مائارىپ
ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى 8 W: b# Q$ W' Y! P$ G: _/ E6 P
& X9 g$ m1 n2 V# I: q: o/ {, T
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى شەكىللەندۈرگۈچى قەدىمكى ھەر قايسى ئۇرۇق ، قەبىلە ، قەۋم ۋە خەلقلەر يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ تارىم ۋادىلىرى ، يارىش ( جۇڭغارىيە ) ئويمانلىقى ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئىسسىق كۆل ساھىلى ، ئېرتىش دەرياسىدىن تارتىپ بالقاش كۆلىنىڭ ئەتىراپلىرىدا ، بايقال ئەتىراپلىرىدا ، تاشقى مۇڭغۇلىيىدىكى سېلىنگا ، ئورخۇن ، تۇغلا ، قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ساھىللىرىدا ، ئورال – ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ، سەنشى ، شەنشى ، نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا ياشىغان . قەدىمقى دەۋردىن ھازىرغىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن تارتىپ قوشنا خەلقلىرىگىچە ئورتاق ، ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن ئىسىم ‹‹ ئۇيغۇر ›› دېگەندىن ئىبارەت . مەسىلەن ، ‹‹ كونا تاڭ سۇلالىسى تارىخى ›› دا ‹‹ ئۇيغۇر ›› دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى ‹‹ شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى ›› دەپ ئىزاھلىغان بولسا ، مەھمۇت قەشقەرىي : ‹‹ باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر، قولىدىكى ئوۋنى قاچۇرماي ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ تۇتقۇچىلار ›› دەپ چۈشەندۈرگەن .7 C+ b1 l/ ?6 q
ئۇيغۇر تىلى ئورال – ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ئالتاي – تەڭرىتاغ تىللىرى ئائىلىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى شەرقىي ھون تۈركۈمى ئۇيغۇر – ئوغۇز تىلى بۆلۈكى ئۇيغۇر – قارلۇق تىلى قىسمى ئۇيغۇر تىلى دېئالىكتىكىغا تەئەللۇق .
T3 p3 i3 i1 S. oئامىرىكىلىق ئالىم ر. گروسسىي : ‹‹ يايلاق ئىمپېرىيىلىرى تارخى ›› دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارغا يوقىرى باھا بېرىپ ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹ مەدەنىيەت ئۇستازلىرى ›› دىن بولغان ، دەيدۇ . دېمەك ، تۈركىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى ئەھمەد زەكىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك : ‹‹ ئۇيغۇرلار تۈركلەر ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكرەك ، مەدەنىيەتلىرىمۇ يوقىرىراق بولغانلىقتىن ، ئۆزىنىڭ تىللىرى باشقا تۈركلەر ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغان ››
/ n! b* a4 K: cــ ‹‹ ئۇيغۇر كللاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس ›› دىن .
: T) X( G2 h5 Q4 @قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوڭۇر ( ساغۇچ ) چاچلىق ، قوي كۆزلۈك ( ياكى كۆك كۆز ) ئىدى . ھازىرقى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۆزگىرىپ كەتكەن .% h* t. R: U7 u/ f6 s6 B
سىلەر ئەرەپچە ، رۇسچە ئىسىملاردىن ئەمەس ، قەدىمقى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىن فامىلە ياسىساڭلار ياخشى بولىدۇ . بۇ ئىسىملار كونا قول يازمىلاردا بار . سىلەر ھازىر مەدەنىيەتتە ئارقىدا . بۇ دېگەنلىك ئەزەلدىن ئارقىدا ئىدىڭلار ، دېگەنلىك ئەمەس . ئۆز مەدەنىيىتىڭلارنى ئۆگۈنىڭلار ، ساقلاڭلار ، راۋاجلاندۇرۇڭلار . يازغۇچىلار بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ دېھقانلارنى ئەينەن يېزىشى ، كۆپلەپ يېزىشى كېرەك. سەۋەبى ، ئۇلار مىللەتكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ ، ئۇلار ئاساسى خەلق . بىر مىللەتكە خاس بولغان نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەر دېھقانلاردا ساقلانغان بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئاستا بولىدۇ . ئۇلار يەرلىك ئادەت ، يەرلىك تىل ، مىللى مەدەنىيەتكە ئامىراق . مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلىڭلاردا يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلارنى ئوقۇپ باقتىم . تىل ئادىتىڭلار ، تىلدىكى مىللى خۇسۇسىيەتلەردە ئۆزگىرىش كۆپ ئىكەن . سىلەر ئۆز تىلىڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە جۈملە تۈزىشىڭلار كېرەك .$ ?8 c3 {7 j- ~
ــ زورىدۇن سابىر : ‹‹ ياۋروپاغا سەپەر ›› دە بىر ياۋروپالىق ئالىمنىڭ ئاپتورغا ئېيتقانلىرىدىن .0 g; c- ^( v" Z5 q3 Z: u/ B3 b* Z/ |( J
ئۇيغۇر دوستلىرىم ماڭا ‹‹ پەنجىگاھ ›› مۇقامى ئېلىنغان لېنتىنى سوۋغا قىلىشتى . مەشرەپ مۇقاملىرىنى ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى چەكسىز ئىجتىھات بىلەن يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئاۋاز ئېقىملىرى بىلەن كۈيلەيدىكەن . ئۇلارنىڭ ئاق تېرەكلەرنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ياڭراتقان بۇ باھاسىز سىمفونىيە سادالىرىغا تەڭكەش بولۇپ تۇغۇلغان گۈزەل شېئىرلار كىشىلەرنى بىر – بىرىگە نەقەدەر دوست – ئاشىنا قىلىپ تۇرىدۇ – ھە ! قەبرىگاھتا ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەت سىزغان مەھمۇت قەشقەرىينىڭ رەسىمىگە ئۇزاق تىكىلدىم . ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك شاپاق دوپپىسى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىزدىنىشتىن ھېچقاچان تالمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش تازا ھەم روشەن . مەھمۇد قەشقەرىي سۆزلەرنى يوقۇلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى . ئۇنىڭ داھىيانە شاراپىتى بىلەن مىڭلىغان سۆزلەر ئەمدى مەڭگۈ تىرىك ، ئۇ سۆزلەر ئازاق بۇلاقلىرىغا ئوخشاش قايناپ تۇرىدۇ . نەچچىلىگەن خەلقلەرنىڭ شائىرلىرىغا ئىلھام بېرىۋېرىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىيگە ئوخشاش دانىشمەن ئالىملار ئىنسانىيەت جەمئىيەت تارىخى ئۈچۈن ساناقلىقلا . مەھمۇد قەشقەرىي خەلقلەرنىڭ سۆزلىرىنىلا ئەمەس ، ئۇلارنىڭ يامبۇ ، ئالتۇندەك ئېسىل ماقال – تەمسىللىرى ۋە رېئالىستىك روھقا باي شېئىرىيىتىنىمۇ ئەسىرلەر ئۈچۈن، تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ساقلاپ قالغان . ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە قوشقان ئۆلمەس ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر .; G9 g: }! }: m* ]5 u7 X$ A. F& x' ^
ــ ئىبىراھىم غاپۇرۇف ( ئۆزبەكىستان ) : ‹‹ قەشقەردە ›› ، تارىم ژورنىلى 1988-يىل 5- سان .4 m1 n# @$ k/ c: }: R9 \5 C6 z, a$ d
قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن . بىز رۇسلار ياكى سلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇيغۇرلار ئاللاقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ، شانلىق - يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى .( e% `, I0 _' T2 M3 Z8 R7 D
ــ ۋاسلېيېف ( رۇسىيە ); f8 S$ i. [# W# V0 Y
ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمكى كۆپ سانلىق تۈركىي ( تىللىق ) خەلق ئىدى .
% j+ v( F4 ]5 @1 Qــ ۋ. رادلوف ( رۇسىيە ). C8 h7 r- `6 y$ {9 [/ N3 V! J% r
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يوقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ، ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى .
( ^4 h4 c4 n# g1 M1 kــ س. مالوف ( رۇسىيە )
, i i% R0 }/ ]2 i8 ^ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ، لېكىن ئازاراق مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارلىشىپ قالغان ، بۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقلىق خەلق ئىدى . ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ،سېرىق چاچلىق ، ئاق يۈزلۈك ، قاڭشارلىق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار مۇڭغۇل ئىرقى ۋە باشقا ھىندى ، ياۋروپا خەلىلىرىبىلەن ئارلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن . خاتالاشمىسام ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمكە بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇتقۇدقۇ، دەيمەن؟! v; x6 ?! \8 Z
ــ ۋاسلىي ( رۇسىيە )
( G/ {: ~' ^' u) r9 Jجۇڭگو ، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دىگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئى . شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ . مەسىلەن ، قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار ، چوڭ ياۋچىلار ، ساكلار ، ئىفتالىتلار ، چاڭلار ، تۇبۇتلار ، تۈركلەر ، سىيانپىلار ، قىتانلار ، جۇرجىنلار ، مۇڭغۇللار ياشىغان . بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ ، قۇدرەت تېپىپ جاھاننى سورىغان . لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا بەزىسى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى . ئۇيغۇرلار بولسا ، تارىخدىكى بوران – چاپقۇندا راۋاج تېپىپ زورىيىپ ، شىنجاڭنىڭ ئاساسى مىللىتىگە ئايلاندى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
Z1 e: B7 `3 Q. j' Lبۇرۇنقى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، خەنزۇ يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى ، سانسكرت يېزىقى ، پارس يېزىقى ،تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، نىستورىئان دىنى، مەجۇسىي دىنىغا ئائىت دىنىي كىتاپلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان . بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچىراپتىكەن . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟0 X$ j2 \% m: T' r7 X. \ q
بىرەر دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت ، دەپ ئاتىماق تەس . شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىي دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان .
& V! {! O- `' Xبۇنىڭ سىرى نىمە ؟) M! H9 A! _/ J% y* N( z! Z$ G) F
ئۇيغۇرلار ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ شامان دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، مەجۇسىي دىنىغا ، بۇددا دىنىغا ، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان . دۇنيادا دىن ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟0 v( K: [# h v7 D) [% W8 n
ئۇيغۇرلار شىمالىي مۇڭغۇل قۇملىقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە - ئەللەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . كېيىكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى ، مۇڭغۇلنى ، قىتاننى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . شۇنداق زور ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نىمە ؟
" _3 k5 {: r% ^9 Cئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار ، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟( J8 F3 g1 m5 ^9 L9 e3 i8 b
ئەرەپلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى مۇنداق ئوبرازلىق سۈرەتلىگەن : ‹‹ ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە ، گۈللەرنىڭ رەڭ - پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىپمۇ تۇرمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ ›› .1 E0 s) F4 }# `- L
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەئەنىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجسى قاراخانىيلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدۇر . ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز – ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن ، شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بوپقالدى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلار شۇ كونا ‹‹ يىپەك يولى ›› دا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ ، كەڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى .
$ C2 f1 Q0 Y# E p- e9 f) |' `! r3 uئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ، كۆپ يولدىن، كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن كەلگەن چۆكتۈرمىلەرنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت .9 _0 [. W1 V7 w( z7 P* @
ــ مىڭچىبى لۇلۇلۇ ( مۇڭغۇل ): ( ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش ) دىن .0 L' H/ y) `0 e9 d, {
مۇڭغۇللار ( چىڭگىزخان دەۋرىدە ) ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى دەپ قاراپ بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان . ئىلخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت مەمۇرى ئاپىراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان . ھەتتا ئەينى دەۋرلەردە ئىلىم – پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان خوراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن .& A# T; A5 X- S5 Z1 H. B
ــ جۈۋەينىي ( ئىران )
Y* k" S- [) }ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى باشقا تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە قارىغاندا ، بالدۇر ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كىردى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن شامانىزم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، ئالدى بىلەن مانىي دىنى ، كېيىنرەك بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى . تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر ئىچىدە بالدۇر يېزىق ئىجاد قىلىپ ، جۇڭگو بىلەن ماۋرائۈننەھىر ئارىسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى .
7 M# c, Q. _6 k! t) e5 Jــ ئا. يۇ. ياكۇبوۋىسكىې ( رۇسىيە )( y3 {+ ~7 \, M5 g+ x( d! `; o
كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا ، ئالدى بىلەن مېڭ سۇلالىسى دەۋرى ( 1368-1644 ) دە ئۆتكەن ، غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى - يۇەن سۇلالىسى دەۋرى ( 1206-1368 ) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ، ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
6 U0 k% n! e, ^1 yــ ۋاڭ شياۋ جيەن : ‹‹ ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش توغرىسىدا قىسسە ››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژورنىلى 1987-يىل 1-سان .
( f+ Q3 v1 K. Y‹‹ سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدىڭلار . تۈركي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن سىلەر يېزىقنى ئىجاد قىلغان . بۇ يېزىق نۇرغۇن تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە ئورتاق يېزىق بوپقالغان .ھازىرقى مۇڭغۇل يېزىقىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . قەدىمكى زامانلاردا ، ئۇيغۇرلاردىن ئاجايىپ زور ئالىملار يېتىشكەن . چىڭگىزخان ۋە ئۇنۇڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ، پۈتكۈل دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىلىم – پەن ئۆگۈتۈش ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قولىدا ئىدى. تاتار خانلىرىمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن كۆپ نەرسىلەر ئۆگەنگەن ›› .
K9 _7 A; P5 G* [& P& t/ M# Wــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .
( m4 H" @, R+ [& X. v: dبىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ - شەۋكەتلىك ئىشلارنى قىلغان ئەقىل - پاراسەتلىك مىللەت بولغان بولساقمۇ، كېيىن جەبرۇ – زۇلۇم، قۇللۇق، ئاسارەت تۈپەيلى قالاق، نادان، قاششاق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز . نادان مىللەتتە مەنىۋى ئىللەت كۆپ بولىدۇ. پۇلغا، مەنسەپكە خوتۇنغا ھېرىسلىق، خۇراپاتقا ئىشىنىش، يۇرتۋازلىق، قەبىلەۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆزغورۇرىنى ساقلىماسلىق، ھەركىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ، مىللەتنى ئويلىماسلىق - خۇلاسە كالام ، نادانلىق، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق، مانا بۇلار ئۇزۇن يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى .
2 }" C" }6 ^ X* `ــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .$ q# u6 l2 [5 k" b1 B8 `
مەنبە : مىسرانىمدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |