ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1589|ئىنكاس: 1

دەرىس سالام-سەھەتتىكى ئادەت، سۆزلىرىمىزmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-10-14 14:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ سالام-سەھەتتىكى ئادەت، سۆزلىرىمىز
& I- D0 C. y0 iسالام-سەھەتلىشىش دۇنيادىكى ھەممە مىللەتكە ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. سالاملىشىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ بولۇپ، ئۇ ھەر بىر مىللەت خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن سالاملىشىش ئادىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا بىر يۈرۈش سالاملىشىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇستەقىل ئەدەپ-قائىدە كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ قېلىپلاشتۇرۇلغان بۇ قائىدىلەر نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ( P; U  B9 h0 P8 n6 j
بىرىنچى، سالاملىشىش ھەرىكەتلىرى. شەھەرلەشكەن رايونلىرىمىزدا سالاملىشىش ھەرىكەتلىرى ئەرلەردە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ئاياللاردا مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. دەرۋەقە، جايلاردا كۆرۈشۈشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، بەزى رايوندىكىلەردە قول ئېلىشماي، ئاغزاكى سالاملىشىپ كۆرۈشىدىغان، بىر قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ياكى ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ كۆرۈشىدىغان ئادەت بار. شەھەرلەردە ھازىر تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمى تېزلىشىپ، كىشىلەردە سالامغا بولغان ئېتىبار سۇسلاشماقتا. كىشىلەر بىر-بىرىنى كۆرگەندە باش لىڭشىتىپ ياكى كۈلۈمسىرەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغان بولۇۋالدى. بۇنىڭ سالاملىشىش مەدىنىيىتىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈشى مۇقەررەر. شۇڭا سالاملىشىشتىكى بۇنداق ياتلىشىشلارغا دىققەت قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك. ئەسلىي ساغلام سالام-سەھەتلىرىمىزدە ئەرلەر ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە كۈلۈمسىرەپ بېقىپ، ئاندىن ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرىنى تەكشى ئېچىپ قارشى تەرەپكە سۇنۇپ كۆرۈشىدۇ. ئەمما بەزىلەر قول ئېلىشىپ ك−ۆرۈشكەندە، خۇشياقمىغاندەك قولىنىڭ ئۇچىنى تەگكۈزۈپلا قويىدۇ ياكى ئالدىراپ كېتىپ ئالقىنىنى قارشى تەرەپنىڭ ئالقىنىغا توغرا جۈپلەشتۈرمەيدۇ، يەنە بەزىلەر ئالقاننى ئالقانغا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ كۆرۈشىدۇ. بۇلار مەدەنىيەتسىز كۆرۈشۈش ئۇسۇللىرى بولۇپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر. بىزدە يەنە ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە دوست-بۇرادەرلەرنىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ئادەتلىرى بار. شۇڭا، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بويىچە ئاۋۋال سول كۆكسىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ كۆكسىگە، ئاندىن ئوڭ كۆكسىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ سول كۆكسىگە يېقىپ كۆرۈشۈشىمىز، قۇچاقلىشىشنىڭ باسقۇچلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر پۈتۈن كۆرۈشۈش مەشغۇلاتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئاياللار كۆرۈشكەندە، قارشى تەرەپ بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرۇپ، بىر ئاز ئالدىغا ئېگىلىپ، ئالدى بىلەن سول مەڭزىنى، ئاندىن ئوڭ مەڭزىنى قارشى تەرەپنىڭ مەڭزىگە بوشقىنە يېقىشى، ھەرگىز قاتتىق باسماسلىقى، سۈركىمەسلىكى، مەڭزىنى يۆتكىگەندە نەپەسنى توختىتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭلار كىچىكلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ياكى تەڭتۇشلار كۆرۈشكەندە بىر-بىرسىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويسىمۇ بولىدۇ.
8 N7 o" g7 I. O, d* ?! R7 \ئىككىنچى، سالاملىشىش سۆزلىرى. سالاملىشىش سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى سالاملىشىشتىكى مۇھىم ئامىل. سالاملىشىش سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسەن تۇراقلاشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن شەخسلەرنىڭ، ئاندىن ئاتا-ئانا، بالا-چاقا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، ئاخىرىدا ئىش-ئوقەتنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئاساس قىلىنىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا بىز ھازىرغىچە دىققەت قىلماي كېلىۋاتقان بىر نۇقتا بار، ئۇ سالامغا بولغان مىننەتدارلىق قارىشى. بۇنى سالاملىشىش مەدەنىيىتىمىزدىكى كەمچىلىك دېسەكمۇ بولىدۇ. بىز ئاۋۋال «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز، تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟» دەپ قارشى تەرەپتىن ئەھۋال سورايمىز، قارشى تەرەپمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بىزدىن ئەھۋال سورايدۇ. بۇ سوئال تەكرارلىقى بولۇپ، سالاملىشىش قائىدىسىگە زىت. ئەلۋەتتە، بىر ئادەم سىزدىن ئەھۋال سورىغان ئىكەن، سىز ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سوئال سورىماي، ئۇنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز، يەنى قارشى تەرەپ سىزدىن ئامانلىق سوراپ سالام بەرگەندە، سىز «رەھمەت، ئۆزىڭىزمۇ تىنچ تۇردىڭىزمۇ، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟» دەپ جاۋاب سالىمى بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە «رەھمەت» سۆزى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆزنىڭ سالاملىشىشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. بۇ سىزگە سالام قىلغان كىشىگە تەشەككۈر ئېيتىشىڭىزنىڭ ئەڭ ئىخچام، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر., \- c$ @4 A% |& V3 `" S8 I
سالاملىشىش ئاددىي كۆرۈشۈش مەشغۇلاتى بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى شەھەرلىشىش مۇھىتىدا روھىي جەھەتتىن ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان مەنىۋى ئوزۇقىدۇر. سالاملىشىش مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سالاملاشقاندا ئىشلىتىدىغان سۆزلىرىمىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق، مەنىلىك، پاساھەتلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.
) u2 A( o* |3 d* H& L7 p' oمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-25 15:03:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
يامان ئادەم ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش ياما ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗