ئۇيغۇر
« مۇئەللىم گويا بىر باغۋەن ، ئۇ ئۆز ئەجىر- مېھنىتى بىلەن باغىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ ، ئۇنى تەملىك مېۋە بېرىدىغان ياراملىق كۆچەتكە ئايلاندۇرىدۇ. »4 ?, L, |# g. }& ]) z8 q
« مۇئەللىم گوياكى شام . ئۇ قاراڭغۇ دىللارغا ئۆزىنىڭ نۇرلىرىنى چېچىپ ، قاراڭغۇلۇقنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ . »6 H( j' a( l$ n" w7 z! i" b
« مۇئەللىم ئۇلۇغ ئىنسان ، ئۇنىڭغا توققۇز قەدەم يىراقلىقتىن سالام بېرىشىكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. »
! k4 i4 Y4 s8 S, _+ v, Gيۇقىرىقىلار سىزدەك ۋە مەندەك مۇئەللىملەر ئۈچۈن بېرىلگەن باھالاردۇر. بۇ باھالارنى سىز ۋە مەن ئوقۇتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار بەرگەن . ئۇنداقتا ، سىز ۋىجدانىڭىز بىلەن جاۋاب بېرىپ بېقىڭ :
5 Q; { b# t3 Y$ T6 c; b" b مۇئەللىم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ناملارغا لايىق ئىش قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بېرىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك ھەمدە چاڭقىغاندا بېرىلگەن سۇدەك بېرەلىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا پايانسىز دەشت- چۆلدە ئۇسسۇزلۇق ، ئاچلىق ، ھارغىنلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كارۋانغا يىراقتىن كۆرۈنگەن دەرەخلىك مەھەللە بەرگەن خۇشاللىقتەك خۇشاللىق ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ ؟
( R2 M! W' Q" i' ?# K& A سىز تىل - ئەدەبىيات دەرسى مۇئەللىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ دەرسنىڭ « ئۆلچىمى » ۋە خاراكتېرى توغرىسىدا بېرىلگەن : « قوراللىق خاراكتېرى بىلەن گۇمانىتارلىقىنىڭ بىرلىكى - تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى » دېگەن ئىزاھاتنى بەلكىم كۆرگەنسىز . تەجرىبىسى بار ، كەسىپتە پىشقان مۇتەخەسسىلەر بۇ ھەقتە سائەتلەپ لېكسىيمۇ سۆزلىگەن . سىز بۇنى ئەمەلىيىتىڭىزدە قانچىلىك كۆرسىتەلىدىڭىز ؟
5 m8 M6 T9 C0 }$ Q- a بۇ دەرسنىڭ قوراللىق خاراكتېرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلارشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز ھېس قىلدىڭىز . ئەمما ، ئوقۇش ،يېزىش جەھەتتە توققۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ، ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان بىرەر پارچە شېئىرنىمۇ ئوقۇيالماي ، گېلىغا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندەك ھېقىقداپ كېتىۋاتقان ، بىر پارچە ئەسەر تۇرماق ، سىز ئېيتىپ بەرگەن ئادەتتىكى جۈملىلەرنىمۇ توغرا ، جايىدا يازالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىڭىزدە ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يىل مۇقەددەم دىيارىمىزدا ياشاپ ، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقى ۋە ھاياتىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، دۈشمەننىڭ قولىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ، يېڭى دەۋىر مائارىپچىلىرىغا « پىر » قىلىپ بېرىشكە ئەرزىيدىغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قىسقىغىنا ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق ئاتۇش خەلقىنى ساۋاتلىق قىلىپ چىققانلىقى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇنداق دېسەم ، سىز بەلكىم بۇ قاچان ، ئۇ قاچان ؟ دەرسىز . ئەمما ، بۇ دەۋىر بىلەن ئۇ دەۋرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگنىدە ، ھازىرقى دەۋرىمىزنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ساناشقا بارماقلىرىمىز يېتىشمەيدۇ . لېكىن ، ئوقۇغۇچىلرىمىز يەنىلا شۇنداق ھالەتتە ئوقۇش پۈتكۈزۋاتىدۇ.; x+ i9 x( e1 M3 ^& M/ G. x. A
ئېنىقكى ، بۇ بالىلار جەمئىيەتكە چىقىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ساۋاتسىزلارغا ئايلىنىدۇ . خەلقئارادا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئادەمنى ساۋاتسىز دەپ ئېلان قىلغان يەردە، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆز ئانا تىل - يېزىقىدا ئىسمىنى يازالمايۋاتقان بۇ بالىلار ئۈچۈن قانداق ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىش توغرىسدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتىدىن ئويلاشسۇنمۇ ؟0 N c5 x& Y* ^; z! B
بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ ، بەلكىم « ئاشۇرۋېتىپتۇ » دەرسىز . لېكىن ، بۇنداق بالىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئەمەس، سىنىپ بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بىر ئەمەلىيەت . ئەگەر بىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوشۇپ ھېسابلىساق بۇ سان قانچىلىك بولار ؟ بۇنى يىللارغا كۆپەيتىپ ھېسابلىساقچۇ ؟
5 @1 g5 z6 e3 z9 ^, W5 K بۇ بالىلار بۇ سەۋىيە ، بۇ تەپەككۇر بىلەن قالغان بىلىملەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ ؟ « ئۆلچەم » دە بۇ دەرسنىڭ يەنە بىر خاراكتېرىنىڭ گۇمانىتارلىقى ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن . بۇ يەردىكى گۇمانىتارلىق دېگەن سۆزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ، ئەدەبىياتتا بۇ خىل روھنىڭ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزاق بولغانلىقى بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز .
- v' r# E4 g* e$ p1 j3 a* Q « سەنمۇ ھەق ، مەنمۇ ھەق » دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ روھانىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مەنسۇ ئەللاجىنىڭ ئىنساننى سۆيۈشى ، ئىنساننى ئۇلۇغلاش روھىنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغىتىش ھەرىكىتى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى ئەلشىر نەۋائىي دەۋرىگىچە شەكىللىنىشى ، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىسڭىز كېرەك .% z8 l; b7 Y! r6 s, _* V; e" u
بۇ يەردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ، مېنىڭچە ، ئەڭ ئاۋۋال شۇ شەخسىنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىنى سۆيۈشتە ماھىيەتتە شۇ شەخىسنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ۋەتەننى ، ئۆز مىللىتىنى ( مىللىتىنىڭ تىلى ، تارىخى ، مەدەنىيتى ) نى سۆيۈشنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بۇ خىل روھنى سىڭدۈرۈشكە قانچىلىك ئەجىر قىلدىڭىز ؟! D+ N) l9 Y$ H3 q4 j2 ]9 \3 q
پارتىيمىزنىڭ مەخپىيەتلىكى ، پارتىيلىك يولداشلارنىڭ ئامان قېلىپ ، ئىنقىلاپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىپ ، دۈشمەن جادۇسىدا توغرالغان لىيۇ خۇلەننىڭ ئۇلۇغۋار كۆرەش روھىنى سۆزلىگىنىڭىزدە ؛ دۈشمەننىڭ زۇلىمىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ ، جەڭگە قاتناشقان ، كېيىن مىللى غورۇر ، ئار - نومۇسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان سولۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قاچاق ، كېيىن شۇ گۇناھى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغان نۇزۇگۇمدەك قىزلىرىمىزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ ، پۇل ، راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ شرىن خىيالىنى سۈرۈۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە بىر تال چىۋىق ئۇرالدىڭىزمۇ ؟ قەھىرىمانلىق توغرىسىدىكى مەزۇنلارنى سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا ، ئوخشاشلا دۈشمەنگە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپ ، تاغقا قاپسىلىپ قېلىپ ، ئاخىر ئامالسىز ھالەتتە دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ ، ئۆزىنى تاغ چوققىسىدىن تاشلىغان مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىزنىڭ قەھرىمانلىقى ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىش پەلسەپەسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بالىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قېلىۋاتقان غورۇر دەرۋازىسىنى چېكەلىدڭىزمۇ ؟
. B& `- `4 `1 p l5 R « يەتتە تال برىليانىت » دېگەن تېكىستتە ، ئاغىرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىسنىڭ تەشنالىقىنى بېسىش ئۈچۈن ، سۇغا ماڭغان قىزچاقنىڭ سۇنى تېپىشى ۋە باشقىلارنىڭ تەشنالىقىنى ئۆزىدىنمۇ ئەلا بىلگىنى ئۈچۈن يەتتە تال بىرىليانتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا ؛ كېسەل ئاتىسىنىڭ كېسىلىنى شىپا تاپتۇرۇش ئۈچۈن ، دورا ئۆسۈملۈكىگە ماڭغان ئوغۇلىنىڭ خىلمۇ خىل توسالغۇ ، قىينچىلقلارنى يېڭىپ ، ئاخىر بۇ دورىنى ئەكىلىپ ، دادسىنىڭ كېسلىنى شىپا تاپتۇرغانلىقى بايان قىلنغان « ۋاپادار ئوغۇل » چۆچىكىنى ئېيتىپ ، ئاتا - ئانىسىغا پۇل جېدىلى قىلىپ ، تورخانا ، يەر ئاستى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كۆنۈپ قېلىپ ، ئاتا - ئانىسىدىن ، ئىنسانلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش يولىدىن يىراقلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئاتا- ئانىسنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ ؟9 _- B( u5 T* {
ئوغۇزخان تۇلپارلىرىنىڭ كىشىنىشنى ، تۇمارىسنىڭ ئوتلۇق خىتابىنى ، بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئاققىنىنى ، چەكسىز قۇم بارخانىلىرى ئارسىدا تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان تۆگىلەرنىڭ كولدۇرمىلىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ، ئانا تارىمنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىتالىدىڭىزمۇ ؟ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ھېس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ ؟
. E1 q: T0 M" z; A, k4 I% o4 [. Y قىسقىسى ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ، دۆلەت ، مىللەت ، جەمئىيەت ، ئائىلە ئۈچۈن قانداق ئادەم كېرەكلىكىنى ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قانداق ياشىسا ئادەمدەك ياشىغان بولدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالىغان ، ھەسەل ھەرىسى كەبىي گۈل شىرنىلىرىدىن تەنگە ، روھقا شىپا بولدىان ساپ ھەسەل ئىشلەپچىرالىغان بولسىڭىز ، ئۆز رولىڭىزنى چۈشەنگەن ، ئۆز قىممىتىڭىزنى ياراتقان بولىسىز ./ U& |# t# R0 `2 b) S8 N( v9 o
+ |5 G% t E1 e0 D. C9 Z7 `
مەنبەسى:www.anadiyar.cnدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |