇرجىنلار ، مۇڭغۇللار ياشىغان . بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ ، قۇدرەت تېپىپ جاھاننى سورىغان . لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا بەزىسى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى . ئۇيغۇرلار بولسا ، تارىخدىكى بوران – چاپقۇندا راۋاج تېپىپ زورىيىپ ، شىنجاڭنىڭ ئاساسى مىللىتىگە ئايلاندى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟2 h# U3 D. d, y( N& ]. f: h/ Q
بۇرۇنقى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، خەنزۇ يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى ، سانسكرت يېزىقى ، پارس يېزىقى ،تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، نىستورىئان دىنى، مەجۇسىي دىنىغا ئائىت دىنىي كىتاپلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان . بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچىراپتىكەن . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
8 V% K% ?  Y8 z1 `9 J* ?( Pبىرەر دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت ، دەپ ئاتىماق تەس . شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىي دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان .& y9 m& L* O6 @$ s' b. B
بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
; `% f$ l4 H6 d. @5 v) C7 nئۇيغۇرلار ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ شامان دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، مەجۇسىي دىنىغا ، بۇددا دىنىغا ، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان . دۇنيادا دىن ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
  n/ J. Z+ G3 v  Mئۇيغۇرلار شىمالىي مۇڭغۇل قۇملىقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە - ئەللەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . كېيىكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى ، مۇڭغۇلنى ، قىتاننى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . شۇنداق زور ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نىمە ؟
& J4 z) S. K5 c# |ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار ، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
! f' S) Y" c! c$ N+ L+ G& v' cئەرەپلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى مۇنداق ئوبرازلىق سۈرەتلىگەن : ‹‹ ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە ، گۈللەرنىڭ رەڭ - پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىپمۇ تۇرمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ ›› .
  G# x$ X* y9 V9 c4 r! Gئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەئەنىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجسى قاراخانىيلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدۇر . ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز – ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن ، شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بوپقالدى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلار شۇ كونا ‹‹ يىپەك يولى ›› دا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ ، كەڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى .
6 Z+ o! ^1 V. u2 Hئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ، كۆپ يولدىن، كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن كەلگەن چۆكتۈرمىلەرنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت .+ ~: J4 d0 j! h0 w% I# K  S
ــ مىڭچىبى لۇلۇلۇ ( مۇڭغۇل ): ( ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش ) دىن .+ z2 `$ r$ e5 x; o2 F4 v" q3 r
مۇڭغۇللار ( چىڭگىزخان دەۋرىدە ) ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى دەپ قاراپ بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان . ئىلخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت مەمۇرى ئاپىراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان . ھەتتا ئەينى دەۋرلەردە ئىلىم – پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان خوراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن .
  w7 W5 N: B. m* ?ــ جۈۋەينىي ( ئىران )
/ x( q, O6 A. B3 A' k* Tئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى باشقا تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە قارىغاندا ، بالدۇر ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كىردى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن شامانىزم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، ئالدى بىلەن مانىي دىنى ، كېيىنرەك بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى . تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر ئىچىدە بالدۇر يېزىق ئىجاد قىلىپ ، جۇڭگو بىلەن ماۋرائۈننەھىر ئارىسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى .
6 s, e0 k- ]8 P# q3 I$ \7 yــ ئا. يۇ. ياكۇبوۋىسكىې ( رۇسىيە )
# L/ |$ s* t9 Xكىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا ، ئالدى بىلەن مېڭ سۇلالىسى دەۋرى ( 1368-1644 ) دە ئۆتكەن ، غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى - يۇەن سۇلالىسى دەۋرى ( 1206-1368 ) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ، ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .$ h3 o8 d$ L" v
ــ ۋاڭ شياۋ جيەن : ‹‹ ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش توغرىسىدا قىسسە ››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژورنىلى 1987-يىل 1-سان .5 z" _4 X, ~7 W/ I
‹‹ سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدىڭلار . تۈركي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن سىلەر يېزىقنى ئىجاد قىلغان . بۇ يېزىق نۇرغۇن تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە ئورتاق يېزىق بوپقالغان .ھازىرقى مۇڭغۇل يېزىقىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . قەدىمكى زامانلاردا ، ئۇيغۇرلاردىن ئاجايىپ زور ئالىملار يېتىشكەن . چىڭگىزخان ۋە ئۇنۇڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ، پۈتكۈل دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىلىم – پەن ئۆگۈتۈش ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قولىدا ئىدى. تاتار خانلىرىمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن كۆپ نەرسىلەر ئۆگەنگەن ›› .
  v% H$ m: F5 ?5 ]6 p' ]; Y7 fــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .: q# Y% {# W2 Y2 ~9 M; b' O
بىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ - شەۋكەتلىك ئىشلارنى قىلغان ئەقىل - پاراسەتلىك مىللەت بولغان بولساقمۇ، كېيىن جەبرۇ – زۇلۇم، قۇللۇق، ئاسارەت تۈپەيلى قالاق، نادان، قاششاق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز . نادان مىللەتتە مەنىۋى ئىللەت كۆپ بولىدۇ. پۇلغا، مەنسەپكە خوتۇنغا ھېرىسلىق، خۇراپاتقا ئىشىنىش، يۇرتۋازلىق، قەبىلەۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆزغورۇرىنى ساقلىماسلىق، ھەركىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ، مىللەتنى ئويلىماسلىق - خۇلاسە كالام ، نادانلىق، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق، مانا بۇلار ئۇزۇن يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى .
! ^4 z* L1 z2 |1 `ــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .
# P. J5 z. R' r  W, s& Qمەنبە : مىسرانىمرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

9

يازما

217

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
182 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-7 08:03:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

661

تېما

1158

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9232 سەر
تۆھپە
2759 سەر
تىللا
6120 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2013-10-7 03:37:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗