ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1412|ئىنكاس: 1

ناخشا ئەقىللىق كىشىلەر دۆت ئىشتىن بىرنى قىلدىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-10-15 11:37:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يانفۇن ئەقىللىق كىشىلەر دۆت ئىشتىن بىرنى قىلدى. A' Z6 @- M% u; C; ]
20111014231755227.jpg
# y2 T- V0 p9 z# C9 |ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» قارمىقىدىكى «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش پايدىلانمىسى» نىڭ باش مۇھەررىرى جىن چى
( B3 U- _9 n# J6 @http://www.ftchinese.com/story/001041085
" f% H8 @# L8 U8 a& R7 A# |, Zئىقتىسادىي كىرىزىس ئالدىنقى قېتىم (يەنى 2008 يىل ئاخىرى) ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا يامرىغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمەت باشلامچىلىقىدىكى ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارقىدىنلا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە باشلامچىلىق قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم، بېيجىڭ تەرەپ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقلۇقىنى ھېس قىلدى.% O0 e" N1 t# j' m) u: E
ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش تىزىشچانلىقى جۇڭگونىڭ ماغدۇرىدىن كەتكۈزدى، بۈگۈن سورايدىغىنىمىز ھەرگىزمۇ جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى يوشۇرۇن خەۋپلەردىن ئېلىپ چىقىش ئەمەس بەلكى بېيجىڭ تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىشاڭلىرىنى تىزگىنلىيەلەمدۇ يوق دېگەن مەسىلە.1 ~7 l' P" k# w: v. _5 C
پۇل-مۇئامىلە نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاجىز بىر ھالقا. «ئىسلاھات ئېچىۋېتىش» تىن بۇيانقى 30 يىلدا بېيجىڭ تەرەپ جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىناۋەتلىك قەرز تەمىنلىشى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز باھاسىنى تىزگىنلىشى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ئاجىز كۈچسىز بولۇپ باقمىغان. شۇغىنىسى بۇ خىل ئەھۋالنى دەل 2009-2010 يىلىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنىڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكى» خاراكتېرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ يەنە قايتىدىن كۆرۈلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى.
  V! D( b1 _1 u' L" G6 _2009- يىلىنىڭ بېشىدا، بېيجىڭ تەرەپ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ چىقىمىغا مەبلەغ تەمىنلەش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور مىقداردا قەرز ئېلىشىغا ئېلھام بەرگەن. كېيىن، ئۇ ئامالنىڭ بارىچە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىدى، بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئۆسۈم يۈكىنى يىنىكلىتىش ئىدى. ھۆكۈمەت تەرەپ مۆلچەرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرزىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1,071,700,000,000 (بىر تىرلىيون يەتمىش بىر مىليارد يەتتە يۈز مىليون)يۈەن خەلق پۇلى (168 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ). ئەمما بانكا ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتى ئۇزۇن مۇددەت پۇل پاخاللىق نىسبىتىدىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرغاچقا، پۇل ئامانەت قويغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن نەق پۇلنى بانكىدىن ئېلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى پايدا ئېلىپ كېلىدىغان «سايە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى»غا ئامانەت قويغان.
  s$ E/ q  B( X2 a6 w* ~دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىدىن ئۆزلۈكسىز ئېقىپ كەتكەن ئامانەت پۇل نازارەت قىلىنمايدىغان سايە بانكا سىستېمىسىنى سەمرىتكەن. ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» قارىمىقىدىكى تەتقىقات مۇلازىمەت ئورگىنى «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش پايدىلانمىسى» (China Confidential) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى كۈندە سايە بانكا سىستېمىسى ھەر ئايدا جۇڭگو ئىقتىسادىغا تەمىنلىيەلەيدىغان قەرز سوممىسى رەسمىي بانكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈدۇكى، پۇل-مۇئامىلە تىزگىنىنى كومپارتىيە ھوقۇقىنىڭ مۇھىم قورالى دەپ قارايدىغان بېيجىڭ تەرەپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ نازارەت قىلىنمايدىغان ھاۋالە شىركىتى، سەرراپخانا، سايە قەرز ئورگانلىرى ۋە جازنىخورلارنىڭ باشقۇرۇشىغا زور دەرىجىدە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
5 D9 ^1 e+ |7 ^7 Cگەرچە سايە بانكا سىستېمىسىدا ئەڭ زور، ئەڭ مۇكەممەل قىسمى ھاۋالە شىركىتى (ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇقىم ئىش بېجىرىش سورۇنلىرىغا ئىگە خەتلەتكەن كارخانىلار) بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ كۆپلىگەن «يەر ئاستى» مەشغۇلچىلىرىنىڭ شاكال ھېساباتلىق، كاپالەتسىز قەرزدىن تەشكىل تاپقان رەڭسىز دۇنياسى بار. شەھەر گېزىتلىرىنىڭ ئاخىرقى بېتىدە ئۇلارنىڭ تارقاتقان رەڭگارەڭ ئېلانلىرىنى كۆرەلەيسىز، ئادەتتە پەقەت بىرلا تېلېفون نومۇرى بىلەن ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان ئاتلا بېسىلىدۇ، مەسىلەن، «易天投资»(قولاي كۈندە مەبلەغ )، «盈驰» (پايدا ئارزۇسى) ۋە «宝丽金»(پايدىغا ھۆددە پۇل) دېگەندەك.
! v, s7 o  {, Mبۇ خىل ئورۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭلاشقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۈچلۈك مۇداخىلە، پۇل تەمىنلەشنى بوشىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى سىلجىتىش تىرىشچانلىقىنى ئۇلار ماسلىشىپ قوللاشنى خالىمايدۇ. ئۇندىن باشقا، سايە بانكىلار كۆپلەپ مەۋجۇد بولسىلا، نازارەت تارماقلىرى ئىلگىرىكى ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلارنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈشىگە بۇيرۇق قىلالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، مۇنتىزىم پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى 6.5% لىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىر يىللىق قەرز ئۆسۈم نىسبىتىگە قانائەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىگە قەرز بېرىپ قەرز پۇلى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسى، ھەتتا يەر ئاستى سەرراپخانىلارغا قەرز بېرىپ 30% ھەتتا 70% لىك قەرز پۇلى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىگەئېرىشىدۇ., z! Q- F" }, y$ E) W/ s
بانكا مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلارنىڭ ئەڭ پۇل تاپقان تىجارەت پائالىيىتى كارخانىلارغا قەرز بېرىش بولماستىن بەلكى ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى ۋە يەر ئاستى سەرراپخانىلارغا مەبلەغ تەمىنلەش بولغان. ئەمەلىيەتتە بۇ بىزگە نازارەت قىلىنىدىغان پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تارايغانلىق ئەھۋالىنى تەسىرلىك نامايەن قىلدى. ئەمما، بانكىلارنىڭ پايدىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇشىنى ئويلىشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئامانەت ئۆزلۈكسىز ئېقىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا. مەسىلەن، 9- ئاينىڭ ئالدىنقى 15 كۈنىدە، 4 چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىغا قويۇلغان ئامانەتتىن 420 مىليارد خەلق پۇلى ساپ ئېقىپ كېتىش كۆرۈلۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى قەرز ئومۇمىي سوممىسىدىن تۆت ھەسسە ئېشىپ كەتتى، سەۋەبى ئامانەت قويغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ پايدا نىسبىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سايە بانكىلارنى تاللىدى.' R. c( Z( q) Z0 A% @  P( B
بېيجىڭ تەرەپنىڭ تەتۈر مەزگىللىك رىغبەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىدى، بۇ پەقەت پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىلا گەۋدىلەنمەيدۇ. ئەگەر بېيجىڭ تەرەپ يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلسا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بارمۇ يوق بۇنىسى تېخى يوچۇن. 2009-2010 يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز ئېلىش دولقۇنىدا، يەر ئاساسلىق گۆرۈ قويۇلغان بويۇم ئىدى. ئەمما ھازىر، ئۆي-زېمىن ئېچىش سودىگەرلىرى ئۆي سېتىش تارايغان، گەدىنىدە سايە بانكا سىستېمىلىرىغا قايتۇرىدىغان ئېغىر قەرز يۈكى ئارتىلغانلىقتىن نەق پۇل ئېقىمى مەسىلىسى كېلىپ چىقىپ، كۆپ قىسىم شەھەرلەردىكى يەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.
& V( r9 f" p. p: Q( U5 V! Yيەرلىك ھۆكۈمەت بولۇپمۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قارمىقىدىكى تەخمىنەن بىر تۆمەن مەبلەغ سېلىش شىركىتى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم سەۋىيىسىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ئۇلار ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە ئەلا بولغان كارخانا مۈلۈكلىرىنى سېتىشقا باشلىدى. يەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىق كومىتېتى بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، 3.31 مىليارد خەلق پۇلىغا تەڭ كارخانا مۈلكىنى ساتتى، 2010- يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ساتقان كارخانا مۈلكى 2.35 مىليارد خەلق پۇلى ئىدى.4 @1 z; m6 D# b6 A
بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئەگەر بېيجىڭ تەرەپ يېڭىدىن رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى چىقىرىشنى ئويلىسا، ئۆزىنىڭ 2009- يىلىدىكىگە ئوخشاش تېز سۈرئەتلىك ھەمدە قەتئىي ئىنكاس پەيدا قىلىش كۈچىنىڭ يوقلىقىنى بايقىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بېيجىڭ تەرەپنىڭ قولىدا يەنە بەزى قوراللار بار. ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمەت زايومى تارقاتسا ياكى بانكا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىگە قارىتا تىزگىنلەشنى بوشاتسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن 320 مىليارد تاشقى پىرىۋوت زاپىسىدىن بىر قىسمىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. شۇغىنىسى بۇ ئۇسۇل ئىقتىسادى ئېشىشقا 2009- يىلىدىكىدەك ئۇنداق دەرھال ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن، يەنە بىر ئەمەلىي مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالمايدۇ؛ پەقەت يۇقىرى پايدا بىلەن تەمىنلەيدىغان سايە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى داۋاملىق مەۋجۇت بولسىلا، مەبلەغ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىدىن سايە بانكىغا ئاقىدۇ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان غىدىقلاش پىلانى تەڭشىيەلەيدىغان مەبلەغ تېخىمۇ ئازلايدۇ.; c/ [1 d! ~0 I& k5 M3 O8 t) }1 @. N
يېقىندىن بۇيان، جۇڭگودىكى بىر مەزگىل ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئىقتىسادى پىلانچىلارنىڭ ئىناۋىتى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئەركىن بازارنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەنقىت ئاۋازىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ ۋىييىڭ دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتىغا باھا بەرگەندە: «بىر تۈركۈن ئەقىللىق كىشىلەر دۆت ئىشتىن بىرنى قىلدى» دېدى. دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتى مەخسۇس ئىقتىسادنى تىزگىنلەيدىغان تارماق. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت ئارىلىشىش بىلەن ئەركىن بازار كۈچى ھۆكۈم قىلىدىغا ۋەزىيەتتىن تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش ئىنتايىن قېيىن.) U# k4 j# V& R) ~/ w$ X$ w
مەنبە:كەڭ ساي تورىچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

65

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
4 سەر
تىللا
42 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-28 13:36:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗