ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 12

دەرىس ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ سەككىز تۆھپىسىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ئۇيغۇر
- مۇسابايېفلارنىڭ   

8 \- C- h; ^3 q7 b8 J
; S0 _0 J" {9 i; |
يالقۇن روزى
* Z; `) h. P$ I  d0 U+ L- A1 e# _

1 J/ P5 R3 I" G/ z/ d- F( O: \/ C  بۇ يىل ئاتاقلىق كارخانىچى ، مائارىپچى، كىشلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ساخاۋەت  ئىگىسى مۇسابايېفلارلارنىڭ غۇلجىدا تۇنجى زامانىۋى كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى.   
3 @2 R5 |# q; ~7 ~, @/ K3 P2 r" j
$ x  g2 X+ D/ ~& O1909 - يىلى كۈز كۈنلىرنىڭ بىر ئەتىگىنى غۇلجا شەھىرنىڭ سىرتىدىكى چىغ، شىۋاقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇردىغان ئۈنۈمسىز يەرگە تالاي مۇشەققەتلەرنى يىڭىپ ، يەتتە يىل ۋاقىت ، ئۈچ يېرىم مىليۇن سۇم سەرمايە سەرپ قىلىپ سېلىنغان << ھۈسەنباي زاۋۇتى >> دىن ياڭرىغان سادا غۇلجا ئاسمىنىنى لەرزىگە سېلىپ ، يىراق - يىراقلارغا تارقىلىپ  كەتتى . بۇ خاسيەتلىك سادانىڭ لەرزىسى نەتىجىسىدە نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلاپ كەلگەن  تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلار چاراقلاشقا ، تەڭرىتاغ ئانىنىڭ گىگانت گەۋدىسى بىلىنەر - بىلىنمەس مىدىرلاشقا ، ئۈن - تىنسىز ئېقىپ كىلۋاتقان ئىلى دەرياسى دۇلقۇنلاشقا ، غەبلەت ئۇيقۇسىدا پۇشۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمىي تۇپراق ئاستا - ئاستا سىلكىنىشكە باشلىدى . بۇ ئاۋاز ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردىكى يىڭى مەدىنيەت ۋە يىڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان خاسيەتلىك ئاۋاز بۇلدى . ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يېڭى مائارىپ ۋە يىڭى مەدىنىيەت ھەركىتى ئارقىمۇ - ئارقا بارلىققا كەلدى . غۇلجا ،قەشقەر ، ئاتۇش، كۇچا ، كېرىيە ،قاغىلىق ، تۇرپان ، چۆچەك ، گۇچۇڭلاردا يېڭى مەكتەپلەر قۇرۇلدى . بىر قىسىم دىننىي مەكتەپلەر پەننىڭ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى . تۇرپاندا پاختا زاۋۇدى يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلدى .  ! l5 S% s# z! Z' x$ D
  كېسىپ ئېيتىشقا بۇلىدىكى ، - مۇسابايېفلار بۇ زاۋۇتنى قۇرۇش ئارقىلىق تارىخمىزدا يېڭى بۇرۇلۇش ياسىدى ، يېڭى تارىخ ياراتتى . ئۇلار بۇ زاۋۇتنى ھۆكۈمەتنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىدىن ئېغىز ئاچقىلى بۇلمايدىغان زاماندا رۇياپقا چىقاردى . ئۇ چاغدا يىڭىدىن گۈللىنىۋاتقان خۇسۇسىي كارخانىلارنى يۆلەش ، ئوتتۇرا ، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مالىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، ئۇلارنى قۇرۇش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش دېگەندەكلەردىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بۇلمايتتى . ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان مۇكەممەل بۇلمىغان بىر جەمىيەتتە بۇنداق بىر زاۋۇتنىڭ  قۇرۇلىشى ، بۇنداق بىر يىڭى كارخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۆجىزە ھىساپلىناتتى . گەرچە زاۋۇتنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە مىللىي ئىگىلىك كۆپ مەنبەلىشىشكە ئاساس سالغىلى بۇلمىسىمۇ ، ئەمما بۇ يېڭى ھادىسە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بۇلماي قالمايتتى . مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى ،  مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلشى تەبىئىي ھالدا مىللىي بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ، پەن - تىخنىكا خادىملىرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ، باشقۇرغۇچىلار  ۋە زىيالىلار قۇشۇنىنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەپ بۇلاتتى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ ئايلىنىش قانۇنيىتىنى چۈشىندىغان ، سىياسىي تەپەككۇرى يىتىلگەن ، مىللىي ئىڭى ئويغانغان كىشلەر توپى شەكىلىنەتتى . شۇڭا ، - مۇسابايېفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشىنى 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەھمىيىتى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا بۇ خاسيەتلىك ۋەقەنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش تامامەن زۆرۈر. بىز - مۇسابايېفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇش جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ چىقىدىغان بۇلساق ، بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۈمكىن.   
+ u6 _/ b! g" O1 S9 P6 X# o20 - ئەسىرنىڭ باشلىرغىچە ئانا دىيارىمىز شىنجاڭ يەنىلا ئىنتايىن قالاق ھالەتتە ئىدى . بىرەر زاۋۇت ،  بىرەر مەكتەپ ، بىرەر دۇختۇرخانە ، ياكى بىرەر گېزىت ژۇرنال يۇق ئىدى . كىشلەر ئات ، تۆگە ، قېچىر ، ئۆكۈز ، ۋە ئېشەكنى قاتناش قۇرالى قىلاتتى ، ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرنىمۇ ھايۋان كۈچىگە تاينىپ تاماملايتتى.  قارا قىشنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىدە سۇماي بىلەن ياندۇرۇلدىغان قارا چىراق پىلىلدىتىپ، تۈگىمەس ھىكايە - چۆچەكنى ئېيتىپ زېرىكىشلىرنى بىسىشاتتى .  % l& \" ]/ P2 G# i6 `
ئەكسىچە شۇ يىللاردا باشقا ئەللەر ، بۇلۇپمۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەس - بەستە سانائەتلىشىپ كۈنسايىن تېز تەرەققىي قىلماقتا ئىدى . زاۋۇت - فابرىكىلار ، ماشىنا - پاراخۇتلار ، مەكتەپ دۇختۇرخانىلار ، گېزىت -ژۇرناللار ، راديۇ - پاتىفۇنلار  ، ئېلىكتېر چىراقلار ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ ، خەلق تۇرمۇشىدا مىسلىسىز قۇلايلىقلارنى ياراتماقتا . ( }: _2 |+ b; `7 C$ L/ j
شۇ يىللىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر بايلىرى تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ تۇراتتى . ئۇلار ئۆزگە ئەللەرنىڭ گۈللەپ - ياشناۋاتقان مەنزىرسىنى كۆرگەندە ، ئۇنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئېچىنىنشلىق رېئاللىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، ئىچئىچىدىن ئۆرتىنەتتى ، شۇلار ئارىسىدا رۇسيەلىك سودىگەرلەر بىلەن كۆپ سودا قىلىپ << مۇسابايېفلار >> دەپ تۇنۇلغان ھۈسەنباي ۋە باۋدۇنباي ئىسىملىك - سۇدىگەرلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار تولىمۇ غەيرەت - جاسارەتلىك ، پەم - پاراسەتلىك، ئىنساپ - دىيانەتلىك كىشلەر بۇلۇپ دادىسى مۇسا باينىڭ ياخشى تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەندى . مۇسا باي ئوغۇللىرگە دائىم << پۇلنىڭ غۇجىسى بۇلماي ، بىلىمنىڭ غۇجىسى بۇلۇڭلار >> دەپ نەسىھەت قىلاتتى.شۇڭا ، ئۇلار ئانا دىيارنىڭ ياۋرۇپادەك تەرەققىي قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى . ھەمىشە بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەتتى ! ! b; j9 H" w; a8 D
1903 - يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن مۇسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يەرمەنكىگە قاتناشقىلى بارىدۇ . ئۇ يەرمەنكىدە ياۋرۇپالىق سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇ - خىل سانائەت ماللىرىغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن ئىلىپ چىققان ئاددىي ، قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن يەرلىك ماللىرىنى سېلىشتۇرۇپ مەيۈسلىنىدۇ .   ' D7 U& n6 H. R" D
يەرمەنكە تۈگىگەندە ئۇ گېرمانيە ، ئىتاليە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىرىپ بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت - فابرىكىلىرنى ،مەكتەپ ، دۇختۇرخانىلىرنى كۆرىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن زاۋۇت قۇرۇپ ، سانائەتنى ئىگەللەش زۆرۈرلىكنى ، سانائەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىدۇ . ئۇ گېرمانيىدىكى << مېيۇنخېن كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى >> نى تەكشۈرگىلى بارغاندا ، دىرېكتۇرغا مۇشۇنداق بىر زاۋۇت قۇرۇش خىيالى بارلىقىنى ئېيتىدۇ .   
; p3 @: L6 e% W    - قەيەردە قۇرىسىز ؟ - دەپ سۇرايدۇ دىرېكتۇر .   6 v, P" P5 t3 t; e* ?# ]# L
    - ئىلىدا، - دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ھۈسەنباي .   4 e/ k, s5 u4 s$ n' K) ?/ m$ \3 s( g6 ]: `
دىررېكتۇر دەرھال تامغا ئېسىقلىق دۇنيا خەرىتىسگە قاراپ ، بىشىنى چايقىغان ھالدا :
: B: T$ p. w1 \- f) K+ u& m+ v    - ئارىلىق بەك يىراق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈز يۇل يۇق ، زاۋۇتنىڭ ئۈسكىنىلىرى ئېغىر ، ئۇلارنى پەقەت پۇيىز ،پاراخۇت بىلەنلا يۆتكىگىلى بۇلىدۇ . سىلەردە يول يۇق ، ئىنژېنېر يۇق ،تىخىمۇ مۇھىمۇ توك يۇق . ئېلىكتىر ئىستانسىسى يۇق يەرگە بۇنداق چوڭ زاۋۇت قۇرۇش خام خىيال - دەيدۇ .   
. j% x1 D& ]8 h( iھۈسەنباي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانيەت ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ . كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ . ئاخىرى كۈن - خۇرۇم زاۋۇدى بىلەن ئاياق كىيىم زاۋۇتىنى ھەم بىر گېنېراتۇرنى سېتىۋالماقچى بۇلىدۇ . تۇختام تۈزىدىغان چاغدا قارشى تەرەپ << قۇلىڭىزدە ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئالاقىسى ياكى چەت ئەلدە شىركىتىڭىز يۇق ئىكەن ، تۇختاملىشىشقا سالاھىيتىڭىز تۇشمايدىكەن >> دەپ تۇختاملىشىشقا ئۇنىمايدۇ . ئاسان بەل قۇيىۋەتمەيدىغان ھۈسەنباي بۇ قىيىن مەسىلنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ ۋە ئامال قىلىپ ئىستانبۇل شەھىرىدىن باغداتقا بارىدىغان تۆمۈريۇلنى ياساشنى ھۆدىگە ئالغان گېرمانيە تۆمۈريۇل شېركىتىنىڭ 400مىڭ تىللالىق پاي چېكىنى سېتىۋىلىپ ، بۇ شېركەتنىڭ پايچىكىلىك گۇۋانامىسىگە ئېرىشىپ تۇختام تۈزۈش سالاھىيتىنى ھازىرلايدۇ ھەمدە 500 مىڭ تىللا پۇلنى زاۋۇت ئۈچۈن زاكالەت قۇيۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ . 3 a+ {8 {' y% j1 n$ m
ئۇ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىنىسى باۋدۇنباينى غۇلجىغا چاقىرتىپ : - ئىنىم سەن چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر . مەن گېرمانيىلىكلەر بىلەن زاۋۇت سېتۋىلىشى تۇختاملىشىپ كەلدىم . سەن دەرھال گېرمانيىگە بىرىپ زاۋۇتنى ئىلىغا ئىلىپ كېلىشنىڭ ئامالنى  قىل . رۇسيە تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان گەپ ،رۇسلارنىڭ پەيلىنى ئۆزۈڭ بىلسەن ، - دەيدۇ . باۋدۇنباي تەمكىنلىك بىلەن : % o; p+ q: i+ F0 B. j
-زاۋۇت قۇرۇش خەلققە پايدىسى تېگىدىغان چوڭ  ئىش . زاۋۇت قۇردۇق دىگەن گەپ تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ قۇرمىساق بۇلمايدۇ ، دىگەن گەپ. دېمەك ، ھەم سانائەت بىلەن ھەم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ يۇلغا ئاتلىنىپتۇق . بۇ ئىشنىڭ جاپاسى قانچىلىك بۇلسا بۇلسۇن ، بۇلدى ، مەن ئۈستىمگە ئالدىم . مۇشۇ ھەپتىلا يۇلغا چىقاي - دەيدۇ .   % ], S5 s- N8 d0 z7 D! o' h& e/ t7 d
1904 - يىلى قار لەپىلدەپ يىغىپ تۇرغان بىر كۈنى باۋدۇنباي << گېرمانيە سانائەت شىركىتى>> نىڭ ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كىلىدۇ . پاينەكباش لىدىر ئويلىمىغان يەردىن : ' u) U5 h( \0 j( C. T1 d( d
- ئەپەندىم ،قۇل ئاستىمىزدىكى زاۋۇتلار ئۇقۇشماي ئاكىڭىزدىن زاكالەت پۇلى ئىلىپ قۇيۇپتۇ . قانۇنۇنىمىزدا << دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك سانائەتلىرنى چەتئەللەرگە ، قۇشنا دۆلەتلەرگە سېتىپ بىرىشكە ، ئۆتۈنۈپ بىرىشكە ، ياساپ بىرىشقا بۇلمايدۇ>> دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭا زاكالەت پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىشكە مەجبۇرمىز  - دەيدۇ . باۋدۇنباي چېچەنلىك بىلەن:- D2 n& Z8 K4 a  H9 n
  - گېرمانيە قانۇنۇنىڭ كۈچى كۈچلۈك ، ھۆرمەتلىك ئەپەندىم ، بىز قانۇن بۇيچە تۇختاملاشقان ، شۇڭا قانۇن بۇيىچە بۇلسۇن . بىز گېرمانيە دۆلىتىنىڭ مەنپەتىگە ياكى بىخەتەرلىكىگە زىيان سالمايمىز .زاۋۇتنى قۇرۇش ، ئىشقا كىرىشتۈرۈش تېخنىكلارنى تەربىيەلەشكە يەنىلا يەنىلا گېرمانىيىلىكلەرنى تەكلىپ قىلىمىز ، ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يۇق ، - دەيدۇ .
8 I" A& M* {9 lئىككى تەرەپ تەكرار سۆھبەتلىشىپ ، ئاخىر باۋدۇنباينىڭ تەلپىگە قۇشۇلىدۇ . لىدىر :- v" G, Q' |- C
زاۋۇت قۇرۇش ئىشىڭىزغا بىز قۇشۇلغان، ياردەم قىلغان بىلەن چارروسيە ھۆكۈمىتى زاۋۇت ئۈسكىنلىرىنى روسيە زىمىنى ئارقىلىق تۇشۇشۇڭلارغا قۇشۇلماسلىقى مۈمكىن ، - دەيدۇ . باۋدۇنباي :
/ A, V. b) f- `# N! c# V- م گېرمانيە تۆمۈر يۇلنىڭ پايچىسى ، شۇڭا ئۈسكىنلەرنى ئومىسكى شەھىرىگە پويىزدا يەتكۈزۈپ بىرىش توغۇرلۇق ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن ، ئۇلارشىركەت نامىدىن چارروسيە بىلەن سۆزلىشىدۇ - دەيدۇ .   
  t& `( R: K  w0 f) l5 V<< گېرمانيە سانائەت شىركىتى >> تۇختام بۇيىچە زاۋۇت ئۈسكىنىلىرنى 1906 - يىلى پۈتكۈزۈپ بىرىدۇ . ئىككى يىلغا سوزۇلغان سۆھبەت ۋە تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بىرىدۇ .چارروسيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۈسكىنلەرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە رۇسيە زېمىنىدىن تۇشۇپ ئىلپ چىقىپ كېىتىشكە قۇشۇلىدۇ . بۇلمىسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇدۇ . ئۈسكىنلەر پويىزلاردىن قاتمۇ - قات ئۆتۈپ 15 كۈن بۇلغاندا روسيىنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە يەتكۈزىلىدۇ ئەمما ھىلىگەر چارروسيە ھۆكۈمىتىنىڭ  ھەربىي ئەمەلدارلىرى پادىشاھ ئالىيلىرى ئىمزا قۇيغان ياكى باش قۇماندان جاناپلىرى قۇل قۇيغان بۇيرۇق بۇلمىسا بۇلمايدۇ ، دەپ باۋدۇنباينىڭ قۇلىدىكى << چارروسيە قاتناش - تىرانسپورت شىركىتىنىڭ توختامنامىسى >> نى ۋە << چارروسيە سانائەت كومبىناتىنىڭ رۇخسەتنامىسنى >> نى ئېتراپ قىلمايدۇ .   * d0 r. h0 z) f3 g' A
قەيسەر،  ئىرادىلىك ، تەدبىرلىك  باۋدۇنباي روسيە تەرەپنىڭ قەستىنى پەمىلەپ ، دەرھال پېتېربورگقا بىرىپ چىڭ سۇلالىسى كۇنسۇلىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ، 1881 - يىلى ئىمزالىغان << جوڭگۇ -روسيە ئىلى شەرتنامىسى >> دا بەلگىلەنگەن << جوڭگۇنىڭ چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ماللىرى چار روسيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ >> دېگەن ماددىسى بۇيىچە ئوتتۇرغا چىقىپ ، رۇخسەت ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .سۆزلىشىش نەتىجىسىدە ، چار روسيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى نائىلاج ئالاھىدە رۇخسەتنامە يېزىپ بىرىدۇ .
& f1 Y9 Q$ y" T% e% yئۈسكىنىلەر ئومىنىسكى شەھىرىدىن پاراخۇتقا قاچلىنىپ  ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق قازاقستانىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە تەرەپتىكى مۇھىم شەھىرى شەمەيگە يەتكۈزىلىدۇ . شەمەيدىن ئىلىغا يىقىن يەركەنت (ياركەت ) شەھىرىگە باردىغان 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ناھايىتى ئىگىز - پەس ، ئەگرى - تۇقاي بۇلغاچقا ، قاتناش قۇلايسىز ئىدى . ئېغىر ئۈسكىنىلەرنى باسقان چوڭ تىپتىكى ئاپتۇمۇبىللار بۇ يولدا  ماڭالمايتتى . باۋدۇنباي ئېغىر ئۈسكىنىلەرنى يۆتكەشكە بۇلدىغان 50 نەچچە ھارۋا ياسىتىدۇ . ئۈسكىنىلەرنى پەم بىلەن چۇۋۇپ ، ھارۋىلارغا قاچىلاپ ، ئىككى يۈزگە ئات - ئۆكۈزنى ھارۋىغا قىتىپ ،بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەش ۋە ياردەمچىنى ياللاپ ، يۇلغا چىقىدۇ .گېرمانىيەدىن بىللە كەلگەن 20 چە ھەمراھ بىلەن بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەشلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ زور كارۋان دالىلاردا تۈنەپ ، يامغۇر- يىشىن ، بۇران - چاپقۇنلاردا قىينىلىپ ، ئوي - دۆڭ يەرلەرنى تۈزلەپ ، يۇل بويى نۇرغۇن ئورۇنغا كۆۋرۈك سېلىپ ، بىر ئايدىن ئارتۇق يۇل يۈرۈپ ،مىڭ بىر جاپادا يەركەنت شەھىرىگە يىتىپ بارىدۇ .
8 n8 ]) q3 D6 y( m) o( Vيەركەنت شەھىرىدە ئۇلارنى غۇلجىدىن كەلگەن ھۈسەنباي ، يەركەنت ۋالىسى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ .   
$ ~. w9 ]0 L' n# Z7 N2 N0 V) Vيەركەنت بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارلىقىدىكى 100 نەچچە كىلومېتىرلىق يول تولىمۇ ناچار ئىدى ، توپىلىق كاتاڭ ھارۋا يولى ھەرقانداق ھارۋىنىڭ جۇلىقىنى چىقىرۋېتەتتى . يەركەنت ۋالىسى خەلقنى بۇ يولنى تۈزلەپ ۋە كەڭرىتىپ ، - مۇسابايېفلارنىڭ بۇ خەيرىلىك ئىشىغا ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ .مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر بىرەر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ قۇرغاسقىچە بۇلغان يولنى پۈتكىزىدۇ . قۇرغاس بىلەن غۇلجا ئارلىقىدىكى يولنى ھۈسەنباي ئىلى دىھقانلىرنى ياللاپ ئىشلىتىپ تۈزلەيدۇ .   / K( O9 z' K" a2 E# |5 C, ^
1907 - يىلنىڭ ئاخىرى زاۋۇت ئۈسكۈنلىرى غۇلجا شەھىرىگە تۇلۇق تۇشۇلۇپ بۇلىدۇ . ئىككى يىل ئۆتۈپ 1909 - يىلنىڭ دەسلەپكى كۈز  كۈنلىرى كەلگەندە زاۋۇت قۇرۇلىشى پۈتۈپ ، 25 مىتېر ئىگىزلىكتىكى زاۋۇت تۇرخۇنى قەد كۆتۈرىدۇ . زامانىۋى << ئىلى كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى>> رەسمىي ئىش باشلايدۇ . بىر يىلدىن ئوشۇق مەخسۇس تېخنكا تەربىيىسى ئالغان 200 يىقىن ئۇيغۇر ئىشچى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ ، 50 لامپۇچكا يۇرۇتۇلىدۇ ، سېخلار ئار تېلفۇن ئالاقىسى ئورنىتىلىدۇ ، نەپىس ئىشلەنگەن كۈن - خۇرۇملار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ، ۋالىلىداپ تۇرۇدىغان سۈپەتلىك ، سىپتا خۇرۇم ئاياقلار بازارلارنى قاپلايدۇ . ئىلى خەلقى بۇ زاۋۇتنى << ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى >> دەپ ئاتىشىدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ يىزىشىچە - مۇسابايېفلار قۇرغان بۇ كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى 1906 - يىلى شاڭخەيدە ياپۇنلار قۇرغان << جاڭنەن << كۈن - خۇرۇم زاۋۇتى>>دىن ئۈچ يىل كىيىن قۇرۇلغان . 1913- يىلى جوڭخۇا مىنگۇ ئۆزى قۇرغان 11 تېرە زاۋۇتىنىڭ ئومۇمى كاپىتالى 4 مىليۇن 608 مىڭ يۈەن بۇلۇپ ، <<ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى>> نىڭ كاپىتالىدىن 1 مىليۇن يۈەنلا كۆپ بۇلغان . << ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى >> ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كىيىن روسيەنىڭ پۈتكۈل .وتتۇرا ئاسيا رايۇنىنى ۋە مۇسكىۋا ، پېتېربورگ قاتارلىق شەھەرلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ ، مەھسۇلاتلىرنىڭ تۈرى 10 نەچچە خىلغا يەتكەن .   2 R, n/ i: Z( G; K" @
شىنجاڭ سانائىتىنىڭ باشلامچىسى ، مىللىي كارخانچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بۇلغان - مۇسابايېفلارنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى شۇنىڭدىن كىيىن بىرنىڭ كەينىدىن بىرى بارلىققا كىلىدۇ . مەن - مۇسابايىفلارنىڭ تۆھپىسنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ چىقتىم كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئۇلارنىڭ خەلققە قۇشقان تۈرلۈك چاقنىدى .
4 u* H6 Z9 r9 T4 Z3 ~" c: I/ U4 r' H- J" @6 m) V. Z( S# B4 w
بىرىنجى : زاۋۇت قۇرغانلىقى . يۇقۇردا ئۇنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە تۇختۇلۇپ ئۆتتۇم .$ W5 f  p* _& F2 u7 x. i& X
2 V2 O; z: w/ `) Y- k: M
ئىككىنجى : چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەركىتى . - مۇسابايېفلار 20 گە يىقىن ئوقۇغۇچىنى روسيە ، تۈركىيە ، لىۋان قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتكەن . ئۇلار تۈرلۈك كەسپلەردە ئوقۇغاندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ ئەينى دەۋىردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىلار سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان - مۇسابايېفلار قازا قىلغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ياردىمىدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچلار بۇلغان .   4 X) V& L# Q; d( n* U5 T# i

  F' ]( @7 A1 q9 U7 |; Tئۈچۈنچى : يىڭىچە باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يۇلغا قۇيغانلىقى . - مۇسابايېفلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاتۇش ئىكساقتا باشلانغۇچ  مەكتەپ تەسىس قىلىپ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ يىڭى مائارىپنى يۇلغا قۇيغانلىقى روشەن پاكىت بۇلسىمۇ لىكىن ، ئۇنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۈت . نىمىلا بۇلمىسۇن   - مۇسابايېفلار ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى جاھالەتلىك يىللاردا مەرىپەت مەشئىلىنى باتۇرلۇق بىلەن يىلىنجاتقان قەيسەر ئەزىمەتلەر ھىساپلىنىدۇ .ئۇلار ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1920 - يىلى غۇلجىدا قۇرغان بۇلۇپ بۇ مەكتەپ << روشىدىيە مەكتەپ >> دەپ ئاتالغان  .
% e" j- R  e" l2 p4 e1 h5 i- L) \6 I/ z7 m3 [2 Z1 G
تۆتىنچى : كەسپ تېخنىكا مائارىپىنى يۇلغا قۇيغانلىقى . - مۇسابايېفالار سېتىۋالغان ئۈسكىنلىرى غۇلجىغا تولۇق تۇشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار گېرمانيىلىك ماكس ۋېنگېر دىگەن تېخنىكنى غۇلجغا تەكلىپ قىلغان . ئۇ كەلگەندىن كىيىن 1908 - يىلنىڭ ئوتۇرلىرى ھازىرقى ئىلى پېداگۇگىكا ئىنىستۇتىنىڭ ئورنىدا تېخنىڭ ئىشچىلار مەكتىپىنى قۇرغان . زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىچى بۇلغان بىر يىرىم يىل ۋاقىتتا ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ ، 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىنىپ تېخنىڭ ، ماستېر ، توكچى ، باشقۇرغۇچى ، كاسسىر ، ئىشچى يىتىشتۈرۈلگەن . بۇلاردىن 200 نەپىرى زاۋۇتقا تاللانغان . # l% ], |4 p8 p6 T
1912 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، زاۋۇت ئىشچىلىرى كۆپىيىپ ،500 دىن ئاشقان . شۇ چاغدا - مۇسابايېفلار روسيىنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلىچە ئاپىستەي قاتارلىق تۆت ئايال ئوقۇتقىچىنى تەكلىپ قىلىپ ، غۇلجىدا <<ئاياللار ھۈنەر مەكتىپى >> دىگەن مەكتەپنى ئاچقان . بۇ مەكتەپكە ، مەدىنيەت دەرسلىردىن تاشقىرى ، تىككۈچىلىك ،  كېسىمچىلىك ، يۇڭ پوپايكا ، شارپا ، ياغلىق ، پەلەي توقۇش ، رېشىليە ئىشلەش ، كەشتىچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەر ئۈگىتىلگەن. بۇ مەكتەپ 1950 - يىللىرى تاقىلىپ قالغانغا قەدەر ، ئون مىڭغا يىقىن ئايال ھۈنەرۋەننى تەربىيەللەپ يېتىشتۈرگەن.   
2 Q1 D0 x; Q. y) \; I, r( o# H$ v+ P
بەشىنجى : دارىلمۇئەللىمىن ( سىفەن )مەكتىپىنى قۇرغانلىقى . 1913 - يىلى - مۇسابايېفلارنىڭ ئىنىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايېا ھەج قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەككىگە بارىدۇ .قايتىشىدا ئاكىلىرنىڭ تاپشۇرىقىغا ئاساسەن ئەھمەد كامال ئىسىملىك بىر مائارىپچىنى بىللە ئىلىپ كىلىدۇ . ئۇلار 1914 - يىلى ئەتىيازدا ئاتۇشقا يىتىپ كىلىدۇ . باۋدۇنباي ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ . ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ قەشقەردە دارىمۇئەللىمىن قۇرماقچى بۇلىدۇ . لېكىن قەشقەر شەھىردىكى مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارىشلىقىغا ئۇچرايدۇ . ئاخىر ئامال بۇلمىغاندا مەكتەپنى ئۈستىن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە ئاچىدۇ . مەكتەپكە قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىن باشلانغۇچ تەربىيە كۆرگەن زىرەك ياشلاردىن 40 نەپىرى تاللىنىپ ئۇقۇتقۇچىلىققا تەربىيىلىنىدۇ . ئۈستىن ئاتۇش خگلقى بۇ مەكتەپنى << ھەبىبزادە دارىمۇئەلىمىن >> دەپ ئاتايدۇ . چۈنكى ئەھمەد كامالنىڭ تولۇق ئىسمى ھەبىبزادە ئەھمەد كامال ئىدى . لېكىن بۇ مەكتەپنىڭ ئورىنبورگدا باستۇرۇلغان دەرسلىكلىرنىڭ مۇقاۋىسىغا بۇلسا << قەشقەر دارلىمۇئەلىمىنىنىڭ دەرسلىكى >> دەپ يېزىلىدۇ . ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى بۇ دارىمۇئەلىمىن تۈرلۈك قارىشلىقلار ئىچىدە داۋام قىلىپ ، ئىككى يىلدىن كىيىن ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش بىلەن تەڭ مەجبۇررىي تاقىلىدۇ . شۇنداقتىمۇ ، بۇ مەكتەپتە تەربىيەللەنگەن ئۇقۇغۇچىلار كېيىنكى يىللاردا ئۆزلىرنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ .   
, T! t% A+ ?* U" `1 n! \; @
8 t0 l' C7 Y, L' O7 Q6 |% qئالتىجى : كىنونى ئىلىپ كىرگەنلىكى . - مۇسابايېفلار گېرمانيە تەرەپ بىلەن 19907 -يىلدىن 1909 - يىلغىچە بۇلغان زاۋۇت قۇرۇلۇش جەريانىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بىرىشكە پۈتۈشكەندى .1912 - يىلى مەزكۈر زاۋۇت تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە بىر دانە فىلىم قۇيۇش ئاپاراتى گېرمانيە تەرەپتىن باۋدۇن مۇسابايېفقا تاپشۇرۇلىدۇ .  باۋدۇن مۇسابايېف زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلغان بىر چاس فىلىمدىن باشقا يەنە ھەر خىل مەزمۇنلار ئەكس ئەتۈرۈلگەن تۆت چاس فىلىم ، بىر كىنو ئاپاراتىنى ئىلىپ تېخنىك خادىملار بىلەن بىللە قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ . بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر ئاتۇشتا بىر نەچچە نۆۋەت قۇيۇلغاندىن كىيىن غۇلجىغا ئېلىپ چىقىلىپ غۇلجىدا ئاممىغا قۇيۇلۇپ بىرىلدۇ . بۇ يىڭى مەدىنيەت ھادىسىسى ئەينى ۋاقتىكى نادان ئاۋامنىڭ پەن - تېخنىكىغا بۇلغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىلىم - پەنگە بۇلغان ئىشتىياقىنى كۈچەيتىشتە موھىم رول ئوينايدۇ . :% o$ l. n; y2 a$ U
; _0 [  g, [1 t0 e: p" s+ E
يەتتىنجى :پوتبۇل ھەركىتىنى ئومۇملاشتۇرغانلىقى. - مۇسابايىفلار چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى (شادى) شىنجاڭدا پۇتبۇل ھەركىتىنى تۇنجى قىتىم بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزىمەتلەر ھىساپلىنىدۇ. '
: W7 P2 a+ c$ F6 R/ fتۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى 1915 - يىلى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ،ۋەتەنگە قايىتقاندىن كىيىن ، ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا پوتبول ھەركىتىنى ئومۇملاشتۇرغان .ئابدۇراخمان ئەپەندى 1920- يىلى غۇلجىدا روشىدىيە مەكتىۋىگە مۇدىر بولغاندا تۇنجى قىتىم غۇلجىدا پوتبۇل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان .تۇرسۇن ئەپەندى 1920- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوماندا تەشكىللەپ،قەشقەردە ئەنگىلىيىنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، غەلىبە قىلىپ ،پۈتۈن قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن.
! {  Q' b* z8 l. ]& [7 A3 C
/ d6 I' b+ ]" ?0 S  ]! z$ dىنچى : "مۇسابايىفلار روھى "نى ياراتقانلىقى. - مۇسابايىفلار ،مۇسابايىفلار جەمەتىنىڭ نامىنى مەشھۇر قىلىپلا قالماستىن ،بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سودا -دانائەت، مەدەنىيەت، مۇئارىپ تارىخىدا شانلق سەھىپە ياراتتى.ئۇلار بۇ شانلىق سەھىپىنى نىمە بىلەن ياراتتى؟بۇ يەردە رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل نىمە؟بەزىلەر بۇنى پۇل دەپ ئويلىشى مۇمكىن ،ھەقىقەتەن - مۇسابايىفلار كاتتا بايلار،لىكىن ،ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت - مۇسابايفلارلا كاتتا بايلاردىن بولغان ئەمەس. بايلىقتا ئۇلاردىن قىلىشمىغىدەك يەنە نۇرغۇن بايلار بولغان، لىكىن ئۇلاردا - مۇسابايىفلاردەك روھ بولمىغان. بولغان تەغدىردىمۇ يىتەرلىك بولمىغان. - مۇسابايىفلاردا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشتەك قىممەتلىك روھ بار ئىدى. ئۇلار ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلاتتى ئۇلاردا ئۆزىدىن ھالقىيدىغان جاسارەت بارئىدى.ئۇلارنىڭ ھاياتى يول ئىچىش، ئالغا ئىنتىلىش، ئۆزىگە خاس يول تۇتۇش بىلەن خاراكتىرلەنگەن ھايات ئىدى.
% r- s0 X0 |+ G$ R5 rئۇلار كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلارنى پۈككەن ھەم بۇ غايە ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن كۆرەش قىلغان ئىدى.ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتىنىڭ مىزانى قىلغان ئىدى.ئۇلار يىڭىلىققا ،تەرەققىياتقا ئىلغارلىققا ھىرىسمەن  بولغان،جاھالەتكە ،نادانلىققا ،قالاقلىققا دۈشمەن بۇلغان ئىدى .ئۇلار نەزىرىنى دۇنياغا تىككەن ئىدى.ئۇلار ئىقتىسادنى تۈۋرۈك،مائارىپنى مەشئەل قىلغان ئىدى.مانا بۇ - مۇسابايىفلارنىڭ روھى! بۇ ئۇلاردىن ئەۋلاتلارغا مىراس قالغان قىممەتلىك بايلىق !بىز ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلايدىغان،روھتا تەربىيىلەشتە مانا مۇشۇ قىممەتلىك روھقا ھەر ۋاقىت مۇراجىئەت قىلماي تۇرلمايمىز.  
# q# l* _& V+ a  W9 t8 R% ]+ e - مۇسابايىپلارنىڭ زاۋۇت قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان،زاۋۇت،كارخانىلارنى قرۇش ئەۋجىگە چىقىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك .بىز 2009 - يىلىدا بۇ توغرۇلۇق قانداق ئىجابى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئىجتىمائى ھاياتىمىزدا قانچىلىك داغدۇغا پەيدا قىلالايمىز؟بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەقىدىسى،چۈشىنىشى،پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق .

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

1

يازما

33

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
5 سەر
تۆھپە
3 سەر
تىللا
20 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-3 21:15:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىپ قوللاپ قويايلى!

0

تېما

7

يازما

152

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
140 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-3 21:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇرۇس  

0

تېما

6

يازما

130

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
0 سەر
تۆھپە
0 سەر
تىللا
125 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 06:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
感謝樓主  

0

تېما

4

يازما

96

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
5 سەر
تۆھپە
3 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 09:53:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تەپسىلىي كۈرۈپ باقاي!  

0

تېما

6

يازما

116

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
20 سەر
تۆھپە
14 سەر
تىللا
56 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 10:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما  

0

تېما

10

يازما

137

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
18 سەر
تۆھپە
6 سەر
تىللا
86 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 13:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !

0

تېما

5

يازما

82

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
13 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
45 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 16:32:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  

0

تېما

8

يازما

139

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
19 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
84 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 18:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇرۇس  

4

تېما

17

يازما

447

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
102 سەر
تۆھپە
94 سەر
تىللا
133 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-4 21:05:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗