ئۇيغۇر
O7 W& g5 G* Y, zئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى يۈرگۈزۈشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
* O. F5 u. G) o# }2 r' Q$ R
7 N. K, q8 ?, | A2 |! ~9 Q& [; F- Sئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى يۈرگۈزۈشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
, b! \! A* B1 F; l. Y0 Q, G5 f) Q1 z
; \# @! d" u- ?! L2 b& X* _ناۋادا ئوقۇتقۇچىلار دائىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا قانۇن بويىچە ئىشتىن بوشىتىلىدۇ/ G1 Y9 Y/ w8 y, ]4 E; z
% K; g* X( i: d& Wشىنجاڭ شەھەر گېزىتى مەلۇماتى (مۇخبىر جۇ كۈن خەۋەر قىلىدۇ ) : يېقىنقى مەزگىلدە ، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆلكىلەردە كەينى–كەينىدىن ئوتتۇرا ، باشلانغۇچى مەكتەپ ، يەسلى ئورۇنلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارنى خورلاش ئىشلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى ، شىنجاڭدىكى ئايرىم مەكتەپلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلىلەر يۈز بەردى .
6 L- i' d% V9 \' y' o' H( Y' A+ o X
ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى يۈرگۈزۈشتەك قىلمىشىنى قەتئىي توساش ئۈچۈن ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى يۈرگۈزۈشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش »نى تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش » دەپ ئاتالدى) ، شىنجاڭ ھەقىقىي تۈردە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئەخلاقى ئىپادىسىنى مەمۇرىي مۇكاپاتلاش–جازالاش ، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش ، رىقابەتلىشىپ خىزمەت ئورنىغا چىقىرىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ باغلاپ ، «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى » نى يولغا قويۇپ ، دائىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا نۇقتىلىق تەربىيە قىلىپ ، زۆرۈر بولغاندا قانۇن بويىچە ئىشتىن بوشىتىدۇ .
" E: b' B( X7 g6 w; B9 T0 d
: C4 \( w% n2 l h( P6 l7 Cمەلۇماتلارغا قارىغاندا ، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنلىڭدىكى كۆك توز يەسلى ئوقۇتقۇچىسى يەن يەنخۇڭنىڭ بالىلارنى خورلاش ۋەقەسى خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەم مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىپ ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىغان .
( Q1 |) M+ W- V& K' G" o0 q+ F0 g; f( p$ ? K! e
«ئۇقتۇرۇش» نىڭ چىقىرىلىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئىستىل قۇرۇلۇش مائارىپى ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى يۈرگۈزۈش ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى چكەلەيدۇ .
% m5 P" B& [" z1 n' H3 \! I
$ z/ d* n% V4 C3 P( m8 M0 Y«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى : پۈتكۈل ئوقۇتقۇچىلارنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قائىدە–قانۇنلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ئەخلاقىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىپ ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى توختىماستىن كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى ھەرىكىتى ۋە كەسپىي ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، خەلق رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچى قىلىدۇ.
+ P) l2 @* D& w; {* y) ~
" ?$ ~1 ]; D, Z4 z/ xشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا « ئۇقتۇرۇش » تا مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى : ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ ، ھەر خىل قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، مۇكاپاتلاش–جازالاشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە يوقلىما قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى قىلىپ ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى ئىپادىسىنى مەمۇرىي مۇكاپاتلاش – جازالاش ، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش ، رىقابەتلىشىپ خىزمەت ئورنىغا چىقىرىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى زىچ باغلاپ ، «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى » نى يولغا قويۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش قىلمىشلىرىغا قارىتا ، بايقالغان ھامان ياكى پاش قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانسا، قىلىمىشى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر–يىنىكلىكى ، شۇنداقلا پەيدا قىلغان تەسىرىگە قاراپ ، ئالاقىدار ۋە مەكتەپنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەن جازاسى بېرىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى نابۇت قىلسا ، قانۇن بويىچە ئەدەلىيە ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ .
) I: b% K" l4 d9 ^1 J; \4 E% J. j- a) Z( Q8 J
بۇندىن كېيىن ، شىنجاڭدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قائىدە–قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىنىدۇ . « ئۇقتۇرۇش » تا مۇنداق دېيىلدى : ھەر جايلىق مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق قائىدە–قانۇنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرگە ئاساسەن ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى يۈرگۈزۈش قىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، قانۇن–تۈزۈم ئارقىلىق مەكتەپ ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى– خىزمەتچىسىنى چەكلەش كېرەك . ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تۈرلۈك نازارەت قىلىپ باھالاش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە نازارەت قىلىش باھالاش نەتىجىسىنى دەل ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم .
# [, z5 W, \8 G( G, L! K5 n9 [1 ]9 g5 J. _# _- ~1 g
بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى جايلار مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ ، قارىمىقىدىكى مەكتەپلەرنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىغا مەركەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ ېبرىشنى تەشكىللەپ ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزەش ئېلىپ بېرىش كېرەك .. G) v2 r" V7 g! s. O4 d8 I
4 a$ ]! K" h) W* M
تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن8 L. o* @$ p. H4 E( b, f# W
. A( \; G2 M- ~9 \6 ?( L
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |