3d
' C) I( S1 W, V6 x0 d
5 k6 R" f3 z/ B( R- hپۇتىن 1952-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى (ھازىرقى سانكت پېتېربۇرگ شەھىرى)دە تۇغۇلغان، 1975-يىلى لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدا ئىشلىگەن، 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە دېموكراتىك گېرمانىيەدە خىزمەت قىلغان.( i5 s3 L& S0 _% b. `* W9 E
3 z+ j/ Z+ g. |/ c- U# F
پۇتىن 1990-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى، لېنىنگراد شەھەر باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1991-يىلى 6-ئايدا سانكت پېتېربۇرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، 1994-يىلى قوشۇمچە سانكت پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 1996-يىلى 8-ئايدا، پۇتىن رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1997-يىلى 3-ئايدا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە تەپتىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1998-يىلى 5-ئايدا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، شۇ يىلى 7-ئايدا رۇسىيە فىدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1999-يىلى 3-ئايدا، رۇسىيە فىدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى بولغان، شۇ يىلى 8-ئايدا ھۆكۈمەت زۇڭلىسى، 12-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولغان. 2000-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2004-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا قايتا سايلانغان. پۇتىن 2008-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. 2012-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا قايتا سايلىنىپ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
/ U/ ~1 V7 h: {% D. K0 J5 }& p# c; X, G7 C8 a# W% b2 M9 v
ھازىر پۇتىننىڭ ئايالى ۋە ئىككى قىزى بار.: g) L3 g2 ~# ?6 O. s
8 e" y9 Y. L7 W! Z9 k2 }5 j* M: e* w
پۇتىن 2000-يىلى 7-ئاي، 2002-يىلى 12-ئاي، 2004-يىلى 10-ئاي، 2006-يىلى 3-ئاي ۋە 2006-يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ياكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ھەم زۇڭلىلىق سالاھىيىتى بىلەن 2008-يىلى 8-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، 2009-يىلى 10-ئاي ۋە 2011-يىلى 10-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
' C$ Z$ I3 J1 x6 F; v
i* t* ^/ ` r. V, d7 F* sچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |