ئۇيغۇر
دىنسىز يىگىت بىلەن مۇسۇلمان قىزنىڭ ھېكايىسى* I6 K9 b, o: B' ]
$ k" x& y1 G- f- R4 N% H# E
: `" g9 A2 S1 J' t6 S2 P# X
بىر مۇسۇلمان قىزىغا بىر دىنسىز ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بىراق بۇ قىز مۇسۇلمان بولغىنى بىلەن ناماز ئوقۇمايدىكەن، روزىمۇ تۇتمايدىكەن يەنە كېلىپ ھېلىقىدەك مودا كىيىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىدىغان بىر ئادەم ئىكەن.! |! Q$ K, ~" G3 q
ھېلىقى دىنسىز يىگىت قىزغا ئۆيلىنىش تەكلىۋىنى قويۇپتۇ. قىز قوشۇلۇپتۇ، ئۇلار قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ پۈتۈشكەنلىكلىرىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر قىزىنى بىر دىنسىزغا بېرىشكە ئۇنىماپتۇ ھەم ئەگەردە يىگكە ئەگەر ئۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ھەقىقى بىر مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپتۇ..
6 w$ C- M" I2 o* E) _: P% t( b بۇ يىگىت قىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە بەل باغلاپتۇ ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. قۇرئان ئوقۇپتۇ، روزا تۇتۇپتۇ، ناماز ئوقۇپتۇ. ئۇ ئىسلامنى چۈشەنگەنچە قەلبىدىكى ئىسلامغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ بېرىپتۇ ھەمدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ دىنسىز ياش مۆئمىن مۇسۇلمانغا ئايلىنىپتۇ. بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ يىگىت بەش ۋاق نامازنى تاشلىماي ئوقۇيدىغان، روزا تۇتىدىغان بوپتۇ. ھېلىقى قىزنىڭ دادىسى بىر كۈنى بۇ يىگىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىۋاتقان مەسچىتتە ئۇچرىتىپتۇ. بۇ ئىككەيلەن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ قاپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى يىگىتنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىغىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ ۋە «ھازىر مەن قىزىمنى ساڭا ياتلىق قىلىشق قوشۇلدۇم» دەپتۇ.
! Q4 G2 ^# w0 b ئەمما يىگىت ئويلىمىغان يەردىن «مەن ئەمدى سىزنىڭ قىزىڭىزنى ئەمرىمگە ئاللالمايمەن. چۈنكى قىزىڭىز ناماز ئوقۇمايدۇ، كىيىنىشلىرىمۇ بىر مۇسۇلمانغا لايىق ئەمەس. يەنە كېلىپ سىزمۇ دائىملا مەست يۈرىسىز. شۇنداق تۇرسا مەن قانداقمۇ سىزنىڭ قىزىڭىزنى نىكاھىمغا ئالالايمەن؟ بىراق مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەگەر سىز شۇ چاغدا قىزىڭىزنى ماڭا ياتلىق قىلىشقا قوشۇلغان بولسىڭىز مەن ھەق يولىنى تاپالماس، ئۆمرۈمنى كۇپۇرلۇقتا ئۆتكۈزەر ئىدىم، بىراق ھازىر مەن نېمىنىڭ ھەق يول، نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھاراملىغىنى تونۇپ يەتتىم. ئەگەر قىزىڭىز مېنىڭ نىكاھىمغا ئۆتۈشنى خالىسا، بۇندىن كېيىن ناماز ئوقۇسۇن، ياغلىق ئارتىپ مۇسۇلماندەك يۈرسۇن يەنە سىزمۇ ھاراقنى تاشلاپ دىنغا قايتىپ كېلىڭ. شۇندىلا مەن چىن كۆڭلۈم بىلەن قىزىڭىز نىكاھىمغا ئالىمەن.» قىزنىڭ دادىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىپتۇ، ھەم قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ., `3 ~; m G: C) d: B
0 @. |1 F/ Y( L+ d o% v; w4 y
ئاۋام تورىدىن تەرجىمە قىلىندى+ u9 |6 D- P( @, Q
تېما مەنبەسى: http://siraj.blogbus.com/logs/90669418.html
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |