مائارىپ
باش باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرى
/ p- U/ d0 M2 q3 y2 |' ~(ھېكايە)& S6 q. `, B, k5 v. \( m. n1 |
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
; ?: u) T" S% V! X, f3 i" q0 y" N ئاشۇ كۈنىمۇ بۈگۈنكىدە سىم-سىم يامغۇر ياغقان سوغۇق كۈنىدى. شۇ كۈنى مېنىڭ ۋۇجۇدۇم چوڭقۇرلۇقلىرىدا يۈرۈگۈم تىنىمسىز ئىدى. ئۆزەمنى خۇددى ھېلىللا بېشىمدىن بىر نەچچە قېتىم ئەگىپ، ئەركىن ئۇچۇپ ئۆتكەن باھار قالغا چلىرىدەك يېنىك سېزەتتىم.% g" }2 j3 k8 M& j
بىز ئۇچرىشىپ، گۈللۈكلەرنى ئايلىنىپ ئاستا يۈرىۋاتقىنىمىزدا، باھار كىرگە ندىن كېيىنكى تۇنجى يامغۇر بەختىمىزگە شېرىك بولۇپ، بىزنى قۇتلۇقلاۋا تقاندەك شىپىلداپ يېغىشقا باشلىدى. راسىت، ئۇ باش باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرى ئىدى. سەن ھاۋانىڭ خېلىلا سوغۇقلىقىغا قارىماي،سۇمباتىڭغا لايىق نېپىز كۆڭلەك كىيىۋالغانتىڭ، يامغۇر كۈچىيىشكە باشلىدى. مەن سېنىڭ «سوغۇققا توڭۇپ كەتتىم»-دەپ ياتىقىڭغا كىرىپ كېتىشىڭدىن ئەنسىرە يتتىم، چۈنكى سەندىن زادى ئايرىلغۇم يوق ئىدى. يامغۇر پىشانىلىرىمگە، مەڭزىمگە،بۇرنۇمغا،لەۋلىرىمگە خۇددى ئانامنىڭ ماڭا بەخت تىلەپ پىچىرلىغاچ پىشانەمگە سۆيىۋاتقان ئىللىق، يۇمشاق لەۋلىرىدەك يېقىملىق تامچىلايتتى. سەن كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك ياتاق بىناسى تەرەپكە ئەمەس، يېقىنلا يەردىكى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئوچۇق ئىشىكىگە قاراپ نازلىق كۈلگىنىڭچە يۈگۈردۈڭ…تېقىمىڭغا چۈشۈپ تۇرىدىغان توم بىر ئۆرۈم چېچىڭنىڭ تۇزۇندىلىرىغا قونغان مەرۋايىتتەك تامچىلار، بۈگۈنكى كۈننىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرىدا، چېچىڭنىڭ سىلكىنىشىگە ئەگىشىپ يالتىرايتتى. بىز مۇشۇ پەشتاقنىڭ ئاستىغا كىرىپ توختىدۇق. ئەمدى بىزنى كارىدورغا كىرىپ ئۈستىگە چىقىپ كېتىۋاتقانلار كۆرەلمەيتتى.
2 f& T; h5 Y- @' Z ئاشۇ كۈنىمۇ بۈگۈنكىدەك سىم-سىم يامغۇر ياغقان سوغۇق كۈنىدى. سەن يۈگۈرگىنىڭچە مۇشۇ مەن ھازىر تۇرىۋاتقان پەشتاقنىڭ ئاستىغا كىرىپ توختۇدۇڭ، يېنىك ھاسىراشتىن يۇمران كۆكسۈڭ بوش كۆتۈرلۈپ پەسلەيتتى. بىر دەم تۇرىۋالغا ندىن كېيىن مۇشۇ ھېكايەڭنى، ماڭا ئەڭ تونۇش، يۈرۈگۈمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن، مەن بىر ئۆمۈر تىڭشاپ ياشىماقچى بولغان يېقىملىق، جەزبىلىك ئاۋازدا، يۈرۈگۈمنى شۇر-شۇر ئېقىتىپ،كۆزلىرىمدىن تارام-تارام ياشلارنى ئاققۇز غان تەسىرلىك ھېكايەڭنى سۆزلەۋاتاتتىڭ؛ بۇ قېتىم ھېكايەڭنى ئاشۇ كۈندىكىگە ئوخشاشلا، باھارنىڭ سىم-سىم يامغۇرلۇق كۈنىدە ئاڭلاۋاتقان كىمدۇر؟ ئەمدى سىرتتىكى يامغۇرنىڭ ئاۋازى ماڭا گۆر ئۈستىگە تۆكۈلىۋاتقان يامغۇردەك يېقىمسىز ئاڭلىنىۋاتاتتى. مەن يەنە سېنىڭ پەشتاق ئاستىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازىڭغا قۇلاق سالدىم. ھېكايەڭنى نەدىن باشلىغىنىڭنى بىلمەيمەن،ئەمما سەن ئاشۇ كۈنى مېنىڭ ياشلىرىمنى ئاققۇزغان ئەڭ تەسىرلىك يېرىنى سۆزلەۋاتاتتىڭ. «…مەن ئۇ كۈنى شۇنداق ئۈمىدسىزلەندىم، پۈتۈن ئالەم ماڭا مەسخىرىلىك قاراۋا تقاندەك تۇيۇلاتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىرخىل غېرىبلىق،ئۈمىدسىزلىك، مىسكىنلىك قاپلىۋالغانىدى، مەن مېڭىۋاتقان مۇشۇ يول، كىچىكىمدىن ماڭا ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقان تېرەكلەر، تېرەكلەر ئارىسىدىن خۇددى يىتىمنىڭ كۆز يېشىدەك ئۈنسىز ئاقىدىغان كىچىككىنە ئېرىق سۈيى، تېرەك، جىگدىلەر ئارىسىدا شۆمشىيىپ تۇرغان مامكاپ گۈللىرى، يالپۇز چېچەكلىرى…ھەممە، ھەممىسى ماڭا مەسخىر ىلىك قاراۋاتقاندەك ئىدى. كۆز ئالدىمدا ئالىي مەكتەپنىڭ چاقرىق قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ساۋاقداشلىر ىمنىڭ چېھرىسىدىكى بەخت جىلۋىلىرى، ماڭا خۇددى مېنى يۇتۇپ كەتمەكچى بولغان توپاندەك، بۇ توپان مېنى قوغلاپ، باستۇرۇپ كۋلىۋاتقاندەك زاھىر بولاتتى. يۈرۈگۈم قانداقتۇر بىر سىقىلىشنى سېزەتتى، ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىغا«ئالىي مەكتەپكە نومۇرۇم يەتمەپتۇ»دەپ بارسام…ئۆيۈمدە قانداق تاپا-تەنىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟! ئاھ، بۇلارنى ئويلىسام خۇددى «يېر ىلىڭ تاشىم» چۆچىكىدىكى تاشتەك، يەر ۋاككىدە يېرىلسا يەر ئاستىغا كىرىپلا كەتسەم دەيتتىم ئىچىمدە، مەھەللىمىزنىڭ ئاياق تەرىپىدە كىچىككىنە بىر كۆل بار ئىدى. كۆلنىڭ ئەتراپى بۈككىدە سۆگەتلىك ئىدى، مەن دائىم بۇ كۆلدىن سۇ ئالغىلى كەلگەندە كۆل بويىدىكى قېرى سۆگەتنىڭ يالىقاچلىنىپ قالغان چوڭ يىلتىزىدا بىردەم ئولتۇرىۋالاتتىم. بۇ قېتىممۇ ئىنتايىن ئېغىر ئازاپ ئىچىدە يەنە مۇشۇ كۆل بويىغا كېلىپ قالدىم. كۆل مېنىڭ قەلبىمدىكى بارچە ئازاپنى سۇغۇرۋ ېلىپ،ئۆز چوڭقۇرلۇقلىرىغا سىڭدۈرىۋېتىدىغاندەك تېپتنچ جىمىرلاپ تۇراتتى. مەن ھېلىقى سۆگەت يىلتىزىغا ئاستا ئولتۇردۇم. ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەۋاتقان ئەلەملىك بىر يىغا، كۆكسۈمنى تېشىپ ئۆتكەن ئوقتەك«پاڭ»ڭىدە ئېتىلىپ چىقتى…كۆل بويىدا قانغىچە يىغلىۋالدىم…»9 L6 d$ _8 m9 R+ b, X/ p; g$ ~
ھېكايەڭنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى. گەرچە بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرى ماڭا تونۇش بولسىمۇ، پەشتاق ئاستىدا باشقا بىرى ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان ھېكايەڭنى زادى ئاڭلىغۇم كەلمىدى. ھېكايەڭ-«…قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ تەكرار ئوقۇدۇم، كېيىنكى يىلى ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بۇ شەھەرگە كەلدىم…سىز بىلەن تونۇشتۇم»دېگەن يەردە تۈگەيتتى. ھېكايە مېنى ئۆزىگە چەكسىز باغلاپ، سېھىر لىۋالغان جەبىلىك ئاۋازدا ئېيتىلىۋاتاتتى. بۇ ھېكاينىنىڭ ئاشۇ جەزبىلىك ئاۋاز بىلەن قوشۇلۇپ، ئەڭ كىچىك نېرۋ ىلىرىمغىچە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ھېكايىنىڭ كۈندە نەچچە قېتىم ئېسىمدىن ئۆتىدىغانلىقىنى سەنمۇ بىلە تتىڭغۇ؟!
7 \1 w3 G/ A) ^% c سەن بىلىسەن، سىم-سىم يامغۇر ياغقان باھارنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلانغان روھىي سەرسانچىلىق، مېنى توپتوغرا بىر ياز قىينىدى. ئاشۇ كۈنلەردىكى ئىنتىلىشلىرىمنى، كېچىلىرى ئۈنسىز، يۇشۇرۇن چەككەن ئازاپ، ئىزتىراپلىر ىمنى…تەڭقىسلىق، تېڭىرقاشلىرىمنى ئاخىرى بىر پارچە خەتكە يازدىم. تەتىل قىلىپ كېتىدىغان كۈنى خېتىمنى سېنىڭ بىر يۇرتلۇق دوستۇڭغا بەردىم. خەتنى سەن ئۆيۈڭگە بارغاندىن كېيىن ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە ئالدىم. يەنە مەكتە پكە يىغىلدۇق. بىر قىش ئۆتتى.ئەمما مەن بۇ قىشنى گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان چىمەنلىكتە ئۆتكۈزگەندەك، خۇددى ئانامنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاق ۋاقتىمدىكىدەك ئىنتايىن بەختلىك ئۆتكۈزدۈم. مەن ساڭا،سېنىڭ ئاشۇ گۈلدەك لەۋلىرىىڭ ئارىسىدىن،تۇمۇزدىكى مەيىن شامالدەك يېقىملىق ئاۋازدا بەرگەن ۋەدەڭگە، لەۋلىر ىڭدىن بىر نەچچە قېتىم ئۈزدۈرگەن مۇھەببەت گۈلىنىڭ كىشىنى مەست قىلغۇچى ھوزۇرىغا ئىشىنىپ، ساڭا ئۆزەمنى بېغىشلىۋە تكەنتىم. تومۇرۇمدىكى قانلارمۇ سەن ئۈچۈنلا ئېقىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇنى مېنىڭ دوستلىرىم،سېنىڭ دوستلىرىڭ ھەتتا ئاتا-ئاناممۇ بىلەتتى…بىراق بۈگۈنگىچە ئالدىنىپ كەلگەنلىكىمنى بىلمەپتىكە نمەن.يېقىننىڭ ياقى مەندىن ئۆزەڭنى قاچۇرۇپ يۈرگەنلىكىڭ بىكار ئەمەسكەن -دە…
& k0 Z4 P( a1 |$ {! ?& t; w% \: j( m) K مەن پەشتاقنىڭ ئۈستىدە، سەن پەشتاقنىڭ ئاستىدىكى مۇزدەك سوغۇق بوشلۇقتا ھېكايەڭنى داۋاملاشتۇررۇۋاتىسەن. _. p# W4 R. U' S
مەن ئويلىنىپ قالدىم، نېرۋىلىرىم ئەسلىگە كەلگەندەك ئىدى. ئاشۇ ئەپسۇننى ئاڭلاۋاتقان كىمدۇر؟ ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بۇ ھېكايىنى يەنە بىر قۋتىم ئاڭلارمۇ؟ ئەسلى مەن ئۇنىڭغا،ھېكايىنى ئاڭلىغۇچىغا نەپرەتلەنسەم بولاتتى. بىراق ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئاھ بىچارە…ئاھ باش باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرى، سەن يەنە تالاي كىملەرنى مۇشۇ پەشتاق ئاستىغا ئېلىپ كېلەرسەن؟!
* m3 h" G& T: J( ^" ^; t- @ ھېكايەڭ باشقا بىرسىگە خۇددى مەن ئاڭلىغاندەك ھېچنېمىسى ئۆزگەرمەي، ئاشۇ سېھىرلىك ئېزتقۇ ئاھاڭدا سۆزلىنىۋاتاتتى. ماڭا ياد بولۇپ كەتكەن خۇر سىنىشلىرىڭمۇ ئۆزگەرمىگەنىدى. قولۇمدىكى كىتاب «پاق»-قىدە چۈشۈپ، بىر نەچچە باسقۇچ دومىلاپ كەتتى. پۈتۈنلەي قۇلاققا ئايلانغان ۋۇجۇدۇم سىلكىندى. ئاستا-ئاستا ئۆزەمگە كەلدىم. بىر نەچچە باسقۇچ تۆۋەندە كىتابنىڭ مۇقاۋ ىسىدىكى بىر قىز، چاچلىرىنى مۆرىسىدىن كېسىۋەتكەن، قولىدا سومكا تۇتىۋا لغان، ئۇزۇن قارا كاستيوم كىيىۋالغان قىز، سۇلغۇن ئەمما قەتئىيلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى.بۇ كىتابنى تېخى سەن بەرگەن.بۇ كىتاب «چالىقۇشى»ناملىق روما نىدى.. {2 o7 y- `1 p9 Q$ r
ھېكايەڭ داۋاملىشىۋاتاتتى. مەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى لاي يۇقۇندىلىرىنى ئالقانلىرىم بىلەن سۈرتتۈم. مەن پەشتاقتىن چۈشۈپ، بىنادىن چىقىپ كەتتىم. ھېكايەڭ تۈگەي دەپ قالغانىدى. ئەمدى ئاۋازىڭ ئاڭلانماي قالدى.سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئەمدىلىكتە سىم-سىم يېغىۋاتقان يامغۇر، خۇددى سانسىز يىڭنىلەردەك كۆزلىرىمگە، قۇلاقلىرىمغا سانچىلىپ، يۈرۈگۈمنى تېشىپ قانىتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
4 d' N- H2 \+ o a! I ‹‹بەگيار بىلوگى››دىن ئېلىندى.
/ D0 R' @3 g/ i5 D- cدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |