|
ئۇيغۇر
قىزچاق ، ئەمدى بولدى قىلىڭ ! ( ^# {. y) R* i5 A H, w
3 D# J5 F0 T: X
-ساباھەت ، مېنىڭ سىزنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن توي قىلايلى دىسەم قۇشۇلمايسىز ؟ سىزمۇ مېنى ياخشى كۈرىسىز ، بۇنى بىلىمەن . بىز ئارلىشىۋاتقىلىمۇ بىر يىلدەك بۇلۇپ قالدى . ھازىر بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بىز بىلەن تەڭتۇشلىرى ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولدى .
. w, f! C, d" }7 K& f8 e/ o) f0 Kئىشخانىدا دەرس تەييارلاپ ئولتۇرغان ساباھەت بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاپ ، قايتىدىن غەمگە چۈشتى .
! L$ s1 d" U c9 \0 \, }, ~- مۇختەر ، سىز مېنى چۈشەنمەيسىز . مەن راستىنلا ئەسكى قىز ، مەن بىلەن توي قىلسىڭىز چۇقۇم پۇشايمان قىلىسىز ، ئايرىلىپ كىتەيلى دىسەم تېخى ئۇنىمايسىز . مېنى قىينىماڭ . مېنىڭ راستىنلا توي قىلغۇم يوق ...
4 g+ `% m# s. r" V, r) ^ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. مۇختەر ساباھەتنىڭ بۇ ھالىتىنى كۈرۈپ ، گەپ -سۆز قىلماي چىقىپ كەتتى . ئۇ دېرىزىدىن سىرتقا كۆز تىككىنىچە خىيالغا كەتكەنىدى ...
# g; k9 E6 \5 a2 K2 `& i* X
* P& c: n( I1 m(1)
% u# ]: h$ a# i$ L7 `; ~1 hئۇزۇنغا سۇزۇلغان ساي يولىدا يەككە –يىگانە ھالدا بىر يۇلۇچىلار ئاپتۇبۇسى كىتىپ باراتتى . يۇلۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز –ئارا پاراڭغا چۈشكەن ، يەنە بەزىلىرى ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولغانىدى . پەقەت ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇندا يانمۇ –يان ئولتۇرغان قىز –يىگىت بىر –بىرى بىلەن پاراڭمۇ قىلماي ئۈن –تىنسىز ئولتۇرشاتتى . قىز قىرقىم چاچلىق ، يۈزلىرى يۇمىلاق كەلگەن ، قاشلىرى ھىلال ئاينى ئەسلىتىدىغان ، كۆزلىرىدىن شوخلۇق ئەكىس ئىتىپ تۇرىدىغان ، زىلۋا ، ئىگىز بويلۇق قىز بۇلۇپ ، باشتىن –ئاخىر مودا كىيىنگەنىدى . ئۇ توختىماي سېغىز چايناپ ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى . يىگىت بولسا چىرايى ئاق –سېرىق كەلگەن ، ئىگىز بويلۇق ، كىلىشكەن يىگىت ئىدى . ئۇ يېنىدىكى سەپەردىشىنى تۇنۇيتتى . بىراق قىز ئۇنى تۇنىمايدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ بىرنەچچە قېتىم قىزغا گەپ قىلىشقا تەمشەلدىيۇ ، بىراق جۈرئەت قىلالمىدى.
7 s4 t; x" i" I' w4 ]كۈندۈز ناھايىتى تېزلا تۈن قاراڭغۇسى بىلەن ئالماشتى . قىز ئۇرۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلەنگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. يىگىت چوڭقۇر بىر تىنىۋىلىپ ، قىزغا قاراپ ئولتۇردى . يىگىت قىزنى بىر يىلدىن بېرى تۇنۇيتتى . يۇرتى ، ئىسمى ، ھەتتا قايسى كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى ، چۈنكى قىزنىڭ شوخلۇقلىقى ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى . ئۇ شۇندىن بېرى قىزنى ئۇچرىتىپ قالغاندا ، گەپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى ، سىرداشماقچى بۇلاتتىيۇ ، بىراق جۈرئەت قىلالمايتتى . ئۇ ھەردائىم قىزنى كۆرۈشكە ئىنتىلەتتى ، قىزنى كۆرگەندە بولسا يۈرەكلىرى تېز –تېز سۇقۇپ كىتەتتى . بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇ قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانىدى . لېكىن قىزنىڭ مودا كىينىشلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى . قىز باشقا دوستلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە مودا كىيىنەتتى . كەڭ ئۇزۇن مايكىلارنى ، كەڭ ئىشتانلارنى كىيىپ يۈرەتتى . قىرقىم چاچلىرى بىلەن كىيىملىرى شۇنداق ماسلىشاتتى . يىگىت قىزنى ئۇچرىتىپ قالغاندا ، قىز پەرۋاسىز كىتىۋىرەتتى . چۈنكى يىگىت قىزغا نىسبەتەن ناتۇنۇش ئىدى .
8 ?2 v$ r- N- M3 @9 }ئاپتۇبۇس ناھايىتى تېزلا بىكەتكە يىتىپ كەلدى . يۇلۇچىلار ئالدىراش ھالدا يۈك –تاقىلىرىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. قىز چامدىنىنى چۈشۈرەلمەي خېلى قىينالدى. يىگىت دەرھال قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ، قىزغا ياردەملەشتى . قىز يۈك –تاقىلىرىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ ، يىگىتكە بۇرۇلدى :
# {; p+ A2 {6 l% H$ r2 _& V# d* {, |! o- ئسمىڭىز ئەكبەرغۇ دەيمەن ، شۇنداقمۇ ؟" \2 ~/ G- f9 q/ V4 i
يىگىت ھەيران قالدى ، قىزنىڭ ئۆزىنى تۇنۇيدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپ :" U: D% Y, o' t! P' J2 h
- شۇنداق ، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ساباھەت ، پىداگوگىكا ئىنىستۇتىنىڭ چەتئەل تىللىرى كەسپىدە ئوقۇيسىز ، شۇنداقمۇ ؟8 i) H, `" P0 l, d- x
قىزمۇ ھەيران قالدى .: h, J# C' f4 N. r0 ^# ]5 ^, d
- مېنى قانداق تۇنۇيسىز ؟. W9 z+ l C7 u
- مەن سىزنى بىر يىلدىن بېرى تۇنۇيمەن ، ــ يىگىت شۇھامان خىجىل بۇلۇپ بۇ گەپنى دىگىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى.9 e& ~+ \. p. h
قىز كۈلۈپ كەتتى ، ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي يىگىتكە شۇنداق دېدى :5 }+ _# Z- I( C8 G, W# Q
- توۋا ، ئىككىلىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىكەنمىز ، ھەم بىر –بىرىمىزنى تۇنۇيدىكەنمىز ، لىكىن پەقەت گەپلەشمەي يۈرۈپتىمىز ، ئەجەپ كۈلكىلىك ھە !0 C4 e8 f- t- ]: ]
ئۇلار بىر - بىرىگە ھەمراھ بۇلۇپ ، پاراڭلاشقاچ مەكتەپكە يىتىپ كەلدى .! S! |+ T; b; G: n: {
- ساباھەت ، بۈگۈن ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، كەچ سائەت ئالتىدە بىللە تاماققا چىقايلى ، بۇلامدۇ ؟
$ G7 o0 ]% D. [3 N! g5 u# z5 m' o- ناھايىتى ياخشى ، نۇرغۇن دوستلىرىم دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل دوستلىرى بىلەن تاماققا چىقىدۇ . ئۇلار تاماققا چىقىپ كەتكەندە مەن دائىم يالغۇز قالاتتىم. لىكىن بىر گەپنى دەي ، مېنى مازاق قىلماڭ ھە ؟!0 o7 u! ~; _" V- C0 t
ئەكبەر ساباھەتنىڭ ئۇماق تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى .
& [! a: L/ f1 e! G- قېنى دەڭ ، سىزنى ھەرگىز مازاق قىلمايمەن .5 K- d) M& [$ \
ساباھەت بارمىقىنى چشىلەپ بىر ئاز تۇرىۋىلىپ ئېغىز ئاچتى :, `3 Q" [+ E0 S" o& J
- راستنى ئېيتسام ، مەن ھازىرغا قەدەر ئوغۇللار بىلەن بىللە تاماق يەپ باقمىغان .* ?2 K- \* k% m6 g: V$ k0 B
ئەكبەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى : a; `# p3 f; l6 ^
- تېخى نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن ، يىمىگەن بولسىڭىز ئەمدى يەيسىز . ھازىر ياتاققا قايتىپ ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، كەچتە كۈرىشەيلى .
. E" |/ j- T& ~' Q5 K4 ~) `ئۇلار خوشلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا قايتتى .
$ ?: o. q3 Z3 v) V. l* * * * *3 G% H. e: O/ Q C) a; l4 R
ساباھەت تەتىلنىڭ ئالدىدا ئەكبەرنى مەكتەپ تانسىخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇچراتقانىدى . ئەكبەر بىلەن بىللە كىرگەن ئوغۇللار توختىماي قىزلارنى تانسىغا تارتىپ ئويناپ تۇراتتى . بىراق ئۇ تانسا ئاخىرلاشقىچە بىرەر قول تانسىمۇ ئوينىمىدى . بۇ يۇۋاش ، خىجىلچان يىگىتنى شۇ ۋاقىتتا كۈرۈپ ، دوستلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ، يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ ئەكبەر ئىكەنلىكىنى ، تارىخ فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى .
% h" e( c: `0 L, Z) n* Sـ ۋۇي ساباھۇ ، سەن كالۋا قاچان كەلدىڭ ؟
: b. K" U( V, ~0 D: r4 B, ]! cخىيال بىلەن ياتىقىغا كىتىپ بارغان ساباھەت ئالدىدا تۇرغان يېقىن دوستى مۇئەتتەرنى كۈرۈپ ، خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى ., ~" t% N. g Q0 b/ K
ـ ھازىر كىلىشىم ، سەنچۇ ؟ سەن كالۋا قاچان كەلگەن ئىدىڭ ؟& H; K" @* ^: q6 B! `
ـ مەن تۈنۈگۈن كەلگەن .ھېرىپ كەتكەنسەن ، قارىغىنە ، بۇنچە كۆپ نەرسىنى قانداق ئەكەلگەنسەن، ھە !/ F5 R# U# E# } S( a4 H
ئىككى دوست پاراڭلاشقاچ ياتاققا كىردى .
$ s& m; o" a0 N# ?* Dساباھەت نەرسە –كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ ، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتتى . مۇئەتتەرمۇ ئۆز ياتىقىغا چىقىپ كەتتى .
3 i* \1 N9 I/ i% u& _! oساباھەت ئادەتتە ئىنتايىن شوخ ، غەمسىز قىز ئىدى . ئالىي مەكتەپكە كەلگەن بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى مۇھەببەتلىشىش يۇلىغا ماڭدى . بىراق ئۇ بۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايتتى ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆگىنىشنى قىلىپ بۇلۇپ ، توپ ئوينايتتى ، خاتىرە يازاتتى . دەم ئېلىش كۈنلىرى دوستلىرى بىلەن بازار ئايلىناتتى ، كىنو كۆرەتتى ۋە ياكى تورخانىغا كىرەتتى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلاتتى . ئۇنىڭ شوخ ، ئۇماق قىلىقلىرىنى ياقتۇراتتى . بىرنەچچە ئوغۇللارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن ساباھەت بۈگۈن باشقا ۋاقىتلاردىكى ساباھەتكە پەقەت ئوخشىماي قالغانىدى . ئۇ ئۆزىچىلا ئەكبەرنى ئويلاپ قالدى .
9 J: u5 G1 _6 D) ^خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن مۇئەتتەر كىرىپ كەلدى . مۇئەتتەر ئېغىر –بېسىق ، قىرقىم چاچ ، پاكار ، ئوماق كەلگەن قىز بۇلۇپ ، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى .# w, d7 u }7 D4 ?1 {) K' j
- ئوماق ، تۇرغىنە ، بىللە ئايلىنىپ كىرەيلى ، - مۇئەتتەر ساباھەتنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ ئەركىلىگىنىچە ئۇنى قۇچاقلىدى .1 r2 h. f7 \3 B$ i7 w; {
ـ سەت شۇم ، سەن بىلەن ئەتە ئايلىناي ، بۈگۈن كەچ ۋاقتىم يوق ، ــ ساباھەت شوخلۇق بىلەن مۇئەتتەرنىڭ مەڭزىنى چىمدىپ قويدى .3 G4 L H; G1 t9 k% [' f: F
مۇئەتتەر ھەيران بۇلۇپ :1 } e! p8 |- {) j/ B8 C" C( u
- بۈگۈن نىمە بولدى ساڭا ؟ مەن بىرەر يەرگە تەكلىپ قىلسام پەقەت رەت قىلمايتتىڭ ، ئەجىبا بۈگۈن ...." ]4 Q8 l% w, P4 L1 o& G% X2 U
- قانداق ؟ بىلگىڭ كىلىۋاتامدۇ ؟ دەپ بەرمەيمەن تازا ...) H6 Y, z# k) a5 d3 M, e3 u
- ياخشىلىقچە ئىقرار قىل ، ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىللىك ، بولمايدىغان بولسا.. ــ مۇئەتتەر ساباھەتنى غىدىقلاشقا باشلىدى.
; ~8 k) e1 e# i, n! v' h- ۋاي ، بولدى قىل .. مەن دەي ..مەن دەي ...
% i4 N' \7 Y5 q! tمۇئەتتەر غىدىقلاشتىن توختىدى .
, C- S+ Y% R) c7 O% c& O% m- مەن ساڭا گىپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى ئەكبەرنى بىلسەنغۇ ؟ بۈگۈن بىز بىر ئاپتۇبۇستا كەلدۇق . ئۇ مېنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى.
" Q% J1 c* M; n9 K& b; [0 H- ھېلىقى چىرايلىق ئەكبەر سېنى تاماققا تەكلىپ قىلدىمۇ؟ قارىماققا ئۇ شۇنداق يۇۋاش كۈرىنىدۇ ، ساڭا قانداق گەپ قىلالىغاندۇ ؟1 O: l* C* `: K9 ?& { `$ v
ساباھەت مۇئەتتەر بىلەن پاراڭلاشقاچ ئەكبەر بىلەن كۈرىشىشىنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى . ئۇ ئادىتى بۇيىچە يەنە ئاپئاق كەڭ مايكا ، ئاپئاق كەڭ شىم ھەم ئاق ئايىقىنى كىيدى .$ S0 Z6 O1 M4 E5 t' _5 S3 S
ئۇ ئۆزىنى ئوبدان تۈزەشتۈرۈپ ، كۈرۈشۈشكە دىيىشكەن جايغا باردى. ئەكبەر ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغان بۇلۇپ ، ساباھەتنى ساقلاپ تۇراتتى . ئۇلار بىللە تاماق يىدى ، تاماقتىن كىيىن كوچا ئايلاندى . ئۇنىڭ شوخ قىلىقلىرى ئەكبەرنى كۈلدۈرۈپ تۇراتتى . ئەكبەر ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ساباھەتكە دىيەلمەي ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى . ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۈتىۋاتاتتى . ئۇ ئاخىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىغا چىدىماي جۈرئەتكە كىلىپ سۆز باشلىدى :
5 Z4 Y7 F2 G- t% ^5 d! k! V- ساباھەت ، گەرچە بىز ئۆزئارا تۇنۇشقىلى بۈگۈن بىر كۈن بولغان بولسىمۇ ، لىكىن مەن سىزنى بىر يىلدىن بۇيان تۇنۇيمەن ، سىزمۇ مېنى خېلى ئۇزۇندىن بېرى تۇنۇيدىكەنسىز ، مەن سىزنى ئۇچراتقان كۈندىن باشلاپ سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغان ... ئىككى...ئىككىمىز ئارلىشىپ قالساق ...- _1 s- A9 ^' M- F
ساباھەت ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى نۇرغۇن ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت ئىزھارىنى ئاڭلاپ باققان بولسىمۇ ، لىكىن بۈگۈنكىدەك ھاياجانلىنىپ باقمىغانىدى . شۇڭا خىجىل بولغىنىدىن قىلىدىغان گەپ تاپالماي تۇرۇپ قالدى . }. K5 t# i z
ئەكبەر ساباھەتنىڭ يەرگە قاراپ جىمجىت تۇرغىنىغا قاراپ << ساباھەت كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا خىجىل بۇلۇپ ، گەپ قىلماي تۇرىۋالغان ئوخشايدۇ >> دەپ ئويلاپ ، ئاستاغىنە ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى . ساباھەت ھۇدۇقۇپ كىتىپ قولىنى تارتىۋالدى .0 B% u) |+ ] Z, w" z4 N9 q
- نىمە بولدىڭىز ساباھەت ؟ ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ ، مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز ، شۇنداقمۇ ؟, x8 v& A6 b# W1 _0 @6 ], C; @
ساباھەت ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، ئۆزىنىڭ ئەكبەرنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى تېخىچە ھىس قىلالمايۋاتاتتى .
4 ^$ l8 x" N0 `* oئەكبەر ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، ساباھەتنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ ، ئۆزىگە قاراتتى . ئۇ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ ، ئۆزىنى قاچۇردى . ئەكبەرنىڭ ساباھەتنى سۈيۈش ئۈچۈن ئىنتىلگەن لەۋلىرى ئۇنىڭ چاچلىرىغا سۈيۈپ قالدى .+ U V! x$ p$ E, p3 y
ساباھەت ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى ، ئۇ ھازىرغىچە بۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باقمىغانىدى .( X X: v6 N5 x
- بولدى قىلىڭ ، مېنى نىمە كۈرۈپ قالدىڭىز ؟ مەن بۇنداق بۇلىشىنى خالىمايمەن .- } M6 V& C1 A% v, c
- كەچۈرۈڭ ، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ...9 W5 U! E4 R7 E4 v3 ]( {+ }# t
- بولدى ، كەچۈرۈم سورىماڭ ، مەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ساپ ھالەتتە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇندىن كىيىن ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ .
0 f+ e1 k8 R, c( [" Qئۇلار ئۈن –تىنسىز ھالدا مەكتەپكە قايتتى .) ^$ P: _* W, Q* W" D3 s/ q2 n
. C. t/ G: R+ I z* I
شەنبە كەچ . ساباھەت دوستى مىھراي بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مىھراينىڭ يۇرتلىقى ھەم يېڭى تۇنۇشقان تۇنۇشى ئادىل بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى . ئۇلار ئۈچەيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىزلا يەردىن ئۈنگەندەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەكبەر پەيدا بولدى . ساباھەت ئەكبەرنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىغا قاراپ ، يۈرىكى ‹‹ جىغ ›› قىلىپ قالدى . شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي :* L7 f' O' T" \9 X, P0 K2 C0 A
- قەيەرگە ماڭغانىدىڭىز ؟ ــ دەپ سورىدى .
0 w8 Z$ j' b# }3 K! J# Wئەكبەر بىر ساباھەتكە ، بىر ئادىلغا قارىۋىتىپ :
$ G$ @8 A2 x- R8 L# H/ ^1 V5 }" E- تاماققا بىرگە چىقايلى دىسەم ، بىر دوستۇم بىلەن دىيىشىپ قويغان دەپ قۇشۇلمىغان ئىدىڭىز ، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ قۇيۇپتىكەنسىز دە . - ئۇ شۇنداق دەپ ئادىلنى ئىما قىلدى .4 g; k# N) D1 |4 Y; |' D& X
- ئۇنداق ئەمەس ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەس ، مىھراي بىلەن دىيىشىپ قويغان ،ـ ساباھەت ئەركىلىگەندەك قىلىپ ئەكبەرنى مۈرىسى بىلەن بوشقىنا ئىتتىرىپ قويدى ., B2 _; s5 @' l6 G
- ساباھەت ، بولدى قىلىڭ ! باشقىلارغا كۆرسەتكەن ئۇيۇنىڭىزنى ماڭا كۆرسىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ، ــ ئەكبەر شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭ قوللىرىدىن سىلكىپ ، تارتىپ ئېلىپ ماڭدى . ئۇلار كۇتۇپخانىنىڭ يان تەرىپىگە كەلگەندە ، ئەكبەر يەنە ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلكىپ تاشلاپ :
7 w5 {6 z- q8 V- }ـ ساباھەت ، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن نىمە ؟ بىز تېخى تۈنۈگۈن ئارلاشتۇق . سىز بۈگۈن باشقا ئوغۇللار بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرسىڭىز قانداق بۇلىدۇ ؟ ئوغۇل تۇنۇشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭ .
% c( c: @% \8 W T4 t/ Eساباھەتنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەلدى ، ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنىڭغا بۇنداق تەلەپنى قۇيۇپ باقمىغانىدى . ئۇ بىردىنلا ئەكبەردىن بىزار بولغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدى ، شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئەكبەرگە بولغان ھىسىياتىنىڭ ياخشى كۈرۈش ئەمەس ، بەلكى قىزىقىش ھىسىياتى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى .
7 C+ Y0 v4 e: E" k- بولدى بەس ، ئەكبەر ! بايا قىلغانلىرىڭىزمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتى ، مەن سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزدەك قىلالمايمەن ، قارىغاندا بىز بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىپ بۇلالمىغۇدەكمىز ، بولدىلا ، ئەڭ ياخشىسى بىز ئۆزىمىزنىڭ يۇلىغا ماڭايلى .; d/ Z( [" h' o( e1 p7 G
ئەكبەر ساباھەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئاچچىقتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالدى .
* T+ H! Z) P G8 f7 f- ياخشى ، ياخشى دىدىڭىز ، دىگىنىڭىزچە بولسۇن ! بىز ئايرىلىپ كىتەيلى .: h4 i# U6 M/ R g9 m& [9 e, X
ئەكبەر شۇنداق دەپلا ئالدى –كەينىگە قارىماي كىتىپ قالدى .
! Y" l0 B( P j4 o5 {3 iساباھەت ئېغىر بىر يۈكتىن ئازاد بولغاندەك ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى . ئۇ ياتىقىغا كىرىپ ، كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنۇلارنى يازدى :
9 l V T$ W) q$ z V7 j* l. q‹‹ مەن تۇنجى قەدەمنى خاتا ئېلىپ ، ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن بىرسى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىدىم ، مانا بۈگۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم . مانا بۇ قەدەم ، مەن تۇنجى قېتىم ئالغان 24 سائەتلىك مۇھەببەتلىشىشىنىڭ خاتا قەدىمى. ››% ^1 Y8 J# F5 ]3 f2 Z7 \
L, I) G% {( V, o) Z* t7 m6 w: \
" H/ j+ @7 H% J. l+ a(2)
- |8 `! Z% L8 \. @: J. {
) x' p, x+ n! U% W7 K0 _3 Qساباھەت ئەكبەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋاسىز يۈرەتتى . بىراق ئەكبەر سەۋدايىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى ، ئۇ ساباھەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى . ئۆزىنىڭ ساباھەتكە قىلغان قوپاللىقىغا پۇشايمان قىلىپ يۈرەتتى .
# F& Y0 f5 o/ S6 w0 y, ^* vئۇ ساباھەتتىن ئايرىلىپ ئىككى ھەپتىگە يېقىن بولغاندا ، ئۇنىڭ يېڭى بىر ئوغۇل دوست تاپقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى . ئۇ ئىچ -ئىچىدىن ئازابلاندى ، ئاخىرى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش نىيتىگە كىلىپ ، ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى .7 W! K! x5 x% d3 n6 d
كۈچلۈك ئاپتاپ ھەممە يەرنى قىزدۇرۇپ تۇراتتى . ئېگىز دەل –دەرەخلەر سايە تاشلىغان، ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس ئۈگۈنۈش قىلىدىغان بۇ جاي بۈگۈن بەكلا جانلىنىپ كەتكەنىدى . دەرسى يوق ئوقۇغۇچىلار ئاپتاپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، مۇشۇ جايغا يىغىلىشقانىدى . ساباھەت مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ ، ئۆگۈنۈش قىلىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئەكبەر پەيدا بولدى ، ئەكبەرنىڭ چىرايىدا مۇلايىملىق ئەكىس ئىتەتتى . ئۇ ساباھەتنىڭ رۇخسىتىنىمۇ ئالماستىن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .: \ L \. L( X c0 Y( x
- ساباھەت ، خاپا بولماڭ . سىزگە ئۇنداق قوپاللىق قىلمىسام بوپتىكەن ، ئۇ كۈنى مەن ئاچچىقىمغا چىدىماي شۇنداق قىلىپ ساپتىمەن . كىيىن بەك پۇشايمان قىلدىم . مەن سىزنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرىمەن ، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن .
% g5 {0 K: ~% z- ئەكبەر ، بولدى كەچۈرۈم سورىماڭ . مەن سىز بىلەن يارىشىپ قالالمايمەن .; j/ V4 r0 U9 F, `1 D# J. y: G
- ئۇنداق دىمەڭ ، مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزدۈم ، سىزگە قوپاللىق قىلىپ خاتا قىلدىم . بۇندىن كىيىن كىم بىلەن ئارلاشسىڭىز مەن خالايمەن ، پەقەت مەندىن ئايرىلىپ كەتمەڭ ، ـــ ئەكبەر يېلىنىپ يالۋۇردى .5 q. t5 a3 V) M; a
ساباھەتنىڭ ئەكبەردىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ، كاللىسىغا كەلگەن بىر ئوي بىلەنلا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى :
: j* u) t/ @, z. ^- ئەكبەر ، ھېلىقى كۈنى كەچتە مەن راستىنلا ئادىل بىلەن كۈرۈشۈشكە دىيىشىپ قويغان . خاتالىق سىزدە ئەمەس ، مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئەسلىدە سىز بىلەن ئارلىشىش نىيتىم يوق ئىدى . مەن ئادىلنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەمدى بولدى قىلىڭ !
5 d8 C" h; o2 ^' g$ zئەكبەر ساباھەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى . ساباھەت ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئەكبەرنىڭ يېنىدىن كەتتى.# n8 @4 M' }# B
* * * * *
2 b* U7 @/ `' s6 _ساباھەت ئەكبەردىن ئايرىلغان ئىككىنچى ھەپتىسى ئۇنىڭغا قېيداش ئۈچۈنلا ئادىل بىلەن ئارلاشقان ئىدى . چۈنكى ئۇ ئەكبەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ، ئادىل دائىم ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ،ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلاتتى . ئۇنىڭغا ئادىلنىڭ ئەڭ يارىغان تەرىپى : ئادىل ئۆزى تەنتەربىيە كەسىپىدە بولسىمۇ ، لېكىن سېپى ئۈزىدىن ئەدەبىيات مەستانىسى ئىدى . ساباھەتمۇ ھەم شۇنداق ئىدى .. C7 E3 ]1 L( F" J3 D! k
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئادىلغا قىزىقىپ قالدى ، لىكىن ئادىل ئۇنچىۋالا ۋاي دەپ كەتكۈدەك كىلىشكەن يىگىتمۇ ئەمەس ئىدى . سېرىق چاچلىرى ، سېرىق ساقال –بۇرۇتلىرى يىتىلگەن ئەرلەرگە ئوخشاپ تۇراتتى . بۇيىمۇ ئانچە ئىگىز ئەمەس بۇلۇپ ، تەنتەربىيچىگە خاس سالاپىتى يوق ئىدى .0 k0 l; B* q- ~0 O6 J5 B
ساباھەت ئادىل بىلەن ئارلاشقاندىن كىيىن ، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا دارىتىملاپ نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى . چۈنكى ئۇ ئادىل بىلەن چىراي جەھەتتىنمۇ ۋە ياكى يۈرۈش –تۈرۈش جەھەتتىنمۇ بىر –بىرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيتتى .+ a N& K0 g0 {) e$ I- Y
ۋاقىت ئۆتكەنىسىرى ئۇلار بىر-بىرىگە خېلى بەك ئىچەكىشىپ قالدى . ئادىل ساباھەتكە ئىنتايىن بەك ئامراقلىق قىلاتتى ، ساباھەتمۇ ئادىلنى ھۆرمەت قىلاتتى .3 s3 u; {" }5 @: ?- d w9 D
+ F. X* d0 X5 F9 e
دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى ، ساباھەت بىلەن ئادىل دائىم ئۇچرىشىدىغان جايدا كۈرۈشتى .
B" }2 j& [7 P( ~- سابا ،ـ دەپ سۆز باشلىدى ئادىل ، - ئەتە چۈشتىن كىيىن ھەر ئىككىمىزگە دەرس يوق ئىكەن ، شۇڭا ئايلىنىپ كەلسەك دەپ ئويلىغان . بىز ئارلاشقاندىن بېرى بىرگە ئايلىنىپ كىلىش پۇرسىتى بولمىغان ، سىزچە بۇلامدۇ ؟0 U9 e* x9 _7 a" }! g% p4 g3 u
ساباھەت ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭىشتتى .
; f% S9 Q P* s8 o' x) z- ئۇنداقتا ، ئەتە چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە مۇشۇ يەردە كۈرىشەيلى .
% U: s4 q9 l- N2 s( |ئۇلار خوشلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا قايتىشتى .
* ^: Z& Q% M Q% g9 V) h# n9 ]ساباھەت ئۇخلاش ئۈچۈن يېتىپ ئادىلنى ئويلاپ قالدى ، قارىغاندا ئۇ ئادىلنى ياخشى كۈرۈپ قالغاندەك قىلاتتى .
, ?/ o8 B4 ^8 P1 ^" Vئەتىسى چۈشتىن كىيىىن ساباھەت دىيىشكەن ۋاقىتتا دىيىشكەن جايغا يىتىپ باردى . لىكىن ئادىل تېخى يىتىپ كەلمىگەنىدى . ئۇ ئادىلنى كۈتتى ، يېرىم سائەتتەك كۈتكەن بولسىمۇ ، ئادىلنىڭ قارىسى كۈرۈنمەيتتى . ئۇنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئادىلنىڭ ياتىقىغا تېلفۇن قىلدى . قارشى تەرەپ تېلفۇننى ئالدى :2 K k; Z8 M9 I( V# J2 r
- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، كىمنى ئىزدەيسىز ؟
% T8 u3 T# R) e-ئادىل بارمۇ ؟
L2 U0 x7 s6 h5 [9 w- ئادىل ، ئۇ ... ــ قارشى تەرەپ دۇدۇقلاپ قالدى . ساباھەتنىڭ كۆڭلى بىرنەرسىنى تۇيغاندەك قايتا سورىدى :+ \6 F1 C. a" B1 N. X& p
- ئېيتىڭە ، ئادىلغا نىمە بولدى ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن كۈرۈشۈشكە چىقمايدۇ؟. |7 v0 D# k* t# H9 B% Y
- ئادىل تەنتەربىيە دەرسىدە يارىلاندى . Q, M& Z# t) C8 J
- نىمە ؟! ـــ ساباھەت توۋلاپ كەتتى .: ?: x" C$ p5 I" I; I
- ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ ساباھەت ، باشقىلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن . بەلكىم سەل تۇرۇپ قايتىپ كىلىپ قالار .
* z! C" x2 J) L0 \ساباھەت كۆڭلى يېرىم ھالدا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى . كەچكە يېقىن ئۇ مىھراينى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ، ئادىلنىڭ ياتىقىغا كىردى . ئادىل ئۇ ئوڭ پۇتى داكىدا تېڭىقلىق ھالدا ياتقان بۇلۇپ ، ساباھەتنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۈرۈپ ، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى .* ^# Z3 p, t( A/ Q1 q. @0 ^' ^
- بولدى تۇرماڭ ،ــ ساباھەت شۇنداق دىگىنىچە يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئادىلنىڭ يېنىغا كەلدى .
& r j; k6 l& f4 S. F2 e: f; ^" z: yئادىلنىڭ چىرايىنى مۇڭ باسقان بۇلۇپ ، كۆزلىرىدە ياش ئويناپ تۇراتتى . ساباھەت ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىنى كۈرۈپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى .
7 o$ Q' c$ T9 p W6 z) G- بولدى يىغلىماڭ ، يىغلىغىدەك ئىش يوق ، تېزلا ئەسلىمگە كىلىمەن .
& n4 y3 F6 r# m$ Zساباھەت توختىماي يىغلاۋەردى .2 V( ?, e5 I! i* G: q
- قاراڭ سابا ، بەك سەتلىشىپ كەتتىڭىز . بىرنى كۈلىۋىتىڭە ، ھەئە بىرنىلا ...% s: ]+ X/ D' F4 e. M8 s
ئادىل ئۇنى توختىماي بەزلەيتتى . ساباھەت ئاخىرى يىغىدىن توختىدى .
9 T9 c8 f$ F/ l7 K- سىز ئۆزىڭىز ئېيتقانغۇ ؟! مەن يىغلاپ باقمىغان دەپ ، ئەمدى مۇشۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن يىغلاپ يۈرسىڭىز سەت ئەمەسمۇ ؟ ــ ئادىل ئاغزىدا بۇنداق دىگىنى بىلەن ئىچ –ئىچىدىن ئازابلىنىۋاتاتتى .
! K3 m$ O# U$ w) eساباھەت ياشلىرىنى سۈرتۈپ ، ئادىلغا كۈلۈپ قارىدى . ئادىل ئۇنىڭ كۈلگىنىنى كۈرۈپ ، شۇنداق خۇشال بولدى ھەمدە :
! [. F. X$ e# d0 D' P' M( }- سابا ، سىزگە بىر ئىشنى ئېيتماقچى، مەن مۇشۇ ئىككى –ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆيگە قايتىمەن ، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ . تاماقنى ۋاقىتدا يەڭ بۇلامدۇ ؟ ــ دېدى ۋە ئارقىدىنلا مىھرايغا ،ــــ مىھراي ، سىز مىنىڭ ئورنۇمدا ساباھەتكە ياخشى قاراپ قۇيۇڭ . شۇنداق قىلسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم ، ــ دىدى . نېرىقى كارۋاتتا ژۇرنال كۈرۈپ ئولتۇرغان مىھراي ئادىلنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ :
0 }( S8 i" P/ R2 |, Bـ ئەنسىرمەڭ ، ساباھەتنىڭ يېنىدا مەن بار ، ــ دېدى . مىھراي ئوتتۇرا بوي ، سەل سىمىز ، قارامتۇل كەلگەن ، چاچلىرى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان ، چىرايى ئاز –تولا ئوغۇللارنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىنتايىن شوخ ، گەپدان قىز ئىدى . ئادىل ئۇنىڭ بىر يۇرتلىقى بۇلۇپلا قالماي ، يەنە ئۇنىڭ يېقىن دوستى ئىدى . ئادىلنىڭ ساباھەتنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ ، ساباھەتنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرۇپ قويغان ئىدى. مىھراينىڭ نەزىرىدە ساباھەت ئادىلنى ياراتمايتتى . چۇقۇم ئادىلغا قوپال مۇئامىلە قىلاتتى ، بۇنىڭ بىلەن ئادىل ساباھەتتىن ۋاز كىچەتتى . بىراق ئىشلار مىھراينىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالدى .! a8 R) Z5 h5 z- ^# g
ئاز ئۆتمەي ساباھەت ، مىھرايلار ئادىل بىلەن خوشلىشىپ ياتاققا قايتىشتى .8 {* }) b& r& P: B+ b2 T; z/ d
* * * * *; ]1 c3 Y& Y, T2 T
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى . كۈزنىڭ بىر ئەتىگىنى ئادىل ئۆيىگە قايتماقچى بۇلۇپ ياتاقتىن چىقتى . ياتاقداشلىرى ئۇنى ئىككى تەرىپىدىن يۆلىۋالغان ئىدى . تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئادىلنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلىگەندەك ، تېخىمۇ ئەدەپ چۈشۈۋاتاتتى . دەل –دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ، ئاسفالىت يوللار قاتتىق يامغۇرنىڭ شىپائىتى بىلەن پاك –پاكىز يۇيۇلغان ئىدى . ساباھەت ، مىھراي ، مۇئەتتەر ئادىلنى ئۇزاتقىلى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى . ساباھەتنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ چىقىۋاتقان ياشلار يامغۇر سۈيى بىلەن قۇشۇلۇپ ئاقماقتا .ئادىل بىلەن ساباھەتنىڭ دوستلىرى ئۇلارنى پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ ئۇلاردىن سەل يىراق تۇرۇشقانىدى . ئادىل ھاسا تايىقىغا تايىنىپ ئۆرە تۇراتتى .$ w# A4 o7 r, u: _$ K( m4 k( X4 @/ _
ئادىل ساباھەتنىڭ ئەلەملىك يىغلاشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ،ساباھەتنى ئۆزىگە تارتىپ چىڭ قۇچاقلىۋالدى . بۇنىڭ بىلەن بىر تامچە ياش ئۇنىڭ كۆزىدىن دومىلاپ مەڭزىگە چۈشتى . بۇ ھىجرانلىق مىنۇتلار تېزلا ئاخىرلاشتى ، ئادىل كەتتى.
6 Z) c1 g: p6 W* I9 k! Z$ f# k, Eساباھەتنىڭ كۈنلىرى ئادىلنى سېغىنىش بىلەنلا ئۆتىۋاتاتتى . ھازىر ئۇنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .6 y9 z* H% L- p5 V4 s1 F+ S0 U
شەنبە ئەتىگەن ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق ئىدى ،ساباھەت ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۈگۈنۈش قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ باغچىسىغا باردى . ئۇ ماتىرياللىرىغا قاراپ ئولتۇرغان بىلەن ، خىياللىرى ھەر تەرەپتە ئىدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئادىلنىڭ سىماسى گەۋدىلىنەتتى . ئۇ ئادىلنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغان ھەمدە ئۇنىڭ ئوبرازىنى قەلبىدە يۇقىرى ئورۇنغا قۇياتتى .
/ ~' A: s+ @$ E- مەن بۇ يەردە دەڭ ، قاچان چىققان ئىدىڭىز ، مېنى چاقىرۋالسىڭىز بولمامدۇ ؟ ــ مىھراي ساباھەتنىڭ يېنىغا كىلىپ شۇنداق دېدى .6 n* z% I0 _) \& i3 s! q( l+ h, {
ساباھەت چۈچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ مىھراينى كۆردى .7 D+ Z& q( F4 d) y
- مەن چىققىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى ، مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟
C; e4 o+ s) V3 c- [2 G3 [ j- ياتىقىڭىزغا كىرسەم يوق ئىكەنسىز ، ھەقاچان مۇئەتتەرنىڭ ياتىقىدا دەپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرسەم ئۇ يالغۇز ئىكەن . سىزنى سورىسام مۇشۇ يەردىمىكىن دىگەن ، قانداق ؟ يېنىڭىزغا كىلىشىم بىلەن چىرايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىغۇ ، مەن كىتەي بولمىسا ، ــ مىھراي شۇنداق دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى .
! |: c& A* w, r( X+ T) P1 H. v% ]- كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىدا نىمانداق گەپ قىلىسىز ؟ مېنىڭ چىرايىم ئادىل كەتكەندىن بېرى ئېچىلىپ باقمىدى . سىزنى كۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالغان ئەمەس .., A9 f! r& A$ M; d- p3 P6 v
- ۋاي –ۋۇي ،كۆڭلى نازۇك خېنىم ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ــ مىھراي گەپ قىلغاچ ساباھەتنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
# w' B! U6 L K( n$ J* s% X, Z8 u- سىزگە بىر گىپىم بار ، دىسەم بۇلامدۇ ؟3 w; k" g0 u' @( m
ساباھەت ھەيرانلىق نەزىرىدە شۇنداق دېدى :: u/ I. M1 t) N
- ئېيتىشنى خالىسىڭىز ئېيتىڭ ، بولمىسا مەيلى .
+ k5 y" i8 \# m' ^; {; a/ V4 }' Z- مېنىڭ يەنە بىر يۇرتلۇقۇم بار ئىدى ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەكتەپ تاماقخانىسدا مۇئەتتەر ئۈچەيلەننى كۈرۈپتىكەن . سىز بىلەن تۇنۇشقىسى بار ئىكەن ، شۇڭا مېنى ...
9 \6 j/ b& G* B3 \8 C% ^7 \- سىز بىرسىنىڭ تۇنۇشتۇرغۇچىسى ئەمەس ، شۇڭا بولدى قىلىڭ ھەمدە ئۇ يۇرتلۇقىڭىزغا مېنى تۇنۇشقۇسى يوق ئىكەن دەپ قۇيۇڭ ..: w% e# [& p4 M, q* \6 J0 v
مىھراي سۆزىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا ساباھەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى ., z6 B+ [ u( O% ~* b+ O
- كەچۈرۈڭ ، سىزنىڭ ئادىلنى ئۇنچىۋالا ياخشى كۈرىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن .0 O: ^" D% g# D2 F+ e# p
ساباھەت گەپ –سۆز قىلمىدى ، ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر سائەتكىچە گەپ قىلىشماي جىم –جىت ئولتۇرۇشتى .$ S& N! l" @. B, u
- مىھراي !9 [6 I" ]( V! X
ساباھەت بىلەن مىھراي تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى . پۇتىغا پارقىراپ تۇرىدىغان قارا شىبلىت ، ئۇچىسىغا قارا پادىچىلار شىمى ، ئۈستىگە سۇس سېرىق رەڭلىق قىسقا چاپان ، چاپىنىنىڭ ئىچىگە قىزىل مايكا كىيىۋالغان ، قاپقارا چاچلىرى كۆزلىرىگىچە چۈشۈپ تۇرغان ، چىرايى قارىغا مايىل كەلگەن ، ئۇرۇق ، ئوتتۇرا بوي ، كىلىشكەن بىر يىگىت ئۇلاردىن بەش قەدەمچە نېرىدا تۇراتتى .3 m I( E# q3 O4 l
- مەن بېرىپلا كىلەي ، ــ مىھراي شۇنداق دىگىنىچە يىگىتنىڭ يېنىغا ماڭدى . ساباھەت گەپ قىلماي سېستىمىلىق ئۈگۈنۈش قىلىش ئۈچۈن ماتىرياللىرىغا قايتا قارىدى . لىكىن بايىقى مىھراينى چاقىرغان يىگىت بىلەن مىھراينىڭ ئارلاپ –ئارلاپ چىقىۋاتقان كۈلكىسى ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىپ تۇراتتى .
2 b" s: X/ E( ^- ئولتۇرسام بۇلامدۇ ؟! [0 ?0 [0 A' U# Z8 g' ^* `
ساباھەت بېشىنى كۈتۈرمەي تۇرۇپلا گەپ قىلغۇچىنىڭ بايىقى يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلدى .) x5 P+ F5 E% C; g8 D* f" x
- ئۇمىقىم ، سەل سۈرۈلۈپ ئولتۇرىڭە ، ــ مىھراي شوخلۇق بىلەن ساباھەتنىڭ گەپ قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەي شۇنداق دېدى . ساباھەت سۈرۈلدى ، يېنىدا مىھراي ، مىھراينىڭ يېنىدا ھېلىقى يىگىت ئولتۇردى .: S) }& |# w# m$ q7 O- l' [8 l. F3 q
- سىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇ ساباھەت ، ھەممەيلەن سابا دەپ چاقىرىدۇ ، مەن بىلەن بىر سىنىپتا ھەم مېنىڭ يېقىن دوستۇم . بۇياق زۇلپىقار ، بىزدىن ئىككى يىل بۇرۇن كەلگەن ، سېپى ئۈزىدىن تارىخچى . مېنىڭ يۇرتلۇقۇم بۇلىدۇ ، ــ مىھراي سۈزىنى تۈگىتىپلا يىگىتكە كۆز قىسىپ قويدى .$ f2 v% \5 ?* K' a) h
ساباھەت ئۇنى سەزمەي ماتىريالىغا قاراپ بىر پەس ئولتۇردى . كىيىن ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن زىرىكىپ :
) q7 P( b1 Q* s% [+ V. k, d! \. {- مەن كىرىپ كىتەي ، ــ ساباھەت شۇنداق دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى .4 C2 p; _5 p) [1 o; V
- ساباھەت ...& t _# R4 ]; ?7 |. h
شۇنداق مۇلايىملىق بىلەن چىققان يىگىتنىڭ بۇ ئاۋازى ساباھەتنى كەينىگە قاراشقا مەجبۇر قىلدى .
: a9 H" x% ^0 b( C, }1 g- يەنە بىر ئاز ئولتۇرسىڭىز قانداق ؟ ــ يىگىت شۇنداق سىلىق ، سىپايە سۆزلەيتتى .0 u$ f3 V& S5 l8 n$ r
- كەچۈرۈڭ ، ھازىر ياتاققا كىرىپ كەتمىسەم يەنە بىر دوستۇم خاپا بۇلۇپ قالىدۇ ، كىيىنچىراق پاراڭلىشارمىز ...* g3 t- k* B4 K0 }; g
- ئۇنداقتا مەيلى ، سىزنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمەن ، خالىسىڭىز ماڭا تېلفۇن قىلىڭ .. نۇمۇرۇمنى مىھراي بىلىدۇ . پۇرسەت بولسا كۈرىشەرمىز ، خەير –خوش !& M0 r& ~9 v9 g) e5 ~
ساباھەت ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ياتىقىغا ماڭدى .2 H2 w" L* c9 |- q2 f
+ d/ B( k" G& G1 ~* y7 F
(3)
# S4 d% o: Q1 }1 ]; T
& ~1 x8 A5 T" J- \- سابا ...!( S: i& W8 H7 ]; t
مۇئەتتەر بىلەن چۈشلۈك تاماققا ماڭغان ساباھەت يەنە ھېلىقى مۇلايىملىق بىلەن چاقىرىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلدى .# \- \3 U/ K; U/ Q+ O: e
- زۇلپىقارغۇ سىز ، تاماققا ماڭدىڭىزمۇ ؟' V4 C( w% F( B" p! Z, y
- رەھمەت ، ئىسمىمنى ئۇنتۇپ قالماپسىز ، سىلەرمۇ تاماققا ماڭدىڭلارمۇ ؟ مەن مىھمان قىلاي ، تاماققا بىرگە چىقايلى .
0 A. _2 r' V' E6 }3 B. ]- w6 o) b- بولدى ئاۋارە بولماڭ ، بىز مەكتەپ تاماقخانىسىغا كىرىمىز .
7 h$ ?: p0 K' u! v! S: ]2 [- سىز ئۈچۈن ئاۋارە بۇلۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ دەڭە . تۈزۈت قىلماڭ ، دوستىڭىزمۇ بىرگە چىقسۇن .3 R: |( ~4 ]' U U
بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ قىلىش ، رەت قىلىش بىلەن ئاخىرى ئۇلار بىرگە تاماققا چىقتى . تاماقتىن كىيىن ئۇلار ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يان تەرىپىدىكى گۈللۈك باغچىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردى .
% C/ {& W Y1 q* q1 }- سىزگە بىر نەرسە بەرمەكچى ئىدىم ، ــ زۇلپىقار شۇنداق دىگىنىچە يانچۇقىدىن بىرتال گۈللۈك كونۋىرتنى چىقىرىپ ساباھەتكە ئۇزاتتى .
1 g. J H0 R3 p3 d- بۇ نىمە ؟ ــ ساباھەت ھەيرانلىق بىلەن سورىدى .
2 q- @: v7 u6 I2 G- ھازىر ئاچماڭ ، كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭىزدا كۆرسىڭىز كېچىچە ياخشى ئۇخلىشىڭىز مۇمكىن .0 A+ ^+ c( e2 ?# K
ساباھەت كونۋىرتنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالغاندىن كىيىن زۇلپىقار بىلەن خوشلىشىپ مۇئەتتەر بىلەن ياتاققا قايتتى.( C: x0 E; z7 E% Y- i
ۋاقىت ئۆتتى ، ناھايىتى تېزلا ئاسماننى بىر قەۋەت تۈن پەردىسى قاپلاپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك تەكراردىن چۈشىدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالدى . ساباھەت تەكراردىن يېنىپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيىۋىتىپ ، خېلى ئۇزاققىچە ماتىريال كۈرۈپ ئاندىن كارۋىتىغا چىقتى . ئۇ ھەركۈنى دىگۈدەك ئادىلنى ئويلايتتى ، بۈگۈنمۇ ئۇنى ئويلاپ ياتتى .. J! s0 y5 p2 H2 J0 T( |" z: R
‹‹ بۈگۈن ئادىلنىڭ ئۆيىگە كەتكىنىگە ساق يىگىرمە كۈن بوپتۇ ، ئۇ دۆلەت بايرىمىغىچە قايتىپ كىلىمەن دىگەن ئىدى . دۆلەت بايرىمىغىمۇ بىر ھەپتە قالدى ، بىراق ئۇنىڭدىن ھېچبىر خەۋەر يوق ، پۇتى ساقايمىغان ئوخشىمامدۇ ؟ ... ›› ساباھەتنىڭ خىيالىنىڭ ئاخىرى چىقا –چىقمايلا كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار ياستۇقنى ھۆل قىلىشقا باشلىدى .% ]& o1 y2 ^1 H; h* f2 k
ئۇ ئادىلنى ئويلاۋىتىپ ، توساتتىن زۇلپىقارنىڭ بۈگۈن بەرگەن كونۋىرتىنى ئىسىگە ئالدى ھەمدە كونۋىرتنى ئېلىپ ئاستا ئاچتى . كونۋىرت ئىچىدىن بىر ۋاراق خەت چىقتى . ساباھەت زۇلپىقارنىڭ چۈشتە كونۋىرت توغۇرلۇق دىگەن سۆزىنى ئەسلەپ ، خەتنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىپ خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى ، خەت مۇنداق يېزىلغانىدى :! n# V5 i; c0 C4 f
‹‹ ئەسسالام ، تاڭدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلنى ئۆزىنىڭ بەرنا سۈپەت قەددى –قامىتىگە سىموۋول قىلغان ، گۈزەل پەرىشتە سۈپەت ئوماق ساباھەت ، تاڭنىڭ ساباسى ! ياخشىمۇسىز ؟ ھازىر سىز يوتقاننىڭ ئىچىدىغۇ دەيمەن ؟ ھەقاچان پۈتۈن بەدىنىڭىزدىن چىققان ئىللىق ھارارەت يوتقىنىڭىزمۇ ئىسىتىۋەتكەندۇ ؟ مىنىڭ پەرىزىمچە سىز ئادىلنى ئويلاپ ، ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭىزدىن ئۈنچىدەك ياشلىرىڭىزنى تۆكۈپ بۇلۇپ ، ئاندىن مېنىڭ خېتىمنى ئوقۇدىڭىز، شۇنداقمۇ ؟ سابا ، مەن سىزنى ئوقۇغان كىتابلىرىم ئىچىدىكى تەسۋىرگە ئوخشاش بىر ئىپادىلەپ باقايمۇ ؟ خاپا بولمايسىز ھە ؟! ئەمىسە باشلىدىم ، ئاھ ، سۈيۈملۈكۈم سابا ، نەدە سەن ؟ سېنى بەك سېغىندىم . ھىلال ئايدەك قاشلىرىڭ ، ئويناقشىپ تۇرغان قارا كۆزلىرىڭ ، يا ئوقىدەك كىرپىكلىرىڭ ...
+ f- m8 o" U# i3 g! G5 zھەقاچان قاپاقلىرىڭىز تۈرۈلۈپ كەتتى ، خاپا بولماڭ ھە ، بولدى ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرماي ، بولمىسا چىقىپلا چاچلىرىمنى بۈدۈر قىلىۋەتمەڭ يەنە ...
1 J: {2 I0 g d- Pبولدى ، چاقچاقنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي ، كۈلدىڭىزمۇ ياكى خاپا بولدىڭىزمۇ ؟ ئەگەر كۈلگەن بولسىڭىز ، جاپا تارتىپ يازغان خېتىمنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمەپتۇ دەيمەن . خاپا بولغان بولسىڭىز سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ھازىر ئۇيقۇڭىزمۇ كىلىپ قالغاندۇ ، ئۇنداقتا بالدۇر ئۇخلاپ ياخشى چۈش كۈرۈڭ ... ئەرزىمەس دوستىڭىز : زۇلپىقاردىن . ››
" k4 a* g0 ~8 b4 {" u1 Nساباھەت خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپ ، كۈلۈپ كەتتى . كىيىن زۇلپىقارنىڭ يازغان خېتىنى ئويلاپ يېتىپ ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇخلاپ قالدى." b1 k" _' F9 D! x5 I- A/ L. s1 g# o
]+ Z9 }6 B( n0 S! C9 s) `' }* * * * *
8 @ Z& b- _8 W" C3 N0 w
* _4 k# q% u. D9 Zكۈنلەر ناھايىتى ئاستا ئۈتىۋاتاتتى . سىنتەبىر ئايلىرى ئاخىرلىشاي دىگەن بولسىمۇ ، ھاۋا يەنىلا ئىسسىق ئىدى . ساباھەت زۇلپىقار بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن بىر نەچچە قېتىم تاماققا بىللە چىقتى . ساباھەت قەيەرگە بارسىلا زۇلپىقارنى ئۇچرىتىپ قالاتتى. ئۇ بەئەينى ساباھەتنىڭ سايىسىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى .3 l; `7 N5 [/ S( Y; `9 G/ S
زۇلپىقار بىر كۈنى مىھراينى يالغۇز تاماققا تەكلىپ قىلدى . ئۇلار تاماقتىن كىيىن بىر مارۇژنىخانىغا كىرىپ مارۇژنى يىگەچ پاراڭلاشتى .
, q2 v: E( K6 r8 u& P- سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتاي ، بۇنى سىز دەڭ ، مەن پەقەت بىلەلمىدىم ، سىز ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدىڭىز ، ــ زۇلپىقار شۇنداق دىگەچ بىر تال تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردى .
+ k4 C9 f4 h+ Q3 K E {- ئەمىسە دەۋىرەي ، تارتىنمىدىم ھە .2 p) Q' P( v2 v" |9 Y; w
- ئىككىمىز ئوتتۇرسىدا تارتىنىش كەتمەيدۇ ، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر –بىرىمىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بولغانغۇ ؟ مەن سابانى ياخشى كۆرىمەن ، سىز ماڭا ياردەم قىلىپ ، سابا قەيەرگە بارسا تېلفۇنۇمغا ئۇچۇر يوللاپ ماڭا خەۋەر قىلىپ تۇردىڭىز . شۇڭا سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ .
: w- | ]) C- ?/ A0 z- ئۇنداق قىلغىنىم پەقەت سىز ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلدىم . مېنىڭ ئادىلنى ياخشى كۈرىدىغىنىمنى بىلىسىز ، ئەگەر سىز سابانى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز ، ئۇ ھالدا ...
* _1 y8 X$ O& i' T% X0 Qمىھراي شۇنداق دەپ شوخلۇق بىلەن زۇلپىقارغا كۆزلىرىنى ئويناتتى ." d* d! B, U4 _4 F- k
- سىز نىمانداق رەزىل ، سابا سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىزغۇ ؟
; q9 d* e0 K# L( f5 K- سابانىڭ يېقىن دوستۇم ئىكەنلىكىنى سىز بىلىپ تۇرۇپ ، مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆزىڭىز پىلانلىدىڭىز . يەنە مېنى ئەيىبلەيسىزغۇ ؟ ــ مىھري دومسايغىنىچە باشقا ياققا قارىۋالدى .
% o8 ~* x5 W! m- سىزنى چاقچاق كۆتۈرەلەيدۇ دەپ چاقچاق قىلسام ، سىزمۇزە ، خاپا بولماڭ بولدى ، بۇندىن كىيىن بۇنداق چاقچاق قىلماي ، ــ زۇلپىقارمۇ شۇنداق دىگىنىچە قىيدىغاندەك تاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ ئىسىنى تورۇسقا قارىتىپ پۈۋلىدى.
5 B1 `+ V8 y- T3 n- ۋاي خۇدايىم ، سىز نىمىگە قىيدايسىز ئەمدى ؟ بولدى بۇ گەپلەرنى ئەمدى قىلىشمايلى ، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىنىلا قىلاي ، سىزگە تولا ئۇچۇر يوللاپ تېلفۇنۇمنىڭ پۇلى تۈگەي دەپ قالدى ، پۇل قاچىلىتىپ بىرىڭ .' n. P9 ?) o, C
- چاتاق يوق ، ھازىر بىللە چىقايلى .6 s' g- R4 p! t c4 R1 D
ئۇلار ئورنىدىن تۇرىشى پەردە قايرىلىپ مۇئەتتەر كىرىپ كەلدى ، ئۇ ئاچچىقتىن تىترەيتتى ., z& z0 E8 A3 Q- U B
- مىھراي ، زۇلپىقار ئىككىڭلار راستىنلا بەك رەزىل ئىكەنسىلەر ، سابا سىلەرگە نىمە قىلغان ؟ ئۇ ئىككىڭلارنى دوست قاتارىدا كۆرگەننىڭ جازاسىمۇ بۇ ، ئىسست ...ئىسست ...سابانىڭ ساددىلىقىغا ، سىلەرنىڭ رەزىلىكىڭلارغا ئېچىنىۋاتىمەن ، ــ مۇئەتتەر شۇنداق دىگىنىچە زەرپ بىلەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى . مىھراي بىلەن زۇلپىقار جايىداقاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى .# x5 J4 j& f# o/ h" y, m* ^7 J
- ئەمدى قانداق قىلاي ، ئۇ چۇقۇم ساباغا دەيدۇ ، سابا بىلسە قانداق بۇلۇپ كىتەر ؟ ــ دېدى مىھراي چوڭقۇر ئۇھسىنىپ .: j9 [( h6 a5 c( }1 f: h& h4 m
- ئەنسىرمەڭ . ئەمدىلىكتە باشقىلارنىڭ ئاغزىدا ‹‹ رەزىل ›› دەپ ئاتالدۇق . ئەمدى ھەرقانچە ياخشى بولغىنىمىز بىلەن ، ئۇلار بىزنى ياخشى دىمەيدۇ . ‹‹ رەزىل ››لىكىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى .
H6 L/ @3 z8 {- قانداق دەيسىز ؟ ــ مىھراي چۈشەنمەي سورىدى .5 @) d/ e* M- q! `0 G
- قۇلىقىڭىزغا دەي ، باشقىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن ، ــ زۇلپىقار شۇنداق دىگىنىچە مىھراينىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى .
+ Z) U- N( Y N1 b/ G! x- ياق ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ، ــ مىھراي ئارقىغا داجىپ شۇنداق دىدى .# a! r1 y# T: p6 C f. c
- ئويلىنىپ بېقىڭ ، بىر قارارغا كەلگەندە ماڭا تېلفۇن قىلىڭ .
2 O: S. k" G/ R8 }ئۇلار ياندىشىپ مارۇژنىخانىدىن چىقىشتى ھەمدە مىھراينىڭ تېلفۇنىغا پۇل قاچىلىتىپ ئۆز ياتاقلىرىغا قايتىشتى .
* A. o7 i8 O8 z6 Z( K1 }, k6 B9 G$ w' t* w. x: p, o4 ]2 p
مۇئەتتەر مارۇژنىخانىدىن چىقىپ خىيال بىلەن ئىنىستۇتقا قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى . ئەسلىدە ئۇ باشقا ئىنىستۇتتا ئوقۇيدىغان بىر دوستى بىلەن كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ئۇسساپ كىتىپ زۇلپىقار بىلەن مىھراي كىرگەن مارۇژنىخانىغا يەنە كىلىپ ئۇلار ئولتۇرخاننىڭ ئايرىمخانىنىڭ يېنىدىكى ئايرىمخانىدا ئولتۇرغان ئىدى . كىيىن زۇلپىقار بىلەن مىھراينىڭ قىلىشقان گەپ – سۆزلىرى مۇئەتتەرنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ ، ئاخىرى مۇئەتتەرنى ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى .
$ e/ m8 G- m% u' v- `مۇئەتتەر ئىنىستۇتقا كەلگەندىن كىيىن ساباھەتنى ئىزدەپ ياتىقىغا كىردى . بىراق ئۇ ياتىقىدا يوق بۇلۇپ چىقتى . مۇئەتتەر ئامالسىز ئۆز ياتىقىغا چىقىپ كارۋىتىدا سۇزۇلۇپ ياتقىنىچە خىيالغا چۆكتى . ئۇ مىھراي بىلەن زۇلپىقارنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىغانچە بىئارام بۇلاتتى ھەم ئۇ ئىشلاردىن ساباھەتنى تېزراق خەۋەرلەندۈرۈشكە ئالدىرايتتى . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ، ساباھەت ھەممىنى ئۇنتىغان ھالدا ئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئادىلنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى . چۈنكى ئادىل يۇرتىدىن قايتىپ كەلگەن بۇلۇپ ، ساباھەتكە ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قۇيۇشقا بىر دوستىنى ساباھەتنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ھەم مۇشۇ يەردە كۈرۈشۈشكە دىيىشكەن ئىدى ./ I9 @1 q G$ q# E
ساباھەت ئىنتايىن جىددىيلىشىۋاتاتتى ، يۈرەكلىرى ھاياجاندىن قاتتىق سېلىپ تۇراتتى . ‹‹ ئادىل بىلەن كۈرۈشسەم نىمە بۇلۇپ كىتەرمەن ؟ يىغلاپ تاشلارمەنمۇ ؟ ›› دىگەنلەرنى ئويلايتتى .
7 G. b5 S |+ g) U% bئەنە ئادىل ياتاقتىن چىقتى ، ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق ياداپ قالغانىدى ھەم سەل ئاقساپ مېڭىۋاتاتتى . ئادىل ساباھەتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن ھال –ئەھۋال سورىدى ، ساباھەتنىڭ كۆزلىرى لىق ياشقا تولغان بۇلۇپ ، ئاغزى سۆزگە كەلمەيۋاتاتتى .
# J1 _& t1 a! Aئۇلار خالىيراق جايغا بېرىپ ئولتۇردى ، نىمىشقىكىن ئۇلارنىڭ گەپ –سۆزلىرى ھېچ قولاشمايتتى. ئەمىلىيەتتە ئادىلمۇ ، ساباھەتمۇ ھەر ئىككىلىسى بىر –بىرىنى شۇنداق سېغىنىشقانىدى . قۇم –بورانلىق ھاۋارايىمۇ بۇ بىر جۈپلەرگە دەخلى يەتكۈزۈپ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ سۆھبىتى كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا قايتىشتى ." H/ q. q: M9 `1 o! F/ U
9 G; E0 v: \" wئارىدا نەچچە كۈن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى .
9 J, u7 q/ M7 |- سابا ، ئادىل سىزنى چوڭ مەيدانغا چىقسۇن دەيدۇ ، ــ مىھراي شۇنداق دىگىنىچە ساباھەتنىڭ يېنىغا كەلدى .# _4 }5 o1 D; @
- بىراق دەرسكە كىرىشكە ئاز قالغان تۇرسا ؟ ...
" L7 H8 m) d. H4 W( B# X- سىز چىقىۋىرىڭ ، مەن سىنىپ باشلىقىغا سىزنى مىجەزى يوقكەن ، دوختۇرخانىغا چىقىپ كەتتى ، دەپ قۇياي ... ــ دېدى مىھراي .' ^1 [0 A( B$ a
- ئۇنداقتا ، مەن چىقىۋىرەي ، رەھمەت سىزگە ، ــ ساباھەت شۇنداق دەپ ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئادىل بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى .! n. j% Y$ ^- t ^' Q5 {) e
ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغان ئادىل تاماكا چەككىنىچە ساباھەتنى كۈتۈپ تۇراتتى ، ساباھەت ئادىلنىڭ يېنىغا كەلدى .
, G5 b, I/ n/ Q! M/ m' e- بىزگە دەرس بار ئىدى ... ــ ساباھەتنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا چاڭ –چۇڭ قىلىپ تەككەن تەستەك ساباھەتنى بىر نەچچە قەدەم كەينىگە داجىتىۋەتتى . ساباھەت ھەيرانلىقتىن ئادىلنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى . ئۇنىڭ ئىككى مەڭزىگە بەش بارماقنىڭ تامغىسى ئۇرۇلغان ، كۆزلىرى بولسا لىق ياشقا تولغانىدى ...
$ |8 B* s3 o2 b" Y8 q4 C# e- ئادىل ، سىز نىمانداق رەھىمىسز ،مەن ئالدىڭىزدا نىمە ئىشنى خاتا قىلدىم ؟ ــ ساباھەتنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يەنە چاڭ –چۇڭ قىلىپ تەگكەن تەستەك بىلەن ئاران تۇرغان ساباھەت يەرگە يىقىلىپ چۈشتى . ئادىل ساباھەت يىقىلىپ چۈشكەن يەرگە يېقىنلىشىپ :
' P0 |' p- m, `! R2 B. u1 k- سەندەك ئىپلاس ، پەسكەش قىزنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم . سەن بەل رەزىل ئىكەنسەن ، مېنى نىمە كۈرۈپ قالدىڭ ؟ يۇمشاق باشكەن دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟ ــ ئادىل ساباھەتنىڭ باش تەرىپىدە زوڭزىيىپ ئولتۇردى .
t) Q7 W/ W6 z/ Y% i/ q# r- بىلەمسەن ؟! مېنىڭ تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم سەن ئىدىڭ . بىراق سەن ماڭا قانائەت قىلماي يەنە باشقا بىرسى بىلەن يەنە كىلىپ مېنىڭ يۇرتلۇقۇم بىلەن يۈرۈپسەن! سەندە ۋىجدان دىگەن نەرسە بارمۇ ؟ !( |* y/ l2 h3 n9 H1 a# b' |
- ياق ئادىل ، سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ... - ساباھەت چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دىيىشىگە ئادىل يەنە ئۇنىڭ سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمىدى .+ k# j$ ]9 _& }/ j* \. R* g8 U" m
- يەنە ياق دەيسەنغۇ ؟ ئەھۋال مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن تۇرسا يەنە نىمىنى چۈشەندۈرەتتىڭ ؟ ھەقاچان ‹‹ سىز يوق ۋاقىتتا زىرىكىپ ...›› . بولدى ، مەن دىگەن ئوغۇل بالا ، ئۇنىڭ بىلەن سېنى تالىشىپ ئولتۇرمايمەن ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ ئوبدان قېنىۋالارسەن !5 M' S- ?9 V5 q% a8 `1 l
ئادىل سۆزىنى تۈگىتىپ يەرگە قاتتىق دەسسىگىنىچە كىتىپ قالدى .3 ~( ~5 u$ q8 K& h7 h
<<بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ؟ مېنى ئۇرغان ئادىل ئەمەستۇ ؟ ...›>>ساباھەتكە بايا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى . ئۇ توپا يەردە ياتقىنىنى ئەسلا ئىسىگە ئېلىپ قويمايتتى . كۈچلۈك ئاپتاپ ھەممە يەرنى قىزدۇرۇپ تۇراتتى . تۇيۇقسىز ساباھەتنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ ، خۇددىنى بىلمەي قالدى .
* C( R/ K; D, y$ v3 i1 x5 A) Kدەرس ۋاقتىدا مۇئەتتەر سىنىپ باشلىقىنىڭ << ساباھەتنىڭ مىجەزى يوق >> دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ بىر سائەت دەرستىن چۈشۈپلا ، ساباھەتنىڭ ياتىقىغا ماڭدى ، ئۇ تېزراق بېرىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى ، چىقتىيۇ ، توپا يەردە بىر قىزنىڭ ياتقىنىنى كۈرۈپ ، قىزنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى . ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ قىزنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتى .) ~( e. ]# {: ^0 V" s% Q4 \
- سابا ...سابا ...نىمە بولدۇڭ ؟ كۈزۈڭنى ئاچقىنە! ساڭا زادى نىمە بولدى ؟
. S5 H3 h. V: w w, N! Tمۇئەتتەر ساباھەتنى ھۇشىغا كەلتۈرەلمەي ، ئۇنى يۆلەپ م
4 I* P( e4 ^' ?7 s
. s9 W V6 w& @مەنبەسى: تورداش تورىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|